بىرمادىكى مۇسۇلمان-بۇددىست تۇقۇنشىنىڭ يېقىنقى خەۋرى
"يەرشارى ۋاقىت گېزىتى"نىڭ خەۋرى:بىرمىنىڭ ئاراكان رايۇنىدائالدىنقى مەزگىلدە يۈبەرگەن مۇسۇلمانلاربىلەن بۇددىسىتلارتۇقۇنىشىدا زورمىقتاردا مۇسۇلمان ئاممىسى قىرۋىتىلدى.بۇ بېرما يېڭى ھۈكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كىيىنكى كۈلۈمى ئەڭ زور بىرقېتىملىق دىنى تۇقۇنۇش ئىكەن. نۇرغۇن كەنىتلەرگە ئوت قۇيۇۋىتىلگەن، مەسچىتلەرۋە بۇددا ئىبادەتخانىللىرى كۆيدۈرۈلگەن.400مىڭدىن ئارتۇق كىشى سارسان بۇلۇپ كەتكەن.
بېرماھۈكۈمىتى ۋە مۇستەبىت ئارمىيە بۇقېتىمقى قىرغىندا بۇددىستلارغا يان بېسىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلەپ قەتلى قىلىنىىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىيىلگەن. تۈركىيە، سەئۇدى ئەربىستان، پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللىرى بۇئىشقا يۈكسەك دىققەت قىلدى ۋە بايانات ئېلان قىلدى، پاكىستان ۋە ھىندىنوزىيە مۇسۇلمانلىرى نامايىش قىلىپ، قاتىللارنى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە باش باقانى ئەردۇغان ئايالى ۋە دىپلوماتىيەمىنىستىرىنى ئۈمەك باشلاپ ئاراكان رايۇنىغا كىلىپ، بالايى-ئاپەتتىن ھايات قالغانلاردىن ھال سۇراشقا بۇيرىدى ۋە ئىنسانپەتۋەرلىك بۇيۇملىرىنى ئىۋەرتتى. يەرلىك مۇسۇلمان خەلقى تۈركىيە ھال سۇراش ئۈمۈكىنى يىغا-زارە بىلەن كۈتۈۋالدى.
بىرما كۆپ مىللەتلىك دۆۋلەت بۇلۇپ،59مىلىيۇن نۇپۇسنىڭ ئىچىدە 135مىللەت بار، ئاراكان رايۇنى بىرمىنىڭ غەربى قىسىمىغا جايلاشقان بۇلۇپ،بىنگال بىلەن چىگىرلىنىدۇ،بۇيەردەمۇسۇلمانلا ۋە بۇددىستلار ياشايدۇ، بۇددىسىتلارنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ بۇلۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئۇزۇندىن بىرى نارازى بۇلۇپ كەلگەن ئىدى.
1974-يىلىدىكى ئاساسى قانۇندا مۇسۇلمانلارغا ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقى بىرىلگەن، ئەمما1982-يىلى ئېلان قىلىنغان "پۇقرالىق تۇلۇقلىمانىزامى" دا بولسا ئۇلارنىڭ بىرما پۇقرالىق ھۇقۇقى ئېلىپ تاشلانغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قانۇنسىز كۆچمەن بۇلۇپ، ئىگەچاقىسىز-ئۆي ماكانسىز قانۇنسىز پۇقراغا ئايلانغان. مۇسۇلمانلارغا قارتىلغان چەتكەقېقىش سىياسىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60-يىللىرىدىن باشلانغان بۇلۇپ،نەچچە يۈزمىڭ مۇسۇلمان بىرمىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. بۇددا دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكتىلگەچكە، مۇسۇلمانلار غەيرى توپ دىيىلىپ، ئىنتايىن ئېغىر كۈنگە قالغان ۋە تۈرلۈك سىياسى-ئىقتىسادى-جىسمانى زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچۇرىغان. ئۇلار ھەتتا بىرما پۇقرالىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىمۇ ئىرىشەلمىگەچكە، كىشلىك ھۇقۇقى يوق تۈۋەن دەرىجىلىك پۇقرا بولغان، ئەڭ ئېغىر-مەينەت كەسىپلەرلا نىسىپ بولغان، مەسىلەن تاش يول ياساش، ئۆڭكۈر قېزىش، ھەربى مۇداپىئە قۇرلۇشى ياساش قاتارلىقلار. ئۇلارمائارىپ، ئىشقائۇرۇنلۇشۇش قاتارلىق ھۇقۇقتىن مەھرۇم قالغان.
لوندۇن كىشلىك ھۇقۇق ئورگىنىنىڭ باياناتىدا دىيىلىشىچە، مۇسۇلمانلار بىرما ھۈكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ خالىغانچە باستۇرىشى، خورلىشى، يەرلىرى ۋە تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى مەجبۇرى مۇسادىرە قىلىش، مال-مۈلكىنى تاران-تاراج قىلىشغا دائىم ئۇچۇرايدىكەن. ب د ت بۇيەردە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇساپىرلار لاگىرى ياسىغان بۇلۇپ، 20مىڭدىن ئارتۇق سەرسان بۇلغان مۇسۇلمانلار بۇلاگىردا ياشايدىكەن.
1988-يىلىدىن بىرى چەتئەلدە سەرسان بۇلۇپ كەلگەن سىراجىرئىسلام بىرمىلىق فىزىلوگىيەشۇناس بۇلۇپ،ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ:" بىرماھۈكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالى بىلىم ئېلىشىنى چەكلەيدۇ،ھەتتا ساۋاتسىز قالدۇرىدۇ".1988-يىلى 3000دىن ئارتۇق مۇسۇلمان ياش بىرماھۈكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچۇراپ ئۆلتۈرۈلگەن،سىراجىرئىسلام بۇياشلارغا ھىسداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ساقچىلار تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان، ئۇ تاغ ئىچىدە بەش ئاي يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ چەتئەلگە چىقىۋالغان.ئۇ ھازىر چەتئەلدە قۇرۇلغان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا كىرگەن بۇلۇپ، يۇرتىغا بېرىپ بۇمۇستەبىت ھۈكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى ئارزۇقىلىدۇ.
بىرمائاراكاندا مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كىيىن، مالايسىياپايتەختى كۇۋارالوڭپۇدا خەلقارالىق ئىتىراز بىلدۈرۈش يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا مۇسۇلمان ئەللىرى ئىتىپاقى بىرمىنىڭ ئاراكاندا يۈزبەرگەن ئەسەبى بۇددىستلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىپ، كىشىلىك ھۇقۇقنى قاتتىق ئاياق ئاستى قىلغانىلقىنىڭ خەلقاراقانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. يىغىن ئەھلى بىرماھۈكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىسلام ئەللىرى ۋە خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ بىرمىغا كىرىپ زىيانكەشلىكلىككە ئۇچۇرىغان مۇسۇلمانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدىمى بىرىشىكە يول قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى. ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايۇنلاردىن كەلگەن 30نەچچە تەشكىلات ۋە ب د ت نىڭ ۋەكىلى بۇيىغىنغا قاتناشقان .
缅
ئەسلى مەنبە:
http://www.muslem.net.cn/bbs/article-8770-1.html:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 11:39 AM