|
|
|
|
ھايات ۋە مامات ئۈچ ئادەم ھايات ۋە مامات توغرىلىق پاراڭلىشىپ قاپتۇ .
_ ئۆزۈڭلارنىڭ ماتەم مۇراسىمىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى بەك خالايسىلەر ؟ _ دەپتۇ ئارىدىن بىرى .
_ مەن باشقىلارنىڭ مىنى ھايات ۋاقتىدا ياخشى دوختۇر ئىدى ، دەپ ماختىغىنىنى ئاڭلاشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن ، _ دەپتۇ بىرىنچى ئادەم .
_ مەن كىشىلەرنىڭ مېنىڭ ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمنى ، مېنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىمنى تەرىپلەپ ماختىغىنىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمەن ، _ دەپتۇ ئىككىنچى ئادەم .
_ مەن باشقىلارنىڭ "ئاھ خۇدا ، ئۇ مىدىرلاۋاتىدۇ" دىيىشىنى ھەممىدىن بەك ئۈمۈت قىلىمەن ، _ دەپتۇ ئۈچىنچى كىشى .
كۆرگەزمە كۆرۈش
بىر جۈپ ئەر - خوتۇن موزېيدا سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈپتۇ . كۆزى يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئايالى بىر ئەسەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ، ئېرىگە :
_ قاراڭ ، بۇ مەن ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ سەت بىر پارچە رەسىم ئىكەن ، _ دەپتۇ .
ئېرى دەرھال ئايالىنى تارتىپ ، پەس ئاۋازدا :
_ كېلىڭ قەدىرلىكىم ، بۇ رەسىم ئەمەس ، بەلكى بىر ئەينەك ئىكەن ، _ دەپتۇ .
رەددىيە
ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ پۇتى يارىلانغان بىرەيلەن سوتتا شوپۇرنىڭ 50 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىشىنى تەلەپ قىپتۇ . شوپۇر :
_ مېنى مىليۇنىرمىكى دەپ قالدىڭمۇ ؟ _ دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ .
_ ئۇنداقتا ، سەن مېنى سەكسەنپۇتمىكى دەپ قاپسەندە ؟ _ دەپتۇ يارىلانغۇچىمۇ بوش كەلمەي .
تەجرىبەم مول
ئادەم تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانى ئېلىنىۋاتقاندا ، كادىرلار بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى تەكلىپ قىلىنغۇچىدىن سوراپتۇ :
_ رەھبەرلىك قىلىش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىڭىز قانداقراق ؟
_ شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ ؟ _ دەپتۇ تەكلىپ قىلىنغۇچى پەخىرلەنگەن ھالدا ، _ ئىلگىرى ئىشلىگەن شىركەتتە ئىشچىلارنى كۆپ قېتىم ئىش تاشلاشقا تەشكىللىگەنمەن .
پال ئاچقۇزۇش
بىر كىشى باغچا ئايلىنىۋېتىپ ، تەسۋى سىرىپ ئولتۇرغان پالچىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە ، خوشاللىق بىلەن ئۇنۇڭ ئالدىغا بېرىپ ئولتۇرۇپتۇ.
پالچى ئۇنىڭغا بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن :
_ ئىككى بالىنىڭ ئاتىسىكەنسىز ، _ دەپتۇ .
_ ھىم ! _ ئۇ سىزنىڭ قارىشىڭىز ، _ دەپتۇ ھېلىقى كىشى مەنسىتمەي ، _ مەن ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى .
_ ھىم ! _ دەپتۇ پالچىمۇ ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ ، _ بۇمۇ سىزنىڭ قارىشىڭىز .
كىم بىر يۈەن بىرىدۇ ؟
ئوغلىنىڭ خەجلەيدىغان پۇلى قالماي ئاتىسىدىن پۇل سوراپتىكەن ، ئاتىسى يانچۇقىدىن بىر يۈەنلىك تەڭگە چىقىرىپ ئوغلىغا تەڭلەپتۇ .
_ بىر يۈەن بەك ئاز بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭغا نىمە كېلىدۇ ؟ _ دەپتۇ ئوغلى ئاغرىنىپ .
ئاتىسى ئوغلىغا تەربىيە قىلىپ قويۇشنى ئويلاپ "تاما - تاما كۆل بولار" دىگەندەك ھېكمەتلەردىن كىيىن مۇنداق دەپتۇ :
_ بىر يۈەن گەرچە ئاز بولغىنى بىلەن ، بىر يۈەندىن يىغساڭ پۇلۇڭ تېزلا كۆپىيىدۇ . ئالايلۇق ، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى بىر مىليارد 300 مىليۇن ئادەمنى ساڭا بىر يۈەندىن بەردى دېسەك ، سەندە بىر مىلىيارد 300 مىليۇن يۈەن پۇل بولغان بولىدۇ ، گېپىم ئورۇنلۇقمىكەن ؟
_ بىراق ، _ دەپتۇ ئوغلى قايىل بولماي ، _ مېنىڭ بىر مىليارد 300 مىليۇن ئاتام يوق - دە !
مەنبە : شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى ، 2010 - ، 2012 - يىللىق سانلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taltograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 05:19 PM
|
|
|
|
|
|