|
|
|
|
رۇزا ھېيىت پائالىيەتلىرى
رۇزى ھېيىت يەنە پىتىر ھېيىت،زاكات ھېيىت دەپمۇ ئاتىلدۇ.بۇ رۇزى ھېيىت خەلقئارالىق ھېيىت بولۇپ ،دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدۇ .ئىسلام دىنننىڭ بەش پەرىزىنىڭ بىرى .ھەر يىلى رۇرا ئېيىدا مۇسۇلمانلار بىر ئاي روزا تۇتىدۇ .بۇ ھىجىريە 2-يىلى شەۋۋال ئېيىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان .روزا ۋاقتىدا زولۇق يەپ ،كەچتە كۈن تولۇق پاتقاندىن كىيىن ئېغىز ئاچىدۇ .مۇشۇ 30 كۈن ئىچىدە ،كەمبىغەل ،يىتىم-يىسىرلاغا ،تۇل خۇتۇنلارغا ،مىسكىنلەرگە ۋە باشقا قىيىنچىلىقى بار تۇققانلارغا مال-مۇلۇكنىڭ 40تىن بىرىنى ئايرىپ خۇپىيانە ھالدا ياردەم قىلىپ ،ئۇلارغا برىدۇ .بۇنىڭ بەك نازۇك ئولچەم قائىدىلىرى بار.
زۇرا ئېيىدا ھەر بىر جان بېشىغا پىتىر ھەققى بىرىش بۇيرىلغان بولۇپ ،ئۇنىڭدا باي ،كەمبەغەل دىگەن شەرىت قۇيۇلمايدۇ. بۇنىڭدا شۇ رايۇننىڭ پۇلنىڭ قىممىتىگە قاراپ بىر يۈەندىن تارتىپ 100يۈەن،مىڭ يۈەن بىرىش چەكلەنمەيدۇ.
ھېيىت پائالىيەتلىرى
ھېيىت نامىزى ئۇقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ،كىشلەر ھېيىت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىندۇ .بىر-بىرنىڭ ھېيىتنى تەبرىكلىشىدۇ .نۇرغۇن ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئۆتكۇزىلىدۇ.ھەرخىل مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ،ساما پائالىيەتلىرى ،ھېيىتلاش پائالىياتلىرى بولدۇ .بارلىق ئائىلىلەردە ھېيىتلىق داستىخان راسلىندۇ .ھېيىتلىق كىيىملەر كىيىلدۇ .ئازارلىشىپ قالغانلار ئەپلىشىدۇ .بۇلۇپمۇ رامزان ئېيدىن بۇرۇن ئاداۋەتنى يۇيۇش ،ئەپلىشىش دەۋەت قىلىندۇ .بۇ ھېيىت ئۆز-ئارا كۆيۇنۇش ،ياردەم بىرىش ،نامراتلارغا غەمخۇرلۇق قىلىشتەك خەيرى -ساخاۋەت بايرىمى بولۇپ قالدۇ.
ھېيىتنىڭ خاسىيىتى
ھېيىت مەسۇمىدا پۇتۇن ئائىلىلەردە بىر قېتىملىق چوڭ تازلىق ئېلىپ بېرىلدۇ ،ئۆيدىكى كىگىز-گېلەم قاتارلىق بىساتلار پاكىز تازلىنىدۇ،ئۆي تۇرۇسلىرى ،ئەينەكلەر ،ھويلا-ئارام ئىشىك ئالدىلىرى كەڭ كۆلەملىك تازلىندۇ .كىر-قاتلار يۇيۇلدۇ .ھەممە ئادەم ھاممامغا چۈشۈپ يۇيۇندۇ . قىزلار ئوسما قۇيۇپ شەخسى تازلىقىنى قىلىشىپ ھېيىتقا ھازىرلىندۇ .بۇ تازلىققا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ .شۇنداق قىلىپ ،ھېيىت پاكىزلىق ئېلىپ كىلدۇ .
ھېيىتلىق ساڭزىلار سېلىنىدۇ ،پىچىنە -پىرەنىكلەر سېلىنىدۇ ۋە باشقا تۇرلۇك نازۇنېمەتلەر تىزىلىپ ھېيىتلىق ھازىرلىندۇ.ھېيىتتىن بۇرۇن ئازارلىشىپ قالغانلار ئەپلىشدۇ ،ئاداۋەت يۇيۇلدۇ .شۇنداق قىلىپ ھېيىت ئىناقلىق ،ئىتتىپاقلىق ئېلىپ كىلدۇ .ھېيىتلىرىمىزدا كىشلەر ئۆز-ئارا مىھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ .ئۆز ئارا كۆيۇندۇ .بىر-بىرگە ياردەم بىرىدۇ .ئۇرۇشمايدۇ ،تىللاشمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ھېيىت ئارقىلىق كىشلەر ئىناقلىق،ئىتتىپاقلىقنىڭ ،ئۆز ئارا كۆيۇنۇشنىڭ خاسىيىتىنى ھېس قىلدۇ .
ھېيىتتا كىشلەر ھېيىتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قائىدە-يوسۇنلارغا بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ،ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولدۇ.
ھېيىتتا بۇزۇلغان ئائىلىلەر يارىشىدۇ ،يامانلىغان كىشىلەر قايتۇرۇلۇپ كىلىندۇ . شۇنىڭ بىلەن ھېيىتنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ ئالدى ئېلىندۇ. باللار يىتىم بولمايدۇ .
شۇنداق ،ھېيىتتا ھەممە ئادەمنىڭ چىھرىدە خوشاللىق ۋە بەخىت جىلۋىسى چاقنايدۇ. ھېيىت خوشاللىق ،كۈلكە ،گۈزەللىك ئېلىپ كىلدۇ ، پاكىزلىق ،ساغلاملىق ئېلىپ كېلدۇ ،ۋاپادارلىق ،ساداقەتكە ئۈندەيدۇ .كىشلەر ھېيىتتىكى بۇ كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىدىن ھەممە ۋاقىتتا خەلقىمىز مانا مۇشۇنداق مىھىربان ،كۆيۇمچان ،ئەدەپلىك ،ئەخلاقلىق ،پاكىز،تەرتىپلىك بولسا نىمىدىگەن ياخشى دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.
مەنبە:«يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق» نىڭ «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز» دىگەن كىتاب.58-59-60-بەتلەر.
مۇنبەرگە يوللۇغۇچى:ئەلشىر بەگ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alxir.bag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-19 01:41 AM
|
|
|
|
|
|