يۇرتىمىز قار باسمىدىكى بىر قىسىم تىل ئالاھىدىلىكى
قارباسما قاغىلىق ناھيىسىنىڭ شەرىقى شىمالدكى تەكىماكان قۇملۇقى بويغا جايلاشقان قەدىم يۇرت بولۇپ بۇيۇرت ئاڭلاشلارغا قارىغانداقەدىمدە شەھەر بولغانمىش(يەنى كۆتر زەڭگنىڭ شەھرى) لىكن مەن تارىخى ماتىريالنى كۆرۈپ باقمىدىم پەقەت تىل ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلدىم بۇيەردىكىلەردە قەدىمكى تىل ئالاھىدىلىكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى سۆزلەنىڭ باشقا ئاھاڭى ساقلانغان ، بىرقانچە ئۆرنەكلەر؛
ئاننام ------------ ئانام
دادتام ------------ دادام
ئاككام------------ ئاكام
بايىپ ------------بىرىپ
چاغىۋا------------شۇنداق ئوخشايدۇ
كىشىپ ----------- كىرىپ
ئاۋالدى-----------ئىلۋالدى
سەلەڭ ------------ قورىغان سەي
توخماقشىن ----------- تارازا
بىنمە --------------- بىرەر نىمە
كوڭكا --------------- ماشىنا
قىغانتىن---------------- قىلغاندىكىن
قاتارلىق بىرقانچە سۆزلەر بار بولۇپ قارىماققا قەدىمى تىل دەك قىلسىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ، مەن ئويلىنىپ قالدىم قارباسمىغا يقىن بولغان باشقا يۇرتىكلەر بۇسۆزلەرنى قىلمايدۇ ياكى ئاز ساندا ئشلىتىدۇ ، قار باسمنىڭ ئۆزىدە تۇغۇلغان ئوغۇل قىزلاردا سۆڭەك يوغۇن ، بويى ئىگىز، تىرىسى قارامتۇل بۇلۇشتەك بەدەن ئالاھىدىلىكى ساقلانغان. سرىتتىن كەلگەن ھەرقانداق ئادەمنى ئوڭايلىقچە ئارىغا ئالمايدىغان پىسخكىلق روھى ھالەت مەۋجۇت. بۇ مۇ بەلكىم تارىخنىڭ قالدۇرغان يالدامىسى بولىشى مومكىن مەن بۇ يۇرت توغرىسدا ئىزدىنۋاتىمەن، باشقا ماتىريال بار ياكى تارىخىنى چۇڭقۇر بىلدىغان تورداشلا يارىدىمىنى ئايمغاي .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 04:15 PM