مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 688|ئىنكاس: 11

مەھبۇسنىڭ پۇشايمنى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بارچۇق قىزى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 808
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9222
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2112 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 05:54:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە تۈرمىدىن چىقمەن،ئەركىنلىككە،چىقمەن،مۇشۇ ھاياتلىق ئالىمىدىكى دوۋزاق بولغان مۇشۇ تۈرمىدىن چىقمەن ،ئاتا ئانامنىڭ  شۇ نۇرانە چىرايىنى يېقىندىن ئىنىق  كۈرۈپ،مىھرىبان ئانامنىڭ شۇ قورۇق باسقان چىرايىنى،يېقىندىن كۈرۈپ مەن ئۈچۈن ياش تۈكۋاتقان  كۆزلىرنى ئۆز قۇلۇم بىلەن سۈرتۈپ  ئۇنىڭغا تەسەللى بىرمەن ،ئۇنىڭ باغرىغا ئۈزۈمنى ئېتىپ قانغىچە ھىدىنى پۇراي مەن ،مۈكچەيگەن دادامغا  يانتاياق بۇلۇپ ئۇنى ئېغىر ئائىلە ئەمگىكىدىن خالاس قىلمەن ، ئەركىن چاغلىرىمدا قىلغان ئەسكىلىكلىرمنىڭ ئورنىنى ئەمدى تۈرمىدىن چىقسام چۇقۇم تولدۇرۇپ ئۇنىڭ رازىلقىنى ئالمەن،ئۇنىڭ جاينامازدا ئولتۇرۇپ مەن ئۈچۈن اللادىن ماڭا بەخت ئىنساپ تىلگىننى ،ماڭا دۇئا قىلغىننى كۆرسەم ماڭا شۇ كۇپايە،ئەتە مەن دادامغا يېڭدىن ئۇغۇل بولغىلى چىقمەن،ئايالىم ماھىرەنىڭ يالغۇزلۇق كۈنلىرنى ئەتە ئاخىرلاشتۇرمەن ئۇنىڭ بىلەن قايتا باشتىن يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن،ئۇنىڭ ھەسرەت ،سېغنىش قاپلىقغان قەلبىنى ئىللىتىپ  مۇھەبەتلىك ئىناق ئائىلەمنى قايتا يېڭى باشتىن باشلايمەن،شوخ سىڭلىم بىلەن قانغىچە پومداقلىشىپ  ئويدىن تۇپا چىقىرۋىتمىز،ئوغلۇم قەيسەرنىڭ بۇدرۇق قوللىرنى  تۇتۇپ ئۇنىڭ ئويماقتەك چىرايلىق  ،شۇ تاتلىق گەپلەر چىقدىغان ئېغزىنى قېنىپ سۈيۈپ ،ئۇنىڭ  تاتلىق گەپلىرنى تىلفۇندا ئەمەس   قۇچقۇمدا ئولتۇرغۇزۇپ ئاڭلايدىغىنمغا پەقەت بىر كۈنلا قالدىبۇلارنى ئويلىسام،يۈركۈم ھاياجاندىن تىپچەكلەيدۇ،خۇشالىقىمدىن  كۈزۈمگە ھىچ نەرسە ،ھىچ بىر ئادەم كۈرۈنمەيدۇ،ئەتنىڭ بالدۇرراق كىلشىنى  ئاشۇ مىنىڭ ئارزۇيۇمدىكى ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى بالدۇرراق كۈرۈشكە بەكمۇ تەقەزا بولماقتىمەن
  قۇلۇم ھىچ ئىشقا باردىغاندەك ئەمەس پۈتۈن خىيالىم  يۇرتۇمدا،ئائىلەمدە،مەھەلەمدە......قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بوپ كەتىكىنە،مەن بۇ  تۈرمىگە  يېڭى كىرىپ قالغاندا ئەمدىلا 1ياشقا كىرگەن ئوغلۇم قەيسەر مانا ئەمدى قۇچقاچتەك سايراپلا تۇردىغان 4ياشقا كىرىپ قالغان  ئۇماق چىچەن بالا بولدى،ئۇ مىنىڭدىن ئايرىلغاندا ئەمدىلا تەمتىم ماڭغان ئىدى،دادا دىگەندىن باشقا ھىچ بىر گەپمۇ قىلالمايتى،مانا ئەمدى مىنى يوقلاپ كەلسە چوڭ ئاپسنىڭ قۇلدىكى ماڭا ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ئۈزى كۈترۈپ  مىنىڭ قۇلۇمغا سۇنالايدىغان  ،ئۆيدىكى تۇىنىڭ نەچىنى كاكلىغىندىن تارتىپ چوڭ ئاپسىنىڭ ئۈزگە قانداق كىيملەرنى ئەپ بەرگنى،ئاپسىنىڭ قانداق تاماق ئىتىپ بەرگىنىنمۇ  ماڭا دوكلات قىلالايىدىغان بالا بوپ كەتكەن تۇرسا ،باشقىلاردا قانداق ئۆزگۈرۈش بوپ كەتمەكچى.ئەلۋەتتە چۇقۇم ئۆزگۈرۈشلەر كۆپ،مەن يېڭى مۇھىتقا كۈنەلەرمەنمۇ؟قوشنا قۇلۇملار ماڭا قانداق نەزەردە قارشار،تۈرمىدىن چىققان جىنايەتچى دىيشىپ مىنى چەتكە قاقارمۇ؟...خۇشالىقىم بىلەن تەڭ  شۇنىڭغا چۇشلۇق غەم ئەندىشلەرمۇ مىنىڭ تۇيغۇلۇرمنى ھىسلىرىمنى ئوغورلاشقا باشلىدى،ئىككى خل خىيال ئارسىدكى ناچار كەيپىياتنى ئوڭۇلىماقچى بۇلۇپ  نەرسە كىرەكلىرمنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىدىم،باشقا تۈرمىداشلىرىم ،بۈگۈنكى يەكشەنبە پەيتىدىن پايدىلنىپ  كىر بولغان كىين\ملىرنى يۇيغىلى سۇ خانغا چىقىپ كەتكەچ  كامىردا مەن ئۈزۈم يالغۇزلا قالغان ئىدىم،نەرسە كىرەكلىرمنى ساقلايدىغان ئىشكاپنىڭ ئېغزىنى ئېچىپ ئەتە ئۆيگە  ئەكىتىدىغان نەرسىلىرمنى يۇغۇشتۇرماقچى بولدۇم،تۈرمىدىن ئەپ چىقىپ كەتكىدەك نىمە بار دەيسىز،شۇ ئۆيدىكلەرنىڭ ،ئايالىم ماھىرەنىڭ ماڭا يازغان سېغنىشلىق سالام خەتلىرى،ئۇلارنىڭ نەچچە پارچە سۈرتى،قۇلۇمغا ئايالىم ماھىرە بىلەن ئوغلۇم قەيسەرنىڭ  سۈرتى چىقشى بىلەن كۈزۈمگە يىغا ئولاشتى،ئۇلارنىڭ شۇ  تۇنۇش چىرايى كۆز ئالدىمغا كىلۋالدى،قەيسەر ھەر قېتىم مىنى يوقلاپ كەلگەندە دەيدىغان -دادا  ،ئاپام بىلەن ئىكەيلەن سىنى يوقلاپ كەلدۇق،چوڭ ئاپام كىلەمىدى،سەن قاچان بۇ مەكتىپىڭدىن  چىقسەن،مەكتەپتىن تەتىل قىلپ بەيمەمدا(ماھىرە ئوغلۇمغا داداڭ مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ دىگەچكە ئۇ تۈرمىنى مەكتەپ دەپ ئويلاپ قالسا كىرەك شۇنداق ئاتايتى)بىز سىنى بەك سېغىندۇق .ئاپام سەن ئامياق پولو ئەتكەن ئەكەلدۇق،سىنىن بەك سېغىندۇق-دىگەن تاتلىق گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلانغاندەك بىلندى،مەن ئۇنى ھەر قېتىم ئالداپ-ئاپاڭنى خاپا قىلما بالام مەن ئەتە چىقمەن،ئۆيگە ئەتە بارمەن-دەيتىم يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ،ئۇ مىنىڭ ساختا يالغارن ۋەدىلىرمگە خۇشال بولغىنچە كىتىپ قالاتتى،مانا ئەمدى بۇ ساختا يالغان ۋەدىلىرمۇ راسقا ئايلىندىغان بولدى،مەن راسلا ئەتە ئۆيگە قايتاتىم.
كۈزۈمدىن ياش تامچىسى ئېقىشزقا باشلىدى،تىترەپ تۇرغان  لىۋىمنى جانسىز سۈرەت ئۈستىگە باستىم،بۇ سۈرەتنى قانچە قېتىملاپ مۇشۇنداق سۆيگۈنۈمنى بىلمەيمەن،تۇلا سۈيۈۋەرگنلىكتىن،ئوغلۇمنىڭ يۈزى بىلەن ئايالىمنىڭ يۈزنىڭ رەڭلىرىمۇ سۇسلشىپ ،بۇرۇنقى ئىنىقلىقنى يۇقاتقان،ماھىرەنىڭ شۇ مىھرى ئىسىق چىرايى،تاتلىق كۈلۈمسىرەشلىرى،ماڭا  مۇلايىملىق بىلەن تەربىيە بەرگەن ،ھالىتى،ئۇنى ھەقىقەتەن سېغىنغان ئىدىم ،ئۇنى ھەر قېتىم ئىسىمگە ئالسام كۈزۈمدىن  ياش ئەمەس قان ئاققاندەك ھىسياتقا كىلەتىم،اللانىڭ ماڭا پەرىشتىدەك بىر خۇتۇنى نىسىپ قىلغىندىن تۇلمۇ خۇرسەن بۇلاتتىم،لىكىن شۇ پەرىشتە سۈپەت ئايالىمنى قانچىلك ئاززاپلارغا دۇچار قىلغىنمنى ،ئۇنى قانچىلك قىينىغىنمنى ئويلىسام  ئۆزئۈزۈمگە ئاچىقىم  كىلەتتى،جىلە بۇلۇپ ئۆزئۈزۈمدىن نەپرەتلىنەتتىم.مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈەزگەن خاتالىقمنى  تۈزتىۋېلشىمغا،گۇناھلىرمنى يۇشىمغا پەقەت بىر كۈنلا  ۋاقىت قالغان ئىدى. كەينىمدىن نئاڭلانغان ئاياق تىۋشىدىن ئىسىمنى يىغدىم ياشلىرمنى سۈرتۈپ سۈرەتنى ئاۋايلاپ خالتىغا سالدىم.ئارقامغا قاردىم كەينىمدە مەن بىلەن بىر كامىردا ياتىدىغان  كىرىم ئاكام ماڭا قاراپ تۇراتتى،ئۇ 40ياشلار چامسىدىكى قارامتۇل،شالاڭ قاشلىرى ئۆسكىلەڭ،ئوتتۇرا بوي ئۇرۇق كەلگەن ،كەم سۆز،ئاق كۈڭۈل بەكمۇ مىھرىبان ئادەم ئىدى،ئۇ مەندىن نەچچە يىل بۇرۇن باشقىلار بىلەن مۇشتۇلۇشۇپ خەقنى ئۇرۇپ  مېيىپ قىلپ قۇيۇپ  تۈرمىگە كىرىپ قالغان كىشى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ تۇرقىدىن باشقىلار بىلەن ئۇرشۇپ خەقنى ئۇرالايدىغان كۈچ قۇۋەتنى ھىس قىلش بەكمۇ تەس ئىدى،مەن يېڭى كىرگن كۈنلىرىمدە  ئۇنىڭ خەقنى ئۇرۇپ قۇيۇپ كىرىپ قالغان دىگەن چۈشەندۈرشىگە پەقەتلا ئىشەنمىگەن ئىدىم.ئۇ ماڭا -ئۇكام مۇشۇ ھاراق دىگەن  قارىغۇنىمۇ كۈردىغان تۇخۇ يۈرەكنى يۈرەكلىك قىلۋىتىدىغان ،ئېغىر بېسىقنى  ئىتىك قىلۋىتىدىغان نەرسە.بۇ يەرگە كىرىپ قېلشىمغا دەل شۇ نوچنىڭ  دۇرسى سەۋەب بولغان-دىگەن ئىدى.مەنمۇ دەل شۇ نوچىنىڭ دۇرسى بىلەن مۇشۇ يەرگە كىرىپ قالغاچقىمۇ ياكى بۇ كىشى ماڭا ئامراقمۇ بىلمەيمەن،بىز نەچچە كۈندىلا خۇددى بۇرۇندىن تۇنشىدىغاندەك چىقشىپ قالغان ئىدۇق،ئۇ ماڭا كۆپ جەھەتلەردە ياردەم قىلاتتى،كىۋەز تىرش ۋەزىپلىرى بۇلامدۇ ياكى بىر مۇشۇ كامىرنىڭ تازلىقك قىلش نۆۋىتىمدە بۇلامدۇ ئۇ ماڭا خۇااى ئۆز ئاكامدەك ئۈنتىنسىز ياردەم قىلاتتى،ئاغرىپ قالسام باشقىلاردىن دۇرا دىگەندەك نەرسقىلەرنى سۇراپ ماڭا ئىچكۈزۈپ  ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى،ئۇنىڭ جازا مۇدىتنىڭ تۇشىشىغا يەنە نەچچە يىل ۋاقىت بولغاچقا ،ئۇ مىنڭدىن كىينرەك جەميەتكە چىقاتتى،ئۇنى كۈرۈش بىلەن نىمشقىدۇر كۆڭلۈم يېرىم بولدى،ئۇ ئەمدى بۇ يەردە يەنە  قالاتتى،مەن بولسام ئەركىنلىككە چىقپ كىتەتىم،ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،ئۇنىڭ ئائىلىسدىن ئۇنى يوقلاپ كىلدىغان ئادىمىمىمۇ يوق دىيەرلىك بۇلۇپ پات پات بىر ئىنسى يوقلاپ كىلەتتى،ئۇنىڭدىن -ئايالىڭىز يوقمىتى ؟-دىسەم ئۇ ماڭا-  يوق ،مەن بويتاق ئىدىم ،بۇ يەرگە كىرگەندە -دەپلا قۇياتتى.مانا نەچچە ئاي بولغان ئۇنى بيوقلايدىغان كىشمۇ يوق ئۇ قىينىلپ قېلۋاتقىلى،ھەنىم بولسا مەن بوپ قاپتىكەنمەن،ماھىرەنىڭ ماڭا ئەكەلگەن نەرسىلەرنى بىللە ئىشلىتىپ يوقنىڭ دەردىنى تارتمىغان مانا ئەمدى مەنمۇ كەتسەم ئۇ قانداق قىلار؟....ئۆزئۈزۈمگە  ئۇنى يوقلاپ تۇرۇشنى ۋەدە قىلدىم.ئۇ ماڭا قاراپ سۇس كۈلۈمسىردى،ئۇنىڭ كۈلكىسنى كۈرۈپ  ھەقىكقەتەن چىديالماي قالدىم،ئۇ ماڭا يالغاندىن كۈلگەندەك ماڭا تەسەللى بىرشكە كۈلگەندەكلا ...كۈزۈمدىن ياش يەنە ئەگىدى،كىرىم ئاكام يېنىمغا كىلپ ماڭا تامكا تەڭلىدى ،مەن-بىلسەنغۇ ئاكا تاشلىدىم -دەپ  ئالغىلى ئۇنمۇدۇم مىنىڭ تۈرم،ىگە كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قىلغان ئىشىم مۇشۇ تاماكا تاشلاش بولغان ئىدى،كىرمكام   ئۇرۇق قوللىرى بىلەن قۇلۇمنى چىڭ سىقىپ كۈزگە ياش ئالغىنچە-ئۇكام ئەكبەر سەنمۇ چىقىپ كىتدىغان بولدۇڭ مەن سەن ئۈچۈن خۇشال،مەيلى سەن بول ياكى مەن بۇلاي  بۇ يەردىن بىر كۈن بالدۇر چىقساق شۇنىڭغا خوشال،بۇ يەرنىڭ قانداق يەرلىكى پەقەت بىزدەكلەرگە  ئايان،مەن سەن ئۈچۈن خۇشال ئۇكام،چىققاندىن كىيىن ،تۇرمۇشۇڭنى قايتىدىن باشلا ،ئاتا ئاناڭنىڭ ھالدىن ياخشى خەۋەر ئال-دىدى دە تاماكدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق شۇرغىنچە كارۋاتقا بېرىپ ئولتۇردى ئۇ ئادەتتە ماڭا ئۇزۇنراق گەپ قىلماقچى بولسا داۋاملىق مۇشۇنداق تاماكىسنى قاتىق شۇرۋېلىپ گەپ باشلايتى،مەن ئاستا بېرىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم،دادامنىڭ نەسىھيتىنى ئاڭلاۋاتقاندەك زەن سېلىپ ئۇنىڭ گەپ قىلشىنى كۈتتۈم،ئۇ تاماكا ئىسنى يۇملاق چەمبەرسىمان چىقرىپ ھاۋاغا پۈۋلىۋىتىپ  ئاغزىنى  ئۆمەللىدى


-ئەكبەر،بىلمەن سەن بەلكىم .تۈرمىدىن چىقسام كىشلەرمىنى نىمە دەر ،باشقىلار مازاق قىلارمۇ،ئايالىم ئۆزگۈرۈپ قالغانمىدۇ،ئەل يۇرتقا قانداق قارايمەن دەپ غەم قىلغان بۇلشىڭ مۇمكىن،مىنڭچە غەم قىلشىڭ ھاجەتسىز سەن قايتىدىن يېڭى باشتىن ئادەم بولدۇڭ ئۆزگەردىڭ ،بۇرۇنقى ئەسكىلىكلىرڭنى تۈزەتتىڭ،ئەل جامائەت  سىنى كەچۈرۋىتدۇ،ئايالىڭمۇ تۇلمۇ مىھرىبان قىزكەن سىنى ھازىرغا قەدەر تاشلىۋەتمەي ھالىڭدىن خەۋەر ئېلۋاتدۇ يوقلاۋاتدۇ ئۇكام،ئۇ تېپلغۇسىز قىزكەن،سەنمۇ چقىقاندىن كىيىن ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ،ئۇنىڭ ساڭا قىلغانلىرنى چۇقۇم نەچچە ھەسسە قايتۇرشىڭ كىرەك،ئۇ يەتكىچە جاپانى تارتى،نەچچە ۋاقىتىن بىرى ئاتا ئاناڭنىڭ ھالدىنىمۇ خەۋەر ئېلۋىتپتۇ،ئويلاپ باقماسەن ھازىر ئۇنداق ۋاپادار قىزدىن نەچىسى بار،يوولدىشى يېنىدا تۇرسىمۇ ئۇلارنى  يامان ې
ئېلىپ ،سىنى يوقلاپ بالڭنى بېقۋاتدۇ،سەن چۇقۇم ئۇنىڭ قەدىرگە يەت،مەن ساڭا ئايالىم يوق ئىدى دىگەن سەنمۇ ئىشەنگەن بىلەمسەن مىنىڭمۇ ئايالىم بولغان ئۇ تۇلمۇ ھازازۇل بىشەم،ئىدى،ئانامنىمۇ پاتقۇزمايتى،دادمغۇ بۇرۇنلا تۈگەپ كىتپتىكەن،ئىنىمگىمۇ تۇلمۇ ئۆچ ئىدى ھە دىسە ئۇلارنىڭ يامان ەىپنى قىلپ ئۇرۇش جىدەل قىلپلا يۈرەتتى،مەن بەرداشلىق بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشۇمنى داۋاملاشتۇردۇم،ئانام ئېغىر ئاغرىپ قالغان كۈنلەردە ئۇ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كىتمىز بولمىسا ئاجىرشىمىز دەپ تۇرۋالدى ،بىچارە ئانام ماڭا  بالام ئۈيۈڭلارنى تۇتۇڭلار مەيلى ئايرىم ئۆي تۇتۇڭلار دەپ تۇرۋالدى ،مەنمۇ ئامالسىز ماقۇل بولدۇم،ئانامنى تاشلاپ باشقا يەردىن ئۆي تۇتۇق،كىيىن ئانام تۈگەپ كەتتى،ئۇنىڭغا ئىسىقىنە بىر قاچا تاماق ئىتىپ بىردىغان ئادىمىمۇ يوق ،بەكمۇ خارلاندى،ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئاچىقىمدا ھاراق ئىچىپ مەسچىلىكتە ئانام ھايتا ۋاقتىدا  قىلالمىغان ئۇغۇل بالچىلقىمنى چىقرىپ،ئايالىمنى قاتتىق ئۇردۇمئىچىمدىكى ھەممە ئاچىقمنى ئۇنى ئۇرۇش بىلەن چىقاردىم،ئۇنىڭ  بەل ئۇمۇرتقىسى سۇنۇپ كىتىپ  مېيىپ بوپ قالدى،مەنمۇ شۇ سەۋەب بىلەن  تۈرمىگە تاشلاندىم،ئۇ ئۈستۈمدىن سوتقا ئەرىز سۇندى.-ئۇنىڭ بۇ تارىخىنى ئاڭلاپ  بەكمۇ ھەيران قالدىم،ئۇ ئەزەلدىن بۇ گەپلەرنى ماڭا قىلپ باقمىغان ئىدى ،كىرىمكام ماڭا قاراپ،
-ھەيران قالدىڭما ؟-دىدى مەن ئاستا ھەئە دىگەن مەنىدە  باش چايقىدىم،ئۇ ئاچچىق كۈلگىنچە-ئەركىشنىڭ بۇ دۇنيادىكى بەختى ياخشى كۈيۈمچان خۇتۇنغا ئىرىشى ئىكەن ،سەن شۇنداق خۇتۇنغا ئۇچۇردۇڭ،ئۇنى قەدىرلە قالايمىقان خيالاردا بولما،سەن ئۆزگۈرۈپ يېڭى باشتىن ئادەم بولدۇڭ ،سىنىڭ بايا مىنىڭ تەڭلىگەن تاماكمنى ئالمىغىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگۈرۈش سەن ياخشى ئادەم بولدۇڭ-دىدى دە مۈرۈمگە يىنىك شاپلاقلاپ قويدى،مىنىڭ پۈتۈن خيالىم ئۇنىڭ ئۆتمىشىدە ئىدى،پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيتى.ئۇ ماڭا- بولدى ،كۆپ ئىشلارنى ئويلىما ،ئەتە ئەركىنلىككە چىقمەنلا دە باشقىسى بىكار...ساڭا ئىچىمدىكىنىڭ ھەمىنى دەۋېلىپ خىلى يىنكلەپ قالدىم ئۇكام -دىدى .مەن يەنلا جمجىت ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش نەزرىم بىلەن قاراپ ئولتۇراتتىم،ئۇ ماڭا- يۇيغان كىيملىرىم قۇردىمۇ چىقىپ قاراپ باقاي -دىگنىچە سىرتقا ماڭدى.
ئورنۇمدىن تەستە تۇرۇپ  تۈرمە ھويلىسغا قارتىلغان يۇغان ئىگىز ئورنۇتۇلغان دەرىزگە قارغىنمچە ،ئايالىم ماھىرەنى ،مىھرىبان ئانامنى  خىيال قىلشقا باشلىدىم،كىرمكامنىڭ تارىخى  مىنى بىئارام قىلاتتى،ئۇنىڭ ھازازۇل ئايالى بىلەن مىنىڭ شۇ پەرىشتە سۈپەت ئايالىمنى  سېلىشتۇراتتىم،ئۇ ھەقىقەتەن  مىھرىبان خۇتۇن ئىدى،مەن گەرچە ئۇنىڭغا جەميەتكى ۋاقتىمدا شۇنچە ئەسكىلىك قىلساممۇ ئۇ مىنى قىلچىك ئەيىپلىمەستىن ،ئۈنسىز ئاتا -ئانامنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىپ،ئوغلۇمغا ھەم دادا ،ھەم ئانا بۇلۇپ،شۇنچە جاپا تارتسىمۇ ۋايسىماي ،مىنى يوقلاپ ماڭا تەسەللى بىرىپ  كىلۋاتاتتى.
    مانا مۇشۇ ئايلاردا ئانامنىڭ ھويلىغا تېرىغان گۈللىرى  ھۈپىدە ئېچلىپ كىتەتتى،ئانام  بۇرۇندىنلا گۈلگە ئامراق ئىشچان ئايال ئىدى ،ئۇنىڭ تۈجۈپلەپ ئۆستۈرگەن گۈللىرى ،ھەر قانداق كىشنىڭ زوقىنى قوزغايتى،ئېتىز ئىشدىن بىكار بولسىلا تېرغان گۈللىرنىڭ يېندىن نېرى كەتمەيتى ،تەشتەكتىكى گۈللەرگە سۇ قۇياتتى ،ئۇغۇت بىرەتتى،بىرەر تۈپ گۈلنىڭ يۇپۇرمىقى سارغىيپلا قالسا بالسى ئاغرىپ قالغاندەك پاي پىتەك  بۇلۇپ ھالى قالمايتى،جاپاكەش دادامۇ ئۇنىڭ گۈلگە ھىرس مىجەزىگە ماسلاشقان كىشى بۇلۇپ بىكار بولسىلا ئانامغا ياردەملىشىپ گۈل پەرۋىش قىلاتتى.مەن بىلەن سىڭىلم شوخلۇق قىلپ گۈلدىن بىرەر تال ئۈزۈپلا قالدۇقمۇ بولدى قۇلقىمىزنىڭ سۇزۇلغىنى سۇزۇلغان،گۈل شەيداسى ئانام  قىش پەسىلىرىدىمۇ بىكار تۇرماي گۈل كەشتىلەيتتى،ئۈيمىزدىكى داستىخان ،ياستۇق ،يوتقان كىرلىكى،كارۋات ئايقكى،ساندۇق ياپقۇ دىگەنلەرنىڭ ھەمىسدە ھەر خل گۈل نۇسقىلىرى كەشتىىلەپ ئېلىنغان،بۇلۇپ ئۈيمىزگە  كەلگەن مىھمانلارمۇ  ئانامنىڭ تامقىنى يىمەي گۈل كەشتىسنى كۈرۈپ كەتكىدەك بوپ كىتشەتتى.دادام بولسا جاپاكەش دىھقان بۇلۇپ  ئۈنسىز ھاردىم تالدىم دىمەيدىغان ،ئاقكۈڭۈل،مىھماندوس،چىقىشقاق كىشى ئىدى،دۇتتارنى چالدىغان بولسا ھويلىمىز قوشنىلار بىلەن تۇشۇپ كىتەتتى،مەن سىڭىلم بىلەن  شوخلۇق قىلپ ئۇسۇل ئوينايتۇق.
كىچكىمدىن تۇلمۇ شوخ،ئۇيۇنقېپى بولغاچقا مەكتەپتىمۇ ياخشى ئۇقماي تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتۈرۈپلا ئۆيدە ئېتىز ئىشلىرغا ياردەم قىلپ يۈردۈم،دادامنىڭ قارشىچىمۇ جىگدە ياغچى بادرا بولماس دىھقان بالسى كادىر دىگەن ئىدىيە بولغاچقا مىنى ئانچە بەك ئۇقۇشقا زورلاپ تۇرۋالمىدى ،مەنمۇ شۇنچە ئاسانلا مەكتەپ تۇرمۇشۇمنى ئاخرلاشتۇرۇپ جەميەت بالسى،يىتشىۋاتقان دىھقان بولدۇم.ئېتىزدىن بىكار بولساملا مەھەلىمىزدىكى بىر نەچچە دوسلۇرۇم بىلەن مەھەلىمىزدىننبازارغا ئۈتۈدىغان يۇغان رىشاتكىلىق كۆۋرۈكتە ئولتۇرۋېلىپ يولدىن ئۆتكەن قىزلارغا ئىسقىرتىپ،ناخشا توۋلاپ،قاش ئېتىپ كۈنۈمنى كەچ قىلدىم،ئەكبەر سۇيۇق دىسە تۇنمايدىغانلار  يوق ئىدى،مەن قىزلارغا بەك ئامراق كىلشكەن بولغاچقا،قىزلار بىلەن ئاسانلا چىقشىپ قالاتىم ، بۇ لەقەممۇ مىنىڭ ئالاھىدلىكىمگە ئاساسەن قۇيلۇپ  قالغان ئىدى،قىزلارغا كۆۋرۈكتە دۈۋلىشۋېلىپ ئىسقىرتساق   بۇنداق چاغلاردا قىزلار بىزگە يۇغان ئالىيشىپ،نىملەرنىدۇر غودراشقىنچە يېنىمىزدىن ئۈتۈپ كىتەتتى،ھەمىسلا بۇنچە قىپ كەتمەيتتى،مىنىڭ قاپقارا قېشىم،يۇغان كۆزلۈرۈم ئات قىلدەك يىرىك قارا چاچلىرمغا ھەۋەس قىلدىغان قىزلار بولسا ھىجيىشقىنچە نايناقشىپ ماڭا بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلپ قۇيۇپ كىتىپ قېلشاتتى.مەن بەكرەك  ئامراقىلق قىلغان قىزلارنى ئانچە مۇنچە چۈپەيلىك قىلماي سېرىق ئاش راڭپىزا بىلەن مىھمانمۇ قىلپ قۇياتتىم.
ياز كۈنلىرى  چىڭقى چۈشتە ئوسمان بۇزەكنى (ئۇ بەكمۇ يۇۋاش بولغاچقا  بۇزەك لەقمى قۇيلۇپ قالغان بالا ئىدى ) كىيملىرمىزگە قارتىپ قۇيۇپ قانغىچە سۇغا چۈملەتتۇق،قىش كۈنلىرى نەدىندۇر ئۇتۇن تىرىپ كىلپ ئىس چىقرشىپ ئوت قالپ ئوتنى چۆردەپ ئولتۇرۇپ تاماك چىكشەتتۇق. شۇنداق شوخلۇق قىلپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە مەھەلدىكى باللار يىغلىپ شەھەرگە ئوينىغلى باردۇق،بىزدەك شەھەر كۆرمىگەن سەھرالىلار ئۈچۈن شەھەر دىگەن باشقىچە دۇنيا ئىدى ،قۇلاقنى يارغىدەك يۇقرى ئاۋازلىق مۇزىكا،رەتلىك كىينگەن سالاپەتلىك،گالاستۇكلىرنى قاترۇشۇپ كىيشكەن  ئەرلەرنىڭ ئارقىسدىن ھەۋەس بىلەن قاراشىپ قالاتۇق،رەڭگارەڭ  كىينگەن چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەك شۆلگەيلىرمزنى يۇتشۇپ قۇياتتۇق،شۇ قىزلانىڭ قانداقراق ئادەمنىڭ قىزلىقنى ،قانداقراق ئۇغۇل بالنىڭ خۇتنى ،يۈرگىنى ئىكەنلىكنى مۇلاھىزە قىلشىپ كىتەتۇق،مانا مۇشۇنداق قىزقىش ئىچدە كۈنىڭ كەچ بوپ كەتكىنىمۇ بىلمەي قاپتىمىز،باللار بۇرۇنلا  دىباغا بارمىز دىيشكەچكە  مۇشۇ شەھەردە خلى ئۇزۇن تۇرۇپ ئىشلەپ يۈرگەن ئابلا ۋەيرانىڭ باشلىشى(ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابلاجان بۇلۇپ ،ھىچكىم بىلەن كارى يوق نەنى خالسا شۇ يەردە يۈرگەچكە بىز ئۇنى ئابلا ۋەيران دەپ ئاتايتۇق) بىلەن بىر يەر ئاستىغا جايلاشقان ،رەڭگارەڭ چىراقلار بىلەن ئىشىكلىرى بىزەلگەن بىر  يەرگە كەلدۇق مانابۇ  بىز نامنى تۇلا ئاڭلىغان دىبا ئىدى .تېشنىڭ بۇنداق ئالاھىدە بىزەل؟گىندىن قارغاندا ئىچمۇ چۇقۇم شۇنداق دىيشىپ  قىزقىش بىلەن كىرەيلى دىسە كىرەيلى دەپ دىباغا كىردۇق.
بۇ يەرنىڭ ئىچمۇ باشقىچە دۇنيا ئىدى،قىز بالاردەك تار پادىچىلار  ئىشتانلىرنى كىيگەن  ،چاچلىرنى ھەرخل بۇيشۇپ ياستىۋېلىشقان غىتمەك چىراي ئۇغۇللار،گىرم بۇيۇملىرنى بىكارغا بەرگەندەك ئىشىلتىپ قېنىق گىرىم قىلۋېلىشقان،يېرى يارتا كىينگەن  شىر باش قىزلار ،كالڭى يوق ھارۋىدەك ئىغاڭشىپ دىسكو ئوينىشۋاتاتى،ئۇلار بىزگە ماۋۇ سەھرالىقلارنى دىگەندەك ھەيرانلىق بىلەن قارشاتتى،ئالدىمىزغا قارامتۇل بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر ئۇغۇل بالا كەلدى ،ئۇ بىزنىڭ قانچە ئادەملىكىمزنى سۇراپ ،بىزنى چەتكىراق قۇيۇلغان بىر ئۈستەلگە باشلاپ كەلدى بىز جايلىشۋالغاندىن كىيىن ،بىزدىن نىمە ئىچدىغىنمىزنى سۇردى،ئابلا ۋەيران بىزنى مىھمان قىلمەن دەپ ھەر بىرمىزگە بىردىن پىۋا بۇيرىتتى،ئۇنىڭغا بەش پۇتۇلكا پىۋىغا 150سوم بىرىپ بىز بىلەن ئۇينۇشۇپ بىردىغان تۇمۇچۇقلارنى چاقىرىپ قۇيشنى ئېيتتى،بىردەمدىلا ھېلقى بالا بەش قىز بالا بىلەن بەش پۇتۇلكا پىۋىنى ئۈستەلگە ئەكەلدى،ئۇلار بىر بىردىن ئۈتە ياسانغان  سەتەڭلەر ئىكەن،بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلپ بىر بىرگە قارشىپ تازا باپلايدىكەنمىز بۇ سەھرالىقلارنى دىگەندەك مەنلىك كۈلۈشكىنچە يانلىرمىزدىن ئۇرۇن ئالدى ،ئۇلار بەكمۇ شوخ قىزلار ئىكەن بىردەمندىلا چىقشىپ ئىچ قۇيۇن تاش قۇيۇين بوپ كەتتۇق،ئۇلار خىلى ھاراق كۈترەلەيدىغان قىزلار ئىكەن ئاق ھاراق دىگەنى كۈزنى مىت قىلشماي ئىچشەتتى،ئۇلارغا قاراپ مەنمۇ ئىچىپ باقمىغان ئاق ھاراقنى ئىچتىم،خلى ئېغىر مەس بوپ كەتكەن بولسام كىرەك،كەچتە سورۇندىن تارقىغاندا يۇلۇمنىمۇ جايلاپ ماڭالمىدىم،قانغۇچە ئوينۇشۇپ ھارغاندا ھېلقى سەتەڭلەرنى بىردىن قولتۇقلۇشۇپ دىبادىن چىقتۇق،ماڭا ھەمرا بولغان زەينۇر دىگەن قىز مىنى يۈلەشتۈرۈپ بىر م،ىھمانخانغا ئېلىپ كىردى،ئۇ ئىچىپ كۆنگەچكىمۇ ئانچە بەك مەست بولغاندەك قىلمايتى.قۇرسىقۇم ئاغرىسمۇ چىداپ 100سومغا ياتاق ئاچقۇزدۇم،ياتاققا كىرىپلا ئۈزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم،شۇ كۈنى كىچىچە نىمە ئىشلار بولغىنى ئىسىمدە يوق،ئەتسى كۈزۈمننى ئاچسام ئانامدىن تۇغما ھالەتتە يېتىپتىمەن،قوينۇمدا ھېلقى زەينۇر دىگەن قىز مۈشۈكتەك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋېتىپتۇ،چۈچۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.ئۈزۈمدىن ئۈزۈم خجل بۇلۇپ تازلىق ئۈيگە كىرىپ كەتتىم،تازلىق ئۈينىڭ تېمغا ئورنۇتۇغلۇق چوڭ ئەينەكتىن ئۈزۈمنىڭ سىمايىنى كۈرۈپ شۇنچىلىك سەسكەندىم،يۈزۈم بوينۇم،ھەتتا مەيدىلىرمگىچە ھەممە يەردە ھېلقى زەينۇرەنىڭ لەۋ سۇرقى،توختىماي ئۈزۈمنى ئەيىپلەپ مۇنچىدىن سۇ چۈشۈغردۈم مۇشۇ سۇ ئارقىلق پۈتۈن رەسۋالىقمنى يۇيۋەتمەكچى بولدۇم،كۈزۈمنى چىڭ يۇمۇپ سۇنى شارقىرتىپ ئاچتىم،كىچكىمدىن شوخلۇقۇم راس قىزلارغا ئاغزىمدا چاقچاق قىلپ  يۈرگۈنۈم بىلەن بۇنداق رەسۋا ئىشنى قىلپ باقمىغان ئىدىم،ئۆزئۈزۈمگە توختىماي سۆزلەيتىم..تۇيە ئەكبەر ،تۇيە مانا شەيتانىڭ كەينىگە كىرگنىڭ ئاقۋىتى ...ئىشىكنىڭ غىچىرلغان ئاۋازى دىقىتمنى بۆلدى،ئەندىكىپ كۈزۈمنى ئاچتىم،زەينۇرە ئانسىدىن تۇغما ھالەتتە قىپيالڭاچ ئالدىمدا ماڭا قاراپ تۇراتتى.
-چىقىپ كىتىڭ!-دىدىم .ئۇنىڭغا،ئۇ ھىچ چىقىپ كىتدىغاندەك قىلمايتى،ئورنىدىن مىدىرلىماي ئاچكۆزلىك بىلەن ماڭا قارايتى،ئۇ نايناقىلغىنچە ئالدىمغا يېقىن كەلدى،
-ۋاي نىمە بولدى جېنىم سىزگە،ئاخشام بىر ئوبدان تۇراتىڭىز،قىزتىپ قالمىغانسىز ھە،كىلڭە تۇتۇپ باقاي قىزىپ قالدىڭىزمۇ-ئۇ شۇنداق دىەىنچە تىرناقلىرى پاسق سۈڭەك ئالۋاستىدەك ئۈسۈپ كەتكەن ئۇرۇق قولىرنى پىشانەمگە  سۇندى .
-چىقىپ كىتىڭ دىدىم قانداق قېلىن قىز بالسىز!-ۋارقىردىم ئۇنىڭ قۇلنى سىلكىپ ئىتىرۋىتىپ،ئۇ چىرايىنى تېخمۇ كۈلكىگە قىستاپ ئالدىمغا سۈرۈلدى.ئۇنىڭ بۇ ھالتىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك ئەمەس ،چەبدەسلىك بىلەن ،چوڭ لۈڭگۈنى قۇلۇمغا ئالدىمدە ،بەدىنىمنى ئۇراپ ئۈزۈمنى تازلىق ئۈينىڭ سىرتىغا ئاتتىم،ئىشىكنى تاقاپ قۇيۇپ يۇنمىغىنمغا پۇشايمان قىلدىم.كارۋات ئۈستىدىكى كىيملىرمنى كىيىپ ئۈزمنى سىرتقا ئاتتىم،قۇلۇم ئىشىك تۇتقۇچغا بېرشى بىلەن زەينۇر كاپلا قىلپ قۇلۇمدىن تۇتۋالدى،
-نەگە غۇجام كەتسەكمۇ ھەقىمنى بىرپ كىتىلى،بىكارغا كارۋاتقا چىقدىغان ،مەن سىنىڭ ئېلىپ قويغان خۇتۇنۇڭ ئەمەس-ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى،
-سەندەك نەرسىنى ىۇتۇن قىلغىلى ساراڭمىتىم مەن بىكارغا تەگسەڭمۇ ئالمايمەن سىنى-دىدىم ئۇلاپلا ،
-ھە ئۇنداق بولسا ھەقىمنى بىرىپ ماڭ-زەينۇر يۇغان كۆزلىرنى چىكەتكىدەك تىكپ ماڭا قۇلنى سۇزدى.
-قانچە ئالسەن -دىدىم زەردە بىلەن.
-200سوم.
-نىمە دىدىڭ ،بۇلاڭچىمۇ سەن -غەزەپتىن يېرىلپ كىتەيلا دەپ قالدىم.
-پۇلۇڭ يوق ئادەم ،قىز ئوينايمەن دىگچە ،قۇڭاڭنى غىت قىسپ ئىشكىڭنى باقساڭ بولمامدۇ سەھرالىق-ۋارقىردى زەينۇر،ئۇنىڭ بىشەم ئاغزىدىن تىلغا ئالغۇسىز گەپلەر يامغۇردەك يېغىپ چىقىلى تۇردى،ئۇنىڭغا گەپ كار قىلمايدىغاندەك قىلاتتى،بۇ بىشەمدىن بىردەم بولسىمۇ بالدۇر قۇتلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېنىمدىكى بارى يوق 200نەچچە سومنىڭ 200سومنى بىرىپ سىرتقا ئۈزۈمنى ئاتتىم،ئاچىقتىن يېرلىپ كىتەيلا دەپ قالدىم،كاللام تۇلمۇ گادىرماچ بوپ كەتكەن ئىدى ،مۇشۇ نەس باسقان شەھەردىن تىزراق كىتىش ئۈچۈن يۇلۇچلار بىكتىگە  بارماقچى بولدۇم،يېنىمدىكى پۇل كىتىش كىرايىمغىمۇ يەتمەيتى،ئاغىنلىرمنى ئىزدەپ بېقىش قارارىغرا كەلدىم،كەلدىميۇ ياندىم،چۈنكى ئۇلارمۇ مەندەك مۇشۇنداق سەتەڭ ھىلسگە ئۇچراپ گاڭسا جىسا بولغىنى ماڭا ئايان ئىدى.بىكەتكە بېرىپ بىرەر  تۇنۇش ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ،بىكەتكە يول ئالدىم،بۇرۇن كەپ باقمىغاچقا بىكەتنىڭ قەيەردىلكىنمۇ بىلمەيتىم،خەقتىن سۇراي دەپ ئويلۇدۇم،قىزلاردىن سۇرسام ئەخمەق قىلمىسۇن دەپ ياشقا چوڭراق بىر مويسىپىتىن سۇراپ بىكەتكە ماڭدىم،يولدا ئۇچۇرغان قىزلارغا غەزەپ بىلەن ھوميۇپ،پۇزۇر كىينگەن ئەرلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ بىكەتكىمۇ كەپ قالدىم.

ئاخىرى ئىنكاس شەكىلدە يولىندۇ

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 06:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى يوللىدىڭىز ھە بارچۇق قىزى  بۇ ئەسىرىڭىزنى...
داۋامىنى كۈتىمىز...

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

بارچۇق قىزى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 808
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9222
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2112 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 06:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولدا كىتىۋاتىمەن،ئالدىمغا ئۇچۇرغان شەھەرلىك چىرايلىق قىزلارغا  نەپرەت،ۋە
ئۆچمەنلىك نەزرىم بىلەن ،كىلشكەن سۆلەتمەن يىگىتلەرگە ئىچ ئاغرىتىش نەزرىم بىلەن
قاراپ  كىتۋاتمەن ،شۇنچە چىرايلىق قىزلارنىڭ ئاخشامقى بىشەم زەينۇردەك  
ھاراقكەش،ئىمانى،ئىپپىتى،جىسمى،قەلبى  بۇلغانغانلىقىغا،ئېچنىپ،ماۋۇ كىلشكەن سۆلەتمەن
يىگىتلەرنىڭ ئاشۇ بۇزۇلۇپ كىتۋاتقان شەھەر قىزلىردىن خۇتۇنلۇق ۋاپا،ساداقەت تەمە
قىلپ،ئاشۇ  قىزلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ،پەرزەنتلىرگە ئانا قىلپ تاللايدىغانلىقىغا  
ئېچنىۋاتمەن ،ئۇلارنىڭ سۆلتىگە چۇشلۇق خۇتۇن ئالالمايدىغىنغا ئىچىم
ئاغرىۋاتدۇ،سەھرادىكى قىزلارنىڭ نەقەدەر پاك،ئەخلاقىلىق ئىكەنلىكنى بۇ يىگىتلەر
بىلسە ئىدى، بىزدەك سەھرالىقلارغا سەھرادا خۇتۇن قالماس ئىدى ،بەلكىم  شۇنداق بوپ
قالسا مۇشۇنداق بۇزۇقلار بىزگە ئېشىپ قېلشى مۇمكىن،دىمسىمۇ شۇنداققۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ناچار دىگەن ماللىرى بىزنىڭ سەھرادا بازار تېپۋاتقىنى  ...كاللامدا ئايقى يوق
خيال،يىلاندىن قورققان كىشگە ئارغامچىمۇ يىلان بوپ كۈرۈنگەندەك ماڭا شەھەردىكى
ھەممە قىزلار ھېلقى زەينۇردەك بىشەم، بۇزۇق كۈرنىۋاتدۇ،مۇشۇ قىزلاردىن يول
سۇراشتىنمۇ  قورقۇپ يول بۇيدىكى ياشتا چوڭراق بىر مويسىپىتىن بىكەتنى سۇراپ
بىلۋالغاندىن كىيىن مىڭ تەستە بىكەتنى تاپتىم .بىكەتكە كىرگەندىن كىيىن ئۈمۈد بىلەن
ئەتراپىمغا قاردىم،بىرەر تۇنۇش بىلش ئۇچراپ قالسا  ئازراق پۇل ئۆتنە قىلپ يېزامغا
كىتۋالسام ،ماۋۇ  نەس باسقۇر شەھەردىن بالدۇرراق كىتۋالسام،بىلەت ئالدىغان
كۆزنەكنىڭ يېنىدا خىلى ئۇزۇن تۇردۇم ،بىلەت ئېلۋاتقانلارغا قاردىم ،ھىچ بىر تۇنۇش
بىلش كۈرۈنمىدى،يانچۇقۇمدىكى نەچچە سوم پۇلنى پات -پات ساناپ قۇيمەن،خۇددى كۈپيۈپ
قالدىغاندەك،لىكىن بۇ پۇلنىڭ سانى ئوخشاش ...ئاخىرى تاقەت قىلالماي  ماشىنا توختۇش
مەيدانىغا كىردىم ،بىزنىڭ يېزغا باردىغان ئاپتۇبۇسنىڭ يېنىغا بېرىپ  زەڭ سېلىپ
قاردىم ،مۇشۇ ۋاقىتتا مەھەلدىكلەردىن بىرسى ئۇچراپ قالسا قانچىلك خۇشال بۇلۇپ
كىتشىمنى پەرەزمۇ قىلالمايمەن ،ھۇشيارلىق بىلەن ئەتراپىمغا قارايتىم ،ھىچ بىر تۇنۇش
كىشى يوق،ئىچىم تىتلداپ بەكمۇ بىئارام بولدۇم،شوپۇرغا دەپ باقايمۇ يە،ياردەم قىلپ
ئالغاچ كەتسە ئۆيدىكلەردىن پۇل ئېلىپ بەرسەم  دىگەنلەرنىمۇ ئويلۇدۇم،لىكن ئۇ ماقۇل
بولسىغۇ ياخشى،ئەگەر شوپۇر سوغوق گەپ قىلسا قانداق قىلارمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ بۇ
نيىتىمدىنمۇ ياندىم ،دىمسىمۇ  ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشمىسام قانداقمۇ ماڭا ئىشەنسۇن.
-شىر ئەلى شەھەرگە كەلگنمىتىڭ ؟-ئارقامدىن ئاڭلانغان تۇنۇش ئاۋازدىن  چۈچۈپ كەينىمگە
بۇرلۇپ قاردىم،ئالدىمدا ھېلقى ئۆستەڭ بۇيدا بىزنىڭ كىيملىرمىزگە قاراپ چىرايلىق
قىزلارنىڭ كەلگەن كەلمىگىنى دوكلات قىلدىغان يۇۋاشلىقدىن بۇزەك لەقمىگە ئىرشىپ
قالغان قوشنىمىزنىڭ ئوغلى  ئوسمان بۇزەك ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى
،خۇشالىقىمدىن  بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتىمۇ قانداق ئۇنىڭ بىلەن خۇددى ئۇزۇن يىل
كۈرۈشمەي كۈرۈشكەن يېقىن ئاغىنلەردەك قۇچاقلىشىپ قىزغىن كۈرۈشتۈم ،ئۇ ھەيرانلىقدىن
چەكچىيگىنچە ماڭا  قاراپ قالدى.قىزغىنلىقىمدا ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن بۇ شەھەرگە
كەلگەنلىكنى سۇراپمۇ ئۈلگۈردۈم،ئۇ مۇشۇ شەھەردىكى تاغسىنىڭ ئۈيگە كەلگەن ئىكەن
،يېزىمزىغا نەۋرە سىڭلىسنىمۇ ئېلىپ ماڭغىننى ئېيتتى،ۋە بىزدىن سەل يېىراقتا  كىچىك
بىر سەپەر سومكىسى كۈتۈرۋالغان  17-16 ياشلار چامسىدىكى،ئادى كىينگەن  بىر قىزنى
نەۋرە سىڭلىم دەپ  كۆرسەتتى ،ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى قۇلقۇمغا چالا-پۇچۇق كىردى،ئۇنىڭ
سۈزى تۈگشى بىلەنلا  ئۇنىڭ قۇلقىنىڭ تۈۋىگە كىلپ ئاستا -يېنىڭدا پۇل بارمۇ ؟-دىدىم
بوشقىنە،
-بار،ساڭا لازىممىتى - دىدى ئوسمان بۇزەك كۆڭلۈمدىكنى بىلۋالغاندەك،
-بىلەت ئالغىدەك بىرىپ تۇرە مەھەلىگە بارغاندا قايتۇرۇپ بىرمەن-دىدىم ،ئۇنىڭغا،ئۇ
يانچۇقدىن 50 يۈئەن پۇلنى چىقرىپ ماڭا تەڭلىدى ،پۇلنى شارتىدە تارتىمدە  بىلەت
ئالغىلى بىلەت سېتىش ئورنىغا چاپتىم .بىلەت سېتۋېلىپ ئاپتۇبۇسنىڭ يېنىغا كەلسەم
باشقا يۇلۇچىلار ئالقاچان ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بوپتۇ .مەنمۇ ئاپتۇبۇسقا چىقتىم
،ئوسمان بۇزەك ھېلقى نەۋرە سىڭلىسى بىلەن ئارقىدىكى تۆت كىشلىك ئۇرۇندۇقتا  يەنە
بىر ئادەم بىلەن ئولتۇراتتى،ئۇ مىنى كۈرۈپلا يېنىغا  چاقىردى، مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا
بېرىپ  بوش ئۇرۇنغا  جايلاشتىم.ئاردىن نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا ئاپتۇبۇس قوزغالدى .بۇ
ئۈزى تەرەققى قىلغان ،ئادەملىرمۇ چىرايلىق،لىكىن  مەندەك  ئەخمەقلەرنى تازا
چىرايلىق جايلايدىغان ،نەس باسقۇر شەھەرنى قايتا كۈزۈم كۆرمىسۇن دىگەندەك كۈزۈمنى
مەھكەم يۇمۇپ يۈلەنچۈككە يۈلەندىم ، مانا بۇ نەس باسقان شەھەر ئارقىدا  قالدى
،بېشىم بىرى قوچىلغاندەك ئاغرىپ كەتتى،كۆز ئالدىمدا ھېلقى بىشەم زەينۇرنىڭ ھەرخىل
بۇياقلاردا بۇيالغان  چىرايى ،تازلىق ئۈيدە بىزەڭلىك بىلەن قىلپ-يالڭاچ قىلچە تەپ
تارتماي ئالدىمدىلا تۇرغان تۇرقى ،قۇلاق تۈۋۈمدە ئۇنىڭ تىلغا ئالغۇسىز سەت گەپلىرى ،توۋا
دەيتىم ئىچمدە بۇ شەھەرلىك قىزلار ئەجەپمۇ قېلىن بۇلدىكەن دىسە قىلچە تەپ تارتماستىن
ئۇغۇل بالنىڭ ئالدىدا يالڭاچ تۇرىۋىردىكەن،ھىلمۇ ئىسمدە باشلانغۇچنىڭ 5-يىلىقدا
ئۇقۋاتقان چېغىمدا كەپسىزلىىكىمدىن ، قوشنىمىزنىڭ قىزنىڭ ھاجەتخانغا كىرىپ
كىتۋاتقىنى كۈرۈپ،  ھاجەتخاننىڭ تۈشۈك تېمىدىن  ئۇنىڭغا ماراۋاتقىنمدا،ئۇ مىنى
كۈرۈپ قېلىپ  قوغلاپ يۈرۈپ مىنى تۇتۋېلىپ  يۈزۈمگەشاپلاق بىلەن نەچىنى  سېلىپ
قۇلاقلىرمدىن،يۈزلىرمدىن ئوت چىقىرۋەتكەن ئىدى ،شۇندىن بىرى بۇنداق كەپسىزلىكنى
قىلپ باقمىغان ئىدىم،لىكىن ماۋۇ زەينۇرچۇ....شەھەرنىڭ قىزلىرى مۇشۇنداق قېلىن
بۇلدىغان بولسا ھەرگىزمۇ شەھەردىن خۇتۇن ئالماسمەن ،ئىسىت شەھەردىن خۇتۇن ئالغان
يىگىتلەر،ئىسىت...
-شىر خان  ئاداش ،ماۋۇلاردىن ئالە،ناشتا قىلمىدىڭ ھەقاچان-دىدى ،ئوسمان بۇزەك مىنى
تۈرتۈپ،كۈزۈمنى ئېچىپ قارسام ،ئۇ ماڭا سۇلياۋ خالتىدا  سامسا بىلەن ئالما تەڭلەپ
تۇرۇپتۇ ،ئۇ ئېيتقاندەك ناشتىمۇ قىلمىغان ئىدىم تارتىنمايلا سامسىدىن ئالدىمدە
نەچچە يالماپ يەپ بولدۇم،قۇرساقمۇ ئوبدانلا ئېچىپ كەتكەن ئىدى ،ئالمىدىنمۇ نەچچىنى
يەۋەتتىم،نىزىقاپ ئولتۇرمايلا خالتىنى بىكارلاپ بولدۇق .قۇرساقمۇ تويدى .قىزلارنى
كۆرسەم تۇرالمايدىغان كونا كىسلىم قوزغۇلۇپ  يېنىمىدا ئولتۇرغان  ئوسمان بۇزەكنىڭ
نەۋرە سىڭلىسغا سەپ سېلىپ قاردىم ، ئۇ قۇڭۇر چاچلىرى بىلگە چۈشۈپ تۇردىغان، ئاق
پىشماق،قاڭشارلىق قوي كۆز،قالغاچ قۇيۇرقى شەكىلدىكى قاشلىرى تۇلمۇ چىرايلىق
،چىرايىدىن تەبەسسمۇ كەتمەيدىغان،كۈلۈپلا تۇردىغان ئۇماق قىز ئىدى .ئۇنى گەپكە
سېلىشقا باشلىدىم،
-سىز ئوسمانجانىڭ تاغسىنىڭ قىزما؟-ئۇنىڭغا ئەدەپلىك كۈرنۈش ئۈچۈن ئاۋازىمنى تۇلمۇ
يېقىملىق چىقرىپ،ئوسمان بۇزەكنىڭ لەقمىنىمۇ ئېغزىمغا ئالمىدىم،ئوسمان بۇزەك ماڭا،ما
ساختىپەزنى دىگەندەك،مەنلىك قاراپ قويدىيۇ لىكىن گەپ قىلمىدى .
-ھەئە-دىدى قىز ،قىسقىلا جاۋاب بىرىپ.
-ئىسمىڭىز نىمە؟-يەنە سۇردۇم .
-رۇقيە،
-نىمىش قىلسىز ؟ئۇقۇمسىز ياكى  ئىشلەمسىز؟
-نىمانداق سۇراۋىرسىىز؟ساقچىخاندا ئىشلەمسىز؟-قىز ماڭا سۇئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى
،ئۇنىڭ مۇنداق جاۋاب بىرشىنى ئويلاپ باقمىغاچقا نىمە قىلارمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا
قالدىم،-ھا ھا ھا -رۇقيە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .
-شۇ...شۇ ...مۇنداقلا سۇراپ باققانتىم،خاتا چۈشەنمەڭ .-دىدىم ئارانلا،رۇقيە
كۈلكىسنى تەستە توختۇتۇپ گەپ باشلىدى ،
-مەن ،ئۆيدە بىكار،ئەمدىغۇ سۇراش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندۇ؟ئىسمىڭىز نىمە؟
-شىرخان سۇيۇق-مەن ئاغزىمنى ئۆمەلەپ بولغىچە ئوسمان بۇزەك جاۋاب بەردى،
-ھا ھا ھا......-رۇقيەگە ئىسمىمدىنمۇ بەكرەك لەقمىم قىزىق تۇيلۇپ كەتكەن بولسا
كىرەك،ئۈزنىمۇ تۇتۋالالماي  باياتىنقىدىنمۇ بەكرەك يۇقرى ئاۋازدا  قاقاقلاپ  
كۈلگىنچە،
-ھازىر ئەتىياز پەسلى ،قار-مۇزلار ئىرىپ سۇ بۇلدىغان ۋاقىت،سىزنىڭمۇ تازا
سۇيلىدىغان چاغلىرڭىزكەندە ھاھاھا..-ئۇنىڭ بۇ گىپى بىلەن ئىچ -ئىچمدىن كۈلكە
قىستاپ مەنمۇ ئۈزۈمنى تۇتۋالالماي كۈلۈشكە باشلىدىم،ئوسمان بۇزەكمۇ پىخلداپ كۈلۈشكە
باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارمىزدىكى ھىتىرقاشلار،ياتسىراشلار تۈگەپ قىزغىن
پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق .پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ يېزىمىزغا قانداق كىلپ قالغىنمىزنىمۇ
بىلەلمەپتىمەن،ئاپتۇبۇس يېزىمىزنىڭ يۇلۇچىلار بىكتىدە توختىدى ،مەن رۇقيەنىڭ قۇلدىكى
سومكىنى كۈترۈپ ئاپتۇبۇستىن چۈشتۈم ،بىكەتنىڭ ئالدىدىن مەھەلمىزگە باردىغان كىرا  
ھارۋىسىدىن بىرنى تېپىپ  كەلدىم  ،رۇقيە ،ئوسمان بۇزەك، مەن ئۈچەيلەن ھارۋىغا
ئولتۇرۇپ  مەھەلمىزگە قايتتۇق،مەھەلىگە بارغۇچە مەن رۇقيەگە يېزىمىزدىكى
ئۆزگۈرۈشلەرنى،يېڭلىقلارنى  ئاغزى -ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلەپ بەردىم ،رۇقيە بولسا
مىنىڭ سۆزلىرمگە قۇلاق سالغاچ  يول ئۈستىدىكى  يېڭدىن بىخ سۈرگەن ،شامالدا ھەر
تەرەپكە ئىغاڭلاۋاتقان سۈگەتلەرگە،يىراقتا كۈرنىۋاتقان غۇچچىدە،چىچەكلەپ  ئېچلىپ
كەتكەن  ئۈرۈكلۈك باغلارغا، ئەمدىلا باش كۈترۈپ ،شامالدا يەلپۈنۋاتقان ياپيىشىل
بۇغداي مايسىلىرىغا تويماي قارايتى ،بىردەمدىلا مەھەلىگە كەلدۇق،ئوسمان بۇزەكنىڭ
ئۈيى  بىلەن بىزنىڭ ئۆي بىر تام قوشنا بولغاچقا ،بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىلا ھارۋىدىن
چۈشتۇق،ئوسمان بۇزەك رۇقيەنىڭ سومكىسنى كۈترۈپ ماھىرەنى ئەگەشتۈرگىنچە ئۈيگە كىرىپ
كەتتى،مەن ھارۋىكەشكە كىرا ھەقىنى بىرۋىتىپ ھويلىغا قايتىپ كىردىم ،ھويلىدىكى
گۈللۈكتە گۈل تېرۋاتقان ئانام مىنى كۈرۈپلا ئاق قۇچقاچتەك  ۋىچچىرلاپ سۆزلەپ  كەتتى .
-تۈنگۈن قايتىپ كەلمەي بەك ئەنسىرەتىڭ مىنى ،نىمشقا  شەھەردە قۇنمەن دەپ قۇيۇپ
كەتمەيسەن؟ سىنى قايتىپ كىلدۇ دەپ ئۇيقۇسىز غىمىڭنى يەپتىمەن،چوپ-چوڭ  خۇتۇن
ئالغۇدەك بوپ قالغاندىمۇ  غىمڭنى يىسەم،قاچانمۇ ئادەم بۇلارسەن،قارغىنە داداڭ
ئېتىزنىڭ ئىشغا يىتشەلمەي يۈرسە،سەن نەمۇ-نە ئويناپ يۈرسەڭ،داداڭغىمۇ نەچچە دىدىم
ئۆيلەپ قۇيايلى دەپ  ئاڭلىتالمىدىم ،خەپ دادڭغا يەنە دەپ بىشەم خۇتۇندىن بىرنى ئېلىپ
بىرىپ ئىكى پۇتۇڭنى بىر ئۈتۈككە تىقمىسام ...
زورلاپ كۈلگۈنۈمچە ئانامنىڭ ئالدىغا باردىم،ئۇنىڭ بۇينىغا گىرە سېلىپ ئۇنى بەزلەشكە
باشلىدىم،
-ئانا خاپا بولمىغنە ،قارغىنە قورۇقىڭدىن بىرى جىقلاپ كىتپتۇ،مانا مۇشۇنداق خاپا
بۇلىۋىرىپ قېرىپ كەتسەڭ دادام ياش خۇتۇنغا ئالماشتۇرمەن دەپ يۈرمىسۇن يەنە،خاپا
بولمىغىنە مانا مەن كەلدىمغۇ ،كىلە بىرنى سۈيۈپ قۇياي،بۇندىن كىيىن ھەرگىز بۇنداق
قىلمايمەن،ھاببا-شۇنداق دىگنىمچە ئانامنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيدۈم ،ئانام كونا ئادىتى
بۇينچە  يۈزۈمنى يىنك نۇقۇپ،
-خۇتۇن ئالغىدەك بولغاندىمۇ مۇشۇنداق ئەركىلگەن،قارغىنە بۇرتۇڭ سانچىلپ كەتتى-دەپ
قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،مانا ئەمدى ئۇنىڭ چىرايدىكى قارا بۇلۇتلار تارقاپ ئاپتاپ كەبى
ئېچلىپ كەتكەن ئىدى ،ئاچىققمۇ يېنىپ ماڭا ئىش تاپلاشقا باشلىدى .
-ئاۋۇ ساپاننى مەريەمخان ئاچاڭنىڭ ئۈيگە ئەكرىپ بەر -دىدى،ساپانى كۈترۈپ مەريەمخان
ئاچامنىڭ ئۈيگە ماڭدىم،مەريەمخان ئاچام ئوسمان بۇزەكنىڭ  ئانسى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ
يولدىشى بۇرۇنلا قازا قىپ كەتكەن تۇل ئايال ئىدى،ئۇلارنىڭ ئۈيدىكلەر بىلەن بىزنىڭ
ئۆيدىكلەر ئۇرۇق- تۇققاندەك تۇلمۇ يېقىن ئۈتەتتۇق،بىر بىرمىزگە لازىملىق نەرسىلەرنى
ئۆتنە يېرىم قىلشىپ ،ئىشلىرغا يتىشەلمىسە ياردەم قىلاتتۇق.مەريەمخان ئاچامنىڭ
ھويلىسغا كىرشىمگە ئوسمان بۇزەك ئالدىمغا يۈگرەپ كەلدىدە ماڭا ياردەملىشىپ ساپاننى
ئامبارغا جايلاشتۇردى.مەريەمخان ئاچام مىنى سۇپىغا تەكلىپ قىلدى،رۇقيە ھويلىدىكى
سۇپىدا چاي ئىچكىلى  تۇرغانكەن مىنى كۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ سۇپنىڭ ئۈستىگە سۈرلۈپ
ئۇرۇن بۇشاتتى ،مەن ئۆيدە قىلدىغان ئىشمنىڭ بارلىقنى ئېيتىپ ،مەريەمخان ئاچامغا
ئۆزرە ئېيتىپ سىرتقا ماڭدىم ،ئوسمان بۇزەك مىنى ئۇزتۇپ دەرۋازا سىرتىغىچە  
چىقتى،ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ ھويلىغا يېنىپ كىردىم.ئاشخاندا تاماققا تۇتۇش قىلغىلى  
تۇرغان ئانامغا قاراپ قۇيۇپ ياتىدىغان ئۈيۈمگە كىرىپ تۆردىكى سېلىقلىق كۆرپىگە
ئۈزۈمنى تاشلىدىم .قۇلاق تۈۋۈمدا ئانامنىڭ،ئۆيلەنگىدەك بوپ قالغاندىمۇ
ئەركىلگەن،تۇيۇڭنى قىلپ ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۈتۈككە تىقمەن دىگەن گەپلىرى
جاراڭلايتى،مەن راستىنلا ئۆيلەنگىدەك بوپ قالغاندىمەنمۇ ؟دىگەن سۇئال   مىڭەمنى
قوچۇشقا باشلىدى،توغرا ئۆيلەنسەم كىمنى ئالارمەن؟بۇ مەھەلىدە كىمنىڭ قىزى ماڭا ياراپ
باققان،ھەمىسى پوتلىسنى ئېيتالمايدىغان قاسماقلار،ھېلقى يولدا چاقچاق قىلپ
كەلتۈرۋالغان قىزلارچۇ؟ياق ئۇلار ھەرگىز خۇتۇن بۇلۇشقا يارمايدىغان
شالۋاقىلار،ئىككىنى ئىسقىرتىپ قويسام كەينىمدىن چىقماي سوكۇلداپ ھىجارىشدىغان
ئالۋاستىلاردىن ماڭا ۋاپا كىلەمتى،ئۇلار دىگەن ئەخمەق قىلشقا يارايدىغان
قىزلار،توغرا كىمنى ئالسام بۇلار ؟رۇقيەنى ئالايمۇ يا؟قانداقلارچە ئۇنداق خىيالغا
كىلپ قالغىنمنىمۇ بىلمەيمەن .
ئانامنىڭ تاماق پىشتى دەپ چاقىرغىندىنلا ئىسمنى يىغىپ ھويلىغا چىقتىم،تامقىمنى يەپ
بۇلۇپ دادامنىڭ تامقىنى كۈترۈپ ئېتىزغا ماڭدىم .دادامغا تامقىنى بىرىپ بۇلۇپ
ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بۇغدايلىقنىڭ قىرلىرنى ئوڭلىشىپ بىرىپ كەچ كىرگندە ئۆيگە
قايتىپ كەلدىم،كىلپلا ياتدىغان ئۈيۈمگە كىردىمدە ئۇرۇن كۆرپەمنى سالدىم،
كىيملىرمنىمۇ سالماستىن  يوتقانغا كىرىپ   ئايقى يوق خىياللار بىلەن ئۇيقىغا پاتتىم
.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئېغلدىكى كالا،قويلارغا يەم بەردىم ،كىيملىرمنى
ئالماشتۇرۇپ چىرايلىق ياسنىپ ، ئانامنىڭ  تەييارلىغان ناشتىلق تامقىنى يەپلا ئوسمان
بۇزەكنىڭ ئۈيگە چاپتىم ،چۈنكى ئۇنىڭ ئۈيدە شەھەردىن كەلگەن چىرايلىق قىزدىن بىرى
بار ياسانماي بولمايدۇ،بولمىسا تۇپا بوپ كەتكەن ئۈستى بېشىمغا قاراپ ، كىر- قاسماق
سەھرالىق دەپ ياراتماي قويسا بولمايدۇ دە،مەريەمخان ئاچامنىڭ ھويلىسغا كىرىپ ھەيران
قالدىم .

