مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 770|ئىنكاس: 18

كېلدىغان مېھمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەھرالىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24790
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6566
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 04:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يەرشارىمىز ئۇزۇن جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، كېلىدىغان بىر مېھمان ئۈچۈن ھازىرلانغان ئىدى.

يەرشارى قۇياش ئەتراپىدىكى ئوربىتىسىغا يەرلەشتۈرۈلدى، ھەم ئۆزىنىڭ ئوربىتىسىدا ھەم قۇياش ئەتراپىدا ئايلىناتتى.

يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقى ۋە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى دەل مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئىدى. ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى بىلەن كېچە-كۈندۈز، قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشى بىلەن پەسىللەر ئالمىشىپ تۇراتتى.

يەرشارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى ئۆلچەملىك ئىدى. ئەگەر بىر ئاز يېقىن بولغان بولسا، يەر ئۈستىدىكى ھەممە نەرسە كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان بۇلاتتى، ئەگەر ئۇزاق بولغان بولسا، تۇڭلاپ، مۇزلاپ كەتكەن بۇلاتتى.

سىرتتىن كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك خېيىم-خەتەرلەرگە قارشى ياخشى مۇداپىئە قىلىدىغان ئاتمۇسفېرا بىلەن قورشالغان ئىدى.

يەرشارى بۇ يەرگە كېلىدىغان مېھماننىڭ ھاياتىدىكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇ يېرى سۈپىتىدە يارىتىلغان ئىدى.

يەرشارى شۇنچىلىك گۈزەللىك بىلەن زىننەتلەنگەنكى، بۇلارنى ساناپ بۇلۇشقا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيتتى.

كېلىدىغان مېھماننىڭ ئېھتىياجىغا كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەتراپلىق تەييارلانغان بولۇپ، ھېچقانداق نەرسە كەم قالمىغان ئىدى.

ھەر شەيئىي ھازىرلانغاندىن كېيىن نىھايەت ئۇ چاغ يېتىپ كەلدى.

كېلىدىغان مھېمان يارىتىلدى ۋە يەرشارىدىكى بۇ گۈزەل تۇرالغۇسىغا چۈشۈرۈلدى .

ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ناھايىتى گۈزەل ئىدى.

باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىق ئىدى .

ئەقلى ۋە ئىرادىسى بار ئىدى. ھېسىياتچان ئىدى، تەپەككۇر قىلالايتتى، سۆزلىيەلەيتتى.

ياراتقۇچى بۇ مېھماننى قەدىر-قىممەتلىك قىلدى، چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.

قۇياش ھەر سەھەر بىز ئۈچۈن تۇغىدۇ

كائىناتنىڭ تەك ياراتقۇچىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتۇر. ئاللاھ بار ئىدى، باشقا نەرسە يوق ئىدى. ئاللاھ كائىناتلارنى، پېلانىتلارنى، يۇلتۇرزلارنى، ئاينى ۋە قۇياشنى ياراتتى. ھەممىگە ھاياتلىق بەردى.

ئاللاھ يەرشارىنى بىز ئۈچۈن ياراتتى. ئۇنى تاغلار، دېڭىزلار، تۈزلەڭلىكلەر ۋە دەريالار بىلەن زېننەتلىدى. شامالنى، تۇپراقنى، سۇنى ۋە ھاۋانى ياراتتى. نۇرنى، رەڭنى ۋە ئاۋازنى ياراتتى. بارلىق جانلىقلارنى: ئۈسۈملۈكلەر، قۇشلار، قۇرت-قۇڭغۇزلار، ھاشارەتلەر ۋە گۈل-چېچەكلەرنى بىز ئۈچۈن ياراتتى. ئورمانلىقلاردا خىلمۇ- خىل مېۋىلىك، مېۋىسىز دەرەخلەرنى ياراتتى. رەڭگارەڭ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، ئۈسۈملۈكلەر، مايسىلارنى ياراتتى. ياپ -يېشىل يۆگىمەچ ئوتلارنى ياراتتى. چۈمۈلىدىن باشلاپ پىلگىچە بارلىق ھايۋاناتلارنى ياراتتى.

بەزىسىنى ئۆمىلەپ ماڭىدىغان، بەزىسىنى پۇتى بىلەن ماڭدىغان، بەزىسىنى ئىككى پۇتلۇق بەزىسىنى تۆت پۇتلۇق ۋە ھەتتا بەزىسىنى كۆپ پۇتلۇق قىلىپ ياراتتى. قۇشلارنى ئۇچسۇن دەپ ئىككى قانات بەردى. بېلىقلارنى سۇدا ئۈزسۇن دەپ پالاقچە بەردى. ھەرىلەرگە ھەسەل قۇسۇشنى ئۆگەتتى. دۇنيادا نېمە يارېتىلىشقا تېگىشلىك بولسا، ھەممىسىنى ياراتتى.

ئاللاھ: << ۋۇجۇدقا كەل!>> دېگەنلىكى ئۈچۈن ھەممە نەرسە بارلىققا كەلدى

قۇياش ھەركۈنى سەھەردە بىز ئۈچۈن تۇغىدۇ. بىز ئۈچۈن سەھەر بولىدۇ. دەريالار بىز ئۈچۈن ئاقىدۇ. گۈل -چېچەكلەر ھەر باھاردا بىز ئۈچۈن ئېچىلىدۇ. قۇشلار بىز ئۈچۈن سايرايدۇ ناخشىلىرىنى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن. ئاللاھ بىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بىزگە بۇ قەدەر قەدىر-قىممەت بەرگەن ئاللاھقا قانچىلىك شۈكۈر قىلساق يەنىلا ئازدۇر.

ئۈسۈملۈكلەر خىلمۇ-خىل، ھايۋاناتلار ھەر تۈرلۈك، گۈل-چېچەكلەر رەڭگارەڭ، مېۋىلەرنىڭ تەمى ھەرخىل. ھەممىسىنىڭ باشقىچە بىر گۈزەللىگى، باشقىچە بىر ئالاھىدىلىكى باردۇر. تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاڭقىرىپ بۇلۇشقا كۈچىمىزنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. دۇنيا گۈزەل، ئىنسان تېخىمۇ گۈزەل. بۇ قەدەر گۈزەل دۇنيا ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك گۈزەل بولغان بىر مەۋجۇداتنىڭ خىزمىتىگە تەقدىم قىلىنغان. ئاللاھ ئىنساننى مەۋجۇداتلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ۋە ئەڭ ئۈستۈنى قىلىپ ياراتقان.

بىزنى يوقتىن بار قىلغان، بىزگە كۆز-قۇلاق، پۇت-قۇل بەرگەن، بىزنى بىر ئاتا-ئانىدىن ياراتقان ئاللاھقا ئېشىنىمىز. چۈنكى ئۇ باردۇر ۋەر بىردۇر. ھەممە شەيئىنى ئۆزى يالغۇز، ھېچكىمنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولماي ياراتقان. ئاللاھ تۇغمىغان ۋە تۇغۇلمىغان. ئۇنىڭ بالىسى يۇقتۇر. بۇنىڭغا ئېھتىياجىمۇ يوقتۇر. بىز ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋەر بىرلىكىنى، ياردەمچىسى يۇقلىقىنى ۋە كائىناتنىڭ تەك ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى پەيغەمبىرىمىزدىن ۋە كىتابىمىز قۇرئانى- كەرىمدىن بىلىمىز.

دۇنيا ھاياتى بىر سەپەردۇر

دۇنياغا كېلىشىمىز بىز چىققان بۇ سەپەرنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. ئىنسان قەدەممۇ -قەدەم ياشايدۇ ھاياتىنى. قەددەممۇ-قەدەم چوڭ بولىدۇ، يوغىنايدۇ ۋە قېريىدۇ، بىر كۈنى كېلىدۇ، ئۈلىدۇ، دۇنيا ھاياتىنى تاماملايدۇ. ئاللاھ باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىق ھالدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئەقىل بىلەن ھاياتىنى مەلۇم نىشانغا بۇرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گەرچە ئىنسانغا ئەقىل بېرىلگەن بولسىمۇ، دۇنياغا خالىغانچە قۇيېۋىتىلگەن ئەمەس. ئىنسان دۇنيادىكى بۇ سەپىرىدە پەقەتلا ئەقلىنىڭ رەھبەرلىكىدە بەخىت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىر يولباشچىغا ئېھتىياجى بار. چۈنكى بۇ دۇنيا ئىنسانلار ئۈچۈن شۇنداقلا بىر ئېمتىھان مەيدانىدۇر.

دۇنيا ھاياتىدا تۇغرا يولنى كۆرسىتىدىغانلار بولغىنىدەك، تۇغرا يولدىن ئازغۇچىلارمۇ بار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قارشى چىققان شەيتان داۋاملىق ئىنسانلارنى ئازدۇرماقچى بولىدۇ. شەيتان ئىنسانلارنىڭ بەخىتلىك، راھەت ياشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن خېلمۇ-خىل ھيىلە -نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئېنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئېزىقتۇرۇپ، ناچار، قەبىھ نەرسىلەرنى گۈزەل، چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارنى تۇغرا يولدىن ئايرىپ، يامان ، ناچار ئىشلارنى قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ئاللاھ ئىنسانلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىھ ئىشلاردىن ئۇزاق قىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. پەيغەمبەرلەر بەخىت-سائادەت يولى بولغان ئاللاھنىڭ دىنىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلسا بەخىتلىك ياشايدۇ. شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئالدانسا بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا بولغان ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپلىنىدۇ .

ھەممە نەرسە بىزگە ئامانەت

ئاللاھ بىزنى ۋە بۇ گۈزەل دۇنيانى بىكارغا ياراتمىغان. ئىنسانلارغا مەسئولىيەتلەر يۈكلەنگەن. ھەممە نەرسە : بۇ دۇنيا، جانلىقلار ۋە ھاياتىمىز بىزگە ئامانەت قىلىنغان .

ئاللاھ بىزگە مەسئولىيىتىمىزنى ئادا قىلالىغۇدەك ئەقىل، تەپەككور ۋە سۆزلەپ قابىلىيىتىنى بەرگەن. تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن ئادالەت ۋە مەرھەمەت تۇيغۇسى بەرگەن.

دۇنيادا خوددىي بىزدەك جېنى بار نۇرغۇن مەۋجۇدات ياشىماقتا. يېشىل ئوت-چۆپلەر، چېمەنلەر، باغۇ-بوستانلار، گۈل-گۈلىستانلار، قۇرت-قۇڭغۇزلار، قۇشلار، بۆرە-تۈلكىلەر....نىڭمۇ ھاياتى بار. گەرچە بىزنىڭ ھاياتىمىزغا ئوخشىمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىر ھايات، جېنى بىر جاندۇر. شۇڭا، بىزلەر جېنى بار ھەر قانداق بىر مەۋجۇداتنى رەنجىتمەسلىككە تېرىشىمىز، چۈنكى ئۇلار بىزگە ئامانەتتۇر. بىز ئۈچۈن يارىتىلغان باشقا جانلىقلاردىن كائىناتنىڭ تەبىئىي تەڭپۇڭلىقىنى بۇزمىغان ئاساستا ئاللاھ بېكىتكەن ئۆلچەملەر بويىچە پايدىلانساق بولىدۇ.

دىن بەخىت-سائادەت يولىدۇر

بىزنى رەببىمىز ئاللاھ ئەڭ ياخشى تۇنۇيدۇ. چۈنكى بىزنى ئۇ ياراتقان. ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ. بىزمۇ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ياراتقانلىرىنى ياخشى كۆرىمىز. قانداق قىلساق بەختلىك، قانداق قىلساق بەخىتسىز بۇلىدىغانلىقىمىزنىمۇ ئۇ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ دۇنيادا بىزنىڭ بەخىتسىز بۇلىشىمىزنىڭ خالىمايدۇ. يامان ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق تۇرىشىمىز ئۈچۈن، بەخىتلىك، ھۇزۇرلۇق ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. پەيغەمبەرلەر بىزگە ئوخشاش ئىنسانلاردۇر. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن تاللايدۇ. ئۇلارنى ئالاھىدە قۇغدايدۇ، تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ. ئۇلار ئېسىل ئەخلاقلىق، ئىشچان، راستچىل، ئىشەنچىلىك ۋە باتۇر ئىنسانلاردۇر. بىزگە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگىتىدۇ . دىن بىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىمىزنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ھايات بىلىمى دېگەنلىكتۇر. ئىنساننىڭ ئاۋۋال ياراتقۇچىسى بىلەن، ئاندىن ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ماسلىشىپ بەخىتلىك، خوشال-خورام ياشىشىنىڭ يولىنى دىن كۆرسىتىدۇ.

ئادەم ئەلەيھسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغىچە

ئاللاھ ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتى، ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇنجى ئىنسان ھەم تۇنجى پەيغەمبەر بۇلۇپ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىدۇر. ھەممە كىشى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلگەندۇر. ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرىمىز. شۇڭا ئىنساننى ئادەم بالىسى دەپمۇ ئاتايدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر كەلگەن. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر. ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ.

بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېشىنىمىز. بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئۆزىمىزنىڭ پەيغەمبىرىدەك ياخشى كۆرىمىز. چۈنكى ئۇلارنىمۇ ئاللاھ ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا ئوخشاش ھەقىقەتنى تەبلىغ قىلغان. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارغا تۇغرا يولنى كۆرسىتىشتۇر. ئاللاھ بىر بولغانلىقى ئۈچۈن پەرقلىق زامانلاردا پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى ئارقىلىق ئەۋەتكەن دىنمۇ بىردۇر. شۇڭا ئاللاھتىن كەلگەن بارلىق دىنلارنى ئىسلام، بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىسلام پەيغەمبىرى دەپ ئاتايمىز.

تارىخ بويىچە ئىنسانلار ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن دىننى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزگەرتكەن. ئاللاھ ئەۋەتكەن بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە دىننى تەبلىغ قىلغان. لېكىن ئىنسانلار ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئاللاھ ئەۋەتكەن دىنغا ئۆزىنىڭ ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىلىرىنى قۇشىۋىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنى بۇزغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگىچە بۇ مۇشۇنداق داۋاملاشقان .

ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەر دىن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاشتۇر. لېكىن ئىنسانلارغا بەخىتلىك ھايات ياشىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلىنغان دىننىڭ ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كەتكەندە ئىنسانلار ھەقىقىي بەخىت-سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. نەتىجىدە، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن بىخەۋەر قالىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلار ھەقىقەتتىن خەۋەرسىز قالمىسۇن دەپ يېڭى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ، ياخشىلىقنى ۋە تۇغرىلىقنى داۋاملىق ئەسكە سالغان .

بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام باشقىلار تەرىپىدىن بۇزۋىتىلمىگەن يالغۇز دىندۇر. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرى مۇقەددەس كىتابىمىزغا يېزىقلىقتۇر. ئۇلۇغ كىتابىمىز بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتىشكە ئۇچرىمىغان ھالەتتە ساقلانماقتا.

ئەمدى مۇقەددەس كىتابلارنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرايلى.

مۇقەددەس كىتابلار

پەيغەمبەرلەر ئاللاھ بىلەن بىز ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈك ياكى ۋاستىچىدۇر. ھەر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى بىزگە يەتكۈزىدىغان بىر ئەلچىدۇر. ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە بەرگەن مەلۇماتلار ۋەھيى دەپ ئاتىلىدۇ. ۋەھيى ئاللاھتىن كەلگەن خەۋەر، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى دىگەنلىكتۇر. ئاللاھنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان كىتاب مۇقەددەس كىتاب دېيىلىدۇ. بۇ كىتابلار ئاللاھ ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تاللانغان پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتكەن مەلۇماتلار توپلانغان كىتابلاردۇر.

ئاللاھ بەزى پەيغەمبەرلەرگە كىتاب، بەزىلىرىگە بىر قانچە ۋاراقلىق كىچىك كىتاب بەرگەن .

بۈگۈن دۇنيادا ئاللاھ ئەۋەتكەن دەپ ئىشىنىلىدىغان تۆت چوڭ كىتاب بار. بۇلار << تەۋرات>>، << ئېنجىل>>،<< زەبور>> ۋە بىزنىڭ كىتابىمىز << قۇرئانى-كەرىم>>. <<تەۋرات>> ۋە << زەبۇر >> يەھۇدىيلارنىڭ، << ئىنجىل >> خرىستىئانلارنىڭ، <<قۇرئانى- كەرىم>> بولسا بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر. <<قۇرئانى-كەرىم>> دىن ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارغا ئىشەنگۈچىلەر ئەھلى كىتاب دەپ ئاتىلىدۇ.

<< تەۋرات >>

<< تەۋرات >> موسا ئەلەيھسسالامغا ئەۋەتىلگەن بۇلۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدۇر. مەلۇم بولغان ئەڭ مۇقەددەس كىتابتۇر. يەھۇدىيلىك بولسا، ھەم بىر دىننىڭ، ھەمدە بىر ئىرىقنىڭ ئىسمىدۇر. شۇڭا يەھۇديىلىق پەقەتلا يەھۇدىي مىللىتىنىڭ دىنىدۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتىلگەن << تەۋرات >> ئۆز پېتى ساقلانمىغان. << تەۋرات >> ئىسمى ئاستىدا يېزىلغان مەلۇماتلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەندۇر.

<<زەبۇر>>

<< زەبۇر >> داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن بۇلۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ << تەۋرات>> تىن كېيىنكى ئىككىنجى مۇقەددەس كىتابىدۇر. بۈگۈن << تەۋرات>> نىڭ ئىچىدە بىر قىسىم سۈپىتىدە يەر ئالغان . تۇنجى قېتىم قاچان كىتابلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. << زەبۇر>> مەزمۇر دەپ ئاتىلىدىغان قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان. مەزمۇنىدا ئەمىر-پەرمان يوق. شېئىر شەكلىدە يېزىلغان بىر نەسىھەتنامىدۇر .

<< ئىنجىل >>

<< ئىنجىل >> ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن بۇلۇپ، خرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالام ھايات چاغدا يېزىلمىغان. ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن نۇرغۇن دىنىي زاتلار ئۆزى خالاپ بىردىن << ئىنجىل >> يازغان ۋە بۇلار بىرلەشتۈرۈلگەن. ھەممىسى ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئىنجىلنى تۇغرا دەپ قاراپ ئىشەنگەن. بۇ قالايمىقانچىلىق تارىختا خرىستئانلار ئارىسىدا ئېتىقادنىڭ قالايمىقانلىشىشىغا سەۋەب بولغىنىدەك، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قانلىق دىن ئۇرۇشلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغىمۇ سەۋەب بولغان. خرىستىئان دىنىي زاتلار بۇ قالايمىقانچىلىقنى تۈزىتىش، رەتكە سېلىش ئۈچۈن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشىدىن 325يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىزنىك (بۈگۈن تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بىر جاي) دا بىر چوڭ يېغىن ئاچقان. نەچچە كۈن ئۇزۇن تالاش -تارتىش قىلغاندىن كېيىن << ئىنجىل >> لارنىڭ سانىنى تۆتكە چۈشۈرگەن. بۈگۈنكى << ئىنجىل >>ئەنە شۇ تۆت كىتابنىڭ بىرلەشتۈرىلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن.

<<قۇرئانى-كەرىم>>

<<قۇرئانى-كەرىم>> ئاللاھ ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى كىتابتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا مۇقەددەس كىتاب كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەمىر-پەرمانلار قىيامەت كۈنىگە قەدەر كۈچكە ئىگە.

<<قۇرئانى-كەرىم>>نىڭ باشقا مۇقەددەس كىتابلارغا ئوخشىمايدىغان ئەڭ چوڭ پەرقى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھايات چاغدا يېزىلىپ خاتىرلەنگەنلىكىدىندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبىرىمىز ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى نۇرغۇن ساھابىلەرگە يادلاتقان. بۇ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئادەت ئۇ كۈندىن بۇ كۈنگە قەدەر داۋاملاشقان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندا <<قۇرئانى-كەرىم>> مۇسۇلمانلارنىڭ قۇلىدا يېزىقلىق ھالەتتە بار ئىدى. ھالبۇكى، << تەۋرات>> موسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بۇلۇپ 700 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن كىتابلاشتۇرۇلغان. << ئىنجىل >> بولسا، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن 100-150 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يېزىلىپ كىتابلاشتۇرۇلغان.

<<قۇرئانى-كەرىم>> مۇئەييەن بىر مىللەت ياكى دەۋرگە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ مۇقەددەس كىتابىمىز <<قۇرئانى-كەرىم>>نى قىيامەتكە قەدەر شەخسەن ئۆزى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا ئۇنىڭ بىر ھەرىپىنى بولسىمۇ ئۆزگەرتىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ قۇغدالغان بىر كىتابتۇر.

