مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1000|ئىنكاس: 18

بالدۇر كەلگەن كۈز(پوۋسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9522
تۆھپە نۇمۇرى: 1010
توردا: 2538 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 01:44:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قىسىم


مەرزىيە ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ كىلىپلا خىزمەت كۈتۈپ تۇرغاندىن كۆرە ،مەھەللىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇردى. كىچىكىدىنلا شوخ ،ئۈمۈتۋار بۇقىز ئىشقا چۈشۈپلا ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

    بۈگۈن ھاۋا تولىمۇ ياخشى بۇلۇپ،سالقىن شامال يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىنى يۇشۇرۇپ ئادەمگە ھۇز ۇر بىرەتتى. مەرزىيەنىڭ سىنىپىدىكى بىر ئوقۇغۇچى تۈنۈگۈن مەكتەپكە كەلمىدى،مەرزىيە مۇئەللىم ئەتىگەندىلا ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ،ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن ئىچى سىيرىلىپلا كەتتى.دالان ئۆيگە بىر پارچە كونا كىگىز سېلىنغان بۇلۇپ ،باشقا سەرەمجانلامۇ يوق ئىدى.ئۆينى سۈپۈرۈپ قويمىغىلىمۇ خېلى ۋاقىتلار بولغاندەك قىلاتتى .مەرزىيە ئىشتىن چۈشۈپ شۇ خىيال بىلەن ئۆيگە كىتىۋاتقىنىدا تۇيۇقسىز چېلىنغان سىگنال ئاۋازى   ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى.  

-ماشىنىغا چىقىۋېلىڭ.

-رەھمەت ،ئۆيۈم يېقىنلا يەردە.  
-  يولىمىز بىركەن ئالغاچ كىتەي.

مەرزىيە مۇئەللىم ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىۋېلىشىنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزگىرىش باسقۇچى بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار تونۇشۇپ قالدى.يىگىتنىڭ ئىسمى ئەلى بۇلۇپ مۇشۇ يېزىلىق ئىدى، يېزىدىن ناھىيەگە قاتناپ كىرا قىلاتتى.ئۇمەرزىيەگە قىزغىن مۇئامىلە قىلدى.قارىماققا سەمىمىي ئىدى.شۇنداق قىلىپ  ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى دوسلۇق تەدرىجى ھالدا مۇھەببەتكە ئايلاندى.مەرزىيە شوخ بولغاچقىمىكىن يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلاتتى، خىزمەتتىكى قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بەرگىنىدە ئەلى كۈڭۈل قۇيۇپ ئاڭلايتتى:‹‹بۈگۈن چوڭ يىغىندا مۇنداق بىرقىززىق پاراڭ بولدى،مائارىپ سېستىمىمىزدىن بىر قانچە نەپەر ئوقۇتقۇچىنى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىشنى قارار قىپتىكەن،ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرئايال ئوقۇتقۇچى ھامىلدار بولغانلىقتىن ئوقۇشقا بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىلتىماس يىزىپتۇ.ئىلتىماس خەنزۇ تىلىدا يىزىلغانكەن.بىر قانچە كۈندىن كىيىن بىر ئەر مۇئەللىممۇ ئىلتىماس يازماقچى بۇلۇپ ،ھېلىقى ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلتىماسىنى ئۆز پېتى كۈچۈرۈپتۇ،(بۇ مۇئەللىم خەنزۇتىلىنى بىلمىسە كېرەك)رەھبەرلەر بۇ ئىلتىماسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇ ئەر مۇئەللىمنى چوڭ يىغىندا قاتتىق تەنقىتلىدى. ھە قاچان يەڭگىيسىلە؟ نەچچە ئايلىق بولدى؟ دەپ كۈچۈرمىكەشلىككە تويغۇزىۋەتتى›ئۇلار قاتتىق كۈلۈشتى .شۇكۈنى ئۇلار ماشىنىدائۇزاق پاراڭلاشتى.                                             

- كىيىنچە خىزمەتكە چىقسىڭىز مەندەك  شوپۇرنى تاشلىۋەتمەڭ جۇمۇ.-دىدى ئەلى ئۈتۈنۈش نەزەرىدە مەرزىيەنىڭ كۆزىگە قاراپ.  

-ياقەي سىزلا مىنى تاشلىمىسىڭىز،دىدى مەرزىيەمۇ ئەلىنىڭ مۈرىسىگە  بېشىنى قۇيۇپ،ئۆچمەس ۋەدىلەرنى بېرىشتى.ئۇلارنىڭ بىرىشتى.ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئەنە شۇنداق داۋام قىلدى، ياشلىقتىكى جۇشقۇنلۇق بىلەن مۇھەببەتتىكى سېھرى كۈچ قۇشۇلۇپ ھاياتى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتمەكتە ئىدى.ئەمما ئۇلار كىيىنكى قىسمەتلىرىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى.   

-بىز توي قىلايلى مەرزىيە.  

بىر قىزنىڭ قەلبىدىكى ئۆزى سۆيگەن يىگىتى تەرىپىدىن ئاشۇ بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلاشتىنمۇ زور بەخت بولمىسا كېرەك.مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدىمۇ شۇغۇ. ‹‹سىز قۇشۇلسىڭىز مەن بۇگۈنلا ئاتا-ئانامغا ئېيتىمەن،ئۇلار پات ئارىدا  ئۆيىڭىزگە بارىدۇ››. مەرزىيە رەت قىلىشنى ئويلاشمىدى ،چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ ئاللىقاچان ئەلىگە باغلىنىپ بولغانىدى.

يولنىڭمۇ ئەگرى-توقىيى بولغىنىدەك ئۇلارنىڭ توي قىلىشى ئاسانغا چۈشمىدى.نىمىشقا دەمسىز؟مۇھەببەتلىشىش پەقەت قىز يىگىت ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىشى بولغىنى بىلەن نىكاھ نۇرغۇن تەرەپلەرگە بېرىپ چىتىلاتتى.ئەگەر ئۇلار شۇنداق ئوڭۇشلۇق توي قىلالىسا ،ئاپتۇرغا بۇ ئەسىرىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ؟غېرىپ-سەنەم،لەيلى- مەجنۇن..لارنىڭ مۇھەببەت تارىخىمۇ ئەگرى –توقايلىق ئىچىدە داۋام قىلغانغۇ؟

-بىلەمسەن بىز قانداق خەق،ئۇلار قانداق خەق،نەدىكى ئاتام بىلمەيدىغان خەقنىڭ قىزىنى ئالىمەن دىگىچە بىز بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ئائىلىنىڭ قىزىنى تاپ،ئۇقىزنى ئالىمەن دەپ خام خىيال قىلما.....بۇگەپلەرنىڭ ھەممىسى ئەلى بىلەن ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرسىدا تىلفوندا قىلىشقان پاراڭلار ئىدى . ئۇلار ئەلىنىڭ پىكرىنى رەت قىلپلا قالماي،مەرزىيەنى ئاجايىپ غارايىپ تىللار بىلەن قاغىدى.ئەلىنىڭ ئاپىسى ئامانگۈل ھەدە 50ياشلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئىسمىنى ئامانگۈل دەپ چاقىرمىسىلا خاپا بولۇپ قالاتتى. دادىسى تۈمۈر ئاكا  تىجارەتتە چىڭلىقى بىلەن ئىسمى جىسمىغا لايىق تۈمۈر دەپ نام ئالغان كىشى ئىدى.ئۇلار تىجارەت سەۋەبىدىن يۇرتىدىن چىقىپ كەتكىلى بىر قانچە يىللار بولغان ئىدى.   

‹‹كۈندە ماڭا نەچچە رەت تىلفون قىلىدىغان ئەلى بۈگۈن ئەجەپ جىمىپ كەتتا؟››كەچلىك تاماق ۋاختىدا كۆڭلى بىر نىمىلەرنى سەزگەندەك بولغان مەرزىيە ئۆيدىن غىپپىدە سىرىتقا چىقىپ ئەلىگە تىلفون قىلدى. ئەمەليەتتە ئۇنىڭ مەقسىدى ئەلىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرىنى بىلىش ئىدى.

-تىشلىقمۇ؟

-تىشلىق ئۆزىڭىزچۇ؟   

-مەنمۇ ياخشى،تاماق يىدىڭىزمۇ؟

    -ياق.ئەلىنىڭ ئاۋازى بەكلا بوش ھەم تىترەپ چىقىۋاتاتتى.   

-بۈگۈن يوقاپلا كەتكەنتىڭىزسىزدىن ئەنسىرەپ شۇ.... مەرزىيە ئىشلار كۈڭۈلدىكىدەك بولمىسا ئەلىنى تەڭقىسلىقتا قويماي دەپ ئويلىدىمۇ قانداق مەقسىدىنى ئۇچۇق ئېيتالمىدى.- مىجەزىڭىز يوقمۇ ياكى......گەپنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى .  

