مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1940|ئىنكاس: 11

بۇ يىل دادىسىدىن ئايرىلغانلارغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9149
تۆھپە نۇمۇرى: 1200
توردا: 4005 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 02:13:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۇ كەبى ئېقىپ چۈشكەن زۇمرەت بۇلاقتەك،
سۇلبىڭدىن ئىقىپ چۇشكەن ئوغلۇڭ ئىدىمغۇ.
بىزلەرنى  باققانغۇ  ئاسراپ قارچۇقتەك ،
تاقاشقان كۆكلەرگە، ئۆسۈپ بېشىممۇ.

ئازۇيۇڭ مەقسىدىڭ بىلىملىك قىلىش،
يۇرۇتۇپ جاھاننى نۇرلۇق چىراقتەك.
ئەل يۇرتقا ئاۋامغا بۇلۇپ خزمەتتە،
خىزمەت قىل ئۇيغۇرغا بۇلۇپ پاي -پىتەك.

مەقسەدكە يەتكەندىڭ،تىرىشىپ يىللار،
يەتكۈچە قالغاچقا قاراڭغۇ - زۇلمەتتە .
دېگەنغۇ سەن ماڭا ئەي ئوغلۇم تىرىش،
بۇلىمەن قېشىڭدا كۈچلۈك نۇسرەتتە .

ئۈگەندىم تىرىشتىم مەخسىتىم غەلبە،
سەندىكى جاسارەت بولغاچقا مەندە.
ياردەمگە ئھتىياج بولغانتىم تازا ،
قالدۇرۇپ  كەتتىڭغۇ دەرت ھەم پىراقتا.

بۈگۈن مەن چىقتىم قەبرەڭگە يوقلاپ،
كۈرۈندى سىمايىڭ نۇرلۇق چىراقتەك.
يىغلىماي دېسەمممۇ يىغلاپ ساپتىمەن،
تىترىگەچ يۈرۈكۈم ئاجىز ياپراقتەك.



ئەي سۈيۈملىك  دادا ئۇلۇغ ئاللاھ سېنىڭ ۋە سەندەك دادىلارنىڭ گۇناھنى كەچۈرۈم قىلسۇن ياتقان قەبرەڭنى جەننەتنىڭ باغچىللىرىدىن بىر باغچا قىلىپ بەرسۇن قەبرە ئازابىدىن ساقلىسۇن بۈگۈنكى قايغۇمنى سېنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىڭ ئارقلىق ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن

   ئوغلۇم، قەلبىم روشەن بولسۇن دېسەڭ، بىلىم ئال، غۇرۇرۇڭنى قوغدا، ۋىجدانىڭغا چاڭ قوندۇرما، ئۆز قەدىر –قىممىتىڭنى، ئىززەت –ھۆرمىتىڭنى تېگى-تەكتىدىن تونۇپ يەت.
ئىرادەڭ مۇستەھكەم بولسۇن، ئىرادىسى ئاجىز ئادەم ھەر قاچان، ھەر زامان باشقىلاردىن شەپقەت كۈتۈش، رىزىق تەمە قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ، ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلمەيدۇ.
ئېسىڭدە تۇت، مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئادەم بىر ئۆمۈر بەختسىزلىك، مەغلۇپلۇق ئىچىدە يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ ياشايدۇ.
ئىشەنچ، ئادەملەر ئۈچۈن مەنىۋى تۈۋرۈك !
ئېسىڭدە تۇت ئوغلۇم، روھنىڭ مەغلۇبىيىتى - ئادىمىيلىكنىڭ مەغلۇبىيىتى.
ئۇنتۇما ئوغلۇم، ھاياتلىق دۇنيادىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، ئۆلۈم ھاياتلىقتىن كۆزىنى يۆتكىيەلمەي داۋاملىشىۋېرىدۇ.
دۇنيادا، ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ ياشاش ئۆلچىمى قىلغۇچىلار، ھەرجەھەتتىن غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر، چۈنكى ئەخلاق- پاكىزلىق، پاكىزلىق ئىنساننى يۈكسەكلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
ئەستە تۇت ئوغلۇم، ئۆزىنى بىلگەنلەر شەرەپ قۇچۇپ، ئۆزىنى بىلمىگەنلەر ھالاكەتكە چۆكۈپ ياشايدۇ.
ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى چۈشىنىش بارلىق بىلىش ھەم چۈشىنىشلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسى.
ئۇنتۇما ئوغلۇم، ئادەملەرنىڭ قەدىر-قىممىتى گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىدە.
بېشىڭغا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلى چۈشكۈنلىشىپ كەتمە، ئىرادىلىك بول، ھايات تۈمەنمىڭ قىسمەتلەر، مۇشەققەتلەر ئىچىدە تاۋلىنىپ، تۇرمۇش ئەلگەكلىرىدە مىڭ تاسقىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار قىممىتىنى يارىتىدۇ.
بىلىۋال ھەسەت ئۇ پارازىت قۇرت،
پۇشايمان –كېچىككەن دەرس ئەستە تۇت.
ئوغلۇم، سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى تونۇغان چېغىڭدا، زامانىۋى قۇللۇقتىن ئازاد بولىسەن. ئىشەنمىسەڭ قۇلاق سال ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مۇنۇ سادالارغا:
-ئويغان !
-ئويلان!!
-ياشا!!!
ئادىمىيلىك، ئادىللىق، ئىنسانى تەپەككۇر ئادەمنىڭ روھىنى مەڭگۈ لاۋۇلدىتىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيە.
ئوغلۇم، بىلىمسىزلىك ئىنساننىڭ بوينىغا سېلىنغان سىرتماق، پۇت-قولىغا سېلىنغان كويزا-كىشەن، بۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولمايمەن دېسەڭ مەڭگۈ ئۆگەن !
ئوغلۇم، ئادەم ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ھۆرمەتلىيەلەيدىغان بولسا، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەر قانداق چاغدا قەدىرلىنىدۇ.
پەخەس بول ئوغلۇم، جىسمانىي جەھەتتىكى قۇللۇقتىن، روھى جەھەتتىكى قۇللۇق تولىمۇ ئېچىنىشلىق، تولىمۇ پاجىئەلىكتۇر.
ساغلام روھ، ساغلام ئىدىيە، ئۆزىدىن ھالقىغان ئىرادىگە ئىگە ھەرقانداق ئىنسان مۇكەممەل ئىنساندۇر.
ئوغلۇم، ئېسىڭدە تۇت، ئانا ۋەتەن، كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن ئانا تۇپراققا بېغىشلانغان سۆيگۈدىن مۇقەددەس سۆيگۈ يوق. ئادەملەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە، باغرىنى يېقىپ چوڭ بولغان ئانا تۇپرىقىغا بولغان سۆيگۈسى مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
ئىسىڭدىن چىقارما ئوغلۇم، كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالمىغان، مۇكەممەل كۆز قاراش يېتىلدۈرەلمىگەن ئادەم بىر ئۆمۈر بەختسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ.
سۆزگە قارا كۆزگە قارىماي،
ياشاي دېسەڭ زىيانلار تارتماي.
نادانلىق ئادەمنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارسا، بىلىمسىزلىك قۇللۇقتا قالدۇرىدۇ.
ئوغلۇم، روھىنى ئىلىم نۇرى بىلەن سۇغارغان كىشىلەرلا نادانلىقتىن، ھەرخىل چاكىنا ئىللەتلەردىن خالى بولىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى قۇتۇلدۇرمىغانلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئادىمىيلىكىڭنى جۇلالاندۇرۇشۇڭ، قەدىر-قىممىتىڭنى نامايان قىلىشىڭ، ئۆز تىرىشچانلىقىڭغا، تىنىمسىز ئىزدىنىشىڭگە، بىلىم قۇرۇلماڭنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇشۇڭغا باغلىق. شۇڭا سەن ھەر ۋاقىت روھىڭنى پاك تۇت، ئىرادەڭنى بوشاشتۇرما، ئىشەنچىڭنى يوقاتما، ئېرىشەلمىگەن نەرسىلىرىڭگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىش! كۈرەش قىل !!!.
ئوغلۇم، خۇشامەتچى، ئىت مىجەز كېلىدۇ، كىم ئالدىغا سۆڭەك تاشلاپ، يالىقىغا ئاداپ چېلىپ بەرسە ئەركىلەپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، غىڭشىيدۇ. دۇنيادا، ئۆزىنى قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ، سۆڭەك غاجاپ، يالاق يالايدىغان ئىت ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىنمۇ ئارتۇق خورلۇق، رەسۋالىق بولمايدۇ.

پۇلنى دەپ ئۇنتۇما ئەلنى، قاياشنى،
ساتمىغىن ۋىجداننى، دوستنى، ئاداشنى.
دۇنيادا ئادەمدەك ياشىماق قىيىن،
بىلگەنلەر دانادۇر قانداق ياشاشنى


ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، نادانلىق ئىنسان پسىخىكىسىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق، خەتەرلىك ئۆسمە، قورقۇنچلۇق باكتېرىيە.
ئېسىڭدە تۇت، سەن ئۆزىنى ئۆزى يەڭگۈچى، ئوغلۇم!
ۋاقىت قولدىن كەتمىسە، بەخت قولدىن كەتمەيدۇ.
ئېسىڭدە بولسۇن، ئادەمنى تۆت نەرسە گۈزەل قىلىدۇ: 1. ئەقىل 2. ئېتىقاد 3. ھايا 4. ياخشى خىسلەت.
ھەسرەت، ئۆكۈنۈش چۆلىدە ئۆزۈمنى قىينىماي ياشايمەن دېسەڭ، خىياللىرىڭنى ئۆزۈڭدە يوق نەرسىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈۋالما، ئارزۇ-ئارمانلىرىڭ بىلەن رېئاللىق تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالمىسۇن.
ئوغلۇم، ئەركەك نۇرغۇنلىغان نەرسىنى يوقىتىپ قويسا بولىدۇ، لېكىن غۇرۇرىنى، ئېتىقادىنى يوقىتىپ قويسا بولمايدۇ.
مەنىۋى جەھەتتىكى ئاچارچىلىق ئادەمنى روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، زەئىپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا سەن قورسىقىڭنى ئاچ قويكى، مەنىۋىيىتىڭنى ئاچ قويما.
چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك، ۋاپادارلىق ئادەملەرنىڭ گۈل تاجى!
سەن باشقىلاردىن ۋاپا تەلەپ قىلغان ئىكەنسەن، ئاۋۋال ئۆزۈڭدە ۋاپانى ھازىرلا، قەلبىڭنى ۋاپا بىلەن تولدۇر.
ئوغلۇم، بىلىمسىزلىك ئادەملەرنىڭ روھىنى كۈندىن –كۈنگە يالىڭاچلاپ، سويغان پىيازدەك قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا سەن داۋاملىق ئۆگەن!
ئېسىڭدە تۇت، نەتىجىدىن جەريان مۇھىم، جەريان بولماي نەتىجە بولمايدۇ. لېكىن نەتىجە بولمايمۇ جەريان بولۇۋېرىدۇ.
مەڭگۈ ئۆلمەيمەن دېسەڭ خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئال.
يۈز سائەت خىيال سۈرگىنىڭدىن بىر دەقىقە تەپەككۇر قىلغىنىڭ مىڭ ئەۋزەل.
ئوغلۇم، ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلمىسەڭ، ۋاقىتنىڭ سىرتىدا بىر ئۆمۈر خارلىنىسەن.
پەخەس بول، بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ.
پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغۇچىلار- ئۆز ئۆلۈمىنى كۈتكۈچىلەردۇر.
*** يىغلاتما، داداڭنى يىغلاتما، ئۇلارنىڭ ئاققان ياشلىرى سېنى يىتىپ كەتمىسۇن.
ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، سەۋەبسىز نەتىجە بولمايدۇ، بەدەلسىز نەتىجىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
ئوغلۇم ئاڭلا، ئېسىڭدە ساقلا ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىنسان، مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالايدىغان، ھالال بىلەن ھارامنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەيدىغان ئىنساندۇر، ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىنسان ئادىمىيلىككە داغ چۈشۈرىدىغان ئەڭ ناباب ئىنساندۇر.
سەن ئادەمدەك ياشايمەن دەيدىكەنسەن ئۆزۈڭگە «ھالال»، «ئىنساب» دېگەن سۆزنى ئۆلچەم قىلغىن!
ھاياتقا يېڭى سوئال قويۇشتىن قورقساڭ، ياشايمەن دەپ ئاۋارە بولما. ياشىغان ئىكەنسەن قىممەت يارىتىپ ياشا، بۇ قىممەت چىن ئەقىدە چىن ئىخلاسىڭدىن كېلىدۇ

مەنبە : ئۆزقەلىمىم    .
قارىقاش ناھىيىسىدىن نۇرمۇھەممەت.
2012-8-19 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-19 03:44 PM  


بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29339
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6441
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:56:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشىماق مۇشكۈلمۇ ھەق مۆھۈر بىلەن،
ھالالدىن ياشنىغان ئىدىغۇ تىمەن.
ئەقلى بار بىلىدۇ قانداق ياشاشنى،
چىن دوستى ھالاللىق شۇ ئىنساپ بىلەن.

ئادالەتكە ھەمرا مەن !!!!!!!!!

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5915
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 04:50:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يازمىلىرىڭز ئۈزۈلمىسۇن


پۇلنى دەپ ئۇنتۇما ئەلنى، قاياشنى،
ساتمىغىن ۋىجداننى، دوستنى، ئاداشنى.
دۇنيادا ئادەمدەك ياشىماق قىيىن،
بىلگەنلەر دانادۇر قانداق ياشاشنى

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1701 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 05:11:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت.........................
يېغلىغان ئادەملا بەخىتسىز ئەمەس
سەن بۇنى ئىسىڭدە ساقلا جان-جىگەر
ھاياتتىن قىممەت يۈكسەكتۇ تېخى
كۆز يېشى ئاھ سۇلغۇن بولسىمۇ ئەگەر

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

yaxawargin totkun bolsimu

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38167
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 243
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 05:43:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كوپ تەشەككۇر .

پۇلنى دەپ ئۇنتۇما ئەلنى، قاياشنى،
ساتمىغىن ۋىجداننى، دوستنى، ئاداشنى.
دۇنيادا ئادەمدەك ياشىماق قىيىن،
بىلگەنلەر دانادۇر قانداق ياشاشنى

ما بىر كوپلىت شېئىرىنى يادلىۋالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1904
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 06:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلنى دەپ ئۇنتۇما ئەلنى، قاياشنى،
ساتمىغىن ۋىجداننى، دوستنى، ئاداشنى.
دۇنيادا ئادەمدەك ياشىماق قىيىن،
بىلگەنلەر دانادۇر قانداق ياشاشنى
   ياخشى شېىئركەن

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10410
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 07:05:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەقسەدكە يەتكەندىڭ،تىرىشىپ يىللار،
يەتكۈچە قالغاچقا قاراڭغۇ - زۇلمەتتە .
دېگەنغۇ سەن ماڭا ئەي ئوغلۇم تىرىش،
بۇلىمەن قېشىڭدا كۈچلۈك نۇسرەتتە

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 10:42:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى يىزىلغان پەندى نەسسىھەتلەركەنبۇ رەىمەت

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3873
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ 8 ياش ۋاقتىمدا قەدىردانىم دادامدىن ئايرىلغان بىز 9 پەرزەنىت ھازىرغىچە ئاپامنىڭ تەربىيىسىدە شۇ تاپتا ئىسىمگە دادام كەپ قالدى. ئاللاھ شۇ مىھرىبان دادىلىرىمىزنىڭ ياتقان يىرىنى جەتتىن قىلغان، تىمىڭىز بەك ياخىش چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3873
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 02:52:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادا مىھرى مىھىرلىك دىڭىزغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھاياتلىقى گۇيا پارلاپ تۇرغان قۇياشقا ئوخشايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش