نامازدا تۇرۇپ يانفۇن سايراپ كەتسە قانداق قىلىش كىرەك؟ -
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ – سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت – سالاملار بولسۇن.
مەسجىدكە كىرىشتىن بۇرۇن يانفۇننى ياكى ئاۋازىنى تاقىۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نامىزىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ناۋادا يانفوننى تاقىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ مەسجىدكە كىرىپ نامازغا تۇرغان بولسا نامازدا سايراپ كەتسە دەرھال تاقىۋېتىشى ۋاجىب، قويۇۋەرسە گۇناھكار بولىدۇ، تاقىۋەتكەندە كۆپ ھەرىكەت قىلىپ يۈرمەي، تېلېفۇن قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ياكى نۇمۇرىغا قاراپ يۈرمەي ئاز ھەرىكەت بىلەن تاقىۋېتىش لازىم.
ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئادەتتە نامازنىڭ جايىدا بولىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بەزىبىر ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلسا نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ، ئەكسىچە نامازغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يانفۇن ئاۋازىنى تاقىۋەتمەي تۇرغان تەقدىردە ئۆزىنىڭ ۋە باشقا نامازخانلارنىڭ دىققىتىنى بۇزۇۋېتىدۇ.
نامازنىڭ جايىدا بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئازغىنە ھەرىكەتنىڭ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلىرىدە كەلگەن. مەسىلەن:
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قېتىم جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا رەسۇلۇللاھنىڭ كەشىدە مەينەتلىك بارلىقىنى جىبرىل خەۋەر قىلغاندا رەسۇلۇللاھ نامازدا تۇرۇپلا كەشىنى سېلىۋەتكەن.(سۈنەنى ئەبى داۋۇد 650-ھەدىس)
ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۇخلىغاندا ئىككى پۇتۇم رەسۇلۇللاھنىڭ قىبلە تەرىپىگە توغرا كېلىپ قالاتتى، رەسۇلۇللاھ سەجدە قىلغاندا مېنى نوقۇپ قوياتتى دە، مەن پۇتلىرىمنى يىغىۋالاتتىم، سەجدىدىن قوپقاندا پۇتلىرىمنى سۇنۇۋالاتتىم. ئۇ كۈنلەردە ئۆيلەردە چىراق يوق ئىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 382-ھەدىس)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن (ھاممام) مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ كېچىسى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە ئىكەن، رەسۇلۇللاھ كېچىدە تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ نامازغا تۇرۇۋىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ سول تەرىپىدە تۇرسام، ئۇ مېنى تۇتۇپ ئوڭ تەرىپىگە تۇرغۇزۇپ قويدى، ئاندىن ئون ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇدى.(سەھىھۇل بۇخارى 698-ھەدىس)
يانفۇننى تاقىۋېتىشمۇ نامازنىڭ جايىدا بولىشى ئۈچۈن قىلىدىغان ئازغىنە ئىش-ھەرىكەتتىن ئىبارەت.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبەhttp://aqkepter.blogbus.com/logs/130082855.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 03:25 PM