|
|
|
|
چاڭ توزان ئۈستىگە قوندۇرۇلغان ئىسىل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
ماشىنىنىڭ دەرىزىسىنى چاڭ توزان باسقاندا كىشىلەر چۇقۇم ئۇنى پاكىز سۈرتۈپ قويىدۇ. بىراق ئامېرىكىلىق دىكوت ۋېدقا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ چاڭ توزانلار ئۇنىڭ رەسىم سىزىشقا ئىشلىتىدىغان ماتىريالىدۇر. داۋىنچىنىڭ «مونالىزا›› سىدىن تارتىپ ئېدىسوننىڭ پوترىتىغىچە ئۇ ئەنە شۇ چاڭ توزانلار ئارىسىغا قوندۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ شۇنداق چاڭ-توزاندىن تۈزۈلگەن سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىشقا ئىنتايىن ماھىر.
بۇ رەسىملەر كىشىنىڭ دىققىتىنى ئىنتايىن جەلىپ قىلىدۇ. ھەتتا قىزىل چىراقتا توختاپ قالغان شوپۇرلارمۇ ئىختىيارسىز ماشىنىسىدىن چىقىپ ھەيرانلىق بىلەن ئۇلارغا قاراپ قالىدۇ. ۋېد بىلەن ئايالى ئىككىسى دائىم ماشىنىنىڭ ئارقا دەرىزىسىدىكى چاڭ توزانلارنى بارمىقى ۋە ھەر خىل چوتكىلارنى ئىشلىتىپ مانا مۇشۇنداق ئىسىل رەسىملەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۇتبول چولپىنى رونالدونىڭ باش رەسىمى ھەممىدىن قالتىس.
بىر پارچە رەسىمنى تاماملاش ئۈچۈن ئۇ جەمى تۆت سائەت سەرپ قىلىدىكەن. ھەم ھەر قىتىم ئۆزى ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى مەينەت قىلىدىكەن. ئۇ ماشىنا دەرىزىسىگە ماي سۈركەپ ئاندىن توپىنى چان قۇرۇتقۇچ بىلەن پۇركۇپ ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە چاپلاشتۇرىدىكەن. بۇنىڭغا پەقەت ئون مىنوتلا ۋاقىت كىتىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ تەبىئىي ھالدا ئەينەكنى پاسكىنا قىلىمەن دىسە ئالاھىدە توپا يولنى تىپىپ ئۇياق بۇياققا يول يۈرگەندىلا ئاندىن تەبىئىي چاپ توزانلىق رەسىم «قەغىزى» گە ئىگە بولالايدىكەن. بىراق بۇنىڭغا يەتتە كۈن كىتىدىكەن.
مەنبە+
http://www.u148.net/article/71629.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۇمەييا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 12:50 AM
|
|
|
|
|
|