مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4656|ئىنكاس: 42

مۇڭ باسقان «ھېيتگاھ» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 10:37:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇڭ باسقان «ھېيتگاھ»

ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى، قەدىمىي دىيار - ئەزىزانە قەشقەر تىلغا ئېلىنسا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 4 مىليون نوپۇس بۇ يۇرتنىڭ كۆزنىكى «ھېيتگاھ جامەسى» نى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەي قالمايدۇ. «ھېيتگاھ جامەسى» ئۇزاق زامانلاردىن بېرى قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭىمۇ كىشىلەر «قەشقەرگە كەلمىگەن ئادەم شىنجاڭغا كەلگەنلىك ھېسابلانمايدۇ، قەشقەرگە كېلىپ ھېيتگاھنى كۆرمىگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى بىلەلمەيدۇ» دەيدىغان بىر ھېكىمەتلىك سۆز ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ مەدەنىيەت بۆشۈكىدىكى بۇ تەۋەررۈك «ھېيتگاھ» 2000 - يىلدىن كېيىن دۆلەت، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ نەچچە مىليون مەبلەغ ئاجرىتىش ئارقىلىق قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىن بىلەن ئۆرپ - ئادەت بىر گەۋدىلەشكەن يارقىن ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى. لېكىن بۇ يەردىكى تەبىئىيلىك بىراقلا يوقاپ قىشتا مۇز توڭلايدىغان، ئادەم قورقماي ماڭالمايدىغان، ياز كۈنلۈكى ئاپتاپتا قاقىرام بىر مەيدان ھاسىل بولۇپ ساياھەتكە كەلگەنلەر يىراقتىنلا رەسىمگە چۈشۈپ «ھېيتگاھ جامەسى» نىڭ رەسىمىنىلا ئېلىپ كېتىپ تەتقىق قىلىشقا، تاۋاپ قىلىشقا، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە بەل باغلايدىغانلارمۇ ئاستا ئارقىسىغا يېنىشقا مەجبۇر بولىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالدى. بۇرۇنقى بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرۇپ باقساق، ئاسمان - زېمىن پەرقى بار.
90 - يىللاردىن ئىلگىرىكى ھېتيگاھ جامەسى ئالدى گۈللۈك بىلەن پۈركەنگەن، كوچىلىرىدا مىغ - مىغ ئادەم قاينايدىغان، ئۇششاق تىجارەتچىلەر قۇلاق - مېڭىنى يىگۈدەك توۋلىسىمۇ ئادەمنى بىر خىل سۆيۈندۈرىدىغان جاي ئىدى. لېكىن ھازىر توۋلايدىغانلارمۇ يوق. ئادەممۇ ئاز ... نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟

1. ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلدى. نەچچە مىليون يۈەن خەجلەپ رېمۇنت قىلىنغان مەيدان باشتا ئېيتقاندەك يازدا قاقىرام ئىسسىق، قىشتا غۇر - غۇر شامال، توڭلىغان مۇز بولغاچقا كىشىلەر يىراقتىنلا كۆرۈپ قايتىدىغان بولدى. بۇرۇنقى گۈللۈكتىن ئەسەرمۇ بولمىغاچقا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ كەتتى.

2. ھېيت - بايراملاردا ساما سالىدىغان قەشقەر خەلقى پەقەت بىر - ئىككى كۈنلا مەيداننى قىزىتىپ، ئاندىن ئاي - يىللاپ «ھېيتگاھ جامەسى» قەدەم باسمايدىغان ھالەت شەكىللەندى (ئەھلى مۇسۇلمان، ناماز ئوقۇيدىغان، جۈمە نامىزىغا كېلىدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)، سامادىن كېيىن ئائىلە بويىچە مەيدان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان گۈللۈكتە رەسىمگە چۈشىدىغان، بۇرۇنقى گۈللۈكتىكى ئىككى تال ئانارنىڭ ھەيكىلىگە توختىماي باقىدىغان كىشىلەر ئازلىدى. قىسقىسى «ئانار ماكانى» دەپ نام ئالغان قەشقەر تەبىئىيلىكىنى، ئەسلىنى يوقاتقان ئىدى.

3. «ھېيتگاھ جامەسى» ئۆزگىچىلىكىنى يوقىتىشقا باشلىدى. نېمىشقا دېگەندە مەيدان سىرتىغا جايلاشقان پەلەمپەيسىمان جايلاردا گۈل - گىياھ ساتىدىغان سودىگەر، بىر دانە تۆگە، بىر ئات، بىر قەدىمىي ھارۋىدىن باشقا مەدەنىيەت بۈشۈكىدە كۆزگە چىلىقىدىغان ئالاھىدە ئىش يوق. كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا «ھېيتگاھنى شۇ ئاتقا مېنىپ رەسىمگە چۈشسىلا بولىدىغان جاي» دەيدىغان ھالەت بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.

4. مۇھىت بۇلغاندى. يازدا قاقىرام مەيدانغا نەچچە مىڭ ساياھەتچى كەلسىمۇ، بۇ مەيداننى ئازراق مىللىي تۈسكە ئىگە قىلىپ بىزەيدىغان، تەشتەكلىك گۈلمۇ بولسا قويۇپ كىشىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدىغان، مۇھىتىنى ياخشىلاپ مەملىكىتىمىز ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ مەدەنىيەت بۆشۈكى، قەدىمى مەرۋايىت قەشقەرنى تونۇتۇشقا ئۇل ھازىرلايدىغان بىرەر ئورۇن ۋە شەخس چىقمىدى. چوكا مۇز قەغىزى، سۇلياۋ پارچىلىرى ئۇچۇپ يۈرسىمۇ، بەلگىلىگەن تازىلىق ئىشچىلىرى، مۇھىت ئاسرىغۇچىلاردىن باشقىلار ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى. بۇنىڭ بىلەن 90 - يىللاردىكىدىن ئىلگىرىكى «ھېيتگاھ جامەسى» ئەسلىنى ئەسلەيدىغان، بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.

5. «ھېيتگاھ جامەسى» ئالدىغا ئورنىتىلغان چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، دۇنيا ئىشلىرىدىن خەۋەردار قىلىشقا ياخشى ئۇل ھازىرلىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزان ئاۋازىنى بېسىۋېلىپ، كىشىلەرنى بىزار قىلدى. مەسچىت ئالدىغا ئورنىتىلغان بۇ ئىكرانغا كۆز سالىدىغان، پىكىر بىرەلەيدىغان بىرەر ئورۇن چىقمىدى... ئومۇملاشتۇرغاندا، يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن مەدەنىيەت بۆشۈكىدىكى بۇ مەرۋايىت يىراقلارغا نەزەر سېلىپ كۈندىن - كۈنگە مۇڭ بىسىشقا باشلىدى.
                                                            مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasrulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 10:38 PM  


بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 12:42:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن توپا ئاستىدىمۇ ئالتۇن،ھيتگاھ ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىردە يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بەلگىسى.باشقىلار قانداق ئۆزگەرتسۇن ھېيتگاھىنىڭ تارىخى قىممىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 12:42:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بارغاندا ئادەم شۇنداق كۆپ قايناق ئىدى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72332
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 12:43:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقىسى خەلقىمىزنىڭ ھالى بوش، جاھان چىڭىپ كەتتى ھەممە ئادەم تۇرمۇش غىمىدە قورساق غىمىدە. شۇ سەۋەبتىن ئەڭ غىرىپ جايلار مەسجىد بوپ قالدى.

مۆئمىن كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 12:47:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ ھازىر ھىيتگاھ چۆلدەرەپ قىلىۋاتىدۇ.تېمىدا بىر ئىككى كۈن ساما سەپقويۇپ ئاندىن ئاي يىللاپ قەدەم باسمايدۇ دىيىلىپتۇ،لىكىن ھازىر ھىيتگاھتا ساما سالمىغىلى 4 يىل بولاي دىدى.بۇ ھىيتتا ساما سالالايمىزمۇ يوق بۇ نامەلۇم!

http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=15656

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

نادان، سازاڭ- دەسسىۋىتىش كىرەك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48030
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4050
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 12:58:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت دىگەندەك بەزىبىر ئىشلارغا مىنىڭمۇ ئىچىم پۇشۇدۇ، بولۇپمۇ ھىيتگاھنىڭ ئالدىدا تۆگە ئاتقا مىنىپ رەسىمگە چۇشۇدىغان ئىشلارغا، يەنى چەتئەللىكلەرغۇ ئات تۆگىنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان بولۇشى مومكىن، ئۇلارنىڭ يۇرتىدا شەخسىي ماشىنا، مىترۇ، ۋە باشقا زامانىۋىي تىز قاتناش قۇراللىرى بولغاچقا، شۇڭا ئابا ئەجدادلىرىنىڭ زامانىسىدابولغان قاتناش قۇراللىرىنى مىنىپ بىقىشى مومكىن، بىزلەرچۇ شەھرىمىزدىن ببىر نەچچە كىلۇمىتىر يىراقتىكى بەشكىرەمنىڭ يوللىرىغا ياكى دۆلەتباغنىڭ يوللىرىغا چىقسا ئات ئىشەك دىگەن جىق ئىگىسىگە پۇل بىرىش ئەمەس، بەلكى مىنىپ رەسىمگە چۇشۇۋالاي دىسە خەخ خۇش بولاپ ماقۇل دەيدۇ، تىخى ھىيتگاھ مەيداندا شۇ تۆگىگە يامىشىپ رەسىمگە چۇشۇپ يۇرگەنلەرنىڭ كۆپۇنچىسى دىھقانلار،.  

باشقىلار بىلىمىنى كۆرستەلمەي ئاۋارە، بىز مايمۇندەك ناخشا ئۇسۇل ئويناپ باشقىلارنى بەل-قوڭلىرمىزغا قايلىتالماي ئەۋارە!!!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 01:40:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىيتگاھ نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىر جاي!ئاللاھ ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 02:07:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ بېرىپ باقمىدىم بىراق نامىنى كۆپ ئاڭلىغان ھېتكانىڭ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 02:25:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-8-17 02:07 AM
مەنغۇ بېرىپ باقمىدىم بىراق نامىنى كۆپ ئاڭلىغان ھېتكان ...

}پۇللىرى سىسىپ قالمىسۇن خىنىم ................
ماندا كەپ قويسا ، ساۋاپ بولدا .................

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 03:11:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىيتگاھقا كۆزتەگمىسۇن

Made in Answer
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش