ئىشلەمچىلەرنىڭ باللىرى ئاتا-ئانىسىغا ۋاكالىتەن ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلماقتا
بالىلارنىڭ ئىش ھەققى تەلەپ قىلشى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققتىنى تارتىتى
يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقۇرى سوت كېسىم چىقارغىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئېچىش سودىگەرلىرى كەينىگە سۆرەپ ئىشلەمچىلەرنىڭ 20مىليۇن يۈەن ئىش ھەققىنى تېخچە بەرمىگەن. ئېچىش سودىگەرلىرى: سوتنىڭ ھۆكۈمى بىر ۋاراق كېرەكسزقەغەز،خۇددى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قارارىغا ئوخشاش. «مەن سۈت ئىچمەن، مەكتەپتە ئوقۇيمەن. ئاتا-ئانامنىڭ قان تەرىگە كەلگەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەر! ئىسمىم ليۇ چىياڭ ، بۇيىل كۈنمىڭ تەبئىي پەن- سانائەت پەنلىرى ئونۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن ئىدىم، پۇل يوق ئوقۇش پۇلىسىنى تۆلىيەلمىدىم، ئاتا-ئانامنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا ئوقۇش پۇلسىغا ئوقۇش پۇلسىنى تۆلەيتىم....13نەپەر بالا دالى نەنگو شەھەرچىسىدىكى دوڭمىڭ قاشتېشى بۇيۇملىرى شەھەرچىسىنىڭ ئىشكى ئالدىدىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىشاتتى. باللىلارنىڭ ئەڭ چوڭى 20ياش،ئەڭ كىچىكى پەقەتلا 5ياش بۇلۇپ قولىدا بىردىن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش ھەققىدىكى لوزۇنكا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى 6يىل ئىلگىرى نەنگو شەھەچىسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىشلىگەن بۇلۇپ ئاچقۇچى سودىگەرلەر `1000 دىن ئارتۇق ئىشلەمچىنىڭ 20مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرەپ ھازىرغىچە بەرمىگەن. نەق مەيدان: 5ياشلىق بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغان « ئىسمىم يۈشىيەن ،بۇيىل 5ياشقا كىردىم، چۈجىڭ كەنتىدىن ،دادام بۇيەردە ئوزۇن يىللار ئىشلەپمۇ پۇل ئالالمىدى، مەن مەكتەپتە ئۇقۇيمەن ،دادام سىرىتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئۆيگە قايىتمىغلى ئۇزاق بولدى، مەن سۈت ئىچىمەن...........يۈشىيەننىڭ ئۆسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزلىرى ئەتراپتىكىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى. 8ياشلىق ۋۇفەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن شىزۇڭلۇق، دادام 6يىل بۇرۇن تاغام بىلەن دالى شەھەرچىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپتىكەن ، پۇلنى بەرمىگەچكە ئۆيگە قايتالمايۋاتىدۇ، ئاپام ئۇنى سىرىتتا ئەسكى ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئاجىرشىپ كەتتى......ۋۇفەننىڭ ئېيتىشىچە ئۇدادىسىغا ئەگىشىپ سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغان، دادىسى قەيەرگە بارسا ئۇمۇ شۇيەرگە بارغان . 2009-يىلىغا كەلگەندە دادىسى غىپپىدە قېچىپ كەتكەن، بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇ تاغىسىنىڭ قېشىدا تۇرۋېتىپتۇ. باللارنىڭ پىژغىرىن ئىسىسقتا لوزۇنكا كۈتۈرۈپ تۇرۇشقىننى كۈرۈپ نۇرغۇن ساياھەتچىلەر قاشتېشى شەھەرچىسىگە كىرمەي ئاپپاراتلىرىنى چىقىرشىپ سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى، جىياڭسۇدىن كەلگەن ساھاھەتچى لى خانىم غەزەپلىنىگىنچە مۇنداق دېدى: بۇ بالىلار نىمانداق بىچچارە، قۇرۇلۇش سودىگەرلىرى نىمانچە ئەخلاقسىز، ئىشلەمچىلەرنىڭ پۇلىسىنى 6يىلغىچىمۇ بەرمىگەن بارمۇ! قۇرۇلۇش ھۆدىگىرى ئۆيگە قايتىشقا جۈرئەت قىلاممايۋېتىپتۇ. يۈننەن ئۆلىكىلىك يۇقۇرى سوت ئاللاقاچان ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولسىمۇ بىراق يېڭى ئۆتكۈزۋېلنغان نەنگو شەھەرچىسى تۈر شىركىتىپۇل بار تۇرۇغلۇق پۇلىنى ئۆي زىننەتلەش،ئۆي سېلىشقا ئىشلىتىپ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلمىغان.قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى 100دىن ئوشۇق ئىشلەمچى بىلەن قۇرۇلۇش قىلغان بۇلۇپ پۇلنى ئالاممىغاچقا ئۆيىگىمۇ قايتالمايۋېتىپتۇ. سوتقا ئەرىز بەرمىسىمۇ ئاقماپتۇ. ئېچىش سودىگەرلىرى تېخى« سوتنىڭ ھۆكۈمى بىر ۋاراق كېرەكسز قەغەز ،ب د ت نىڭ قارارىغا ئوخشاش» دەپ پىسەنىتمۇ قىلماپتۇ. ئۇلار ھازىر دالى ئوبلاسىتلىق ئوتتورا سوتقا مەجبۇرى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنۇپتۇ.
مەنبە: شىنلاڭ تورىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلندى http://news.sina.com.cn/s/2012-08-16/194024981552.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 08:18 PM
|