مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1097|ئىنكاس: 17

ھېيت خۇشاللىقى ۋە مۇسۇلمان ئائىلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43091
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 04:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېيت خۇشاللىقى ۋە مۇسۇلمان ئائىلىسى

      بارلىق گۈزەل ماختاشلار كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.
          ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە تەكبىرلەر ئارقا ئارقىدىن ئېيتىلغان، مەسچىتلەر جامائەتلەرنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتقان لا ئىلاھە الا الله ئىمان كەلىمىسى بىلەن تىتىرەپ كەتكەن، رەھمەت، مەغفىرەت ئېيى، دەۋزەختىن قۇتۇلۇش ئېيى ۋە ياخشىلىق، سەبىرچانلىق، مىھماندوسلۇق، بەركەت ئېيى بولغان ، رامزان ئېيىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن قايغۇ ياشلىرى ئېقىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا ناھايتى شەپقەتلىك – مىھرىبان ئاللاھ بىزگە ئەر ئايال ۋە پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ شات-خۇراملىق كۈنلىرى بولغان ھېيت كۈنلىرىنى ھەدىيە قىلىپ بەردى.
بۇ كۈندە ئەر-ئاياللارنىڭ روھى كۈتۈرلىدۇ، قەلبى پاكلىنىدۇ، مىھرى مۇھەببەتكە تولغان يۈرەكلىرى بىر-بىرى بىلەن قايتىدىن ئۇچۇرشىدۇ، بىز بەخىت روھىنىڭ ئۆي ئىچىدە قانات قېقىۋاتقانلىقىنى كۈرەلەيمىز، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا دوسلۇق، ئەپۇچانلىق، مىھرى مۇھەببەت، ۋە شات خۇراملىقنى ھىس قىلىمىز، ئەنە شۇچاغدا ھېيت ئۇقۇمى ئۆزىنىڭ توغۇر مەناسى بىلەن رىئاللاھىققا ئايلانغان بولىدۇ.

ھېيت خۇشاللىقى بەخىتلىك ئۆيدە قانات قاقىدۇ

         ئەر ئايال ئاللاھنىڭ نىئمىتى ۋە مەرھىمىتىگە تەشەككۈر بۈلدۈرىشى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە رىئايە قىلىپ ھېيت كۈنلىرى تەكبىر ئېيتىش ۋە ھەمدە ئېيتىشنى قولدىن بەرمەسلىكى لازىم.
         تۇتقان روزىسىنى، كىچىدە ئوقۇغان نامازلىرىنى ۋە خالىس ئەمەللىرىنى ئاللاھنىڭ قۇبۇل قىلىشىنى، شۇ مۇبارەك رامزان ئېيىنى يەنە نەچچە يىل قايتىلاپ بىرىشىنى ۋە ئاللاھنىڭ جەننىتىگە كىرىشىنى، رەھمىتىگە ئىرىشىشىنى چىن قەلبىدىن دۇئا قىلىپ تىلىشى لازىم.
        تۇرمۇشنى قىيىنلاشتۇرىدىغان، مەنىسىز ئىشلاردىن كۆڭلىنى تارتىشى لازىم، چۈنكى ئاللاھ ھېيتنى غەم-قايغۇ، جىدەل-ماجرا ئۈچۈن ئەمەس شات-خۇراملىق ئۈچۈن بەلگىلەپ بەردى.

ھېيتتىكى ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەت

         ھېيت بولسا ئەر ئاياللار ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت ئۇرىقىنى يىڭىلاش،  ئۇرۇق تۇققانلار ۋە دوس بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى چىڭىتىش، شات خۇراملىق، بەخىت سائادەت بىلەن غەم قايغۇلارنى يۇقىتىش، خاتا چۈشىنىش ۋە ئىختىلاپنى تۈگىتىشنىڭ مۇناسىپ ياخشى بىر پۇرسىتى، مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە ئەر ئايال بىر بىرىگە سوغات ھەدىيە قىلسا، بىر بىرىنى ياخشىلىق قىلىشقا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىشكە ئۈندىسە، بىر بىرىنى ھۆرمەت قىلسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مىھرى - مۇھەببەت ئوتى قايتىدىن يالقۇنجايدۇ، ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتى مۇستەھكەملىنىدۇ، بىر بىرىگە كۈيىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك ۋە بىر بىرىگە يول قويماسلىق ئادەتلىرى يوقاپ، ئىناق، بەخىتلىك ئائىلە شەكىللىنىدۇ، شۇنداق بولغاندا بالىلىرى بىلەن سەيلىگاھ ۋە باغچىلارغا بېرىپ ئۇلارغا بۇ ئۇلۇغ ھېيتنىڭ خۇشاللىقىنى ۋە ئىسلامىي ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھىس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

روازى ھېيتنىڭ ئىسلامدىكى ئەدەپ قائىدىلىرى

   بىرىنجى: ھېيتنىڭ يىتىپ كەلگەلنلىكىدىن شات-خۇراملىق ھىس قىلىش؛
ھېيت غەم قايغۇلارنى يىڭىلاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھەربىر قەلبكە شات خۇراملىق ۋە كۈڭۈللۈك ھايات ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەپ بىرىلگەن، بۇ ھېيتتا بەخىتسىزلەر بەخىت سائادەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرايدۇ، نەپسى بۇغۇلۇپ قالغانلار ئەركىن ھاۋادىن نەپەسلىنىدۇ، يۇقسۇللار پاك رىزىقلاردىن تېتىيدۇ، قول ئىلكىدە بارلار بولسا پاك رىزىقلاردىن ھوزۇرلىنىدۇ. بەڭباش قەلىبلەر ياخشىلىققا يۈزلىنىدۇ، پىخسىق كىشىلەرمۇ ھېيتنىڭ بەركىتى بىلەن ياخشىلىققا ئىنتىلىپ سېخى بولۇپ كىتىدۇ، مىھرى مۇھەببەت ۋە ھىسداشلىق تۇيغۇلىرى ھەقىقى رەۋىشتە ئۈزىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنجى: يۇيۇنۇش، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلىتىش ۋە چىرايلىق يىڭى كىيىملەرنى كىيىش؛
يۇيۇنۇش، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلىتىش ۋە چىرايلىق يىڭى كىيىملەرنى كىيىشمۇ خۇشال بولغانلىقنىڭ ۋە ھېيتنى ھۆرمەت قىلغانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى،  سىز يۇيۇنۇپ تارىنىپ يېڭى پاكىزە كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە بارىسىز، سىز مەسچىتتە مىڭلىغان ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ پاكىزە رەتلىك كىيىنىپ مەسچىتكە كىلىپ، تەكبىر ئېيتىپ، ئىمان كەلىمىسىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىۋاتقانلىقىنى كۈرىسىز، سىز ناماز ئوقۇغىنىڭىزدا، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى گۇناھ مەئسىيەتلەردىن قول ئۈزۈپ، پاك قەلىپ بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندەك ھىس قىلىسىز، شۇ مۇبارەك كۈندىن باشلاپ يامان ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاپ تېخىمۇ ياخشى ئادەم بولۇشقا بەلباغلاپ قايتىپ كىلىسىز.
ئۈچۈنجى:ھېيتتىن ئىلگىركى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھېيت كۈنىدىكى تەييارلىق؛
         قەدىرلىك ئايال، سىز ھېيتنى تېخىمۇ خۇشال خۇرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مۇنۇ تەييارلىقلارنى ئالدىن ئالا ئۇرۇنلاشتۇرڭ:
       ھېيت كۈنىسىدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىڭلارغا كىرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ئالدىن رەتلىك تەييارلىۋېلىڭ، يەنى بالىلىرىڭىزنىڭ، يولدىشىڭىزنىڭ كىيىم كىچەكلىرىنى ۋە بارلىق لازىملىق نەرسىلىرنى تەل قىلىپ قويۇڭ، ۋە ئۇلارنى يېقىن مۇناسىپ ئورۇنلارغا قويۇپ قويۇڭ.
          سىز ھېيت نامىزىغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۆيىڭىزنى رەتلەشتە  ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتنى تىجەش ئۈچۈن ھېيت كۈنىسىدىن بۇرۇن ئۆيلىرىڭىزنى چىرايلىق رەتلىۋېلىڭ.
         سىز ۋە يولدىشىڭىزنىڭ ھېيت كىچىسى بالدۇر ئۇخلىشىڭلارغا كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە ئەھمىيەت بىرىڭ، شۇنداق بولغاندا ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە تىتىك، ۋە ياخشى بولغان روھى كەيپىيات بىلەن بالدۇر ئويغىنالايسىلە.
          بامدات نامىزىدىن كىيىن ئىستىغفار دۇئاسىنى كۆپرەك ئوقۇڭ، ئەتتىگنلىك زىكىر تەسبىھلەرنى ۋە تەكبىر- تەھلىللەرنى، ئۇنتۇپ قالماڭ، سىز شۇلارنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ھېيتنىڭ گۈزەل كەيپىياتىنى ھىس قىلىشى ئۈچۈن ئۈنلۈك ئوقۇڭ.
       يولدىشىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى يەيدىغان خورمىلىرىنى ھازىرلاپ قويۇڭ، ۋە يەنە سىزنىڭ ياقتۇرغىنىڭىز بويىچە بىرقانچە تەخسە تاتلىق تۈرۈم، پېچىنە پىرەنىك ۋە سۈت ياكى چاي تەييارلاپ قويۇڭ.

