مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1034|ئىنكاس: 10

بىز يوقىتۋاتقان تەبىئېلىكلەر ۋە ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81849
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3150
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 03:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز يوقىتۋاتقان تەبئېلىكلەر ۋە قۇربانلىققا ئايلىنۋاتقان بالىلار!


ئەمدىلا ئىككى يىرىم ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ چاچ بوياش مەلھىمى قاچىلانغان قۇتىنى كۆتۈرۋىلىپ ،مەلھەمنى چىچىغا سۈركەپ قويۇشنى ئۆتۈنىشى،لەۋ سۇرۇخىنى سۈرۈپ قوي دەپ غەلۋە قىلىشى،قورساقنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىدىغان كالتە ئىشتاننى دادىسىنىڭ ئەمەس ،ئانىسىنىڭ كىيىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرەلىشى،.................. كىشىلەرنىڭ ھازىر <<كىچىك بالا قالمىدى>> دىگەن گىپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىماقتا، بالىلارنىڭ كىچىك تۇرۇپلا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ قايسىنى قەيەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىنىق دەپ بىرەلىشى،ئەر-ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىملىرىدىن تارتىپ ،ئىچ كىيىملىرىگچە پەرىق ئىتەلىشى قارماققا ئۇلارنىڭ ئەقىللىقلىقىنىڭ ئىپادىسىدەك كۆرنىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باللارنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىدىن سۆيۈنۈپ ،<<ھازىرقى بالىلار نىمە دىگەن ئەقىللىق >>دەپ ماختاپ كىتىدۇ، ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى ،تەبئې نەرسىلەرگە قارىغاندا سۈنئې نەرسىلەرگە بەكراق ئېنتىلىدىغان بوپ قالغانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.

    ئويلاپ باقساق، نۆۋەتتە مەيلى جىسمىمىزدا بولسۇن،مەيلى روھىمىزدا بولسۇن تەبئېلىك دىگەن تولىمۇ ئاز قاپتۇ، ھەتتا بەزىلىرىمىزدە تەبئېلىكنىڭ ئاسارىتىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ،قىز-ئاياللارنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى ئارقىلىق چىرايلىق بولۇشقا بىرلىپ، گىرىمسىز ھالەتتە سىرىتقا چىقالماسلىقى،سومكىلىرىدىن گىرىم بۇيۇملىرىنى ئايرىماسلىقى،ئاق ئارلاشقا باشلىغان چاچلىرىنى قىزغۇچ،سارغۇچ ۋە قارا بوياقلاردا بويىشى، تورىت، پىچىنە پىرەنىكلەرگە ئامراق بولىشى، ئەرلەرنىڭ غەم-قايغۇدىن قۇتۇلۇش،ھارغىنلىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن  تاماكا ،ھاراق ئارقىلىق ئۆزىنى زەيىپلەشتۈرىشى، ئەر- ئاياللارنىڭ مېرى مۇھەببەتنىمۇ تەبئې يۇسۇندا ئەمەس ،باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىشى ،ئەر-ئاياللارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن بالىلارنى قالقان قىلىپ،گۇۋاھچىلىققا قويۇپ ئۆز-ئارا ئالداشلىرى،ئەر-ئايالنىڭ تالاتۈزدىكى،ئىدارىدىكى كىشىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىلە- مىكىر ئويلاپ ، شان-شەرەپ ،ماختاشقا ،نەتىجىگە ئېرىشىش يولنى تاللىشى،ئۇلارنىڭ باللاردا كۆرۈلۋاتقان مەسىلىلەرنى غەيرى يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا  تىرىشىشىنىڭ  ھەممىسى سۈنئېلىك، ساختىلىقتۇر، بۇخىل مۇھىت ئەلۋەتتە باللارغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   پۇرەكلەپ ئېچىلغان ھەقىقى گۈل بىلەن ھەل بىرىلگەن سۇلياۋ گۈلنى  بىريەرگە قويۇپ بىرنى تاللا دىسە ،كۆپىنچە كىشىلەر ھەقىقى گۈلنى تاللايدۇ، سۇلياۋ گۈلنى تاللايدىغانلارمۇ كۆرلىشى مومكىن، ئەمما ھەقىقى گۈلنىڭ كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان خۇش پۇرىقى بولىدۇ، سۇلياۋ گۈلنىڭ نە پۇرىقى بولسۇن؟

     تەبئې نەرسىلەردە تەبىئەتنىڭ ھىدى بولىدۇ،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. تەبئې ئىشلارغا  ئىنسانى پەزىلەت سىڭگەن،ئۇنىڭدا سەمىمىلىك،چىنلىق ناخشىسى ياڭرىغان بولىدۇ .

     يىيىش ،ئىچىش،گۈزەل-ئارزۇ ئارمانلار ئىشقىدا ئوت بولۇپ يىنىپ تىرىكچىلىك ۋە خىزمەت قىلىش ئىنسانلارنىڭ تەبئېتىدە بار خۇلۇقلاردۇر.

    دانالار(ئەخلاق ئادەم زىننىتى) دەيدۇ، ئادەمنىڭ تەبئېلىكى گۈزەللىككە،تەربىۋىلىككە،قايىل قىلارلىققا،سۆيۈملۈككە ئىگە بولغاندىلا، ئۇ ئادەم ئۈچۈن زىننەت بولىدۇ ، ئەكىسچە بولسا نىجاسەتكە ئايلىنىدۇ، ئادەم بۇ دۇنياغا پاكلىق ئىچىدە ۋۇجۇدقا كىلىدۇ، پاكلىق ئادەمنىڭ گۈزەللىكى،سۆيۇملۇكى،تەبئېلىكىدۇر،يىشى چوڭ بولغانسىرى بۇتەبئېلىكنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن يوقاش -يوقىماسلىقى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن قوبۇل قىلغان نەرسىلىرىگە، ئۇنىڭ كىملىكىنى تونۇش دەرىجىسىگە،ئاق-قارنى پەرىق ئىتىش ئېڭىغا باغلىق.

     مىسال: ئاياللارنىڭ پەرداز قىلىپ گۈزەللىككە ئېنتىلىشى يامان ئېش ئەمەس،ئەمما باللارنىڭ ئالدىدا تەپ تارتماستىن يۈز-كۆزلىرىگە بوياقلارنى سۈركەپ،باشقىچە كۆرۈنىشتە بولىشى،باللارنى خامىليونلارچە ئادەم بولۇشقا باشلىماي قالمايدۇ.

     دادىلارنىڭ پۇرقىرتىپ تاماكا چىكىشى،قاڭسىق ھاراقلارنى ئېچىپ، مەسىت -ئەلەس سۆزلىشى باللارنى پۇراقلىق ئىچىملىكلەرگە ئېنتىلدۈرمەي قالمايدۇ.  ئەر-ئاياللارنىڭ قاراپ تۇرۇپلا بىر-بىرىنى ئالداش قىلمىشلىرى باللارنى ئۆزىدىن ئۆتكەن سەۋەنلىكلەرگە ئىگە بولماسلىقتەك مەسئۇليەتسىزلەرچە ئىش تۇتۇشقا ئۈندىمەي قالمايدۇ.

     ئىشقىلپ ، چوڭلاردا كۆرۈلۋاتقان ھەربىر غەيرىلىك باللار ئۈچۈن بىر چىكىملىكتۇر.

     بىزدە(ئالا ئىنەكنىڭ بالسى چالا قۇيرۇق) دەيدىغان گەپ بار،ئاتا -ئانىلاردىكى،ئۇرۇق- تۇققانلاردىكى ئاتالمىش ئىلمىلىشىشلار،زامانىۋىلىشىش،ئۆزگىچىلىشىش........باللارنىڭ ۋۇجۇدىغا،ئۆزلۈكسىز ئۈنسىز رەۋىشتە سىڭىپ، ئىش -ھەركىتىدە ئەكىس ئېتىدۇ،باللار كەلگۈسىنىڭ سۈزۈك ئاسمىنى، ئەگەر چوڭلار يىقىلغۇ قۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلماي،ئوچاقنىڭ قەيىرىدە چاتاق چىقۋاتقىنىغا كۆڭۈل بۆلمەي ئىسىنىشقىلا ئەھمىيەت بەرسە،بۇ سۈزۈك ئاسمان ئىس-تۈتەكلەر دەستىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كىتىدۇ. بىز شۇنداق دەپ قارايمىزكى: سۈنئې نەرسىلەرنى يەپ، سۈنئې ئېشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چىن ھىسياتتىن،گۈزەل پەزىلەتتىن،ھەقىقى بەخىتتىن ئايرىلىپ قالغۇچى بىچارىلەردۇر،ھەم ئەۋلادلارنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ماشىنىنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىققىنىغا قارىغاندا،مەلۇم بىر زاپچىسىدىن چىققان چاتاقنى  ئوڭلاش ئاسان بولغىنىدەك،بىز تەبئېلىكىمىزنى پۈتۈنلەي  يوقۇتۇپ سۇلياۋ ئادەملەرگە ئايلىنىشتىن بۇرۇنراق  ئەسلىمىزنى تىپىۋالساق ياخشى بولاتتى!!!  بىز ھىلىمۇ ئۆز تەبئېتىمىزگە قايتساق،تەبئېتىمىزنى سۆيسەك،تەبئې ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولساق ھېسياتىمىز ساختىلاشمايدۇ،روھىمىز  بولغانمايدۇ، ئېتقادىمىز يىگىلىمەيدۇ،بەلكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز چىچەكلەيدۇ،ئەۋلادلىرىمىز چىن تۆمۇر باتۇرغا،سادىر پالىۋانغا،نۇزۇگۇمغا،ئاماننىساخانغا ئايلىنالايدۇ،

