مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 897|ئىنكاس: 15

«كارامەت گەپلەر» ھەققىدە مۇلاھىزە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42992
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 13825 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 01:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېقىرنىڭ بىر قىزىقىشى بار ، چىرىكلىككە قارشى يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياقتۇرمەن ، بولۇپمۇ ھېلىقىدەك ئەسلىي قىياپىتى ئاشكارلانغان ،قانۇن تورىغا چۈشكەن پارازىت قۇرۇتلارنىڭ دېگەن گەپ -سۆزلىرىگە ئالاھىدە قىزىقىمەن بۇنداق سۆز- چۆچەك ئاشۇ پارۇخۇرلارنىڭ ھەمشېرىكلىرى تەرپىدىن ئاشكارلانغان ياكى ئۆزىلىرى قانۇن ئىجراچىلىرغا ئىقرار قىلغان بولۇپ ،ئۇلارنىڭ مەنسەپتىكى ۋاختىدا ئاغزى بىسىقماي دەيدىغان ھېلىقىدەك پو گەپلىرى قۇرۇق گەپلىرى ھىقىقەت ھېساپلىنىدىغان ،قىلىپلىشىپ كەتكەن سۆز ئىبارىلىرگە زادىلا ئوخشىمايدىغان ،ئىنتايىن چىنلىق بىلەن ئۆز ماھىيتىنى ئاشكارلايدۇ ، پېقىر بۇلارنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىمدىن بارىكاللا ئېيتماي تۇرالمايمەن .
بۇلاردىن ئۆزۈملا بەھىرلەنمەي دەپ بىر قانچىسىنى تاللاپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم :
__«ئەگەر مېنىڭ بىر تىيىنلىك مەسىلەم بولسا ، مېنى ئون يىل تۈرمىگە تاشلاڭلار ،ئونمىڭ يۈئەنلىك مەسىلەم بولسا ،ئېتىۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ .»     ___________( « قانۇ ن- تۈزۈم تىمىسىدىكى  ئەدىبىي ئەسەرلەر توپلىمى گېزىتى »نىڭ 2010-يىل 28- ئاۋغۇستىكى سانىدىن ئېلىندى .)
بۇ 5 مىليۇن 70مىڭ يۈئەن پارا يېگەن ، جىيەنلى ناھىيىسى دۆلەت ھېمىن ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى خۇاڭ جىيەنپىڭنىڭ تەپتىش ئەمەلدارىغا بەرگەن قەسىمىدۇر .
مۇلاھىزە : ئىدارە باشلىقى خۇاڭ جىيەنپىڭنىڭ قىلغان قەسىمىدىن كىچىك چاغلىرىمدا سەھراداباشقىلاردىن ئاڭلىغان «ئەگەر يالغان سۆزلىسەم چاقماق چىقىپ ئۆلەي» ياكى «ئەگەر بۇ ئىشنى مەن قىلغان بولسام ،ئادەم بولماي ھايۋان بوپ كىتەي » دېگەندەك قەسەملەر يادىمغا كەلدى. ناۋادا  «ئەمىلىيەتنى ئاساس ،قانۇننى ئۆلچەم قىلىش » نى « ئەمىلىيەتنى ئاساس قەسەمنى ئۆلچەم قىلىش » قا ئۆزگەرتىدىغان بولساق ، خۇاڭ ئىدارە باشلىقى 507قىتىم ئىتىلىپ ئۆلگەن بولار ئىدى ئەجىبا ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ جىنى بارمىدۇ ؟!

___« نوچى بولساڭ پۇل خەجلىمەي بىر ئادەتتىكى بۆلۈم باشلىقى بولۇپ باقمامسەن ، سىنى ھازىرلا چوڭ دادا دەپ چاقىرمەن » («ھەپتىلىك تەرمىلەر»)ژورنىلىنىڭ 2011-يىلى 4- مارىتتىكى سانىدىن ئېلىندى )
بۇ خاڭجۇ شەھرى بىنجىياڭ رايۇننىڭ سابىق پارتكۇم شۇجىسى شاڭ گۈشىڭنىڭ ھوقۇق سېتىۋالدىغانلارغا ئىيتىدىغان سۆزى ، يەنى ئەمەلدار بولاي دىسەڭ« پۇل كۆتۈرۈپ كەل »دېمەكچى .
مۇلاھىزە : شاڭ شۈجىنىڭ بۇ قىسقىغىنا سۆزىگە چوڭقۇر مەنا يوشورۇنغان . بۇنىڭدىن شۇنداق مەنە چىقۇدۇركى ، مەن مەنسەپ قالپىقىنى بىكارغا بەرمەيمەن ، ھوقۇق سىتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەرقاندىقىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن . ئەمەلدار بولماقچى بولساڭ مەيلى سەن مېنىڭ قان - قېرىندىشىم بولۇشۇڭدىن ياكى مۇناسىۋىتىمىز ھەر قانچە يىقىن بولۇشىدىن قەتتىئينەزەر پۇلنى جىق بەرسەڭلا بولدى . ئەگەر سەن پۇل خەجلىمەيلا ئادەتتىكى بۆلۈم باشلىقى بولالىساڭ ئالدىڭدىلا سىنى «چوڭ دادا» دەپ چاقىرمەن دېمەكچى . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ، بۇ يەردىكى نەق گەپنىڭ ئۆزى «پۇل خەجلەپ ئەمەلگە ئىرشىش »پۇلىڭىز بولمىسا دىيىشكىدەك گەپ يوق دېگەن گەپ .

