|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىمىز 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى يەنى روزى ھېيىتنىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خېبى ياشلار كوماندىسىنى كۈتۋالىدۇ .
بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنى ئالدىنقى قىتىمدىكىدەك يەنىلا پۇتبول مۇنبىرىمىزنىڭ ۋاي ۋاي قانىلىدا نەق مەيداندىن ئاڭلىتىدۇ بۇ قېتمقى مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسى ئا دەرىجىگە ئۆرلەش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مۇسابىقە قانىلىمىزدىكى دوستلىرىمىزنىڭ مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق ھېيىت كۈنىمۇ ئاڭلىتىشنى توختاتماي يىراقتىن نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرۈش ئىمكانيىتى يوق پۇتبول سۆيەر دوستلارنى ئويلاپ داۋاملىق ئاڭلاتماقچى ھەمدە نەق مەيدان رەسىملىرى بىلەن تەمىنلىمەكچى نەق مەيداندىن مەدەت بىرەلمىسەكمۇ نەق مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەچ تور يۈزىدە بولسىمۇ ئەزمەتلىرىمىزگە ھۇررا توۋلىساق دىگەن ئۆمۈدتە !!
شىنجاڭ كوماندىسى ھازىر گۇرۇپتا 4 - ئورۇندا تۇرماقتا يەنە 8مەيدان مۇسابىقە قالدى شۇ چاققىچە ھازىرقى ھالىتىنى ساقلىيالىسا ئا دەرىجىگە ئۆرلەش گۇرۇپپا مۇسابىقىسى سالاھىيتىگە ئىرىشەلەيدۇ شۇڭا نەق مەيداندىن كۆرەلەيدىغان دوستلىرىمىزنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ 2 سائەت ۋاقىت چىقىرىپ نەق مەيداندىن مەدەت بىرىشىنى يىراقتىكى دوسلارنىڭ تور يۈزىدە بولسىمۇ مەدەت بىرشىنى ئۆمۈد قىلىپ ئوشبۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن پۇتبول سۆيەر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقىت چىقىرشىنى ئۆمۈد قىلىمەن !!
مۇسابىقە ۋاقتى : ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 3 دە نەق مەيدانغا باردىغانلار 1 سائەت بۇرۇن بىرىڭ چۈنكى تەكشۈرۈش ۋە ئورۇن ئېلىپ بولغىچە ۋاقىت توشۇپ قالىدۇ ۋاي ۋاي قانىلىدىن ئاڭلايدىغانلارغا كەسپى چۈشەندۈرگۈچىلىرىمىز نەق مەيداندىن چۈشەندۈرۈدۇ !!
ۋاي ۋاي قانال نۇمۇرى : 87526988
ۋاي ۋاي نى چۈشۈرۈش ئادىرسى : http://bbs.putbol.cn/read.php?tid-26005.html
ئەسكەرتىش : مۇسابىقىنى تېلىۋېزۇردا نەق مەيداندىن تارقاتمايدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 07:22 PM
|
|
|
|
|
|