ھېيت كۈنىدىكى تەييارلىقلىرىڭىز

        يولدىشىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزنى ئويغىتىڭ، ئاندىن كىيىن تەكبىر ئېيتش، ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىشلار بىلەن، مەسچىىتكە بېرىڭلار،  ھېيت نامىزى ئوقۇڭلار ۋە ئىمامنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلاڭلار.
           مەسچىتتىن قايتىپ كەلگندىن كىيىن ئەر ئايال ۋە بالىلار ئۇرۇغ تۇققان، يېقىن يۇرۇقلار ۋە دوس بۇرادەرلەرنى ئۇلار بىلەن گۈزەل، مەنىلىك ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يوقلاپ بېرىڭلار.
          قەدىرلىك ئايال سىز يەنە شات خۇراملىقىڭىزنى يولدىشىڭىزنىڭ ئوبدانلىقى ۋە ئۇنىڭ قىلغان تائەت ئىبادەتلىرىگە بولغان رەھمىتىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان قۇرلار يېزىلغان ھېيت تەبرىك كارتىلىرىنى تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئىشلىرىڭىز ۋە يۈرۈشتۇرۇشىڭىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق ئىشنى ئۆتكۈزىۋېتىش ئارقىلىق ئۈزىڭىز ۋە يولدىشىڭىزغا شات خۇراملىق ۋە بەخىت ھىس قىلدۇرۇڭ. ھەر قېتىم ئاچچىقلىنىش ئالامىتى بايقالغان ھامان، ئۆزىڭىز ۋە يولدىشىڭىزغا بۇ كۈننىڭ ھېيت كۈنى ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈننى خۇشال خۈرۈم ئۆتكۈزىشىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزنى ئەڭ ياخشى تۇرمۇشقا ئۆزگەرتىشىمىز كىرەكلىكىنى ئەسلىتڭ.
تۆتىنجى: ھېيتنىڭ سۈننەتلىرى؛
روزا ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بىر نەرسە يەۋېلىش، يەنى خورما يىيىش پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇستەھەب سۈننىتى ھىساپلىنىدۇ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەرگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خورما يىمىگۈچە روزا ھېيت نامىزىغا چىقمايدغانلىقى، خورمىتى جۈپ يىمەي تاق يەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. قۇربان ھېيت كۈنىسىدە بولسا ھېيت نامىزىدىن كىيىن تاماق يىيىش مۇستەھەب بولىدۇ.  
  شۇنداقلا ھېيت نامىزىغا بىر يولدىن چىقىش، ۋە يەنە بىر يولدىن قايتىپ كىلىشمۇ مۇستەھەب سۈننەت ھىساپلىنىدۇ، جابىر رەزىيەللاھۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەن ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولنى ئالماشتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
تەكبىرنى ئۈنلۈك ئوقۇشمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۈر، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر دىگەن مەنىدىكى (ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمدۇ) دىگەن مۇنۇ تەكبىر ۋە ئىمان كەلىمىسىنى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغانلىقى ئىبنى مەسئۇدنىڭ بىر ھەدىسىدە بايان قىلىنغان.  
بەشىنجى: ھېيتنى تەبىرىكلەش؛
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرى ھېيت كۈنى ئۇچىراشقاندا بىر بىرىگە ‹‹ئاللاھ بىزدىن ۋە سىلەردىن قۇبۇل قىلسۇن›› دىيىشەتتى، ساھابىلەرنىڭ دىگىنىدەك دىيىش ۋە ‹‹ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن›› دىيىش ئارقىلىق ھېيتنى تەبىرىكلەش كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرىگە مىھرى مۇھەببەت ۋە دوسلۇق ئۇرىقىنى چاچىدۇ. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچىرشىپ ھېيتلىرىنى تەبرىكلىشى ئۈچۈن ھېيت نامىزىغا بىر يولدىن بېرىش ۋە يەنە بىر يولدىن قايتىپ كىلىش سۇننەت قىلىنغان.
ئالتىنجى: ئۇرۇق تۇققان ۋە دوس بۇرادەرلەرنى يوقلاش، زىيارەت قىلىپ بېرىش، ۋە قېرىنداشلار ئارا مىھرى مۇھەببەت يەتكۈزۈش، ئۆز ئارا ياردەمدە بولۇش.
ئۆز ئارا يوقلاش، پەتىلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان مۇستەھەب ئەمەل، بۇلۇپمۇ ئاتا ئانىلارنى يوقلاپ بېرىش شۇنداق، چۈنكى ئاتا ئانىلارنىڭ قەلبىگە زور خۇشاللىق ئاتا قىلىش ئۇلارغا تۇلۇق ياخشىلىق قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى، ئەنەسىبنى مالىك سۆزلەب بەرگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹‹رىزىقىغا بەركەت بىرىلىشىنى ۋە رىزىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلغان كىشى مىھرىبانلىق يەتكۈزسۇن›› دىگەنلىكى بايان قىلىنغان، يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش، ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىشمۇ مىھرىبانلىق يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت، ئاللاھ تەئالا سۈرە زۇھادا ‹‹يىتىمنى خارلىما، سائىلغا قۇپاللىق قىلما›› دىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يىتىم ھەققىدە: ‹‹مەن بىلەن يىتىمغا كىپىل بولغۇچى جەننەتتە مانا مۇشۇنداق بولىمىز›› دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆرسىتىپ ئارىسىنى ئازراق ئاچقان.
يەتتىنجى: يىمەك ئىچمەكتە ئائىلىسىگە كەڭىرچىلىك بىرىش؛
بۇ كۈنلەردە ئىسراپ قىلماستىن يىمەك ئىچمەك ۋە ئۇرۇنلۇق چىقىم قاتارلىقلاردا كەڭىرچىلىك قىلسا گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيت كۈنىسى ‹‹ھېيت كۈنلىرى يىيىش، ئىچىش ۋە ئاللاھنى ئەسلەش كۈنلىرىدۇر›› دىگەن.
شۇنداقلا بۇ كۈندە ئىسلامغا زىت بولمىغان يوللۇق ئۇيۇن تاماشامۇ مۇباھ بولىدۇ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەب بەرگەن بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كەلگەندە مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىككى بايرامنى تەبىرىكلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ‹‹سىلەرنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنىڭلار بار ئىدى، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭدىن ياخشى بولغان ئىككى كۈننى يەنى روزا ھېيت كۈنى بىلەن قۇربان ھېيت كۈنىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى›› دىگەنلىكى بايان قىلىنغان.
سەككىزىنجى : ھارام قىلىنغان، چەكلەنگەن ۋە بىدئەت بولىدىغان ئويۇن تاماشالاردىن يىراق تۇرۇش؛
ئىسلامدىكى ھېيت بولسا تىنىچلىق، خاتىرجەملىك ھېيتى ۋە ئاللاھ سۇنھانەھۇ ۋەتەئالانى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش ھېيتى، ۋە شۇنداقلا ھالاك بولۇش، دەۋزەخكە كىرىشتىن يىراق تۇرۇش ھېيتى.
ھېيت شۇلار بىلەن بىرگە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇسابىقىلىشىش مەيدانى، ھۆرمەت قىلىش ۋە مىھمان دوسلۇقتا رىقابەتلىشىش مەيدانى.
ھېيت يىڭى كىيىملەرنى كەيگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تائەت ئىبادەتتە خالىس بولغان، ئۈزىنى ئەڭ تۈۋەن ئورۇندا قويۇپ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا چىن ئەقىدە بىلەن ئىتائەت قىلغان، ئاخىرەت ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلغان كىشىلەرگە خاس.
ھېيت يىڭى كىيىملەر ۋە ئىسىل ماشىنىلار بىلەن زىننەتلەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەس بەلكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن.
ھېيت مال دۇنياغا ئىرىشكەن كىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھەممىدىن ئۇلۇغ، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بۈيۈك ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان كىشىەر ئۈچۈن.
شۇڭلاشقا بۇ ئۇلۇغ ھېيت كۈنلىرىدە ئەقلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئادەمگە چۈشكۈنلۈك ئېلىپ كىلىدىغان، سالامەتلىككە ئېغىر يامان تەسىرى بولىدىغان ئاللاھ ھارام قىلغان ئويۇن تاماشالاردىن يىراق تۇرۇشىمىز، بەلكى بۇ ھېيتنى بىر ئىبادەت دەپ بىلىپ، يۇقىردا بايان قىلىنغان سۈننەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك قىلىش ئارقىلق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىشكە تىرىشىشىمىز كىرەك.
                           
                        جانتۈرۈك تەييارلىدى
                        2012 – يىلى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   janturuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-18 04:03 PM  


000802e406ec0bc1282947.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57210
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3442
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2335 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 04:44:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گەپ توغىرا بولماپتۇ، بۈگۈن كېچە زورلۇق يەپ نىيەت قىلغاندىن كىيىن، ئەتە ئەتتىگەن روزى ھېيىت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاندىن ئىپتار قىلىپ ئىغىزنى ئاچىدۇ، بۇندا بىركۈنلۈك روزىغا ھىساپ بولىدۇ؛ شۇڭا، خورما قاتارلىق نەرسىلەرنى ھىيىت نامىزىغا بارغانلارنىڭ قايتىپ كىلىشىگە تەييا لىشى كېرەك.

QQ截图20120818163956.png

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43091
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 04:53:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، لېكىن روزا ھېيت نامىزىغا ئىپتار قىلىپ بولۇپ ئاندىن چىقاتتىغۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ مەن كىتاپ كۈرۈپ باقاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15158
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8111
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 05:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ھەققىدە تىزراق چۈشەنچە بىرىڭلار چۇ ؟؟   

دۇنيا بىر كۈندۇر ، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈندۇر !!

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 05:16:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت... ھەممىڭلارنىڭ ھېيتى مۇبارەك بولسۇن .

ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57210
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3442
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2335 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 05:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تېما ئىگىسىگە: ئەقلىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئۆيدە دادام شۇنداق قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ شۇنداق ئادەتلەنگەن، ئەگەر بۇنداق بولمىسا مەن پىكىرىمنى ساقلاپ قالىمەن؛

        **************************************************************************
     بۇ تېمىنى بەك ياخشى يېزىپسىز، بەك ئەھمىيەتلىك بولۇپ چىقىپتۇ، خىلى كۆپ ئەجىر قىلغان ئوخشايسىز، مەن ئىنتايىن ياقتۇردۇم، رەھمەت!


..watansizlik-ang qong bahtsiz

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 291
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8690
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 05:24:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ياخشى تېما بوپتۇ،ئەجرىڭىزگە تەششەككۈر.مېنىڭ بىلىشىمچە جانتۈرۈكنىڭ  يازغىنى توغرا،كەچتە سوھورلۇققا تۇرۇپ ئەتىگەندە نىيەت قىلسا بىر كۈنگە تەۋە بولىدىكەن دىگەن مەسىلىدە مەن ھەدىس كىتاپلاردا ئۇنداق قىلىشنىڭ جاھىللىق بولىدىغانلىغى ،ھىيت كۈنى ۋە ھېيتنىڭ 1-2-3 كۈنلىرى تۇتۇلغان روزىنىڭ ھارام بولىدىغانلىغى يېزىلىپتىكەن.

ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر-بىر كۈنى بىر يېڭى ھايات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83213
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-7-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 05:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇربان  ھىيت  كۇنىسى نامازدىن  يىنىپ  ئىغىز ئاچسا  بىر كۇن رۇزا  تۇتقاننىڭ ساۋابى يىزىلىدۇ.

رۇزا ھىيىتتا  ئۇنداق  ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 05:57:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ جەنۇپتا ھېيىتنىڭ ھارپا كۈنىمۇ ھاشار چاپتۇردى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شرئەلى118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-18 05:58 PM  


ھاياتنىڭ مەنىسى ئارزۇ - نىيەتلەرگە قاراپ ئىنتىلىشنىڭ گۈزەللىكى ۋە قۇدرىتىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ھەربىر مىنۇتى يۈكسەك مەقسەتكە ئېگە بۇلىشى كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 06:02:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شرئەلى118 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-18 05:57 PM
بىزنىڭ جەنۇپتا ھېيىتنىڭ ھارپا كۈنىمۇ ھاشار چاپتۇردى [s: ...

نىمىشقا ئەمدى توۋا قىلدىم دېھقانلارغا ھېيىت ئەمەسمىكەن ئەجەبا.....................

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش