بۈگۈنكى ياشلارنىڭ مۇھەببەتتىكى ئىرادىسى زادى قانچىلىك ؟
ئەسسالام ئەلەيكۇم ، تورداشلار ، ياخشىمۇسىلەر ؟...
بۈگۈنكى كۈندە قىزلارنىڭ مۇھەببەت جەھەتتىكى ۋاپاسىزلىقى نۇرغۇن ئوغۇللارنى ھەسىرەتتە قويسا ، ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەت جەھەتتىكى ۋاپاسىزلىقىمۇ نۇرغۇن قىزلارنىڭ يېشىنى تۆكمەكتە ، يەنى مۇھەببەتتىكى ۋاپاسىزلىق كۆپ قىسىم ئۇغۇل – قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى ، شذثلاشقا مۇھەببەتىكى بۇ ئېنقسىز مەسىللەرگە ئازراقمۇ بولسىمۇ جاۋاپ تېپىپ چىقىپ ، بىرلىكتە يەكۈنلەپ چىققان شۇ نەتىجىلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ كىشلىك ھايات دەستۇرىنىڭ بىر قىسىمى قىلىپ قويساق مېنىڭچە بۇمۇ بىر بۇلىدىغان ئىش دەپ قارايمەن ، يەنى بىر دوستۇمنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى رىئال يۈز بەرگەن مۇھەببەت ھېكايسىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشلارغا ظانچة – مۇنچە جاۋاپ تاپساق ئەجەپ ئەمەس ،شۇڭلاشقا مەن ئۈزۈم بىر ياش بۇلۇش سۈپتىم بىلەن كەڭ ياشلارغا بۇ تېىمىنى سۇنماقچىمەن .
كەڭ تورداشلارنىڭ سەممىي تەكلىپ – پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە تۇرمۇشىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئەخلاقىسزلىق ، ئالدامچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن قىلمىشلار ئادەمنىڭ بەك ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ ، ئادەمنىڭ ئەسلى ماھىيتىدىن ھېچكىم ئەسكى تۇغۇلمايدۇ ، بەلكى تۇرمۇش جەريانىدا ئاللاھىنى تۇنۇماسلىق سەۋەبىدىن يولدىن ئېزىپ كىتىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبىلىرىنى ئىنتايىن كۆپ ، ئەمما ئاقىۋەتتە بۇ بىر باھانە بۇلۇپ ھېسابلىندۇ ، بەزىدە مەنمۇ ئۈزۈمدىن گۇمانلىنىپ قالىمەن ، ئەمما يەنىلا خۇدادىن توغرا يولدا مېڭىشىمنى تىلەيمەن .
گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەم يېقىن ئاغىنەم بىر قىز بالىنى ياخشى كۈرۈپ قالغان ، ئۇقىزمۇ ئۇ ئۇغۇل بالىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرەتتى ، بىراق قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قارىشىچە ئىككيلەننىڭ مۇقىم خىزمىتى بولمىغاچ ۋاقتىنچە شۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشنى بەكرەك مۇھىم ئۇرۇنغا قويغان ئىدى ،شۇنداق بولسىمۇ ئۇلۇغ خۇدا نىسىپ قىلىپ بۇ ئۇغۇل بالىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە قىز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسنىڭ ئىشەنسىچسىگە ئىرىشتى ، بىراق بۇلارنىڭ توي ئىشى يەنىلا كەيىنىگە سۈرۈلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆتۈشكە مەجبۇر بولدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ئىرادىسى چوڭ بىر سىناققا دۇچ كەلدى .
بۇ ئۇغۇل بالا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپلا ئاتىسى تۈگەپ كىتىپ ئانىسى بىلەن يالغۇز قالغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ۋە ئانىسىنىڭ ئۈمىدى بولسا بىر ۋاپادار ۋە ئەخلاقىلق بىر قىزنى ئۆيگە كىلىن قىلىپ ئەكىرىش ئىدى .
ئۇغۇل بالا كيىنچە بۇ قىز بالىنىڭ بەزى گەپلىرىگە ۋە ھەرىكىتىگە قاراپ ئازراق ئويلىنىش ئىچىدە قالدى ، يەنە بۇ قىز بالا يىگىتىكە نىسبەتەن << گۆش بولسا سۆڭكى بولمىسا ، ئاش بولسا جاپاسى بولمىسا >> دەپ ئويلايدىغاندەك بىلىنىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى ،بىراق ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالماسلىق نيتىدە بار كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا ئۆز مۇھەببىتىنى بېغىشلىماقچى ، شۇ ئارقىلىق ئۇنى يوقىتىپ قويماسلىققا ئىرادە قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭلىدە پىلان تۈزۈپ
ئالدى بىلەن ئىشلارنى ياخشى ئويلاپ ئىشنى يەنىلا كىتاب ۋە ھەر خىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشتىن باشلىدى .
ئىشقىلىپ بۇ يېگىت نۇرغۇن ياخشى كىشلەرنىڭ يېقىندىن ياردەم بىرىشى ۋە ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاخىرى بۇ قىزنى تەسىرلەندۈرۈپ بۇ قىزنىڭ پاك سۆيىگۈسىگە دەسلەپكى قەدەمدە نائىل بولدى ھەم بۇ قىزنىڭ كۈچىشى ئارقىلىق قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ توي رازىلقىغىمۇ ئېرىشىتى ، بۇ قىزمۇ بۇ يېگىتىنى ئۈزىنىڭ ئۈمۈرلۈك ھەمراھى قىلىپ تاللدى ، بۇ جەريانىدا ئۇلار ئوتتورىسىدا نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى بارلىققا كەلدى. بىراق بىر يىلنىڭمۇ باھارى ۋە يامغۇرى بولغاندەك ئۇلارنىڭ ھەققىي مۇھەببىتىنى سىنايدىغان ۋاقىتنىڭ ئاستا-ئاستا يتىپ كەلگەنلىكنى ھېچكىممۇ تۇيمىغان ئىدى .
تۇيۇقىسز چىققان بىر قېتىملىق ئىمتىھاندا بۇ قىز ئالدىنقى قاتاردا ئۆتۈپ باشقا بىر يۇرتقا خىزمەتكە ماڭدى ، ئەلۋەتتە ئۆز يۇرتىنى تاللىسمۇ بۇلاتتى ، بىراق قىزنىڭ قارىشىچە جەدىۋەلدە ئۆز يۇرتىدا ئىشلىگۈدەك ئۆزىگە مۇۋاپىق خىزمەت ئورنى يوق ئىكەن ، ئۇغۇل بولسا ئۇنىڭ بۇ ۋىجدانسىزلىقى ۋە قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە ئاچچىقى كىلىپ ئۆزى ئوتتورىغا چىقىپ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلماقچى بولدى .
بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىشلار تېخمۇ مۇرەككەپ بىر خىل سىرلىق تۈس ئىچىگە كىرىپ قالدى .
ئەمدى مەن ھېكايەمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي ، چۈنكى كىيىن پەيدا بولغان بۇ سىرلىق تۈس بولسا كىشنىڭ كۆڭلىنى ھەم خاپا قىلىدۇ ، ھەم خوشال قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ ئىشلارنى بۇ يەردە دېيىش تازا ياخشى ئەمەس ، چۈنكى بىر كىشى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ھەر كىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھۆرمىتى بۇلىدۇ ، ھەم ئۇ كىشنىڭ ئويغىندىغان ۋاقتىمۇ كېلىشى مۈمكىن ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشنىشىگە ئازراق ۋاقىت بەرسەك ياخشى دەپ قارايمەن ، شۇڭا بۇنى توغرا چۈشنشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەن بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە ئەسەرنى يوللاپ قويدۇم ، بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى بولسا ئۇلارنىڭ شۇ خوشاللىق كۆنلرىدىدە يىگىت ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ بېغىدىن ئۆز قۇلى بىلەن ئۈزۈپ مەشۇقىغا ئاتاپ سوۋغا قىلغان بىر شاختا چوڭ بولغان تۆت تال راسىت ئەتتىرگۈلدىن ئىبارەت .
قىز بۇ ئەتتىرگۈلدىن پايدىلىنىپ ئۆز تەسەۋۋۇرى بۇيىچە يىگىتكە ۋە تۇرمۇشقا بولغان پاك مۇھەببىتىنى ۋە كۆڭلىنى ئىپادىلەپ ئۆز قۇلى بىلەن قەغەزگە چاپلاپ بىر ئەسەر ياساپ چىققان. شۇ ۋاقىتتا ئۇغۇل بۇ ئەسەرنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى ، بىراق قىز ئۇ ئەسەرنى ئۇلار توي قىلغاندىلا ئاندىن كۆرسىتىدىغانلىغىغا ۋەدە بەرگەن . بىراق ئاخرىدا بۇ قىز بۇ مەنپەئەت ئالدىدا بۇ يىگىتكە چىن كۆڭلىدىن بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالمىدى ، يەنى ئاتا – ئانىسىنىڭ مەكتەپتە نىمە ئۈچۈن ئۇقۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى .
ئەمدى بۇنداق دېيشىمدىكى سەۋەب قىزنىڭ ياسىغان بۇ نەرىسلىرىنى مەن مۇنداق دەپ قارىدىم ، يەنە بۇ نەرسىلەر شۇ قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، شۇڭا بۇنى يوقاتقانلىق ئۆزىنى يوقاتقانلىق بىلەن ئوخشاش دەپ قارىدىم . يەنى بۇ قىز ئەقلى بولمىسا بۇ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاپ يېتەلمىگەن بولاتتى ، ئەمما بۇ ئەقىل ئاخىرىدا يەنە نەگە كەتتى ؟........
گەپنىڭ ئاخرىسىنى دىسەم ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر ئۆزۈلۈپ قالدى - دىسەكمۇ بۇلىدۇ ، ئۇ رەسىم ھازىرمۇ شۇ قىزنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق بۇلىشى مۈمكىن ، بۇ ئۇغۇل بالا بولسا شۇ رەسىمنى خۇدايىم بۇيرىسا كۆرسەمكەن – دەپ نى نى ياخشى قىزلار گەپ قېلىسمۇ ئېغىز ئاچماي توخۇ پۇقىدەك ئۇ قىزنىڭ پىراقىدا كۈيۈپلا يۈرىدۇ . يەنى ئۇ يېگىتىنىڭ ئويلىغنى بولسا بۇ ئىشلارنى بىر سىناق دەپ – قارايدىگەن ، شۇڭا ئۇھازىرمۇ بۇ سىناقتىن ئۈتۈش ئۈچۈن يىگانە ئازاپقا بەرداشلىق بىرىپ يۈرىۋاتىدۇ .
شۇنداق قىلىپ مېنىڭ سۆزلەپ بەرمەكچى بولغانلىرىم تۆگىدى ، ئەمدى مىنىڭ بۇ ئىشلارغا قارىتا ئويلىغانلىرىم بولسا مۇھەببەت دىگەن خوشاللىق ۋە قايغۇنىڭ بىرىكمىسى ، ئۇنىڭ خوشالىقىدىن بەھرىمەن بۇلۇپ قايغۇسىغا چىدىمىغان ئادەم ئۆزى ئويلىغان مۇھەببەتكە ئىرىشەلمەيدۇ ، شۇڭا بۇ يىگىتنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى مەن بەك خاتا دەپمۇ قارىمىدىم ، ئەمدى بۇ قىزغا كەلسەك كونىلاردا << يېرىڭ بولسا زەيكەش بولسا ، خۇتۇنۇڭ بولسا ساراڭقېتىش بولسا >> دەپ گەپ بارئىكەن ، شۇڭا تۇرمۇشتا مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن بەك تاللاپ كەتمەي مۇۋاپىق بولسىلا توي قىلسا ياخشى .
