|
|
|
|
مانا ئۇلۇغ روزى ھېيتتىمىز كېلىۋاتىدۇ . ئەتە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئالەمچە شادلىقتا بۇ ئۇلۇغ كۈننى كۈتىۋالىدۇ . مەنمۇ شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى . ئەتە ھېيت ئانا، دادا !بىراق سىلەر مەڭگۈ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلىيالمايسىلەر. مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتكە تولغان ھېيت پەسلىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىكەنمەن . سىلەر بار چاغدىكى بۈگۈنكى كۈن قانداق كۆڭۈللۈك ئىدى ھە، ئانا ... " بالام ساڭزىلىرىڭ تەييار بولدى ، ئەكىتىۋالامسەن؟ " دېگىنىڭدە ، ئۆيۈڭگە بارسام قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ، ھەممىمىز ئەتراپىڭدا قۇياشنىڭ سەييارىلىرىدەك پىرقىراپ يۈرسەك خوشاللىقىڭدىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالاتتىڭ . ئۆيىمىزدىن كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى ... ماڭىدىغان چېغىمىزدا ھەممىمىزنىڭ داستىخىنىغا ئاتىغانلىرىڭنى بېرەتتىڭ ، پەقەتلا ئايرىلغۇڭ كەلمەي قارىمىز يۈتكىچە ئارقىمىزدىن تويماي قارايتىڭ ئەمەسمۇ ئانا.. مەن يېتىمنىڭ ، غېرىپچىلىقنىڭ نېمىلىگىنى سەن ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا ھەقىقى مەنىسى بىلەن بىلدىم . سەن كېتىپ بىز دادام بىلەن بىر نەچچە يىل ياشاشقا مۇيەسسەر بولۇپتۇق . دادام ئاجايىپ قەيسەر ئادەم ئىدى . ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنداق ياشىدى . تۇرمۇشقا قانداق مەردانە مۇئامىلە قىلغان بولسا ئۆلۈمگىمۇ شۇنداق مەردانە مۇئامىلە قىلغانىدى ... ئاپا مانا قەبرەڭنى ھىدلاپ ئولتۇرۇپتىمەن ، كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۆكۈلمەكتە ، ئۆزۈمنى قانچە تۇتۇۋالساممۇ ئۇنى كونتىرول قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن . مەنمۇ ئۆزۈمنى بەرداشلىق ، چىداملىق ھېسابلايتتىم ، ھەم شۇنداق ئىدىم دېسەممۇ بولىدۇ . ئەمما سېنى ئويلىغىنىمدا، سېنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا ھەممە قەيسەر، چىداملىقلىرىم بىراقلا غايىپ بولۇپ شۇنچىلىك بىچارە- مىسكىنلىشىپ ، يىغلاڭغۇلىشىپ كېتىمەنكى ... نېمىسىنى ئېيتاي ، قولۇمدىن شۇ ئىشلا كېلىدىكەن . مەن ئۆلۈمنىڭ دەھشەتلىكلىكىنى سېنىڭ ۋاپاتىڭدىن بىلدىم . دۇنيادا ئەڭ سۆيۈملۈك ھەمراھىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى چۈشەندىم . دۇنيادىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق تائامنىڭ ئانىسى ئېتىپ بەرگەن تائاملىقىنى، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل چىراينىڭ ئانىنىڭ چىرايى ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى ئەڭ ياڭراق ئاۋازنىڭ ئانىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىگىنى، دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئېيتىلىدىغان سۆزنىڭ ئانا ئىكەنلىگىنى، دۇنيادىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق پاراڭنىڭ ئانىسى بىلەن قىلىشقان پاراڭ ئىكەنلىگىنى ، دۇنيادا سېنى ھىچ ۋاقىت ئەستىن چىقارمايدىغان ئادەمنىڭ ئانا ئىكەنلىگىنى ، دۇنيادىكى ئەڭ سەمىمى قاراشنىڭ ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان قارىشى ئىكەنلىگىنى ، دۇنيادىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق چېغىڭ ئاناڭنىڭ ھايات يېنىڭدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ، بۇ دۇنيادىكى بالدۇر ئېرىشكەن جەننەتنىڭ ئانا ئىكەنلىگىنى ، ئانىسىدىن ئايرىلىشنىڭ تىرىكلىكتىكى دوزاق ئازابى ئىكەنلىگىنى بىلدىم . مېنىڭ ھەممە نەرسەم تەل ئىدى، بىراق ئانام- دادام يوق. بۇ يوقلۇق ھاياتىمدىكى بارلىق يوقلۇقلارنى بېسىپ چۈشىۋاتىدۇ . بىر غېرىپلىق، تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان، بەرداشلىق بېرىش ناھايىتى تەس بىر خىل غېرىپلىق قەلبىمنى غاجىلىماقتا . بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئۇلۇغ ھېيت ھارپىسىدا.. ئەتە دوستلىرىم ئانىلىرى بىلەن ھاياتىدىكى ئەڭ بەختلىك چاغلىرىنى ئۆتكۈزۋاتقاندا مەن بارىدىغان يەر تاپالماي يىغلايتتىم ، ھېلىقى غېرىپلىق مېنى مۇشۇنداق ئۇلۇغ خوشاللىق كۈنلەردە يەتكۈچە ئازاپلايتتى ، نەگە بېرىشىمنى بىلمەيتتىم . باشقىلار ھېيتلىق سەنئەت نومىرلىرىدىن ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىۋاتقاندا مەن كۆزلىرىمدىكى ياشلىرىم بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بولاتتىم . ئانا ... ئانا ... (سادا يوق.) غېرىپلىق مېنى پارچە-پارچە قىلىپ يېمەكتە..ئانا سېنى ئۆلمەيدىغاندەك ھېس قىلغان ئىكەنمەن . ئەتراپىمدا ئۆلۈملەر بولۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ يەرلەرگە بېرىپ تۇرساممۇ ، بىر كۈنلەردە يۇرت جامائەتلىرىنىڭ " ئايزىم ئاپپاي تۈگەپ كېتىپتۇ، نىزام مۇئەللىم تۈگەپ كېتىپتۇ ' دەپ بىزنىڭ ئۆيگىمۇ يوپۇرۇلۇپ كېلىشىنى زىنھار خىيالىمغا ئېلىپ باقماپتىمەن ، ئانا، دادا، نېمىدىگەن غەپلەت باسقان ھە بالاڭنى . ئەتە قانداقمۇ قىلارمەن ؟ بۈگۈندىن باشلاپلا تۆكۈلگىلى تۇردى بۇ ياشلار.. نېمىدىگەن چىدۇغۇسىز غېرىپلىق ، ھەي ھېيت ھارپىسىدىكى غېرىپلىق . .. ھېيت ھارپىسىدىكى غىرىپلىقنىڭ سىنىقىغا ئۇچرىمىغان دوستلىرىم بەخت كانىڭلار بولغان ئاناڭلانىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىڭلار ، ھېيت ھارپىسىدىكى، ھېيتتىكى غېرىپلىق ھەممىمىزدىن يىراق بولغاي....
ئەمما يوغان ھويلاڭنى ماختايسەن ، كۆرۈنمەيدۇ ئاناڭ ئەمما ،
ئاناڭ يوق ھويلىغا ئەسلا ياراشماپتۇ باراڭ ئەمما .
پىشۇرساڭ تۇتسىمۇ قايماق گويا ناندەك قېلىنلىقتا ،
ئاناڭغا بەرمىگەن سۈتتىن ئەمەس رازى كالاڭ ، ئەمما .
مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرىدىن پارچە . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 05:09 PM
|
|
|
|
|
|