مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6116|ئىنكاس: 54

مۇھەببەت قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزىز ئىمىر يانغ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1354
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 21480
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 06:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



 

ياپراق رۇلىدا : يانغىن
غۇنچە رۇلىدا : ناز


 


تۈن كىچە،ئاسماندا جىمىرلاپ كۆز قىسىۋاتقىنى سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار،بىلەمسەن جېنىم ئاشۇ يۇلتۇزلارنىڭ نازلىققىنە بىقىشلىرىغا ئۈن-تىنسىز قاراپ ئولتۇرۇپ،چەكسىز سېغىنىش،ئازاپ ھەم ھەسرەت ئىلكىدە تولغۇنىۋاتقىنى سەنسىز قالغان- مەن....
ئىككىمىز مۇڭدىشىپ بەختىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئاشۇ پىنھان تۈنلەردىمۇ، خۇشاللىقىمىزغا جۆر بولغان شوخ يۇلتۇزلار ،مۇشۇنداق نۇر چىچىپ كىچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇراتتى،ئەمما ئۇ چاغدا،ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان- سەن ماڭا ھەمراھ ئىدىڭ،مانا ھازىر تەنھامەن.......
مەندىن ئايرىلىپ خۇشال يۇرگەن ۋاقىتلىرىڭدا،يەنە خەت يىزىپ سېنى ئاۋارە قىلمىسام بولاتتى،ئەمما ئازاپ ئوتىدا پۇچىلىنىۋاتقان نىمجان يۈرىكىم سەنسىز بۇ كۈنلەرگە چىدىمىدى،سېنى قانچىلىك سۆيىدىغىنىمنى،قەلبىمنىڭ بىر ساڭىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى سەندىن ئايرىلغان مانا مۇشۇ دەقىقىدە ھەقىقى ھىس قىلىپ يەتتىم.مەن سەنسىز ياشىيالمايدىكەنمەن، جىسمىم ئۆزۈمنىڭ بولغان بىلەن، مۇھەببىتىڭدە سۇ ئىچكەن غۇبارسىز يۈرىكىم تولۇقى بىلەن سېنىڭ ئىكەن جېنىم......
بەشتاش ئويناپ يۈرگەن ئاشۇ سەبىيلىكىمدىن تارتىپ،سەن مېنىڭ ھەمراھىم ئىدىڭ،پاسىبانىم ئىدىڭ،بالىلىقتا بىللە باشلىغان قەدىمىمىز بىزگە ھەر دەم يار ئىدى،بىز بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشمايىتتۇق،يىللار ئۆتۈپ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز، ئەڭ گۈزەل ھەم ئالتۇن پەسلىمىز- ئالىي مەكتەپ ئىشىكى بىزگە قۇچاق ئاچقاندا،ئەنە شۇ بوسۇغىدىنمۇ،شادىيانە كۈلكىمىز ھەم ئىشەنچىمىز بىلەن بىللە ئاتلىغانىدۇق.
ئەمما ۋاقىت بىزگە،ھەر ئىككىلىمىز ۋاقتىنچە ئويلاپ يىتەلمىگەن ھەم ھىس قىلالمىغان بىر نەتىجىنى ئاتا قىلدى،شۇندىلا ھىس قىلدىمكى،سېنىڭ ئالدىڭدىكى مەن بۇرۇنقى مەن ئەمەستەك ،سەنمۇ ھەم بۇرۇنقى سەن ئەمەستەكلا..... بۇرۇنقىدەك ساڭا ئەركىلىيەلمەيىتتىم،نىمە ئويلىسام شۇنى ئەركىن دىيەلمەيىتتىم،سېنى سېغىناتتىميۇ،ئەمما كۆرسەملا يۈرىكىم سىلىپ،كۆزلىرىمنى سەندىن ئېلىپ قاچاتتىم،سەنمۇ ھەم ئالدىمدا تىنەيىتتىڭ، تەمتىرەيىتتىڭ......
مانا شۇنداق قىلىپ، مۇھەببەتنىڭ سىرلىق ھەم مۇرەككەپ كوچىسىغا قەدەم قويدۇق ،شۇندىن بۇيان سەن مىنىڭ يۈرىكىمگە ئايلاندىڭ، ھاياتىمدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىشكە باشلىدى،تىپتىنىچ يۈرىكىم مۇھەببىتىڭ كۈچىدىن داۋالغۇدى،نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ھىچكىمگە ئىچىلمىغان قەلىب دەرۋازام ساڭا ئىچىلدى،بىز ئىنتايىن خۇشال يۈردۇق،سەن مېنىڭ باغرىم ئىدىڭ،يۈرىكىم ئىدىڭ،بارلىقىم ئىدىڭ،سەنمۇ مېنى سۆيەتتىڭ،مەنسىز بىر كۈنۈڭ ئۆتمەيىتتى،قەدرىمنى قىلاتتىڭ،يېنىڭدا بولمىسام تەخىرسىز ئىزدەيىتتىڭ،شۇنچىلىك بەخىتلىك ھەم خۇشال ئۆتكەنتۇق،يېنىمدا سەن ياپرىقىم بولغاچقا، مەن خۇددى دۇنيادىكى بارلىق بەخىت مېنىڭ ئەتراپىمدىلا ئەگىپ يۈرىۋاتقاندەك ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال ئىدىم،سەندەك بىر مۇھەببىتىمنىڭ بارلىقىدىن ئالەمچە سۆيۈنۈپ،سەندىن پەخىرلىنەتتىم .دوستلىرىم ئالدىدا زوقلىنىپ تەرىپىڭنى قىلاتتىم،سېنى ماڭا ئۇچراشتۇرغان ئاللاھقا مىڭ ھەمدۇ سانالارنى ئوقۇيىتتىم.
مىڭ قەترە ئەپسۇس.... بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كەلمىكىدىن كەتمىكى ئاسانكەن، ماڭا ۋەدە بىرىپ :« جېنىم غۇنچەم ،سەندىن باشقا بىرسىگە بەرمەيمەن،»دىگەن كۆڭلۈڭنى شۇنچە ئاسانلا باشقا بىرسىگە تەقدىم قىلدىڭ،سەن ئەسلى مېنىڭ ياپرىقىم ئىدىڭ،مەن ئاشۇ ياپراق مۇھەببىتىدە ياشناپ تۇرغان غۇنچە ئىدىم،بىلىسەنغۇ جېنىم ،غۇنچە ياپراقسىز نە قىلسۇن؟ئەمما، تاش يۈرەكلىكىڭ بەدىلىگە ئەنە ئاشۇ پاك غۇنچىنى ياپرىقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىۋەتتىڭ،ياپراق ئىشقىدا نالە قىلغان غۇنچىنىڭ ئەلەملىك تىۋىشلىرىنى ئاڭلىمىدىڭ.
سەن يېنىمدىن كەتكەن ئاشۇ كۈنلەردە تىرىك تۇرۇپ دوزاق ئازابىنى تارتتىم،بىر-بىرىدىن ئازاپلىق ھەم ھەسرەتلىك كۈنلىرىم يۈرەك-باغرىمنى تىلغاپ پارە-پارە قىلىۋەتتى،كۆزلىرىمدىن ياش قۇرۇماي يۇرگەن ئاشۇ كۈنلەردە تىرىك يۈرگىنىم بىر ئادەم ،كۈلەتتىم ئەمما يۈرىكىم يىغلايىتتى،لەختە بولغان يۈرىكىمدىن ياش ئەمەس ئازاپ بىلەن يۇغۇرۇلغان قان ئاقاتتى.ئەسلەش ھەقىقەتەن تاتلىق ھەم ئازاپلىق ھىسيات.سېنى ئۇنتۇپ كىتەي دىدىم ئەمما مەن قىلالمىدىم،ھەم قىلالمىغۇدەكمەن،سېنى ئويلىماي دىدىم بىراق بەڭۋاش خىياللىرىم يەنە سەن تامان كىتىپ قالدى،سەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۇھەببەت بىغىدا سەيلە قىلغان ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى ھەر بىر ئەسلىسەم،يۈرىكىم ئاغىدۇ،كۆزلىرىم نەملىنىدۇ،بىلەمسەن مەن ھەر كۈنى سەن ماڭا سوۋغا قىلغان قونچىقىڭنى قۇچاقلاپ ياتاتتىم،ئۇنى سەن دەپ خىيالەن مۇڭدىشاتتىم ،سىردىشاتتىم. ئۇنىڭغا قاراپ بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزنى خىيال قىلاتتىم،ئەڭ تاتلىق ھىسياتلىرىم ئۈستىگە كەلگۈسىمىزنى ئويلاپ،بەخىت لەززىتىدە سۆيۈنەتتىم.
مەن ئالدىڭدا نىمىنى خاتا قىلدىم؟نىمىشقا بىر-بىرىدىن ئىغىر كۈنلەر مېنىڭ بېشىمغىلا كىلىدۇ؟شۇنچىۋالا ئەقىدە باغلاپ بارىمنى ئاتىغان مۇھەببىتىم بىردەمدىلا كۈلگە ئايلاندى،يۈرىكىمدىكى شاتلىق ئورنىغا ئازاپ،كۈلكەم ئورنىغا يىغا ئالماشتى،ماڭا شۇنچىلىك كۆيىنىپ،ئاسراپ،جېنىم،ئوماق غۇنچەم دەپ ئەركىلىتىپ يۇرگەن يۆلەنچۈكۈم مانا ئەمدىلىكتە باشقا بىر گۈلنىڭ ياپرىقىغا ئايلاندى،قىزلىق غورۇرۇم ھەم ۋىجدانىمنى ھىسياتىم ئالدىدا پايخان قىلىپ كۆز ياشلىرىم بەدىلىگە يالۋۇرۇشلىرىم ،سېنىڭ ئالدىڭدا سۆيگۈڭنى تىلەپ ياش تۆكۈشلۈرۈم ھىچنىمىگە ئەرزىمىدى،كۆز يېشىم بىلەن يازغان نەچچە قىتىملىق خەتلىرىم جاۋاپسىز قالدى،قىلغان تېلىفۇنلىرىم سەن تەرىپىڭدىن رەت قىلىنىپ،ئازاپ يۈرىكىمنى ئىزىۋەتتى،مۇھەببەت يولىدا سەن ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىم ئەكسى بولۇپ ماڭا يىنىۋاتىدۇ،مەن بۇنى كۈتمىگەنىدىم،غۇنچەڭ سىەندىن بۇنى كۈتمىگەنىدى...........
مەن سەنسىز ياشىيالمىغۇدەكمەن ياپراق،سەندىن ئايرىلغىلى ھەپتە بولمىدى، ئەمما سېغىنىش جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ مېنى قىيناۋاتىدۇ،يۈرەكلىرىم ساڭا تەلپۈنىۋاتىدۇ،كۆزلىرىم تونۇش سىمايىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ،قۇلاقلىرىم بولسا تاتلىققىنە شىۋىرلاشلىرىڭنى ..............
ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدىكەن،يېنىمغا قايىتىپ كەل جېنىم،مەن سېنى سۆيىمەن،ئىشىنىمەنكى سەنمۇ ئۆزەڭنى، مەن سېنى سۆيگەندەك سۆيەلمەيسەن ھەم ئۆزگە بىرسى سۆيەلمەيدۇ،ئازماس ئىنسان يوق،مەن سەندىن ھىلھەم رەنجىمەيمەن،چۇنكى سەن ماڭا ياخشى كۆرۈشنىڭ،ھەم مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلدۇردۇڭ،سۆيگنىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ ئازابىنى سەن ماڭا تىتىتتىڭ،تىخىمۇ مۇھىمى سەنسىز مېنىڭ كۈلكەم ھەم شاتلىقىم،بەختىم ھەم خوشلۇقۇم يوقلىقىنى بىلدۇردۇڭ.
مەن ساڭا تەشنامەن،يۈرىكىڭدىن چىقىرىپ «غۇنچەم»دەپ چاقىرىشىڭغا تەشنامەن،قايتىپ كەل جېنىم،غۇنچەڭ ياپراقسىز قالمىسۇن،سېنى كۈتىمەن.
غۇنچەڭدىن .

 
قەدىرلىك غۇنچەم :
سىنى يەنە غۇنچەم دەپ ئاتاشقا رۇخسەت قىل .خېتىڭگە بىر يىلدىن كىيىن جاۋاپ يازغىنىمغا ھەيران بۇلىۋاتقانسەن ،ھەيران بولمىغىن ، قانداقتۇر سەن بىلەن سىرداشقۇم كىلىپ قالدى ،سىنىڭ بىلەن سىردىشىش مەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش .
بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئەقلىمنى تېپىپ قەلبىمنىڭ چوڭقۇرقېتىدا ساقلاپ كەلگەن ئەڭ نازۇك ، ئەڭ مەخپىي سىرلىرىمنى ساڭا بايان قىلىش مەقسىتىدە يېزىلغان بۇ خېتىمنىڭ ئۆزى بۇنىڭ ئەڭ رۇشەن دەلىلى بۇلالايدۇ .
قەدىرلىك غۇنچەم،ئىسىڭدىمۇ ؟ بىز كىچىكىمىزدە ئۇينايدىغان ئۇيۇنلار ، بىز دەرس تەكرارلايدىغان ھېلىقى باغ ،سۈيۈملۈك ئانا مەكتەپ ،تېخى يۈرگەن ۋاقتىمىزدا دائىم بىللە سەيلە قىلىدىغان خەلق باغچىسى ....نىمىدىگەن غۇبارسىز ،گۈزەل كۈنلەر ھە؟! نىمىشقىكىن مۇشۇ كۈنلەردە بالىلىقىمنى ، بىزنىڭ ئارلاشقان ۋاقتىمىزدىكى ئەشۇ ئۇنتۇلماس ،گۈزەل كۈنلەرنى خىيال قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم . مىنىڭ شۇ تاپتا مىڭ ئارمان ، مىڭ ئۆكۈنۈش ئىچىدە : ئۆتكەن كۈنلەر بىر قايتا كەلسە ھە دىگۈم كىلىۋاتىدۇ .لىكىن بۇ ....؟؟
غۇنچەم ،ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ سەن بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولدۇم .ھاياتىمنىڭ ئەڭ غەمسىز ،غۇبارسىز ،مەنىلىك ئۆتكەن كۈنلىرىدە سەن ھامان مەن بىلەن بىرگە بۇلۇپ كەلدىڭ ، لىكىن سەن ماڭا موھتاج بولغان ، ماڭا يالۋۇرغان ۋاقىتلىرىڭدا ھسىياتنىڭ  كەينىگە كىرىپ رەھىمسىزلەرچە سىنى تاشلاپ كەتتىم .بەلكىم بۇمۇ تەقدىربولسا كىرەك ، بەزىدە مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ يېنىمدا بولغان بولسا بۇنچىلىك ئازاب تارتماس بولغىيتتىم دەپ قالىمەن ،لىكىن سىنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدىغانلىقىڭنى ، مەندەك بىر ۋاپاسىز ياپراقنى كەچۈردىغان -كەچۈرمەيدىغانلىقىڭنى بىلمەيمەن ، لىكىن قايتا -قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ خەتنى يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم . بەلكىم شۇندىلا سىنى ھەقىقىي ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى ، سىنى تاشلاپ كەتكىنىمگە پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ئىپادىلەرمەن ۋە بەلكى يۈرىكىمنى بېسىپ تۇرغان ئاشۇ ئېغىر پۇشايمانلىق ئېغىر تاشلىرىنى يىنىكلىتىشنى ئويلىغاندىمەن ، نىمىلا بولمىسۇن ، بۇ خېتىمگە مىنىڭ ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلىپ سىنى تاشلاپ كەتكىنىم ،سىنىڭ يېلىنىش ئارلاشقان قانلىق كۆز يېشىڭ ، مىنىڭ ئۆكۈنۈش ئارلاشقان ھەسرەتلىرىم ئارلاشقان ...
شاد -خۇراملىق بىلەن ئۆتكەن مەنىلىك تۇللۇق ئوتتۇرا ھاياتىمىزمۇ ئاخىرلاشتى . ساڭىمۇ ئايان مەن مەكتەپ بۇيىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچى ئىدىم ، ھەممە ئادەم مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى ،ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەممىدىن بەك غەمسىز ئىدىم ،سۈيۈملۈك ، دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان ئانام ،تەلەپچان ، قاتتىق قول ، لىكىن مىنى ھېچنەرسىدىن قىسمايدىغان كۈيۈمچان دادام ،ئۆگۈنۈشۈمگە ياردەم قىلىدىغان ھەدەم ،شوخ ھەم ئوماق ، كەپسىز ئىنىم يەنە ...يەنە سەن ھاياتىمنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قىسمى ئىدى . كىشىنى تېخىمۇ سۈيۈندۈردىغىنى ئىككىمىزنىڭ بىر ئالىي مەكتەپنى تاللاپ ،تەڭلا قۇبۇل قىلىغانلىقمىز بولدى . ...مەن ئۇ چاغلاردا دۇنيادىكى ئەڭ غەمسىز،ئەڭ بەختلىك ئىنسان ئىكەنمەن ، ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچە بەخىتكە بەرگەن تەبىرى ئوخشاش بولمايدىكەن ،يەنە كىلىپ ئېرىشكەن نەرسىنىڭ قەدرى بولمايدىكەن ،ئەمما بەزى نەرسىلەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئاندىن نىمىنىڭ ھەقىقىي بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىدىكەن ،خۇددى كىسەل تارتمىغان كىشى ساقلىقنىڭ ئىنساننىڭ ئەڭ زور بەختى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەندەك ... ئالي مەكتەپكە چىققان تۇنجى يىلى بىز بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ ۋەدىلىرىنى بىرىشىپ يۈرۈۋالدۇق .بەختتىن تەك بەھرىمەن بولدۇق .
توۋا ...نىمە بۇلارنى ئېيتىپ يۈرگەندىمەن . لىكىن بىلەمسەن ،نىمىشقىكىن ئاشۇ ۋاقىتلارنى ھەربىر رەت ئەسكە ئالغىنىمدا ھاياجاندىن ئۈزۈمنى يوقىتىپ قۇيىمەن .
شۇنداق قىلىپ كۈنلىرىمىز خۇشال ، بەخىت ئىچىدە ئۈتىۋاتاتتى ، كىيىن ..كىيىن ...شۇ تاپتا ئاشۇ ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىشتىن يۈزۈم قىزىرىۋاتىدۇ ، ساڭا قىلغان ئاشۇ ۋاپاسىزلىقىمدىن يۈرىكىم ئۆرتىنىپ پۇشايمانلىق ئىچىدە كۆيىۋاتىدۇ ...كىيىن بىز ئارلىشىپ بىر يىلدىن كىيىن ، مەن مەكتىپىمىزدىكى باشقا بىر قىز بىلەن دوست بۇلۇپ تېپىشىپ قالدىم . ھەم شۇ چاغلاردا ئۇقىزنىڭ ئىشقىدا سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ غەمسىز بالىلىقىمنى ، ئاشۇ تالاي كىچىلەردىكى تاتلىق پىچىرلاشلارنى ئۇنتۇپ سىنىڭ كۆز ئالدىڭدىلا باشقا بىرى بىلەن يۈرىۋىلىپ ،سىنى تاشلاپ كەتمەكچى بولدۇم . سەن رىئاللىقنى قۇبۇل قىلماي ئالدىمدايىغلىدىڭ ،يېلىندىڭ ، خەت يېزىپ كۆز ياشلىرىڭنى قەلىمىڭ ئارقىلىق ئىپادىلىدىڭ ، لىكىن مەن ئۇلارنىڭ بىرىگىمۇ پىسەنت قىلماي ، مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا بېرىشكەن ۋەدىلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ سىنى تاشلاپ كەتتىم .
شۇنداق قىلىپ مەن كەتتىم ، سەن كۆز ياشلىرىڭنى ئېقىتىپ قالدىڭ . بەلكىم سەن ئادالەتسىز تەقدىرىڭدىن زارلىنىپ يىغلىغانسەن << سەن ھاياتتا زەربە يىگەنلەرنى ، ئازابلانغانلارنى كۆرگەنمۇ ؟ بۇخىل تۇيغۇنى تەسەۋۇر قىلالامسەن ؟ >>دىگەن ئىدىڭ ، لىكىن بۇلارنى تۇلىمۇ كىچىكىپ ھىس قىلىپتىمەن . لىكىن مەن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، بىز ئايرىلىپ كىتىپ بىر يىلدىن كىيىن سىياھ بىلەن ئەمەس قان تامچىلاپ تۇرغان قەلىبىم ئارقىلىق دەرتلىرىمنى بايان قىلىۋاتىمەن ، يۈرىكىم مۇزلىماقتا ، مۇشەققەت بىلەن كۈلپەت تىكەنلىرى قەدەملىرىمگە سانجىلىپ قاناتماقتا ...مەن ئەسلى سەن بىلەن ئايرىلىپ كىتىپ كۆڭلۈمدىكى مۇھەببەتنى تاپتىم دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن ، لىكىن بۇ بىر ھىسابتا سىنىڭ ئاشۇ بىھۇدە قالغان كۆڭلىڭنى يەنجىپ ، زارلاتقىنىم ، يىغلاتقىنىم ئىكەن .
قەدىرلىك غۇنچەم ، سىنى كەچتىكى شەپەقلەرگە ئوخشىتىۋاتىمەن ، شۇ شەپەق ئۈستىدە چاقناپ تۇرغان ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا قاراپ ، بىر يىل ئارلاشقان كۈنلىرىمىزنى ئەسلىدىم .سىنى يىغلاتقىنىمنى خۇددى فىلىملەردە رول ئېلىۋاتقان كىنو ئارتىسلىرىغا ئوخشاتتىم ، شۇنداق قىلىپ سىنى قانچە ئويلىغانسىرىم ، سىنى شۇنچە سېغىندىم ھەم ئۈزۈمنى شۇنچە پەسكەش ،ۋىجدانسىز ھىسابلىدىم .
مىنى كەچۈرگىن ....مەندەك ئازغۇن ياپراقنى كەچۈرگىن ! ...
ئازغۇن ياپرىقىڭدىن .
 
ئەسسىلام !
خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ھەم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم،ئەڭ ئالدى بىلەن ساڭا ھەم ساڭا ئىنساپ ئاتا قىلىپ،كىچىككەن بولساڭمۇ قىلغانلىرىڭنى بىلىپ يەتكۈدەك، ئەقىلنى ئاتا قىلغان ئاللاھ ئىگەمگە مىڭ رەھمەت!
شۇ تاپتا قەلبىڭنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن،بۇ ئازاپنى پەقەت بېىشىغا مۇشۇ كۈن كەلگەن كىشىلا بىلەلەيدۇ خالاس،چۇنكى مۇشۇلارنى ھىس قىلالىغۇدەك يۈرەكنى يەنىلا سەن ماڭا بەرگەن ئىدىڭ.
خەيىر،كىچىكىپ بولسىمۇ مېنىڭ قەدرىمگە يىتىپسەن،بىلەمسەن،خېتىڭنى كۆرۈپ بەكلا خوش بولدۇم،يارىشىپ قالساقكەن دىگېنىڭدىن ئەمەس بەلكى،سەندىكى ۋىجدان ھەم غۇرۇرنىڭ ھىلھەم بولسىمۇ بارلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. "ئاچنىڭ قەدرىنى توق بىلمەس" دەپ ماڭا پەرۋاسىز قاراپ، كۆز يېشىم بەدىلىگە ئويناپ-كۈلۈپ يۈرگەن ئاشۇ ۋاقىتلىرىڭدا سەن بۇلارنى ئەلۋەتتە ئويلاپ يىتەلمەيىتتىڭ.
ئەمما مەن ساڭا سەن كۈتكەن جاۋاپنى بىرەلمەيمەن،مېنى كەچۈر،سەن ئەمدى كىچىكتىڭ.
بىلەمسەن؟ ئايرىلغان ئاشۇ كۈنلەردە يۈرىكىمدە ئازاپ ئوتى يالقۇنجاپ تۇرسىمۇ،چىن كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخىت تىلىگەن ئىدىم ھەم مەندىن ئايىغان ئاشۇ كۆڭلۈڭنىڭ باشقىلار ئالدىدا خارلانماسلىقىنى تىلىگەنىدىم،چۈنكى مەن، سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئازاپلىق قىسمەتنىڭ بىرى بولغان ئايرىلىش ئازابىدا ئۆرتىنىشىڭنى،يۈرىكىڭنىڭ مۇجۇلىشىنى خالىمايىتتىم،بۇ دەرتنى بىرلا مەن تارتىپ ئۆتۈپ كىتىشكە رازى ئىدىم.
نەچچە قىتىم يىلىنىپ يالۋۇرۇپ يازغان خەتلرىم جاۋاپسىز قالغاندىن كىيىن ،مەن تەقدىرىمگە تەن بەردىم،پىشانەمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ سەندىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم،چۈنكى ئاللىقاچان باشقا بىر گۈلگە تەۋە بوپ بولغان كۆڭلۈڭنى بۇ ياشلىرىم ئارقىلىق ئىلىپ قالالمىدىم ھەم قالالمايدىكەنمەن،ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمىگە بەخىت تىلەشمۇ ،پۇچىلانغان قەلىبكە تەسەللىي بولىدىكەن،شۇنداق قىلىپ ئازاپلىق كۆز ياشلىرىمنى سەندىن يۇشۇردۇم،يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن بەختىڭنى تىلەپ سەن بىلەن پىنھان خوشلاشتىم.
يىتەر،سەن ئۈچۈن شامۇ-سەھەرلەردە،پىنھان تۈنلەردە تۆككەن كۆز   ياشلىرىم،دەرت-ھەسرەتتىن ئۆرتەنگەنلىرىم يىتەر.....سەن مېنىڭ ئازاپلىق ئۆتمۈشۈم،كۆز ياشلىرىم ھەم قان-زەردابلىرىم بىلەن يۇيۇلغان كەچمىشىم، ئەمما بىلىسەن ئۆتمۈش ھەرگىزمۇ كىلەچەك ئەمەس،شۇنداق قىلىپ مەن تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلىدىم،ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن،ئەينى ۋاقىتتا سەنسىز ھەرگىز ياشىيالمايمەن دەپ،يىغلاپ نالە قىلغانلىرىمغا ئەمدى ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ،بۇ دۇنياغا  ئەسلىدىنلا يالغۇز يارالغان ئىنسان يالغۇزمۇ ياشىيالايدىكەن.
مەن بۇنداق جاۋاپ بەرسەم ھەيران قالما ھەم شۈبھىلەنمە،ئالدىڭدا قەستەن ئېشىۋىلىپ،نازلىنىۋاتقىنىم ئەمەس،ھەر قانداق بىر ئىش چىكىگە يەتسە ئەكسىگە قايتىدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىغان بولغۇيىتتىڭ،سەن تەرىپىڭدىن خارلىنىپ،ھەسرىتىڭنى يەتكۈچە تارتقان يۈرىكىم ئەمدى سېنى ئىزدىمەس بولدى،بۇلارنىڭ ھەممىسنى ئەلۋەتتە سەن ئۆز تاش يۈرەكلىكىڭ بەدىلىگە ماڭا بەردىڭ.
تولىمۇ كىچىكىپسەن،ئالدىڭدا ۋىسال تىلەپ ياش تۆككىنىمدە مۇشۇ خېتىڭ بولغان بولسسىدى،يۈرىكىم شاتلىقتىن يىرىلىپ كەتكەن بولاتتى،ئەمما تولىمۇ كىچىكىپ دىيىلگەن بۇ سۆزلىرىڭگە مەن ئەمدى تەشنا ئەمەسمەن،شۇڭا مەندىن رەنجىمە.سېنى ئۇنتۇپ كەتتىم،كۆرۈپ تۇرىۋاتقانسەن مانا ئەمدى سەنسىزمۇ ياشاۋاتىمەن ھەم ياشىيالايمەن.
يېقىندا سېنى چۈشۈمدە كۆردۈم،ئويغىنىپ سېنى ئويلاپ قالدىم، ئەمما بۇ قانداقتۇر سېنى سغېنىش بولماستىن بەلكى ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەش،ئاشۇ كۈنلىرىم يادىمغا كىچىپ قالسا ئىختىيارسىز سەن توغرىسىدا ئويلىنىپ قالىمەن،ساڭا كۆڭلۈم ئايان بولسۇن،مەن ساڭا ئۇچرىغىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن،ھەم ئۆكۈنمەيمەن،ئەينى ۋاقىتلاردىمۇ سەن توغرۇلۇق گەپ بوپ قالسىلا دوستلىرىم سېنى تىللاپ،ۋىجدانسىز ،قارا يۈز دەپ تىللىشىپ كەتسە مەن ئۇلارغا ھاي بىرەتتىم،چۈنكى نىمىلا دىمىگەن بىلەن بىزنىڭ ئەڭ غۇبارسىز ھەم بەخىت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر  يىلىمىز بولغان،ئاشۇ ئىككى يىلىمىزدا پەقەت ئىككىمىزگىلا تەۋە بولغان نۇرغۇنلىغان خۇشاللىقلىرىمىز ھەم خاپىلىقلىرىمىز ئۆتكەن،مانا بۇ ئىككىمىزدىن ئۆزگە بىر ئىنسان مەڭگۈ ھىس قىلىپ يىتەلمەيدىغان ھەقىقەت ھەم كەچمىش،ئەنە شۇ قىسمەتلەر ئۈستىگە بەخىتنىمۇ ھەم ئازاپنىمۇ سەن ماڭا ئاتا قىلدىڭ،مەن ساڭا يولۇقۇپ بەخىتنى ھىس قىلدىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئازاپنىمۇ يەتكۈچە تارتتىم،ئەمما كەچ قويغان خۇدا ئاچ قويمايدىكەن،مەن يەنە ئۆز يولۇمنى تىپىۋالدىم.
ئاخىردا دەيدىغىنىم،سەن سورىغان،ئەينى ۋاقىتتا پەقەت سەن ئۈچۈنلا سوققان ئەشۇ يالقۇنلۇق يۈرەك ئەمدى مەندە يوق،شۇڭا مېنى ئەمدى ئىزدىمە، سەن باشلىغان يولغا ماڭالمايمەن.
خەير،بەخىتلىك بول،ساڭا چەكسىز بەخىت ھەم شاتلىق تىلەپ:
- غۇنچىدىن.

 
قەدىرلىك غۇنچەم :
بۈگۈن شەنبە ، قاق سەھەردىلا خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن .مانا ئالدىمدا سىنىڭ ئىككى پارچە خېتىڭ ، بىرى مەن قەدرىنى بىلمەي سەل يېلىنىپ ئايرىلىپ كەتمەسلىك توغرىسىدا يازغان خەت ، يەنە بىرى مەن ئەقلىمنى تېپىپ پۇشايمانلىق ئىچىدە ئولتۇرغىنىمدا ماڭا يازغان جاۋاپ خېتىڭ . مەڭزىمنى مەيىن سابا سۈيۈپ ئۆتمەكتە ،ئەتراپىمدا بىر نەچچە تال پاشا ئۇچۇپ يۈرۈپ قانلىرىمنى شورىماقتا . ئىچىمدە ئويلاۋاتىمەن : <<چاقە ، ئەبلەخلەر ! مەندەك بىر ئەقىلسىز ، ۋاپاسىز ياپراقنى چېقىشمىساڭ كىمنىمۇ چېقىشاتتىڭ .مەندەك گۇناھكار سۆيگۈ قەلەندەرىنى چېقىشىڭمۇ ھەق!...>>
كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ياتاق بىناسىغا چۈشتى ، بىر توپ قىزلار چىقىپ كىرىپ يۈرمەكتە .كۆزلىرىم زەن سېلىپ قاراپ ئۇلار ئىچىدىكى مەلۇم بىر سىمانى تۇنۇۋىلىش ئۈچۈن پىلدىرلىماقتا .ھەي...ئۈمۈدسىزلىك ، ھەي پۇشايمان !....
خەتتىكى ھەربىر سۆزلىرىڭ قەلبىمدە ياڭرىماقتا ...بىر قېتىم ، پەقەت بىر قېتىم مىنى كەچۈرۋىتىشكىمۇ تاقىتىڭ قالمىغانلىقى مىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە .
بىلەمسەن غۇنچە ...ئىلگىرى سىنىڭ قوللۇرۇڭنى تۇتقان دەقىقىلەردە <<مەن بۇ قولنى ئەمدى مەڭگۈ قۇيۇپ بەرمەيمەن .>>دەپ ئويلىغان ئىدىم ، بىراق ..بىراق ..ھازىر بۇلغانغان قوللىرىم بىلەن سىنىڭ پاك قوللىرىڭنى تۇتۇشقا پۇرسەت بىرەمدىغانسەن ؟ يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىماقتا ، قوللىرىم ئىختىيارسىز سول كۆكرىكىمگە يېقىنلاشماقتا ،مىشچان يۈرەكنىڭ ئاخىرقى ئىلـتىجالىرىغا بولسىمۇ پۇرسەت بەرگىن ، ئۇمۇ دەردىنى تۈكۈۋالسۇن ...
مانا خىيالىمدابۇرۇنقى ئۆتمۈشنىڭ سايىلىرى ،پاك سۆيگۈنىڭ دىماقلارغا مول ، كۆڭۈللەرنى سېھىرلىگۈچى پۇراقلىرىغا نائىل بۇلۇشنى ئويلاپ ئاستا -ئاستا قەدەملەر بىلەن ماڭا يېقىنلاشتىڭ . ئويلىمىغان بولغىيتتىڭ ، تامچىلىرى يالتىراپ تۇرغان يېشىل ياپراقلىرىم ئارىسىدىكى تىكەنلىرىمنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىپ قەلبىڭگە خەنجەر ئۇرۇشىنى ؟!...
ئەقىلسىزلىق قىلىپ سىنىڭدىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇم ، شۇ ۋاقىتلاردا ئىسىق قانلىرىمدا باشقا بىر ئوت ئەۋج ئېلىپ لاۋۇلداۋاتىدۇ ،دەپ تۇلىمۇ ئەقىلسىزلىك قىلىپتىمەن . مانا ھازىر سىنى ئويلاش قەلبىمنىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلانغان ۋاقىتتا بولسا مەندىن ۋاز كەچمەكچى بۇلۇپسەن .مانا ھازىرمۇ سىنى ئويلاپ ئولتۇرۇپتىمەن . بىلەمسەن غۇنچەم ، كاككۇك بىر ئۆمۈر زەينەپنى كۈتىدۇ . بىراق ئۇنى كۆرەلمەي ئۈلۈپ كىتىدۇ . بۇلبۇلمۇ بىر ئۆمۈر گۈلنى كۈيلەيدۇ ،بىراق ...گۈل ئېچىلىپ بۇلبۇلنى ئىزدىگەندە  بولسا ئۇيقۇغا كېتىدۇ . بىراق مەنچۇ ؟؟ ياپراق غۇنچىسىز گۈزەل بولمايدۇ ...
غۇنچەم ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﻪﻡ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻣﺪە ﺳﻪﻥ ﺑﺎﺭ.ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﺪﺍﻣﯩﺴﻰ،ﺳﻪﻥ ﻛﻪﻟﺴﻪﯕﻼ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﺎﻥ ﭼﯩﮭﺮﯨﻢ ﮔﯜﻝ ﺭەﯕﮕﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺟﯩﻠﯟﯨﮕﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﺷﻠﻪﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﺎﻳﯩﯖﺪﺍ ﺗﯘﻣﺎﻧﺪەﻙ ﺗﺎﺭﻗﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻤﺴﻪﻥ، ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ، ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻗﯘﻳﺎﺷﺴﯩﺰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ، ﺋﺎﻳﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﯩﭽﻪ .
ﺳﻪﻥ ﻗﻪﻟﺐ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﻗﯘﻳﺎﺵ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺩﯗ.
ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎ غۇنچەم ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﮬﻪﻡ ﺋﯜﻣﯜﺗﻜﻪ ﺗﯘﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯜﻡ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە ﺳﯜﻳﯜﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻡ ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺳﯘﻗﯘﺷﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺭﻕ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺐ ﮔﯜﻟﻠﯜﺭﯛﻡﺳﯧﻨﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﯖﮕﻪ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ!ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﻼﮬﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﺎﭖ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻢ ﺳﯧﻨﻰ ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻣﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ،ﺳﻪﻥ ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ، ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻣﺪە ﻗﺎﻝ! ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻡ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﻗﺴﯘﻥ،ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺴﯘﻥ!ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻡ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﯔ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻐﯩﯔ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭەﻣﺒﻪﺧﯩﺶ ﺗﻪﺧﺘﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ.
ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻐﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﺭەﻙ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻼﻱ، ﮬﻪﺭ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﻳﯜﺭﯛﮔﯜﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﻻﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺭﯨﻢ ﻧﯘﺭﻏﺎ ﭘﯜﺭﻛﯜﻟﯜﭖ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ،ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻧﯘﺭﻻﻏﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟﯜﭖ ،ﺋﺎﺷﯘ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﻛﯜﭺ ﺋﺎﻻﻱ، ﺋﺎﺷﯘ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﯨﯖﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻤﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻼﻱ!
ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﻧﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ، ﮬﺎﺭﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ، ﻣﺎﯕﺎ ....ﺑﯩﺮﻻ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻧﺴﯜﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰﺳﯩﺰﯨﭗ ﺋﯜﺗﻪﻱ...........
غۇنچە ..سىنى ساقلايمەن . تاكى سەن مىنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلگۈچە سىنى ساقلايمەن . ھەم ئىشىنىمەن، مىنى چۇقۇم كەچۈرۋىتىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن ....مىنى كەچۈر غۇنچەم !
ياپراقتىن .
 
ئەسسالام:
ئالدىنقى خىتىمنى كۆرۈپ يەنە خەت يىزىپسەن،سەن قىلغاننى قىلىپ خېتىڭنى جاۋاپسىز قويسام ساڭا ئىغىر كىلىدۇ ئەلۋەتتە،مەنمۇ ھەم ئۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن،مۇسۇلماندارچىلىقتا سالامغا سالام بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش ئەقەللىي ئىشقۇ.شۇڭلاشقا ساڭا مۇشۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرماقتىمەن.
خېتىڭدە يەنە دەپسەن،مەنسىز بەختىڭنى يوقلىقىنى قايتا-قايتا تىلغا ئاپسەن،ئالدىنقى خېتىمدە دىگەنلىرىم ساڭا ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىم بوپ قالغان بولسا بولاتتى،ئەمما سەن يەنە مېنى باشقىچىرەك چۇشەنچە بىرىشكە مەجبۇرلاپ قويدۇڭ،بۇ ئىشلارنى دىسەم كۆڭلۈڭگە كىلىشى تۇرغانلا گەپ،مېنىڭمۇ ھەم ساڭا بىلدۇرگۈم يوق ئىدى.قارىغاندا ئوچۇق گەپنى قىلىۋەتمىسەم نىيىتىڭدىن يانىدىغاندەك قىلمايسەن.
"كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولماپتۇ"دىگەن گەپ ھەقىقەتەن جايىدا ئىيتىلىپتىكەن،سەندىن ئايرىلىپ قالغان دەسلەپكى كۈنلىرىمگە گەرچە كۆز ياشلىرىم ھەمراھ بولغان بولسىمۇ ئەمما،كىيىن مەن بەختىمنى تىپىۋالغانتىم،ئۇنى سەنمۇ تۇنۇيسەن،تولۇق ئوتتۇردا بىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇپ،پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا ئۆتكەن تۇرغۇن،مەكتەپتىكى چاغدىلا ماڭا تەلەپ قويۇپ يۇرگەنىدىغۇ،ئەمما مەن ئۇ چاغلاردا ئۇنى ياخشى كۆرمىگەچكە ھەم ئۆگىنىشىمگە تەسىر يىتىدۇ دەپ قارىغاچقا ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلمىغانىدىم.
ئازاپلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاشۇ چاغلىرىمدا ئۇ ماڭا تەسەللىي بەردى،مىھرىنى بەردى،چىن كۆڭلىدىن كۆيۈندى،يىغلىسام يېشىمنى سۈرتتى،بارا-بارا مەن ئۇنىڭ ماڭا ھەقىقى كۆيىدىغانلىقى ھىس قىلىپ يەتتىم،چۈنكى مەن چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ كۆيۈنۈشكە مۇھتاج ئىدىم،شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قايتا-قايتا قويغان تەلىۋىگە ماقۇل بولدۇم،چۈنكى تەقدىرگە تەن بەرمىسەم بولمايىتتى،دەسلىۋىدە مەن ئۇنىڭغا ئانچە ئىچەكىشەلمىگەندەك،ھىس قىلىپ خاتا قىلدىممۇ نىمە دەپ ئويلاپمۇ يۈردۈم ئەمما، ۋاقىت ئۆتكەنچە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مېنى كۆيدۈرەلەيدىغان ھەم ماڭىمۇ كۆيەلەيدىغان يۈرەكنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم،شۇنداق قىلىپ بىز ھەممىنى قايتىدىن باشلىدۇق،مەن ئۇنىڭغا كۆيۈنىمەن،قىزلىق مىھرىم بىلەن ئۇنى ئايايمەن،ھەر بىر ئىشىمدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئويلاپ تۇرۇپ، مۇئامىلە قىلىمەن چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا بولغان پاك قەلبىنى ئازاپلىسام بولمايدۇ،ئۆزى سۆيىدىغان قىزىنىڭ باشقا بىرى ئۈچۈن ياش تۆككىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ،چىن كۆڭلىدىن باغرىغا باسالىغان ئادەمنى ئازاپلىسام بولمايدۇ.مەن ھازىر بەخىتلىكمەن،كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان بەخىت تولىمۇ تاتلىق ھەم قەدىرلىك بولىدىغان ئوخشايدۇ.ئەڭ ساپ ھەم پاك مۇھەببىتىم بەدىلىگە ئۇنىڭغا بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلدۇرىمەن ھەم ئۇنى سۆيىمەن، ئەمدى ئۇنىڭدىن كەچسەم بولمايدۇ،ھەر قانداق بىر ئىش تۈپەيلى ئۇنىڭغا يۈزسىزلىك قىلسام تىخىمۇ بولمايدۇ.
ساڭا بۇلارنى دىمىسەم بولاتتى،كۆڭلۈڭگە ئازار بەرگۈم ئەسلا يوق ئىدى،ئەمما دىمىسەم بولمايدىغان يەرگە كىلىپ قالغاچقا مەن ھەم ئامالسىزمەن،مېنى كەچۈر،قايتا بىر رەت غۇنچەڭ بولالمايدىغان بولدۇم.
خەتنى كۆرۈپ ئازاپلىنىسەن مەن بۇنى بىلىمەن،شۇ تاپتا مەنمۇ سەن ئۈچۈن ئازاپلىنىۋاتىمەن،سېنىڭ بەخىتسىزلىكىڭنى،ئازابىڭنى،ئاھىڭنى كۆرگۈم يوق ئىدى،ئەمما ھازىر سەن ئۈچۈن قىلالايدىغىنىم پەقەتلا بەخىتىڭنى تىلەش بوپ قالدى،مېنى ئۇنتۇپ كەتكىن،مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كەچمىشلەر ئەسلىمىگە ئايلانسۇنكى ئەمما سەن بۇنى ئارزۇيۇڭ قىلىۋالما،بۇندىن كىيىنكى ھايات يولۇڭدا ھەر بىر قەدەمنى ئويلىشىپ ئال،ئەقلىڭ ئالدىدا ھىسياتىڭنى قۇربان قىلىشنىمۇ بىل،چۈنكى ھىسياتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان قەلىب ئۆزبەختىنى ئۆزى ۋەيران قىلىۋىتىدىكەن.
ئىشىنىمەن سەن چوقۇم بەختىڭنى تاپالايسەن،ئىشەنچىنى يوقاتقان قەلىب سولىشىپ قالغان قالغان گۈلگە ئوخشايدۇ دىگەن گەپنى قايسىدۇر بىر يەردە ئاڭلىغانىدىم،ئۈمىدىم كەلگۈسۈڭگە كۈلۈپ باق،چۈشكۈنلۈك،ئۈمىدسىزلىك،ۋايساش ساڭا ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمەيدۇ.
سېنى ئاللاغا تاپشۇردۇم،ئەمدى مېنى ئىزدىمەسلىكىڭنى ئۈمىد قىلىمەن،ھەر قانچە ئىزدىسەڭمۇ مەن ساڭا ئازاپتىن باشقىنى بىرەلمەيمەن،ئامان بول،ساڭا بەخىت تىلەيمەن.
غۇنچە

 
غۇنچە:
خېتىڭنى كۆردۈم ، خېتىڭنى كۈرۈپ ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن . مەن بەك دۆت ئىكەنمەن . ئەينى ۋاقىتتا سىنىڭ ماڭا قىلغان سەمىميلىكىڭنى يەرگە ئۇرۇپ ، باشقا بىرى بىلەن يۈرۈۋالغان ، سىنىڭ ئازابلار ئىلكىدە ئاجىز تىترەتكەن ، مانا ئەمدىلىكتە باشقىلاردىن خوۋلۇق كۆرمەي يەنە سىنىڭ ئالدىڭغا سۆيگۈ تىلەپ بىرىپتىمەن .
ھىجران ئادەمنى خۇددى سەكراتتىكى ئادەمدەك تىپىرلىتىدىكەن ، خېتىڭنى تۇتقان قوللىرىم ئاشۇ خىل تۇيغۇدىن تىترەۋاتىدۇ . ئىنسانلارنىڭ جۇدالىققا بەرداشلىق بەرمىكى تۇلىمۇ مۈشكۈل ئىكەن ، ئېيتىقىنا ،غۇنچە ! ئىنسانلار بۇ دۇنياغا ئارمان بىلەن تۇغۇلۇپ ، يەنە ئارمان بىلەن كىتەمدىغاندۇ ؟ئۆتكەن كۈنلىرىم مۇڭ باسقان قەلبىمنى توختاۋسىز غاجىلىماقتا ، كۆزلىرىمنى ھەسرەت ، پۇشايمانلىق ياشلىرى داغلىماقتا ...ھازىر ئۆزەمنى تامامەن كونىرغان ، ئەبجىقى چىقىپ ، ئىستىمالدىن قالغان ئەسكى -تۈسكى نەرسىدەك سىزىۋاتىمەن .
بۇرۇن مەن كەتتىم ، سەن ھىجرانلىق ياشلىرى بىلەن كۈزۈڭدىن يۇم -يۇم ياشلار تۈكۈپ قالدىڭ . مانا ئەمدى سىنىڭ ئالدىڭغا تىلەمچىدەك يالۋۇرۇپ ، خاتالىقىمنى تۇنۇغىنىمدا بولسا سەن كەتتىڭ ، يۈرىكىم يېرىلىپ كىتەيلا دىدى . بۇرۇن سىنىڭ ئازابىڭنى چۈشەنمىگەن ، ھىس قىلمىغان ئىكەنمەن . مانا ئەمدىلىكتە بولسا ...ساڭا چەكسىز سېغىنىش ئىچىدە تەلمۈرۈش ماڭا يار بولدى . نىمە ئامال ؟ ئادەم بۇ دۇنياغا يىغلاپ كىلىپ ئارمان بىلەن كىتىدىكەن . ھايات دىمەك ئارمان دىمەكتۇر ، ھىجران -ئازابنىڭ سىناق مۇساپىسى ، چىن مۇھەببەتنىڭ يارقىن ئىلھامچىسى . تىكەنسىز گۈل بولمىغىنىدەك ، ياپراقسىز غۇنچە بولمايدۇ . لىكىن بۇلارنى مەن تۇلىمۇ كىچىكىپ چۈشەندىم ، كىچىكىپ ھىس قىلدىم .
بىر كىتابتىن <<ئادەم%1 ئۈمۈد بار دەپ قارىغان ئىشنى قىلىپ بېقىشى كىرەك .>>دىگەن مەزمۇنلارنى كۆرگەن ئىدىم . ھەم پۇشايمانلىق ھېسلىرىم پۈتۈلگەن ،قەدرىڭگە تۇلىمۇ كىچىكىپ يەتكەن بولساممۇ ،ئۈمۈدلۈك باققان ئويلىرىمنى ساڭا ئاددى ئەمما مەنىلىك ئىپادىلىگەن ئىدىم . لىكىن ئەپسۇس ...تۇلىمۇ ئەپسۇس ...
مەن سىنىڭدىن رەنجىمەيمەن ، ئۆزۈمنىڭ دۆتلىكىمگە ، ۋاپاسىزلىقىمغا ئېچىنىمەن .پەقەت سەن بەختلىك بولساڭلا مەن رازى ...
خەير ، غۇنچە !! مەن بىر بايان قىلغۇچى سۈپىتىدە شۇنى خاتىرلەپ قۇيۇشنى توغرا تاپتىم << ئۈمۈد بورانلىق كېچىدىكى بىر تال يىڭنە ،يەنە شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۇنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ كۆرۈش كېرەك .>> شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكى بۇ ھەرگىزمۇ ساختا ھىسىيات ئىچىگە يۇشۇرۇنغان سۈنئىلىك ئەمەس ،بەلكى تاھىرنىڭ - زۆھرەگە ،غېرىپنىڭ -سەنەمگە ،لەيلىنىڭ مەجنۇنغا يازغان ،تىترىگەن ،ئاجىز ياپراقنىڭ غۇنچىسىگە تىلىگەن ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدلىك بېقىشى...
پۇشايمانلىق ياشلىرىمنى سىرغىتىپ تۇرۇپ ساڭا يەنە بىر قېتىم بەخت تىلەيمەن . مەڭگۈ بەختلىك بۇلۇپ ئۆز بەختڭنىڭ شىرىن ئەللەيلىتىشىدە ئۆز گۈزەللىكىڭنى نامايەن قىلغىن ...غۇنچە ياش تۆكمىسۇن !

 
سۈيۈپ ئۆتەي پىنھان قەلبىتە ،
سەن ئۇنۇتقىن ، ئۇنتۇلغىن تامان .
سېغىنىشتا كۆيسىمۇ جىسمىم ،
ئۇنتالمىدىم سۆيىمەن ھامان .

 
بەخت تىلەپ كۈتتۈم جاۋاپ خەت،
كۈتۈشلىرىم قالدى جاۋاپسىز .
بەختلىكلا بولساڭ ئەگەردە ،
مەڭگۈ ئۆتكىن شۇنداق ئازابسىز . 


  
 


ياپراقتىن ...




ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Jidelhor + 200 ئېسىل يازمىكەن،باھالاندى
suzuk-ay + 50
sultan + 50 نادىرلاشقاتېگىشلىك تېما!
قىزغىن + 100
sahraogli + 200 نادىر تىما ،ئەجىر،

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5866
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8616
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2010-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 06:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:مۇھەببەت قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ ( يانغىن

بەك لېرىكىلىق چىقىپتۇ . ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىكەن  .

كەلگۈسۈم ئۈچۈن  .

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 06:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:مۇھەببەت قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ ( يانغىن

ئەجەپ ياخشى يىزىلپتۇ. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. مۇھەببەت- شۇنداق رەھىمسىز،

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 06:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نا دىر تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !!!!!!!!

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

سۇ بەك سۇزۇك بول

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5651
يازما سانى: 1215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11159
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 4132 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 06:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كوپكەن ئوقۇپ بولالمىدىمغۇ ..... [s:45]

نىمە ئۇچۇن بوشۇك بىلەن قەبرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۇنكى ھەر ئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۇچۇن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى ،بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۇچۇن بىرى بولسا مەڭگۇلۇك ئۇيقۇ ئۇچۇن............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3003
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8791
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2011-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 06:49:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللا  بەك ياخشى يېزىپسىز   جۇما !~

ساڭا بولغان ئەقىدەم، ساڭا بولغان مۇھەببىتم،مەڭگۈلۈك!

گۈلۈم ، كەتمە يېنىمدىن ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14104
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 07:40:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي يۇرتداش ``

نە ئۈچۈن ياراتتىڭ ئەي ئۇلۇغ خۇدا ،
سۆيگەننى سۆيدۈرپ سۆيمىگەنلەرنى.
قىلساڭ بولماسمىدى جېنىدىن جۇدا ،
كۆيگەننى كۆيدۈرۈپ كۆيمىگەنلەرنى...

قەدىرلەيمەن  قە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4658
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9027
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-7-24
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 07:52:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى چىقپتۇ ..تۇۋا مەنمۇ ۋاپاسىز يارىمنى ئەسلەپ قالدىم...شۇڭا مەن دەيمەنغۇ.قەدىرلەيمەن قەدىرمنى بىلسەڭ دەپ.

بۇ دۇنيادا ھەم دىۋانە ھەم بىگانەمەن
باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 08:02:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

پەرىشتىلەرمۇ يا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 3243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25879
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 08:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىق دەرۋرىگە قەدەم قويغان ھەر قانداق بىر يىگىت مۇھەببەت كوچىسىغا قەدەم باسماي  قالمايدۇ.چۈنكى، مۇھەببەت دېگەن ـــ ھەر بىر ئىنسان بېشىدىن كەچۈرىدىغان بىر خىل گۈزەل تۇيغۇدۇر.تارىختا مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىدىن كەچكەن،ئۆزىنى قوربان قىلغان ،ئەقىل- ھۇشىدىن ئايرىلغان ،ئىنسان چىدىغۇسىز جەبىر – جاپالارنى تارتقان تالاي ئاشىقلار ئۆتكەن.ئۇلارنىڭ مۇھەببەت يولدىكى سەرگۈزەشتىللىرى ئېغىزدىن –ئېغىزغا كۆچۈپ قىسسە – داستانلارغا ئايلانغان ،شائىر – يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىدە تەكرار – تەكرا پۈتۈلگەن.دېمەك: مۇھەببەت ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق بۈيۈكلۈكى ،سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدىنى  ئىللىتىپ، ئۇنىڭغا كۈچ – قوۋۋەت بېغىشلاپ،،بۇ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللىككە ،رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان ۋە ئىنسانىيەت مەنىۋىيتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان .چۈنكى، يىگىت – قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بىر خىل تەبىئىي قانۇنىيەت،ئۆچۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان يالقۇن،شۇنداقلا ئوغۇل – قىزلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ يارقىن ئىپادىسى .شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى،مۇھەببەت ئىككى ساپ قەلىبنىڭ قوشۇلىشىدۇر.مۇنداق مۇھەببەت مەجبۇرىيەت ،ئەخلاق ئەقىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇ، قۇۋلۇق- شۇملۇق،مەككارلىق،ساختىلىقىنى ھەرگىز كۆتەرمەيدۇ.ۋىسالغا يىتىش ئۈچۈن ،ساپ، سەمىمىي،ئۆزگەرمەس قەلىب كېرەك.بۇ خىسلەتلەر كەم بولدىكەن ،يارنىڭ ۋىسالىغا يەتكلى بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن،سىز مۇھەببەتنى ھاۋايى- ھەۋەسنى بېسىشى،يەنى كۆڭۈل خۇمارنى چىقىرىش دەپ چۈشەنمەستىن، ئۇلۇغ مەقسەت يولدا بىر – بىرگە ھەمنەپەس بولۇش ۋە ئۆمۈر بۇيى بىر – بىرىگە سادىق بولۇپ ئۆتۈش دەپ چۈشىنىشىڭىز كېرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش