مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8210|ئىنكاس: 69

قان بىلەن يېزىلغان << قۇرئان >>   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 09:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا بىر پارچە << قۇرئان كەرىم >> نىڭ قوليازما نۇسخىسى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى . بۇ << قۇرئان كەرىم >> نىڭ باشقىللىرىدىن پەرىقلىنىدىغان يېرى شۇكى ، ئۇ پۈتۈنلەي سادامنىڭ قېنى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ، شۇڭا بۇ كىتاب ئىلگىرى ئىراقنىڭ << دۆلەت بايلىقى >> دەپ قارىلىپ ، باغداتتىكى جەڭ ئانىسى مەسچىتىدە ساقلانغان . ئىراق ئۇرىشى باشلانغاندىن كېيىن ، سادام ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ كېتىپ بۇ قان بىلەن يېزىلغان كىتابنى ئويلىغۇدەكمۇ بولمىغان . ھازىر سادام ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ ، ساداممۇ قولغا چۈشتى . كىشلەر تويۇقسىز بۇ كىتابنى ئەسكە ئېلىشقاندا بولسا بۇ كىتاب ئاللىقاچان غايىپ بولغان . يېقىندا ئابباس شاكىر جەددا ئىسىملىك بىر ئىراقلىق خەتتات تويۇقسىز ئىئۇردانىيە ئاخپىرات ۋاستىلىرىگە ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى كۆچۈرۈپ چىققۇچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاپ ، كىشىلەرنى بۇ كىتابقا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى .
جەددا ئىراقتا ، ھەتتا ئەرەب دۇنياسىدا داڭقى بار بىر خەتتات بولۇپ ، ئىلگىرى ئۇ ئىراق سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ، ئىراق سەنئەت ساھەسىدىكى ئىنتايىن پائالىيەتچان شەخس ئىدى . ئىئۇردانىيە << قانۇن نېزام >> گېزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ داڭلىق سەنئەتكار 1998 - يىلىدىن كېيىن ، تويۇقسىز يوقاپ كەتكەن . ئەسلىدە ئۇ بىر سىرلىق ۋەزىپىنى - يەنى سادامنىڭ قېنى بىلەن << قۇرئان كەرىم >> نى كۆچۈرۈپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئەينى چاغدا سادامنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇدەي قەستكە ئۇچرىغان بولۇپ ، قاتتىق ئازابلانغان سادام ئۆزىنىڭ ئاللاغا تەقۋادارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، ئۆزىنىڭ ساب قېنىدا << قۇرئان كەرىم >> نى كۆچۈرگۈزۈشنى نىيەت قىلغان ، بۇنداق قىلىش كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە بەخىتسىزلىكنى تۆگۈتىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىسى ھىسابلىناتتى . شۇڭلاشقا سادام داڭلىق خەتتات جەددانى ئەسكە ئالغان ھەم ئۇدەي داۋالىنىۋاتقان ئىبىن سىنا دوختۇرخانىسىدا ئۇنى قوبۇل قىلغان .
شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ، جەددا ئىككى يىلدىن ئوزۇنغا سوزۇلغان كۆچۈرۈش ئىشىنى باشلىۋەتكەن ،ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ ، قاتتىق ئېھتىيات بىلەن ئىشلىگەن . ئۇ ئەسلەپ - يېڭى باشلىغاندا مەن خاتا يېزىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ، دىققىتىمنى قاتتىق مەركەزلەشتۈرۈپ يازغاچقا ، ئاخشىمى خېلى ئوزۇنغىچە ئۇخلىيالمايتىم . بىرىنچى بېتىنى نەق بىر ھەپتە يازدىم ، كېيىن ئاستا - ئاستا كۆنۈپ قالدىم ، يېزىش سۈرئىتىممۇ تېزلەشتى ، ئەڭ ئاخىردا مەن ھەتتا بىر كۈندە بىر بەت كۆچۈرۈپ بولالىغۇدەك بولدۇم ، - دەيدۇ .
باشقىلارنىڭ سادامنىڭ قېنىنىڭ راس ياكى يالغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىغا قارتا جەددا مۇنداق دەيدۇ :
- مەن ئۇ قانلارنىڭ سادامنىڭ قېنى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمەن . قان ھەر قېتىم پروبىركىغا قاچىلىنىپ ، قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدا نىپىز كوروپكىدا ئېلىپ كېلىنىدۇ . ھەر قېتىم بىر پروبىركا ئىشلىتىپ بولۇپ، داۋاملاشتۇرشۇمنى ئىلتىماس قىلغىنىمدا ، ئادەتتە بىر نەچچە كۈن ساقلايمەن ، بىر قېتىم ھەتتا بىر نەچچە ھەپتىمۇ ساقلىدىم . مېنى نازارەت قىلىشقا قويۇلغان ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، زۇڭتۇڭنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قان ئېلىش مۇۋاپىق كەلمىگەن ئىكەن .
جەددا يەنە كۆچۈرۈش جەريانىدا ، بىر تېخنىكىلىق مەسلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ، سادامنىڭ قېنى بەك قويۇق ھەم يېپىشقاق بولغانلىقتىن ، كىتاب يېزىشقا ماس كەلمەيدىكەن . كېيىن بىر بىئولوگ گلوكوزا سىناق دورىسى بىلەن قاننى سويۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگەن .
2000 - يىلى 9 - ئايدا ، سادامنىڭ 24 لىتىر قېنى بىلەن كۆچۈرۈلگەن 605 بەتلىك << قۇرئان كەرىم >> ئاخىرى پۈتكەن . بۇ قان بىلەن كۆچۈرۈلگەن كىتابقا ھەددىدىن ئارتۇق زېھنىنى خوراتقان جەددا قارىغۇ بولۇپ قالغىلى تاس قالغان .
ھازىر ، بۇ قان بىلەن كۆچۈرۈلگەن كىتابنىڭ ئىز - دېرىكى توغرۇسىدا نۇرغۇن قاراشلار بار : بەزىلەر ئۇنى ئامېرىكىلقلار جىممىدە كۆيدىرۋەتتى دېيىشسە ، يەنە بەزىلەر ئۇنى سادامنىڭ ياقلىغۇچىلىرى يوشۇرۇپ قويدى ، دېيىشمەكتە .




                           
مەنبە : ئەدەبىي  تەرجىمىلەر   

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق ، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82525
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3508
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-7-5
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 12:11:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇ كىتابنى توردا كۆرگەندەك قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 12:18:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاننى قان بىلەن يىزىش ئنتايىن قەبىھ گۇناھ !

Made in Answer

تەنلىرىمنىڭ ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8068
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5065
تۆھپە نۇمۇرى: 902
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 12:20:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان ئىزىز قىلىپ يارىتىلدى . ئەلۋەتتە بەدەنلىرىنىڭ بىر قىسنىمۇ قاتتىق قوغدىشى كىرەك . چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئىزىز قىلىپ ياراتقان مۈلكى .
بىر قىتىملىق تەبلىغتە ئىمام ئاخۇننىڭ ئىنسان تىرنىقى ۋە چاچلىرىنى ئالغاندىن كىيىن قالايمىقان تاشلىسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئامال بار چىرايلىق گۈللەرنىڭ توپىسىغا كۈمۈۋەتسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ، ئيىتقان ئىدى . چۈنكى بىز ئاللاھنىڭ ئامانىتى .
بىرەيلەننىڭ بىر پۇتىنى كىسىپ ئىلىۋتكەندە شۇ كىسىلگەن پۇتىنى يەرلىككە قويغانلىقىنى  شۇ يەرلىك ئازراق جامائەت بىلەن يەرلىككە قويغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم .
ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم .
بۇ دۇنيادا ئەڭ ئۈستۈن يارىتىلغىنى ئىنسان ، ئەڭ تۆۋەن قىلىپ يارىتىلشىنى چوشقا دەپ ئويلايمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   白绿光 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-18 12:39 AM  


ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىش پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 12:23:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-8-18 12:18 AM
قۇرئاننى قان بىلەن يىزىش ئنتايىن قەبىھ گۇناھ !

مەنمۇ شۇنداق قاراشتا،ئاللاھ تائالا قاننى ھارام قىلغان!بىراق سادام بىلەن كازافىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ شۇنچە ئاسان ئۆلتۈرۈلگىنى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ،بۇ ئىككىسى پان ئەرەبىزىمچىغۇ دەيمەن،ئىران ئاشۇ ئۇرۇشتا ھازىر ئۆزى ئەڭ ئۆچ بىز دەۋاتقان ئامىرىكا بىلەن بىرلەشكەنغۇ دەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-18 12:26 AM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7433
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 12:29:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمى يوقمىكەن ، بولسا بىر كۆرەپ باقساق بوپتىكەن.

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

تەنلىرىمنىڭ ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8068
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5065
تۆھپە نۇمۇرى: 902
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 12:38:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادامنى دارغا ئاسماي ، باسما زاۋۇتىدا باسىدىغان ئىشكەنتۇق .

ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىش پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 12:41:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bah يوللىغان ۋاقتى  2012-8-18 12:11 AM
مەن ئۇ كىتابنى توردا كۆرگەندەك قىلىمەن

رەسىمىنى ئېۋەتىپ قۇيۇڭە ئەمسە

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 01:12:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاندا قۇرئان يېزىش بۇ مۇستەبىت جاللاتنىڭ خەلققە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈب ئوينىغان ئويۇنى . خالاس . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-18 01:12 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
biparwa0997 + 10 كاللامغا كەلدى دەپ دە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56919
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1840 سائەت
تىزىم: 2011-9-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 01:22:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا قاننى ئادەملەرگە يىيىشكە  ھارام قىلغان،  مۇققەددەس كىتاپنى ھارام نەرسە بىلەن يازسا بۇ قۇرئانغا قىلىنغان ھاقارەت. بۇنىڭ باشقا ھارام  نەرسە بىلەن يازغاندىن نىمە پەرقى ؟

بىراۋ دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟
مەن دىدىم- شۇ تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار!
رۇزى سايىت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش