|
|
|
|
چۈشۈرۈش چەكلەنگەن نەرسىلەرنىمۇ چۈشۈرۈش ئۇسولى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار تۈۋەندىكى رەسىملىك دەرىسلىكتە چۈشۈرۈش چەكلەنگەن نەرسىلەرنىمۇ چۈشۈرۈپ كومپىيوتېردا ساقلىۋېلىشنىڭ بىر ئۇسولىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئـۆتمەكچىمەن .
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ھازىر ھەرخىل چۈشۈرۈش قوراللىرى بار ئەمما بىز بەزى سۆرەتلىك فىلىملەرنى ، سۆرەتسىز ناخشا مۇزىكىلارنى توردا ئۇچرىتىپ قالىمىز ئەمما ھەرقانچە قىلىپ چۈشۈرەلمەيمىز . بۇنداق چاغدا قانداق قىلىش كىرەك دىگەندە كومپىيوتېرنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىشىمىز كىرەك . سىز ئەۋەل چۈشۈرەلمىگەن فىلىم ياكى مۇزىكىنى ئېچىپ قويۇپ تۈۋەندىكى مەشغۇلاتنى قىلىڭ . Internet Explorer نى ئوڭنى چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن 属性نى چىكىمىز بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ تۈۋەندىكىدەك
چىققان كۆزنەكتىن قىزىلغا بۇيالغان تاللاشنى چىكىڭ
ئاندىن يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ . ئچېىلغان كۆزنەكتىن قىزىلغا بۇيالغان تاللاشنى چىكىڭ
ئاندىن كومپىيوتېردىكى C:\Documents and Settings\Administrator\Local Settings\Temporary Internet Files بۇ بەت ئېچىلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى يۇۋېتىڭ . ئاندىن سىز باشتىكى ھېلىقى چۈشۈرمەكچى بولغان فىلىمنىڭ ئادرىسىنى يىڭىلاڭ 刷新 قىلىپ ياكى خەت ئۇرۇش تاختىسىدىكى F5 نى بېسىش ئارقىلىق . ئاندىن سىز چۈشۈرمەكچى بولغان كىنو قويۇلۇشقا باشلايدۇ بۇ ۋاقىتتا مۇمكىن بار توردا باشقا مەشغۇلات قىلماڭ . سىز كىنونى تۇلۇق كۆرۈپ بولۇپC:\Documents and Settings\Administrator\Local Settings\Temporary Internet Files بۇ بەتنى بىرلا يىڭىلىسىڭىز 刷新 قىلىپ ياكى خەت ئۇرۇش تاختىسىدىكى F5 بېسىپ سىز كۆرگەن كىنو ياكى مۇزىكا بۇ بەتنىڭ ئىچىگە تۇلۇق چۈشۈپ بولغان بولىدۇ بەتنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ تۈرىگە قاراپ مەسىلەن : 媒体文件 。 FLV . SWF دىگەندەك . كۈچۈرۈپ ئېلىپلا كومپىيوتېرىڭىزنىڭ باشقا جايىدا ساقلىۋالسىڭىز ئىش تامام .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 360安全卫士 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 07:57 PM
|
|
|
|
|
|