بەلكىم، بۇ قىز ئون سەككىز ياشتا....
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئۈرۈمچىنىڭ شەيتان كوچىسى،
ئېزىپ قالدىم تۈندە سەيياھتەك.
ئۇچراپ قالدى خىلۋەتتە بىر قىز،
بوران سوققان يۇمران گىياھتەك.
تونالمىدىم ئۇنى مەن باشتا،
بەلكىم، بۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.
لەۋلىرىدىن تۆكۈلەر كۈلكە،
چىرايىدا مەستخۇش تەبەسسۇم.
ئۇ قەلبىمگە چەكسىز يېقىنلاپ،
ئېلىپ كېلەر بىر پارچە گۇگۇم.
نىگاھلىرىم ئۆڭگەن قۇياشتا،
بەلكىم، بۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.
سۈكۈتلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا،
قىزچاق، تۈن ۋە بەك يىراق بوشلۇق.
قىن-قىنىڭدا ئىپپەتلىك زېمىن،
بۈيۈك ئازاب دەۋرەيدۇ ئۇلۇق.
سارغۇچ بەختى كۆكلەر كۆز ياشتا،
بەلكىم، بۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.
يان كوچىغا قايرىلدىم تالاي،
سىغدۇرالماس ئازابنى تۆت تام.
كېلەر بىرسى ئەلەڭگۈپ مەندەك،
قىلالماس ھەم خىياللارنى رام.
ئۇچراتقانمەن ھېلى دوقمۇشتا،
بەلكىم، بۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.
تەنھالىقى جىمجىت قەلبىمدە،
بۆشۈكتەكلا چوڭلۇقتا خانەم.
شىۋىرلىدى ئاھ، ئۇندا بىرسى:
ئازابلارغا لىقتۇر پىيالەم.....
تونۇۋالدىم بىرلا قاراشتا،
يەنە شۇقىز، ئون سەككىز ياشتا.
يىگىتلىكتە ئەسەبىي ئىستەك،
ئېرىپ كېتەر يۈرەك شۇۋۇلۇپ.
بىر دەھشەتتىن ئۆلدى ھاياجان،
سەبىي قىزدەك قالدىم ئۇيۇلۇپ.
تىترەپ كەتتىم چوغدەك چاقناشتا،
چۈنكى، بۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.
سوقار نىمجان ۋاقىت يۈرىكى،
دەقىقىلەر ئارا قىيامەت.
خوش،ھەي شەيتان، پىلسىرات، قىزچاق،
ماڭا پىنھان بەرمە بىشارەت.
خىلۋەت كوچا قالدى ئىڭراشتا،
قالدى ئۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.
ئەرۋاھمۇ بۇ ۋە يا كۆلەڭگەم؟
تۇرار بىرسى ئالدىمدا ئەسنەپ.
بەتتام كەيپ، غەرق مەست پېتى،
كەلدى يەنە قەلبىمگە دەسسەپ.
تۈن ئۇزىدى مېنى ماراشتا،
بەلكىم، بۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.
كۆزلىرىدىن تۇرىدۇ ئوخچۇپ،
تۈندە يانغان شەھۋەت گۈلخېنى.
بولالمىدىم ئاڭا خېرىدار،
بار ئۇنىڭدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى!...
پىچىرلىدىم قەلبىمگە ئاستا:
بەلكىم، بۇ قىز ئون سەككىز ياشتا....
1998-يىلى، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 09:33 PM