مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12214|ئىنكاس: 30

مىسرانىم مۇنبىرى «تەلەي يۇلتۇزى» 17-سانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83443
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1158
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 01:53:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



مىسرانىم مۇنبىرى «تەلەي يۇلتۇزى»  17- سان


ئورۇن:مىسرانىم مۇنبىرى پائالىيەت زالى

مىسرانىم مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزى پائالىيىتى ھازىر باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.

مىسرانىم مۇنبەر ئەزاسى دوپپىچى بۇ قېتىملىق رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ مىكروفۇننى قولىغا ئېلىپ كۆپچىلىككە:

ـــ ھەممەيلەننىڭ ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن.  مانا مىسرانىم مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتۇ، ـــ دەپـــ مىسرانىم مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزىنى سېغىندىڭلارمۇ؟

پەستەتۇرغان كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىردەك:

ـــ سېغىندۇق.... دەپ چاۋاك چېلىشتى.

دوپپىچى:

ـــ مانا تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىمىز باشلىنىش ئالدىدا، بۇ قېتىملىق تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى ئۆيۇشتۇرغان مىسرانىم ئەزاسى يولۇچى ئەپەندىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلساق ــ دىدى ۋە يولۇچى غا قاراپ تۇرۇپ ـــ قېنى مەرھەمەت.....

كۆپچىلىك قىزغىن قارشى ئېلىشتى، يولۇچى سەھنىگە چىقتى ۋە كۆپچىلىككە سالام قىلدى.

ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم ئەھلى. ھەممەيلەننىڭ ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن. مانا بۈگۈن مىسرانىم مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئىرىشكەنلىكىمدىن ناھايتى خۇشالمەن.

دوپپىچى قىزىقارلىق قىلىپ:

ــ يولۇچى ئەپەندىم، سىزنىڭ بەزى گەپ سۆزلىرىڭىز ئىلگىرىكى مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەلەفەسىي دىگەن ئەزاغا ئوخشاپ كىتىدىكەن. ئىككىڭلار ئاكا ئۇكا ئەمەسسىلەر ـــ دەپ كۈلدى ۋە ــ ئەزالارغا يۈەك سۆزلىرىڭىز يوقمۇ؟

يولۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ:

ـــ ئاكا ئۇكا ئەمەس، مەن دەل شۇ بۇرۇنقى ئەزا، بىراق ئەزالىق نامىمنى باشقىلارغابىرىۋەتكەن. شۇڭا يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرىشىم. ــ دىدى ۋە  ـــ مىسرانىم مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزىنى تۇنجى قېتىم مىسرانىم ئەزاسى رىۋايەت دىگەن توردىشىمىز باشلاپ بىرىپ 16-سانىغىچەياخشى داۋاملاشتى. مەن خىزمەت سەۋەبىدىن مۇنبەرگە چىقمىغىلى بىر يىل بولاي دەپتۇ.بۇ قېتىم تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇنبەرگە كىرەي دەپ، ئىلگىرىكىتەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بۇ قېتىملىق ئەدەبى سەنئەتبىرلەشتۈرۈلگەن زىھىن سىناش خاراكتىردىكى 17-قېتىملىق تەلەي يۇلتۇزى سانىنى تەييارلاپ چىقتىم. كۆپچىلىكنىڭياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرا ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تىنىنىڭسالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت.

چاۋاك ئاۋازى زالنى بىر ئالغانىدى. رىياسەتچى دوپپىچى:

ــيولۇچى ئەپەندىمگە رەھمەت. ئەمسە تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسى رەسمى باشلاندى. پىروگراممىمىزنىڭ نۇمۇرلىرىمۇ سەرخىل. ئالدى كۆپچىلىكتىن بىر سوئال تاشلايمىز. قېنى كىم تاپالايدۇ.

بىرىنچى سوئال:

بىلىقچىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى نىمە؟

دوپپىچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

ــيۇقارقى سوئالغا تۆۋەندىكى شىئىرنى ئاڭلىغاچ ئويلىنىپ تاپساڭلار بولدۇ. مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى تاڭنۇر ئەپەندى ئۆزى يازغان « مىسرانىم مۇنبىرىگە ئاتاپ» دىگەنشېئىرىنى ئالغاچ كەپتۇ. قېنى تاڭنۇر ئەپەندىم، سەھنىگە مەرھەمەت.

تاڭنۇرتەمكىن قەدەملىرى بىلەن سەھنىگە چىقتى ۋە:

ــرەھمەت، مىسرانىم ئەزالىرىغا رەھمەت. شېئىرىم ياخشى چىقماي قالغان بولسا كۆرسەتمەبىرەرسىلەر ــ دەپ شىئىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى.

مىسرانىممۇنبىرىگە ئاتاپ

مىسرانىمنىڭ مۇنبىرى،
ئېچىلىپتۇ شوخ كۈلۈپ ،
يۇقاپ كەتكەن تورداشلار ،
قايتىپ كەپتۇ سەپ سېلىپ .

مىسرانجاننىڭ ئەجىرىدىن ،
جەم بولدىغۇ قىز -ئوغوللار .
چاۋاك چېلىپ خوشلۇقتىن ،
قاپىرىپ كەتتى بۇ قوللار .

زەپ چىرايلىق بىزىلىپتۇ ،
مىسرانىمنىڭ تور بىتى .
تالاش -تارتىش بولمىغاچ ،
ئۇرۇق -تۇققان يوق يىتى .

شئېر - قۇشاق نەزمىلەر ،
ھوزۇر بىرەر سىلەرگە .
بارچە يۇرتتىن يىغىلغان .
ئۆم قېرىنداش بىزلەرگە .

كۈلكە -چاقچاق لەتىپە ،
توختىماستىن يولىنىدۇ .
كۈلۈپ -كۈلۈپ بالىلار ،
بۇرۇنلىرىنى تارىشىدۇ .

پوۋسىت ،رومان ،ھىكايە ،
سۆرەپ كىرەر تۇرمۇشقا .
چىنلىقىدىن تېمىنىڭ ،
ھەيران قالىسىز بۇ ئىشقا .

شۇڭا دەيمەن دوسلۇرۇم ،
تېزىرەك كىلىڭ مىسرانغا .
كىيىن بىلىپ قەدىرىنى ،
چۈكۈپ قالماڭ ئارمانغا
.

كۆپچىلىك تاڭنۇرنىڭ شىئىرىنى ئاڭلاپ بەس بەستە چاۋاك چالدى. دوپپىچى:

ــتاڭنۇر ئەپەندىمنىڭ مۇشۇنداق ياخشى شىئىرىغا رەھمەت. مىسرانىم مۇنبىرى ساغلامھالدا ياخشى تەرەققى قىلغۇسى.

دوپپىچى:

ـــبۇگۈنكى نۇمۇرلىرىمىزدە تېپىشماقلىرىمزمۇ كەم ئەمەس. ئاددى بولسىمۇ تېپىشماق تېپىپ باقساق. يەنە باشقا سوئاللارمۇ بار.

ئىككىنچى سوئال:

بۇرۇن بىر دىھقان بولۇپ، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن بىر نەچچە كالىسى قاپتۇ، ئۇنىڭۋەسىيەتنامىسىدا: «ھەممە كالىنىڭ يېرىمىغا يەنە يېرىم تۇياق قوشۇپ خوتۇنۇمغابىرىلسۇن، قالغان كالىنىڭ يېرىمىغا يەنە يېرىم تۇياق قوشۇپ چوڭ ئوغلۇمغا بېرىلسۇن،يەنە قىپ قالغان كالىنىڭ يېرىمىغا يەنە يېرىم تۇياق قوشۇپ ئىككىنجى ئوغلۇمغابېرىلسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان كالىغا يەنە يېرىم تۇياق قوشۇپ چوڭ قىزىمغابېرىلسۇن» دەپ يېزىلىپتۇ. نەتىجىدە بىرمۇ كالا ئۆلتۈرۈلمەي، ئېشىپمۇ قالماي،ھەممىسى لايىغىدا بۆلۇنۇپ بوپتۇ. ئۇنداقتا سىلەر ئويلاپ بىقىڭلار دىھقان ئۆلىدىغانۋاقتىدا قانچە تۇياق كالىسى قالغان؟

كۆپچىلىك بەس -بەستە ئويلىنىشقا باشلىدى.

ئۈچىنچى سوئال:

ئىنسان قىنىدىكى سۇ نىسبىتى قانچىلىك؟

ئا:%83
ب:%38
س:45%
تۆتىنچى سوئال:

گۇگوتېئورېمىسىدا (  )
ئا:بىرتىك تەرەپنىڭ كىۋادىراتى بىلەن يانتۇ تەرەپنىڭ كىۋادىراتىنىڭ يىغىندىسى يەنە بىرتىك تەرەپ كىۋادىراتىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ؛
ب:ئىككى تىك تەرەپ كىۋادىراتلىرىنىڭ يىغىندىسى يانتۇ تەرەپنىڭ كىۋادىراتىغا تەڭ؛
س:بىر تىك تەرەپ كىۋادىراتىنىڭ يىغىندىسى بىلەن يانتۇ تەرەپ كىۋادىراتىنىڭكۆپەيتمىسىگە تەڭ؛
د:ئىككى تىك تەرەپ كىۋادىراتلىرىنىڭ ئايرىمىسىغا تەڭ
بەشىنچى سوئال:

كومپيۇتېرئىكرانىدىكى ھەممە نۇقتىلار نۇر تارقىتامدۇ؟
ئا: ھەئە
ب:ياق
س:ھەر بىر ئىكراندا ئوخشىمايدۇ
ئالتىنچى سوئال:

ئادەمبەدىنىدىكى ئىقتىدارى ئەڭ كۆپ ئەزا ()
ئا:بۆرەك
ب: تال
س: جېگەر
د: يۈرەك
يەتىنچى سوئال:

ئىسسىق ھاۋا بىلەن سوغۇق ھاۋانىڭ قايسىسىنىڭ زىچلىقى يۇقىرى ؟
ئا: ئىسسىق ھاۋانىڭ
ب:سوغۇق ھاۋانىڭ
س:ئوخشاش بولىدۇ
سەككىزىنچى سوئال:

ئادەم قىشتا توڭۇپ تىتىرەيدۇ، چۈنكى تىتىرەش:
ئا: توڭۇش سىزىمىنى ئاجىزلىتىدۇ.
ب:ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ.
س:توڭۇش سىزىمىنى كۈچەيتىدۇ.
دوپپىچى:
سوئاللارغاقاراپ بېشىڭلارمۇ ئاغرىغاندۇ. مىسرانىم مۇنبەر ئەزاسى قۇملۇق ئەپەندىم يۇمۇرئەكەپتۇ. قېنى يۇمۇرلىرىدىن بىر ھوزۇرلىنايلى.
قۇملۇق سەھنىگە چىقىدىغان بولدۇم دەپ ئىچ ئىچىدىن خۇشال بۇلۇپ كەتتى. ئۇ: ـــ يۇمۇرـــ دەپلا يۇمۇرلىرىنى باشلاپ كەتتى.

يۆتەل
ــ دوختۇر ، مەن ئىنتايىن قاتتىق يۆتىلدىغان بۇلۇپ قالدىم .
ــ قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟
ــ 75 كە .
ــ 20 ياش ۋاقتىڭىزدا يۆتىلەمتىڭىز ؟
ــ ياق .
40 ياشتىچۇ ؟
ــ ياق ؟
ــ ئۇنداقتا ،ھازىر يۆتەلمەي قاچان يۆتەلمەكچىدىڭىز ؟

مەسلىھەت


ھېنرى ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەرگە نىمە تېرىش توغۇرسىدا قوشنىسىدىن مەسىلىھەتسوراپتۇ :
ــ كۈدە تېرايمۇ ، تۇرۇپمۇ ؟
ــ تۇرۇپ تېرىسىڭىز بولارمىكىن ، توشقانلىرىم كۈدە يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ .
قۇش ۋە قارغا
بىر مۇزىكانىت داڭلىق بىر ئوبزورچى بىلەن باغ سەيلىسى قىپتۇ . بۇ چاغدا دەرەختەنۇرغۇن قۇشلا سايرىشىۋاتقانىكەن . ئوبزورچى قۇشلارنى كۆرسىتىپ :
ــ ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ يېقىملىق مۇزىكانىتلاردۇر ،ــ دەپتۇ .
بۇ چاغدا بىر قاغا قاقىلىدىغان پېتى ئۇچۇپ كەپتۇ . مۇزىكانىت قاغىنى كۆرسىتىپ :
ــ ئۇ ئەڭ مۇنەۋەر ئوبزورچىدۇر ، ــ دەپتۇ .

تازلىقى ياخشى ئاشخانا


تاماقتىن كېيىن بىر خېرىدار ئاشخانا خۇجايىننى چاقىرتىپ دەپتۇ :
ــ ئەپەندىم سىزنى تەبرىكلەيمەن ، ئاشخاناڭلارنىڭ تازلىقى ئىنتايىن ياخشىكەن .
ــ كۆپ رەھمەت ئەپەندىم ، بۇنى قانداق بىلدىڭىز ؟
ــ بايا يىگەن تاماقتا سۇپۇننىڭ پۇرىقى بار ئىكەن ، شۇنىڭدىن بىلدىم .

كىنو ئىشلەش


رېژسور ۋاقىتلىق ئارتېسقا ئېگىز بىر پەشتاقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ :
ــ مەن سىزگە «سەكرەڭ !» دەپ بۇيرۇق بەرگەندە ، مۇشۇ يەردىن سەكرەيسىز .
ــ يارلانسام ياكى ئۆلۈپ كەتسەم قانداق قىلىمەن ؟
ــ ھېچقىسى يوق ، بۇ ئەڭ ئاخرىقى كۆرنۈش .

كەپتەر ۋە خەرىتە


دادىسى : بالام كەپتىرىڭ ئۇچۇپ كېتىپتۇ .
بالىسى : مەن ئۇنىڭ ئۈچۈپ كېتىدىغانلىقى تۆنۈگۈنلا بىلگەن .
دادىسى : قانداق بىلگەن ؟
بالىسى : تۆنۈگۈن مەن جۇغراپىيە دەرىسىنى تەكرارلاۋاتقىنىمدا ، ئۇ مېنىڭ دولامغاقۇنىۋېلىپ خەرىتىنى كۆرىۋاتاتتى .

سوغوق يىمەكلىكەر دۇكىنى


ــ سىلەرنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەڭلار بەك سوغۇقكەن ، بىر ئازمۇ قىزغىنلىق يوقكەن .
ــ كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ بۇ دىگەن سوغۇق يىمەكلىكەر دوكىنى .

ئۇنتۇپ قاپسىز


بىر ئادەم قوشنىسىغا دەپتۇ :
ــ سىز مۈشۈكىڭىزنى يۇغاندا مىياڭلامدۇ ؟
ــ مىياڭلايدۇ ، ــ دەپتۇ قوشنىسى .
ــ نېمىشقىكىن ، مېنىڭ مۈشۈكۈم قەتئى مىياڭلىمايدۇ .
ــ سىز ئۇنى يۇيۇپ بۇلۇپ ، سىقىشنى ئۇنتۇپ قالغان گەپ ، ــ دەپتۇ قوشنىسى ئۇنىڭغا.

رويال چېلىش


ئاپىسى : ئوغلۇم تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن رويال چېلىشنى مەشىققىلغىن ، گىپىمنى ئاڭلىساڭ بىر فىرانىك بېرىمەن .
ئوغلى: ياق چالمايمەن .
ئاپىسى : نېمىشقا ؟
ئوغلى : قوشنىمىز ماڭا رويال چالمىسام ئىككى فىرانىك بېرىدىغان بولغان .

جازا


ئا : سىز ئاياللارنى جازالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
ب : بىلمەيدىكەنمەن .
ئا : ئۇلارغا ئەڭ چىرايلىق كىيىمنى كىيگۈزۈپ ، ئاندىن ئۇلارنى ئەينەك يوق بىرئۆيگە سولاپ قۇيۇش .

ماۋزۇسىز



بىر ئادەم ياقا يۇرىتقا بىر ئىش بىلەن بارغانىكەن ، بىر ئىت ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىپكەپتۇ ، ئۇ دەرھال ئېڭىشىپ ، يەردىن بىر تال تاش ئېلىپ ئىتنى ئۇرماقچى بوپتۇ ،لېكىن بۇ ئادەم ئىتتىن بەك قورقۇپ كەتكەچكە ، لاغىلداپ تىتىرەپ ھەر قانچە قىلسىمۇتاشنى قوغا ئالالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچچىقىغا پايلىماي ۋارقىراپ كېتىپتۇ :
ــ قانداق نىجىس جاي بۇ . ئىتنى قۇيۇۋېتىپ تاشنى باغلاپ قويىدىغان !


كىيىمگە قاراپ بېرىۋاتىمەن



بىر ئوغرى بىر توغۇنى ئوغىرلاپ دەريا بويلىرىدا ئۇنىڭ پەيلىرىنى يۇڭداۋاتسا ، بىرساقچى ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ .
ئوغرى دەرھال توغۇنى دەرياغا تاشلىۋىتىپتۇ .
ــ نېمە قىلۋاتىسەن ، دەريادىكى نىمە ئۇ ؟ ــ دەپ سوراپتۇ ساقچى .
ــ ئۇ بىر توخۇ ، ــ دەپتۇ ئوغرى ،ــ ئۇ سۇغا چۈمۈلمەكچى ئىكەن ، مەن بۇ يەردەئۇنىڭ كىيىمىگە قاراپ بېرىۋاتىمەن.

تەلەييۇلتۇزى پىروگراممىمىزمۇ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخىرىلشاي دەپ قالدى، ئەڭ ئاخىردا مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى بىخۇش دىگەن ئەزايىمىز مىسرانىم مۇنبىرىگە بىرسوۋغا ئەكەپتۇ. قېنى ھەمىمىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقساق.


بىخۇش ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.


بىخۇش:لايىرىمگە قارىتا پىكىرىڭلار بولسا دىسەڭلار، تەكلىپ پىكىرلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمەن – دىدى.




ئاخىرىدا دوپپىچى:


مىسرانىممۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسى ئاددى بولسىمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

بۇقېتىملىق تەلەي يۇلتۇزى سانى بەك ياخشى چىقتى دىيىشكە بولمىسىمۇ كۆپ ئەجىرلەرسىڭدى. بۇرۇنقى پىروگراملاردا مۇنبەر پۇلى بىرىلەتتى، بىراق بۇ قېتىملىقى مۇمكىن بولمايدىغان ئوخشايدۇ، چۈنكى يولۇچى ئەپەندىمنىڭ مۇنبەر پۇلى يوق ھەم باھالاشنۇمۇر چىكى كىچىك. كىيىنراق بۇ ئىشلارمۇ ھەل بولىدۇ. مىسرانىم مۇنبىرىگە رەھمەت،يولۇچى ئەپەندىمگە رەھمەت.

ھەممىڭلارنىڭ تىنىغا سالامەت يار بولغاي،كىيىنكى ساندا كۆرۈشەيلى.


مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزالار يازغان شىئىر، تېپىشماق، يۇمۇر ۋە رەسىملەر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-19 02:43 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زامانى + 2000 ئەجىرىڭىزگە رەھمەت
hokumran + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
قارلۇق + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 3000   باھا خاتىرىسى

nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 02:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 02:45:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىرىكلەيمەن،ئايىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 02:49:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزغىن تەبرىكلەيمەن

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 02:56:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14103
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2029 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.سۇئالنىڭ.جاۋاپى.قاماق بىلەن بېلىقنىڭ يىمى

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3035
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:06:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۈگۈن قىيىنئانامنىڭ ئۆيىگە بارمايمەن.

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:09:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-سەۋىرچانلىق
2 -  4تۇياق
3- س
4-ب
5-ب
6-ئا
7- س
8-س

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14103
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2029 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-سوئالنىڭ جاۋابى ئا:%83   75%85%

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14103
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2029 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5-سوئالنىڭ   كومپيۇتېرئىكرانىدىكى ھەممە نۇقتىلار نۇر تارقىتامدۇ؟
   جاۋاب  ب:ياق


ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش