« تەقدىرنىڭ چاقچىقى»فىلىمى توغرىسىدا
رۇسىيەنىڭ شۇ ناملىق ئۈچ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى-1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىغان تەرجىمە قىلغۇچى-ئابدۇرىشىت ئابدۇرەخمان. رىژىسۇر-ئابدۇرەخمان ئەسەت.ئاساسلىق پىرسۇناژلار: ژىنىيە-موسكىۋالىق دوختۇر يىگىت. گالىيە-ژىنىيەنىڭ قىز دوستى. پاۋلىك-ژىنىيەنىڭ ئوغۇل دوستى. ئىپولىت-لېنىنگىراتلىق يىگىت. نادىيە-ئىپولىتنىڭ قىز دوستى. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: موسكىۋا شەھرى قۇرغۇچىلار كوچىسى 25-بىنا 12-ئۆيگە ئەمدىلا ئورۇنلاشقان ژىنىيە ئانىسى ۋە قىز دوستى-گالىيىگە يېڭى يىلكىچىسىنى بىرلىكتە خوشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشنى ئويلۇشۇپ بىرلىككە كىلىدۇ. ژىنىيە شۇ كۈنى كەچتە دوستلىرى بىلەن مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن مەيخانىغا كىرىپ ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇپ، خۇدىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. پاۋلىك قاتارلىق دوستلىرى ئۇنىڭ مۇشۇ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ژىنىيەنى لېنىنگىراتقا بارىدىغان ئايرۇپىلانغا سېلىپ قويىدۇ. مەست بولۇپ كەتكەن ژىنىيە ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ، لېنىنگىراتقا يېتىپ كىلىدۇ. ئۇ دەلدۈگۈنۈپ ، ئۆزىنىڭ لېنىنگىراتقا كەلگەنلىكىنى بىلمەي، لېنىنگىراتتىكى قۇرغۇچىلار كوچىسى 25-بىنا 12-ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئاچقۇچى بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ، ئۆيگە كىرىدۇ-دە، ئۆزىنى كارۋات ئۈستىگە تاشلاپ ئۇخلايدۇ. دەل شۇ چاغدا ئۆي ئىگىسى-نادىرە ئۆيىگە كىرىپ، كارۋاتتا ئۇخلاۋاتقان ناتونۇش ئەر كىشىنى كۆرۈپ، چۈچۈپ كېتىدۇ. ھەمدە ژىنىيەنى ئويغۇتۇپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە دەۋەت قىلىدۇ، بىراق ژىنىيە ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىمايدۇ. دەل شۇ پەيىتتە نادىيەنىڭ يىگىت-ئىپولىت بۇ ئۆيگە كىرىپ كىلىدۇ. ئۇ ئۆي ئىچىدە نادىيەنىڭ ناتونۇش بىر ئەر بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، نادىرەنى ئۇ ئەردىن كۈنلەپ،نادىرەنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قۇلاق سالماي، ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ژىنىيە مەستلىكتىن يېشىلىپ، نادىرە بىلەن سۆزلۈشۈش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزىنىڭ لېنىنگىراتقا كىلىپ، ئوخشاش نومۇرلۇق ئۆيگە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ قىز دوستىنىڭ ئۆز ئۆيىدە ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ئويلاپ قاتتىق ئازاپلىنىدۇ. ئىپولىت نادىرەنىڭ ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىپولىت بىلەن بولغان مۇھەببەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى جەزىم قىلىدۇ-دە، قاتتىق بىئارام بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا نادىرەنىڭ قىز دوستلىرى ئۇنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ ئۆيگە مىھمان بولۇپ كىرىشىدۇ. قىزلار نادىرەنىڭ يېنىدا تۇرغان يىگىتنى نادىرەنىڭ يىگىتى ئىپولىت دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىشىدۇ. نادىرە ژىنىيەنى ئىپولىت دەپ قاراپ دوستلىرىغا چاندۇرمايدۇ. ژىنىيەنىڭ ئوخشاش نومۇرلۇق تىزىملىكتىكى نادىرەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن نادىرە بىلەن ئىپولىتنىڭ مۇھەببىتى يوققا چىقىدۇ. ئاخىرىدا ژىنىيە بىلەن نادىرە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ۋەقەنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز فىلىمنى كۆرۈشكە ئالدىراڭ! يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 12:18 AM
|