<خىرىستىئان خوشنا قىز >
(مەن بۇنداق خىل ھىكايىنى تۇنجى يېزشىم تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىلەر.)
ئۈرۈمچىگە تۈنۈگۈن كەلگەن ئىدىم ،بۈگۈن چۈشتە ئويگە كىرەمەن بۇلۇپ ئىشىكنى ئاچقام{ئاچقۇچ،قەشقە شىۋىسى }تۇرۇپمۇ ئاچالماي تۇرۇپ قالدىم (قانداق ئېچىشنى بىلمىدىم ،سەھرالىق مەن).
دادامغا تىلفۇن قىلاي دىسەم كايىشىدىن قورۇقتۇم، شۇڭا بىردەم تۇردۇم بىرەسى كىپقالارمىكىن دەپ،چۈش ئەمەسمۇ قۇساق ئاچىدۇ...
بىردەم ئولتاسام بۇيەتتە قەۋەتلىك بىناغا بىرى چىققىلى تۇردى، ئۇ مەن تەڭلىك بىرقىز ئىدى ،ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. چۈنكى مەيدىسىدە بىر ئەيسا باغلانغان كىرىس تۇراتتى ، ئۇيېنىمغا كىلىپ توختاپ:
__بىرە ئىشىڭىز بارمىدى؟
مەن جاۋابەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ :
__خاپا بومماي مائىشىكنى ئېچىپ بەرگەن بولسىڭىز ،مانا ئاچقۇچ ، دادام ئىجارە ئاپتىكەن ،مەن تۈنۈگۈن كەلگەن .
سەل نۇمۇس قىپقالدىم ،ئۇكۈلۈپ كەتتى ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ ۋە ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
__مۇنۇجاينى ماۋۇ......مۇنداق قەرىسىڭىزلا ئېچىلىدۇ.
__رەخمەت ھە __ دىدىم.
ئىشىك ئېچىلدى مەن دەرھاللا ئويگە كىرىپ ماڭمامسىز دەپ ساپتىمەن يېزا پەدەمدە ، ئۇ سەل غەلىتىلىك ھىس قىلدى بولغاي دۇدۇقلاپ:
__ بولدى،__ دەپ ئۇدۇلدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى ،بىز ئۇدۇل خوشنا ئىكەنمىز.
ئەتىسى ئەتىگەندە مەن تىجارەت قىلغىلى چىققان چاغدا ئىشىك تۈۋىدە دۇقۇرىشىپ قالدۇق ،ئەتىسىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا چىققاچقا يەنە دۇقۇرۇشتۇق ،ئۆگۈنى مەن قەستەن دۇقۇرۇشتۇم ،كىيىنكى كۈنى ئۇقەستەن دۇقۇرۇشتىمۇ ياكى تاسادىبىلىقمۇ بىزيەنە دۇقۇرۇشتۇق ...
مۇنۇ دۇقۇرۇش 10كۈنلەرچە داۋام ئىتىپ بىزنى ئىچقۇيۇن_تاشقۇيۇن قىلۋەتتى .
بىركۈنى ئۇ سۇراپ قالدى سىزمۇسۇلمانمۇ ؟ مەن تىڭىرقاپ قېلىپ ھەئە مۇسۇلمانمەن دىدىم ،سىزچۇ ئۇلاپلا سۇررىدىم.
__ خىرىستىئان مۇرتى
ئىچىم لاۋۋىدە بولدى بۇنى چاندۇرمىدىم ئۇيەنە:
__ بىز چىركاۋغا ئادەم يىغۋاتاتتۇق ،بېرىپ باقامسىز؟_ دەپلا سۇرىدى.
مەن ھۇدۇقۇقمىدىم ۋەتەمكىن ھالدا راس ئېيىتتىم:
__بۇگۈن بىرسىگە مال ئاپىرىپ بىرىشكە دىيىشىپ قويغان ئاپارمىسام كىيىن سودا پۇرسىتىم يوق بولىدۇ ،كىيىن ۋاقتىم چىققاندا باراي.
ئۇ قەتلا خۇشال بولۇپ كەتتى.ئۇنىڭ مەخسىتى ماڭا ئايان بولغان ئىدى ، ماڭا تۇساتتىن بىر ئەقىل كىلدى:
__راس بىرئىش ،مەندە بىر ئۇيغۇرچە قۇرئان بار ،ئۇقۇپ نۇرغۇن مۈجمەللىك ۋە ئەمىليەتكە زىتلىق باردەك ھىس قىلدىم ،سىز كۆپ ئۇقىغاندىكىن (ئۇئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭىدۇ) ئۇقۇپ كۈرۈپ ماڭا مۈجمەللىك ۋە زىتلىقنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز مەن يا خىرىستىئان بۇلامەن.
ئۇ تېخىمۇ خۇشال بولۇپ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولدى،مەن :
__ خالىسىڭىز ھازىرلا ئېچىقىپ بىرەي دىدىم .ئۇمۇ :
__بولىدۇ ._دىدى مەن:
__ توختاڭ دادام ئويدە بار 10مىنۇچچە تۇرساق چىقىپ كىتىدۇ، مەن ئاندىن ئەپچىقىپ بىرەي ،__دىدىم ئەتەي.
__ ئىشىكنى ئېچىپ بىرەمدىميا ؟_دىدى ئ
__ياقاي __ بىز ياندىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇردۇق . دادام چىقىشىغا مۈكىۋالدىم ،ئەپچىقىپمۇ بەردىم ۋە:
__3 كۈندە خەۋىرىنى بىرەلە سىزمۇ__ دىدىم .ئۇ:
__ قېنى ئۇقۇپ كۈرەي،__ دىدى .
مەن يۇلۇمغا راۋان بولدۇم .ئەتىسى مەن ئۇنىڭ بىلەن دۇقۇرۇشمىدىم ، بۇ شەنبە كۈنلىكى ئىدى ،ئەتىسىمۇ شۇ ئۈگۈنىمۇ شۇ ئۈچۈنچى كۈنىمۇ شۇ تۆتىنچى كۈنى پەشتشقتىن چۈشۈپ كىتۋاتسام بىرقىز چېقىپ كېلىۋېتىپ مەندىن :
__مەريەمنىڭ ئۇيى قايسىدۇ ؟_دەپ سۇرىۋىدى كۆرسىتىپ قويدۇم سەل غەلىتىلىك ھىس قىلدىم ۋە:
__ نىمەبولدى؟_ دىدىم .
__مەكتەپكە بامىدى شۇڭا
‹ھە › دىدىم ۋە مېنىڭ مەخسىتىم ئەمەلگە ئېشۋېتىپتۇ ،دەپ ئاللاگە شۈكۈر ئېيتىپ يولغا راۋان بولدۇم ،ئەتىسى ئەتىگەندە دادام بىللا ماڭايلى دەپتۇرۋالدى ،ئىشىكنى ئاچساق ئۇ ئۇياقتىن بۇياققا مېڭۋاتقان ئىكەن .بىزنى كۈرۈپ ئۇيىگە كىررىپ كەتكەن بۇلۋالدى مەن ئۇنىڭ سۈزىنى ئاڭلىيالماي بۈگۈننى بەك تەستە ئۆتكۈدۈم .
‹ئاللادىن توختىماي ئۇنىڭغا ھەقنى بىلدۈرشىنى تىلىدىم ›
كەچتە يانسام ئۇ بىنا ئىشىكى تۈدە ئولتۇرۇپتۇ ،ئۇنىڭغا ئەتىگەن تازا سەپسالمىدىممۇ ،ئۇراسا ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ كىيىم كىچەك ...ئەي مۇھىمى مەيدىسدىكى كىرىس يوق ياكى ياقىسى بار كۆڭلەك تۇسىۋالدىمۇ ياق قاپارىتمىسىمۇ يوق يوقكەن .
ئۇماڭا ئۇماڭا ئاجايىپ بىرخىل غەزەپلىنىش ئىلكىدە قاراپ:
__بۇكىتاپتا قانچىلىك مۈجىمەللىك كۆرگەن ئىدىڭىز؟
مەن ھىچ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى بىكىتەلمەي دۇدۇقلاپ قالدىم .
ئۇ يەنە سۆزلىدى :
__مەن ھىچ بىر مۈجىمەللىك زىتلىق كۆرمىدىم پەقەت ھەقىقەتنىلا كۆردىم ، تۇتۇڭ ماۋۇ سىزنىڭ قۇرئانىڭىز ،مەن ھەقىقەتنى تۇندۇم سىز ھەقىقەتتىن يۈز ئۈرىمەكچىكەنسىز› كەچۈرۈڭ سىزنى چىركاۋغا ئاپىراممايدىغان بولدۇم__دەپ ماڭا قەلەملىك قۇرئانىمنى بىرىپ قايرىلىپ كىتىپ قالدى، لىكىن ئۇنىڭ قۇلىدا يەنە بىرقۇرئان تۇراتتى كۆزلىرىدىن قانداقتۇر ياشلار چىقىپتۇ ،دىلىنى نۇرقاپلىغاچ چىقتىمۇ ماڭا ئۈكۈنۈپ چىقتىمۇ ئۇقمىدىم
كەرچە چىركاۋلارنى كۈرەلمىگەن بولساممۇ مەن بۇئىشىمدىن رازى بولدۇم ۋە ئاللا بارغۇ يەنە نىسىپ قىلا دەپ ئاللانىڭ نەسھىتى بۇيىچە ئالاھقا تەسبىس ئېيىتتىم سۇبۇھان ئاللاھ ئەلھەمدۇلىللاھ ...
مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ ، ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلغايسىز، ھىكايىنى دىئالوگ تەرتىبى بويىچە يىزىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 04:21 PM