بۇ ئىشلارغا قارىتا يەنە بىر مۇھىم دەپ قويدىغان گپىم بولسا قىز يېگتىنىڭ ئۆز – ئارا ياخشى كۈرۈپ قېلىش ھېسىياتىنىڭ پەيدا بۇلۇشى ئاللاھىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن بۇلغان ، يەنى ئۈزىچىلا پەيدا بۇلۇپ قالمايدۇ ، شۇنداق بولغان ئىكەن ياخشى كۆرگەن كىشى مەيلى باي ياكى گاداي بولسۇن مۇھەببەتتە خاتالىق يوق ، خاتالىق ئۆزىمىزدە ، بۇنداق دىيشىمدە قىز ئوغۇل ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈپ ، چۈشنشىپ ھەقىقىي توي قىلىشنى خالاش دەرىجىسگە بېرىپ يەتكەندە تۇيۇقىسز پەيدا بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالسا ھەممە ئادەم ئۈزىنى ئېگىز بىر تاغىدىن تاشلىۋەتكەندەك ، ئۈمىد – ئارزۇلىرى يوققا چىقققاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەن . ئەمما بۇيەردە مۇنداق بىر ئىش بار ، يەنى تۇرمۇشتا مۇھەببەتىكى بۇ ۋاپاسىزلىقلارغا قارىتا دەماللىققا ھېچقانداق بىر سوت يوق ، پەقەت ئەيىبلەش ۋە ئاغىرىنىش بىلەنلا چەكلىنمىز ، بىراق ھەممە مەۋجۈداتنى ياراتقان ئۇلۇغ خۇدا ھەممنى كۈرگۈچى ۋە بىلىپ تۇرغۇچىدۇ ، شۇڭلاشقا خۇدا بىزدىكى بۇ ۋىجدانسىزلىقىنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ ، يەنى ئۆز قۇدىرىتى ئارقىلىق شۇ كېشىگە تېگشىلىك جازاسنى ، سەۋىر قىلغانلارغا ئىنئامىنى بىرىدۇ ، شۇنىڭ ظۈچۈن مۇھەببەتتە ئەڭ مۇھىمى نىيەتنى توغرا قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۇقۇقى ، مال – مۈلكى ۋە ياكى چىرايىنى قوغلاشماي بەلكى ئەدەپ-ئەخلاقى ، سەمىمىيتى ۋە ئىتىقادىغا قاراپ ئاندىن تاللىسا مېنڭچە بۇنى ئۇلۇغ خۇدامۇ قۇبۇل قىلىدۇ – دەپ قارايمەن ، گەرچە بۇ خىل نىيەت توغرا بولسىمۇ ھامان بۇنىڭمۇ بىر ئېغىر سىنقى بولغان بۇلىدۇ ، ئەمما نىيتىمىز ياخشى بولىسىلا سەۋىر قىلساق خۇدا ھامان بۇ ئىشلارنى تىلىگەن بەندىسىگە نىسىپ قىلىدۇ ، باشقا مەقسەتتىكى تاللاش ئاساسەن مەغلۇپ بۇلىدۇ ، ياكى كىينكى تۇرمۇش كۆڭۈللۈك بولماي قالىدۇ ، بىراق بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئۇغۇل – قىزلىرىمىز ياشاش،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكدە بۇ تەرەپلەرنى ( خۇدا ) ئۇنتۇپ قالغاچقا ، ئۇڭۇشسىزلىقلارغا كۆپ ئۇچراپ مۇھەببەت دىسە ھۆ بۇلۇپ تىللاپ يۈرىيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئازاپلىرىرىمنى ناخشا – قوشاق قىلىپ ئاڭلاپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بەزلەپ ئۆتىمىز .
ئەمدى بۇ يەردە دىيشكە تېگىشلىك يەنە بىر گەپ بولسا قىزلارنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇشى ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ توغرا يىتەكچىلىكى ، قارىسام نۇرغۇن قىزلار بىر يىگىتنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئۆز – ئارا قانچىلىك چۈشنىپ ، يېقىن ئۆتۈپ كەتسۇن ، يەنىلا << قوغلىغان قالار ، بۇيرىغان ئالار >> دىگەن تەمسىلنى سەلىبىي جەھەتتىن چۈشنىۋېلىپ ، يىگىتلەرنى ھەسرەتتە قۇيىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ، بۇ تەمسىل ھەقىقىەتەن توغرا ، بەزى قىزلار شۇنداق دەپ قاراپ توي قىلىشقا ئاز قالغاندا ۋىجدانسىزلىق قىلىپ ، كىينىچە يەنە شۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئالدىغان كىلىپ قالدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ، بۇنداق دىسەم قىزلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن ، سىلەر ياخشى كۆرگەن ئۇغۇللارمۇ قاراشتا مۇنداق تۇرغېنى ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنىنى سىلەر ھەرگىزمۇ ئويلاپ يېتەلمەيسىلەر ، ئۇلارنىڭ زىممىسدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن سىلەرنىڭ ھەممە تەلىپىڭلارنى قاندۇرۇپ بۇلالماسلىقى مۈمكىن ، ئەمما ھەرۋاقىت ئويلايدىغىنى بولسا سىلەرگە ئىللىق ۋە خاتىرجەم بىر ئائىلە قۇرۇپ بىرىش ، شۇڭا قوغلىغاننىڭ قەدىرىنى قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ، سىلەر توي قىلىشتىن بۇرۇن يىگىتىڭلارنىڭ ئازراقمۇ بولسا كەمچىلىكىنى كەچۈرەلىسىەڭلار ، يېگىتلەر بۇلسا توي قىلغاندىن كىيىن سىلەرنىڭ شۇ كەڭ قورساقىلقىڭلار ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدۇ ، سىلەرگە ھۆرمەت قىلدىغان بۇلىدۇ . سىلەرنى ئۆز قەلبىدىكى سۇلماس بىر گۈل ھېسابلايدۇ .
قىزلارغا ئەسكەرتىپ قۇيدىغان بىر ئىش شۇكى ، سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەنگە ئەمەس ، بەلكى ئۈزۈڭلارنى ياخشى كۆرىدىغانغا ياتلىق بۇلۇڭلار ، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئېرىڭلار بىلەن بىردەكلىكلىنى ساقلىيالايسىلەر ، قىين شارائىتتىمۇ مەسىللەرنى بىرلىكتە ھەل قىلالايسىلەر، يىىگىتىڭلار ئاسانلىقچە سىلەرگە ۋاپاسىزلىق قىلمايدۇ ، خۇدايىم بۇيرىسا نىكاھىڭلار مۇستەھكەم بۇلىدۇ ،
شۇڭا قىزلار توي قىلشىتىن بۇرۇن مۇھەببىتى قانچىلىك دەرىجىگە يەتسۇن ئۇنىڭغا سەل قاراش ئىنتايىن خاتا دەپ قارايمەن ، چۈنكى يېگىتلەر ئەنە شۇ ئامراق ئاشىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلەيدۇ ، بۇنى ئەلۋەتتە پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ ، يەنى پۇلدىنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ، دىمەكچى ، يەنە بىر خىل ئېيىتقاندا شۇ قىزغا نىسبەتەن مەلۇم مىھىر ھەققى ئۈتۈپ قالغان بۇلىدۇ ، شۇڭا قىز يېگىتىگە تەگمەي ئالدىسا ئۇنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغان بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ ،بۇنداق ئەھۋالدا نۇرغۇن يىگىتلەر قىزلاردىن قاتتىق رەنجىيدۇ ، ھەتتا قىزلارغا ئۆچ بۇلۇپ قالىدۇ ، قالغىنىنى بولسا ئۇلۇغ خۇداغا تاپشۇرىدۇ ،ئۇلۇغ خۇدا بۇ يەردىكى ۋىجدانسىزلىقى ئۆزى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدۇ ، ۋىجدانسىزلىق قىلغان تەرەپ ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ ، بىراق بۇ خىل ئەھۋال ئوغۇللارغىمۇ ئوخىشاش- دەپ قارايمەن .
بۇ يەردىكى گەپلەرنى دەپ كەلسەك گەپ بەك جىق ، ھەممسى شۇ پايدا – مەنپەت ، ئاچكۆزلۈك دامىغا چۈشۈپ كىتىدۇ ، ئەگەر ئادەم نەپسىنى يېغالىغان بولسا بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىن بەختىلىك كېشى بولماس .
يۇقارقى يازغانلىرىم بولسا مەن چوڭ بۇلۇپ ئۇچرىغان ۋە باشقىلار ئۇچىرىغان ۋە شۇنداقلا ھەممىمىز كۈرۈپ يەتكەن كىتاب ۋە تۇرمۇش خاتىرىسىگە ئېلىنغان ئەملىي ئىشلاردىن ئالغان چۈشەنچەم ، مۇۋاپىق بولمىغان يەرلىرى بولسا تەكىلىپ – پىكىر بىرىشىڭلارنى ۋە پىكىر قاتناشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلمەن ، مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى بۇ ئۇلنىشقا يوللاپ قويدۇم . http://user.qzone.qq.com/603602100
شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ : پاك سۆيگۈنى قەدىرلەيلى ، ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى چەكسىز .
ئاخرىدا بۇ يىگىتىنىڭ بۇ سەۋرىگە خۇدايمىنىڭ ياخشى نەتىجىنى بىرىشنى ھەم شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق ياشىلارنىڭ مۇھەببەتنى توغرا چۈشنىپ ، ئۇنىڭدىن ياخشى نەتجە قازىنىشنى تىلەيمەن .
ئەسكەرتىش : بۇ يازغانلىرىم بولسا ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغان تېما << ئايرىلغاندىنكى كىينىكى يېزىلغان مۇھەببەت خېتى 3،2،1 >> نىڭ داۋامى .
2012- يىل 8- ئاينىڭ 17- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 10:43 PM