مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3282|ئىنكاس: 35

خىيالىزىملىق ھېكايىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7959
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 10:31:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت

(خىيالىزىملىق ھېكايە)

توۋا دەيمەن، مۇشۇ چەتئەللىك دېگەن ئاجايىپ خەقكەن.بالىسىنى خەقنىڭ يۇرتىدا تېپىپ قۇيۇپ ئۆز يۇرتىغا بېرىپ تۇغىدىكەن، شېرىن ئاي ئۆتكۈزدۇق دېگىنى مۇشۇمىكىنە؟  
ئۆزەمچە قىلغان بۇ بەڭۋاش خىيالىمدىن كۈلگۈم كېلىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن قۇلۇمدىكى ئىچىملىكنى ئىشتىنىمغا تۆكۈۋەتتىم ، تىرىكىپ ھۇجىرامغا كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقىپ بۇ داغ بولغان كىيىمىمنى يۇغۇزۇش ئۈچۈن قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم .
ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دۇكانغا بېرىپ ئىشتىنىمنى ئەكەلدىم ،شۇ كۈندىن باشلاپ  قىزىقارلىق ئىشلار توختىماي يۈز بەردى .ئۆيگە كېلىپ ئىشتاننى كۆرۇپ باقماقچى بولۇپ قۇلۇمغا ئېلىشىمغا ئىشتاننىڭ يانچۇقىدا بىر نەرسە  شاراقلىغاندەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ نېمىدۇ دەپ ئويلاپ يانچۇقنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،يانچۇقتا تۇمارچە قاتلانغان بىر ۋاراق تۇراتتى ،قىزىقىش ئىچىدە ۋاراقنى ئاچتىميۇ يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .
-مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم ، كىمنىڭ سۆيگۈ پەكتۇپىدۇ بۇ؟ كاللامدا غەلىتە سۇئاللار ئەكىس ئېتەتتى.بىراق بۇ ماڭا يازغان خەت ئىدى،ئەلۋەتتە مېنىڭ ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىدىن چىققان تۇرسا؟

بۇ خەتنى ئاشۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى بىرسىنىڭ يازغانلىقى ئېنىق ئىدى،ئۆتكەندە كىيىمنى يۇغۇزغىلى بەرگەندە كىم بار بولغىيتى ئەجەپ سەپ سالماپتىمىنا؟  
مۇشۇنداق چىگىش خىياللار ئىچىدە ئۆزەم بېرىپ قاراپ باقماقچى بولۇپ يۇغۇزىدىغان كىيىم بارمۇ يوق دەپ ئۆينى مالىماتتاڭ قىلىۋەتتىم .چۈنكى ئۇ يەرگە كىرىشكىمۇ بانا-سەۋەپ كېرەكتە؟ئەپسۇز يۇغۇزغىلى بېرىدىغان كىيىم يوق،شۇڭا ئامالسىزلىقتىن ئۇچامدىكى كۆينەككە  چاي تۆكۈپ ئۇنى داغ قىلدىم ھەمدە -
بۇ قانداق گەپ ئەمدى،يېڭى تۇنۇشتۇققۇ؟
دەپ يېزىپ كۆينەكنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم .دۇكاندا شۇنچە ئۇماق بىر قىزچاق تۇراتتى.
كىيىمنى بېرىپ گەپمۇ قىلماي يېنىپ چىقتىم.ئۇقىزنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئاغزىدىن سۇت پۇراپ تۇرىدىغان قىزكەنغۇ ئۇ دەپ ئويلاپ، ئۇقىزنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۇر قىلدىم .ئارىدىن بىر كۈن ئۆتتى، تەقەزالىق ئىچىدە دۇكانغا بېرىپ كىيىمىمنى ئەكەلدىم ۋە ھاپىلا-شاپىلا يانچۇقىغا قارىدىم،دېگەندەكلا بىر پارچە خەت تۇراتتى ،ئەمدى بۇقىزغا بولغان ھىسياتىمدا سەل ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلاتتى ،ھاياجانلىق ئىلىكىدە خەتنى ئوقۇدۇم
-بۇ يەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەزىز مېھمىنىمىز.
ئۆزەمچە بۇ قىزنىڭ ئۇچۇق يۇرۇقلۇقىدىن كۈلگۈم كەلدى،بۇ گېپى مېنى راستىنلا تەمتىرىتىپ قويدى،نمە دەپ خەت يېزىش كېرەك؟يەنە بىر قېتىم كىيىمىمنى داغ قىلىشىم زۆرۈر ئىدى، مانا يەنە شۇ چاي دېغى ،قولۇمغا قەلەم ئالدىم،  ئاخىرى بولماي بىر جۈملىلا خەت يازدىم.
-مۇھاببەت دېگەن نېمە؟
دەپ خەت يېزىپ ئىشتانغا قاتلاپ سېلىپ دۇكانغا باردىم  . دۇكاندا  ئوتتۇرا ياشلىق بىرئەر كىشى تۇراتتى،گەپمۇ قىلماي چىكەتتىم،كۈتكەن كۈنۈممۇ يېتىپ كەلدى،ئىشتىنىمنى ئالغىلى باردىم،قاتتىق ھاياجانلانغان بولسام كېرەك دۇكاندىلا ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردۇم.

