مەن يەنە كەلدىم
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى ئەزىزلەر !!! ئالتۇن بويۇڭلار سالامەت ، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق ، كۈنلىرىڭلار خۇشال -خۇرام كېتىپ بارامدۇ ؟ مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي ،ئۇلۇغ كۈنلەردە سىلەر بىلەن دىدارلىشالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن .ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك مەن ئىككى -ئۈچ ئاي ئىلگىرى مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ تۇنجى قېتىم "ئۆزگىرىش "ناملىق ھىكايەمنى يوللاپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقان بولسام ،كىيىن " مەن يالغۇز قالدىم "ناملىق ھىكايەم بىلەن سىلەرنىڭ ياخشى باھايىڭلارغا ئېرىشكەن ئىدىم ، ئۇ ھىكايەم تېخى مۇنبەردە نادىر تىمىمۇ بولغان ئىدى ، مەن يەنە "مەن خوتەنگە ئامراق ، مەن سۆيگۈنۈمنى ئۇردۇم "قاتارلىق ھىكايە " خورلانغان ئەقىدە ، كۈلمىدى چىراي ........"قاتارلىق شىئىرلىرىم بىلەن سىلەر بىلەن كۈندە دىدارلىشىپ تۇرغان ئىدىم . يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە مەن مۇنبەرگە چىقتىم لىكىن ھېچقانداق ئەسەر يوللىمىدىم بۇ نىمە ئۈچۈندۇ ؟ قايسى دوستىمىز مېنىڭ مۇنبەردىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىمنى بايقىغاندۇ ؟
مەن 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مەكتەپتىن يازلىق تەتىل مۇناسىۋتى بىلەن 59كۈنىلىك ئايرىلدىم ، ئۆيۈم يېزىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىشلىرى بىلەن تورغا چىقالمىدىم ، ھەم ئۆيدە تور يوق . ئون نەچچە كۈنگە سوزۇلغان ئۆي ئىشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەن ئەزىز دىيار قەشقەر پويىز ئىستانسىدىن يولغا چىقىپ 25-چىسلا چۈشتە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە دەسسىدىم . مەن بىر داڭلىق شەخىس بولمىساممۇ نىمە ئۈچۈن مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىپ قۇرۇق گەپ قىلىپ ئولتۇردىغاندىمەن ؟؟؟؟!!!!! بۇيەردە مۇنداق بىر ئىش بار :
مەن كىچىكىمدىن كۆرمىگەننى كۆرۈشكە ،يېڭىلىققا ئىنتىلدىغان بالا ئىدىم ، چوڭ بولغانچە يېزىقچىلىققا قىزىقتىم ، ئۆزۈمنىڭ كۆرمىگەننى كۆرۈش ئارزۇسى ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا قىزىقتۇردى ، مەن شۇ ئىككى خىل ئارزۇ تۈرتكىسدە 7-ئاينىڭ 27-28-كۈنلىرى "شىنجاڭ ياش ئۆسمىرلەر نەشىريات مەركىزى"دىكى ئابلىكىم ھەسەن ئاكام ۋە ئىلغارجان سادىق ئاكام يەنە ھاۋاخان ھەدەملەر بىلەن كۆرۈشۈپ ھەم سۆھبەتتە بولدۇم . ئابلىكىم ھەسەن ئاكام يازغان بالىلار شىئىرلىرىمنى ئىشخانسىدا مەن بىلەن بىللە تەھرىرلەپ بەردى ۋە ماڭا :
ــــ ئۇكام بالىلار شىئىرلىرىڭدا يامان ئەمەس مەزمۇن ۋە تىل ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن ،سېنىڭ تىرشىپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ بالىلار ئەدەبىياتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن . دەپ ماڭا 5-6 پارچە كىتاپ سوۋغا قىلىپ مېنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان قىزقىشىمنى نەچچە بالداق يۇقرى كۆتۈرۈپ ماڭا روھى ئوزۇق ئاتا قىلدى ، گەرچە ئابلىكىم ئاكام مۇنبەردە بۇ سۆزلىرىمنى كۆرمىگەن بولسىمۇ مەن ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن
.
مەن ئابلىكىم ھەسەن ئاكام بىلەن شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشىريات مەركىزنىڭ خىزمەت بىناسى ئىچىدە .
مەن ئىلغارجان سادىق ئاكام بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانسىدا .
ئۇلار بىلەن مۇۋاپىقيەتلىك كۆرشۈپ پىكىرلىشىپ بولغاندىن كىيىن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا قاراپ يولغا چىقىپ 2-چىسلا ئەتىگەن يېتىپ باردىم .5-چىسلا قورغاس سۇيدوڭدىكى تىرىشچان شائىر ،گۇڭگا شىئردا ئۆزگىچە ئۇسلۇب ،يېڭىچە يول تۇتقان رەخىم ياسن قاينامى ئاكام بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇم ئۇ ماڭا :
ـــ ئۇكام جاھاندا نۇرغۇن تۈمەن نەرسىلەر بار ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نوقۇل ھالدا سىزگە ياكى ماڭا نىسىپ بولىشى مومكىن ئەمەس ، ھەم بەش مىنۇت ئىلگىرى قولىڭىزدىكى نەرسە بەش مىنۇتتۇن كىين سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشى مومكىن شۇڭا سىزگە تەئەللۇق بولغان ھەممە نەرسىنى قەدىرلەڭ ، قانغۇچە سۆيۈڭ ، تاكى قولىڭىزدىن چىقىپ كەتكۈچە ................ئۇ ماڭا نۇرغۇن گەپ سۆزلەرنى قىلىپ بەرگەن ئىدى لىكىن ئەستە تۇتۇش قابىليىتىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن تازا ئۆلچەملىك دىيەلمەسلىكتىن قورقۇپ ئاخىرنى دىمىدىم ئەپۇ قىلىڭلار ، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئەسلىمە قالدۇرغان بىراق رەسىم مېنىڭ مەكتەپ دېشىم ، شىئر ، نەسىر ئىجادىيتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن رەخىم ياسىن قاينامى ئاكامنىڭ يولىنى تۇتقان ، تىرشچان ، قەيسەر يىگىت سىدىقجان غوپۇر ئاكامدا قاپتۇ ، مومكىن بولسا ئىنكاس شەكىلدە يوللارمەن .
ئىلى دىيارىدىكى ھەر بىر كۈنۈم ماڭا تولىمۇ مەنىلىك بولدى ، شۇ گۈزەل يۇرت ماڭا نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى ، مەن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى داڭلىق شائىر «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا ، ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق ، ۋاي ئېسىت ئون بەش چۈجەم »قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرى ۋە بىر تۈركۈم ياخشى ساتىرالارنىڭ ئىجاتچىسى ئۇستاز شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكام بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولدۇم ، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ھاياتى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن مېنڭ بىرقانچە پارچە شىئرلىرىمنى ئوقۇپ ياخشى باھا بەردى (ئوقۇغان شىئىرلىرىم ئىچىدە مۇنبەرگە يوللىغانلىرىممۇ بار)يەنە تېخى «مەن يالغۇز قالدىم »ناملىق ھىكايەمنىڭ تىمىسنىڭ ناھايتى ياخشى قويۇلغانلىقى ، مەزمۇننىڭ ،تەسەۋۇرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسدا توختىلىپ ئۆتتى ، ئاخىردا ئۆزىنىڭ تېخى ئىجادىيەتنى توختاتمىغانلىقى ، پات يېقىندا شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرپىدىن يېڭى توپلامنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى
.
مەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكام بىلەن ئۇنىڭ جىليۈزدىكى ھويلىسدا .
شۇنىڭ بىلەن 8-ئاينىڭ 12-كۈنى مېنىڭ ئىلىدىكى ئىشلىرىم ئاياغلىشىپ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇرۈمچىگە يېنىپ كەلدىم . 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا بالىلار ئەدەبىياتىدىكى سەركە ، بالىلار شىئر ، ھىكايە ، چۆچەك ، مەسەل ، ھەتتا رومانچىلىق جەھەتتە نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ، ئۇستاز ئەدىب ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ ئوغلى ئەكبەر ئەخمەتجان قۇربان سابىرى (كىچىك سابىرى )بىلەن شىنجاڭ خەلىق رادىئو-تېلۋىزىريە ئىدارىسنىڭ ئالدىدىكى «شىرىن»تىز تاماقخانسىدا كۆرۈشتۇق . ئۇماڭا :
ـــ دادام ياز غۇچى بىر سىيىر كالىغا (سېغىن كالا) ئوخشايدۇ ، كىتاپ بولسا ئوت چۆپكە ئوخشايدۇ ، سىيىر كالا ئوت چۆپنى قانچە كۆپ يىسە سۈت شۇنچە كۆپ چىقىدۇ ، يازغۇچى كىتاپنى قانچە كۆپ ئوقۇسا ياخشى نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يازالايدۇ . دىگەن ئىدى ،سەنمۇ كىتاپنى كۆپ ئوقۇ ئۇكام دېدى. بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز تۈگەپ قالاي دىگەندە دادىسى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكىمىزنىڭ يالغانچى تۇسۇقنىڭ ھىكايىسى سۆزلىندىغان روماننىڭ 3-قىسمىنى يېزىپ تەڭ قىلىپ بولغاندا بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغانلىقى ھازىر ئۆزىنىڭ يالغانچى تۇسۇقنىڭ 3-قىسمىنىڭ ئاخرنى يېزىۋاتقانلىقى (ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكىمىزنىڭ تۈزۈپ قويغان تىزىسقا ئاساسەن)قاتارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى . مەن بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيىنىپ كەتتىم چۈنكى ئۇ دادىسىنىڭ ئىزنى تولۇق باسقان ئىدى ، چىرايىمۇ دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتى . ئۇ دادىسى ئىشلىگەن شىنجاڭ خەلىق رادىئو-تېلۋىزىريە ئىدارىسدە ئىشلىگەندىن سىرىت ، دادىسى چىڭ تۇتقان بالىلار ئەدەبىياتىنى چىڭ تۇتقان ئىدى ، ھەتتا دادىسى يېزىپ تاماملىيالمىغا روماننىڭ ئاخىرنى داۋاملاشتۇرۇپ دادىسى نامىدا ئىلان قىلدىغانلىقىنى ئېيتقاندا مەن كۆزلىرىمگە ياش ئېلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم . جاپالىق ، ئالدىراش خزمەت شارائىتىدا ئۇنىڭ شۇنچە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەم قىلالىغانلىقى ، قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىدىن تولىمۇ سۆينگەن ئىدىم .
مەن ئەكبەر ئەخمەتجان قۇربان سابىرى (كىچىك سابىرى)ئاكام بىلەن «شىرىن »تىز تاماقخانسىدا .
ئەزىز دوستلار ھازىر قايسى كىتاب خانىغا كىرسەك ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكىمىزنىڭ «باغۋەن بوۋاي ، مەكتەپنىڭ بېغى.............................»قاتارلىق ھىكايىلەر توپلىمى ، « مۇقام ۋارىسلىرى ، چېچەن قوشماقلار ......................»قاتارلىق بالىلار رومانلىرى ، يەنە تېخى بىز ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان چۆچەك ، مەسەللەر بالىلار شىئىرلىرى توپلاملىرىنى ئۇچىرتىمىز ، ئۇنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىدا يېزىپ باقمىغان ژانىر يۈرى يوق ، ئۇنىڭغا ئۇلاپ يەنە ئەكبەر ئاكامنىڭ «مەن نىمىشقا قونچاق »ناملىق بالىلار ھىكايىلەر توپلىمىنى ئۇچىرتىپ تۇرىمىز قاراڭلار بۇلارنىڭ ئالدىراش خزمەت شارائىتىدىمۇ جاپادىن قورۇقماي تىرشىپ ئوماق بالىلىرمىز ئۈچۈن بوشلۇق تولدۇرۋاتقانلىقىنى . مەن ئەكبەر ئاكامنىڭ يالغانچى تۇسۇقنىڭ 3-قىسمىنى مۇۋاپىقيەتلىك تاماملاپ يەنە 4-4-6-ھەتتا 10-15-قسىملىرىگىچە يېزىۋېتشىنى خزمەت تۇرمۇشتا ئۇتۇق قازنىشنى ،بەخىت خۇشاللىق ئۇنىڭغا دائىم ھەمراھ بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن ھەر زامان ،ھەر ۋاقىت تىلەپ تۇرىمەن ....................
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكىمىز ئوماق پەرزەنتلىرىگە خەلىق قوشاقلىرىدىن بىلىم ئۈگەتمەكتە.