دورا بىخەتەرلىكى قارا تىزىملىكى تۈزۈمى 10-ئايدىن باشلاپ يولغا قۇيىلىدۇ
ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش، ساختا دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قانۇنىغا خىلاپ جىنايىتى سادىر قىلىپ جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچراش قاتارلىق 7 خىل ھەرىكەت دۆلەت دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغان كارخانىلار نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ.
15-ئاۋغۇست دۆلەتلىك يېمەكلىك ، دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى« دورا بىخەتەرلىكى قارا تىزىملىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي جازا بېرىلگەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار ھەمدە ئۇنىڭدىكى مەسئۇل كىشىلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا قويىلىدۇ شۇنداقلا نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ، بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلىدۇ.
«بەلگىلىمە» دە ئۆلكە دەرىجىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ھۆكۈمەت ئىشلىرى تور بېكىتىنىڭ ئاساسلىق بېتىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىغا دورا بىخەتەرلىكى قارا تىزىملىكى مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىش تەلەپ قىلىندى، دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆزى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، ئېغىر مەمۇرىي جازا بېرىلگەن دېلولارغا چېتىشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر، مەسئۇل كىشىلەرنى دورا بىخەتەرلىكى قارا تىزىملىك مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىدۇ، ئېلان قىلىش مەزمۇنى ــ قانۇن خىلاپلىق قىلغان ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىلەرنىڭ ئىسمى، تىجارەت ئادرىسى، قانۇنىي ۋەكىل ياكى مەسئۇل كىشى شۇنداقلا بۇ بەلگىلىمىنىڭ 7-ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارمىقىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسمى، كەسپى، سالاھىيەت گۇۋاھنامە نومۇرى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبى، مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى، ئېلان قىلىنغان كۈن قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ خالىغان ۋاقىتتا كۆرەلىشى ئۈچۈن ئېلان قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن دورا بىخەتەرلىكى قارا تىزىملىك مەخسۇس سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرلار بۇ سەھىپىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا يۆتكىلىدۇ.
قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 7 خىل قىلمىش تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
بىرىنچى، ساختا، ناچار دورا ئىشلەپچىقىرىپ ۋە سېتىپ،دورا تەستىق ئىسپاتى ھۆججىتى ياكى دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا ياساش ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلار.
ئىككىنچى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتىنى ئەنگە ئېلىش گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقارغانلار ياكى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە، كەسىپ ئۆلچىمىگە يەتمىگەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشى ئېغىرلار ۋە ياكى قانۇندا بېكىتىلگەن تەلەپكە يەتمىگەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ ۋە سېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئەنگە ئېلىش گۇۋاھنامىسى ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تىجارەت كارخانىلىرى ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلار.
ئۈچىنچى، ئالاقىدار مەمۇرىي ئىجازەتنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرۇپ، ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەنلەر.
تۆتىنچى، ساختا ئىسپات، ھۆججەتلىك ماتېرىيال نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەنلەر ياكى ئالداش، پارا بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئالاقىدار مەمۇرىي ئىجازەت، تەستىق ئىسپات ھۆججىتى ياكى باشقا سالاھىيەتكە ئېرىشكەنلەر.
بەشىنچى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا نەق مەيداننى يالغاندىن ياسىغان، بۇزغان، يۆتكىگەن، يوشۇرغان، ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى يالغاندىن ياسىغان ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەن شۇنداقلا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ،ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە ياكى ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ ، پېچەتلەپ، رەنىگە ئېلىنغان نەرسىلەرگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەگكەنلەر.
ئالتىنچى، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلىپ، جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىلگەنلەر.
يەتتىنچى، قانۇندا بېكىتىلگەن شەرت ۋە تەلەپكە خىلاپ ھالدا دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىپ ۋە سېتىپ، زور سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.
مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201208/t20120816_370344.html