ئەزىز تورداشلار:ھەممىڭلارنىڭ يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇلۇغ رۇزى ھېيتىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! نەچچە كۈندىن بېرى بىر قىسىم مۇنبەرداشلار تېمىلارغا ئىنكاس يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پىكىر قىلىپ ياكى مەخسۇس تېما يوللاپ بىزنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتىمىزگە نىسبەتەن بىر قىسىم نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئىپادىلىدى.بىز مۇنبەرداشلارنى ئەتەي نارازى قىلدۇقمىكىن دېسەك ئۇنداق ئىش يوق.پەقەت ئارىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن.بىز بۇ ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگۈتۈش،مۇنبەرداشلارغا قانداق تېمىلارنى يوللاش، ئىنكاس يازغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش ھەققىدە قايتا بىر قېتىم ئەسكەرتمە بېرىپ قويۇش مەقسىدىدە بۇ تېما يوللاندى. كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ بىزنى چۈشۈنىشىنى، خىزمىتىمىزنى قوللاپ بېرىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ھەممىمىز مىسرانىم تورىنىڭ سادىق ئىخلاسمەنلىرى،مىسرانىم بىزنىڭ ئىككىنچى ئائىلىمىز،تور دۇنياسىدىكى قەلىب كۆزنىكىمىز.بىز كونا -يېڭى ئەزالىرىمىزنىڭ داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرۇشىنى،ياخشى ئەسەرلىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. مىسرانىم مۇنبىرى ئەزاسى يۈزمىڭدىن ئاشىدىغان ئۇنۋېرسال چوڭ مۇنبەر.ئەڭ ئاساسلىقى مۇنازىرە چوڭ سورۇنى.بۇنداق چوڭ ئائىلىدە بەزىدە ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ قېلىشى مۈمكىن.شۇڭا ئۇچۇر تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى زاماندا بەزى ئۇقۇشماسلىقلار بولۇپ قالسا تېمىلاردا ئىنكاس ئارقىلىق قاخشاپ يۈرمەي بىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرساق تامامەن بولىدۇ. تۆۋەندە مۇنبىرىمىز ئەزالىرىغا قانداق تېمىلارنى يوللاش، ئىنكاسلارنى قانداق يېزىش ،تېمىلارنى قانداق مۇنازىرە قىلىش،مۇنازىرە جەريانىدا قانداق پىكىر قىلىش.يەنە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلىرىمىزنى بايان قىلماقچى.يەنە بىر تەرەپتىن ئەزا چەكلەش توغرىسىدىكى پىرىنسىپلىرىمىز ۋە چەكلەش ئۇسۇلۇمىز ھەققىدە بىرقەدەر چوڭقۇرراق چۈشەنچە بېرىپپەيدا بولغان ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگۈتمەكچى بولۇۋاتىمىز. 1.مۇنبەر بىر بازار.سودىگەر بازارغا مال سالغاندا خېرىدارلار ئېھتىياجلىق بولغان ماللارنى سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.شۇنداقتىمۇ بەزىلەرنىڭ مېلى تېز سېتىلسا بەزىلەرنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قالىدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەپ نەدە؟سەۋەپ- سودىگەرنىڭ بازارنى كۈزىتىپ خېرىدارلار ھەقىقى ئېھتىياجلىق بولغان ماللارنىڭ قايسىىلار ئىكەنلىكنى توغرا بايقىيالىغان- بايقىيالمىغانلىقىدا. مۇنبەرگە يوللىنىدىغان تېمىمۇ بازارغا سېلىنىدىغان مالغا ئوخشايدۇ.