ئاسىيا كىندىكى تور خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە مەلۇم بىر تورداش ئاممىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى يېنىدىكى ‹پەرىزات ھەيكىلى›نى بۇزۇپ تاشلىغانلىق سۈرىتىنى مىكرو بىلوگ ئارقىلىق ئاشكارىلىغان.
شىنلاڭ مىكرو بىلوگىدىكى
“@DHA-XJ李传明”ئىسىملىك تورداش 17-چېسلا 9دىن ئاشقاندا ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا:‹پەرىزات چېقىۋېتىلدى. ئۇ تەكشى باگاژنىكىلىق رىكشىدا ئۇيقۇدىكى ساھىبجامالدەك ياتاتتى›دەپ يازغان ھەمدە ‹پەرىزات›نىڭ ماشىنا ئارقا كوزۇپىدا ياتقان سۈرىتىنى چىقىرىپ قويغان.
ئاسىيا كىندىكى تورى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ‹پەرىزات ھەيكىلى›نىڭ خەۋىرىنى بەرگەن ھەمدە مەخسۇس مۇتەخەسسىس ۋە قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى زىيارەت قىلىپ بۇ ھەيكەل توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەن.
مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىككى كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان 13-قېتىملىق باغ ئورمان مەنزىرە رايونىنى پىلانلاپ لايىھىلەش مۇھاكىمە يىغىنى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق باغ ئورمان كۆكەرتىش مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يەرگە يىغىلغان ئىدى. يىغىن ئېچىلىش مەزگىلىدە باھار يولىدىكى ‹پەرىزات ›ھەيكىلى ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ مۇنازىرە پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان داڭلىق مۇتەخەسىسلەرنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەيكەلگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ بەزى مۇتەخەسسىسلەر : ‹گەرچە لايىھىلەپ قۇرۇپ چىققۇچى تەرەپنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ياخشى بولسىمۇ لېكىن، ئاممىغا بەرگەن تەسىرى ياخشى بولمىغان. بۇ قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار ۋە لايىھلىگۈچىلەردىن ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئەتراپلىق ئويلىشىش، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىش بېجىرىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ ›دېگەن.
يەنە كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەر :‹شىنجاڭنىڭ باغ ئورمان كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى شۇ يەرلىكنىڭ مۇھىتى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىشى كېرەك›دېگەن.
جۇڭگو باغ ئورمان كۆكەرتىش ئىلمىي جەمئىيىتى پىلانلاپ لايىھىلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۈەن مۇچى: ‹يەرلىك ئالاھىدىلىك بولمىسا خاسلىق بولمايدۇ ›دېگەن. جۇڭگو باغ ئورمان كۆكەرتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ‹شىنجاڭنىڭ باغ ئورمان كۆكەرتىش پىلانلاپ لايىھىلەش قۇرۇلۇشىدا ئىختىساس ئىگىلىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ئىختىساس ئىگىسىنى توغرا ئىشلىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم›دېگەن.
مەنبە ؛
http://bbs.qimbulak.com/read.php?tid=4699
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 10:34 AM