ئىنسانلار <<قۇرئانى-كەرىم>>دە ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگە يولدىن ئازماي ماڭسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. ئىنساننى ۋە كائىناتنى سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ياراتقۇچى، قەلبىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يەرلەشتۈرگۈچى ئاللاھتۇر. ئويلاپ باقساڭلارچۇ؟ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى، بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان جىمى مەۋجۇدادنى ياراتقۇچى ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىنمۇ بەك چوڭ مۇكاپات بارمىدۇ؟ شۇنداق، بىز مېھرى-شەپقەت مەدەنىيىتىنىڭ بالىلىرى بىز.

ئوقۇيلى ....

ھەرە ئۆزىنىڭ ئىسمىدا نازىل بولغان سۈرە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

مەن كىچىككىنە بىر ھەسەل ھەرىسىمەن.ئاللاھ ياراتقان بۇ بۈيۈك يەرشارىدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە مىليارد جانلىقنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىمەن.

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەڭ مۇقەددەس كىتابىدا ماڭا مەخسۇس يەر بېرىپ، مېنى تىلغا ئالماقتا. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بۇيىچە <<قۇرئانى-كەرىم>> دىكى بىر سۈرىگە مېنىڭ ئىسمىمنى قويغان. بۇنى بىلگەن چېغىمدا بەك خوشال بولدۇم.

بۇ سۈرىدە ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا قانداق ئۇۋا تۈزىدىغانلىقىم، ھەرە كۆنىكىنى قانداق ياسايدىغانلىقىم، نەچچە كېلۇمېتىر ئۇزاقتا بولسىمۇ يولۇمدىن ئېزىقىپ كەتمەي مېڭىپ، چىرايلىق گۈل-چىچەكلەردىن ھەسەل شېرنىسى ئىلىپ ، ھەسەلنى قانداق چىقىرىدىغانلىقىمنى ئۆگەتتى.

بىز بۇ ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ، مۇكەممەل گېئومېتىرىك پىلان ۋە ماتىماتىكىلىق تاناسىپ بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز. ئالدى بىلەن ئالتە بۇلۇڭ شەكلىدىكى ھەسەل مۇمى ھۈجەيرىسىدىن ھاسىل بولغان بىناكارلىق مۆجىزىسى كۆنەكنى ياسايمىز. ئاندىن ھەرخىل گۈل-چېچەكلەردىن تىرىشىپ-تىرمىشىپ يېغىپ كەلگەن شېرنىلەرنى ئۆز بەدىنىمىزدە تۈرلۈك ماھارەت بىلەن ھەسەلگە ئايلاندۇرىمىز. ئاندىن بۇ ھەسەلنى كۆنەكنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئۆيگە ئىخلاس بىلەن تولدۇرۇپ تۆكىمىز . بۇ ۋەزىپىنى باشقا ھەرە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۆز -ئارا ئىش تەقسىملىشىپ ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قىلچىلىك نۇقسانسىز ئەستايىدىل ئۇرۇندايمىز .

رەببىمىز بىزگە بىلدۈرگەندىن بېرى لەززەتلىك ۋە شىپالىق بولغان ھەسەلنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلەۋاتىمىز. قىيامەتكىچە يەنە توختىماي مۇشۇنداق ئىشلەيمىز.

رەببىمىز بىزنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ھېچقانداق نەرسىنى بىكارغا ياراتمىغانلىقىنى، ھېچقانداق نەرسىنىڭ قىممىتى يۇق ۋە ئەھمىيەتسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. دەل-دەرەخلەرگە، ئۇچار-قۇشلارغا، جان-جانىۋارلارغا، رەڭگارەڭ گۈل-چېچەكلەرگە، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالارغا، ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان يولتۇزلارغا قاراپ چەكسىز كۈچ -قۇدىرەتنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزنى خالايدۇ. بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ تەڭداشسىز قانونىيىتىگە خىلاپلىق قىلماي، جىمى جانلىقلارنىڭ بەخىت-سائادىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ياخشى ئىشلار بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ھەرگىز ئۇنۇتمايلى! ئىنشائاللاھ، سىلەر بۇلارنى قىززىقسىنىپ تەتىقىق قىلارسىلەر ۋە بىز ھەرىلەرنى ھەر كۆرگەن چېغىڭلاردا بۇ سۆزىمىزنى ئەسكە ئالارسىلەر .