شۇڭا سىز تېما يوللىغاندا تېمىڭىزنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىش قىممىتى بار- يوقلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىڭىز كېرەك. كونىلارنىڭ ‹‹ئۆيدىكى ھېساپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ›› دېگەن ھىكمەتلىك سۆزى بار. بەزىدە ئۆزىڭىزگە يارىغان،سىز ‹‹مۇنبەرداشلار بۇ تېمىغا بەك قىزىقىدۇ›› دەپ ئويلىغان تېمىڭىز ئۇلارنى قىزىقتۇرۇش ئورنىغا بىزار قىلىپ قويۇشى مۈمكىن.بەزىلەر مۇنبەرداشلارنى قىزىقتۇرۇشنىلا ئويلاپ ئەدەپ -ئەخلاقنى، شەرمى –ھايانى ئۇنتۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن شەھۋانى تۈس ئالغان ،غارايىپ ۋەقەلىكلەرگە تولغان پۈچەك نارسىلەرنى يوللاپ قالىدۇ.مۇنبىرىمىز ئۇنۋېرسال مۇنبەر بولغاچقا ئۇنىڭغا چوڭلارمۇ كىرىدۇ.كىچىكلەرمۇ كىرىدۇ. ئاياللارمۇ كىرىدۇ ،بالىلارمۇ كىرىدۇ. دېھقانمۇ كىرىدۇ،كادىرمۇ كىرىدۇ. شۇڭا بىرىگە ياققىنى يەنە بىرىگە ياقماسلىقى مۈمكىن. تېما تۈرى جەھەتتە مۇنبىرىمىز بىر ئۇنۋېرسال تاللا بازىرىغا ئوخشايدۇ.ھەر خىل ياشتىكى،ھەر خىل كەسىپتىكى ،ھەر خىل ئېھتىياجدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ بىز مۇنبەردە يەتمىشتىن ئارتۇق سەھىپىنى يولغا قويدۇق.شۇڭا قايسى تۈردىكى تېمىغا قىزىقسىڭىز شۇ تۈردىكى تېمىلار بار سەھىپىگە كىرىپ زىيارەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىز ھىچكىمنى<< بۇ تېمىنى ئوقۇساڭمۇ ئوقۇيسەن، ئوقۇمىساڭمۇ ئوقۇيسەن>> دەپ مەجبۇر قىلمىدۇق.شۇڭا ئۆزىڭىز قىزىقمايدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان تېمىغا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ كىرىپ كېيىن بىزدىن ۋە تېما يوللىغۇچىدىن رەنجىپ يۈرمىگەيسىز. بولمىسا يېگىسى يوق تاماقنى يەپ سالغان كىشىدەك بىئارام بولۇپ تېما يوللىغۇچىنى نارازىلىق ئىنكاسلىرىڭىز بىلەن تويغۇزۇۋېتىپ ئاداۋەت پەيدا بولۇشقا سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز. 2-مۇنبىرىمىزگە باشقا توربەتلەرنىڭ تېمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئەۋەتىپ بىزنى خىجىل قىلماڭ.ھەر ئۆينىڭ نەرسىسى شۇ ئۆينىڭ ئۆزىدە قەدىرلىك.سىزنىڭ ئەتىۋارلىق نەرسىڭىزنى بىراۋ باشقىلارغا ئاپىرىپ بەرسە سىزمۇ ئانچە خوش بولۇپ كەتمەيسىز ھەقىچان.ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا مۇنبەردىن باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۆز نامىڭىزدا يوللىسىڭىز ئەسەر ئوغۇرلىغان،باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز قىلغان بولۇپ قالىسىز. شۇ سەۋەپتىن مۇنبىرىمىزگە باشقا مۇنبەرنىڭ تېمىلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ.تېما ئېگىسى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە مۇنبەرگە بەرگەن بولسا بۇ باشقا گەپ.ئوخشاش بىر تېما نۇرغۇن مۇنبەرگە يوللۇنۇپ ھەممە مۇنبەردە ئېقىپ يۈرمىسە دەيمىز.ھەرقانداق بىر مۇنبەرنىڭ ئۆزىنىڭ ژورناللاردىكى تېمىلاردەك خاس تېمىلىرى بولۇپ ئۆزىنىڭ خاسلىقنى ساقلىيالىسا نېمىدېگەن ياخشى؟! شۇڭا بىزگە پۈتۈنلەي يېڭى تېما ئەۋەتىڭ. بىزمۇ مۇستەقىل مۇنبەر بولغاندىكىن ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىشلىتەيلى! 3-يېقىندىن بۇيان ئىسلامى مەزمۇندىكى تېمىلارنى _ئىسلام تور بىكەتلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىپلا يوللايدىغانلار كۆپىيىپ قالدى.ئىسلامى تېمىلارنى قارشى ئالمايمىز ،يوللىماڭ دېگىنىمىز ئەمەس.مۇنبەر خاسلىقى جەھەتتىن ئالغاندا دىنىي مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسلامى توربېكەتلەردە تۇرغىنى ياخشى.ئۇنداق مەزمۇندىكى تېمىلارنى يوللىماق بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى شۇ يەرگە يوللاڭ.دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى تور بېكەتلىرى پۈتۈنلەي قانۇنلۇق.قانۇنلۇق بولمىغان نەرسىلەر تور دۇنياسىدا بىر كۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. كەڭ مۇسۇلمان كۆرۈرمەن قېرىنداشلارنىڭ دىنى تېما كۆرمەك بولسا شۇ يەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنداق تور بىكەتلەرگە كىرسەم خاتالىشىپ قالارمەنمۇ دەپ سايىڭىزدىن ئۈركۈپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. 4-مىسرانىم مۇنبىرى ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بىر قەدەر پىشقان قەلەمكەشلەر توپلاشقان،سەۋىيەلىك مۇنبەرداشلار زىيارەت قىلىدىغان ئۇنۋېرسال مۇنبەر.شۇڭا ئەسەر ئەۋەتكەندە تاققا-تۇققۇ پىشمىغان‹‹خام ئەسەر››لىرىڭىزنى ئەۋەتمەي.زېھنىڭىز ئوچۇق،ئىلھامىڭىز راسا كەلگەنچاغدا يازغان.قايتا–قايتا تۈزىتىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئۆتكەن ئەسەرلىرىڭىزنى ئەۋەتىڭ.بولمىسا ئۇستا ئالدىدا ئۇستاتلىق قىلىپ يورغىلىغان ئاتىكاچا شاگىرتقا ئوخشاپ قېلىپ ھە دېسىلا بۇرنىڭىزغا يەپ قالىسىز.پۈچەك تېما كۆپ يوللانسا مۇنبەرداشلار قىلچە يۈز خاتىرە قىلمايلا ئىنكاس ئارقىلىق تېما يوللۇغۇچىنى تويغۇزىۋېتىدۇ. بىزمۇ پۈچەك،يارامسىز تېمىلارنى تازىلاپ مۇنبىرىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدىمىساق بولمايدۇ.سەتمۇ ئۆزىنى<< مەن بەك چىرايلىق>> دەر ئىمىش.ئۆزى ئۆزىگە شۇنداق گۈزەل كۆرۈنەرمىىش.بەزى تېما يوللىغۇچىلارنىڭ يازغان نەرسىلىرى پەقەت قاملاشمىسىمۇ ئۆزىگە بەك ياراپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنىڭغا تۈزۈكرەك بىر قاراپ باقماي ياكى بىرەر سەمىمى دوستىغا كۆرسۈتۈپ پىكرىنى ئېلىپ باقمايلا يۈگرەپ كىرىپ مۇنبەرگە يوللايدىكەن. ئەۋەتكەن ئۇ يازمىسى بىزگە يارىماي ئۆچۈرۈۋەتسەك ئۆزىدىن كۆرمەي بىزدىن كۆرۈپ بەك قايناپ قالىدىكەن.ئكچۈرۈلگەن تېمىلارغا بىز ئۇچۇر بىلەن چۈشەنچە بەرمەيمىز ئەمەس.لېكىن كۈندە يوللۇنۇپ تۇرىدىغان تېمىلارنىڭ كۆپلۈكى،نازارەت قىلىدىغان سەھىپىلەرنىڭ نۇرغۇنلىقى تۈپەيلىدىن ھەممىگە يېتىشىپ بولالمايدىكەنمىز.شۇنداقتىمۇ بىز يولىدا چۈشەنچە بەرسەك رەنجىمەيدىغانلارغا ئۇچۇر ئارقىلىق چۈشەنچە بەردۇق.بىرنەچچە قېتىملىق .ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆچۈرۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرسەك تەتۈرلۈك قىلىپ سوقىشىدىغانلارنىڭكى تېمىسىغا قارىتا چۈشەنچە بەرمەيلا ئۆچۈردۇق.بىزنىڭمۇ قىممەتلىك ۋاقتىمىز بار،بىزدىمۇ كۆڭۈل بار.بىھۇدە رەنجىشنى بىزمۇ كۆتۈرەلمەيمىز.چۈنكى بىز باشقۇرغۇچىلار ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى 14-15سائەتتىن ھەقسىز ،پىدائىلارچە ئىشلەپ بېرىۋاتىمىز. شۇڭا ،يازغان ئەسىرىڭىز بىزگە يارىمىسا بىزدىن رەنجىمەي باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاپ بېقىڭ.بىز ياقتۇرمىغاننى باشقىلار ياقتۇرۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. باشقىلارغا تېتىغۇدەك تاماق قىلالمىغان ئاشپەز خېرىداردىن رەنجىمەي ئۆزىدىن رەنجىشى ئەقەللى ئىشقۇ دەيمەن؟! 5-ئەزا چەكلەشكە كەلسەك بىز سەۋەپسىز ئەزا چەكلىمىدۇق.چەكلىگەنلىرىمىز يۈزمىڭ ئەزا ئىچىدە پەقەت بىرنەچچىلا.ئۇلارنىمۇ بىز ئەمەس ئۆزى چەكلىدى.نىمىشقا دەمسىز؟ غالجىرلاشقان،قالايمىقان ئادەم چىشلەيدىغان ئىتنى ھىچكىم ئامان قويمايدۇ.سوقۇشقاقنى كىممۇ ھوجرىسىغا كىرگۈزىدۇ؟! ئۇلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن چەكلەنگەنلىكنى بىلەمسىز؟ئۇلار قالايمىقان ئىنكاس يېزىپ ئادەم تىللىغىنى،باشقىلارنى ھاقارەت قىلغىنى، ئىناقسىزلىق پەيدا قىلغىنى ياكى سىياسىيغا،قانۇنغا چېتىلىدىغان سەزگۈر ئىنكاسلارنى يېزىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن چەكلەندى. بىز ئۇلارنى چەكلىمىسەك ئۇلارغا ئەسكىلىك قىلىشقا،باشقىلارنى رەنجىتىشكە ،مۇنبىرىمىزنىڭ مۇقىم تەرققى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولۇپ قالىمىز.ئۇلارنى چەكلىمىسەك،داۋاملىق ھەددىدىن ئېشىۋەرسە بىزغۇ مۇنبەردىن قوغلۇۋېتەرمىز ،قانۇنمۇ ئۇنى بوش قويۇۋېتەرمۇ؟! ‹‹بەك قاينىغان چۆگۈن ئۆزىنىڭ بېشىغا تاشىدۇ››دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چوڭ جامائەت سورۇنىدا ئىكەنلىكىنى، يازغان ئىنكاسىنى نەچچچە تۈمەن ئادەم كۆرىدىغانلىقىنى بايقاپ ئۈلگەرەلمىگەن نادانلار ئۆزىنى ھەتتا تۈرمىدىمۇ كۆرۈشى مۈمكىن.‹‹مۇنبەر مەۋھۇم دۇنيا،مەن ئۆز ئىسمىمنى ئىشلەتمەي باشقا ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىردىم،نېمە يازسام،نىمە قىلىسام ،نېمە كۆرسەم ھىچ سورىقى يوق››دەپ ئويلاپ چۆچۈرىنى خام سانىماڭ.توردا نېمە كۆرگىنىڭىز، نىمە قىلىۋاتقانلىقىڭىز، نىمە يازغىنىڭىز، كىم ئىكەنلىكىڭىز، قەيەرلىك ئىكەنلىكىڭىز باشقۇرغۇچى ئورۇنلارغا مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.ھەتتا تورخانىغا كىرسىڭىزمۇ تىزىمىغا ئالىدىغانلىقنى،قايسى كومپىيۇتېرنى قاچان ئىشلەتكەنلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇدىغانلىقى ۋە خاتىرىسى قالىدىغانلىقنى ئۇنۇتماڭ. ۋاقتى كەلسە ھەممە ئۇچۇرىڭىز نەچچە مىنۇتتىلا100 % ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ.شۇڭا توردىكى پۈتۈن ئىشلىرىڭىزنىڭ سورىقى بارلىقنى ئۇنۇتماڭ. نورمال پائالىيىتىڭىز مەڭگۈ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.نورمالسىز بولغان سۆز ھەركىتىڭىز باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ.چەكتىن ئېشىۋەرسىڭىز ip ئادرېسىڭىز بويىچە دىلو مەلۇم قىلپ سىزنى بېرىشقا تېگىشلىك جايغا ئاپىرپ قويۇمىز.ئۇ چاغدا پۇشايمان قىلىشقا ئۈلگىرەلمەي قېلىشىڭىز مۈمكىن. كۈندىلىك يوللىنىپ تۇرۇدىغان تېمىلار بەك كۆپ بولغاچقا تېمىلاردىكى بەزى ناچار،چەكلەشكە تېگىشلىك ئىنكاسلارنى،بىز ۋاقتىدا بايقاپ بولالماي قېلىشىمىز مۈمكىن.‹‹ ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك›› دېگەن گەپ بار ،بۇنداق ئىنكاسلارنى بىزدىن بۇرۇن مۇنبەرداشلار بايقاپ قالسا بىزگە ئۇچۇر ئارقىلىق ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويغايسىزلەر.بىزنى قوللىغان،ياخشى ماسلاشقان مۇنبەرداشلارنى مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاپ،تۆھپىسىنى خاتىرىلەپ تۇرۇمىز. بۇنداق دوستلار بەزى تەرەپلەردە بىزنىڭ ئېتىبارلىرىمىزغىمۇ مۇيەسسەر بولاللايدۇ.شۇڭا تورداشلار سىلەرگە مۇراجىتىمىز: ھىچقايسىڭلار <<ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچىلار>> دىن بولۇپ قالماڭلار! 6.تېما يوللىغاندا مەزمۇنىغا، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي يازمىڭىزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشى،تىنىش بەلگىلىرىنىڭ توغرا ۋە جايىغا قويۇلىشىغىمۇ ئالاھىىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.شۇندىلا ئەسەر ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولىدۇ.ئىملا خاتلىقى بەك كۆپ،تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلمىغان يازمىلار سەت كۆرۈمسىز قىزغا،كىكەچ گاچىغا ئوخشايدۇ.بۇنداقلارنى كىممۇ ياقتۇرسۇن؟! 7- ئىنكاس يازغۇچىلار يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى،ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چۈشۈنۈڭ،ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ.يازغىنىڭىز تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالمىسۇن. تېما ئېگىسى تاغدىن گەپ قىلسا سىز باغدىن گەپ قىلسىڭىز باشقا مۇنبەرداشلار‹‹بۇ ئاداشنىڭ سەۋىيەسى شۇنچىلىك ئىكەن››دەپ سىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئىناۋىتىڭىزنى تۆكۈۋالىسىز.ياكى شۇ تۈپەيلى سىزگە قارشى ئىنكاس يېزىلىپ قېلىپ ئارىدا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ. مۇنبەر كۆپچىلىكنىڭ ئىلمى مۇنازىرە سورۇنى بولغاچقا بۇ سورۇندا باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ،يۇرتۋازلىق قىلىدىغان،قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ماجرا پەيدا قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ..شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇنازىرە جەريانىدا ئىلمى،سەۋرىچان بولۇشنى،ئەخلاق مىزانلىرىغا رۇئايە قىلغان ھالدا ئىلمى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز كۆزقارىشى بولىدۇ.سىز ياقتۇرغاننى يەنە بىرى ياقتۇرماسلىقى مۈمكىن.شۇڭا ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار چىقسا ئالدىراپلا تىللاپ قوپماي سەۋر قىلىڭ.باشقىلارغا ئۆز ئىدىيەڭىزنى زورلاپ تاڭماڭ،مەلۇم مەسىلىدە ئۆز-ئارا پىكىر بىرلىكى بولمىسا، قانچە مۇنازىرلەشسىمۇ بىرلىككە كېلەلمىسە زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتمەي دەلىللەر ئاساسىدا ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قېلىشى تولىمۇ ئاقىلانىلىق.ئەزا چەكلىنىش مانا شۇنداقلاردىن كۆپرەك چىقىدۇ. بىزگە مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال ئۇچرىدى.بىرسى، بەزى تورداشلار مۇنبەر پۇلى قوغلاشتىمۇ قانداق ئوخشاش بىر ئىنكاسنى ئارقىمۇ ئارقا كۆچۈرۈپ قويۇدىغان ياكى چىراي ئىپادىسى رەسىمىدىن بىر ياكى ئىككىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويۇپلا ئىنكاس يوللاپ تېمىنىڭ ئىنكاس رايۇنىنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئۆتكەندە بىر تورداشنىڭ: ‹‹مۇنازىرە مۇنبىرىگە تېما كۆرگىلى ئەمەس ئىنكاس كۆرگىلى كىرىمەن.بەزى ئىنكاسلار تېمىدىنمۇ قىزىقارلىق›› دېگەن گېپى قۇلۇقىمغا كىرىپ قالغان.بۇ ياخشى ئەھۋال.لېكىن ھېلىقىدەك پۈچەك ئەخلەت ئىنكاسلار پات-پات بىزنىڭ تازلىشىمىزنى ساقلاپ تۇرسا بولمايدۇ.ئەخلەت تازىلاش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.چۈنكى مۇنبەر بىزنىڭ مەنىۋى پائالىيەت سورۇنىمىز..مۇنبەر پۇلى پەقەت مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەردىكى ئىناۋىتى،تەرەققىيات ئىستىقبالىنىلا كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇشۇڭا قارىغۇلارچە مۇنبەر پۇلى قوغلۇشۇپ ئەخلەت ئىنكاس يازمىسىڭىز.ئەگەر بىز ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتسەك مۇنبەر پۇلىڭىز كەملەپ كېتىدۇ.ئىناۋىتىڭىز چۈشىدۇ.شۇڭا ھەرۋاقىت دىققەت قىلغايسىز. يەنە بىرسى، ھەر كۈنى كۆپ تېما ياكى ئىنكاس يازغانلار ئۈچ دەرىجە بويىچە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىپلا قالماي مېدالغىمۇ ئېرىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا بەزى ساختىپەزلەرمۇ چىقىپ قالدى.
مەلۇم بىر تورداش بىر كۈنى ‹‹ياخشى تېما يوللاپسىز،سىزنى قوللايمەن››دېگەن بىر ئىنكاسنى ئەللىكتىن ئارتۇق تېمىغا چاپلاپ شۇ كۈنى ئاپتۇماتىك سېستىمىنىڭ كۆزىنى بوياپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىۋالغان. ئەتىسىلا بىز بۇنى بايقاپ قېلىپ ھېلىقى تورداشنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردۇق.بۇ تورداش ئىسمىنىمۇ ئۆز خاراكتىرىگە ماس قىلىپ سەت ئىسىم قويغان ئىكەن، بۇ تەرەپمۇ بىزنى ئەجەپلەندۈردى. ئالدىنقى كۈنى يەنە مۇنداقمۇ بىر ئىش يۈز بەردى.مەلۇم ۋىرۇس تازىلىغۇچنىڭ ئىسمىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويۇۋالغان تورداش بىر مۇھىم تارىخى تېمىنى تېما سۈپىتىدە ئېلكىتاپ قىلىپ يوللاپتۇ.بىز ئۇنى كۆرۈپ بولۇپ تەستىقلايلى دەپ تۇرساق ،ئۇ يەنە ئۆزى مەلۇم بىر باشقۇرغۇچىمىزغا كىيۇ-كىيۇ ئارقىلىق‹‹ئۇ تېمامنى تەستىقلىماڭلار، مۇنبەرگە چىقمىسۇن››دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ. تەجرىبىلىك باشقۇرغۇچىمىز ئۇ ئۇچۇرنى ئىسپات سۈپىتىدە رەسىم شەكلىدە ساقلاپ قويۇپتۇ.ئەتىسى ئۇ تورداش ئۆزىنىڭ قىلغىنى ھېچيەردە يوق بىزنى ئەيىپلەپ بىرنەچچە تېمىغا ئىنكاس يېزىپتۇ:‹ ‹باشقۇرغۇچىلار ياخشى تېمىنى بىلمەيدىكەن.مېنىڭ ياخشى تېمامنى تەستىقلىماي ئۆچۈرۈۋەتتى›› ئىشنى ئۆزى بۇزۇپ يەنە بۇنداق مەزمۇندا خاتا تەشۋىقات تارقىتىپ نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ نارازىلىق سادالىرىنى پەيدا قىلىۋىتىش بىزنىڭچە تولىمۇ رەزىل قىلمىش. بۇ ئىش مۇنبەرداشلارغا گۇناھسىز باشقۇرغۇچىلارنى ئېغىر گۇناھكارلاردەك خۇنۇك كۆرسۈتىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنۇڭ ئويدۇرما ئىنكاسلىرىنى يېپىپ قويدۇق.