ئۆچ ئالىمەن
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
كەلگەنىدىم كۈتۈپ ئوچىرەت، ئۆچ ئالىمەن،
قالمىغانتى مەندە تاقەت، ئۆچ ئالىمەن،
ئەمدى مانا كەلدى پۇرسەت، ئۆچ ئالىمەن،
ئۆچ ئېلىشمۇ قالتىس راھەت، ئۆچ ئالىمەن،
چىداپ تۇرۇڭ، سىزدىن دەھشەت ئۆچ ئالىمەن.
ئۆچ ئېلىپقۇ بۇرنىڭىزدىن قان ئالمايمەن،
كېرىكى يوق، سىزدىن يەنە جان ئالمايمەن،
ئازراق بايلىق يىغىمەن شۇ، كان ئالمايمەن،
نەخ ئالىمەن، مەنمۇ نېسى سان ئالمايمەن،
يېزىپ سىزگە ئىككىلىك خەت، ئۆچ ئالىمەن.
«خەت» دېگىنىم باغاق ئۆزى، بىلىۋېلىڭ،
ئېغىر ئالماي تۇشمۇ-تۇشتىن ئېلىۋېلىڭ،
تەييارلىقنى ئەمدى پۇختا قىلىۋېلىڭ،
ھېلىقىنى چۆنتەككە نەخ سېلىۋېلىڭ،
ئۆچ ئېلىشتىن شۇدۇر مەقسەت، ئۆچ ئالىمەن.
ئۆي كۆچۈمەن، پەتىسىگە كېلىپ كېتىڭ،
سىزمۇ ئوبدان يارىشىقىنى قىلىپ كېتىڭ،
«پەتە» دېگەن نېمە زادى، بىلىپ كېتىڭ،
قايتار چاغدا يەنە باغاق ئېلىپ كېتىڭ،
رەنجىپ يۈرمەڭ مەندىن پەقەت، ئۆچ ئالىمەن.
ئاڭلاپ ئۆيدە خوتۇنۇمنىڭ بۇيرۇقىنى،
تەشتۈرىمەن قىزلىرىمنىڭ قۇلۇقىنى،
ئۆتكۈزىمەن مۇراسىمنىڭ ئۇلۇقىنى،
قىلىمەن ھەم بارۇ-يوقنىڭ سورۇقىنى،
شۇنىڭ بىلەن تېپىپ شۆھرەت، ئۆچ ئالىمەن.
بىلىپ قالدىم تۇل ئانامنىڭ ئويىنىمۇ،
يەتمىش ياشتا مەخپى ئىشى-كويىنىمۇ،
قىلىپ قوياي ئەمدى ئۇنىڭ تويىنىمۇ،
سوۋغاتلاردىن بېزەي ئالتۇن بويىنىمۇ،
مانا شۇنداق قىلىپ ھەرىكەت، ئۆچ ئالىمەن.
خەتمە توينىڭ ئىشىمۇ بار، ئاڭلاپ قويۇڭ،
ئۆيۈمدە ئەر كىشىمۇ بار، ئاڭلاپ قويۇڭ،
قېرىسىمۇ-يېشىمۇ بار، ئاڭلاپ قويۇڭ،
ساقايمىغان بېشىمۇ بار، ئاڭلاپ قويۇڭ،
بۇ ئىشنى دەپ قىلماڭ غەيۋەت، ئۆچ ئالىمەن.
ئىتىم ئۆلسە ھازىسىغا چىللىقىم بار،
قىرىقىم بار، يەنە تېخى يىللىقىم بار،
كەلمىسىڭىز كۆڭلۈم نازۇك، زىللىقىم بار،
بىلەمسىزكىن، مېنىڭ شۇنداق خىللىقىم بار،
زەھەر بەرسەم بىلىڭ شەربەت، ئۆچ ئالىمەن.
مۇراسىملار ئاخىرلاشسا ئامالىم بار،
دوختۇرلاردا يېتىۋېلىش خىيالىم بار،
ئۆچ ئېلىشقا سىزدىن تولۇق ماجالىم بار،
ئاڭلاپ تۇرۇڭ، سىزگە مۇنداق سۇئالىم بار:
قىلالامسىز يەنە غەيرەت؟ ئۆچ ئالىمەن.
ئۆچ ئېلىشنى سىز ئۆزىڭىز باشلاپ بەرگەن،
ماڭا كۈندە تۆت-بەش باغاق تاشلاپ بەرگەن،
قىچىشمىغان يەرنى موتاپ قاشلاپ بەرگەن،
ئۆچ ئېلىشتىن كۆزلىرىمنى ياشلاپ بەرگەن،
يەرگە بىر ھەم ئەرگە نۆۋەت، ئۆچ ئالىمەن!
2011-يىلى، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، يېڭىسار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 08:00 AM