ئاتالمىش ساختا شائېر كەكمەنىر شائىر كەكمەنىر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى سولچىل ئىدىيىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ،ساختا شائېر ھەم ساختا تارىخى شەخستۇر. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىينىڭ بىر خادىمى سولچىل ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ قەشقەر ئوپالدىن چىققان بىر پارچە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بار يادىكارلىققا ئۈچ پارچە خەنزۇچە شېئىرنى كۆچەرتىپ چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن كونا شەھرىدىن چىققان دەپ جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان. شېئىردا شائىر كەكمەنىرنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ ئون يىلغىچە خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ماددىي پاكىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ ناھايىتى زور داغدۇغا قوزغالغان. ئاتاقلىق شاھىر گومورو ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور داغدۇغا قوزغالغان. بەزى ئەدىبلەر گۇمان قىلسىمۇ ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىغان،1990-يىللارغا كەلگەندە ئاتاقلىق يازغۇچى ياڭ نىيەن ئەپەندى 10 يىلدەك ئىزدىنىش، ئىز قوغلاپ پاكىت ئىزدەش نەتىجىسىدا بۇ ساختا شائىر شەرىمسار بولغان. بۇ يالغان شائىرنىڭ چاندۇرۇپ قويغان يەرلىرى ئېنىق بولۇپ، ئىشلەتكەن بەزى سۆزلىرى (مەسىلەن "نان"دېگەندەك) ئۇ ياشىغان 8-ئەسىرگە ئەمەس،20-ئەسىرگە تەۋە بولۇپ قالغان، كاربۇن 14 تەجىرىبىسى بىلەن تەكشۈرگەندە بۇ قەغەز 8-ئەسىرنىڭ بولماستىن،ئۇنىڭدىن خېلىلا كېيىنكى دەۋىرنىڭ ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. كەكمەنىر كىتاپلاردا كەكمەنىر،كۇمار،قەمەر دېگەندەك ناملاردىمۇ ئاتالغان. ئۇ دەسلەپتە ئۇيغۇر دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە مىللىتى تۇيغۇن بولۇشى كېرەك، دەپ كۆپ مۇنازىرلەر بولغان.بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلار بولسا "شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى"، "تەڭرىتاغ" ژورناللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە سانىدىكى ۋە "جۇڭگۇ چېگرا رايۇن تارىخ-جئۇغراپىيىسى"ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان يازغۇچى ياڭ نيەن ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىگە مۇراجەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنبە:غالىپ بارات ئەركنىڭ "كروراننىڭ سىرى"ناملىق كىتابىنىڭ 499-،500-بەتلىرىدىن ئېلىندى. قوشۇمچە: مەن مەزكۇر ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن بىر قىسىم تور بېكەتلەرنى ئاختۇرۇپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقتىم. كەكمەنىرنىڭ ساختىلىقىنى بىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا تاڭ دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇر شائىر "قەمەر"دەپ ئالغان ئىكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى "تاڭ دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىر توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. ھەتتا بىر قىسىم بالىلارغا بېغىشلانغان قەدىمكى شېئىرلار توپلاملىرىغىمۇ بۇ ئاتالمىش ساختا شائېرنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. گومورودەك بىر داڭلىق شائىرنىڭ كەكمەنىر ھەققىدە ماقالە يېزىپ ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۋېتىشى بىلەن بۇ ئاتالمىش شائىر خېلى ئۇزۇن دەۋىر سۈرگەن. ياڭ نيەن ئەپەندى ئۇنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن تۇشمۇ-تۇشتىن سۆكۈشلەر باشلىنىپ كەتكەن. ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقىلىرى ئالدامچىلىقى بولسىلا بۇ ۋەقە بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئېلىندىغان ئىشقا ئايلانغان. ئىلىم ساھەسىدىكى شەخىسنىڭ نوپۇزىغا چوقۇنۇش ۋە نوپۇزلۇق شەخىسلەرنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ساختىلىقلارنىڭ بىز بىلەن بىللە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۋاتقانلىقىنى ئاساسلىق سەۋەبى بولسا كېرەك.ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا تۆۋەندىكى ئادىرىسلارغا كىرىپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. 1)كەكمەنىرنىڭ ھاياتى ۋە شېئىرلىرى تونۇشتۇرۇلغان ماقالە ئادىرىسى: http://baike.baidu.com/history/id=5576408 2)ياڭ نيەن ئەپەندىنىڭ بۇ شائىرنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلاپ يازغان ماقالىسىنىڭ ئادىرىسى:
http://www.tianya.cn/publicforum/Content/poem/1/53484.shtml
ئەمدى مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن تۆۋەندىكىسى كەكمەنىر شېئىرلىرىنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان كىشى ياڭ نيەن)ئوڭ تەرەپتىكىسى( ئەپەندى.
تۆۋەندىكىسى كەكمەنىر شېئىرلىرىنىڭ ساختىلىقى بايقالغاندىن كېيىنكى بەس مۇنازىرىلەر جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ھەجىۋى رەسىم
تۆۋەندىكىسى بالىلار قەدىمكى ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىش ئوقۇشلۇقلىرىغا كىرگۈزۈلگەن كەكمەنىر شېئىرلىرىدىن پارچە
تۆۋەندىكىسى گومورونىڭ "تېپىلغان مەدەنىيەت ياىكارلىقىلىرى ھەققىدىكى ئىشلار"ناملىق ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن كەكمەنىر شېئىرلىرى
كەكمەنىرنىڭ ئەسلى قول يازمىلىرى گومورنىڭ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن
تۆۋەندىكىسى كەكمەنىر شېئىرلىرى تېپىلغان چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ كونا مىرەندىكى تاڭ دەۋرى ھەربىي ئىشلار قۇرۇلىنىڭ خارابە ئىزى
تۆۋەندىكىسى خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان كەكمەنىر شېئىرلىرى توپلىمى
!
مەنبە: ئۆزەم
مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 10:14 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-17 02:47 PM):
سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى بەيدۇ تورى، پۈتۈن يازمىنىڭ مەنبەسى:http://www.lopnuri.com/?p=2313
|