نەپرەت2009 دىن تورداشلارغا ئايەملىك سوۋغات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، رامزان ئېيى ئاخىرلىشىپ، مانا روزى ھېيتمۇ كېلىپ قالدى، ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
توردا يۈرگىلى شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ، ھەر قېتىم ھېيت كەلگەندە ئېغىزدىلا تەبرىكلەپ قويۇپ، ئەمەلىي بىرەر سوۋغات تەييارلاپ باقماپتىمەن، بۇ قېتىم تورداشلارنىڭ ئايىمىنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن ئىككى سوۋغات تەييارلىدىم:
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم-سۇيقەست
http://shahblog.net/?p=2580
بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى ئېنگىلىزچە ئىسمى «Syriana» بولۇپ، كىنونىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن «سۇيقەست» دەپ ئىسىم قويدۇم. رېژىسسورى:ستېفېن گاھان (Stephen Gaghan )، فىلىم ئۇزۇنلۇقى 127 مىنۇت، 2004-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان.
مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاپتورى بولغان (Robert Baer) روبېرت 1976-يىلدىن 1997-يىلغىچە خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن ئىراق، تاجىكىستان، لىۋان قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا تۇرغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مەخپى ھەرىكەتلەرنىڭ بىۋاستە شاھىدى بولغان ھەم نۇرغۇنلىغان خاتا ئېلىپ بېرىلغان تۈزۈلمىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، روبېرىت كېيىنكى يىللىرى مۇشۇ ئەسلىمىلىرى ئاساسىدا «رەزىللىككە قارىماسلىق، CIA تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېپىدىكى كونا ئەسكەرنىڭ خاتىرىسى» ناملىق ئەسلىمىنى يېزىپ چىققان، بۇ فىلىم مۇشۇ ئەسلىمە ئاساسىدا ئىشلەنگەن.
مەن بۇ كىنونى 2007-يىلى تاسادىپىي كۆرۈپ قالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن خېلى كۈنلەرگە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ كەتتىم. بۇرۇنمۇ مېنى ھاياجانغا سالغان نۇرغۇن داڭلىق كىنولارنى كۆرگەن، لېكىن مېنى مۇنچىلىك ئويغا سالغان كىنونى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. بۇ كىنودا دىن، سىياسىي، نېفىت، زەھەر، قورال-ياراغ سودىسى، غەرب دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق نېفىتىنى تالىشىشى، ئوتتۇرا شەرق پادىشاھ جەمەتىدىكى ئىشلار...قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلار ئەكس ئەتكەن. كېيىن شۇنچە كۈتكەن بولساممۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىقمىدى، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر ئىشلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، مېنىڭمۇ بۇ كىنو تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، تورداشلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇش ئويىدا بولۇپ كەلگەن. يېقىندا شاھ ئۇيغۇر بلوگى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇنجى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمىم «ئاپاچ ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ كىنونى قەتئىي تەرجىمە قىلىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم.
شۇنداق قىلىپ شاھ بلوگى بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلىقىمىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى، مېنىڭمۇ تورداشلارغا ئايەملىك سوۋغات بېرىش ئارزۇيۇممۇ ئەمەلگە ئاشتى. مەزكۇر كىنونى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئېلان قىلىشقا ياردەم بەرگەن شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!
تورداشلارنىڭ بىكار ۋاقىتلىرىدا ھېيتلىق تەييارلىغان سوۋغىتىمنى كۆرۈپ چىقىشىنى ۋە ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
تۇنجى تەرجىمە كىتابىم-«چوڭ شاھمات تاختىسى» نى ئېلان قىلىش تاماملاندى
تەرجىمە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئىستراتىگىيىچىسى،جۇغراپىيىۋى سىياسەتچىسى، سوۋىت ئىتتىپاقىنى يىمىرىپ تاشلاشنىڭ ئىستراتىگىيىلىك نەزەرىيە ئاساسىنى ياراتقۇچىسى زېبىگنېۋ برزېنسكىينىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرى «چوڭ شاھمات تاختىسى» (ياكى بۈيۈك شاھمات تاختىسى) نى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. روزى ھېيتقا ئۈلگەرتىپ، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى توردا يوللاشنى تاماملىدىم. بۇ كىتاب خالىسانە تەرجىمە قىلىندى ھەمدە باغداش تورىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلان قىلىندى.
بۇ كىتابنى ئېنگىلىزچە نەشىرى ۋە شاڭخەي ئەسىر نەشىرىياتچىلىق گۇرۇھى نەشىر قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسىغا ئاساسەن بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ تەرجىمە قىلدىم. كىتاب جەمئىي يەتتە باب بولۇپ،ئالتىنچى بابىدىكى تىيەنئەنمىن ۋەقەسىگە ئالاقىدار مەزمونلار(جەمئىي بىر بەت ئەتراپىدا ھەمدە پۈتكۈل ئەسەر مەزمۇنىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ) بولغاچقا، جۇڭگونىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا ئاساسەن، خەنزۇچە نۇسخىسىدا بۇ جايلىرى چىقىرىپ تاشلانغان، شۇڭا مەنمۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بۇ جايلىرىنى تەرجىمە قىلمىدىم. قالغان جايلىرى ئېنگىلىزچە نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش.
مەزكۇر كىتابتا ئىنتايىن قايىل قىلارلىق تەھلىللەر بولۇپ، ھەقىقەتەن ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ، مىسرانداشلارنىڭمۇ بىر ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قوشۇمچە قىلىپ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىنى يوللاپ قويدۇم: http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=9110&fpage=0&page=1
بىرىنچى باب: يېڭىچە زومىگەرلىك
يەر شارىۋى يۈكسەك ئورۇنغا تۇتىشىدىغان قىسقا يول
تۇنجى يەر شارىۋى چوڭ دۆلەت
ئامېرىكىنىڭ يەر شارىۋى سىستېمىسى
ئىككىنچى باب: ياۋروئاسىيا چوڭ شاھمىتى
جۇغراپىيىۋى سىياسەت ۋە جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيە
جۇغراپىيۋى ئىستراتىگىيىلىك شاھماتچىلار ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسەتتىكى ئوق مەركەز دۆلەتلىرى
ھەل قىلغۇچ تاللاش ۋە يوشۇرۇن خىرىس ئۈچىنچى باب: دېموكراتىيە قاراۋۇلخانىسى
سەلتەنەت ۋە ھۆرلۈك
ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي نىشانى
ياۋروپانىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ۋاقىت جەدىۋىلى تۆتىنچى باب: قاراڭغۇ ئۆڭكۈر
روسىيەنىڭ يېڭى جۇغراپىيىۋى سىياسەت مۇھىتى
جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيىدىكى تۈرلۈك خىياللار
بىر تاللاشتىكى ئىككى مۈشكۇلات بەشىنچى باب: ياۋروئاسىيا قۇرۇقلىقىدىكى بالقان
مىللەتلەر داشقازىنى
كۆپ قىرلىق رىقابەت
ھەم ئىدارە قىلماسلىق ھەم چەتكە قاقماسلىق ئالتىنچى باب: يىراق شەرق لەڭگىرى
جۇڭگو يەر شارىۋى دۆلەت ئەمەس بەلكى رايونلۇق دۆلەت
ياپونىيە رايونلۇق ئەمەس بەلكى خەلقئارالىق دۆلەت
ئامېرىكا جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيىسىنىڭ تەڭشىلىشى يەتتىنچى باب: خۇلاسە
ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيىسى
ياۋروئاسىيانى ھالقىغان بىخەتەرلىك سىستېمىسى
ئەڭ ئاخىرقى يەر شارىۋى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتتىن كېيىن
ئاز بولسىمۇ تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىنى، روزى ھېيتىغا زوق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
|