-ياقەي ماڭا ھىچ ئىش يوق. شۇئارىدامەرزىيەنى ئاپىسى چاقىرىپ كەتتى.  

-يالغان سۆزلىمەڭە.   

-يالغان سۆزلىمىدىم،ئاپاش چاقىرىپ كەتتىغۇ دەيمەن ئەتە سىزگە تىلفون قىلىپ تەپسىلىي پاراڭلىشايلى .خوشخەۋەر بار.مەندىن ئەنسىرىمەڭ .

مەرزىيە ھە دەپ تىلفوننى قويغىنى بىلەن ،ھەرخىل قىياسلارنى قىلىپ چىقتى .‹‹ئۇدىدىغۇ خوشخەۋەر باردەپ،بولدى مەرزىيە ئۆز سايەڭدىن ئۆزەڭ ئۈركۈپ كەتمە›› دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بەرگىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى.ئۇ شىرىن چۈش كۆردى چۈشىدە شۇنداق چىرايلىق بىر ئاياغ سېتىۋېلىپ ناھايىتى خوش بولغانىدى، بىراق كىيەي دىسە پاتمىدى،بىر ئاماللار بىلەن تەسلىكتە كىيگەنىدى،ئاپىسى ئۇنى ئويغىتىۋەتتى.  

مەرزىيەھەر كۈندىكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ سەھەر تۇتۇپ نامىزىنى ئوقۇپ بۇلۇپ،مەكتەپكە ماڭدى .كاللىسىدا يەنىلا شۇچۈش، گادىرماش خىياللارئەكىس ئىتەتتى.بىر چاغلاردا ئۇ ئاياغ نىكاھنىڭ سۈرى دەپ  ئاڭلىغانتى،چۈش بىلەن رىئاللىقنى باغلاشتۇرۇپ ھەرخىل تەسەۋۋۇرلانى قىلىپ بىردە خۇشال بولسام بىردە ئازاپلىناتتى.  

ئۇلار تىلفوندا كۆرۈشتى، ئەلى كەچتە مەرزىيەنى ئالغىلى كىلىدىغانلىقىنى ،گىپى بارلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى.مەرزىيە گۇمانلىرىنى زورىغا بېسىپ ،كەيپىياتىنى نورمال ساقلاشقا تىرىشىتى.

ئەلىنىڭ دۇدۇقلاپ گىپىنى دىيەلمەي قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەرزىيە ئۆزقىياسىنىڭ توغرا چىقىپ قالغانلىقىنى ئىلغا قىلدى - دە،تىنى شۈركىنىپ كەتتى .ئەلى گەپ سۆزسىز تۇراتتى تاقەتسىزلەنگەن مەرزىيە ئاخىرى گەپنى تەشتى.

-ئاتا-ئانىڭىز قۇشۇلمىدى شۇنداقمۇ؟ئۇيەنىلا سۈكۈتتە تۇراتتى،لىكىن ئۇنىڭ ئۈمۈتسىز كۆزلىرى سۇئالىغا ئاللىقاچان جاۋاپ بىرىپ بولغانىدى.‹‹بوپتۇ سىزمۇ ئارىسالدى بولماڭ،ئۇدىگەن ئاتا-ئانىڭىز،دىلىغا ئازار بەرمەڭ››.مەرزىيە ئارانلا شۇلارنى دىيەلىدى.لىكىن بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر بولماستىن ئەلىگە بەرگەن تەسەللىيسى ئىدى.

- سىز راسلا شۇنداق ئويلامسىز؟ ئەجەبا سىز مەندىن ،مۇھەببىتىمىزدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كەچمەكچىما؟

-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟دىدى مەرزىيە ئويلىمىغان جاۋاپنى كۈتكەندەك.-مەن يەنە تىرىشىپ باقاي،چوڭ ئانام ماڭا بەك ئامراق،ئاتا- ئانام بۇ شەھەردە بولمىغاچقا مەن كىچىكىمدىن چوڭ ئانامنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان،ئۇلار ھەمىشە ماڭا يول قويىدۇ،شۇنى ئىشقا سالىمەن.سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ.   

مەرزىيە ئۇنىڭ بۇ ئاقىلانە پىكرىدىن خوش بولۇپ كۈزىدىكى ئۈمۈتسىزلىك ئۇچقۇنلىرى ئۇمۇتكە ئايلاندى-دە،پۈتۈن ۋۇجۇدى كۈچكە تولغاندەك بولۇپ ئاللادىن بۇ بىرجۈپ يۈرەكنى  ئايرىماسلىقنى،مۈشكۈللىرىنى ئاسان قىلىشنى تىلىدى.

مەنبەسى؛ئۆز قەلىمىم.  


داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris427 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 02:15 PM  


ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9522
تۆھپە نۇمۇرى: 1010
توردا: 2538 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 01:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-قىسىم

ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى،ئەلى ۋەتۇققانلارنىڭ ئەلىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىلغان ئىدىيۋى تەربىيەلىرى بىكاغا كەتتى.ھەتتا مەرزىيەمۇ غۇرۇرىنى بىرچەتكە قايرىپ قۇيۇپ ئۇلارغا تىلفون قىلىپ يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيىتقان بولسىمۇ، ئەلىنىڭ تاش يۈرەك دادىسى تۈمۈر ئاكا ئۇنى قوپاللىق بىلەن  رەت قىلىپلا قالماي ئەلىنى مەرزىيەدىن ۋاز كىچىشكە قىستايىتتى.
-سەن پەرىدە  بىلەن توي قىلسەن.ئۇنىڭ ئاتىسى بىزنىڭ چوڭ خېرىدارىمىز. ئەگەر سەن  ئۇنى رەت قىلساڭ بىزنىڭ  سودىدىكى  شىرىكلىك مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يىتىدۇ.  
قارىماققا ئۇلار ئەلىنىڭ تەغدىرىنى سودىسىنىڭ مۇنداقچە ئېيىتقاندا پۇلنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرماقچى بولغاندەك قىلاتتى. مەرزىيە ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى.ۋاز كىچىش كېرەكمۇ ياكى مۇھەببەت ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش كېرەكمۇ دىگەندەك سۇئاللار ئۇنى قىينايىتتى.                                      
-بولدى قىلايلى ئەلى،مىنىڭ ماغدۇرۇم قالمىدى،تەغدىر گە تەن بىرەيلى.              
-ياق مەرزىيە ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ.قالغان ئىشلارنى ماڭا قۇيۇپ بىرىڭ.   
بۇ ئۇنىڭ مەرزىيەگەبەرگەن تەسەللىسىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئويلىغان بىرەرچارىسى بارمۇ بىلگىلى بولمايىتتى،مەرزىيەنىڭ ئايرىلىش تەلىپى رەت قىلىندى.كەلگۈسى ئۇلارغا غۇۋا كۈرۈنەتتى.مۇشۇ يېشىغىچە قاتتىقراق زەربىگە دۇچ كىلىپ باقمىغان مەرزىيەگە بۇئىشلار ھار كىلىپ رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇردى.مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ سىنىقى ئىدى.                                       
   نىمە ئىش بولدىكىن نەچچە كۈندىن بۇيان ئەلىنىڭ تلىفونى ئىتىك .مەرزىيەئۇنىڭ مەھەللىسىگە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.پەقەت دائىم كۆرىشىدىغان، ئۇدائىم بارىدىغان جايلاردىن ئۇنى ئىزدىدى،دوسلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپمۇ  تاپالمىدى. ‹‹كەچۈرۈڭ ،سىز ئۇرغان ئابۇنىتنىڭ تىلفونى ئىتىك››مەرزىيە شۇتاپتا بۇ سۆزدىن بەكمۇ بىزار بولدى. نىمە ئىش بولغىننى بىلەلمەي پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئەنسىزلىك ئىچىدە يۈردى.شۇ كۈنلەردە ئۇ دەرىسنى قانداق ئۆتىۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيىتتى. مۇشۇنداق ئالاقزادىلىك ئىچىدەئۆتكەن  بىر ھەپتە مەرزىيەگە خۇددى بىر يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتتى.ئەلى ئاخىرى مەرزىيەگە تىلفون قىلدى.ئەسلىدەتۈمۈر ئاكا كورلىدىن قايتىپ كىلىپ،ئۇلانىڭ مۇناسىۋىتىنى توسۇش ئۈچۈن ماشىنىسى ۋە تىلفونىنى ئېلىۋېلىپ،بىچارە ئەلىنى ئۆيگە سولاپ قويغان ئىدى .ئۇلاربىر-بىرىگە تەسەللىي بىرىشتى،دىمىسىمۇ ئۇنىڭدىن باشقا نىمىمۇ قىلالايتتى دەيسىز.ئەمدى مەرزىيەنىڭ  پۈتۈنلەي ئۈمۈدى ئۈزۈلگەنىدى.بىراق ئەلىنىڭ‹‹سىز ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ،مەن چۇقۇم غەلبە قىلىمەن،بىز مەڭگۈ بىللە ياشاپ،بەخت شامىنى ئاداققىچە ياندۇرايلى››دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۈچۈپ قالغان ئۈمۈت شامىنى قايتا ياندۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇلاررىۋايەتلەردىكى تاھىر- زۆھرە،پەرھات -شىرىن،لەيلى- مەجنۇنغىلائوخشاپ قالغانىدى.ئەلى بىر ھەپتە ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئاخىرى دادىسىنى ئەيۋەشكە كەلتۈردى.بىر ئوغۇل بالىنىڭ بۇنداق قىلمىقى ئاسانمۇ؟مەرزىيە تەسىرلىنىپ ئۆز-ئۆزىگە ئەلىگە چىن كۆڭلىدىن سادىق بۇلۇپ،ھەر قانداق ئېغىرىنى كۆتىرىشكە ۋەدە بەردى. مەرزىيەنىڭ  مىھرىبان ئاتا-ئانىسى بولسا ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا تىزلا قۇشۇلدى.باش باھارنىڭ بىر كۈنى ئۇلار كاتتا توي قىلدى.ئەمما توي كۈنىمۇ تۈمۈر ئاكا بىلەن ئامانگۈلنىڭ چىرايى ئېچىلمىدى،بىر ئىشلاردىن نارازىدەك كۆرۈنەتتى.                                                                                    
ئۇلار توي قىلىپ چەكسىز بەخىت ئىلكىگە چۆمدى،بىر-بىرىگە شۇنداق ئامراق ئىدىكى،
بىرەرۋاق تاماق يالغۇز يىيىلسە تەمسىز بىلىنەتتى.مەرزىيەبەزىدە دۇنيادىكى بەختنىڭ ھەممنىنى ئاللا ماڭىلا بىرىۋەتكەنمىدۇ دەپمۇ قالاتتى.ئۇلار بەخىت ئىلكىدە خۇدىنى يوقاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە بەختلىك تۇرمۇشىىغا كۆز تەگدىمىكىن رەھىمسىز تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرى ئۇلاردىن يەنە ئىمتىھان ئالدى. توي قىلىپ ئۈچ ئاي بولغاندا مەرزىيە مۇھەببىتىنىڭ تۇنجى ئاپىرىدىسىگە ھامىلداربولدى.  

‹‹ئامەت بار يەردە ئاپەت بار ››دېگەندەك دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىدىن كىيىن ئەمدىلا تۆرەلگەن تۇنجى پەرزەنتىنى بۇدۇنياغا كۆز ئاچماستىلا ئۇ دۇنياغا ئۈزىتىپ قويدى.چۈنكى مەرزىيەھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىستىمال قىلغاچقا ھامىلە نورمال يىتىلمەيدىكەن.   

بىرقانچە ئايدىن كىيىن ئەلىنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنى مەرزىيەنىڭ  ھۆرمەتلىك قېيناتا-قېينئانىسى كورلا شەھىرىدن كۈچۈپ كىلىپ ئۇلار بىلەن بىللە تۇردى.مۇشۇ كۈنلەردە  مەرزىيە نۇرغۇن مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلدى ،ئۇئەتىگەن كىتىپ كەچتە كىلىپ قېيناتا-قېينئانىسى بىلەن ھال مۇڭ بۇلۇشالمىغاچقا،دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇلارغا يېقىن تۇرۇپ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشتى.ساددامەرزىيە تويدىن بۇرۇنقى كۈڭۈلسىزلىكلەرنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ ،بىراق  قېيناتا-قېينئانىلىرى تېخىچە ئاداۋەتتە يۈردى. بۇلۇپمۇ قېيناتىسى مەرزىيەگە چىراي ئاچمىدى.مەرزىيە ‹‹ بەلكىم تويدىن بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەممنى مەندىن كۆرۈپ مىنى قۇبۇل قىلغۇسى كەلمىگەن چېغى.بوپتۇ ،چىدىشىم كېرەك ››دەپ ئۆزىگە تەسەللى بىرەتتى. ئۇلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىنى ئەلىگە ئېيتقۇسى كەلمىدى.ئېيتسىمۇ ئۇ نىمە قىلىپ بىرەتتى،بىر ياققا قارىسا سۈيۈملۈك ئايالى يەنە بىر ياققا قارىسا غەمگۈزار ئاتا-ئانىسى تۇرسا،تەڭقىسلىقتا قالمىسۇن دىگەندۇر بەلكىم.                                                               
ئۇلار مەرزىيەنىڭ  ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىۋالدى،مەرزىيە ھەرقانداق ئىشنى ئۆز خاھىشى بويىچە قىلىشقا ئامالسىز ئىدى،كۈندە كىيىدىغان كىيىمىنىمۇقېينئانىسى  ئامانگۈل تاللاپ بىرەتتى. مەرزىيە مىجىت ئاكابىلەن مەدىنەمنىڭ  بەش قىزىنىڭ ئىچىدىكى  ئوتتۇرانچى قىزى بۇلۇپ،ئۇلار دىھقان بۇلىشىغا قارىماي مەرزىيەنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتقان ھەم بارلىق تەلەپلىرىنى ئورۇنلاپ ئەركە چوڭ قىلغان ئىدى،مانا ئەمدى سامادا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ كۆنگەن قۇش قەپەزگە كىرگىنىدە گاڭگىراپلا قالدى.         
   چىدا مەرزىيە،سەن بۇتۇرمۇش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەللەرنى تۆكمىگەن،بۇدىگەن تۇرمۇشنىڭ سىنىقى يۈز نۇمۇر بىلەن ئۆتىۋال.  مىڭ تەسلىكتە ئارزۇلاپ ئاران دىگەندە ئېرىشكەن بۇ تۇرمۇشتىن كۆڭلى سۈيۈنمىگەن مەرزىيە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايىتتى:‹‹ قېنى مىنىڭ شوخلۇقۇم، قېنى مىنىڭ ئەركىنلىكىم. 

دەردىمنى كىمگىمۇ ئېيتاي.ئاتا-ئانامغىمۇ ياق،ئۇلارغا  دىسەممۇ ماڭا نىمە دەيدىغىنى ئېنىق. ‹تۇرمۇش دىگەن شۇ،دەرت تارتمىغان كىم بار›دەپلا يولغا سالا ھەقىچان.ئۇلارغا بۇنى دەپ بىچارە ئاتا-ئانامنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلىپ نىمە كەپتۇ.ئۇنىڭدىن ئۆزەملا تارتىپ ئۆتۈپ كىتەي دەرت دىگەننى.قېنى دەرت يامانمۇ مەنمۇ؟

ئاخىرى بار.

ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9522
تۆھپە نۇمۇرى: 1010
توردا: 2538 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرزىيە كىلىنلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن،قېيتاتا-قېينئانانىسىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى. ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايتىپ كىلىپ قېيناتا-قېينئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا چۈشۈپ كىتەتتى. ئاغىيندارچىلىق،كېسەل يوقلاش ،خىزمەتداشلار ئولتۇرۇشى دىگەنلەر تويدىن كىيىنلا مەرزىيەنىڭ تۇرمۇش لۇغىتىدىن مەجبۇرى ئۈچۈرۈلگەن.      
بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى،مەرزىيە تازا ئوخشۇتۇپ لەغمەن ئىتىشنى ئويلاپ بازاردىن ياخشى سەيلەردىن بىر مۇنچە ئەكىردى.ئويلىمىغان يەردىن قېيناتىسى سەيلەرنى كۆرۈپلا ئۇنى ئەيىپلىگىلى تۇردى.
-ھوي خان ،ھازىر دىگەن قىش.سەيلەر قىممەت تۇرسابىر مۇنچە سەي ئاپسىز تېخى،ئۆيىڭىزدە يىيەلمىگەن سەيلەرنى بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ تازا يەۋالاي دەپسىزدە.
مەرزىيە دەردىنى ئىچىگە يۇتقان بولسىمۇ ئەمما يۈرىكى يىغلايىتتى. سەي توغراۋېتىپمۇ تۈمۈرئاكىنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قۇتۇلالمىدى.
-بەسەينى ئۇششاقراق توغراڭ،بىزچۇ شەھەردە چوڭ بولغان.ئۆيىڭىزدىكى تومپايلىقىڭىزنى بىزنىڭ ئۆيدە يىغىشتۇرىۋېلىڭ.         
مەرزىيەنىڭ قورسىقى قېيناتىسنىڭ تاپا-تانىسىدە تۇيۇپ قالغاچقىمىكىن، بىرقانچە چوكا ئاشنى ئشتىھاسىز ھالدا ئاران يىدى.قاچا–قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ،ھۇجرىغا كىرىپ ئۇزاق ئويلاندى.‹‹ئۇلار ئەسلىدىنلا بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنى كۆزگە ئىلمايىتتى.بىزنىڭ ئائىلە نىمە بوپتۇ؟ئاتا-ئانامدەك يۈز ئابرۇيدىن كۆرە ئادىمىيلىكنى ئۈستۈن ئورۇندا قويىدىغان،راھەت پاراغەتتىن ئاددىي ساددىلىقنى ئەلا بىلىدىغان ئالىيجاناپ ئادەملەر ئاز بۇ جاھاندا.بۇلاردەك پۇلدار بولمىسىمۇ نامرات ئەمەس،ئەمەليەتتە ھەقىقىي گادايلار مۇشۇلاردەك روھىي گادايلار››  مەرزىيە مۇشۇلارنى ئويلاپ يەتكەنىدى. ئۇھېلىھەم كۈندىلىك خاتىرە يىزشنى توختىتىپ  قويغىنى يوق،كۈندىلىك خاتىرەئۇنىڭ دەرت خالتىسى،ئەڭ ياخشى ھەمرايى ئىدى. شۇكۈنى ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنۇقۇرلارنى يازدى؛ ‹‹ھۆرمەتلىك قېيناتا،مەن نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ ئائىلىگە كىلىن بۇلۇپ كىردىم،شۇڭا
مىنىمۇ بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى قاتارىدا كۆرۈشىڭىزنى،ماڭا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىللق مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.مەن ئۆي ئىشلىرىدا ئاپامغا (قېينئانىسىنى دىمەكچى)يىتەلمىسەممۇ ،ھەر ھالدا بىر ئۆينى يامان ئەمەس تۇتىۋاتىمەن.سىزنىڭمۇ قىزىڭىز باشقا ئۆيدە كىلىن،ئەگەر قىزىڭىزشۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا سىزنىڭمۇ يۈرىكىڭىز ئاغرىيدۇ ئەلۋەتتە.مىنىڭ بىرەر قېتىم بولسىمۇ قىزىڭىزنى كۆرگەن كۆزىڭىزدە كۆرۈپ باقسىڭىز،خۇشاللىقتىن يۈرىكىم يېرىلىپ كىتەرمىدى.مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇلۇق بالىسى......››                       
ئەلىمۇ بارغانسىرى ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتاتتى.مەرزىيە كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلارنى ئاندا-ساندا ئۇنىڭغا ئېيتتىپ يەڭگىللىۋالاتتى، ھازىرمەرزىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن قىلغان شىكايەتلەرى ئەلىگە تازا خوش ياقمايدىغان،ھەتتا ئۇمۇ قوشۇپ دەككىسىنى بىرىدىغان بۇلىۋالدى. مەرزىيە ئۆزىنى سۆيىدىغان،قەدىرلەيدىغان ئەلىنى  يوقىتىپ قۇيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى .توۋا،بۇجاھان نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە؟ئېرىنىڭ بۇرۇنقى سەمىمىي قىياپىتى بىلەن ھازىرقى روھى غالىبىيەتچى قىياپىتى ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن پەرق بارلىقىنى تۇنۇپ يەتكەن مەرزىيە پۇتىنى قىستايدىغان ئاياغ كىيىۋالغاندەك،بۇتۇرمۇشتىن بىزار بۇلۇشقا باشلىدى. پۇتنى قىستايدىغان ئاياغ كىيىپ قالسىڭىز تاكى سېلىپ تاشلىمىغىچە بىئارام بولغىنىڭىز بولغان.مەرزىيەنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىكاغا كەتتى.بۇ ئائىلىدە بۇنداق دىشۋارچىلىقلار پات-پاتلا بولۇپ تۇراتتى.
توي قىلغانكەنسەن چۇقۇم ئاخىرغىچە چىدىشىڭ كېرەك مەرزىيە.چۈنكى يولنىڭ تۈزى بولمىغىنىدەك تۇرمۇشنىڭمۇ ئاچچىق چۈچۈكى بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟مانا بۇ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىى.
شۇ تاپتا مەرزىيەگەئېرىنىڭ خارەكتىرىدىكى چاكىنىلىقلار بارغانسىرى ئاشكارىلىنىپ بۇرۇن ئارتۇقچىلىق بىلىنىغان تەرەپلەرمۇ كەمچىلىكتەك بىلىنىپ كىتىۋاتاتتى.دىمىسىمۇ ئەلىنىڭ كەمچىلىكى بەكلا كۆپ،تويدىن بۇرۇن قانداقتۇر بىركۈچنىڭ تۈرتكىسىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئانچە ئالىيجاناپ ئادەملەردىن ئەمەس ئىدى.پۇلنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا قۇياتتى.ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەدەنيەت سەۋىيىسى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ قارىغان مەرزىيە ئەمدىلىكتە تەغدىر ئالدىدا بىلىم ساپاسىز ئادەم بىلەن توي قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى. چۈنكى مەرزىيەنىڭ ياراملىق بىر مۇخبىر بۇلۇش ئارزۇسى ئۇ ئائىلىدىكەرنىڭ ئويلىغىنى بىلەن بىردەك چىقمىغاچقا ئارزۇ،غايە دىگەنلەردىن سۆز ئېچىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى.تەپەككۇرىدا ئەگىپ يۈرگىنى بولسا قانداق قىلسام قېيناتا-قېينانامنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقالايمەن دىگەندەك ئاخىرى يوق خىياللار ئىدى.مەرزىيەشۇنداق قىلىپ غايىۋى خىياللىرى بىلەن تۈپتىن قارىمۇ –قارشى بولغان تۇرمۇشتا يەنە بىر يىل بۇرۇختۇرما بولدى.ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئارزۇ غايىلىرىمۇ بۇرۇختۇرما بولدى.                                                                       
   پەرزەنت ئائىلىگە بەخىت ئېلىپ كىلەتتى،ئەمما مەرزىيەنىڭ 2-قېتىم ھامىلدار بۇلۇشى بۇ ئائىلىگە ئاپەت ئېلىپ كەلدى.  

فىزىئولوگىيىلىك سەۋەپمۇ ياكى تۇرمۇشنىڭ رەھمسىز سىنىقىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇلار دائىم ئۇرۇشۇپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدى،جېدەلگە دائىملا قېيناتا-قېينئانىسى سەۋەپچى بۇلاتتى.ئۇنىڭسىزمۇ يۈرىكى ئىزىلگەن مەرزىيەگە خىزمەتتىكى بېسىملار ئازمۇ؟ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتسىمۇ بۇلاتتى.مەرزىيە بۇخىيالىنى ئەلىگە ئېيتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەنىدى، تەلىيىگە يارىشاكەچتە ئەلى كەيپىياتى ياخشى ھالدا قايتىپ كەلدى.بۇ ئېغىز ئاچىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى.
-ئەلى سىز بىلەن ئەلى ،تويدىن كىيىنلادادام ئاپاملارنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى ياخشى ئەمەس. شۇڭا،ئۆي ئايرىپ چىقىپ كىتىشنى ئويلىشىپ باقايلى.
-ئاتا-ئانامنى بېقىش ئېغىر كەلدىما؟چىقىپ كەتسەڭ ئۆزەڭ چىقىپ كەت، ئاشۇ مەرەز ئاتا-ئاناڭنى باقارسەن.-مەرزىيە ئەلىدىن بۇنداق جاۋاپنى ئاڭلاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.مەرزىيە ئەمدىلىكتە بۇرۇنقى ئەلىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى.بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسنى قۇشۇپ ھاقارەتلىشى غۇرۇرىغا تەگدى. ئۇلار بۇ ئائىلىدە سىنى مۇشۇنداق ئازاپلاپ،تىرىك تۇرۇپ جېنىڭنى ئالماقچىمۇ؟سىنىڭ بۇ ئائىلىدە تارتىشقىدەك يەنە نىمەڭ قالدى.تەغدىرىڭ نىمانچە كاجدۇر سىنىڭ.  

  مەرزىيە ئەقلىنى تاپقاندەك بولدى،نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن ئۇلارنىڭ كورلىغا كىتىش شەرتىنى شۇنچىلىك كەسكىن رەت قىلدى.ئاجرىشىشقا رازى ئىدى.چۈنكى ئۇ مۇنۇلارنى ئويلاپ يەتتى:توي قىلغاندىن كىيىن ئىرىشكىنىمدىن يوقاتقىنىم كۆپ.ئۇلارنىڭ ئالدىدا غۇرۇرۇمنى پايىخان قىلغۇم  يوق.مىنى كۈتىۋاتقىنى تەغدىرنىڭ ئاچچىق چاقچىقىلا ئەمەس،گۈزەل ئىستىقبال بۇلىشى كېرەك.30 نەچچە جۈپ سەبىي كۆزلەر ماڭا مۇھتاج.

داۋامى بار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris427 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 02:16 PM  


ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8690
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:13:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى يوللاپ بولغاندا ئوقۇي،بولمىسا ئاخىرىغا تەشنا بوپ كىتىدىكەن كىشى!

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9522
تۆھپە نۇمۇرى: 1010
توردا: 2538 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  4-قىسىم

ئاللانى زىكرى قىلىشنى ئۇنتۇغان كۈنىلامەرزىيەنى قارا باسىدۇ. بۈگۈنمۇ قارا باستى،چۈشىدەئۇقۇيۇق ئىس-تۈتەك ئىچىدە يۈرگىدەك،يىراقتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سىماسىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدى.مەرزىيە ئەمەليەتتىمۇ قۇيۇق ئىس-تۈتەك ئىچىدە ياشاۋاتاتتى،خۇددى يولدىن ئېزىپ قالغان ئادەملەردەك،نىشانىسىز.مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىردىنبىر خۇشاللىقى خىزمەتكە بېرىش ئىدى، بىلىمگە تەشنا سەبىي كۆزلەرمەرزىيەگە تەسەللىي ئىدى.قېيناتا-قېينئانىسى ھامان بىر كۈنى مەرزىيەنىڭ مۇشۇ خۇشاللىقىنىمۇ تارتىۋالمىسا بۇلاتتىغۇ.خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىمغا قاراپ،بىر نىمىلەرنى پەرەز قىلدىمۇ قانداق،ئىشخانىدا غۇلغۇلا بۇلۇشتى.‹‹مەرزىيەگە كۈڭۈل بۈلۈپ قۇيايلى مۇدىر ،قارىغاندا ئۇنىڭ بېشىغابىزگە ئېيتالمايدىغان دەرت كەلگەندەك قىلىدۇ››دىگەن تەكلىپنى بەردى قارا قۇشقاچ دەپ ئاتىلىدىغان گەپدان تۈزكۈڭۈل ئىلمىي مۇدىر.دىگەندەك تەنەپپۇس ئارىلىقىدا مۇدىرمەرزىيەنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى:‹‹قارىسام يېقىندىن بۇيان كۈلكىڭىز يوقاپلا كەتتى،ئىلگىرى بىر كۈلسىڭىز مەكتەپنى تىترىتىۋىتىدىغان مەرزىيەگە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟›› ئۇنىڭسىزمۇ ئارانلا تۇرىۋاتقان مەرزىيە يىغلاپ تۈكۈلۈپلا كەتتى .بىر كەمدە يىغىسىنى توختىتىپ ئائىلىدىكى بارلىق دىشۋارچىلىقلارنى  سۆزلەپ بەردى.مەرزىيەبۇنچىلىك ئىچ باغرىنى تۈكۈپ يىغلاپ باقمىغىلى خېلى بوپتىكەن، يىنىكلەپلا قالدى.خىزمەتداشلار مەرزىيەگەتەسەللىي بىرىشتى.بەزىلەرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىدى،مەرزىيەنىڭ كىچىكلا تۇرۇپ مۇشۇنچىۋالا دەرتلەرنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرگىنىگە،خىزمەتداشلارنىڭ ئالدىدا‹‹مەرزىيەگە ئۇنداق ياخشى كۈنلەرنى كۆرسىتىمەنەي،ئۇنى مۇنداق قەدىرلەيمەنەي ...››دەپ ۋەدە بەرگەن ،ھەركۈنى ئىشقا ئۆزى ئەكىلىپ ئەكىتىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئەلىنىڭ مەرزىيەگە كۆرسەتكەن كۈنىگە ئىشەنگۈسى كەلمىدى.                                          
ئەلى ھەر قېتىم مەرزىيەنى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپارغاندانىمىشقىكىن يېنىدىلا تۇرىۋېلىپ ئاپىسى بىلەن گۇڭۇر-مۇڭۇر بولغىلى قۇيمايىتتى.بۇگۈنمۇ شۇنداق بولدى.مەرزىيە ئاپىسىنىڭ ‹‹جۈدەپ قاپسىز،مىجەزىڭىز يوقما››دىيىشى بىلەن تەڭ  پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدى. غەزەپ بىلەن ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ئەلىنىڭ كۆزىنى كۆردى،دە- يىغىسنى زورىغا توختىتىپ:‹‹ياقەي،ماڭا ھىچنىمە بولمىدى››دەپلا جاۋاپ بەردى.ئاپىسىمۇ بىرنىمىنى سەزگەندەك بۇلۇپ كۆپ سۇئال سورىمىدى.ئەلى ئۆيگە قايتقىچە گەپ قىلمىدى.مەرزىيە ئۆيگە بارغاندا نىمە كۈننى كۈرەر ئەمدى؟دىگەندەك،ئۆيگە كىلىپلا تىل ئاھانەت يېغىپلا كەتتى.‹‹ ئاپاڭغا يىغلاپ بىرىپ ئىچىڭ بوشاپ قالغاندۇ؟ئېيتە مەن مۇشۇ كەمگىچە سىنى تاك قىلىپ چىكىپ باقتىممۇ؟ئاپاڭ مىنى نىمە دەپ ئويلايدۇ››دەپ سوتلاپلا كەتتى. شۇ ئارىدا قېيناتا-قېينئانىسىمۇ كىرىپ سۇئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى.‹‹ھەركۈنى سىزنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ،خۇددى سىزنىڭ شەخسى شوپۇرىڭىزدەك.بىزنىمە قىلدۇق سىزگە››.ئېرىم تۇرۇپ مىنى توشۇمىسا مىنى خەق توشۇسا بۇلامتى ئەمىسە دىگۈسى كەلگەن بولسىمۇ دىيەلمىدى.مەرزىيەبۇنداق تىل-ئاھانەت دىگەنگە كۈنۈپ كەتكەن.   
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى. ئەلياتقۇ  ۋاختى بىلەن مەرزىيەگەبىر ناتۇنۇش  نۇمۇردىن تىلفون كەلدى.                        
  -ۋەي،تىشلىقمۇ ؟بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى.  
–تىشلىق،كىم بۇلىسىز؟         
  -مەرزىيە مۇئەللىممۇ؟                                             
-ھە،مەن .دىيىشىگىلا تىلفون ئۈزۈلۈپ قالدى.ئۇلارنىڭ ئۆيدە يەنە قىيامەت قايىم باشلاندى.‹‹كىم ئۇ››دەپ ھۆركىرىدى ئەلى.مەرزىيە:‹‹بىلمىدىم تىلفون ئۈزۈلۈپ قالدى ››دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،‹‹بەلكىم بىرەر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا كېرەك››.بىراق ئەلى مەرزىيەنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سېلىپمۇ كەتمىدى‹‹ھە ،ئوقۇغۇچۇڭنىڭ ئاتىسى بۇنچە كەچتە ساڭا تىلفون قىلىپ،گەپ قىلمايلا قۇيىۋىتەمدىكەن؟يوقال ماڭ››دەپلا شۇ كەچتە ئۆيدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى.ئۇ كىتىۋاتقاچ مۇشۇ كەتكەنچە ئۇ ئۆيگە قايتا دەسسىمەسلىكنى ئويلىدى. ھېلىقى تىلفوننى ئىچىدە مىڭنى تىللىدى.مەرزىيەنىڭ ساپما كەش بىلەن كەلگىنىنى كۆرگەن بىچارە ئاپىسىنىڭ يۈرىكى ئىزىلىپلا كەتتى.ئەلى ئەتىسىلا كىلىپ چىرايلىق، ياسالماگەپلىرى بىلەن مەرزىيەنى يەنە ئۆيىگە ئەكەتتى.
  مەرزىيە مۇشۇنداق ئاچچىق يۇتۇپ ئۆت ياللۇغى بۇلۇپ قالدى،يەنە سىزىكىمۇ قۇشۇلۇپ ئۇنى قاتتىق قىينىماقتا ئىدى،قىززىدى،بېشى پارتىلاپ كىتىدىغاندەك ئاغرىيتى .تاماقمۇ سىڭمىدى.توختىماي قەي قىلاتتى.لىكىن تۇنجى تۆرەلمىنىڭ بۇدۇنياغا كۆز ئاچالمىغانلىقىدەك ئۆتمۈشنىڭ يەنە تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارمىدى،پەقەت تىۋىپتىن جۇڭيىچە دورىلارنى ئەكىلىپ يەپ،مەكتەپتىن بىرقانچە كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ ئۆيدە ئارام ئالدى. بۇمەزگىلدە ئەلىگە نىمە بولدىكىن ھالىدىن خېلى ياخشى خەۋەر ئالدى ،بىردەم قىزىتمىسىنى ياندۇرىمەن دەپ لۈڭگىنى ھۆلەپ قويسا بىردەم كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى غىپپىدە ئەكىرىپ بىرەتتى.لىكىن ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆيدە تۇرالمىغاچقا مەرزىيە ئاشۇ سوغۇق ھۇجرىدا ياتقىنى ياتقان.نەچچە كۈندىن بۇيان بىرەر ئېغىز ئەھۋال سوراپ قويمىغان قېينئانىسى ‹‹بۇ كىرلەرنى يۇيىۋېتىڭ››دەپ  بىر مۇنچە نەرسىلەرنى تاشلاپ بىرىپ چىقىپ كەتتى.مەرزىيەگەتوي قىلىپ بۈگۈنگىچە كىر يۇيۇش بۇنچىلىك تەس كىلىپ باقمىغان،شۇنداقتىمۇ كىرئالغۇ بولغاچقا بىر ئاماللار بىلەن كىرلەرنى يۇيۇپ بولدى.خۇددى مۇشۇ كىربىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ‹‹گۇناھى ››يۇيۇلۇپ كىتىدىغاندەك.

  مەرزىيە تۇيۇقسىز 2-قېتىم ھامىلدار بولغىنىنى بىلگەن كۈنىنى ئەسلەپ قالدى،شۇنداقلا بۇكۈننى مەڭگۈ ئۇنتالمايىتتى. شۇكۈنى مەرزىيە ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش پىلاستىرىدا پەيدا بولغان ئىككى سىزىقىنى كۈرۈپ خۇشاللىقىدا دەرھاللا ئەلىگە تىلفون قىلغان،ئەلىمۇ قەۋەتلا خوش بۇلۇپ كەتكەن،كەچتەمەرزىيەنى  كۆتۈرۈپ پىرقىرىتىپ كەتكەن ئىدى.
  مەرزىيە تىرىشچان قىز بولغاچقا  داۋامىلق كادىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ تۇردى .تەلىيى كاج كىلىپ ئۈتەلمىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېيناتىسى:‹‹بىز كورلىغا قايتىمىز،سىز مۇئەللىم بولىمەن دەپ كىچىككىنە مائاشقا قۇل بولماي بىز بىلەن كىتىڭ.ئۇ يەردە بىزنىڭ بىر شىرىكىمىز تېز تاماقخانا ئاچتى.ئۇلارغا قارىشىپ بەرسىڭىز مائاشىڭىزنى ياخشى بىرىدۇ››دىدى.ئۇلارنىڭ دىگىنى ئەلىگە قىزىنى سايە قىلغان ھېلىقى كونا خېرىدارى ئىدى.ئۇلار ئەلىنى سودىنىڭ قۇربانى قىلماقچى بولغاندەك مەرزىيەنىمۇ يەمچۈك قىلماقچى بولغانلىقىنى مەرزىيەمۇ پەملىدى ،ھەمدە بۇ شەرتكە كۆنمىسەم ئاجرىشىشقا قىستامۇ دىگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردى. مەرزىيە ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈزبەردى.   
  ئويغانغىن مەرزىيە،ئەمدى بولسىمۇ ئۆزۈڭنى تاپ.بۇنداق كىتىۋەرسەڭ تۈگىشىسەن.ئەمدى سىنىڭ بۇ ئائىلىدە تارتىشقىدەك نىمەڭ بار؟ئەلىما؟قوي ئۇنى.غەيرەتلىك بول .ئۆز قەدىر قىممىتىڭ بىلەن ياشا.ئورنۇڭدىن دەس تۇر.

ئاخىرى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris427 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 02:19 PM  


ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9522
تۆھپە نۇمۇرى: 1010
توردا: 2538 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:25:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5-قىسىم
ئەلىمۇ باشقىچە پىكىردە بولمىدى. چۈنكى ئاتا-ئانىسى ھەممە ئىشلارنى توغرىلاپ بولغانىدى.ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەرقانداق قارارى ئالدىدا ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز ئىدى.شۇ تاپتا ئۇلار كۆڭلىگە رەزىل بىر پىلاننى سوقماقتا.مەرزىيە بىلەن ئەلىنى ئاجراشتۇرىۋېتىپ،ھېلىقى كونا خېرىدارىنىڭ قىزى پەرىدە ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرمەكچى بۇلۇشتى .ئەلىنىڭمۇ بۇ ئىشلاردىن تۇلۇق خەۋىرى باتى ،پەقەت بىچارە مەرزىيەلا ھەممىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئەقىدىسى ئۈچۈن قەدىرسىز بۇلۇپ ئاشۇ ئائىلىگە تارتىشىپ ياشاۋاتاتتى.                                                         
  ‹‹قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا چىشماي قالمايدۇ››دىگەندەك،ئۇلارنىاكھ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش زالىغا كەلدى.ئەلىنىڭ يۈرىكى شۇ تاپتا گۈپۈلدەپ سوقماقتا ئىدى.مەرزىيەنىڭ بەدەنلىرى يىنىك تىترەيىتتى
-بالاڭلار بارمۇ؟
-يوق.
-ئاجرىشىش توختامنامىسىدىكى تەلەپلەرگە پىكرىڭلار بارمۇ؟
-يوق.
ئۇلار توختامنامىگە قول قويدى.سوتلىشىپمۇ يۈرمىدى،مەرزىيمۇ ھىچ نەرسە تەلەپ قىلمىدى.چۈنكى مەرزىيە ئۈچۈن ھازىر ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ۋە ئەركىنلىك ئىدى،ئۇ شۇنىلا قايتۇرىۋالسا بۇلاتتى.بالىمىز يوق دەپ يالغان سۆزلەپ ئاجرىشىش خېتىنى ئالدى.ئاجرىشىشى خېتى مەرزىيە ئۈچۈن ئەركىنلىكنىڭ ئاچقۇچى ئىدى.ئەركىنلىك نىمىدىگەن مۇھىم ھە؟
  ئەمدىكى مەسلە ھامىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا قالدى.مەرزىيەبۇ ئىشتا يەنىلا قېيناتا-قېينئانىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ تىلفون قىلغاندا بۇنداق جاۋاپنى كۈتمىگەنىدى‹‹سىز بالىنى دەستەك قىلىپ نىمە تەلەپ قىلماقچى؟ئاجرىشىشتىن بۇرۇنلا ئويلىشىپ بولغان.بالىنى چۈشۈرىۋېتىڭ.بىزگە ئۇنداق نەۋرە كېرەك ئەمەس››دىگەن جاۋابنى ئېلىپ،قىلغان ئەقىدىسىگە تۇنجى قېتىم قايغۇردى.مەرزىيەنىڭ  بەكلا ئانا بولغۇسى بار.چۈنكى ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا ئوقۇغۇچىلىرىغا ‹‹بىرئانا-بىر قەھرىمان ››دىگەن جۈملىلەرنى  ئۆگەتكەن،ئۆزىنىڭ ئانا بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ پەخرلەنگەنىدى. بىراق،مەرزىيەنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بالىغا تارتىشىپ ئەلى بىلەن قايتا يارىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بالىنى چۈشۈرىۋېتىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويدى.ھىچكىم ئۇنىڭ ئانا بۇلۇش ئارزۇسىنى قوللىمىدى.شۇنداق قىلىپ مەرزىيە يەنە بىر قېتىم ئۆز بالىسىنىڭ قاتىلى بولۇش يولىنى تاللىدى.مەرزىيە دوختۇرخانىغا قاراپ كىتىۋاتماقتا، خۇددى بىرسى دوزاققا ھەيدەپ ئېغىر قەدەمدە ماڭماقتا. ئىچى ئازاپتىن ئۆرتەنمەكتە. ئۇلۇغ ئاللادىن قىلغان گۇناھىغا مەغپىرەت تىلىمەكتە،ئۆز-ئۆزىنى ۋىجدان سوتى ئالدىدا سوراققا تارتماقتا: ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللا مىنى كەچۈرەمسەن؟سىلەر مىنى كەچۈرەلەمسىلەر؟مەندەك ئۆزبالسىنى ئۆزى ھالاك قىلغان رەھىمسىز ئانىنى كەچۈرەلەمسىلەر؟
ئەلىگە ئەمدى نىمە بولدىكىن يولبۇيى مەرزىيەگە تىلفون قىلىپ ئوپراتسىيەدىن كىيىن چۇقۇم تىلفون قىلىشىنى قايتا-قايتا تاپىلاپ كەتتى.مەرزىيەنىڭ ئاچىسى تىلفوننى ئېلىپ؛‹‹ئەمدىلىكتە كۈڭۈل بۈلۈپ قاپسىزغۇ ،مەرزىيە ھازىر سىزنىڭ كۈڭۈل بۆلىشىڭىزگە مۇھتاج ئەمەس ››دەپلا تىلفوننى قۇيىۋەتتى، ئۇئوپراتسىيە ئۈستىلىگە چىقتى.ھەتتا مۇشۇ ياتقانچە بىر ئۆمۈرلۈك ئۇيقۇغا كىتىشنىمۇ ئويلىدى،ھۇشسىزلاندۇرۇش ئۇكۇلى بىلەن تەڭ كۆزلىرى غۇۋالاشتى قالغان ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيتتى.پەقەت دوختۇرنىڭ‹‹چۈشكەن ھامىلە قوشگېزەككەن ››دىگەن سۆزى بىلەن تەڭ چاقماق چاققاندەك ئەندىكىپ ئويغىنىپ كەتتى.ئەلىگە تىلفون قىلىشنى ئويلىدىيۇ، لىكىن يېنىدا ئاچىسى بولغاچقا قىلمىدى.
بىر يامان ئىشنىڭمۇ بىر ياخشى تەرىپى بۇلىدىكەن.مەرزىيەئاجراشقاندىن كىيىن سەل-پەل كۈنەلمىگەن، قىيالمىغان بولسىمۇ بىراق ،ئانچە ئەپسۇسلىنىپ كەتمىدى.چۈنكى كۈنلىرى بۇرۇنقىدىن ياخشى ئۈتۈشكە باشلىدى.‹‹ئاناڭ ئۆيى يايلاق››دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن كونىلا. بىرەر ۋاق تاماق ئىتىپ بەرسە ياكى كىرلىرىنى يۇيۇپ بەرسە ئاپىسى شۇنچىلىك خوش بوپ كىتەتتى.مەرزىيەئىشقا بېرىش ئۈچۈن توكلۇق ۋېلىسپىتمۇ سېتىۋالدى .كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا قايتىدىن ئىشەنچ تۇرعۇزدى،ئىسىت ئاشۇ دوزاقتا ئۆتكەن ئۆمرۈم،دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى- دە،ئىشىغا كىرىشىپ  كەتتى.ھاياتلىق يولى مۇشۇنداق ئەگرى توقايلىققا تولغان بۇلىدۇ.زىددىيەت ۋە زىددىيەت ئۈستىدىن كۈرەش بولغاچقىلا جەمىيەت تەرەققى قىلىدۇ.سىز ئويلىغاندەك داغدام يول نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز.                                                 ئەلى ئاتا-ئانىسى بىلەن كورلىغا كەتتى.بىر قانچە كۈندىن كىيىن مەرزىيە ئاچىسىنىڭ نىڭ ئېلىم- بىرىم ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىلفون قىلدى.
  ئوڭاي ئەمەس يۈرەكتىن سۈيۈش،  
ئۇنتۇشمۇ ھەم شۇنچىلىك قىيىن.
خاتىرەڭدىن ئۈچۈرگەن بىلەن،
يۈرەكىڭدە ئەسلەيسەن كىيىن.     
ئەلى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ ناخشىسىنى رەڭلىك قوڭغۇراق قىلىپ چۈشۈرىۋالغانىدى.ئەمەليەتتە بۇ ئەلىنىڭ مەرزىيەگەئېيتماقچى بولغانلىرى ئىدى. ئەلى تىلفوننى ئۇزۇندا ئالدى.‹‹ۋەي ››مەرزىيە ئاشۇ تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپلا جىددىيلىشىپ  ئاغزىدىن گەپلىرى چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى.مەقسىدىنى ئۇدۇللا ئېيىتتى.ئەلى بىر قانچە كۈندىن كىيىن بېرىپ ئاچىسىنىڭ پۇلىنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقاچ تىلفوننى ئۇزۇندا ئالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ كەتتى؛‹‹ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتاتتىم شۇڭا تىلفوننى ۋاختىدا ئالالماي قالدىم.كەچۈرۈڭ››. ھازىر ئۇنىڭ كەچۈرۈملىرى مەرزىيە  ئۈچۈن ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتتى.            
  بۈگۈن مەرزىيە  دىجۆرنى بولغاچقا ئىشتىن چۈشۈپ دىجۆرنىخانىدا دەرس تەييارلاپ ئولتۇراتتى، تىلفونى سايراپ كەتتى.خوشياقمىغان ھالدا تىلفوننى ئالدى، تۇنۇش ئاۋاز.      
–ۋەي تىشلىقمۇ؟                  
  -تىشلىق .دىدى مەرزىيە قوپال تەلەپپۇزدا.                        
–مەن مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىدا، چىقىسىڭىز بوپتىكەن.بىرقانچە ئېغىزلا گىپىم بار ئىدى.سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلمايمەن.                       
  ‹‹چىقايمۇ چىقمايمۇ؟ھەي بولدىلا، مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندىكىن يەنىلا بىر چىقىپ باقاي››.مەرزىيە ئاسىي كۆڭلىنىڭ ۋەسۋەسىسىدە  ئىختىيارسىز قەدەم ئالدى. ‹‹گەپ بولسا تىزراق دەڭ،مىنىڭ ۋاختىم كۆپ ئەمەس››.                                         
-بۇلىدۇ،دەپ گىپىنى باشلىدى ئەلى: ‹‹مەن ۋاپاسىزسىزنى قەدىرلىيەلمىدىم.ئادەم دىگەن مۇشۇنداق نىمىكەن،يېنىدا تۇرغان نەرسىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىكەن،ئايرىلغاندا بولسا ئاھ ئۇرغان بىلەن بىكاكەن.مەن كۆپ ئويلاندىم مەرزىيە،بىز يارىشىۋالايلى.ئاتا-ئانام كورلىغا بارغاندىن كىيىن ھېلىقى پەرىدە دىگەن قىزنى سايە قىلدى لىكىن مىنىڭ كۆڭلۈم يەنىلا سىزدە شۇڭا ئاتا-ئانام بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ قايتىپ كەلدىم.سىز قۇشۇلسىڭىز،بىز ئايرىم تۇرىمىز.مەن سىزنى قەدىرلەيمەن مەرزىيە.بىلىمەن،مەن ئالدىڭىزدا ناھايىتى كۆپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم ماڭا گۇناھىمنى يۇيغىدەك پۇرسەت بىرىڭ بۇلامدۇ؟مىنى،كەچۈرۈڭ››دەپ مەرزىيەنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئاچكۆزلۈك بىلەن باغرىغا باسماقچى بولدى. –‹‹قوي بۇنداق گىپىڭنى ،چېقىلغان چىنە ئەسلىگە كىلەمدۇ؟مەن ھازىر ساڭا مۇھتاج ئەمەس.››مەرزىيە قانداقتۇر بىر قۇدرەتلىك كۈچنىڭ تەسىرىدە ئۇنى سىلكىۋەتتى.ئۆزىمۇ بۇقىلغىنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئاڭقىرالمىدى.ئەلى يالۋۇردى،كۆز يېشى قىلدى،مەرزىيە ئېرىيدىغاندەك ئەمەس‹‹ئاناڭ سىنى تۇققان بىلەن غۇرۇرۇڭنى ئېپ قاپتىكەن،ئەركىشى تۇرۇپ مىنىڭ ئالدىمدا كۆز يېشى قىلىۋاتامسەن؟مەن سىنىڭ ئورنۇڭدا بولسام بىنانىڭ 7-قەۋىتىدىن ئۆزۈمنى تاشلاپلا ئۈلىۋالغان بۇلاتتىم. ھەراست يەنە بىر گەپ،ئاچامنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بىرىۋىتىپ كۈزۈمدىن يوقال››دەپلاماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى.ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلالىغىنىدىن مەمنۇن
بولدى.ئەلى شۇ يوقالغانچە يوقىلىپلا كەتتى.

ئاخىرى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris427 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 02:27 PM  


ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9522
تۆھپە نۇمۇرى: 1010
توردا: 2538 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:30:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6-قىسىم
بىر قانچە كۈندىن كىيىن مەرزىيە ناھىيە بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن دادا سۈپەت بىر ئادەمنىڭ ماشىنىسىغا چىقتى.بۇ يەردىكى شوپۇرلار ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنى تۇنۇيتتى، شوپۇر گەپ باشلىدى.        
  -قېينئاتىڭىزنىڭ نىمىشقا سىزنى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمىگەنلىكىنى بىلەمسىز؟      
  -ياق .-دىدى مەرزىيە ،لىكىن بۇ مەسلىگە قىزىقىپ گەپ كوچىلاشقا باشلىدى
–ئۆز ئوغلىنى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمىگەن ئادەم  ئەلۋەتتە ،كىلىنىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ دە.  –بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟ماڭا ئېنىقراق دەپ بىرىڭە.
–بىز ئۇلار بىلەن يىراقتىن تۇققان كىلەتتۇق،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن تۇلۇق خەۋەردارمەن.ئۇلار شۇنداق مەنمەنچى بولغاچقا تۇققانلار بىلەنمۇ ئانچە ئەپ ئۆتمەيدۇ.گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك؛ قېينئانىڭىز قېيناتىڭىز بىلەن توي قىلغان ئايدىلا ئەلىگە ھامىلدار بوپتىكەن،ئون ئاي تۇلۇق توشمايلا ئەلىنى يەڭگىگەندىن كىيىن،خۇدانىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتاقىلغىنىغا خوش بولماق تۈگۈل قېينانىڭىزنى ھاقارەتلەپ ‹‹بۇ مىنىڭ بالام ئەمەس›› دەپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىدىن خېلىغىچە ئەكەتمەي بىچارە مەزلۇمغا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسەتكەن.            
    مەرزىيە شۇئان ھەممە ئىشلارنى ئاڭقىرغاندەك بولدى.ۋە ئاشۇ باغرى تاش قېيناتىسىنىڭ روھى دۇنياسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگەندەك بولدى. ئىىسىت ئۇنىڭ بەش ناماز بولغىنى. ئاياللار نىمىدىگەن ئاجىزھە؟
-قارىسام ئەلى سىزگە بەك ئامراقتى،كۆز تەگكەندەك ئىش بوپتۇ.سىزنى بويىدا بار دەپ ئۇنى-بۇنى تۇشۇپ يۈرەتتىغۇ؟   
-دادىسى يوق بالىنى تۇغۇپ نىمە قىلارمەن؟تىرىك يىتىم قىلغاندىن كۆرە بۇدۇنياغا كۆز ئاچمىغىنى ياخشى.  تېخى قوشگېزەككەن دەڭە.     
  –‹‹ھۇ نائەھلىلەر،ئومۈرۋايەت نەۋرىلىك بۇلالمىغاي ئىلاھىم.شۇنداق نائەھلىلەرگىمۇ پەرزەنت بىرىدىكەن دىسە›› .دەپ ئۇلارنى قار غىغىلى تۇردى.‹‹ئاڭلىسام ئۇلار تىجارەتتىكى بىر شىرىكى بىلەن قۇدىلىشىدىكەن.سىزمۇ غەيرەتلىك بۇلۇڭ .ئەمدى ھەرگىز كەينىڭىزگە قارىماي،يىقىلغان يىرىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ››.  ئۇنىڭ توي قىلىدىغىىنىنى ئاڭلىغان مەرزىيەنىڭ يۈرىكى پىژژىدە قىلغاندەك بولدىيۇ، ئانچە پەرۋا قىپمۇ كەتمىدى،چۈنكى مۇشۇنداق بۇلارىنى ئۇ ئاللىقاچانلا پەرەز قىلغانىدى. مەرزىيەنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۆتمۈشنى تىزراق ئۇنتۇشى ئۈچۈن ئۇنى بەزلەيتىى.تەتىلمۇ يىتىپ كەلدى.مەرزىيەنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئاچىڭىزنى يوقلىغاچ،ئويناپ كىلىڭ دەپ ئەۋەتتى.مانا ئۈرۈمچىگە كەلدى .ئىلگىرى كەلگىنىدە بۇنچىلىك قانغىچە ئويناپ باقمىغاچقا ،ئۈرۈمچىگە تۇنجى كەلگەن ئادەمدەك يېڭىچە تۇيغۇدا بولدى. كىيىم دىگەننى بىكاغا بەرگەندەك ئالدى،بارمىغان باغچا قالمىدى.روھى  كۆتىرەڭگۈ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىسى خوش بولدى.
  مەرزىيە ئەلىنىڭ توي خەۋىرىنى ئەلىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدى.ئەلى راستىنى ئېيتقاندا مەرزىيەگە چىدىمايىتتى،ھەر قېتىم مەرزىيەگە بولغان سېغىنىش ئوتى تۇتقاندا تىلفوننى قولىغا ئالاتتىدە،نۇمۇرىنى باساتتى بىراق ئۇلىمايىتتى.چۈنكى ئۇ مەرزىيەگە يۈز كىلەلمەيدىغىنىنى بىلەتتى.ئۇ بۇقېتىم زور غەيرەت بىلەن تىلفون قىلدى.  –مەن پەرىدە بىلەن توي قىلدىم.   
-ياخشى بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن.
  ئەلى ئۇھ تارتقىنىچە گەپنى باشلىدى.-‹‹مەن ھازىرپەرىدەنىڭ ئېرى ئەمەس،ئۇلارنىڭ شەخسى شوپۇرى.ئۇلار پۇلىنى كۆز-كۆز قىلىپ ماڭا ئىسىل ماشىنا ئېلىپ بەردى،مۇنداقچە ئېيتقاندامەن ئەرلىك غۇرۇرۇمنى ماشىنىغاتىگىشتىم . ماشىنىنى ھەيدىسەم ئۆزەمنى ئوت ئىچىدە كۈيىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.تۇرىۋاتقىنىممۇ ئۇلارنىڭ ئۈيى.خەجلىگىنىم ئۇلارنىڭ پۇلى. شۇنداق بولغانكەن ئۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايمەن.لىكىن شۇنىڭغا ئىشەن ،مەن يەنىلا سىنى سۈيىمەن،سىنى ئۇنتالمىدىم.سىنىڭ ئۇۋالىڭغا قالغان ئوخشايمەن مەرزىيە.ئادەم يەنىلا ئاددى-ساددا ياشىشى،شۈكرى قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەككەن .مەن بۇلارنى بەكلا كىچىكىپ ھېس قىپتىمەن››. ئەلى يۇم –يۇم يىغلاپ كەتتى.ئۇبۇنىڭ مەرزىيەنىڭ ئالدىدائىككىنچى قېتىم ياش تۈكۈشى ئىدى.بىر ئەرنىڭ ياش تۈكۈشى ئاسانمۇ؟مەرزىيەنىڭ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئەمەليەتتە ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق،تارتقۇلۇقنى تارتىدىغان ئادەم ئەسلى ئۇنىڭ دادىسى تۈمۈر ئاكا ئىدى.               
–ئەمدى بۇلارنى دىگەننىڭ پايدىسى يوق ئەلى .مىنى تىنىچ ياشىغىلى قۇيۇڭ. سىزنىڭ تېخى كۆرىدىغان كۈنىڭىز بار،مەن تارتقان ئازاپنى سىزمۇ تارتىپ بېقىڭ .دەپلا تىلفوننى قۇيىۋەتتى. مەرزىيە ئەلىنى ئەمدىلا ئۇنتاي دىگەندە بۇ گەپلەرنى دەپ تىنىچ قەلبىنى داۋالغۇتقىنى نىمىسى؟پەلەك بەزىدە تەتۈر چۆرگىلىسە بەزىدە ئوڭ چۆرگىلەپ بىزدىن ئىمتىھان ئالىدىكەن.مانا ئەمدىلىكتە مەرزىيە تارتقان خورلۇقنى ئەلى تارتىپتۇ.ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، دىگەن شۇ دە.   
نەچچە كۈندىن بۇيانقى تۇتۇق ھاۋا بۇگۈن ۋاللىدە يۇرىدى،مەرزىيەچۈشتىن كىيىن ساۋاغدىشىنىڭ تويىغا بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى ئەستايىدىل ياساندى،ئۇنىڭ بۇنچىلىك كۈڭۈل قۇيۇپ ياسانمىغىلى خېلى كۈنلەر بولغانىدى. چوڭ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆزىگە تەپسىلى نەزەر سالدى. ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئۈمۈت ئۇچقۇنى چاقناپ تۇرىدىغان بىرجۈپ قارا كۆز ئالماشقانىدى،خۈنۈك تېرىلىرى پارقىراپ ئۈزىنى شۇنچە چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلەندى-دە ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .ئەمدى ئۆزەڭنى تاپتىڭ ،ياشاپ كەت مەرزىيە ،كەينىڭگە قارىما،ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى ھەرگىز ئەسلەپ سالما.سىنىڭ مۇخبىر بۇلۇشتىن ئىبارەت گۈزەل غايەڭ بارئىدىغۇ،غەيرەت قىل.تىرىشساڭ مەنزىلگە يىتەلەيسەن.تۇرمۇشۇڭنى باشتىن باشلا. قاباھەتلىك چۈشنى خاتىرەڭدىن پۈتۈنلەي يۇيىۋەت.

تۈگىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaris427 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 02:33 PM  


ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83809
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-8-12
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 04:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، قۇلىڭىزغا اللاھ دەرت بەرمىسۇن! مەن قارىسام بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشتەك قىلامدۇ نىمە؟

مەغلۇبىيەت-مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئانىسى!

korginigdin koptur kormignig k

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8374
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8454
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 04:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگەپ كەتتىما ، ئەجەپ ياخشى چىقىپتۇ.  مەرزىيەنىڭمۇ بەخىتلىك بولغان كۈرىنىشىنى قوشۇۋەتكەن  بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

ياشا دوستۇم ، ئېسىل ياشا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77782
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 07:56:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahirisi badu?bizni intizar kil misi giz qu!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش