« جاۋ يۈلۇ»فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى ئېيمى كىنو سىتودىيىسى1990-يىلى ئىشلىگەن.)
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
1962-يىلى دىكابىردا لەنكاۋ ناھىيىسى يەنە ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان چاغدا كەيفىڭ پارتىيە كومىتىتى جاۋيۈلۇنى لەنكاۋ ناھىسىنىڭ 2- شۇجىلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇ ناھىيىلىك كومىتىتقا پىيادە مېڭىپ بارىدۇ. جاۋ يۈلۇ ئات باقار بوۋاي ئاغرىپ قالغاندا ئاشلىق، پۇل ئەپكىلىپ، ئۇنى يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل بولغاچقا، شۇجى –ۋۇروڭگۇاڭ ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كۈچۈيۈپ كېتىدۇ. تەشكىل جاۋيۈلۇنى 1-شۇجىلىققا ئۆستۈرۈدۇ. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىنى يىتەكلەپ باشلامچىلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئۇ بەختىگە قارشى جىگەر كىسەللىگىگە دۇچار بولىدۇ. جاۋ يۈلۇ كىسىلىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەتنى بىجاندىللىق بىلەن ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ كىسىلى ئېغىرلاشقان كۈنلەردە 1964-يىلى 23-مارتتا تەشكىل ئۇنى جىڭجۇغا ئاپىرىپ داۋالىتىدۇ.
دوختۇرلار ئۇنىڭ جىگەر راكى كىسىلىگە دۇچار بولغانلىقىنى،پەقەت 10كۈنلۈك ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى دادىسىغا قىيماي كۆز يېشى قىلىدۇ.جاۋيۈلۇ قىزىغا:«مەن سىزگە ھېچنىمە قالدۇرالمىدىم.» دەپ قول سائىتىنى بېرىپ:« خىزمەتكە كىچىكمەي ياخشى ئىشلەڭ.»دەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ. جاۋيۈلۇ سەكراتقا چۈشكەندە ئۇ رەھبەرلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا:«مېنى لەنكاۋغا ئاپىرىپ، خۇاڭ خېنىڭ كونا يولىدىكى قۇملۇققا دەپىنە قىلىڭلار، ھاياتلىقىمدا قۇملۇقنى تىزگىنلىيەلمىدىم. سىلەرنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلىگىنىڭلارنى مەن ئۆلگەندە بولسىمۇ كۆرۈپ ياتاي.» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ.
پارتىيىنىڭ ياخشى كادىرى-جاۋ يۈلۇ 1964-يىلى 14-مايدا 42 يېشىدا كىسەل مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. 1966-يىلى ئۇنىڭ جەسىدى لەنكاۋغا يۆتكەپ كېلىنىدۇ. تۈمەنمىڭ ئامما كۆز يېشى قىلىپ، ئۇنى يەرلىكىدە قويىدۇ. خەلق ئاممىسى پارتىيىنىڭ ياخشى كادىرى جاۋيۈلۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.
بۇ فىلىم جاۋيۈلۇنىڭ پاك دىيانەتلىك، ھەممە ئىشتا ئومۇمنى، خەلقنى ۋەتەننى كۆزدە تۇتىدىغان روھىغا مەدىھيە ئوقۇلغان. ئۇ ھەر دەرجىلىك كادىرلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۆلگىسى. ئۇنىڭ روھى مەڭگۈ نۇر چاچقۇسى.
جاۋ يۈلۇنىڭ ۋەسىيىتى ھەققىدە ناخشا:
ھاياتلىقىمدا تىزگىنلىنىپ بولمىدى قۇملۇق،
چىن يۈرەكتىن سۆزۈم بار سىلەرگە ئېيتاي.
مەخسىدىم مېنىڭ لەنكاۋ تىزىنى تىزگىنلەش ئىدى،
تىزگىنلەپ شۇ قۇملۇقنى كۆكەرتىش ئىدى.
لىكىن بۇ ئۆلۈم ۋاقىتسىز مېنى قوينىغا ئالدى،
ئورۇنلىيالماي شۇ ئارزۇيۇم سىلەرگە قالدى.
ئۆلگىنىمدە قويۇڭلار قۇملۇقتا مېنى،
گۈللەنگەن شۇ لەنكاۋنى مەن كۆرۈپ ياتاي.
تىرىشىڭلار تائەبەتكە ئىگىز كۆتۈرۈپ،
ماۋ زېدوڭ سىشاڭى تۇغىنى ھامان.
توختاتماڭلار بۇ كۆرەشنى تاكى مەڭگۈگە،
قىزىل گۈلگە پۈركەنسۇن پۈتۈن يەر-جاھان.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 17-ئاۋغۇست يېزىلدى. قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 04:32 PM