خوش، ئۇنداقتا سىلەر قايسى جەھەتلەردە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك؟ بۇنى ئازىراق بولسىمۇ ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن <<قۇرئانى-كەرىم>> نى كۆپ ئوقۇشىمىز كېرەك. پەقەت مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنغان بۇ سۈرە ئىچىدىلا نۇرغۇن تېما بار . كېلىڭلار بۇ سۈرىگە بىر قاراپ باقايلى :

ئىسمىم تىلغا ئېلىنغان سۈرىگە قىزىقتىڭلار، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا مەن دەپ بېرەي: نەھل سۈرىسى ئىسمىنى مەندىن ئالدى. نەھل <<ھەسەل-سەرىسى>>دىگەنلىكتۇر. بۇ سۈرە قۇرئانى-كەرىمنىڭ 16-سۈرىسىدۇر.

نەھل سۈرىسىدە 128 ئايەت بار. بۇ ئايەتلەردە ئاسمان-زېمىندا بار بولغان بارلىق مەۋجۇدادلارنىڭ گۈزەللىكى، بىر-بىرى بىلەن ماسلاشقان ھالەتتە نىزام ئىچىدە ئىكەنلىكى، ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئايان قىلىنغان .

ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان بارلىق شەيئىلەر ھەققىدە تەپەككور قىلىشى، ئاللاھنى تۇنۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن . ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، <<قۇرئانى-كەرىم>>نىڭ نازىل قىلىنىشنىڭ مەقسىدى، ئەقىلنى ئىشلىتىش ۋە تەپەككور قىلىشنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت تارتىلغان.

قىسقىسى، ئىمان، ئىنكار ، ئادالەت، ياخشىلىق ، تەپەككور، ئەقىل ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، بېلىم، سەۋرى-تاقەت ۋە تەقۋا قاتارلىقلار بۈ سۈرىدە تەكىتلەنگەن ئاساسىي تېمىلاردۇر.

ئېسىمگە كەلگەندە شۇ تېمىنىمۇ سىلەرگە ئېيىتقاچ سۆزۈمنى توختاتماقچىمەن: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پۈتكۈل مەۋجۈداتلارغا قارىتا قانچىلىك سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ھەتتا ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ ئەسكەرلىرىگە ۋە ساھابىلىرىگە :<< ھايۋانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، دەل-دەرەخلەر، ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان سالماڭلار. بالىلار، ئاياللار، ئىبادەت قىلىۋاتقان غەيرىي مۇسلىملار ( باشقا دىندىكىلەر ) ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا چېقىلماڭلار!>> دەپ تاپىلىغانلىرىغا كۈنىمىزدىكى دۇنيا قانچىلىك مۇھتاج -ھە! مەن بۇلارنىڭ ئاڭلىغان چېغىمدا قاتتىق تەسىرلەندىم. ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر بىزگە ئوخشاش كىچىككىنە بىر جانلىققىمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنسانلارغا بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋاتسا ، مەن قانداقمۇ تەسىرلەنمەي تۇرالايمەن؟


مەنبە : ئىزدىنىش تورى


مەن كەڭ دوستلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن يوللىدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 10:04 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
möljarli + 33 تەپەككۇرى كۈچلۈك
sazguri + 59 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 92   باھا خاتىرىسى

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تېتىيمەن، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم.

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 05:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
loituma يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 05:37 PM
تېما ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.تېما بىلەن مۇناسىۋەتس ...

كەچۈرۈڭ، تىمىڭىز ئىجادىيمىتى ياكى كۈچۈرۈلمىتى؟

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4282
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 05:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
loituma يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 05:37 PM
تېما ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.تېما بىلەن مۇناسىۋەتس ...

مەن باشقۇرغۇچى بولمىساممۇ  باشقا مۇنبەردە باشقۇرغۇچى بۇلۇپ باققان ھەم مۇنبەرمۇ قۇرۇپ باققان شۇڭا بۇ سۇئالىڭىزغا مەنلا جاۋاپ بېرىۋىتەي

جاۋابى بىرلا سۆز ( سىياسى ) چۈشەنگەنسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33857
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5364
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 05:59:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ قىسقا ھەجىم بىلەن تولۇق، كەڭ مەنە ئىپادىلىنىپتۇ!  تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر....

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىدىكەن، شۇنى دىنى ئىلمگە باي قىلىدۇ ،دىگەن.
ئاللا : بىلگەن (ھىدايەت نۇرى ئاستىدىكى ئادەم) بىلەن  بىلمىگەن (زالالەت قاراڭغۇلىقىدىكى ) ئادەم باراۋەر بولمايدۇ ، دىگەن.

ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن،
ئاللا گۈزەل، ئاللانىڭ ياراتقانلىرى گۈزەل، غەمكىن دىللار پەقەت ئاللانى ياد ئېتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ!
بىزگە ھەممىدىن يېىقىن بولغان، گۈزەل ئارزۇلىرىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ ، غەمدىن خالاس قىلغۇچى، كۆيۇمچان، گۈناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلىپ تەۋپىق بەرگۈچى مىھرىبانىمىز ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن، گەرچە لايقىدا مەدىھيەلەلمىسەكمۇ.......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
möljarli + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 06:00:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaliptax يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 05:39 PM
مەن باشقۇرغۇچى بولمىساممۇ  باشقا مۇنبەردە باشقۇرغۇچى ...

نىمىگگ  ئاساسەن  سىياسى دەيسىزھەق دىننى سۆزلەش بىزنىڭ مەجبۇرۇيتىمىز

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33857
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5364
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 06:06:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 06:00 PM
نىمىگگ  ئاساسەن  سىياسى دەيسىزھەق دىننى سۆزلەش بىزنىڭ ...

ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا!..........
شۇنداق ياخشى تېما چىقۋاتسا نىمە مۇناسىۋەتسىز بەس -مۇنازىرە بۇ؟  قانداقلىكى بىر تېمىغا مۇشۇنداق ئىنكاس...
ئىزدىنىش تورىدىن دەپتۇغۇ،  كۆچۈردۈڭ دىيىش بىلەن  بۇنداق تەپەككۈر سەندە نىمىش قىلسۇن دىمەكچىما تېما ئىگىسىگە؟ ۋەياكى .....

توۋا، شاكالغا ئېسلىلۋالماي مېغىزىدىن پايدلىنىشىنى خالىغانلا پايدىلانسۇن، زىيىنى يوققۇ


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33873
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4409
تۆھپە نۇمۇرى: 243
توردا: 508 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 06:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت دەپتىكەن كونىلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 07:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېمپىراتور يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 05:39 PM
كەچۈرۈڭ، تىمىڭىز ئىجادىيمىتى ياكى كۈچۈرۈلمىتى؟

كۆچۈرۈلمە،ئەمما مەنبە ھەممە نەرسە ئەسكەرتىلگەن...

ناماز بىزگە پەرز،بىز ئاللاھقا قەرز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 07:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaliptax يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 05:39 PM
مەن باشقۇرغۇچى بولمىساممۇ  باشقا مۇنبەردە باشقۇرغۇچى ...

كەچۈرۈڭ،دىمەكچى بولغىنىڭىزنىڭ تېگىگە تازا يېتەلمىدىم

ناماز بىزگە پەرز،بىز ئاللاھقا قەرز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82465
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 08:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇياش بىزگە تۇغ دەپسىز,, ئەمما مەن يېقىندا بىر توردىن ئاخىرقى زامان توغرىسدىكى بىرنىملەرنى كۇرۇپ قالدىم,, ئۇنىڭدا قۇياش يۇزى تۇيۇقسىز نۇرلىنىپ كەتتى  , قۇياش پارىتىلايدۇ دىگەندەك بىرنىملەرنى كۇرۇپ قالدىم,, ھەم ئازراق قورقۇپ قالدىم,,,,
http://www.yexil.cn/Ishench_play.php?ID=1736&V=0  

مەيلى سىز قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراڭ,,  سىز باشقىلاردىن ياردەم سوراشتىن  بۇرۇن ئۇزىڭىزدىن سوراڭ ,چۇنكى باشق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش