ھېيت كۇنى
قىز-يىگىتلەر تۈزۈشەر قامەت-سۇبات ھېيت كۈنى،
ئۆي-ئۆيلەردە دەملىنەي چاي ۋە ناۋات ھېيت كۈنى،
كوچا-رەستە،مەيدانلار شۇنچە ئاۋات ھېيت كۈنى.
دىيارىمدا باشقىچە كۈلەر ھايات ھېيت كۈنى!
قۇتلۇق سەھەر،شەرقتىن سۈبھى كۈلۈپ باقىدۇ،
مەزىن ياڭراق ئاۋازدا،توۋلاپ قۇلاق قاقىدۇ،
چوڭ-كىچىك ھەم قېرى-ياش مەسچىت تامان ئاقىدۇ،
دەبدەبىلىك-ئۆزگىچە، ناماز-سالات،ھېيت كۈنى!
پارىغ بولۇپ نامازدىن چىقسا بارچە جامائەت،
مەسچىت ئالدى قىزىيدۇ ۋاھ باشقىچە-ئالامەت،
باشلىنىدۇ چوڭ كىچىك،كۆرۈشۈش،سالام-سائەت،
بىر ھاياجان دىللارغا بولار قانات، ھېيت كۈنى.
سەبىيلەرگە -ئاجىزغا ھېيتلىق بېرىش باشلىنار،
تۈمەن-تۈمەن ئاقچىلار ئوتتۇرىغا تاشلىنار،
ئاجىزلارنىڭ شادلىقتىن قارا كۆزى ياشلىنار،
باراۋەردۇر بۇيەردە، باي-نامرات ھېيت كۈنى.
تۇشمۇ-تۇشتىن ئاتلىنار زاراتگاھقا-مازارغا،
مەرھۇملارنىڭ بېشىدا قول كۆتۈرۈپ دۇئاغا،
ئۇلۇغ كۈننىڭ ھۆرمىتى،دەر يېلىنىپ خۇداغا،
نالىلەردىن تىترەيدۇ بۇ كائىنات، ھېيت كۇنى!
قول بېرىشەر، ئۇزلىشار،قىلىشقانلار مالامەت،
يۇيۇلىدۇ بۇ كۈندە بارچە گىنە-ئاداۋەت،
ئۇلۇغ كۈنگە ئۇلاشتۇق،قىلاي-شۈكرى قانائەت-
دىبان چۆرۈپ تاشلىنار ، پىتنە-پاسات،ھيت كۈنى!
كۈلەر ھويلا ئاراملار، گۈل ھىدىدىن خۇش پۇراق،
قىز-كېلىنلەر بەك تېتىك،كۆرۈنىدۇ ھەم ئۇماق،
يارىشىملىق ئۈستىباش،تەبەسسۈمدە گۈل زىناق،
كۈلكىسىگە دۇنيامۇ جۆر بولار شات، ھېيت كۈنى!
پەتە بېشى،بىسمىللا، چوڭ ئۆيلەرنى يوقلايدۇ،
چوڭ ئانىلار نەۋرىگە تاتلىق تۈرۈم ساقلايدۇ،
نەۋرە-چەۋرە جەم بولۇپ،خوشال كۈلۈپ تاقلايدۇ،
خۇددى باھار كەلگەندەك تال چىۋىق ئات، ھېيت كۈنى!
بارچە ئەل شاد كۈلىدۇ، قۇتلۇق كۈندە-ئايەمدە،
تەڭ كەلمەيدۇ ھېچنىمە، بۇ شادلىققا،ئالەمدە،
تەرىپلىدى مۇھەممەت چولتا-ئاجىز قەلەمدە،
قۇتلۇق دەملەر مەن ئۈچۈن زور ئىلتىپات،ھېيت كۇنى!
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 06:43 PM