يۇلغۇن قىزارغان دالىدا
(زىيارەت خاتىرسى)
ــ تارىم دەريا ۋادىسىدىكى يۇلغۇنلۇق ئاجايىپ مەنزىرلىك بولۇپ كەتتى ھەمدە ھەسەل ھەرىسى باقمىچىللىرى ھەرىللىرىنى يۇلغۇنلۇقتا بېقىۋاتىدۇ.ئاپىرىپ كېلەيمۇ؟ ـــ دېدى شايار ناھىيە قىزىلبايراق بازىرى بازار كەنتىدىكى«ياسىنجان ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نىڭ مۇدىرى ياسىنجان ئابلا ماڭا تېلىفۇن قىلىپ.مەن بۇ ياخشى ئاخبارات ئۇچۇرىغا قىزىقىپ قېلىپ ،بېرىشقا قوشۇلدۇم.10-ئاۋغۇست ئىككى كەسپدېشىم بىلەن تېلېكامېرانى ئېلىپ،ياسىنجاننىڭ پىكاۋىغا ئولتۇرۇپ تارىم يېزىسىغا قاراپ ماڭدۇق.
چۆلدە گۈل
ھازىر دەل يۇلغۇن چېچەكلەيدىغان مەزگىل بولغاچقا،تارىم يېزىسىغا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرپىدە ئۇژۇل-ئۇژۇل چېچەكلىگەن يۇلغۇن مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلۇنۇپ ماڭدۇق.شايار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر مىليۇن350مىڭ مودىن ئارتۇق ھەر خىل سورتتىكى يۇلغۇن قىپ قىزىل،سۇس قىزىل، سۆسۈن ۋە ئاق رەڭدە چېچەكلەپ،بىپايان چۆل-جەزىرىگە ھەسەن-ھۈسەن رەڭگىدە ئاجايىپ گۈزەللىك بەخىش ئەتكەنىدى.يىراقتىن قارىغاندا گۇيا چۆلدە گۈل ئېچىلغاندەك كۆرۈنەتتى.بۇ بولۇق ھەم ئىگىز ئۆسكەن يۇلغۇنلار شايار ناھىيەسىنىڭ ھەقىقەتەن«جۇڭگودىكى يۇلغۇن ماكانى»›ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇم-بوراندىن مۇداپىئە كۆرىدىغان،سۇلۇق جايلارنى قوغداپ،شورنى تېزگىنلەيدىغان،قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرىدىغان قىممەتلىك ئېكىلوگىيەلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈك بولغان يۇلغۇن قاتارلىق تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش،ئاسىراش سالمىقىنى ئاشۇرغاچقا،چۆل،قاقاس جايلاردا بۇ خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپۈيۈپ،تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ تەبىئىي ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ،ساياھەتچىلەر قىزىقىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت نوقتىسىغا ئايلاندى.
يۇلغۇن ھەسىلى
بىز ناھىيە بازىرىدىن شەرقى جەنۇپقا قاراپ 70نەچچە كىلومېتىرچە مېڭىپ،تارىم يېزىسىنىڭ ئەڭ يىراق كەنتى قەلىيەت كەنت تەۋەسىگىچە كەلدۇق.يول بويى ھەر 3-4 كىلومېتىر جايدىكى يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار ھەسەل ھەرە ساندۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ھەسەل ھەرىللىرىنى يۇلغۇن چېچىكىدە بېقىۋاتقان ئىكەن.يول قىرلىرىغا يۇلغۇن چېچىكىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ھەسەللىرىنى قۇتا،باكلارغا قاچىلاپ تىزىپ قويغان ئىدى.بۇ يەردە ھەسەل ھەرىسى بېقىۋاتقان قىزىلبايراق بازىرىدىكى ھەسەل ھەرىسى باقمىسى ئەخمەت تاش بىزگە:«‹كۈندە مۇشۇ يەرنىڭ ئۈزىدىلا 200ــ 300كويلۇق ھەسەل ساتىمىز»دېدى.بىز يەنە مولنىياز ياسىن ،ياسىن ئەيسا قاتارلىق «ياسىنجان ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى»غا ئەزا بەش كىشىنىڭ مۇشۇ يۇلغۇنلۇقتا ھەسەل ھەرىسى بېقىۋاتقان نوقتىللىرىغا باردۇق.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 100ساندۇقتىن160ساندۇققىچە ھەسەل ھەرىسى بېقىۋېتىپتۇ.
«ياسىنجان ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نىڭ مۇدىرى ياسىنجان ئابلا قايتىپ كېلەشىمىزدە بىزگە ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:ئىلگىرى بۇ يۇلغۇنلار ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ،چېچىكى مەنزىرە ھاسىل قىلىپلا تۇراتتى.ھازىر ھەسەل ھەرىسى باقمىچىللىرى ئۈچۈن ھەسەل ھەرىسى بېقىپ،يۇلغۇن ھەسىلى ئىشلەپ چىقىرىدىغان،كىرىمىنى كۆپەيتىدىغان ياخشى بازا بولۇپ قالدى.ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزغا ئەزا 57 ھەسەل ھەرىسى باقمىچى ئائىلىسىنىڭ ھەممىسى ھەسەل ھەرىللىرىنى تارىم ۋادىسىدىكى يۇلغۇنلۇقتا بېقىۋاتىدۇ. يەنە سىچۈەن،سەنشى،خېنەن،شىئەن قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكە-شەھەرلەردىن كەلگەن 20گە يېقىن خەنزۇ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىللىرىمۇ مۇشۇ تەۋەدىكى يۇلغۇنلۇقتا ھەسەل ھەرە بېقىۋاتىدۇ››.
ئۇقۇشىمىزچە،ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىدىن سىنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە يۇلغۇن چېچەكلەيدىغان مەزگىل بولۇپ،مۇشۇ مەزگىلدە شايار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن 2000ساندۇقتىن ئارتۇق ھەسەل ھەرىسى تارىم ۋادىسىدىكى يۇلغۇنلۇقتا بېقىلىپ،يۇلغۇن چېچىكىدىن ئوزۇق ئېلىپ،60ــ 70توننا تەبىئىي،سۈپەتلىك يۇلغۇن ھەسىلى ئىشلەپ چىقىرىپ بېرىدىكەن.بۇ كۈنلۈك«يۇلغۇن قىزارغان دالا»دىكى زىيارىتىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولدى.شۇنى خىتاپ قىلىمىزكى؛ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىمىزنى ئاسىراش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى،مەجبۇرىيىتى.ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ،كېيىكى ئەۋلاتلارغا بەخت يارىتايلى!!
مەنبە:ئۆز زىيارىتىم.