ئالدىراپ ئۆچۈرۈۋەتمىدۇق. لېكىن ئۇ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىمىزغا قۇلاق سالماي مەلۇم مۇنبەر باشقۇرغۇچىسىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇر ئەۋەتىپ ھاقارەتلىگەن ۋە تەھدىت سالغان.ئۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي بەزى ئاۋات تېمىلارغا كىرىپ ئىنكاس ئارقىلىق ئۇ باشقۇرغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ يەنە داۋاملىق ھاقارەتلىگەن.بۇنداق قىلىش ئۇچىغا چىققان بىمەنلىك ۋە يولسىزلىق.ئۇندىن بۇرۇن ئۇ تورداشنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن ئېدى.‹‹ياخشىغا كۆز تەگدى››دېگەندەك مۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرماي تۇرالمايدۇ. 8-بىزدە ئەزاچەكلەشنىڭ بىرمۇنچە ئۇسۇللىرى بار.ئەخلاقسىز ،مەدەنىيەتسىز كىشىلەر يازغان،سەت تىللار ئىشلىتىلگەن،باشقىلارنى ھاقارەت قىلغان،ئارىغا زىددىيەت تېرىپ قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىنكاسلارنى بىېرىنچى قېتىم بايقىساق توسۇپ قويىمىز.ھەمدە ئېگىسىگە ئۇچۇر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز.بۇنداق ئىنكاس يېپىق ھالەتتە بولغاچقا باشقىلار ئىچىدە نېمە بارلىقنى كۆرەلمەيدۇ.لېكىن بۇ ئىنكاستا باشقىلارنىڭ كۆرۈشى زىيانلىق بولغان مەزمۇن بارلىقىنى،بۇ ئەزاغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەزادىن ئىبرەت ئېلىپ مۇنبەردە ئىلمى ئىنكاس ئارقىلىق مۇنازىرلىشىش كېرەكلىكنى بىلىۋالالايدۇ.
بۇ ئىقتىدار بۇرۇن ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمىگەن بولغاچقا بەزى مۇنبەرداشلاردا ‹‹بۇ مۇنبەرداش چەكلىنىپتۇ›› دېگەن خاتا تونۇش پەيدا بولۇپ قاپتۇ.بەزىلەرمۇ <<مەن چەكلىنىپ قاپتىمەن>>دەپ چۆچۈپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە ئەگەر ئۇ ئەزا چەكلەنگەن بولسا ئۇنداق كۆرۈنمەي مۇنداق كۆرۈنىدۇ.
بەلگە ئەسكەرتمىسىدە ‹‹يوللۇغۇچى چەكلەنگەن،مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز›› دېگەن خەت بولىدۇ. بۇنداق ئىنكاس يازغۇچىلار تىزىمغا ئېلىپ قويۇلۇپ كۈزىتىلىدۇ.داۋاملىق ناچار ئىنكاس يازسا ئىككىنچى قېتىم ئىنكاسلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ھەم قىلمىشى داۋاملىق خاتىرىلەپ قويۇلىدۇ.خاتىرىلەشتە ئىنكاسى ۋە ھەددىدىن ئاشقان ئۇچۇرلىرى كىيۇ-كىيۇنىڭ كېسىپ چاپلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق رەسىم شەكلىدە ساقلاپ قويۇلۇپ قىلمىشلىرىغا ئىسپات قىلىنىدۇ.ئۈچۈنچى قېتىم داۋاملىق چاتاق چىقىرىۋەرسە چەكلىۋېتىلىدۇ.بۇنى ئادەتتە بىز ‹‹مۇنبەر تۈرمىسى››دەپ ئاتايمىز.بۇنىڭ مۇددىتى تۆۋىنى بىر ھەپتىن يۇقۇرىسى مەڭگۈلۈككىچە بولىدۇ. 9-ئەزا ئىسمى ۋە باش سۈرەت توغرىسدا :مۇنبەردىكى ئىسىم گەرچە ئۆز ئىسمىڭىز بولمىسىمۇ لېكىن بىز مۇنبەردە سىزنى شۇ ئىسىم بىلەن تونۇيمىز.بۇرۇنلاردا ئاتا-ئانىمىز يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىغا ئىسىم قويغاندا ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ئۆزى ئەڭ چىرايلىق دەپ قارىغان،يېقىشلىق ئىسىملارنى قوياتتى.لېكىن بۇ مۇنبەرگە قارايدىغان بولساق كۆپۈنچە ئەزالارنىڭ ئىسمى مەنىلىك،چىرايلىق ،يېقىشلىق.لېكىن يەنە ئاز بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئىسمى بەكمۇ غەلىتە،بەكمۇ سەت،يېقىمسىز.بۇ شۇ ئەزانىڭ ساپاسىغا،ئەخلاق مىزانى ۋە ئوبرازىغا بېرىپ چېتىلىدۇ.بۇ ھەقىقەتكە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بەزى ناچار تەسىرلىرى بىر قىسىم ياشلىرىمىزنى سەۋدايى، بىنورمال قىلىپ قويدى.ئۇلار نورمال ھالەتتىن بىزار. ئاجايىپ بولۇشقا،قىزقارلىق بولۇشقا ئامراق. شۇنىلا قوغلىشىپ باشقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. مەسىلەن؛ مۇنبىرىمىزگە قارايدىغان بولساق ‹‹جۇلدۇر خوتۇن››،‹‹مايماق خوتۇن››، <<شۇمتەك>><<‹‹ساراڭ خوتۇن››،‹‹ئېسئېسچى››،‹‹ئوغرى›› ‹‹قىمارۋاز››... دېگەندەك تولىمۇ سەت،ئادەم تىللىغاندەك،ئۆزىنى- ئۆزى ھاقارەت قىلغاندەك يامان ناملار بىلەن تىزىملىنىپ كىرگەن نۇرغۇن تورداشلارنى ئۇچرۇتىمىز.شۇنداق ئەزالاردىن ئىبرەت ئېلىپ بۇندىن كېيىن نورمال ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرىڭلار..بولمىسا سىلەر نومۇس قىلمىغان بىلەن سىلەردەك ناچار ئىسىملىكلەردىن بىز نومۇس قىلىمىز. شۇڭا مۇنبەرگە يېڭىدىن تىزىملاتقاندا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى نورمال ئىسىم بىلەن ياكى ئېنگىلىز يېزىقىدىكى چىرايلىق،يېقىملىق، تېتىملىق ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىرىڭ.يۇقارقىدەك قوپال،سەت غەيرى،يېقىمسىز،كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىرمەڭ.ئۇندىن باشقا مەلۇم داڭلىق ماركىلارنى، توربەت، شىركەت ۋە شەخسكە تەۋە كوللىكتىپ ئورۇن جاي ناملىرىنى مۇنبەرگە تىزىملىتىدىغان ۋاكالەت ئىسم قىلىۋالماڭ. ئېلىمىزدە ماركا قانۇنى بار.ماركا قانۇنىدا قانۇنلۇق شىركەتلەرنىڭ نامى ياكى ماركىسىنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە نام ئورنىدا ئىشلىتىشى چەكلەنگەن.مەسىلەن تويوتا،360安全卫士دېگەندەك ماركا ياكى مەھسۇلات ئىسىملىرىنى قەتئى ئىشلەتمەڭ. باش سۈرىتىڭىزمۇ ئىلمى،لاياقەتلىك،جەلىپ قىلارلىق،خاراكتىرىڭىز ياكى ئىسمىڭىزغا ماس قىلىپ چىقىرىڭ .باش سۈرەتكە سېرىق مەزمۇندىكى رەسىملەرنى ياكى قانۇنغا، سىياسىيغا ئەخلاق مىزانلىرىغا خىلاپ مەزمۇندىكى سۈرەتلەرنى،بەلگىلەرنى دۇنيا تارىخىدىكى گىتلېر، مۇسسۇلىن دېگەندەك سەلبى شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى قەتئى ئىشلەتمەڭ.بۇنداق سۈرەت -ياكى بەلگىنى ئىشلەتسىڭىز بىز بىرەر ئىككى قېتىم سۈرىتىڭىزنى ئالماشتۇرۇۋېتىمىز.يەنە قىلىۋەرسىڭىز چەكلىنىپ كېتىسىز. كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ بىزنى قوللۇشىنى، چۈشۈنىشىنى بىز بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ مىسرانىم تورىنىڭ نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق ھەسسە قوشۇپ تۇرۇشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز. مىسرانىم باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسىدىن قابىلجان 2012-يىل8-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 06:15 PM
|