-بىز ئالغاندا ئىشتاننىڭ ئىچىدە ھىچ نېمە يوق ئىكەن.
تۇيۇقسىز دېيىلگەن بۇ گەپتىن ئۆزەمچە خىجىل بولۇپ ،گەپمۇ قىلماي دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم، لېكىن خەتنىڭ بارلىقىغا چۇقۇم ئىشىنەتتتىم،شۇڭا ئۆيگە كېلىپ قايتىدىن ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،دېگىنىمدەك ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا بىر خەت سېلىنغان ئىدى  

-سىلەدەك ياش بالىلار ئۇستىغۇ مۇھاببەت دېگەنگە؟
ئەجەپ مېنى چۈشىنىدىغاندەكلا گەپ قىلدىيا؟ ئۆزەمچە بۇ قىزنىڭ خارەكتىرىگە ھەيران بولۇپ قالدىم ،يامان قىزبالىكەن جۇمۇ،نىمىشقىكىن  ئۇچۇق يۇرۇق قىزلار مېنى ئاسانلا مايىل قىلىۋالاتتى شۇڭا بۇقىزنىڭ گېپىدىن يۈرىكىم بىر قىسىملا بولۇپ قالدى،بۇنىڭغا جاۋابەن قانداق  خەت يېزىشىم كېرەك ئەمدى؟ ئويلىنىپ تۇرۇپلا قالدىم بىرخىل كۈچ بىلەن تۆۋەندىكى خەتنى يازدىم

-مېنى قانداقسىگە ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز ؟
يەنە كونا ئۇسۇل بويىچە چاي تۆكۈلگەن ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا خەتنى سېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا باردىم.بۇ قېتىم دۇكاندا بىر ئايال تۇراتتى، بەلكىم ئۆتكەنكى ئەرنىڭ ئايالى بولسا كېرەك،قولۇمدىكى قىيىمنى ئۇ ھەدەشكە بېرىپ ئۈن-تىنسىزلا دۇكاندىن ئايرىلدىم.  

قانداق جاۋاپ يازا؟دېگەن خىياللار بىلەن ئەتىمۇ بولدى،دۇكانغا بېرىپ كىيىمىمنى ئەكەلمەكچى بولدۇم. ئەپسۇز ،دۇكان تاقاق ئىدى،شۇ چاغدىكى ھالىتىمنى ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۇرقىلالمايتىم،تەلۋىلەرچە،دۇكاننى تىپىپ،شۇنچە ۋاقىراپ سادا چىقمىغاندىن كېيىنلا ئۇيەردىن كەتتىم ،تەققەزالىق ئىچىدە ساقلاپ مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى،دۇكانغا باردىم ،خۇداغا شۇكىرى دۇكان ئۇچۇقكەن ،كىيىمىمنى ئېلىپلا دۇكاندىن چىكەتتىم ،يولدا ماڭغاچ ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردۇم، يەنە خەت بار ئىدى ،يولدىلا خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم

-كىم سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ؟
بۇ خەتتىن ھۇدۇقۇپ تۇرۇپلا قالدىم ،ئادەمنى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ياق،ئۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ ،بولمىسا باشتىلا خەت يازمايتى،بەلكىم مەن بىلەن چىقىشىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ تۆۋەنكىدەك خەتنى يازدىم

-ئەجىبا سىز؟
بۇقېتىمقى يۇيۇشقا تەييارلاپ قويغان ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا سېلىپ يەنە  دۇكانغا باردىم ،بۇ قېتىم مەندىن سەللا چوڭ بىر يىگىت تۇراتتى،ئىشتاننى بەردىميۇ ئۇيەردىن چىكەتتىم.
توۋا،نېمە بولغاندىمەن،ئەجەپ بىر قىلىپ كەتتىميا ئۆزۈم كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر قىزغا،كۈتكىنىمدەك چىرايلىق قىز بولغىيتى.....
شۇ خىياللارغا چۆمۈپ ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قاراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،ئۆيگە كېلىپ ھاپىلا-شاپىلا ئىشتاننى ماتلاشقا باشلىدىم ،

-مەن نېمە بوپتىمەن ئۇكا؟
خەتنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم،ئوغۇللارغا ئوخشاش ئاخسالىق قىلىپ كېتىشىدىن ئۆرگىلەي ، كۈلگۈنۈمچە ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى  تەسەۋۇر قىلدىم ، ئەڭ گۈزەل بىر سىما قەلىپ ئېكرانىمدا ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى ،شۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇغا چۆمۇپ كېتىپتىمەن ،ئۇ قىز يۈزىنى ئېتىۋالغان قىياپەتتە يېنىمدا پەيدا بوپتۇ،دېمەك مەن چۈش قوينىغا غەرىق بولغانىدىم.
ماڭا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتقىدەك ،قولۇمنى قىزنىڭ يۈزىگە ئاپىرىشىمغىلا قىز مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك شۇنچە شوخ قىلىكلىرى،ياڭراق كۈلكىلىرى،قەلبىم تارىنى چېكىپ ئۇقىزغا بولغان تەشنالىقىمنى چېكىگە يەتكۈزگەنىدى.
-ھا!
تۇيۇقسىز مۇرەمگە تەگكەن شاپىلاقتىن چۆچۈپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۈستەلگە قۇيۇلغان چاينى ئىشتىنىمغا تۆكۈۋالدىم،ما كاساپەتنى ،تېخى بايا كەيگەن ئىشتانتى ماۋۇ،دوستۇمغا ئاچچىقلىغىنىمچە ھۇجۇرامغا كىرىپ ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرغىلى ماڭدىم ،تۇيۇقسىزلا يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ قالدىم بايا خەت مۇشۇ ئىشتان يانچۇقىدا بار ئىدىغۇ؟
خىياللار بىلەن بولغان ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم،تۇنجى كەلگەن خەتتىن باشلاپ دوستۇمنىڭ مېنى قورقىتىشىغىچە بولغان بارلىق جەرياننى ئەسلەپ چىقتىم ،بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشتەكلا قىلاتتى.
-ئەجىبا،ئەجىبا مەن چۈش كۆرگەندىمەنمۇ؟
لېكىن چۈش كۆرگەنلىكىمگە قەتئىي چىن پۈتمەيتىم ،مۇمكىن ئەمەس چۈش بولىشى مۇمكىن ئەمەس؟ئەسەبىيلەرچە ۋاقىراپ كەتتىم،لېكىن نىمە ئامال،بۇ بىر رىئاللىق ئىدى، ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرۇپ بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويدۇم ،كۆزۈم تۇيۇقسىز ئىشتاندىكى داغقا چۈشۈپ قالدى،نەق شۇداغ،دەسلەپتە ئىشتىنىمنىڭمۇ شۇ يېتى داغ بولغان ئىدى،توۋا-

ما توغرا كېلىپ قېلىشىنى ،توساتتىنلا مەندە بۇ ئىشنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدەك ئاڭ شەكىللىنىپ قالدى،3%لىك ئۈمۈت بىلەن ئىشتىنىمنى قۇرۇق يۇيۇش دۇقىنىغا ئاپاردىم ،نېمىشقىكىن ،چۇقۇم بىرسىنىڭ ئىشتىنىمغا خەت سېلىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم،بازارغا چىقتىم ،ما كىلىشمەسلىكنى كۆرۈڭ ،ئەتراپتا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن تۆتى تۇراتتى،ئىشتاننى قايسىغا بېرىشنى ئۇقالماي قالدىم،ئامالسزى ئۆيگە بېرىپ يەنە ئۈچ ئىشتاننى داغ قىلىپ ھەر بىر دۇكانغا بىردىن يۇغۇزۇشقا بەردىم.

ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ،نېمە بولدۇمكىن،بەلكىم ئۇ قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن،ياق!مۇقەرەر ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم،بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان قىزغا غايىبانە ئاشىق بولغان ئىدىم ،مانا چەلەڭگۈچ خىياللار ئىچىدە تاڭ ئاتتى،روھىم شۇنچە كۆتۇرەڭگۈ،بىرىنچى قاتاردىكى دۇكانغا كىردىم، مەندىن سەللا چوڭ بىر يىگىت كىيىم ئىسىپ تۇراتتى.
-ئەجەپ ئوخشايدىكىنا؟
بۇ يىگىت چۈشۈمدىكى يىگىتكە بەكلا ئوخشايتى، بىراق بۇنى ئويلاشقا ۋاقىت يوق،كىيىمنى ئېلىپلا دۇكاندىن چىكەتتىم ،ئۆيگە كېلىپ بىرە سائەتچە ئاختۇرۇپمۇ خەتنى تاپالمىدىم،
-بۇ ئەمەس ئوخشايدۇ،يەنە ئۈچ دۇكان باغۇ تېخى.
ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ ئىككىنچى دۇكانغا كىردىم ،بىر ئايال تۇراتتى ،كىيىمنى ئېلىپلا قايتتىم ،شۇنچە ئاختۇرساممۇ خەت يوق سەل ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ،ئۈچىنچى دۇكانغا بېرىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم...
دۇكاندا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئولتۇراتتى ،كەيپىياتىم سۇلغۇن ھالدا ئىشتاننى ئېلىپ ئۆيگە قايىتتىم.مانا يەنە بىر قېتىم زور ئۈمۈت بىلەن ئىشتاننىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم،خەتمۇ يوق.

-ئاھ خۇدا! ئەجەپ قىلدىڭغۇ ماڭا
ئەمدى زارلىنىش كەيپىياتى جىسمىمنى كونتىرول قىلىۋالغانىدى،ئۈمۈت شاملىرىم ئۆچەي دەپ قالغانىدى ،ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدۈم شۇ تۆتىنچى  دۇكاندا قالغان ئىدى. دۇكانغىمۇ كىردىم ،شۇنچە ئۇماق بىر قىز ئىشتاننى ئېلىپ باردى،زور ئۈمۈتتە شۇ يەردىلا ئىشتاننى ماتلاشقا باشلىدىم،ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىدا راستىنلا بىر نەرسە بار ئىدى،خوشاللىقتىن قىلىدىغان قىلىق تاپالماي كەتتىم...

-ئىشتىنىڭىزدا 40يۇئەننى ئۇنتۇپ قاپتىكەنسىز ئۇنى ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم
-ھە!
كاللامغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ يانچۇققا قارىدىم ،دېگەندەكلا پۇلدىن باشقا بەرسە يوق،روھى جىسمىدىن چىكەتكەن ئادەمدەك ئۇيەردىن ئايرىلدىم .ئۆيگە كېلىپ بىر قولۇمدا ئىشتاننى بىر قولۇمدا پۇلنى تۇتقىنىمچە قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .

-قىزىق ئىش مەن ئەزەلدىن پۇلنى پورتىمالغا سالاتتىم ،بۇ پۇلنىڭ يانچۇقۇمدا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا چىڭ قاراپ بەرگەن تۇرسام يۇغۇزغىلى،تۆت ئىشتانغا دەل قىرىق كوي كېتىپتۇ،يۈرىكىم قاتتىدە قىلىپ قالدى،دېمەك....

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم ،ئەمما شۇ ئىشتىن باشلاپ ئۆزەمگە بىر ئىشنى ئادەت قىلىۋالدىم ،ئۇ بولسىمۇ ھەر قېتىم قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن ئىشتىنىمنى ئەكەلگەندە ئاۋال ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قارايدىغان بولۇپ قالدىم .


3_834_d7c0630d4194dd5[1].gif




زەھەرلىك ئاڭ


                   بېل گەيتىس ئۆلۈپتۇ!نىمە؟ بېل گەيتىس ئۆلۈپتىما؟
بېل گەيتىستىن ئىبارەت بۇ كاتتا شەخىسنىڭ ئۆلىشى پۇتكۈل دۇنيانى زىل_زىلگە سېلىۋەتتى.   
زامانىمىزنىڭ داڭلىق زەردارى،مال-مۈلىكى دۇنيادىكى20نەچچە دۆلەتنىڭ بايلىقىنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان،شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچى،مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇشۇنداقلا بىز بىلەن ئايرىلغانىدى.
ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەت ئاسمىنىدىكى چاقنىغان نۇرانە يۇلتۇز دېيىشكە بولاتتى،ئۇراستىنلا بىر تالانت ئېگىسى،قان -تەرى بەدىلىگە قۇرۇلغان مىكروسوفىت شىركىتى،دەل ئۇنىڭ تالانىتنىڭ نامايەندىسى.ئۇ دۇنيانىڭ قەدىمىنى تېزلەتتى،ئېنتىرنىت-تور يولىنى پۇتۇن دۇنياغا تۇتاشتۇرۇپ دۇنيانى كىچىكلىتىۋەتتى،بىراق ئۇ چاقناشتىن توختىدى.پۇتكۇل دۇنيا ئۇنىڭ ئۆلىمى ئۈچۈن قايغۇردى،ئامىرىكا ھۆكۈمىتى گەيتىسنىڭ ئۆلىمى ئۈچۈن ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى،دۆلەت بايراقنى ئۈچ كۈن يېرىم چۈشۈرۈپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى،جاي-جايلاردىن بۇ مەشھۇر زاتنىڭ ماتىمىگە ۋەكىللەر كېلىپ  ئۇنىڭ  تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشتى،ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزمۇ چوڭقۇر تەزىيەلىرى بىلەن بۇ شەخىسكە بولغان قايغۇرۇش ھىسياتىنى ئىپادىلىدى.گېزىت-ژۇرنال،ئاخبارات-ئىنرتىرنىت،خەۋەر-تېلىۋىزىيە...ۋاستىلىرى بۇ زات توغۇرلۇق خەۋەر بېرىپ خەلىقنىڭ كۆڭلىگە گەيتىستىن ئىبارەت بۇ داڭدار شەخىسنى سىڭدۇرۇپ پۇتكۈل دۇنيادا بېل گەيتىسنى ئەسلەش قىزغىنلىقى قوزغىدى.
ئۇ،يېڭى ئەسىرنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى،ھەرقېتىم ئۈچ دابىلىيۇنى باسقىنىمىزدا ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغد كېلىدۇ، بەلكىم گەيتىسمۇ شۇنى ئويلىشى مۇمكىن ،گەرچە ئۇ مىكرودىن ئىبارەت بۇ ئىسىمنى تۇتقا قىلىپ مىكرو سوفىتنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ياراتقىنى غايەت زور ئىدى،ئۇ چۈشىنى رىياللىققا ئايلاندۇردى،كىشىلەرگە تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىپ قويدى ھەم بىز بىلەن تەڭ بەھرىمان بولدى.
ئامىرىكىنى مەركەز قىلغان ماتەم مۇراسىمى بارغانچە ئەۋجىگە چىقتى،كىشىلەر ئۇنى تەرىپلەپ تاس قالغانىدى ئەۋلىيالىق مۇقامىغا چىقارغىلى ،نەگە قارىسا گەيتىسنىڭ گېپى،بىراق ئۇنى راستىنلا تەرىپلەشكە ئەرزىيتى.
مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىكروسوفىت شىركىتىدىكى بىر خادىم تۇيۇقسىز ئامىرىكا زۇڭتۇڭىغا پۇتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ئۈچ كۈن تورتوختىتىپ گەيتىسنى ئەسلەش تەكلىپىنى بەردى،بىراق ئۇخادىم بۇنىڭ كەينىدە بىر قارا قۇيۇننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتى،بۇ تەكلىپ ئامىرىكا زۇڭتۇڭىغىمۇ يارىدى ھەم پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىغا ئۈچ كۈنلۈك يەرشارى خارەكتىرلىك  تور توختىتىش توغۇرلۇق  مۇراجەتنامە سۇندى ،پۈتكۈل خەلىق ۋە دۇنيا بۇ كاتتا زەردارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەيەنلەشتۇرۇپ بۇ مۇراجەتنى قۇبۇل قىلدى .خىيىم-خەتەر قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغانىدى،بىراق دۇنيا يەنىلا گەيتىسنى ئەسلەش قاينىمىغا غەرىق بولۇپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكا باشچىلىقىدا پۇتكۈل دۇنيادا ئۈچ كۈن تور توختىتىش ئېلەن  قىلىندى، ئەلۋەتتە بىزنىڭ رايۇنلارمۇ تور توختاشنى قوللىغۇچىلار تەرەپتارلىرى ئىدى.ئامىرىكا دەسلەپ تور توختىتىپ يەنىلا دۇنيادا باشلامچىلىق رولىنى ئۆتىدى.تورتوختىغان تۇنجى كۈنىلا ئامىرىكىنىڭ دۆلەت-مۇداپىيە،ئالەم قاتنىشى،داۋالاش-سەھىيە،ئوقۇ-ئوقۇتۇش....ئىشلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى،تور توختىغان نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئامىرىكا نەچچە يۈز مىليون ئىقتىسادىي زىيان تارتىپ يەنە بىر  قېىتملىق كىرزىس دەۋرىگە قەدەم قويدى،ھەش-پەش دېگۈچە تورنىڭ توختىشى ياۋرۇپا،ئاسىيا،ياپۇنىيە،جۇڭگو.....قاتارلىق دۇنيانڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدىلا پۈتكۈل دۇنيا چوڭقۇر كىرزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، بىراق ئۇلار تولىمۇ كىچىككەنىدى،
ئۇلار بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇناتتى،بىراق دۇنيانىڭ خوجىسى دەپ قارالغان ئامىرىكا ھۆكۈمىتى يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ئويلاپ بۇئىشنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتتى، كىشىلەر ئارىسىدا نارازىلىق ئەۋجى ئالغىلى تۇردى،بىراق ئامىرىكىدىن ئىبارەت ئېنتىرنىت تورى ئارقىلىق قەد كۆتۈرگەن دۆلەت بۇ زەربىدە ئەڭ ئاۋال تىز پۈكتى،تېخى بىر كۈن تۇلۇق توشمايتۇرۇپلا ئامىرىكا پۈتكۈل دۇنياغا،تورنى ئەسلىگە كالتۈرۈش توغرىلىق ئىلتىماس سۇندى،ئەلۋەتتە دۇنيا خەلقىمۇ ئامىرىكىنىڭ مۇشۇ گېپىگە تەشنا ئىدى.
مانا ئىنتىرنىت تورى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا تەرەققىياتىدىكى بەلگىلىك رولىنى ئۆتەشكە ئاتلاندى،بىراق قالدۇق مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانغانىدى.ئىنتىرنىتقا مۇناسىۋەتلىك پۇتكۈل ماتىرىيال غايەت زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى،ئامىرىكاFBAنىڭ جاسۇسلىرى مىكروسوفىت شىركىتىدىكىلەرنىڭ بۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرغا قويىشى غەرەزلىك بولغان، بۇلارنىڭ قىلمىشى،دۇنياغا غايەت زور خەتەر ئەپكەلدى دەپ قارىلىپ شىركەت خادىملىرىنى نەزەربەنت قىلدى،شىركەتنىڭ مال مۈلىكى توڭلىتىلدى،قىسقىسى بېل گەيتىس بىر ئومۈر قان تەر بەدىلىگە ياراتقان ئىگىلىكى قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدىلا ۋەيران بولغانىدى،ياق ئۆز مەبلىغىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ زىياننى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى.كىشىلەر بارا بارا گەيتىسنىڭ تۆھپىلىرىنى ئۇنتۇشقا باشلىغاندەك ئۇنى قارغايتى،دېمىسىمۇ بىر كۈن تورنىڭ توختىشى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس جاراھەتنى قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۇ زەردارنى تەۋرىتىپ قويغانىدى.نەچچە ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ يەرشارى يەنىلا  تور توختاشتىن ئىلگىرىكى دەۋىرگە قايتىپ كېلەلمىدى،كىشىلەرنىڭ قارغىشى تۇتقاندۇ بەلكىم،ئامىرىكا بىر كۈن تورتوختاش بەدىلىگە ئىقتىسادىنىڭ10يىل چىكىنگەنلىكىنى ھىس قىلدى،خەلىق غەزەپ ئوتىدا تاس قالدى گەيتىسنىڭ قەبرىسىنى چۈۋۈپ تاشلىغىلى،ئېلىمىزمۇ بۇ بېسىمنىڭ تەسىرىدىن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور بېىمغا دۇچ كەلدى،جاي-جايلاردا نارازىلىق كەيپىياتى مەۋجۇت ئىدى،بىراق نەچارە ھىچ قايسى دۇلەتتە بىر-بىرىگە ياردەم بەرگىدەك ماجال قالمىغانىدى، چۇنكى يەرشارى تورلىشىپ كەتتىدە؟
ياۋرۇپانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن تېخىمۇ ۋەھشى ئىدى، تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ياۋرۇپا تەشكلاتىدىكى دۆلەتلەر جىددىي يىغىن ئېچىپ بۇخەتەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ئەمما ھەممە دۆلەت ئۆز ھەلەكچىلىكىدە بولغاچقا بۇلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان كەتكەنىدى.قىسقىسى پۇتكۈل يەرشارىدا گەيتىسنى بالايى ئاپەتنىڭ يىلتىزى دەپ قارىلىپ غاليانلار ئۈزۈلمي كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.نەچچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن مىكروسوفىت شىركىتى ئۆز ئەسلىگە كەلدى، شىركەت خادىملىرى ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىلا پۇتكۈل دۇنيا خەلقىگە ناماقۇل بولدى، بىراق خەلىقنىڭ غەزەپ ئوتى بۇلارغىلا پەسلەپ قالمايدۇ دە! 
مانا ،شىركەتمۇ بۇرۇنقىدەكلاخىزمەتكە كىرىشتى، ئىش باشلىغان تۇنجى كۈنىلا شىركەتنىڭ پايچىكى توۋەنلەشكە باشلىدى ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا بۇ شىركەتنىڭ ھالاك بولىشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلققىدىلا قالغانىدى،بىراق ئۇلار خىجىللىق تۇيغۇسىدىنمۇ ئەيتاۋۇرھۆكۈمەتتىن ياردەم تەلەپ قىلمىدى،ئامىرىكا  بۇ تەرەپلەرنى ئاللىقاچان سېزىپ بولغانىدى،بىراق ھۆكۈمەتتە بەچارە، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنمۇ يەتكىچە تۇرسا،؟
بىر يىلمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى بىراق تورتوختاشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنىڭ نەتىجىسى ھىچبىر تۈزىلەي دېمەيتى.يەنىلا مىكروسوفىت شىركىتىدىن ،بېل گەيتىستىن نارازى بولۇش كەيپىياتى سۇسلىشىپ قالمىغانىدى،ھەممىنى بەك قايىل قىلىدىغىنى بولسا كىشىلەر تەرىپىدىن نەچچە ئايغا قالماي  تاقىلىپ قالىدۇ دەپ قارالغان بۇ شىركەت تېخىچە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى  ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى .راست گەپنى ئېيىتقاندا ئامىرىكا ۋە پۇتۇن دۇنيا مىكروسوفىتنىڭ ھەيران بولىشىنى خالىمايتى،نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى ئىشلار بارا بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانىدى، بۇ زەربىدىن ئەڭ ئاۋال ئامىرىكا غالىپ كەلدى، دۆلەت بولسا  دۇنيانىڭ   خەتەرگە  يۇلۇقىشىدا بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز بار دەپ ئويلاپ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا باشلىدى ،لىكىن ھەممە دۆلەت نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق بۇ زەربىدىن قۇتۇلۇپ قالغانىدى پەقەت ياۋرۇپا دۆلەتلىردىلا بۇ خەتەرنىڭ قالدۇق تەسىرلىرى قالغانىدى،شۇڭا ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئاۋال شۇ جايلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
شۇنىڭدىن كىيىن نەچچە كۈنلەر ئۆتمەيلا مىكرو سوفىت شىركىتى دۇنيا مىقياسىغا ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلقماقچى بولدى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئامىرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىملىق تاللاشقا دۇچار بولدى،ئۇلارئېشىنچە مەبلەغنى ئاللىقاچان ياۋرۇپا ھۆكۈمىتىگە ياردەمگە بېرىپ بولغانىدى.ئۇلار ،ياق پۈتكۈل دۇنيا خەلقى بۇ مىكروسوفىتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك شىركەتنىڭ غۇلاپ چۈشىشىنى خالىمايتى،شۇڭا بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھەرقايسى دۆلەتلەر قولىدىن كېلىشىچە  بۇ شىركەتكە ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خەتەردىن قۇتۇلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى،قىسقىغىنە نەچچە ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق شىركەت يەنە بۇرۇنقىدەك ھاياتى كۈچ بىلەن جانلىنىشقا باشلىدى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تەرەققىياتى تور توختاشتىن ئىلگىرىكى دەۋىرگە قايتقانىدى.
كىشىلەر بارا-بارا گەيتىسكە بولغان خاتا چۈشەنچىنى ئۇنتۇپ يەنىلا ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى شانلىق نەتىجىلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.ئەينى زاماننىڭ كاتتا زەردارى بولغان بۇ شەخىس كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى يېڭى دەۋىرنىڭ بايلىق ئىلاھى دەپ قارالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان مەدىھيەلەر ئۈزۈلۈپ قالمىدى.ھەرقىتىم تورغا چىققاندا كىشىلەرنىڭ قەلىپ ئېكرانىدا بېل گەيتىس ئەكىس ئېتەتتى .

                                                            خاتىمە
بۇلارنى يېزىۋېتىپ تۇيۇقسىز بۇ ھاياتنىڭ مەنتىقىسىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەنگەندەك بولدۇم ،شانلىق نەتىجە بىلەن شەرمەندە بولۇشنىڭ ئارلىقى پەقەت قىل بىلەن قىلنىڭ ئۈستىدىكى بىر ئىشكەن خالاس،پەقەت بىر شەيئىلەرگە نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيە تۇتساقلا ،غەلبە بىزگە  قۇچاق ئاچىدىكەن، ئەلۋەتتە ،بەزىدە غەلبە قازىنىشىمىز ناھايىتى ئۇزاق بىر جەريان،بىراق بىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا ھەممە توسالغۇنى  يېڭىپ كېتەلەيدىكەنمىز.مەن گويا پايانسىز ئوكياندىكى تەنھا قولۋاققا ئوخشاش تېڭىرقاپ يۇرمەكتىمەن ،دولقۇنلارنىڭ مېنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن ،بىراق مەن يەنىلا خوشال ،چۈنكى مەن كۈلۈپ ياشاشنى يىراقنى كۆرۈشنى ئۆگىنىۋالدىم ئەمەسمۇ ؟
قىزىققانلىق ئادەمنى ھەرخىل كويلارغا سالىدىكەن ،بىردەملىك ھاياجان ،ئادەمدە بىر ئۆمۈر ئۆرتىنىش ھەسرەت ئوتلىرىنى قاينىتىپ بىزنىڭ بۇ ھاياتقا بولغان ئىرادىمىزنى تەۋرىتىپ قويىدىكەن .شۇڭا ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ھايات ئادەمگە پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ ،قانداق ياشاش ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدا،ھەركىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى،قىسقىغىنە سەۋەنلىك بىزنىڭ بىر ئۆمۈر تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنى بەئەينى بىر ئوچۇم توپىدەك سورىتىشى مۇمكىن .


سەمىمىي ئەسكەرتىش: بىل گەيتىس ئۆلمىدى،بۇ پەقەت مەندىكى غەلىتە ئاڭنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى  .تەسەۋۇرۇمغا تايىنىپ روياپقا چىقارغان ئەسەر  ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا پوزىتسىيەدە بۇ ئىجادىمدىن بەھىر ئېلىشىنى سورايمەن .


tapakkur_bezak5[1].gif

مەنبەسى: ئەپچىلەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-20 12:08 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-10 07:44 PM):
قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەتنىڭ داۋامى يەنە يولىنىدۇ
ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
白绿光 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
sazguri + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
loituma + 100
hokumran + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
musilina + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
nap~rat + 100 ئېسىل ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1110   باھا خاتىرىسى

گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86001
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 12:50:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشكەنغۇ  مەن راس چېغى دەپتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85625
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 04:36:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83379
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3125
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 01:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3640
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 07:58:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83517
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3112
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 06:45:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى چىقىپتۇ ...........قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن !!!

تېگى پەس ئۆزگەرمىكى تەس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34511
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4426
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:31:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83046
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3388
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشكەنغۇ  مەن راس چېغى دەپتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84771
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەيتىس دىگەن تېخى ئۆلمەپتىما ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84771
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەيتىس تىزراق ئۆلسىتى ،  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش