ئىشخانا ئەخلاقى توغىرسىدا يۈرەك سۆزۈم
ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى
كۆپ يىللىق خىزمەت ئەمەلىيتىدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى ، مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ياكى ئادەتتىكى كەنىت كادىرى بولسۇن ، ئىشخانىدا يۈرۈش - تۇرۇش ، گەپ سۆز ، ئۆز ئارا مۇئامىلە قاتارلىقلاردا بەلگىلىك قائىدە - يوسۇن ۋە ئەدەب - ئەخلاق بىلەن ئۆزىنىڭ سۆز ھەركىتىنى چەكلەپ تۇرىشى ، كۆپچىلىككە ياخشى تەسىر بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر . چۈنكى بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىزنىڭ ئومۇمى ساپايىڭىزنى كۆرسىتىدۇ .
1 - ھەر كۈنى ئەتتىگىنى ئىشقا كېلىپ خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن سالاملىشىپ ، سالامەتلىك ئەھۋالنى قىسقىچە سوراڭ . چۈنكى بۈگۈن بار ئادەم ئەتە يوق ................ ئۆلۈم قىرىغىمۇ ياشقىمۇ ھەممەيلەنگە بار . ھەم بىز بۇ خىزمەتنى مەڭگۈ ئىشلىمەسلىكىمىز مۇمكىن ..... مەڭگۈ باشلىق بولماسلىقىمىز مۇمكىن ...................... ؟؟؟؟
2 - ئىشقا كىلىپلا ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىنى رەتلەپ ، يىغىشتۇرۇپ ۋە پاكىز سۈرۈتۈپ ، ئەخلەتلەرنى تېگىشلىك ئورۇنغا يۆتكىۋېتىڭ . دېرىزە ئىشىكلەرنى ئېچىپ . ئىشخانىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۋېتىڭ . بولمىسا سىرىتتىن كىرگەن كىشى ئىشخانىنىڭ ئىچىگە قاراپ سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزنى تەرتىپسىز ئوخشايدۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن .
3 - خىزمەتداشلىرىڭىز خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ئىشلىرىڭىزنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە ھېكايە قىلىپ سۆزلىمەڭ ياكى باشقا تونۇش - بىلىشلىرىڭىزنى ئىشخانىغا باشلاپ ، ئۇلار بىلەن ئۇزاققىچە پاراڭ سالماڭ . ئۇنداق قىلسىڭىز خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ زېھنى چېچىلىپ ، خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ .
4 - ئىشخانىدا شۆپۈكلۈك نەرسىلەرنى يەپ ، شۆپۈكنى قالايمىقان تاشلاش ياكى ىسرىتتىن تاماق ئەكىرىپ يېيېش بىرخىل مەدەنىيەتسىزلىك ، شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ
5 - كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغان چاغدا ئىشخانىڭىزدىكى ئىشىك ۋە ئۈستەل تارىتمىللىرىنى قاتتىق يېپىپ - ئىچىپ ، باشقىلارغا دوق قىلىشتىن ساقلىنىڭ .
6 - بىرەر ئىش بىلەن خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرمەكچى بولسىڭىز ، ئىشىكنى چېكىپ ، رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن كىرىڭ . باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ .
7 - خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ سىزگە ھاجىتى چۈشۈپ قالسا ، قولىڭىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلىڭ . ئەگەر قولىڭىزدىن كەلمىسە ، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ توغرا مەسلىھەت بىرىڭ .
8 - خىزمەتداشلىرىڭىزغا چاقچاق قىلغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا ، شەخسىيتىگە تىگىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلماڭ .
9 - كىيىم - كېچەكلىرىڭىز رەتلىك ، پاكىز بولسۇن ، چاكىنا ، خىزمەت دائىرىڭىزگە ماس كەلمەيدىغان كىيىملەرنى كىيمەڭ . << بولۇپمۇ خانىم قىزلار ئاياللىق نازاكىتىمنى ئىپادىلەيىتتىم دەپ يىرىم - يالىڭاچ ، كالتە - كۇسەر كىيىملەرنى كىيمەڭ . بەدەنلىرىڭىز تولۇق يۆگەلسە باشقىلار بەكرەك دىققەت قىلىشى مۇمكىن ..................................؟؟؟ >> روھلۇق ، ئوچۇق- يورۇق چىقىشقاق بولۇڭ . شۇنداق قىلغاندىلا خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز .
خوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنىتدىن
ئىمىنجان ھىدايەت
2012 - يىل 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-19 12:34 AM