ھېيىت خوشاللىقى ۋە بۇ ھېيىتنى كۈتىۋېلىش تەرتىپلىرى
بارلىق گۈزەل ماختاشلار، كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە بارچە ساھابىلىرىگە بولسۇن.
ئىسلام دىنىمىزدا بارچە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۈيۈك خوشاللىق كۈن قىلىپ بەلگىلەنگن مۇبارەك "ھېيىت" كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى. بۇ مۇبارەك كۈننى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا كۈتىۋېلىش ۋە بۇ كۈندىكى ئىككى رەكەئەت ھېيىت نامىزىنى جامائەت بىرلىكىدە ئۇقۇش بالاغەتكە يەتكەن ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپتۇر. ھېيىتنىڭ بىرىنجى كۈنىدە بولسا ئەتىگەن تۇرۇش، غۇسۇل ـ تاھارەت ئېلىش، مىسۋاك قىلىش (چىشلىرىمىزنى پاكىزە تازلاش) ، خۇشبۇي پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، يېڭى ۋە پاكىزە كىيىملەرنى كىيىش، ئۈزۈك تاقاش قاتارلىق ئىپادىلەر بىلەن خۇش-تەبەسسۇم ئىلكىدە، بۇ مۇبارەك ھېيىت كۈنى بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك مەرىكىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ۋە ناھايىتى قىزغىنلىق كەيپىيات بىلەن كۈتىۋەلىش سۈننەتتۇر.
ھېيىت كۈنىدە بولسا ئۇچرىغان كىشىلەرگە خۇش-تەبەسسۇم بىلەن سالام قىلىش، پېقىر-مىسكىنلەرگە كۆپ سەدىقە بېرىش، ئىسلامغا توغرا خىزمەت قىلغانلارغا ياردەم بېرىش، ئۆز-ئارا زىددىيەتتىكىلەرنى ياراشتۇرۇش، ئۇرغ-تۇققانلارنى ۋە دىنى قېرىنداشلارنى يوقلاپ بېرىش، ئۇلارغا سوغا-سالاملارنى ئاپىرىش سۈننەتدۇر.
ھېيىت كېچىسىنى بولسا ، ئاللاھ خۇرسەن بۇلىدىغان (ئىبادەت) ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بۈيۈك مۇكاپاتلارغا ئەرىشىدىغانلىقى كىتاپلاردا كۆرسۈتۈلگەن.
ھەدىس شېرىپتا_ (ئىككى ھېيىت كېچىسىنى ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ قەلبى، ئۇ كىشىنىڭ تېنى ئۆلگەن كۈنىدىمۇ ئۆلمەيدۇ دىيىلگەن). بۇ مۇبارەك كۈنىدە ئۆز-ئارا ئاداۋەت ساقلىغۇچىلار بولسا دەرھال يارىشىۋېلىشى زۈرۈلدۇر.
چۈنكى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەرگىزمۇ ئادەملەرنىڭ ئېيىپلىرىغا قارىمايدۇ ۋە كەڭ قۇساق، كىچىك پىئىل بۇلىدۇكى ھەرگىزمۇ مەنمەنلىك قىلمايدۇ.
ھەقىقى مۇئىمىن ـ كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بۇلىدۇ، باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمەيدۇ ۋە باشقىلاردىن ئەزىيەت كېلىدىغان ئىشلارنىمۇ سادىر قىلمايدۇ. ئەگەر باشقىلاردىن ئەزىيەت كەلسە دىنى قەرىنداشلىقنى ئۈستۈن ئورۇندا قۇياپ تۇرۇپ ئۇلارنى كەچۈرۋېتىدۇكى ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. ئاداۋەت ساقلاش توغرا كەلگەندە ھەرگىزمۇ ئۈچ كۈندىن ئاشماسلىق كېرەك.
ئەگەر بىرەر مۇسۇلمان ھېيىت كۈنىگىچە ئاداۋەت ساقلانغان بولسا ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن دەرھال ئۆز-ئارا يارىشىۋېلىش لازىم.
ھەدىس شېرىپتا_ ( بىر-بىرىڭلار بىلەن مېرى-شەپقەتلىك بۇلۇڭلار، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنى ئۈزمەڭلار، بىر-بىرىڭلار بىلەن ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشمەڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھەسەتخورلۇق قىلماڭلار، ئېي ئاللاھنىڭ قۇللىرى ! ئۆز-ئارا قەرىنداش بۇلۇڭلار) دىيىلگەن . يانا ھەدىس شېرىپتا_ ( بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىشى ھارامدۇر، مۇسۇلمانغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىغان كىشى جەھەننەمگە كىرىدۇ) ( ئۆز-ئارا ئاداۋىتى بولغان ئىككى كىشىنىڭ قايسى بۇرۇن ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ يەنە بىرسىگە بۇرۇن سالام قىلىپ ياراشسا گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئىككىنجىسى سالامنى ئىلىك ئالمىسا ئۇ بېرىلگەن سالامنى مالائىكىلەر ئىلىك ئالىدۇ، سالامنى ئىلىك ئالمىغان كىشىدىن شەيتان خوش بۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ). مۇئىمىن كىشىنىڭ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىشى جائىز ئەمەس. شۇڭا ھەرقانداق مۇئىمىن كىشى ئاداۋەتلىشىپ قالغان بولسا ئۈچ كۈندىن كېيىن دەرھال قارشى تەرەپكە سالام بېرىپ ئۆز-ئارا يارىشىۋېلىشى كېرەك! ئۇ كىشىمۇ سالامنى ئىلىك ئېلىپ ئۆز-ئارا ياراشسا ھەر ئىككىلىسىگە بۈيۈك ساۋاپلار يېزىلىدۇ. ( ئەگەر ئىككى كىشى بىر-بىرىگە ئاداۋەت ساقلىغان ھالاتتە ئۈلەپكەتسە جەھەننەم كۆمەستىن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. جەننەتكە كىرگەندىن كېيىنمۇ بىر-بىرلىرى بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ ). دىنى قېرىندىشى بىلەن بىر يىل ئاداۋەت ساقلىغان كىشى ئۇنى ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش گۇناھكار بۇلىدۇ . (ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنىدە ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدۇ ، ئاللاھ ئۇلاردىن ئۈزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەننىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۋېتىدۇ، لېكىن بىر-بىرلىرى بىلەن ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغانلارنى كەچۈرمەيدۇ ۋە بۇ ئىككى كىشى ئۆز-ئارا ياراشمىغۇچە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ماڭا كۆتۈرمەڭلار ! دەيدۇ ) .
مېھرىبان ئاللاھ بارچەمىزنىنىڭ بۈلۈپ-بۈلمەي ئۆتكۈزگەن چوڭ-كىچىك گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەي، ئامىن .
بۇلۇپمۇ بۇ مۇبارەك كۈنلەردە، ئاتا-ئانىلارغا چەكسىز ھۆرمەت-ئېھتىرام بۈلدۈرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ھەدىيە-سوغاتلار بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ دۇئالىرىنى ئېلىشىز كېرەك، ئەگەر ئۇلاردىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولساق شۇلار ھەققىدە دۇئا-تىلاۋەتلەر قىلىشىمىز لازىم !.
دۇئا بىلەن ئەر _ سۇ بىلەن يەر.... كۆكىرەر
مېرىبان ئاللاھ بارچىمىزنىڭ قەلبىنى بۇ مۇبارەك ھېيىت بىلەن خۇرسەن قىلسۇن ۋە ئۆز-ئارا قەرىنداش بولغىلى نېسىپ قىلسۇن ئامىن .
مۆلجەرلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 04:58 PM