      قىسقىسى پەرزەنىتلەر تەرەققىياتنىڭ ۋە ئاتالمىش مەدەنيەتنىڭ  بىھودە قۇربانلىقىغا ئايلىنىش ھالاكىتىدىن قۇتۇلالايدۇ.

                         مەنبە :مىللەتلەر ژورنىلى    (2007-يىللىق 4-سان)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-18 03:57 PM  


ھەي ئادەم!كېمتىڭ سەن؟كېملەردەك ياشا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6727
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 03:34:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dana pikir

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15158
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8111
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 03:43:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ھەقىقەتەن نۇرغۇن نەرسىىلىرىمىزنى يوقىتىپ قويىۋاتىمىز

دۇنيا بىر كۈندۇر ، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈندۇر !!

تەنلىرىمنىڭ ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8068
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 902
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 04:37:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەملەر ئىلگىرى زامانىۋىلىققا ئىنتىلگەندە ئۆز تەبىيلىكىنىڭ قەدىر قىممىتىنى ھىس قىلمىغان ،
ئەمما ھازىر تەبىيلىكنى يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھىس قىلىۋاتىدۇ ، ئەمما يەنىلا قىسمەن ياشلىرىمىز قىزىقىش تۈرتكىسىدە يەنىلا ھىس قىلمايۋاتىدۇ  .

ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىش پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش .

ياشىسۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇر

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2133
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24523
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 04:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تۆنۈگۈن تورخانىدا  بىر    يەھۇدى  سۈپەت، چاڭگا  باش  يېرىم  يالىڭاچ دېگۈدەك  بىر  قىزنىڭ    مىسرانىمغا  ئىسلام توغۇرلۇق ئىنكاس يېزىپ  ئولتۇرغىنىنى  كۆردۈم.  تەپسىلى كۆرىدىغانغا  ئىمكانىيەت  بولمىدى. ھەي، ئېغىزىمىزدىكى  شۇئارلارنىڭ  تەسىرلىكلىكىگە،كىتاپلارنىڭ  كۆپلىكىگە      بۇزۇلۇشنىڭ  ئېغىرلىشىپ  كېتىشى  نىمىدىن  دېرەك  بېرىدۇ؟   

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2939
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 05:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئۇيغۇرنىڭ‹‹ يسى يوڭدى داۋ پيەن›› بامۇ دىيشى ھەيييييييي ئادەمنىڭ كۆڭلنى غەش قىلدغان ئىشلار كۆپ بوپ كىتۋاتدۇ

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2141
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2389 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 02:39:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ئەڭ ئېغىر مەسىلە شۇكى،  بىر ئىنگىلىز ئالىم دۇنيادا دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشىدىنمۇ قورقۇنچلۇق كىشى يوق دېگەنىكەن،  مەن ئۇنى تولۇقلاپ قوياي،  دۇنيادا دىنى بار تۇرۇپ يانغان ۋە ئادا قىلمىغان كىشىدىنمۇ قورقۇنچلۇق كىشى يوق،  دىندىن ئازراقمۇ خەۋېرى يوق قىزبالىمۇ  ئانچە ئەمەس بولۇپمۇ دىننى سەل پەل چۈشەنگەن ئاندىن يانغان قىز بولسا ۋەھشى بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن،  چۈنكى خۇدادىن يۈز ئۆرىيەلىگەندىكى يۈزسىزلىكىنى ھەممە ئېقىمغا ئىشلىتىدىكەن،  ئۇنداقلار ئېغىر دەرىجىدە ئاڭسىزلىشىپ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى تەپەككۇر قىلغۇدەكمۇ رايى قالمايدىكەن،  بىخۇتلىشىپ ئۆزىنى يوقىتىپ جەمئىيەتتە قونچاق بولۇپ لەيلەپ يۈرۈپ ئاخىرىدا پاھىشە بولىدىكەن،  تولا بەدىنىگە مۇداپىئە قىلغاچ تۇغماس بولىدىكەن،  ئاخىرى ھەممىگە سەت كۆرۈنۈپ قېرى دەللال بولىدىكەن ئۇمۇ ئاقماي ھەقنىمۇ تاپماي،  قېرى لومودى دىگەن سېسىق نام بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدىكەن...

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5568
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:10:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر 5يىل ئالدىدا ئېلان قىلىنغاندا،شۇنچىلىك ئىشلار بۇلۇپ كەتكەن بولسا،ھازىرقى ئەھۋالغا گەپ قىلماق تەس بولغۇدەك..ئۇنى ئاز دېگەندەك يوللاردىكى بەزى ئېلان تەشۋىقاتلىرىدا‹ياغلىق چەگمەڭ،ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىڭ.ئارتۇق ئورۇنۇلۋالماڭ ....›دېگەندەك تەشۋىقات بىلەن يېشى توشقان،ئەقلى توشمىغان بالىلارنى ئازدۇرۇپ كېتىۋاتسا، ھېچنىمىنى ئۇقمايدىغان كىچىك بالىلارغا نىم دېگۈلۈك...

ناماز بىزگە پەرز،بىز ئاللاھقا قەرز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2141
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2389 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 03:12:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمئىيىتىمىزدە ئىسلام يەتمىگەن قىز يوق بولۇشى مۇمكىن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە قىزلارنى پەقەت ئىسلاملا قوغدىيالايدۇ، ئۇلار شۇنى خالىماي خارلىنىۋاتىدۇ
بىر قىز نوچى،  ئاقسا ھالدا كوچىدا كېتىۋاتقان بولسا ئۇ ئەمىلىيەتتە خارلىنىشتۇر،  چۈنكى يات ئەرلەر ئۇ قىزنىڭ بەدىنىنى تاماشا قىلىپ ئۈلگۈردى،  ھەتتا چېچىنىڭ قارا ھەم ئۇزۇنلۇقى،  كۆكسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ يات ئەرلەرگە ئايدىڭ بولدى،  مەن ئۇزۇندىن بېرى بىر ئىشنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم سوراي دېسەم كىممۇ جاۋاپ بېرىدۇ؟؟؟
نېمىشقا بىز ئوغۇللار يوتىمىزغا كەلگۈدەك نەرسىنى كىيىشتىن خىجىل بولۇمىز يۇ قىزلار ئازراقمۇ خىجىل بولمايدۇ؟؟؟
نېمە ئۈچۈن كوچىلاردا ئوغۇل قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇشقا خىجىل بولسا قىز تۇتىۋېرىدۇ؟؟؟
نېمە ئۈچۈن ئوغۇلبالىنىڭ ئاغزىغا پاتمىغان گەپلەر قىز بالىلانىڭكىدىن بىمالال چىقىدۇ؟ ؟؟
ئەقلىم ھەيران بەزى قىزلارغا،  خىجىل بولماي تاماكا چەككەن، چىرايىدىن ئەمدى تونۇشقىنى چىقىپلا تۇرغان كىچىككىنە شۇملار ياتاققا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ،ھازىر بەزى قىزلار ئوغۇللاردىن ئاۋۋال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياتاقنىڭ گېپىنى چىقىرىپ بېرىدىكەنمىش،، نېمىدىگەن يا-شى پۈتۈن ئاپتوماتىك،ئۆزلۈكىدىنلا!  ھەي قەدىرسىز قىزلار، يېقىندىن بۇيان قىزلا ئوغۇللاغا پۇل خەجلەيدىغان بوپقاپتىمىش،  ئالە شەرىڭنى ...
خەنلەردىن بىر ئىشلەمچى قىز مەنىن: ۋېيزۇرېن لىمىيەن پىيەننۈرېندې تەيدولې نىمېن ۋېيزو نەندى نىما خۇەي ؟دەپ سورىدى مەن: قىزلار ئۆزىنى—ئۆزى ئاسرىشى كېرەك، يولدىن چىققاچقا ئاشۇنداق ئالدىنىدۇ دېسەم،  نىيې خۇەيلا دەيدۇ، ساڭا گەپ چۈشەندۈرگىچە...دەپ ئۆز ئىشىمنى قىلدىم

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 541 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 04:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdinish يوللىغان ۋاقتى  2012-8-19 03:12 AM
جەمئىيىتىمىزدە ئىسلام يەتمىگەن قىز يوق بولۇشى مۇمكىن،  ...

پاھ ما ئىنكاسنى كۆرۈڭ!

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش