تاماكا ھاراممۇ؟
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشىغان دەۋردە تاماكا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.بىراق مۇقەددەس دىنىمىز ئىنساننىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سالىدىغان ياكى قوشنىغا،ھەمراھقا ئازار بېرىدىغان ،ئىقتىسادنى بۇزۇپ چاچىدىغان ھەر قانداق ئۇسۇل،چارە ۋە نەرسە كېرەكنى چەكلەيدىغان بىر ئومۇمى پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان .
1.شەپقەتلىك ياراتقۇچىمىز اللە ئۆز كالامىدا مۇنداق دەيدۇ:<<اللە ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ>> (7-سۈرە 157-ئايەت). تاماكا ھىدى ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان نىجىستۇر .
2. اللە يەنە سۈرە بەقەرە 195-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ :<<سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار>> تاماكا راك،سىل،كاناي راكى قاتارلىق ھالاكەتكە باشلايدىغان كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3. اللە 4-سۈرە 29- ئايەتتە <<سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار>>دېگەن. تاماكا چېكىش ئۆزىنى ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشتۇر .
4.اللە 17-سۈرە 27- ئايەتتە :<< ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر>>دېگەن. تاماكا ئىسراپچىلىق بولۇپ بەڭگىنىڭ ئۆز ئىقتىسادىنى بۇزغانلىقتۇر .
6.اللە 95- سۈرە 4- ئايەتتە <<بىز ئىنساننى شەك-شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق>> دېگەن . تاماكا چىرايلىق يارىتىلغان ھۆسنىمىز نى سەتلەشتۈرىدىغان، بەدىنىمىزنى زەئپلەشتۈرۈپ سالامەتلىكىمىزنى ئىسراپ قىلىدىغان قورالدۇر .
7.اللە بەختسىز دوزىخىيلارنىڭ جەھەننەمدىكى يېمەكلىكى توغرىسىدا 88- سۈرە 6- 7- ئايەتلەرد ە مۇنداق دېگەن:<<ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەدبۇي ،ئاچچىق تىكەندىن )باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ >> <<زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ،ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ .>> تاماكىمۇ جەھەننەم ئەھلىنىڭ تامىقىغا ئوخشاش بەدبۇي بولۇپ سەمرىتمەيدۇ ھەم ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ .
8.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(س ئە ۋ ) <<ئۆزىگە زىيان سېلىشقا غەيرىگە زىيان ئۇرۇشقا بولمايدۇ>> دېگەن.تاماكا چەككۈچىنىڭ سالامەتلىكى زىيانغا ئۇچراش بىلەن قوشنا ، ھەمراھلىرىنىڭ ۋە خوتۇن -بالىلىرىنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ .سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام (س ئە ۋ ) <<مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئاشكارە جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەردىن باشقا ھەر قاندىقى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ >>دېگەن. تاماكا چەككۈچىلەر باشقىلارغا زىيان سېلىۋاتقان، ئاشكارە ھالدا باشقىلارنى ناچار ئادەتكە يېتەكلەۋاتقانلار دۇر .
9.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام (س ئە ۋ ) ھەدىستە <<بەندە ئۆمرىنى نېمە ئىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى ،بىلىمى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى ،ئىقتىسادنى قەيەردىن تاپقانلىقى ۋە قەيەرگە خەجلىگەنلىكى،جىسمىنى نېمە ئىشلاردا مەشغۇل قىلغانلىقى قاتارلىقلاردىن سورالماي تۇرۇپ مەھشەر مەيدانىدىن مىدىرلىتىلمايدۇ >> يۇقىرقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ھەر بىر ئادەم مەھشەر كۈنى اللە ئاچقان ئەڭ چوڭ سوتتا ئۆمرى ،بىلىمى ،ئىقتىسادى ،جىسمانى جەھەتلىرىدىن سۇ ئال قىلىنىدۇ.تاماكا چەككۈچىلەر ئۆز ئىقتىسادىنى ئۆز جىسمىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ،باشقىلارغا ئازار بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتتى .ئۇلار شۇ كۈندە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەر؟
10.پەيغەمبىرىمىز (س ئە ۋ)<<مەست قىلىدىغانلا نەرسە ئاز بولسۇن،مەيلى كۆپ بولسۇن ،ھارامدۇر.>> دېگەن تاماكا كۆپ چىكىلسە ،بولۇپمۇ تاماكا چىكىشكە ئادەتلەنمىگەن ئادەملەرنى مەست قىلىدۇ.
11.رەسۇلۇللا ھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم <<كىمكى سامساق ياكى پىياز يىگەن بولسا (خام نى دېمەكچى) بىزدىن يىراق تۇرسۇن ياكى ئۇ كىشى مەسجىتىمىزدىن ئايرىلىپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن.>>دېگەن .تاماكا ئۇلاردىنمۇ بەتەر سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ. پەرىشتىلەرگە ئازار بېرىدۇ.سېسىق ئېغىز بىلەن اللەنىڭ پاك ئىسمىنى زىكىر قىلىش ھەقىقى مۇسۇلمانغا خاس ئىشمۇ؟
12-ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇ سلىملار رېۋايەت قىلغان ئىشەنچىلىك ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز ( س ئە ۋ )مۇنداق دېگەن:<<ياخشى ھەمراھ بىلەن يامان ھەمراھنىڭ مىسالى ئىپار كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ھەمراھ بىلەن كۈرەك باسقۇچى (تۆمۈرچى)نىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ .ئىپار كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ھەمراھدىن يا ئىپار سېتىۋالىسەن ياكى ساڭا بېرىۋىتىدۇ .ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئۇچرايسەن.كۆيۈك پۈۋلىگۈچى بولسا ،يا كىيمىڭنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ،ياكى كۆيۈكنىڭ سىېسىق پۇرىقىغا دۇچ كېلىسەن.>> بۇ يەردىكى يامان ھەمراھ تۆمۈرچىنىڭ ئوت قالىغۇچىسىغا ئوخشاش بولۇپ تاماكا چە ككۈچىنىڭ ئوبرازىدۇر.
ئىسلام ئۆلىمالىرى تاماكىنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن بولۇپ ، ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى چەكلەش ئىسلامنىڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرىدۇر.
تاماكىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى ماتىريالدىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى.
مەنبە : مىسرانىم تورى
http://www.misranim.com/adabiyat/din/2012-06-27/3427.html