نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم جامائىتى ! ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارنىڭ سالامەت ، ئائىلەڭلارنىڭ بەخىتلىك ، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن .
مەخسەتكە كەلسەم ، دادام 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ( جۈمە ) تۇيۇقسىز نەپەستىن قالدى . شۇ كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ، خوتەن شەھەر تەيۋىزىم مازىرىغا دەپنە قىلدۇق .
دادامنىڭ نەزىر - چىراقلىرىنى بىرىپ كەلدۇق . خوتەندە مۇنداق بىر ئادەت بار ، يەنى ، تۈگەپ كەتكەنلەرگە ئاتاپ ، ھېيت كۈنى قازان ئېسىپ ، ھېيت نامىزىندىن يانغان جامائەتنى نەزىرگە چاقىرىش .
بىزنىڭ مەھەللىدە ، بۇ يىل 8 كىشى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ ، ئۇقۇشۇپ باقسام ھەممەيلەن ، ئەتىكى يېڭى ھېيت نەزىرىسىگە تەيرارلىق قىلىۋىتىپتۇ .
ئويلاپ قالدىم ، جامائەت ھېيت نامىزىدىن يېنىپ ، ئاۋۋال تۇپراق بېشىنى يوقلاش ، ئاتا -ئانىلارنى يوقلاش .... ئاندىن نەزىرگە بېرىش ، بۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ ؟ قايسى بىر ئۆيلەرگە بېرىپ نەزىرگە قاتنىشىپ بولۇدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزاندا ، كۆپ تاماق يىمەسلىككە كۆنگەن ئاشقازانلار ھېيت كۈنىدىكى پولولارنى يەپ بولالامدۇ ؟ ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھېيت كۈنىدىكى جامائەت سانىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ ، شۇ سەۋەپلىك قانچىلىك ماتىريال چىقىرىپ تاماق ئېتىمىز ؟ تاماق يەتمەي قالسا قانداق قىلارمىز ؟ ئېشىپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىلارمىز ؟ بۇنىڭ ئىسراپچىلىقىدىن گۇناھكار بوپ قالارمىزمۇ ؟ دىگەندەك كۆپلىگەن سۇئاللار كاللامنى چىرمىۋالدى .
ئاخىرى ئانام ۋە ئىنى - سىڭىللىرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى سەدىقە قىلىۋىتىشنى ئويلاشقان ، بىر ئىنىمدىن باشقىلار سەدىقە قىلىۋىتىشكە قوشۇلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئائىلىمىزدە ، بۇنداق قىلساق مۇۋاپىق بولارمۇ ؟ ئەل -جامائەت نىمە دەر ؟ باشقىلار جامائەتنى چاقىرسا بىز چاقىرمىساق ، گەپ سۆز بوپ قالارمىكىن ؟ دىگەن يېڭى بىر سۇئال كېلىپ چىقتى .
يۇقارقى مەسىلىگە قارىتا ، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى دوسلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاش ھەم بۇ خىل ئەھۋالنىڭ باشقا يۇرتلاردا قانداق بولىۋاتقانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىۋالساق .