ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار،مەندىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام،ھەممىڭلارنىڭ روزى ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن،ئايەم كۈنۈڭلار شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن،سىلەرگە ھەر ۋاقىت بەخت -ئامەت يار بولسۇن....
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،ھېيتنى خۇشال -خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش مەقسىدىدە بۇ يۇمۇرلارنى يوللۇدۇم،ئايىمىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەي...
زۈمرەت يولدىشى ئابدۇسالامغا <<بۈگۈن ئۆيگە مېھمان كېلىدۇ>>دەپتۇ،بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئابدۇسالام كۈنلۈكلەرنى ئالمان -تالمان ئۆينىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىغا تىقىۋېتىپتۇ،بۇنى كۆرگەن زۇمرەت ھەيران بولۇپ؛
-بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟مېھمانلار بۇ نەرسىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتەمتى؟،-دەپتۇ.
-تولا كاپشىما ،خوتۇن،بۇ نەرسىلەرنى ئۇلار تونۇپ قالسا شەرمەندە بولىمىز،-دەپتۇ ئابدۇسالام.
ھېكمەت مۇئەللىم چۇرقۇرۇشۇپ جىم ئولتۇرمايۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلىرىغا كايىپ:
-ئىككى خوتۇن بىر يەردە بولسا مىڭ غازغا تەڭ ،دېگەندەك نېمانداق چۇرقىرىشىسىلەر؟-دەپتۇ.
ھايال ئۆتمەي ھېكمەت مۇئەللىمنىڭ ئايالى مەلىكە كەپتىكەن، ئوقۇغۇچىسى شاتئاي يۈگۈرۈپ ھېكمەت مۇئەللىمنىڭ قېشىغا كېلىپ:
-مۇئەللىم ،سىزنى بەش يۈز غاز ئىزدەپ كەپتۇ،-دەپتۇ.
بۇغداي:سەزگۈرى،سېنىڭ داداڭ نېمە ئىش قىلىدۇ؟
سەزگۈرى:دادام ساقچى،يەنە قاۋاقخانىدا قوشۇمچە كۈتكۈچىلىك قىلىدۇ.
بۇغداي:بىر ئادەم ئىككى خىل خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىپ بولالايدۇ؟
سەزگۈرى:دادامنىڭ پەمى بار،ئاۋۋال مېھمانغا ھاراق قۇيۇپ بېرىپ شىر كەيپ قىلغاندىن كېيىن قالايمىقانچىلىق چىقاردىڭ دەپ قولغا ئالىدۇ.
باي خېنىم:باشقىلارنىڭ دېيىشىچە سىز مېنى ياخشى كۆرۈپ ئەمەس،بەلكىم مال –مۈلكۈمنى كۆزلەپ نىكاھىڭىزغا ئاپسىز ،شۇنداقمۇ؟
Qalib:ئۇنداق ئىغۋا گەپەلرگە قۇلاق سالماڭ.
باي خېنىم:توغرا دېدىڭىز،مەن سىزنىڭ ئابرويىڭىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ،مال –مۈلكۈمنىڭ ھەممىسىنى سىڭلىمغا بېرىۋەتتىم.
Qalib:نېمە؟ئۇنداق بولسا مەن دەرھال سىڭلىڭىزنىڭ يېنىغا كېتەي.
تۈركىيار زۇكام بولۇپ قالغان رۇجەكنى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە ئەكىرىپتۇ ۋە سوغۇق ھاۋانى قويۇۋېەتىپتۇ،بۇنىڭدىن ھەيران قالغان رۇجەك تۈركىياردىن:
-دوختۇر ،بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ -دەپ سوراپتۇ.
-ئەنسىرىمەڭ،بۇنىڭدا سىز ئۆپكا ياللۇقىغا گىرىپتار بولىسىز،ئۆپكە ياللۇقىنى داۋالاش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىم،-دەپتۇ تۈركىيار.
فاتىمە شىلەپە دۇكىنىغا كىرىپ شىلەپە سېتىۋالماقچى بوپتۇ ۋە بىرنەچچە شىلەپىنى كىيىپ كۆرۈپ بېقىپ،ئاخىرىدا بىر شىلەپىنى كىيىپ:
- ماڭا مۇشۇ شىلەپە ماس كېلىدىكەن،-دەپ پۇل تۆلەش ئۈچۈن يېنىنى ئاختۇرۇشقا باشلاپتۇ.بۇ چاغدا مال ساتقۇچى كەترەن ئەسكەرتىپ:
كەچۈرۈڭ خانىم،بۇ بايا ئۆزىڭىز كىيىپ كەلگەن شىلەپە ، -دەپتۇ.
مەنبە : ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن
باشقۇرغۇچىلارغا :ئەسلى رەسىملەرنى يوللىغان ئىدىم،رەسىملەر چىقماي قاپتۇ،شۇيڭا يۇمۇرغا ئۆزگەرتىۋەتتىم،شۇ سەۋەپتىن سەھەپىسى ماس كەلمەي قالدى.سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-20 02:25 AM