ئابدۇرېھىم ھېيىتقا بىر غەزەل
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
-شائىر ئىمىن ئەھمىدىنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس
ئوغۇز روھلارنى دەۋرەتكەن كۈيۈڭنىڭ مۇڭى داستاندۇر،
ئۇدۇملار ھېكمىتىدىن ھەر يۈرەكتە سۆيگۈ ئوكياندۇر،
ئەسىرلەر شاھىدى سەنئەت، ئۇدۇملار ئۇندا تۇغياندۇر،
رىزا بىز ئۇشبۇ دەم سەندىن قەدىم سەنئەت نامايەندۇر،
كۆڭۈلنى لەرزىگە سالغان سېنىڭ ناخشاڭدىكى جاندۇر.
قىلىچلار شولىسىدىن تار ئېشىپ بەرجەس خىيال قىلدىڭ،
دۇتار، نە تەندە ھېسلارنى چېكىپ كۈيگە مىسال قىلدىڭ،
قاناتلاندى ھاياجانلار، سامالارنى ۋىسال قىلدىڭ،
تىلىڭدىن دۇر، دىلىڭدىن نۇر چېچىپ خەلقىڭنى لال قىلدىڭ،
ئۇزاق چاغلارنى ئەسلەتكەن ئاۋازىڭ ئەۋجى گۈلخاندۇر.
كۈيۈڭدىن ئويغىنىپ دەريا ئانا تۇپراققا قان بەرگەي،
قوشۇلغان قەترىلەر دولقۇن ئۇرۇپ ھەيۋەت قىيان بەرگەي،
بۇلاقلار جۆر بولۇپ تىنغان كۆزى گۈلدىن نىشان بەرگەي،
قولۇڭنىڭ پەنجىسى جىمجىت باياۋانلارغا جان بەرگەي،
كۈيۈڭدە ياڭرىغان ئارزۇ يۈرەك سەتھىدە ۋولقاندۇر.
كۆزۈڭدە پارلىغاي سۈبھى قۇياشنىڭ نۇرلىرى سۇنسا،
خازان بولمايدۇ «مۇڭزار»ىڭ باھارلاردا چېچەك سولسا،
ھاياتىڭ ئىستىكى ئۆڭمەس ئىجادتىن رىغبىتىڭ بولسا،
ئەجەپ ئېرمەس دۇتارىڭ تارىغا بۇلبۇل كېلىپ قونسا،
سەۋەب ئۇنى بىھۇش قىلغان غۇرۇرۇڭ بىرلە ۋىجداندۇر.
چېتىپ رىشتىمنى تارلارغا جاھاننى ئەيلىسەم پەرۋاز،
قىلار زىكرى سىپاتىڭنى مۇغەننىلەر قولىدا ساز،
مۇقاملاردىن سادا تاشتى، نەفىسە روھىدىن ئاۋاز،
ئەگەر بولسا سۇجۇپ ياكى فارابىدەك ئۇلۇغ ئۇستاز،
دىيۇر ئەردى شۇبۇ قۇدرەت ئەزەلدىن بىزدىكى قاندۇر.
تونۇتقان بىزنى ئەۋلادقا بۇ سەنئەت، بەلكى ئاشنالىق،
يارالدۇق، ناخشىسىز قۇترار ئۆلۈمگە بىزدە تەشنالىق،
نەسىلداش بىز، قېرىنداش بىز، ئۈمىدىم شۇ ساڭا تالىق:
ئۇسۇل، ناخشا ماكانى سەن كەبىي پەرزەنت ئۈچۈن ئاشىق،
ئامان بول، ۋارىسى ئەجداد بىلەن سەنئەت گۈلىستاندۇر.
2000-يىلى، يېڭىسار.