____« بېشىمدىكى قىزىل قالپىقىم چوڭ ، نازىر دەرجىلىك رەھبەرمەن ،ئۇلار چوڭۇم ئاۋۋال مېنى ئەمەس ، سېنى تەكشۈردۇ ، شۇڭا سەن چىڭ تۇرۇشۇڭ ، سېمۇنۇتتەك ئەمەس ، بەلكى پولاتتەك ئىرادەڭ بولۇشى كېرەك .» («تەپتىش خىزمىتىدىكى بوران _ چاپقۇن» ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق  16- سانىدىن ئېلىندى )
بۇ جېجياڭ ئۆلكىسى باش نازىر دەرجىلىك رەھبىرى كادىر ۋاڭ شىيەنلۇڭنىڭ ئاشنىسىغا قويغان تەلىپى .
مۇلاھىزە : پارىخور  ئەمەلدار بىلەن ئۇنىڭ ئاشنىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھوقۇققا تايىنىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ . سىز ھوقۇقىڭىزغا تايىنىپ ئۇنىڭ ەۈزەللىكىنى بوي سۇندۇرسىز ، ئۇ بولسا گۇزەللىكىگە تايىنىپ ھوقۇقىڭىزنى قولغا چۈشۈردۇ . ئۆزىڭىزچە ئاياللارنى ككلدۇرلىتىمەن دەپ ئويلايسىز ، ئەمىليەتتە ئۇلار سىزنى كولدۇرلىتىدۇ . ئەمدى ئويۇندىن چاتاق چىققاندا ، ئۇنى پالاتتەك ئىرادەڭ بىلەن مېنى قوغدا دېسەڭ ، ئۇمۇ ئەخمەق ئەمەس ، ئۇ خىزمەت كۆرسىتىپ جىنايىتىمنى يەڭگىللىتىمەن دەپ سىنى تارتىپ چىقىردۇ .

_____ « چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تامنىڭ ئۇ تەرپىدىن بۇ تەرپىگە كېسەك ئاتقانغا ئوخشايدۇ ، كېسەك كىمىگە تىگىپ كەتسە ، شۇنى نەس باسىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن بۇ كېسەك مېنىڭ بىشىمغا چۈشتى ئەمەسمۇ .» («ھەپتىلىك ئەسەرلەردىن تاللانمىلار » 2010- يىللىق 30- نويابىر سانىدىن )
بۇ 15 مىليۇننى يۇتۋالغان ، مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەپ نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇردىغان ناھىيە_____ گەنسۇ ئۆلكىسى داڭ چاڭ ناھىيىسىنىڭ سابىق پارتۇكۇم شۇجىسى ۋاڭ شىيەنمىڭ ئېيتقان سۆز .
مۇلاھىزە : كېسەكنىڭ چۈشۈشى مۇقەررەر . ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ بىشىغا چۈشمەي سىزنىڭ بېشىڭىزغا چۈشۈشى تاساددىپىيلىق ، سىزنىڭ قولغا چۈشۈپ ،كېسىلىشىڭىز مۇقەررەر ، چۈنكە ئىقتىسادىي مەسىلىڭىز بار- دە . ناۋادا سىز بىر ئىشچى ياكى دېھقان بولغان بولسىڭىز ، بېشىڭىزغا كېسەك چۈشكەن تەقدىردىمۇ ،ئازراق ئۇۋالچىلىق تارتقىنىڭىزنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، گۇناھسىز دەپ قويۇپ بىرلىشىڭىز ئىنىق ئىدى . ماركىس مۇنداق دېگەن : « ئاتالمىش تاساددىيبىلىق ئىچىدە مۇقەررەرلىكنى يوشۇرۇن ساقلىغان بىر خىل شەكىلدۇر » كۆپچىلىك تەخىر قىلساڭلار ، كېيىنكى كېسەكنىڭ يەنە قايسى چوڭ پارىخۇرنىڭ بېشىغا چۈشكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر .

_____« قايسى قانۇندا ئەرلەر ئايالىدىن باشقا ئاياللار بىلەن كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭسا بولمايدۇ ، دېگەن بەلگىلمە بار ؟ »
بۇ ئاشنىسى بىلەن بازار ئايلىنىۋاتقاندا ئايالىغا ئۇچراپ قالغان جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئىدارە مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش سوتى نەق مەيدانىدا ئېيتىلغان «ھەتتا سوتچىنىمۇ چۆچىتىۋەتكەن » بىر قۈملە سۆزىدۇر .
مۇلاھىزە : ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭسا ھېچنېمىنى ھېس قىلالمايدىغان ، ئاشنىسنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭسا ياشلىققا قايتقاندەك ھېسسىياتقا كىلىپ ، قىن - قىنىغا پاتمايدىغان ئادەملەرمۇ بار .... بۇنداق يوشۇرۇن ئاشنا ئويناش قانۇننغا خىلاپ بولمىغىنى بىلەن ئەخلاق چىگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ، باشقىلارنىڭ مەسخىرە كۈلكىسىگە قېلىشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ .

«فېليەتونلار ئايلىق دورنىلى » نىڭ 2011- يىللىق 8-ئايلىق 1- سانىدىن . ئاسىمجان ئابلىمىت تەرجىمىسى .
مەنبە : شىنجاڭ مەدەنيتى ژورنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 01:39 PM  


سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7488
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 01:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىليۇتۇن دىگەن شۇنداق ياخشى ژانىر. دىمەكچى بولغان گەپنى يۆگەپ تۇرۇپ دەۋىتىدۇ. ئاڭلىماققا ئادەتتىكىدەك، تەھلىل قىلسا تازنىڭ لازىزىدەك ئاچچىق.

بۇ فىليۇتۇننى ئوقۇماپتىكەنمەن، تىمە ئىگىسىگە رەھمەت.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەسكى خوتەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59159
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8813
تۆھپە نۇمۇرى: 1382
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 01:54:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېشىندىن باشلانغان پارىخورلۇق،خەنلەرگە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد سىڭىپ كەتتى،ئۇنىڭدىن بىزنىڭ مىللەتتىكىلەرگىمۇ يۇقۇۋاتىدۇ،يۇققاندىمۇ ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ قىلىشنى ئۆگەندى

ئەلنى تاشلىغان،ئەر ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13511
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1303 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:29:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارىخورلار ئۆز ئۆيىدە پۈدەپ ئچەر دوغنىمۇ،
باشقىلار پارا بەرسە يالماپ يۇتار  چوغنىمۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 02:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4250
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:45:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەتنىڭ يۇقىرى تۆۋەن قاتلام كادىرلىرىغا سىڭىپلا كىتىۋاتىدۇ چىرىكلىك ھادىسسى،ئاشكارىلانغىنى بولسا ئازغىنە بىر قىسىمى . ‹‹ھوقۇق ››تىن ئۇنۇملۇك پايدىلنىدىغان بولۇپ كەتتى باشلىقلار.
ياخشى فىليۇتۇنلاركەن  رەخمەت سىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېشىندىن باشلانغان پارىخورلۇق،خەنلەرگە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد سىڭىپ كەتتى،ئۇنىڭدىن بىزنىڭ مىللەتتىكىلەرگىمۇ يۇقۇۋاتىدۇ،يۇققاندىمۇ ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ قىلىشنى ئۆگەندى

بەك قوشۇلىمە ما گەپكە  ئۇدۇمدە

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

"/ئارتۇق گەپ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 884
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11924
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3638 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 03:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارتىيە مەركىزى كومىتىتى سىياسى بىيروسىنىڭو ئەزاسى، چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان بو شىلەي ھوقۇق پەللىسىگە چىقىشتا كىملەرگە ئىگىلىپ، كىملەرگە ___« نوچى بولساڭ پۇل خەجلىمەي بىر ئادەتتىكى بۆلۈم باشلىقى بولۇپ باقمامسەن ، سىنى ھازىرلا چوڭ دادا دەپ چاقىرمەن » دىگەن بولغىيتتى- ھە؟

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 04:18:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېشىندىن باشلاپ دىيلسە بۇلارنىڭ پادىشاسى خۇاڭدى ،يەندى دىگەنلەرگە ئۇۋال بۇلىدۇ. خېشىن تېخى يېقىندىكى پارىخور،شاڭ سۇلالىسدىن باشلاپلا بۇلارنىڭ پارىخورلىرى بار ئىدى.

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13481
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 2572 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 04:25:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
_____« قايسى قانۇندا ئەرلەر ئايالىدىن باشقا ئاياللار بىلەن كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭسا بولمايدۇ ، دېگەن بەلگىلمە بار ؟ »
ماۋۇ بىر جۈملە قانۇننىڭ چالىلىقىنى كۆرسىتەمدا، بۇلارنىزە قىلىدىغان قىلىقى قالمىغاندا قانۇنغىمۇ شارپا ئارتىپ يۈرگىنى نېمىسى ئەمدى؟

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28813
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5388
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 04:34:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                      ئىدارە باشلىقى فەن پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. سوتچى ئۇنىڭغا ھۆكۈمنامىگە قول قوي دىسە ، ئۇ قول قويغىلى ئۇنىماپتۇ .
                بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى يىغلاپ تاشلاپتۇ-دە:
           __ ئۇنىڭغا پۇل بەرمىسە ، قول قويغىلى ئۇنىمايدۇ ، بۇ ئۇنىڭ ئادىتى ، __دەپتۇ .

‹زىمىن نەپەسلەنسە بىزمۇ ياشايمىز، زىمىن نەپەستىن توختىسا بىزمۇ ھالاك بولىمىز...›
      __ جىبران خېلىل جىبران
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش