ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى،روزا ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بۈڭۈن بۇ تېمىنى ھېيىتلىق سۈپىتىدە مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.............
ئامرىكا باللار باغچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا يازغان خېتى
خەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ باللارغا مۇئامىلە قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلىرى باللار تىلىدىن بېرىلدى:
1. مېنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىۋەتمەڭلار.ھەممىلا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ، غەۋە قىلىپ سىلەرنى "رايىمغا باقامدۇ ؟" دەپ سىناپ باقىمەن.
2. ماڭا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتىن ئەنسىرىمەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۆزۈمنى بىخەتەر ھېس قىلىمەن.
3. مەندە يامان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ قويماڭلار.بالىلىقىمدا ياخشى-يامان، توغرا خاتانى پەقەت سىلەرگە تايىنىپ پەرىقلەندۈرىمەن.
4. ماڭا يېشىمغا لايىق مۇئامىلە قىلىڭلار،ئۇنداق بولمىغاندا ئالدىڭلاردا قەستەن ئەخمەق بولىۋالىمەن.
5. مېنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىمەڭلار،يۈزۈم چۈشۈپ كېتىپ سىلەر بىلەن قارشىلىشىپ قالىمەن.ئاستىرىتتىن ئەسكەرتىپ قويساڭلار ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
6. خاتالىق ئۆتكۈزسەم جىنايەت ئۆتكۈزگەندەك مۇئامىلە قىلماڭلار، بولمىسا ھاياتقا بولغان قىزىقىشىمنى يوقىتىۋىتسىلەر.
7. "سىلەرگە ئۆچ دىگەنلىرىمنى كۆڭلۈڭلەرگە ئالماڭلار،ئۆچ بولغىنىم سىلەر ئەمەس، بەلكى سىلەر ماڭا يۈكلىگەن تۈگىمەس بېسىملار.
8. مېنى ھەددىدىن زىيادە قانات ئاستىڭلارغا ئېلىۋالماڭلار،كۆپ ھاللاردا جاپالىق ئۆگىنىش جەريانلىرىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈشكە موھتاجمەن.
9. ئۇششاق-تۈششەك كىسەللىكلىرىمگە پىسەنىت قىلىپ كەتمەڭلار،مەن پەقەت سىلەرنىڭ غەمخورلۇقۇڭلارغا ئېرىشىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
10. توختىماي كوتۇلدىماڭلار، بولمىسا گاس-گاچا بولىۋالىمەن.
11. ۋەدەڭلەرگەئەمەل قىلىڭلار، ئەگەر ۋەدەڭلەردە تۇرالمىساڭلار كۆڭلۈم ئازار يەيدۇ، سىلەرگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىمەن
12. گەرچە بەزىدە تەپسىلى چۈشۈندۈرۈپ بېرەلمىسەممۇ،بەزى چاغلاردا مەن خېلى ئەقىللىق.
13. بەك سەمىمى بولۇشنى ئۈمۈت قىلماڭلار،مەنمۇ قورققىنىمدا ئاسانلا يالغان سۆزلەپ قويىمەن.
14. مېنى باشقۇرغاندا باشتىن ئاخىر بىردەك بولۇڭلار، گۇمانلاندۇرۇپ قويساڭلار سىلەرگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىمەن.
15. مەن سوئال سورىغاندا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋەتمەڭلار،جاۋاپ بېرىشتىن باش تاتماڭلار، ئۇنداق بولمىغاندا سوئال سوراشنى توختىتىمەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جاۋاپ ئىزدەشكە مەجبۇر بولىمەن.
16. مېنىڭ قورقۇنچاقلىقىمنى مازاق قىلماڭلار، سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا ئويلاپ باقساڭلار، ئەينى چاغدا مېنى قانچىلىك سۈر باسقانلىقىنى بىلەلەيسىلەر.
17. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈ توغرا، كەم-كۈتىسىز كۆرسەتمەڭلار،ئەمەلى ئەھۋال ئۇنداق بولماي قالسا ماڭا بەك زەربە بولۇپ قالىدۇ.
18. مەندىن كەچۈرۈم سوراشنى ئابرۇيۇڭلارنى چۈسۈرۈش دەپ ئويلاپ قالماڭلار، سەمىمىلىك بىلەن بىلەن سورالغان كەچۈرۈم ئارىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ، سىلەرگە بولغان ھۆرمىتىمنى تېخمۇ ئاشۇرىدۇ.
19. ھەر قانداق ئىشنى ئۆزۈم بىۋاستە سىناپ بېقىشنى بەكمۇ خالايمەن ،ئەكىسچە سىلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئېيتىپ بېرىشىڭلارنى خالىمايمەن.
20. مېنىڭ تېزلا چوڭ بولىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. بىللە چوڭ بولۇش سىلەرگە تەس كەلسىمۇ، سىناپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
تەرمىلەر ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.