مەخەتجان
تىرىشچان ئەزا
نۇمۇس لەۋزىگە قىلماي ئەمەل ۋەدىسدىن كەچكەن نۇمۇس، ئۆپكىنى قۇيرۇق كۆرۈپ ھەم ئەتىدىن كەچكەن نۇمۇس.
سۇ ئىچىپ تەشنالىغى قانغان قۇدۇققا تۈكۈرۈپ، شۇ قۇدۇق قازغان كىشىنىڭ تەرىدىن كەچكەن نۇمۇس. مەيلى كىم بولماقنى قوي ئالتۇن بىنادا ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۆسكەن تۇغۇلغان كەپىدىن كەچكەن نۇمۇس. ياخشىنىڭ قەدرىنى بىلمەي بىر يامانغا دوس بولۇپ، دۈشمىنى تۇتسا قەدەھنى سىر بىرىپ ئىچكەن نۇمۇس. ھېچقاچان بەرمەس كۆڭۈلگە غەيرى ساز خۇشخۇي سادا، ئەل بىلەن چالغان مۇقامنىڭ كۈيىدىن كەچكەن نۇمۇس.
مەنبە :ئۆزۈم
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