بېرما مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى(1)
بېرما(ميەنمار) بىر تىپىك بۇددا دىنى دۆلىتى،بىراق ئەنگلىيە(برىتانىيە) مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە،ئىسلام دىنىنىڭ بېرمىدىكى سىياسى،ئىقتىسادى ۋە جەمىئىيىتىدىكى تەسىرى تەدىرجى زورايغان.بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرسىدىكى دىنى توقۇنۇش دائىم يۈز بېرىپ تۇرغان،ئاراكان رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ھەركىتى ئەزەلدىن توختاپ باقمىغان.بېرما ھۆكۈمىتى گەرچە بىر قاتار تەدبىر قوللىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنمىچىلىك مەسلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ھەرقايسى دىن مۇرتلىرى ئارسىدىكى ئىناقلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ،بىراق كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى.بەزى سىياسەتلەر ھەتتا بېرمىنىڭ خەلقئارالىق ئوبرازى ۋى تاشقى مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتتى.
1.بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەقىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى
بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مەيلى دېموكراتىك پارلامېنتلىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان مەزگىل ياكى ھەربىيلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل بولسۇن،بۇددا دىنى بېرما ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتى ئەڭ بەك دىققەت قىلدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلدى.شۇڭلاشقا،بېرما ئاساسى قانۇنىدا گەرچە دىنى-ئېتىقاد ئەركىن دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ بىراق بېرمىدا ئىسلام دىنى نەچچە ئون يىل مابەيدىنىدە ئەمەلىيەتتە تۈزۈك تەرەقىياتقا ئېرىشەلمىدى.
2.ئۇنۇ مەزگىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاساسى جەھەتتىن بېرمىغا كۆچكەن ھىندىستانلىقلارنىڭ سانىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
1824-يىلدىن بۇرۇن،بېرمىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بىرقەدەر ئاز بولۇپ ئاساسلىقى ئاراكان رايونىغا تارقالغانىدى.رانگون،ماندالاي قاتارلىق مەركىزى شەھەرلەردىمۇ بىرقىسىم مۇسۇلمانلار ياشايتى.بىرىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-بېرما ئۇرۇشىدىن كېيىن،ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار كەڭ كۆلەمدە بېرمىغا كۆچۈشكە باشلىدى.ئىستاتىسكا قىلىنىشچە،ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە،بىر مىليوندىن ئارتۇق ھىندىستانلىق بېرمىغا كۆچكەن.1941-يىلى،بېرمىدىكى ھىندىستانلىق كۆچمەنلەرنىڭ سانى يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ،پۈتۈن بېرما نوپوسىنىڭ%6نى ،رانگون شەھىرى نوپۇسىنىڭ %4.5نى ئىگەللىگەن.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىردا بېرمىلىقلار بىلەن ھىندىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم مىللىي،دىنى توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن،ئەنگلىيە مۇستەملىكە دائىرلىرى 1941-يىلدىن باشلاپ ھىندىستانلىقلارنىڭ بېرمىغا بولغان كۆچۈشىنى چەكلەيدىغان <<ھىندىستان كۆچمەنلەر كېلىشىمى>>نى ئېلان قىلغان،شۇندىن كېيىن بېرمىغا كۆچىدىغان ھىندىستانلىقلارنىڭ سانى خېلى ئازايغان.
ياپونىيە بېرمىغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە،تەخمىنەن500مىڭ ھىندىستانلىق ھىندىستانغا قايتقان.1962-يىلى،ئۇ نەۋىن ھۆكۈمىتى تەخىتكە چىققاندىن كېيىن،يەنە 300مىڭ ھىندىستانلىق بېرمىدىن كەتكەن.بىراق نۆۋەتتە بېرمىدىكى ھىندىستانلىقلار تەخمىنەن يەنىلا بىر مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ،نۇرغۇن شەھەرلەردە چوڭ تىپتىكى ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىققان.بىراق 1948-يىلى بېرما مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە،بېرمىدا پەقەت200نەچچە مىڭ مۇسۇلمانلارلا بار ئىدى.
بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن،بېرما مىللىي ھۆكۈمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە بېرمىدىن كەتكەن ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بېرمىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ھەمدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.بېرما پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش بىر قەدەر قىيىن بولغانلىقتىن،بەزى ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار ئۆزلىكىدىن بېرمىدىن ھىندىستانغا قايتىپ كەتكەن.شۇڭلاشقا،ئۇنۇۋىن ھۆكۈمىتى ھاكىميەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە،بېرما مۇسۇلمانلىرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئازايغان.1954-يىلدىكى نوپۇس ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا،بېرمىدا ئەينى ۋاقىتتا پەقەت 100مىڭلا مۇسۇلمان بولۇپ،بېرما ئومۇمى نوپۇسىنىڭ %0.05نى ئىگەللىگەن.1958-يىلغا كەلگەندە،بېرمىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 800مىڭ بولۇپ،يېرىم دېگۈدەك ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار ئىدى.
2.بېرمىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىردىن بۇيان ھەرقايسى مەزگىللەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىردىن بۇيان،بېرمىدىكى ھىندىستانلىق مۇھاجىرلار يەنە كەڭ كۆلەمدە ھىندىستانغا قايتىمىغان.بىراق ئاراكان رايونىدىكى مۇسۇلمانلار 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 90-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەمدە بېنگالغا قېچىپ كەتكەن.تۆۋەندىكى جەدىۋەل بولسا 70-يىللاردىن بۇيان بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ ئىستاتىسكىسى(بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىسكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان بېرما مۇسۇلمانلىرى نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى
3.بېرما مۇسۇلمانلىرنىڭ قۇرۇلىمسى ۋە تارقىلىشى
دىنى ئەقىدىكى پەرقىگە ئاساسەن،بېرما مۇسۇلمانلىرى سۈننى،شىئە،ۋە ۋاھابى دېگەن مەزھەبلەرگە بۆلۈنگەن،لېكىن كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا بېرما مۇسۇلمانلىرىنى ھىندىستانلىق ياكى ئەمەسلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە بېرما مۇسۇلمانلىرى ئادەتتە ئۈچ چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ،ئاراكان شتاتىدىكى روھىنگيالار(Rohingya)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك مۇسۇلمانلار،ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دۆلەتتىن كەلگەن مۇسۇلمان كۆچمەنلەر.
بېرما فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئاراكان شتاتى(بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي)
بېرمىلىقلارنىڭ ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار گەرچە ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،بىراق بېرمىنىڭ ھەرقايسى ئاساسلىق مىللەتلىرى ئىچىدە مۇسۇلمانلار باردۇر.بېرمىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى روھىنگيالاردۇر.<روھىنگىيا>دېگەن سۆز بېرمىنىڭ ئاراكان شتاتىنىڭ قەدىمقى نامى Rohangدىن كەلگەن دېيىلدۇ،بىراق Rohang دېگەن سۆز ئەرەبچە سۆزدىن Raham(ھېسىداشلىق) كەلگەن.يەنە بىر خىل كۆزقارش بولسا <روھىنگىيا>دېگەن سۆز بېرما تىلىدكى مەنىسى <قەدىمى كەنتتىن كەلگەن يولۋاس>دېگەنلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
روھىنگىيالار بولسا ئەرەبلەر،ئافغانلار،مورلار،پارسلار،تۈركلەر ۋە بېنگاللارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاراكان شىتاتىدا تۇرىۋاتقىنىغا 1300يىلدىن ئاشتى،بىراق روھىنگىيالارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە بېرمىغا كىرگەن ۋاقتىغا قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد بولۇپ،بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن ئاراكانلار روھىنگىيالارنى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارايدۇ،يەنە بەزىلەر روھىنگىيالارنى چىتتاگوڭ(بېنگالدىكى بىر شەھەر)ۋە ئاراكان يەرلىكلىرنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ.نۆۋەتتە روھىنگىيالار ئاراكاننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلانغان بولۇپ،بەزى ماتېرياللارنىڭ قارىشىچە ئاراكان شتاتىدا تۇرۇشلۇق روھىنگىيالارنىڭ نوپۇسى 3مىليون500مىڭغا يېتىدۇ،يەنە بەزىلەر ئۇلارنىڭ نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ ئاراكان شىتاتى نوپۇسىنىڭ %50نى ئىگەللەيدۇ دەپ قارايدۇ.بىراق بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى،روھىنگىيالارنىڭ بېرمىدىكى سالاھىيىتى بىر قەدەر ئوسال ئەھۋالدا بولۇپ،ئۇنۇ ھۆكۈمىتى ئىلىگىرى روھىنگىيالارنىڭ بېرمىنىڭ يەرلىك مىللەتلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ بىراق 1962-يىلدىن بۈگۈنگىچە،بېرما ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلماي كەلدى.
روھىنگىيالار ئۇنەۋىن ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،سەئۇدى ئەرەبىستان،ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى،مىسىر،پاكىستان،تايلاند،مالايسىيە ۋە بېنگاللارغا توختىماي قېچىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە مالايسىيە نەچچە مىڭ روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىغا باشپاناھ بولدى،بىراق بېنگالدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 60مىڭ ئاشىتى.بەزى ماتېرىياللار ھەتتا بېرمىدىن بېنگالغا قاچقان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 500مىڭ يېتىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،روھىنگىيالار خەلقئارا ئىنسانى ھوقۇق تەشكىلاتى تەرپىدىن <شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى پەلەستىنلىكلەر>دەپ ئاتالدى.ئاراكان شىتاتىنىڭ شىمالى قىسمىدا روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ نوپۇسى نۆۋەتتە شۇ يەرنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ %90نى ئىگەللەيدۇ.
4.ھەرقايسى جەھەتتىن مۇسۇلمانلارغا بولغان تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش
1948-يىلى بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن،بېرما ھۆكۈمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بېرمىدىن كەتكەن ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بېرمىغا قايتا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىدى ھەمدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.بېرمنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش بىر قەدەر قىيىن بولغانلىقتىن،بەزى مۇسۇلمانلار بېرمىدىن ئۆزلىكىدىن كېتىپ قالدى.ئۇنەۋىن ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ كۆلەمدىكى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش ھەركىتى مەزگىلىدە،زور تۈركۈم ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلۈكى تارتىۋېلىندى.بۇ ئۇزۇن مەزگىل بېرمىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان مۇسۇلمانلار توختىماستىن چېگرىدىن ئايرىلدى.ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىم سۆزىلىشىشى ئارقىلىق 1969-يىلى 3-ئايدا ھىندىستان زوڭلىسى ئىندىرا گەندى بېرمىنى زىيارەت قىلغان چاغدا،ئۇنەۋىن(ئەينى ۋاقىتتىكى بېرما زوڭلىسى)60مىڭ بېرمىدا تۇغۇلغان ھىندىستانلىق مۇھاجىرنىڭ رەسمىي پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرشىگە مەجبۇرى قوشۇلدى،بىراق يەنە %20 ھىندىستانلىق مۇھاجىر پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى.كېيىن بېرما ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلۇق پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ،بىراق ئۇلارنى <تىزىملاتقان چەتئەللىكلەر>سۈپتىدە بېرمىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدى.
1982-يىلى ئېلان قىلىنغان <<يېڭى پۇقرالار قانۇنى>> ئۇنەۋىن ھۆكۈمىتى بېنگالدىن قايتۇرۇلغان روھىنگىيالارنى رەت قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان دەپ قارالدى.قانۇن ۋە تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كوممېتېتى 1988-يىلى دۆلەت ھاكىميىتىنى ئۆتكۈزۋالغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا <پۇقرالىق سالاھىيىتنى تەكشۈرۈش كارتىسى>نى ئىناۋەتلىك كىنىشكا سۈپتىدە تارقىتىپ بەردى،بىراق بۇخىل سالاھىيەت تەكشۈرۈش بۈگۈنگىچە ئاخىرلاشمىدى ھەمدە بۇ مۇسۇلمانلارغا خەلقئارالىق پاسپورت تارقىتىشنى رەت قىلدى.بۇ روھىنگىيالارنى دۆلەتتىن چىقىشقا ئامالىسىز قالدۇردى،ئۇلار ھەتتا چېگرا ساياھىتى قىلدىغان ۋىزىغىمۇ ئىلتىماس قىلالمايتى.بۇ بۈگۈنكى بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئېغىر كەمسىتىش دەپ قارالدى.
بېرما مۇستەقىل بولۇپ 1961-يىلىغىچە،ئۇنۇ ھۆكۈمىتى ھەريىلى بەلگىلىك ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىىگە بېرىپ ھەج قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.ئۇنۇۋىن ھاكىميەت يۈرگۈزگەن 1962-يىلدىن 1974-يىلغىچە بېرما مۇسۇلمانلىرنىڭ مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشى توختىتىپ قويۇلدى.1980-يىلى ئۇنەۋىن ھۆكۈمىتى بېرما مۇسۇلمانلىرنىڭ مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى،كېرەكلىك تاشقى پرېۋوتىنى دۆلەت تەمىنلىدى.ھەرقايسى يىللاردا مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغىلى بارغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىدەك:1980-يىلى 70ئادەم،1981-يىلدىن 1986-يىلغىچە ھەريىلى 150ئادەم،1987-يىلى 70ئادەم،1988-يىلى مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن توختىپ قويۇلدى،1989-يىلى 100ئادەم،1990-يىلى 150ئادەم،1991-يىلى 150 ئادەم،1992-يىلى 200ئادەم.بىراق بېرما ھۆكۈمىتى ھەج قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ئادەم سانى بىلەن بېرما مۇسۇلمانلىرنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسدا پەرق ناھايىتى چوڭ ھەم بېرمىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەج قىلغۇچىلىلارغا بولغان تەكشۈرۈش كۈنسايىن كۈچەيدى.بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن،مىسىردىن بۆلەك باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرى ۋىزا بېجىرىشنى ئۈمىد قىلغان بېرما مۇسۇلمانلىرىغا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.ھەج قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،بېرما مۇسۇلمانلىرى بارلىق ئاماللارنى ئويلاپ تاپتى،بەزىلىرى ئاۋال پاسپورت ئىلتىماس قىلىپ سىنگاپورغا بېرىپ مەدىكار بولۇپ،ئاندىن ئايلىنىپ مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى.بەزىلىرى ئاۋال تايلاند ساياھەتكە بېرىشقا پاسپورت ئىلتىماس قىلىپ ئاندىن باڭكوكتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدا ۋىزا ئىلتىماس قىلدى،يەنە بەزىلەر ھەج مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتلاردا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ كېلەتتى.
بېرما ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىسلام ئەللىرى تەشكىلاتى(OIC)،ئىسلام تەرەقىيات بانكىسى(IDB)،دۇنيا مۇسۇلمان ياشلار قۇرۇلتىيى(WAMY)قاتارلىق خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرنىڭ بېرمىدا ئىش بېجىرىش ئورنى تەسسس قىلىشنى ياقتۇرمايتى ھەم دۆلەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرنىڭ بۇ تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىشىگە قارشى ئىدى.بىراق بېرمىدىكى بىرقىسىم مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بىلەن خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا غەيرى رەسمىي ئالاقە مەۋجۇت ئىدى.خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرىمۇ بېرما مۇسۇلمانلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ دىنى بىلىملەر ۋە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرنى ئۆگىنىشىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەردى.مەسلەن ئىسلام تەرەقىيات بانكىسى يۈزدەك بېرمىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە بېرىپ تىبابەت،قۇرۇلۇش ۋە ئىقتىساد قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىشىگە ئىقىتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەرگەنىدى.
مەجبۇرى كۆچۈرۈش ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشمۇ بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلىش ۋاستىلىرنىڭ بىرى ئىدى،ئەمما بۇ ۋاستە پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا قارتىغلىق ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە.بىراق ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمانلارنى قاتناش قولاي رايونلاردىن سىرت بىلەن ئالاقىسى ئاساسەن ئۈزۈلگەن رايونلارغا كۆچۈرۈشى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.ئۇندىن باشقا ئاراكان شىتاتىدا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلار تۇرۇشلۇق كەنتنىڭ باشلىقى ياكى ساقچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ بىر كەنتتىن يەنە بىر كەنتتكە كۆچۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايتى،بېرمىدىن ئايرىلىش بولسا تولۇق چەكلەنگەن ئىدى.20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ،بېرما ھۆكۈمىتى رانگوندىكى قەبرىستانلىقنى تەدىرجى شەھەر سىرتىغا كۆچۈرۈشكە باشلىدى،بىراق قەبىرستانلىق قۇرۇشتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئېتىقادى بىلەن چاتىغى بولمىدى.
1962-يىلدىن بېرى،مۇسۇلمانلار ئارمىيە،ساقچى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش بولسا بىر تۈرلۈك ئەمەلىي يولغا قويۇلۇش ۋاقتى ئۇزاق ئەمما ئاشكارىلانمايدىغان سىياسەت ئىدى،بولۇپمۇ 1988-يىلدىن كېيىن بۇ سىياسەت تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىلدى.بۇ ھەرگىزمۇ بىر قانچە مۇسۇلماننىڭ ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلدىغانلىقىنى چەتكە قاقمايدۇ،ئەلۋەتتە.مەسلەن،1990-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بېرما ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى مۇسۇلمان ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى،بېرما گەرچە رانگون قاتارلىق چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا خېلى كۆپ يېڭى شەھەر-بازارلارنى قۇرغان بولسىمۇ ،بىراق بېرما ھۆكۈمىتى يېڭى مەسچىت سالدىغان يەر بىلەن تەمىنلىمىدى،شۇڭلاشقا،يېڭى بىر مەسچىت سېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى.بار بولغان مەسچىتلەرنى بىر تالاي ھۆكۈمەت تەرتىپىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن رېمونت قىلىشقا بولاتتى،مەبلەغ ۋە ئىقتىسادى ياردەم كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن رېمونت قىلىش ئەمەلىيەتتە ناھايتى تەسكە توختايتى.بېرما ھۆكۈمىتى يەنە لابا قاتارلىق ئاۋاز كۈچەيتىش ئەسۋابلىرىنى تىلاۋەتكە ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى،ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى ھەم مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلمىدى.
مەزكۇر يازمىنىڭ مەزمۇنى سەل ئۇزۇنراق بولغانلىقتىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يېرىمىنى تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىدىم،قالغان يېرىمىنى كېيىن ۋاقىت چىققاندا تەرجىمە قىلىپ قايتا يوللايمەن.
مەنبە:جوڭگو مۇسۇلمانلار تورى تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 05:38 PM
|