مېنى سۆيۈندۈرگەن ئايەملىك تىلەكلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ روزى ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. ئالدى بىلەن تېنىڭلارنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭلارنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. بۈگۈن ئۇلۇغ روزى ھېيتىمىزنىڭ تۇنجى كۈنى گەرچە چوڭلارنى پەتە قىلىمىز دەپ بىر كۈن تۈزۈك ئارام ئالالماي، بىز ئاز ھاردۇق يەتكەن بولسىمۇ، كۆڭلىمىز شۇنداق خۇشال، روھىمىز شۇنداق جۇشقۇن. ئۇزۇندىن بېرى دىدارلىشالماي قالغان ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن كۆرۈشۈپ رامىزان ۋە ھەر خىل تېمىلاردا كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتۇق، ئېسىل نازۇ –نىممەتلەردىن تويغۇچە يەپ ئىچتۇق. ئاللاھقا مىڭ شۈكۈرلەر بولسۇن. ئۇرۇق-تۇققانلار بالىلىرىمىزغا ھېيتلىق ئاتىغانلىرىمىزنى بېرىشىپ ئۇلارنىمۇ ھېيت خۇشاللىقىدىن بەھرىمان قىلدۇق. بالىلىرىمىزنىڭ ئىجىل-ئىناقلىق ئىچىدە تايچاقتەك سەكرەپ قىيغىتىپ ئويناشلىرىغا قاراپ ھاياتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئىشىنىشتۇق. ئاتا—ئانىلىرىمىزنىڭ چىرايىدىكى ئىللىق تەبۇسسۇم، مىھرىۋانلىقنىڭ شىرنىلىرى تەپچىپ تۇرغان گەپ-سۆزلىرىدىكى ھارەتنى ۋە شېرىن لەززەتنى كۆرگىنىمىزدە، ئىچىمىزدە ئۇلارغا ئاللاھتىن ئۆمۈرلەر تىلەشتۇق. بۇنىڭدىن باشقا مەن بۈگۈن ئەڭ خۇشال بولغان ۋە سۆيۈنگەن ئىش دىدارلىشالمىغان دوستلارنىڭ، ساۋاقداشلارنىڭ تېلېفۇن، مۇڭداشقۇ، بلوگ سۇپىلىرى ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئايەملىك تىلەكلىرى ۋە سالاملىرى بولدى. تېلېفۇن ھەر قېتىم ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەندە، قەلبىمدە "مېنى يەنە بىر بۇرادىرىم ئەسلەپ تۇرۋېتىپتۇ"دېگەن بىر خىل ئىللىق تۇيغۇ ئىچىدە تولىمۇ ھاياجانلاندىم. ھەمدە بۇ سەمىمىي تىلەكلەرگە لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇپ، رەھمەت ۋە تەشەككۈرلىرىمنى بىلدۈردۇم. مېنڭچە ،ئايەملىك تىلەك ۋە سالام يوللاش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى، بۇ ئېسىل ئەنئەنىمىز ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشى، ئەۋلادلارغا ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە ھىممىتى بىلەن مىراس قالدۇرلىشى كېرەك. شۇڭىلاشقا، ئەتىگەندە ھېيت نامىزىدىن يانغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلەر، ساۋاقداشلاردىن كەلگەن ئېسىل تىلەكلەرنى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. قېنى، ناۋادا سىزدىمۇ تۆۋەندىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان تىلەكلەر بولسا، بۇ يەرگە يوللاڭ!ئالى تىلەكلەردىن ئورتاق بەھىرلىنەيلى! 1.ئۆتەڭدۇر بۇ ھايات،ھەممىمىز كارۋان، كېتىدۇ كىم ئاۋال بىلمەس ھېچقاچان. ئۆتەيلى ئىزدىشىپ دىدار غەنىمەت، كۆيۈنۈپ ئۆز-ئارا بولۇشۇپ مىھمان. روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، بەخت ھەم ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن! 2.شادىيانە ئايەم ھۇجۇدىڭىزغا خۇشلۇق،ئائىلىڭىزگە بەخت ئاتا قىلسۇن!گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز چېچەك ئاچسۇن!شەپقەتلىك ئاللاھ سىزگە خاتىرجەملىك ۋە نۇرلۇق ئىستىقبال ئاتا قىلسۇن!ئايەم مۇبارەك! 3.مىھرىبان ئاللاھنىڭ سائادىتى، مەرھىمىتى، بەرىكىتى، شەپقىتى، شاپائىتى بىلەن گەلگەن ئايىمىڭىزگە مۇبەرەك بولسۇن!ئائىلىڭىز شاتلىققا تولسۇن!بارلىق ئالىي، ئېسىل تىلەكلەر مەڭگۈ سىزگە يار بولسۇن! 4.ئۇلۇغ ئايەمدە يوللۇدۇم سالام، تىلىكىم مېنىڭ تېنىڭىز ساغلام. يولىڭىز راۋان، ئىشىڭىز ئاسان، دۆلىتىڭىز گويا تاغدەك داۋان، شۆھرىتىڭىز بولسۇن قەررى ئاسمان، ھەر بىر كۈنىڭىز گۈلدەك شادىمان بولسۇن! 5.سالام يوللاپ يىراق تاغلاردىن، خۇشلۇق ئىزدەپ گۈزەل باغلاردىن. ھېيت شاتلىقى يەتسۇن يۈرەككە، تىلەك تىلەپ ئۇلۇغ ئاللاھدىن. خۇشال ئۆتسۇن ئايەم كۈنىڭىز! 6.مىھرىبان ئاللاھنىڭ شەپقىتى بىلەن، ئۆتكۈزدۇق كۈنلەرنى بەختىيار ئامان. خۇشاللىق ۋە ئامەت تىلەپ يوللىدىم، سىزگە چىن يۈرەكتىن ئايەملىك سالام. 7. مەككە، مەدىنىدىكى ئەزان ئاۋازىدىن، تەكلىماكاندىكى كروران سىماسىدىن، يورۇڭقاشتىكى سۈزۈك قاشتېشى جۇلاسىدىن، ئۇيغۇرۇمنىڭ ساپ، پاك قەلبىدىن سىزگە ئۇلۇغ ئايەملىك سالامىمنى يوللايمەن،ئاللاھ تېنىڭىزنى ساق، ئىمانىڭىزنى پاك، دىلىڭىزنى ئاق، ئۆمۈرىڭىزنى ئۇزاق قىلسۇن!روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! 8. بارچە ئەلگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلسۇن روزى ھېيت، كۆڭۈلسىزلىك، ئارازنى ئېلىپ كەتسۇن روزى ھېيت. مىھىر-شەپقەت كۈيىنى چېلىپ كەلسۇن روزى ھېيت، غېرىپ –مىسكىن كۆڭۈلنى ئېلىپ كەتسۇن روزى ھېيت. روزى ھيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،ئاللاھ بەخت-سائادەت، تەن ساقلىق، ھەممە ئىشلارغا ئاسانلىق ئاتا قىلسۇن! 9. چىن يۈرەكتىن يوللىدىم ئايەملىك سالام، ھەم ئاللاھدىن تىلىدىم:بولسىكەن ئامان. خوشاللىقلار قوش كېلىپ،ئامەت يار بولۇپ، بولسۇن بارچە ئىشىڭىز ئۇتۇقلۇق ھامان. 10. ھېيت كەلدى بىلگەنسىز، چىن يۈرەكتىن كۈلگەنسىز. تۇتتۇم سىزگە ھېيتلىق چاي، كېلىپ ئىچىپ كەتمەمسىز؟ ئايىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!ئائىلىڭىز شاتلىققا تولسۇن!ئاللاھ دىلدا بار بولسۇن! نېمە دېگەن ساپ ھەم سەمىمىي تىلەكلەر!بۇ تىلەكلەرنى كۆرۈپ توردا تونۇشقان، سىرداشقان، ھەمسۆھبەت بولۇشقان دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ ئايەملىك سالام يوللىغىم كەلدى. قېنى، ئاز كۆرمەي، قۇبۇل قىلىشالا! ساپ يۈرەكتىن، پاك تىلەك، چىقتى ئوخچۇپ، بۇلدۇقلاپ. خاسىيەتلىك ئايەم بۇ، كۈلۈڭ دوستۇم ۋىلىقلاپ. ئىللىق بېقىپ بارچىگە، كۆڭۈللەرنى كەڭ تۇتۇڭ. مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ، قوللىرىنى تەڭ تۇتۇڭ. داغ قالمىسۇن دىللاردا، ئۆچۈپ كەتسۇن ئاداۋەت، سىلاڭ پېقىر بېشىنى، قىلىڭ خەير- ساخاۋات. ئەزىز توققان، دوستلارنى، ئۇنتۇپ قالماڭ يوقلاشنى. ئىللىق كۈتۈڭ ئۇلارنى، قويۇپ تەنە دوقلاشنى. ئۆيىڭىزدە ياڭرىسۇن. ئەل-جامائەت دۇئاسى. ئاق تىلەكلەر يار بولۇپ، يۈتسۇن قارا بالاسى. چىن مەنىسى ئايەمنىڭ، بىرلىك، ئىناق-ئىجىللىق. تەبرىك يوللاڭ ئۆز-ئارا، ناۋات سۆزلۈك، يېقىملىق.
يازما مەنبەسى http://www.lopnuri.com/?p=2324 : 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-20 11:00 AM
|