بارچۇق قىزى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 808
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9222
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2112 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 06:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەريەمخان ئاچامنىڭ ھويلىسدىكى چوڭ گۈللۈكتە،ئوسمان بۇزەك
                        بىلەن رۇقيە يالاڭ-ئاياق بۇلۇپ،نەم تۇپغا كىچىپ تۇرۇپ زوق
                        شوق بىلەن پاراڭلاشقاچ گۈل تېرغىلى تۇرۇپتۇ،رۇقيە
                        تەنتەربىيە كىيمى كىيۋالغان بۇلۇپ ئىشتانلىرنىڭ ئايقى
                        تۈرۈلگەن ،چاچلىرنى چاچ بوغقۇچ بىلەنلا تۈرمەكلىۋالغان
                        ،قوللىرى نەمخۇش تۇپنىڭ يۇقلىردا ئاجايىپ بىر تۈسكە كىرگەن
                        ھالەتتە،ئوسمان بۇزەكتىن ھە دەپ سۇئال  سۇرغاچ گۈل تېرىشقا
                        چۈشۈپتۇ .ئۇنىڭ بۇ تۇرقى مېنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى
                        مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكى شەھەرلىك قىزلار ئىش بىلەن خۇشى يوق.
                        ھۇرۇن،تۇپا چاڭغا ئۆچ،كىيمنىڭ پاكىزنى كىيىپ،تاماقنىڭ
                        ئوخشىغىننى يەپ،ئۈستى بېشغا چاڭ قوندۇرمايدىغان ،سۆلەتنى
                        بىرنىچى دەپ بىلدىغان،ھالى يامان ،پوچى  قىزلار ئىدى
                        ،لېكىن رۇقيەنىڭ يالاڭ-ئاياق تۇپغا كىچىپ گۈل تېرۋاتقان
                        بۇ ھالتى مېنى تۇلمۇ ھەيران قالدۇردى،ئۇلار قىزغىن
                        پاراڭلىشىپ ئىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقاچقىمكىن، مېنىڭ ھويلىغا
                        كىرگىنىمنىمۇتۇيمىغان ئىدى .مەن ھەيرانلىق بىلەن رۇقيەگە
                        قارغاچ ئۇلارنىڭ سۆھبىتگە قۇلاق سالدىم . رۇقيە ئاق
                        قۇچقاچتەك  ۋىچىرلاپ ئوسمان بۇزەكتىن سۇئال سورىغاچ گۈل
                        تېرىيتتى.
                        -ئوسمانجان ئاكا قارڭە بۇ كولغان يىرمگە،بوپتىمۇ؟ئۇرۇقنى
                        مۇشۇنچىلك سالسام بۇلامدۇ؟
                         -بولماپتۇ،چۇڭقۇر بوپ كېتپتۇ،بۇنداق قۇرۇق تۇپا سېلىپ
                        قويسىڭىز گۈلنىڭ ئۇرقى بىخلىنالمايدۇ،نەم تۇپا سېلىڭ،
                        قارڭە مۇشۇنچىلك كولاڭ،مانا مۇشۇنداق قىلىڭ-ئوسمان
                        بۇزەك ماھىرەگە  كولغان يىرنى ،سالغان ئۇرقىنى ، كۆرسەتكەچ
                        سۆزنى داۋام قىلاتتى .
                        -بۇ قانداق گۈلنىڭ ئۇرقى؟قانداق رەڭدە ئېچلىدۇ؟
                        -بۇ ھەشىقپىچەكنىڭ ئۇرقى،ماۋۇ سىمغا يامشىپ چىقىپ
                        ئۆگزىگىمۇ چىقدۇ،ياز كۈنلىرى سەھەردە لابا شەكىلدە،ھەر خىل
                        رەڭدە ئېچلىدۇ،بۇ نامازشام گۈلنىڭ ئۇرقى نامازشام
                        بولغاندا  ھالرەڭدە ئېچلىدۇ،بۇ سەبدە گۈلنىڭ ئۇرقى  ،
                        سېرىق رەڭدە ئېچلىدۇ.
                        -ۋايجان!. مەن تېخى يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن  ئېچلامدىكىن
                        دەپتىمەن ،قارغاندا مەن كەتكىچە ئېچلمايدىكەندە، ئۆزۈم
                        تېرغان گۈلنىڭ قانداقراق ئېچلدىغىننى بەكلا كۆرگۈم بار
                        ئىدى -رۇقيە سەل مەيۈسلەنگەندەك ،ئوسمان بۇزەككە
                        قاردى.ئۇنىڭ نادانلارچە
                        ئېيتقان بۇ گىپدىن ئىچمدىن كۈلكە قىستاپ كەتتى .
                        -ھا ھا ھا ..بۇ تېرغان گۈلىڭىز ئەتىلا ئېچلىسا بوپتكەندە
                        سىزنىڭچە.سىزمۇ بىر نەچچە كۈندە مۇشۇنچىۋالا چوڭ بولغانما
                        ؟-قاقاقلاپ كۈلگۈنمچە ماھىرەگە چاقچاق قىلدىم، رۇقيە بىلەن
                        ئوسمان بۇزەك،ئىتتىك بېشنى كۈتۈرۈپ مىنى كۆردىدە ئۇلارمۇ
                        قوشۇلۇپ كۈلۈپ كەتتى.بىز كۈلكىمىز بېسىلغاندا
                        ئەھۋالاشتۇق،مەنمۇ ئۆيدە تازا تۈزەپ چىققان
                        سۆلتىمدىن چۈشۈپ چاپان،ئاياقلىرمنى سېلىپ ،ئۇلارغا قوشۇلۇپ
                        گۈل تېرشقا چۈشتۈم،بىز بىر تەرەپتىن چاقچاقلاشقاچ،گۈل
                        تېردۇق،بۇرۇن خېلىلا چوڭ كۆرنىدىغان بۇ گۈللۈك ئەمدى
                        باشقىچە كىچكلەپ قالغاندەك كۆرۈندى. چۈشكە قالماي
                        ئىشمىزدىن بىكار بولدۇق،ھويلىدىكى
                        سۇپغا بېرىپ بىردەم ھاردۇقمىزنى چىقرىپ پۇتلۇرمىزنى سۇپدىن
                        پەسكە ساڭگىلتىپ ئولتۇردۇق ،تۇيۇقسىزرۇقيە قاقاقلاپ كۈلۈپ
                        كەتتى،نېمە ئۈچۈن كۈلگىننى ئاڭقىرالماي
                        ئوسمان بۇزەككە قاردىم،ئۇنىڭ يۈزلىردىكى تۇپا چاڭلار  تەر بىلەن قوشۇلۇپ
                        لاي يۇقى ھالتىگە كەلگەن شالتاق يۈزلىرنى كۆرۈپ مەنمۇ
                        كۈلدۈم،رۇقيەنىڭ يۈزگە قارسام ئۇمۇ ئوسمان بۇزەكتەكلا
                        كۈلكۈلۈك بوپ قاپتۇ،ئوسمان بۇزەكمۇ ماڭا رۇقيەگە قاراپ
                        كالاچتەك چوڭ ئاغزىنى كەرىپ
                        كۈلۈشكە باشلىدى. رۇقيە لاي يۇقى قوللىرى بىلەن يۈزۈمدىكى
                        لاي يۇقنى كۆرسىتىپ پىخلداپ كۈلۈشكە باشلىدى .قارغاندا
                        مەنمۇ ئۇلاردەك بوپ قالغان بولسام كىرەك.
                        بىز كۈلكىمىزنى توختۇتۇپ بۇلۇپ  يۈز كۆزلىرمىزنى
                        يۇيۇپ،مەريەمخان ئاچامنىڭ ئەتكەن چۈشلۈك تامقىنى يەپ
                        بۇلۇپ،ھويلىنىڭ ئارقىسدىكى كەڭرى كەتكەن ئۆرۈكلۈك باغقا
                        چىقتۇق،باھار پەسلى بولغاچقا ھەممە ياق  غۇچچىدە ئېچلغان
                        ئۆرۈك چىچەكلىرى بىلەن بىزەلگەن ئىدى،دىماققا خۇشبۇي چىچەك
                        پۇرقى گۈپۈلدەپ ئۇرلاتتى ،رەڭدار كىپنەكلەر ،چىچەكلەر
                        ئۈستىدە ئەگىپ ئۇسۇل ئوينايتى، ھەسەل ھەرىللىرى چەبدەسلىك
                        بىلەن شىرنە يىغىش بىلەن ئاۋارە،ئۆرۈك شاخلىرغا قۇنۋالغان
                        قۇشقاچلار ،ئۆز تىلدا ۋىچىرلاپ ناخشا ئۇقشىۋاتاتتى،رۇقيە
                        بۇ گۈزەل مەنزىرلەرگە مەپتۇنلۇق بىلەن قاراپ،شۇنچىلك خۇشال
                        بوپ
                        كەتتى،شوخلۇق قىلپ چىرايلىق كىپنەكلەرنىمۇ قوغلاپمۇ
                        باقتى،يېنغا كەلگەن ھەسەل ھەرىلىردىن قورقۇمسىراپ يىراقراق
                        ماڭاتتى.مەن ئۇنىڭغا ھەسەل ھەرىلىرنىڭ ئاسانلىقچە ئادەم
                        چاقمايدىغانلىقنى  دەپ بەرگىنمدىن كىينلائۇ خاتىرجەم
                        بولدى،ئۇنىڭ بۇنچە خۇشال بۇلۋاتقىننى كۈرۈپ خۇشامەتچىلكىم
                        تۇتتى،سۈگەتنىڭ يۇمران نوتىلىرى ۋە ئۈرۈك چىچەكلىردىن
                        ئۇنىڭغا گۈل چەمبىرەك ياساپ بەردىم ،ئۇ خۇشالىقدىن رەھمەت
                        ئېيتقىنچە تۈرمەكلىۋالغان ئۇزۇن،دولقۇنسىمان  قۇڭۇر
                        چاچلىرنى  چۇۋۇپ قۇيۋىتىپ چەمبىرەكنى بېشغا كىيىپ ،غىڭشىپ
                        ناخشا ئېيتقىنچە ئىزدا خۇددى ئۇسۇلچىلاردەك نەچچىنى
                        پىرقىرۋەتتى،ئۇنىڭ بۇ ئۇماق تۇرقى كىشگە چۆچەكلەردىكى
                        گۈزەل مەلىكلەرنى ئەسكە سالاتتى .مەن ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن
                        قاراپ تويمايتىم، ئۇنىڭ مۇنچە شوخ،ئۇچۇق -يۇرۇق،ھالى يوق،
                        يېقىشلىق ئىكەنلىكنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .بىز باغدا
                        كەچ كىرگىچە ئولتۇرۇپ  قارىت ئوينۇدۇق .كەچ كىرگەندىلا
                        ئۆيگە قايتىپ كىردىم.
                        ئۆيدە دادام،ئانام،سىڭلىم بىرلىپ تىلىۋىزۇر كۆرگىلى
                        تۇرۇپتۇ،ئانام مېنىڭ كىرگىنمنى كۆرۈپ سىڭلىمغا ماڭا تاماق
                        ئەپچىقىپ بىرىشنى بۇيرۇپ،كونا ئادىتى بۇيچە گۈل
                        كەشتىلگەچ  دادام بىلەن پارڭلىشىشقا چۈشتى.
                        -دادسى مەريەمخان ئاچامنىڭ ھېلقى شەھەردىكى مۇدىر ئاكسىنڭ
                        قىزى مىھمان بوپ كەپتۇ،ئەتىگىچە ئۆيگە
                        چاقىرۋالاليلىمكىن.-دىدى ئانام . ئۇلارنىڭ رۇقيەنىڭ
                        پارڭىنى قىلۋاتقىنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم سۇقۇپ كەتتى.
                        قۇلقۇمنى دىڭ تۇتۇپ پاراڭغا دىققەت قىلدىم.
                        -شىر ئەلىجان  بالام سەن تامقىڭنى يەپ بۇلۇپ ھېلقى سىمىز چار
                        خۇرازنى تۇتۇپ بۇغۇزلاپ يۇڭداپ بىرە،ئاناڭ ئەتىدىكى
                        مىھمانغائوخشۇتۇپ بىر پولو ئەتسۇن،-دىدى .دادام.بۇ
                        ئۇنىڭ ئانامنىڭ پىكرىگە بەرگەن جاۋابى ئىدى .مەن
                        ماقۇلىقمنى بىلدۈرۈپ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم .سىڭلىم
                        كۆتۈرۈپ كىرگەن  بىر چىنە سۇيۇق ئاشنى تىزلىكتە ئىچىپ
                        ،قاچنى بىكارلاپ ئېغىلغا تۇخۇ تۇتقىلى  ماڭدىم، بۇرۇنقى
                        چاغلاردا دادام بىرەر ئىشنى تاپلىسا ھە دەپ قۇيۇپ ئانام
                        يەنە بىر قېتىم تاپلاپ ھەيدىمگىچە ھېلقى ئىشنى چالا
                        قۇيدىغان بەڭباش ،رۇقيەنىڭ ئۈيمىزگە كىردىغىنىڭى ئاڭلاپ
                        شۇنداق قۇلقى يۇمشاق بالا بوپ كەتكىنمنى نىمە دەي،بۇ
                        بەلكىم چىرايلىق قىزلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولسا
                        كىرەك. تۇرۇپلا ئانام بىلەن دادامنىڭ  مىھماندوس مىجەزىدىن
                        سۆينۈپ قالدىم.
                        دادام بىلەن ئانام مەن ئەقلىمنى بىلسەملا مىھماندوس ،ئۇچۇق
                        يۇرۇق كىشلەر ئىدى ،ئادەتتە قوشنىلارنىڭ ئۈيگە يىراقتىن  
                        ئۇرۇق تۇققانلىرى مىھمان بوپ كەلسىمۇ
                        داداملارنىڭ تۇنۇشلىقى بولمىسمۇ،تاپالىسا قوي سۇيۇپ
                        تاپالمىسا تۇخۇ بولسىمۇ سۇيۇپ ،ھىچ بولمىسا تۇخۇم پۇشرۇپ
                        ،تاپقىننى ئىتىپ  ئۈيمىزگە چاقىرىپ مىھمان قىلپ   يولغا
                        سالاتتى،بۇنداق چاغلاردا مەن ئۈزۈمچە  غوتۇلداپ دادام
                        بىلەن ئانامنى ،ئەخمەقلەر تۇنمايدىغان كىشلەرنى ئاۋارە بوپ
                        مىھمان قىلپ يۈرىيدۇ ،بۇ خەقنى كىم كۈرۈپتىكەن ،قاچان
                        ئۇلارنىڭ بۇسۇغۇسنى كۈردۇ،ئۇنداق ئاۋارە بولغىچە مۇشۇ تۇخۇ
                        قوينى ئۈزلىرى  ئۆلتۈرۈپ  يىسە بولمامدۇ ،دەپ قۇياتتىم
                        .مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ئەخمەق ئەمەس مەرت،مىھماندوسلىقىنى
                        ھېس قىلدىم،ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتگە ئەمدى قارشى تۇرماسلىق
                        نىيتىگە كەلدىم،ئەگەر مۇشۇنداق ياخشى ئادىتى بولمىسا
                        رۇقيە بىزنىڭ ئۆيگە مىھمان بوپ  كىرەمتى،دادام بىلەن
                        ئانامنىڭ مۇشۇنچىلك ئۇچۇق قول،مىھرى ئىسسىق كىشلەر
                        ئىكەنلىكنى قانداقمۇ بىلسۇن،شۇ خىياللار بىلەن ھېلقى
                        چارخۇرازنى مىڭ بىر تەستە تۇتتۇم،پۈتۈن  كىيم-كىچكىم ھەتتا
                        چاچلىرمغىچە تۇخنىڭ پىيدە بىزەلدىم،ماۋۇ ئىشەكمىزنىڭ
                        يېڭدىن تىزەكلىگەن تىزكىگە تېيلىپ كىتىپ تىزەك ئۈستىگىلا
                        دۈم چۈشكۈنۈم قىززىقرۇقيە ئۈچۈن بۇنچىلك قىينالسام نىمە
                        بوپتۇ،دىگەنلەرنى ئويلاپ ئىشكىمىزگىمۇ،ماۋۇ تۇتۇق بەرمەي
                        مىنى قىينىغان تۇخىغىمۇ ئاچىقلانمىدىم.تۇخۇنىڭ
                        رۇقيە ئۈچۈن ئوخشىغان تائام بولماي ھايات قېلشىغىمۇ يول
                        قويمۇدۇم ،ئۇنى تۇتۇپ بۇغۇزلاپ سىڭلىم تەيارلىغان قايناق
                        سۇغا بېسىپ يۇڭداپ ئىچ قارنىنى ئېرىغداپ،ئانامغا
                        تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ياتدىغان ئۈيۈمگە قايتىپ كىردىم ،ھېلقى
                        تىزەك يۇقى كىيملىرمنى سېلىپ يىغىلمىغان ئورنۇمغا كىرىپ
                        تۈگۈلۈپ يوتقانغا مەھكەم ئۇرنۇپ ياتتىم ،پۈتۈن ئەس يادىم
                        رۇقيەدە،ئۇنىڭ شۇ يېقىملىق ،خۇشخۇي مىجەزىدە،ئاناملار
                        رۇقيەنى  كۈرۈپ ياقتۇرۇپ قالسا،ئۇمۇ ئۆيمىزدىكلەرنى
                        ياقتۇرۇپ قالسا...ئەتە قانداق ياسنىپ كىرەر،ئانام تامقنى
                        ئوخشۇتۇپ ئىتەرمۇ؟ياكى مىنڭ يۈزۈمنى چۈشرۈپ ئوخشىتالماي
                        قالارمۇ؟ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا رۇقىيە زاڭلىق قىلماي يەمۇ
                        ؟.................... ئايقى يوق خياللار بىلەن ئۇخلاپ
                        قاپتىمەن،تاتلىق چۈشمۇ كۈرۈپتىمەن ،چۈشۈمدە  بىر جۈپ
                        چىرايلىق قىز بالنىڭ
                        ئايقىنى كۈتۈرۋېلىپ،مەھەلىدە ئايلىنىۋېتىپتىمەن،ئالدىمغا
                        نۇرغۇن چىرايلىق قىزلار ئۇچراپتۇ،ئۇلارنىڭ ھەمىسى
                        قۇلۇمدىكى ئاياقنى تالشىپ كىتپتۇ،مەن ئاياقنى بىرمۇ بىر
                        قىزلارغا كىيىپ بېقىشقا بىرپتىمەن،قىزلارنىڭ ھىچقايسىنىڭ
                        پۇتغا بۇ ئاياق كەلمەپتۇ ،بىر چاغدا رۇقيەئالدىمغا
                        ئۇچراپتۇ،ئۇ قۇلۇمدىكى ئايقنى قۇلغا ئېلىپ،بۇنى ماڭا
                        ئالدىڭىزما؟ئەكلىڭە مەن كىيپ باقاي دىگنىچە ئاياقنى پۇتغا
                        كىيپتۇ،قارسام بۇ ئاياق ئۇنىڭغا دەل كەپتۇ،مەنمۇ ئۇنىڭغا
                        خۇشامەت قىلپ،قارڭە چىرايلىقمىكەن، ياقتۇردىڭىزما، سىزگە
                        ئالغانتىم .دەپتىمەن،ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ ھېلقى ئاياقنى
                        كىيپلا يىراقلاپ كىتپتىدەك مەن ئۇنىڭ  كەينىدىن
                        قوغلاپتىمەن....
                        -ئاكا تۇرە،سائەت نەچچە بولدى،نامازنىغۇ ئۇقمۇدۇڭ .
                        ئوسمانجان ئاكام سىنى چاقىرۋاتدۇ.-سىڭلىمنىڭ نازۇك
                        ئاۋازىدىن ئۇيقۇمنى تەستە ئېچىپ ،كۈزۈمنى ئاچتىم، سائەتكە
                        قاردىم 9 بوپتۇ،ئەجەپ ئۇخلاپ كىتپتىمەن دىسە، سىڭلىم  
                        چۇۋۇلداپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.
                        -ھىلى  ئانام كىرسە يوتقۇنۇڭغا سۇ قۇيۋىتدۇ،شۇ چاغدىغۇ
                        تۇراسە،ئاۋۇ مىھمانلار بىلپ قالسا ئۇ چاغدا..-سىڭلىمنىڭ
                        ئۆيدىكى مىھمانلار دىگىننى ئاڭلاپ چاچراپ ئورنۇمدىن
                        تۇردۇم ،بۈگۈن رۇقيەنىڭ ئۈيمىزگە  كىردىغىنى ئىسمگە كەلدى
                        .سىڭلىم بۇ ھالتىمگە قاراپ شەيتانلىق بىلەن چاقچاق قىلغىلى
                        تۇردى،-ئاكا ھېلقى شەھەردىن كەلگەن ئاچام بەك چىرايلىقكەن،
                        چىقىپ كۈرۈپ باقە،ياراپ قالسا
                        ساڭا ئېلىپ بىرمىز ھى ھى ھى ..-ئۇ ئاغىنلىرمنىڭ مېنى
                        قىزلارغا ئامراق دەپ چاقچاق قىلدىغغنى نەچچە قېتىم ئاڭلاپ
                        قالغاندىن بىرى مۇشۇنداق چاقچاق قىپ مىنى جىلە
                        قىلاتتى،مەنمۇ ئۇنى تۇتۋالماق بۇلۇپ غۇلچىمنى كىرىپ
                        كارۋاتىن چۈشكەچ  ،-ھۇي جىن قارا سىنى ئاكاڭغا چاقچاق
                        قىلۋاتامسەن،تۇتۋالسام بۇرنۇڭنى چىشلىۋالمەن.،-
                        دىگنىمچە ئۇنىڭغا ئېتىلدىم،سىڭلىم چاققانلىق بىلەن سىرتقا
                        قاچتى ،كىيملىرمنى كىيىپ  ھويلىغا چىقتىم، ھويلىدا ئانام
                        كۈرۈنمەيتتى ،سىڭلىم ئاشخاندا بىرنىملەرنى
                        يۇيۋاتاتتى،ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدىم ئۇ ماڭا ئېغىلنى ئىشارە
                        قىلپ پىخلداپ كۈلۈشكە باشلىدى،ئەسلى دادام ئېغىلدا
                        قويلارغا يەم بىرۋاتقانكەن،ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىش
                        نىيتىمدىن يېنىپ يۈز-كۈزۈمنى چالا پۇلا يۇيۇپ،ئەينەككە
                        قاراپ چاچلىرمنى تۈزەپ مىھمانخانا ئۆيگە كىردىم .
                        مىھمانخاندا ئانام مەريەمخان ئاچام بىلەن  قىزغىن پاراڭغا
                        چۈشۈپتۇ،ئوسمان بۇزەك چەتىكى سافادا ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ
                        ئۇلارنىڭ پارڭىغا قۇلاق سالغىلى تۇرۇپتۇ،ئوسمان بۇزەك
                        بىلەن قول ئېلشىپ كۈرشۈپ،رۇقيەلەرگە سالامنىڭ چۇڭنى قىلپ
                        سافاغا كىلپ جايلاشتىم،رۇقيە پات-پات ماڭا قاراپ قۇيۇپ
                        ئانامنىڭ ،ئىشلىگەن كەشتىلىرنى كۈرۈشكە
                        باشلىدى،ئۇلارنىڭ پارڭى ئاساسەن ئانامنىڭ ئىشلىگەن گۈل
                        نۇسقىلىردا بۇلۋېتىپتۇ،رۇقيە بۈگۈن چىرايلىق دوپپا كىيىپ
                        ،چاچلىرنى ئۆرۈپ باشقىچە چىرايلىق بوپ كەتكەن
                        ئىكەن،ئۇنىڭغا تويماي قارايتىم ،ئۇنىڭ ماڭا بىر نەچچە
                        ئېغىز گەپ قىلشىنى كۈتتۈم .ئولتۇرىۋىرىپ زىرىكتىم
                        ،رۇقيەنىڭ مەن بىلەن پەقەت كارى يوق،قارغاندا ئانامنىڭ
                        پارڭىنى بۇزمىسام ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشالمىغدەكمەن، ياخشى
                        بىر ئامال ئويلاپ سىناپ باقماقچى بولدۇم.
                        -ئانا بايا ،ھويلىدابۇرنۇمغا ئىس ئۈتۈپ كەتكەن پولو
                        پۇراۋاتقان ،پولونىڭ ئاستى كۈيۈپ كەتمىگەندۇ؟
                        -ۋاي خۇدايىم گەپ بىلەن بوپ ئۇنتۇپتىمەن .ئەمەسمۇ،بالام
                        شىر ئەلىجان مىھمانلارغا چاي قۇيغاچ ئولتۇرغىن- ھە!-ئانام
                        پىشانىسگە شاپلاقلاپ،گىپنى ئۈزۈپ سىرتقا ماڭدى، مەريەمخان
                        ئاچاممۇ ئۇنىڭغا ياردەملەشكىلى چىقىپ كەتتى،بۇ چارەم
                        ئەسقېتىپ قالدى،مانا ئەمدى ئۈچەيلەن ياشلارلا ئۆيدە
                        قالدۇق،رۇقيەنىڭ پىيالىسگە چاي لىقلىماقچى
                        بۇلدۇم نىمشقىدۇر ئۇنىڭغا چاي قۇيۋېتىپ ھاڭۋېقىپ قاپتىمەن،
                        -بولدى رەھمەت ،پىيالىدىكى چاي تېشىپ كەتتى -دىدى ئۇ
                        كۈلۈمسىرەپ،ئەسلى چاي پىيالدىن تېشىپ كەتكەنكەن ،مەن خىجىلىقتىن قىزرىپ كەتتىم ،ئۇ مىنى
                        تەڭقىسلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندەك پاراڭ تىمىسنى
                        يۆتكىدى .
                        -بۇ سىلەرنىڭ ئۆيكەندە،ئانىڭىز بەك ئوڭلۇق،ئۇچۇق  
                        ئايالكەن،قۇلى گۈل قارڭە ئىشلىگەن كەشتىلىرگە ،بەك
                        چىرايلىق كەشتىلەپتۇ - ،ئۇنىڭ ئانامنى ماختىغىنى
ئاڭلاپ،
                        --ھىم ئەلۋەتتە ،ئۇ مىنڭ ئانام تۇرسا -دىدىم مەغرۇرلۇق
                        بىلەن،بىز كۈلشۈپ كەتتۇق ،لىكىن دىمەكچى بولغان يەنە  
                        بىرنەچچە جۈملە گىپمنى يۈتۋەتىم،ئەسلى ھازىر ئانام
                        يارغاچ تۇرسۇن ،ئاستا -ئاستا مەنمۇ سىزگە ياراپ قالمەن،
                        مەنمۇ ياخشى يىگىت دىمەكچى ئىدىم لىكىن تىلىم بارمىدى
                        .ئانام بىلەن مەريەمخان ئاچامنىڭ لىگەنلەردە تاماق كۈترۈپ
                        كىرشى بىلەن پارڭىمىز ئۈزلۈپ قالدى . ئانامنىڭ ئۆز قۇلدا
                        ئەتكەن ئوخشىغان پولوسىنى يەپ بولغاندىن كىيىن رۇقيەلەر
                        ئۇزاپ چىقىپ كەتتى. رۇقيە بىلەن مەريەمخان ئاچامنى دەرۋازا سىرتىغىچە ئۇزتۇپ قۇيۇپ ھويلىغا قايتىپ
كىردىم،ھويلىدىكى ئۈزۈم بارڭى ئاستىغا قۇيۇلغان كارۋاتتا ئولتۇرۇپ ھويلىمىزنىڭ باش
باھاردىكى قىياپتىنى تاماششا قىلشقا باشلىدىم ،تۇيۇقسىز يېڭى سۈپۈرلگەن يەردىكى
رۇقيەنىڭ ئاياق ئىزنى كۆرۈشۈم بىلەن ئاخشامدىن بىرى كۆرگەن ھېلقى چۈشۈم ئىسمگە
كىلپ قالدى،توۋا ئەجەپ بىر قىسىم چۈش كۆرۈپتىمەن دىسە،بۇ چۈشنىڭ مەنسى ياخشى
ئىشمىدۇ يامان ئىشمىدۇ،كىچكىمدىن چۈش كۆرسەملا ئانامدىن تەبىرىنى سورايتىم،يەنە
ئانامدىن سورغۇم كىلپ قالدى،ئاشخاندا چىنە قاچلارنى يۇغۇشتۇرۋاتقان ئانامنىڭ يېنىغا
كىردىم،بۇسۇغىدىلا تۇرۇپ ئانامدىن چۈشۈمنىڭ تەبىرنى سوردۇم،
-ئانا مەن ئاخشام  تۇلمۇ غەلىتە چۈش كۆرۈپتىمەن،بىر جۈپ چىرايلىق قىز بالنىڭ
ئايقىنى كۈتۈرۈپ يۈرۈپتىمەن،كېيىن بىرى كىلپ ئاياقنى ئېلىۋالدى،بۇ قانداق چۈش
ئەمدى-دىدىم ئانامغا،سىڭلىم گىپمگە قۇشۇق سالدى.
-ئاكا ئەمدى چۈشۈڭدىمۇ قىزلارنى چۈشەپ كەتتىم دە،ھاھاھا بەك قېلىنكەنسەن ئانامدىن
نۇمۇس قىلماي قىز بالنى چۈشەپتىمەن دەپ كەتكىنڭنى قارا،ھىلى دادامغا دەپ قۇيمەن
بىكار ھى ھى ھى..-سىڭلىم شۇنداق دىگنىچە ئانامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ پىخلداپ كۈلۈشكە
باشلىدى ،
-ھىلى بىكار ،بۇرنۇڭنى  چىمدىۋىتمەن،زادى قۇلقۇڭنى تارتىپ ئەدىبڭنى بەرمىسەم خەپ
جۇۋاينىمەك ،توختا،نەگە قاچسەن ،توختا -دىىگنىمچە سىڭلىمنى قوغلاپ  تۇتماقچى بولدۇم
لېكىن ئۇ قېچىپ تۇتۇق بەرمىدى،ئاخىرى ئانام بىزنى قوغلاشماقتىن توختاتتى .ئاناممۇ
كۈلۈپ تۇرۇپ مېنى جىلە قىلشقا ئۆتتى ،
-ۋاي بالام ،ئاياق دېگەن نىكاھ دەيدىغان گەپ بار ،تۇيۇڭنى ئوينايدىغان
ئوخشايمىز،ئەمدى سەندەك ھۇرۇنغا قايسى تەلىيى يوق  قىز بالا تېگەر ھاھاھا....
-ئانا تەلىيى يوق قىز دەيسەنغۇ ماڭا چۇ تەلىيى تازا بار قىز بالا تېگىدۇ،قاراپ باقە
مېنىڭ بۇ كىلىشكەن تۇرقۇمغا،ماۋۇ چىرايىمغا،ما مەلىدە كىمنىڭ مەندەك كىلشكەن ئوغلى
بار،قىزلار تىگەلمەي ئۆچرەت ماڭا،تېخى قىز چىقماي قالامدىكىن دەۋاتامسەن ،مەن
ئالمەنلا دىسەم تاللاپ بۇلامىغدەك قىزلار بار ئارقامدا،ماڭا تىگىۋالسا ماۋۇ
چىرايمنى بانكىغا قۇيۇپ ئۆسمىنى خەجلىسەكمۇ تۇرمۇشتىن قىينالمايمىز دەپ چوت
سۇقۇۋاتدۇ ئۇلار  ھاھاھا.....-ئانام سىڭلىم مېنىڭ ئاتقان پورۇمغا قاقلاپ كۈلۈشۈپ
كەتتى،ئانام كۈلكىسنى تەستە توختۇتۇپ قوللىرنى دۇئاغا كۈتۇرۈپ ئاللادىن
بەختىمنى،ئىنسابىمنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن تىلىدى ،پىشانەمگە سۆيۈپ،
-ياخشى چۈش كۆرۈپسەن،ياخشىغا ئۆرۈلگەي،اللا بەختىڭنى بەرسۇن-دەپ كۆزگە ياش
ئالدى.ئارقامغا ئۆرۈلۈپ سىرتقا ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن ماڭدىم.
مەھەلىمىزدىنلا ئۆتدىغان ئۆستەڭ بۇيغا باردىم،ئۆستەڭ بۇيدىكى مايماق جىگدىنىڭ
كۆتكىدە ئولتۇرۇپ، جىگدە چىچكىنىڭ ئادەمنى مەسىت قىلغۇچى پۇرقىدىن قېنىپ نەپەس
ئالدىم .يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۈرۈكلۈك باغلارغا قارغىنمچە ئاخشامقى چۈشۈمنى
،ئانامنىڭ تەبىرنى ئويلاشقا باشلىدىم،مەن راسلا توي قىلامدىغاندىمەن،ئانامنىڭ
تەبىرى بۇيىچە ئېيتقاندا مەن توي قىلغىدەكمەن،چۈشۈمدىكى ئاياقنى رۇقيەگە
بەردىم،مەن ئۇنى راسلا ئەمرىمگە ئالارمەنمۇ ؟بوپتۇ ئالسام ئالارمەن..ياق ياق مەن
بۇرۇنلا شەھەردىن خوتۇن ئالمايمەن،دىمگەنمىدىم،بارمايمەن دېگەن يەرگە يەتتە قەدەم
بالدۇر بېرىپتۇ دېگەندەك ،ئەمدى راسلا شەھەردىن خۇتۇن ئېلىپ قالامدىم نېمە ؟ۋاي
نېمە بوپتۇ مەن ئەينى چاغدا ھېلقى زەينۇر دېگەن بۇزۇققا ئاچچىقلاپ شۇنداق دېگەن
... رۇقيە دېگەن  پەرشتىدەك ئاق كۆڭۈل چىرايلىق قىز،ھېلقى بۇزۇق زەينۇر بىلەن
سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.زەينۇر ئالۋاستى بولسا رۇقيە پەرىشتە،ياكى مەن
زەينۇرنى ئالمىسام،رۇقيەنى ئالسام نېمە بوپتۇ،ئۇ دېگەن مېھرى ئىسسىق پەرشتە سۈپەت  
قىز

بارچۇق قىزى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 808
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9222
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2112 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 06:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيال دەرياسنىڭ مايماق كىمسىدە ئۈزۈپ نەگە باردىڭىز ؟-يېنىمدىلا ئاڭلانغان تۇنۇش
يېقىملىق شۇ رۇقيەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ خياللىرمنى يىغىپ يېنىمغا قاردىم
. رۇقيە ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرۇپتۇ ،مېنىڭ خىيال سۈرۈپ تۇرۋاتقىنمنى قانداق
بىلدىكنا،قىزرىپ كەتكەن بولسام كېرەك يۈزلىرىم تارتىشىپ لىپلداشقا باشلىدى .
-ياق..ياق..خىيال سۈرمۈدۈم مۇنداقلا تۇرغان-دېيەلىدىم ئارانلا .ئۇ ئۆستەڭ قىردىكى
قۇمساڭغۇ تۇپغا كىلپلا ئولتۇرۇپ پۇتنى ئېقۋاتقان  سۇغا چىلاپ مەن بىلەن پاراڭغا
چۈشتى،بىز كىچىك ۋاقتىمىزدىن تارتىپ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندىكى قىزقارلىق
ئىشلىرمىز،قانداق تاماققا،قايسى ئوقۇتقۇچمىزغا،ئامراقلىقمىزنى دېيشىتۇق،رۇقيە
مەريەمخان ئاچامنىڭ ئاكسىنىڭ قىزى ئىكەنلىكنى دەپ بەردى ،كېيىن رۇقيەدىن ئۇنىڭ
ئائىلسدىكلەرنى سوردۇم ،رۇقيە كۈلكە يېغىپ تۇردىغان كۆزلىرگە ياش ئالغىنچە ئۆزنىڭ
ئائىلە تۇرمۇشنى سۆزلەپ بەردى،ئۇنىڭ ئېيتىشچە ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇردا ئۇقۇۋاتقىندا
ئانسى قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ،رۇقيە ئانسىنى بېقىش ئۈچۈن،تولۇق ئوتتۇرا ۋە  ئالى
مەكتەپتىمۇ ئۇقماي  تۇلۇقسىزنى پۈتۈرۈپلا ئائىلسدە ئانسىغا قاراپتۇ ،بىر يىلدىن
كېيىن ئانسى  كېسلىدىن ساقىيالماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ . رۇقيەنىڭ دادسىمۇ  
ئوقۇتقۇچلىقتىن پىنسىيەگە چىقىۋاپتۇ،كېيىن قايتىدىن تويمۇ قىپتۇ ،رۇقيە،ھازىر
ئۆگەي ئانسى ۋە دادسى بىلەن بىللە تۇردىكەن .ئۇنىڭ شۇلارنى دەۋاتقاندا پات-پات
ئۇھسىنپ قۇيغىننى كۆرۈپ بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى،ئۇنىڭغا بۇر مۇنچە تەسەللى بەردىم .
ئۇنىڭ مىسكىن ھالىتنى كۆرۈپ يۈركۈم ئېچىشقاندەك بۇلۇپ قالدىم ،كۆزۈمگە يىغا
ئولاشتى،بىز مۇشۇنداق ئۇ يەر بۇيەرنىڭ پارىڭىنى قىلپ كۈننىڭ كەچ بولغىنىنمۇ
بىلمەپتىمىز،كۈننىڭ غەرىپكە ئولتۇرغىننى تاماششا قىلپ بولۇپ ئۆيگە قايتتۇق.ئۆيگە
كىرىپ ئانامنىڭ ئەتكەن كەچلىك تامقىنى يەپلا يەنە ئۆيۈمگە بىكنىۋالدىم ،ئۆزۈمنى
ئورنۇمغا تاشلاپ  تۇرۇسقا قارغىنمچە رۇقيەنى ئەسلىدىم،ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا
ئانسىدىن يىتىم قالغانلىقنى ئويلاپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى،<ياخشىغا كۈن
يوق،يامانغا ئۆلۈم>دېگەندەك بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز ئىكەن ،ماۋۇ
رۇقيەدەك ئاق كۆڭۈل پەرىشتىدەك قىزلار يىتملىكنىڭ دەردىنى تارتىپ يىغلاپ
يۈرگەن،ھېلقى زەينۇردەك بۇزۇقلار بولسا ھېچ نېمدىن غەم قىلماي بۇزۇقچىلق قىلپ
ياشاۋاتقان،ئۆلۈم ئۇلاردىن تۇلمۇ يىراق ،مۇشۇ ئەزرائىلمۇ ئاشۇنداق بىشەملەردىن
قورقۇپمۇ بولسا جېنىنى ئالماسمىكىن دەپمۇ قالدىم.توۋا دەيتىم ئىچمدە.نېمشقىدۇر ئۇنى
مۇنچىلك چوڭقۇر ئەسلەپ قالغانلىقمىغا بەكمۇ ھەيران قالدىم مەن كىچسى ئەمەس كۈندۈزمۇ
قىزلارنى مۇنچىۋالا ئەسلەپ باققان بەندە ئەمەسمەن،خۇددى< كۆرسە ھالى يوق كۆرمىسە
كارى>دىگەندەك،كۆرۈپ قالسام قاش كۆزۈمنى ئويناتقىنىم بىلەن  كۆرمىسەم تاس قالاتتىم
چىراينىڭ قانداقلىقنى باشقا قىزلار بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويغىلى.ئۇلارغا پەقەت كۆڭۈل
خوشى ئۈچۈنلا چاقچاق قىلاتىم خالاس.
كۈنلۈرۈم كۈندۈزى ئوسمان بۇزەك بىلەن بىرگە  رۇقيەنى  يېزىمىزنىڭ چىرايلىق جايلىرىغا
ئاپرىپ ئوينۇتۇش،ئانامنىڭ دادامنىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىسنى ئۇرۇنلاش،سەھەر قۇپۇپ كەچ
يېتىپ ،نامزىمنى ۋاقتىدا ئۇقۇش، كىچسى رۇقيەنى ئەسلەپ سېغنىش بىلەن ئۆتتى،شۇنچىلك
رىتملىق،ئاناممۇمېنىڭ مۇنچىۋالا يۇمشاق قۇلاق،بۇلۇپ كەتكىنمدىن  شۇنچىلىك
خۇشال،بۇرۇنقى قۇلاق كەستى دوستلۇرۇم بىلەن كۆۋرۈك بېشدا تۇرۋېلىپ قىزلارغا قاش
ئېتىشلارنى ، كىچىك چاغلىرمدىكى كەپسىزلىكلىرىمنى ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك ئۇنتۇپ  كەتتىم،ئۇلار بىلەن ئالاقەممۇ
ئۈزۈلۈپ تۇلمۇ ياخشى بىر بالا بۇلۇپ قالدىم ،ھېلقى كەپسىزلىكىم شوخلۇقلۇرۇم كەلمەسكە
كەتكەندەك،مەن خۇددى چوپچوڭ ئادەم بوپ قالغاندەكلا ھېسسياتتا ئىدىم،مېنىڭ
تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسەم ، پەقەت رۇقيە بۇلۇپ قالدى .

ئاخىرلاشمايدىغان مىھماندارچىلق يوق بولغىندەك رۇقيەمۇ بۇ يەردىكى
،مىھماندارچىلقىنى تۈگتۈپ  شەھەرگە قايتىپ كەتمەكچى بولدى،ئۇنىڭ ئەتە كىتدىغىننى
ئۇقۇپ پۇتى كۆيگەن تۇخىدەك ئىزىمدا تۇرالمايدىغان،قىلىۋاتقان ئىشمنىمۇ قىلماي
ھاڭۋېقىپ قالدىغان بىر ھالەتكە كەپ قالدىم،كۆڭلۈم تۇلمۇ يېرىم بولدى،ئۇنىڭدىن
ئايرىلشقا كۆزۈم قىيمايتى،مەن ئۇنىڭغا ھەم كۆنۈپ ھەم كۈيۈپ قالغان ئىدىم ،ئۇنىڭدىن
ئايرىلسام يالغۇزلىققا چىدىيالمايدىغاندەك ھېس قىلدىم،ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا
چىدمايتىم.ئۇنىڭ ئەتە كىتدىغىننى ئويلىسام مېنى  يىغا تۇتاتتى.قانداق قىلسام ئۇنى
يېنىمدا ئېلىپ قالارمەن دەپ بېشىم قاتتى،ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساملا ئۇنىڭ مەڭگۈ
يېنىمدا قالدىغانلىقنى ھېس قىلدىم.ئانامغا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى ئىكەنلىكمنى
دېيىش قارارىغا كەلدىم.ئانامنىڭ  مېنىڭ بۇ پىكرىمگە قۇشۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار
ئىدى،ئاخىرى يۈزۈمنى قېلىن قىلپ ئانامغا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى ئىكەنلىكمنى
ئېيتىم.ئانام ماڭا بىر پەس  قاراپ تۇرۋەتكەندىن كېيىن ،
-داداڭغا دەپ باقاي،ئۇ نېمە دەيدىكىن-دېدى.ئۇنىڭ بۇ جاۋابى مېنى تۇلمۇ
ئۈمۈتسىزلەندۈردى،ئانامنىڭ خاتىرجەم بول ئوغلۇم تويۇڭنى چوقۇم قىلپ قۇيمىز دېيشىنى
بەكمۇ ئارزۇ قىلاتىم،ئۇنىڭغا نېمە بولدىكنە،ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا تويۇڭنى قىلىپ
ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تىقمەن دەيدىغان ئانام نېمشقا توي قىلدىغنمنى ئاڭلاپ
خۇشالىق بىلەن ماقۇل بۇلۇپ مېنى خۇشال قىلماي ،دادامنى تىلغا ئېلىپ تىلنى
چاينايدىغاندۇر،دادام قاچان ئانامنىڭ پىكرىنى قوللىماي باققان،ئانامنىڭ سىزقىدىن
چىقمايدىغان دادامغا مەسلىھەت سالغىسى كەپ كەتكىنى قىزىق.دادامنىڭ ئېتىزدىن كىلشىنى
ماڭا خوش خەۋەر يەتكۈزشىنى ساقلاپ تاقىتىم تاق بولدى،قېرىشقاندەك دادام تولمۇ كەچ
قايتىپ كەلدى،ئانام دادامنىڭ تامقىنى بىرىپ بولۇپ،دادامنى چاقىرىپ چوڭ ئۆيگە كىرىپ
كەتكەندىن كېينلا يۈركۈم جايىغا چۈشتى،لېكىن سەل ئەنسىرەپمۇ قالدىم ،دادام  
قوشۇلماي قويسا قانداق قىلارمەن؟...شۇ غەمدە ئولتۇرسام دادام قايتىپ چىقتى،ماڭا
گەپمۇ قىلماستىن ئۇدۇل ئېغىلغا ماڭدى،ھېچ نېمدىن خەۋەرسىز كىشدەك بىغەم ھالدا
قويلارغا ئوت-چۆپ تاشلاپ،ئىشەكنى سۇغرۇپ يۈردى،ئىچىم سىقلىپ ئاخىرى  ئانامنىڭ
يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن،
-دادام نېمە دەيدۇ،ئانا-دەپ  سوردۇم،ئانام
- ئەتگىچە بىر گەپ بوپ قالار،سەنمۇ ئوبدان ئويلان ،كىچكىڭدىن بىر ئىشقا ئاسان قىزىپ
ئاسان سۇۋىيدىغان ئادىتىڭ بار،توي ئىشى چاقچاق قىلدىغان،ئۇيۇن ئەمەس،بۇ ئۆمۈرلۈك
چوڭ ئىش-دىدى.
مەن ئۈنسىز ياتدىغان ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشكنىڭ ئىچدىن تاقاپ ئۇرنۇمنى سېلىپ كىيمىم
بىلەنلا يوتقانغا كىردىم،ئىچىم سىقلىپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم ،كۆزۈمگە ئۇيقۇ
كىلدىغاندەك ئەمەس،دادامنىڭ شۇ نامەلۇم جاۋابى مېنى تۇلمۇ تەقەزا قىلاتتى،ئۇنىڭ
ماقۇل بۇلشىنى مىڭلاپ تىلەيتىم .ئۇنىڭدىن خوش خەۋەر ئاڭلاشنى،ئاڭلاپ بۇلۇپلا
رۇقيەگە يەتكۈزىشنى،ئۇنىڭ بىلەن بۇلدىغان شۇ تويمىزنى ئويلاپ يۈركۈم ھاياجاندا
سوقاتتى،تۇيۇقسىز رۇقيەگە بۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئېچىپ باقمىغنىم ئىسمگە كەلدى. ئۇنىڭ
قانداق پىكىردە بولدىغانلىقنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆيدىكلەرگە ئۇنى ئالمەن دەپ كەتكىنىم
قىزىق،ئەگەر ئۇ قوشۇلماي قالسىچۇ؟ئەگەر ئۇنىڭ يۈرگىنى بوپ قالسىچۇ؟ئۇغۇ ماڭا ئوغۇل
دوستىنىڭ بارلىقى ھەقىدە پاراڭ قىلپ باقمىدى،ئۇ چوقۇم قۇشۇلۇدۇ،مەندەك كىلشكەن
بالغا تەگمەي كىمگە تىگەتتى،ئۆزمۇ ماڭا ئامراققۇ؟تەگمەي ھەدىمۇ ،بىكار تۇرسىمۇ
تۇردۇ،ئۇنىڭدىن ماڭا تىگىپ قويسا نىمە بوپتۇ،چوقۇم ئالمەن ئۇنى ،تەگمەيمەن دىسۇن
ئەپقېچىپ بولسىمۇ ئالمەن،شۇ چاغدا نىمە دەيدىكىن...............قالايمىقان ئايقى
يوق خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن،ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇردۇم،تاھارەت
ئېلىپ بامدات نامزىمنى ۋاقتىدا ئۇقدۇم،نامازدىن كېيىن جەينامازدا ئولتۇرۇپ اللادىن
رۇقيەنى ماڭا نىسىپ قىلشىنى،ئۇنىڭ مېنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھىم بولشىنى،بىزنىڭ
رىسقىمىزنىڭ قۇشلىشنى،ئۇنىڭ مېنىڭ نەۋرىلىرىمنىڭ مومسى بولشىنى  چىن ئىخلاسىم بىلەن
تىلدىم.
ھويلىغا چىقتىم مەسچىتىن كىرگەن دادام مېنى كۆرۈپ مەنلىك قاراپ قويدى،ئادىتى بۇينچە
ئېغلىغا كىرپ كەتتى،ئۇنىڭ كەينىدىن كىرىپ قوي كالىلارغا يەم بىرىشىپ بەردىم،ئۇ ماڭا
ئارتۇق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى،قۇلۇمنى يۇيۇپ ئانامنىڭ ناشتىغا تەيارلىغان
داستىخىنغا  بېرىپ جايلاشتىم ،تاماققا ھىچ تاۋىم يوق پۈتۈن  خىيالىم دادامنىڭ ماڭا
بىردىغان جاۋابىدا،دادام بولسا غىمدە يوق ئالدىرماي ناشتا قىلماقتا،قۇلقۇمدىن چاتاق
چىقمىغاندۇ،ھىچ دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايمەنغۇ،ئۇنىڭ ئاغزى مىدىرلىغاندەك قىلدى
،قۇلقۇمنى پات-پات كولاپمۇ باقتىم،يەنە دادامنىڭ ئاغزىغا قاردىم ئۇھ- ھەنىم بولسا
قۇلقۇم ساقكەن دادام لوقما چايناۋېتىپتۇ.ئىچىم تىتلداشقا باشلىدى ،بۈگۈن رۇقيە
شەھەرگە كەتمەكچى ئەگەر ئۇ كىتىپ قالسا قانداق قىلارمەن ؟سەللا كىچكسەم ئۇ كىتىپ
قالدۇ...دادام ئاخىرى ئېغىز ئاچتى،
-ئاناڭدىن ئاڭلىسام سەن رۇقيەنى ئۆزۈڭگە لايىق كۆرۈپسەن،ئويلاندىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن
راستىنلا توي قىلامسەن؟
-ھەئە-دىدىم ئارانلا قىزرىپ تۇرۇپ.
-ئاكا سەن توي قىلامسەن ،ھېلقى چىرايلىق ئاچام بىلەنما نېمانداق ياخشى ،ئەمدى
يالغۇز قىز بولمايدىغان بولدۇم،نېمانداق ياخشى -لوقما سالدى سىڭلىم ،دادام ئۇنىڭغا يۇغان
بىرنى قارۋىتىپ ،
-ھە ئۇ قىزغۇ بەك ئوڭلۇق مېھرى ئىسسىق قىز ئىكەن خۇددى رەھمەتلىك  ئانسىدەكلا
-دادام ئېغىر بىر تىنۋەتكەندىن كىيىن سۈزنى داۋام قىلدى .
-ئانسى رەھمەتلىك بەكلا ئوڭلۇق ئايال ئىدى،ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن،دادسىمۇ
بەكلا بىلملىك كىشى،ئۇنىڭ ئۆگەي ئانسى قانداقكىن،بۇنىسى نامەلۇم،دادسى بىلەنغۇ  
كىلشىپ قالارمىز ،ئەگەر ئۇلار قۇشۇلمىسا،بىزگىمۇ ئامال يوق -دادامنىڭ گىپنىڭ
ئۇرامدىن قارغاندا بۇ تويغا قۇشۇلغاندەك قىلاتتى،خۇشالىقتىن سەكرىۋەتكىلى تاسلا
قالدىم.دادامنىڭ گىپى ئاخىرلىشدىغاندەك ئەمەس ،مەن بۇ خەۋەرنى بالدۇراق رۇقيەگە
يەتكۈززۈشنى ئۇنىڭ قانداق پىكىردە بولدىغىننى بىلگۈم كىلىپ كەتتى،دادام تۇيۇقسىز
كۆڭلۈمدىكنى بىلۋالغاندەكلا  مەندىن سۇئال سۇراپ قالدى.
-ھە راس ئۇ قىز بۇ ئىشلاردىن خەۋەردارمۇ؟يۇرتىمىزنى سەھراكەن دەپ قالماس.
-ھە بىلىدۇ،بىلىدۇ،ئۇ چوقۇم قۇشۇلىدۇ قوشۇلمىسا مەن چوقۇم ماقۇل كەلتۈرمەن،-دىدىم
دۇدۇقلاپ ،قانداقلارچە بۇنداق جاۋاب بەرگىنمگە ئۆزۈممۇ ھەيران،دادام قاقاقلاپ كۈلۈپ
ئۆزىنى داڭلاشقىمۇ ئۈلگۈردى.
-مانا ئۇغۇل بالا،مېنىڭ ئوغلۇمدەك گەپ قىلدىڭ،قاراڭلار ئانسى دادسىنى دوراپتۇ
دادسىنى ....
دادامنىڭ گىپى ئاخىرلاشمايلا ئورنۇمدىن  تۇرۇپ سىرتقا چاپتىم،رۇقيە كىتىپ قالسا
بولمايتى،ئۇلار مېنىڭ رۇقيەنىڭ يېنىغا ماڭغىنمنى بىلگەندەك بىر-بىرگە قاراپ مەنلىك
كۈلۈشتى.ئۇدۇل مەريەمخان ئاچامنىڭ ئۈيگە كىردىم ،مەريەمخان ئاچام دەرۋازىدىن
كىرشىمگە مىنڭ رۇقيەنى ئىزدەپ كىرگىنمنى بىلگەندەك،
--شىر ئەلىجان بالام  ،ئوسمانجان ماھىرەنى يولغا سالغىلى بازارغا كەتكەن -دىدى.ئۇ كىتىپ
قالغان ئىدى،كەينىمگە بۇرلۇپ سىرتقا چىقتىم.يولغا چىقىپلا بازار تەرەپكە ساراڭدەك
يۈگۈرگىنمچە چاپتىم. رۇقيە بىلەن بىللە ماڭغاندا شۇنچىلك يېقىن تۇيۇلغان بۇ يول
ئەمدى بەكمۇ ئۇزراپ كەتكەندەك تۇيۇلدى،ھاسىراپ-ھۆمىدەپ ئۇدۇل بىكەتكە
كەلدىم،بىكەتنىڭ ئالىدا،ئىچىدە ھەممە يەرگە قاردىم ئۇ كۆرۈنمەيتتى،جىدىيلىشىپ
كەتتىم،شەھەرگە ماڭدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسگە بىرمۇ-بىر قاراپ چىقتىم،ئۇ يوق
،ئۇنىڭ قارسىمۇ كۆرۈنمەيتتى،شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولدى،ئەتراپىمغا ئۈمۈد بىلەن
قارايتىم،ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيپلەيتىم،ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ  تېلېفون نۇمۇرىنى بولسىمۇ
سورۋالمىغنمغا،ئاچىقىم كىلەتتى،شەھەرگە ئىزدەپ بارساممۇ ئادرىسنى بىلمىسەم،رۇھىم
شۇنچىلىك چۈشۈپ كەتتى،توغرا ئوسمان بۇزەكتىن سورۋالسام بولمىدىمۇ؟ئۇ ئىسمگە كىلشى
بىلەن ئۆچەي دىگەن ئۈمۈد شامىم قايتىدىن ياندى ،ئەمدى نىشانىم ئالمىشىپ ئوسمان
بۇزەكنى ئىزدەشكە چۈشتۈم،ئۇمۇ يوق،بازار ئىچگە كىرىپ باققۇم كەلدى تۇيۇقسىز
ئالدىمدىكى ئەتلەس ساتىدىغان دۇكاندا رۇقيەنىڭ بىغەم ئەتلەس كۆرۈپ تۇرغىننى كۆرۈپ
قالدىم،ئۇنى كۆرۈش بىلەن ئاپسىنى يۇتتۇرۈپ قويغان كىچىك بالا ئانسىنى  
تېپىۋالغاندەك   خۇشال بۇلۇپ ئويناقلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم،ئۇ مېنى كۆرۈپلا
چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ۋىچىرلاپ سۆزلەشكە باشلىدى ،
-ئالدىڭىزدىلا ئوسمانجان ئاكام سىزنى چاقىرغىلى ئۆيىڭىزگە كەتكەن،سىز بۇ يەردە
يۈرۈيسىزغۇ ؟
-ھە،ئوسمانجان مېنى چاقىرىپ كەلمىسە ،كىتىۋىرەمتىڭىز خوشلاشماي  ؟-دىدىم ئۇنىڭغا،ئۇ
قىزارغىنچە ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى،قارغاندا قاتىقراق گەپ قىلۋەتكەن بولسام كىرەك
.ئارمىزنى بىردەم جىمجىتلىق باستى ،قىلدىغان گىپمنى تاپالمايتىم ،ئاخىرى ئۇنىڭدىن
گەپ سۇراشقا چۈشتۈم،
-يەنە قاچان كىلسىز؟
--اللا خالىسا چوقۇم كېينچە يەنە  كىلىمەن، بۇ يەردە تۇققانلار  بار
تۇرسا،يەنە....-ئۇ گپنىڭ ئاخىرنى يۇتۋەتتى.
-سەھراكەن دەپ كەلمەي قالارسىزمىكىن دەيمەنغۇ ئەمدى-دىدىم ئۇنىڭغا مەنلىك قىلپ،
-ياقەي ئۇنداق ئەمەس،داداممۇ مۇشۇ سەھرادا چوڭ بولغان،مەنمۇ سۈرۈشتۈرسىڭىز يېرىم
سەھرالىق،ئۆزۈم شەھەردە چوڭ بولغان بىلەن  -دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
-ئۇنداق بولسا پۈتۈن سەھرالىقۇ قىلۋىتەيمۇ يا سىزنى،مۇشۇ سەھرادا ئۆي تۇتۇپ بىرىپ  
،چالا پىشقان تاۋۇزدەك ئوتتۇردا تۇرۇپ قىينالمايسىز-دىدىم ئۇنىڭغا .مەقسىدىم ئۇنىڭ
قانداق قاراشتا ئىكەنلىكنى بىلپ باققۇم بار ئىدى .ئۇ باياتىنقىدىنمۇ بەكرەك
قىزارغىنچە بوش ئاۋازدا
-ئەجەپ ئاسان ئۆي تۇتۇپ بىردىكەنسىز،ئاۋۇ شەھەردە داداملار بار ،ئۇلاردىن سورمايلا
ئۆي تۇتۋالسام سەت تۇرا،ئۇلار قوشۇلسا ئۆيمۇ تۇتارمەن سەھرالىقمۇ بۇلارمەن -ئۇنىڭ
بۇنداق دېگنى دادامدىن رۇخسەت ئېلىڭ دىگىنى ئىكەنلىكنى ھېس قىلدىم .
-داداىڭىز قوشۇلسا چوقۇم كىلسىز ھە؟-دىدىم ئۇنىڭ كۆزلىرگە ئۈمۈتلۈك قاراپ .
-اللا خالىسا.-ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ تۇلمۇ خۇشال بولدۇم،ئەتراپىمدىكلەردىن خىجل
بولمىسام ئۇنى قۇچاقلىۋالغۇم،ئاشۇنداق تاتلىق گەپ چىقدىغان ئويماقتەك چىرايلىق
ئاغزىغا قېنىپ بىر سۆيۋالغۇم بار ئىدى،ئەپسۇس ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئادەملەر بىزگە
قاراپ تۇرۇپتۇ،ھاياجاندىن ئۆزۈمنى چىڭ تۇتۋالدىم ،ئۇ يەرگە قارغىنچە پۇتى بىلەن
يەرنى سىجاپ تۇراتتى،خۇشالىقمدا تىلم گەپكە كىلدىغاندەك ئەمەس،يۈركۈم گۈپۈلدەپ  
سۇقۇشقا باشلىدى .
پالاقشىپ يۈگرەپ  كەلگەن ئوسمان بۇزەك بىزنىڭ مۇشۇ شېرىن مىنۇتلىرمىزنى  
ئاخىرلاشتۇرۇپ قويدى.
--ئۇھ ئەجەپمۇ ھېرىپ كەتتىم،سېنى ئىزدەپ مەھەللىگە بېرىپتىمەن،ھەمىنى قىلغان رۇقيە
سەن بىلەن خوشلۇشۇپ قۇيۇپ كىتمەن دەپ-ئۇ شۇنداق دىگىنچە پۇكاندەك قىزرىپ كەتكەن
يۈزنى قۇلى بىلەن سۈرتۈشكە باشلىدى ،ئۇنىڭغا قاراپ بىر خىل مىنەتدارلىق تۇيغۇسى
خىيالمدىن كەچتى،ئۇنى تويۇمدا قولداش قىلشنىمۇ پىلانلاپ قويدۇم.بىز بىرلىكتە تاماق
يەپ رۇقيەنى ئۇزتۇپ قويدۇق،ئاپتوبۇس قوزغالغىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم،راستىنى
دىسەم ئۇنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرلغىم يوق ئىدى ،ئۇنىڭ جاۋابى مېنى ئۈمۈتلەندۈرگەچكە
ئامالسىز ئۇنى يولغا سېلىپ قويدۇم .ئۆيگە قايتىپ كىلپلا ئانامغا ئۇنىڭ قۇشۇلغانلىق
خوش -خەۋىرنى يەتكۈزدۈم،ئانام مېنىڭ گىپمنى ئاڭلاپلا مەريەمخان ئاچامنىڭ ئۆيگە
مەسلىھەتكە ماڭدى..
ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى ئۆيدىكلەرنىڭ رازلىقى بىلەن ئاددى لىكىن تۇلمۇ كۆڭۈللۈك
توي قىلدۇق،ئىككەيلەنگە ھەممە كىشنىڭ ھەۋسى كىلەتتى،بىز تۇلمۇ ئامراق،ئىناق بىر
جۈپلەر ئىدۇق ،مەھەلدىكلەر خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر دېيشىپ قۇياتتى،يوللاردا ماڭساق
ئۇچۇرغانكى كىشى بىزگە ھەۋەس بىلەن قارمىز يۈتكىچە قارايتتى ،چۈنكى مەھەلىمىزدە
شەھەردىن مۇشۇنداق چىرايلىق خۇتۇن ئالالىغان يىگىت يالغۇز مەن ئىدىم،رۇقيەنىڭ
ئۇچۇق يۇرۇق مىجەزى ھەممە كىشگە ياقاتتى،ئۇ كىلىن بوپ كىرپلا ئانام بىلەن خۇددى ئۆز
ئانا-بالدەك،سىڭلىم بىلەن بىر قۇرساق ئاچا-سىڭىللاردەك ئامراق بوپ كىتشتى،بىر
قارغان كىشى ئۇلارنى ھەرگىزمۇ قېيىن ئانا،كىلىن،قېيىن سىڭل دەپ قارمايتى،داداممۇ
ئۇنىڭغا خۇددى سىڭلىمغا ئامراقلىق قىلغاندەك ئامراق ، ئۇ ھەتتاقوشنىلار بىلەنمۇ
شۇنچىلىك ئەپ ئۈتەتتى.
خۇشالىق ئۈستىگە خۇشالىق قوشۇلۇپ رۇقيە توي قىلپ نەچچە ئايدىن كىيىن ئېغىر ئاياق
بولدى،ئانام بىلەن دادام نەۋرە كۆردىغندىن خۇشال بۇلۇشۇپ ئۇنىڭغا قىلمىغىنى
قالمىدى،مەنمۇ دادا بۇلدىغىنمنى بىلگىنمدە نەچچە كۈنگىچە  ئىشەنگۈم كەلمىدى،دادا
بۇلدىغىنىم ئىسمگە كەلسىلا تەسۋىرلگىسىز خۇشالىق قەلبمنى ئىگىلەيتى.خۇشالىق بىلەن
خاپلىق قوش كىزەك بولسا كېرەك،رۇقيەنىڭ ئېغىرلىشىپ شەھەرگە كىتشى بىلەنلا
خاپىلىقنىڭ ئايقى ئائىلىمىزنى باستى ،مېنى باشقۇردىغان ماڭا توغرا يول كۆرسىتىدىغان
ئايالىم ئۆيدە يوق  قۇرسۇقۇمغا جىن كىردى ،ھېلقى قۇلاق كەستى ئاغىنلىرىم
بىلەن تېپشىپ قالدىم ،بىكارچىلىقتا زىركىپ ھاراق ئىچىپ،تاماكا چىكىپ كەيىپ قىلپ  
ئويناپ يۈردۈم ،يەنە ھېلقى كونا قىزلارغا ئامراق  كىسلىم قوزغالدى ،شاپاقلىق خۇيۇم
تېشغا تەپتى . ئانچە مۇنچە سەتەڭلەر بىلەنمۇ تېپشىپ قالدىم.ئۇلار بىلەن ناشايان
ئىشلارنى قىلپ يۈردۈم،توي قىلمىغان چاغدىكى زەينۇرەگە ئۆچمەنلىك قىلغان تۇرقۇمدىن
ئەسەرمۇ يوق،مەن بىلەن تەڭ ئىچىپ چىكەلەيدىغان قىزلارنىڭ تۇرمۇشۇمغا كىرشى
رۇقيەنڭ كۆڭلۈمدىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرۋەتتى،شۇ كۈنلەردە رۇقيە ئاي كۈنى تۇشۇپ
پاقلاندەك سىمىز،ئۇماق ،ئاپئاق بىر ئوغۇل تۇغدى.ئوغلۇمىزنى باتۇر قەيسەر بالا
بولسۇن دەپ ئىسمنى قەيسەر قويدۇق.مېنىڭ كەيىپ ساپالىق كۈنلىرىم يەنە داۋام
ئەتتى،ئايالىمنى يوقلاپ شەھەرگە بارساملا قايتىپ كىتمەن دەپ قۇيۇپ بەزمىخانلارغا
كىرىپ سۈيدۈك پۇرغان ھاڭگا ئىشەكتەك ھېلقىدەك سەتەڭلەرنى ئۆزۈم ئىزدەپ تېپىپ  
خلىۋەت ياتاقلاردا ئىشرەت قىلپ  ياشايدىغان بولدۇم .
رۇقيەنىڭ قىرقى تۇشقاندا ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكەلدىم،رۇقيەنى قايتۇرۇپ كىلپ
جىددىلىمىز تۈگمىدى ،بۇرۇنقىدەك ئۇ ئۆيدە يوق ۋاقىتىكدەك ئەركىن بۇلالمىدىم،پۇرسەت
ئىزدەپ ئۆيگە كىرمەسلىكنىڭ قازنىنى ئاساتىم ،ھېلقى ئاغىنلىرىم بىلەن ئىچىپ مەس
ئۆيگە كەلسەم  ،ئۇ ماڭا تۈگمەس نەسىھەت قىلپ بېشىمنى ئاغرىتاتتى،بۇنداق چاغلاردا
مەن ئۆزگىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن  ئەسەبىيلىكىم تۇتۇپ ئۇنى ئۇردىغان بۇلۇۋالدىم ،كىينچە
كىچىلىرى بالام ئويغۇنۇپ كىتىپ يىغلىغدەك بولسا،ئۇخلىيالمىدىم دەپ ، ئۇنى سىرتقا
بالنى كۆتەرگۈزۈپ چىقىرۋەتتىم .بىچچارە رۇقيە بالنى كۆتۈرۈپ كىچىچە مېڭىپ يۈرۈپ
تاڭ ئاتقۇزاتتى.بەزىدە ھويلىدىكى سۇپدا بالنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالاتتى،دادام
مەسچىتكە ماڭغاندا ئۇنىڭ بۇ ھالتىنى كۆرۈپ قېلىپ ماڭا نەسىھەت قىلپ مېنى
ئەيىپلىسە،مەن يەنە رۇقيەنى سەن چېقىشتۇردۇڭ دەپ ئۇردۇم.كېينچە كىچلەپ ئۆيگە
كىرمەس بۇلۇۋالدىم،قايتىپ كەلگىنمدە رۇقيە مەندىن نەگە بارغىنمنى سورسا،نېمە كارىڭ
دەپ يەنە ئۇردىغان بولدۇم،ئاخىرى رۇقيە مېنىڭ بۇ ئەسكىلكىمگە بىر ئېغىزمۇ گەپ
قىلمايدىغان،ئاناملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئوغلۇمغا ياخشى  قاراپ ،بەش ۋاق
نامزىنى تەرىك ئەتمەي ئۇقۇپ نامزىدا اللادىن ئىنسابىمنى تىلەيدىغان بۇلۋالدى.ئۇنىڭ
ئۇقغان نامازلىرنىڭ ،قىلغان دۇئاسنىڭ پايدىسى بولدىمۇ قانداق مەن اللانىڭ جازاسىغا
ئۇچۇردۇم،بىر كۈنى شەھەرگە كىلپ بەزمىخاندا  غەرىق مەست بولغىچە ئىچتىم،خەق بىلەن
سەتەڭ تالشىپ ئۇرشۇپ قالدىم ،رەقىبىمنى قاتتىق ئۇرۇپ يارلاندۇرغىنىم ئۈچۈن قاماققا
كىرىپ قالدىم،كېيىن سوت ئېچلىپ 3يىللىق جازا مۇدىتتى ئۆتەشكە بۇيرۇلدۇم،مۇشۇ
تۈرمىگە يۆتكەپ كىلندىم . تۈرمىگە تاشلانغاندىن كىيىن رۇقيە  مېنىڭ قىلغان
ئەسكىلىكلىرمنىمۇ ئۇنتۇپ مېنى يوقلاپ تۇردى،ئاتا-ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر
ئالدى.ھازىرقى كۈندە يولدىشى يېنىدا بولسىمۇ قېيىن ئاتىلىرنىڭ،ئانىلىرنىڭ ھالدىن
خەۋەر ئالدىغان كىلنلەرنىڭ سانى زادى قانچىلك  بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇم،لىكىن رۇقيەچۇ
ئۇ ھازىرغىچە ئۈنسىز ئۆيدىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتدۇ.
تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن يۈز كىلەلمەيدىغنىمنى ھېس
قىلدىم،تۈرمىنڭ ئاپئاق قورۇلغان سەيلىرى بىلەن،قاتتىق قۇرۇق موما،مىفەنلىرنى
يىگنىمدە رۇقيەنىڭ تۈجۈپلەپ ،ئوخشۇتۇپ تاماق  ئىتىپ  يەۋېلىڭە دەپ ئالدىمغا
ئەكەلسە،يىمەيمەن دەپ چۆرىۋەتكەنلىرىم ئىسمگە كەلسە ،كىچىلىرى ياتاقتا كۈزەتتە
تۇرغىنمدا بولسا رۇقيەنىڭ ئوغلۇمنى كۈتۈرۈپ ئۇيقۇسىز تاڭلارنى ئاتقۇزغىنى ئىسمگە
كىلىپ كۆزۈم ياشقا تۇلاتتى ،كۆزۈمدىن ياشلىرمنى توختۇتۋالالمايتىم ،ئىچى ئىچمدىن
پۇشايمان يېشى تۈكلەتتى..
--6506803765نۇمۇر ،شىر ئەلى  باقى -سىياسى يىتەكچىمىزنىڭ نۇمرۇمنى،ئىسمىنى چاقىرشى
بىلەن ئىسمگە كىلىپ ياشلىرمنى سۈرتۈپ  ئارقامغا بۇرلۇپ ،
-بار-دىدىم،سىياسى يىتەكچىمىز چىرايلىق قاتلانغان بىر قۇر كىيمنى ماڭا تەڭلەپ،
-ئەتە جازا مۇدىتىڭ تۇشۇپ ئائىلەڭگە قايتىسەن ،بۇ ئايالىڭ ئەكەلگەن تۈرمىدىن
چىققاندا كىيدىغان كىيمىڭ،ئەتە ئالماشتۇر-، رەھمەت ئېيتىپ كىيمنى قۇلۇمغا ئالدىم
،سىياسى يىتەكچىمىزچىقىپ كەتتى.قۇلۇمدىكى كىيملەرگە قاراپ كۆڭلۈم تېخمۇ
بۇزۇلدى،ئايال كىشنىڭ مۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل كەڭ قۇرساق بۇلدىغىنغا ھەيران قالدىم،مەن
جەمئيەتكى ۋاقتىمدا ئايالىم رۇقيەگە چىرايلىقراق بىرەر قۇر كىيىممۇ ئېلىپ بىرىپ
باقمىغان ئىدىم،مانا ھازىرچۇ رۇقيە  ماڭا مۇشۇنداق سىپتا تىكلگەن كىيملەرنى
ئەكەپتۇ،كۆز ياشلىرمنى توختۇتۋالالمىدىم ، ئىچ -ئىچمدىن  ئاچچىق ،پۇشايمانلىق  
ياشلار قۇلۇمدىكى كىيملەر ئۈستىگە تامچىلماقتا،يۈركىمدە،كۆڭلۈمدە،پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا  
بىرلا نىدا  ..كەچۈر رۇقيە،كەچۈر مەندەك،ئەقىلسىزنى كەچۈر.................
تۈگدى .

دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 06:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇن ئەپ قويدۇم كىچىك خەتنى ئوقىيالماي ياش چىقىپ كەتتى .

مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

 黑玫瑰تەبەسسۇم Guしu

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 380
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5843
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 06:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلاپ توللۇق ئۇقاي تىزراق يوللاڭ  [s:2]

GuしuM 黑玫瑰 قىزىل گۈل ئىشقىدا بۇلبۇل ناۋاسى، ئىشقىدا نالە قىلۇر ئاشىق نىداسى . بۇلبۇل ئاشىق لىكىن مەندەك ئەمەس، ناۋاسى  نىداسى  مەندەك  ساداسى . .  

ھامىنى بىر ئۆلۈم

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 346
يازما سانى: 1322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10377
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 06:59:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەھبۇسنىڭ پۇشايمنى (1)

مەن ئەمدى ئوقۇيدىگەندە ئەپ قويۇپ كەچتە ئوقۇي ھە.

ئەگەر قاخشاپ دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولسا بىر ئۆمۈر قاخشاپ چىقاتتىم!!!

دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 07:04:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى ئۇقۇپ چىقتىم ،نادىر تېما . [s:2]  [s:2]

مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 811
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5918
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1674 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 07:09:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇن ئۇچۇر تۇردا ئوقۇغان ،بەك ياخشى يىزلغان ئەسەر مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنىيىزۋاتقان قوللىرڭىزغا دەرت كەلمسۇن قۇزام [s:2]

دوستۇڭغا سىرڭنى ئىيتما،كۈنلەرنىڭ بىردە دۇشمنىڭ بولوپ قىلشى مۇمكىن. دۈشمنىڭدىن نەپرەتلەنمە،كۈنلەرنىڭ بىردە دوستىڭ بولوپ قىلشى مۆمكىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش