مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5734|ئىنكاس: 34

بورھان شەھىدىنىڭ مەكىت ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى سايلاش يىغىنىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73415
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 01:41:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بورھان شەھىدىنىڭ مەكىت ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى سايلاش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى


«11 بېتىم» ئىمزالانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بويىچە ، پۈتكۈل شىنجاڭ دائىرىسىدە دېمكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى باشلىنىپ ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىۋىدىكى ئاساسلىق رەھبىرى يولداشلار مەسئۇللىقىدا كىچىك گورۇپپىلار تەشكىللىنىپ ، ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ئىبەرتىلدى . شۇ قاتاردا ، 1946 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بورھان شەھىدى باشچىلىقىدىكى گورۇپپا مەكىت ناھىيەسىگە يىتىپ كىلىپ ، مەكىت ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى سايلاشقا رىياسەتچىلىك قىلغان . سايلام باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ، ناھىيە مەركىزىدە چوڭ كۆلەملىك يىغىن ئېچىلىپ ، يىغىندا بورھان شەھىدى مۇنداق سۆز قىلغان .

      «قەدىرلىك قېرىنداشلار ، يۇرتداشلار !

     ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجۇڭ ، مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت ئەپەندى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى سىلەرگە سالام يوللىدى .

بۈگۈن ھەممىڭلار بىلەن يۈز كۈرۈشۈپ ، مۇشۇنداق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھىس قىلماقتىمەن ، شۇنداقلا ناھايىتى ھاياجانلانماقتىمەن . بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىزدە ئىككى مەقسەت بار : بىرى ، بۇ يەردىكى سايلام خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ؛ يەنە بىرى ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇش ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئىشلار ، قىيىنچىلىقلار بولسا ئۇنى ھەل قىلىش ، ئاممىغا ھازىرقى دىمگىراتتىك سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش ، ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاش .

      سايلام مەسىلىسى توغرىسىدا ، ئەڭ ئاۋال ، نىمە ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىز ئۈستىدە توختىلىپ ئۈتىمەن . ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۆتمۈشتە ئادالەتسىز ئىشلار بەك كۆپ بولدى . خەلقىمىز نۇرغۇن ئازاپ - ئوقۇبەت تارتىپ ، نۇرغۇن ئىزىلىشكە ئۇچرىدى ، ئەمما دەرت ئەھۋالىنى ئېيتىدىغان يەر تاپالمىدى . كونا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىرى تۈرلۈك زۇلۇم ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ خەلقنىڭ قېنىنى شوراپ ، خەلقنى چىدىغۇسىز ھەلەتكە كەلتۈرۈپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن جايلاردا قوزغىلاڭلار كۆتۈرۈلدى . بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولغىنى ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى بولدى . ئۈچ ۋىلايەتتىكى قېرىنداشلار كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ مۇستەبىتچىلەرگە قارشى تۇرۇپ ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىزىلگەن 4 مىلىيۇن 500 مىڭ خەلقنى ئازاتلىققا چىقىرىش يولىدىكى بىرخىل ھەركەتتۇر . ئۈچ ۋىلايەتنىڭ خەلق ۋەكىللىرى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى يەنى ھازىرقى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجۇڭ بىلەن سەككىز ئاي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈپ ، «11 ماددىلىق تېنچلىق بېتىمى» نى ئىمزالىدى . خەلقنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ۋە تەلەپ قىلىپ كەلگەن ھوقۇقى ئاشۇ بېتىمنىڭ ئىچىگە تولۇق كىرگۈزۈلدى .

ھازىر مۇشۇ تىنچلىق بىتىمىنىڭ 1 – ماددىسىغا ئاساسەن ، خەلققە ئۈزى ئىشىنىدىغان ئادىل كىشىلەردىن كېڭەش تەشكىللەپ چىقىش ۋە ناھىيىنىڭ ھاكىمى ، مۇئاۋىن ھاكىمىنى سايلاپ چىقىش ھوقۇقى بىرىلدى . ئىچكى ئۆلكىلەردە خەلققە ناھىلىك كېڭەشنىڭ ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ھوقۇقى بىرىلگەن بولسىمۇ ، ناھىيىنىڭ ھاكىمىنى سايلاش ھوقۇقى بىرىلمىگەن  . ۋاھالەنكى ، ئۆلكىمىزدە بۇنداق ھوقۇق ھەممىدىن ئاۋال يولغا قويۇلماقتا . بۇ تىنچلىق بىتىمىدە بەلگىلەنگەن ھوقۇق . ئۇ ئاسان قولغا كەلمىدى . بەلكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ قان ئاققۇزۇپ قۇربان بىرىشى بەدلىگە كەلدى . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى قەدىرلىشىمىز ، ئاممىغا كۆڭۈل بۈلىدىغان ، ئامما ئىشىنىدىغان ، ئامما ياخشى كۈرىدىغان كىشىلەرنى خىزمەتنى باشقۇرۇشقا ئەستايىدىل سايلاپ چىقىشىمىز كېرەك .

      بىز بارغانلا يەردە ئاممىدىن نەچچە يۈزلىگەن تەلەپنامىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ، بۇ تەلەپنەمىلەردە : ئىزىلىشكە ئۇچراپ ، ئېغىر ئازاپ تارتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىنغان ، ئۇنى بىر ئامال قىلىپ ھەل قىلىپ بىرىش ، بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان . بۇنىڭدىن كىيىن ، بەختكە ئىرىشىش ھوقۇقى ئۆز قولۇڭلاردا . ئەگەر سىلەر ئادىل ، ۋىجدانلىق ، ئەخلاقلىق ، بىلىملىك ۋە خەلقنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئادەملەرنى سايلاپ چىقىدىغان بولساڭلار ، سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار كاپارلەتكە ئىگە بولىدۇ . ئەگەر سىلەر نامۇۋاپىق ئادەملەرنى ، مەسىلەن ، خىيانەتچى ، قىمارۋاز ۋە ۋىژدانسىز ئادەملەرنى سايلاپ قويىدىغان بولساڭلار ، ئۇ ھالدا ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بالايىئاپەتنىڭ دەردىنى ئۆزۈڭلار تارتىسىلەر ، ئەلۋەتتە . خەلقتە يامان ئادەملەرنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاش ھوقۇقىمۇ بولىدۇ . خەلق ئاشۇنداق يامان ئادەملەرنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاپ ، باشقىدىن سايلىسا بولىدۇ . ئەمما كونىلار : «بېگىڭگە يەتكۈچە بېلىڭ سۇنۇپتۇ» دەپ ياخشى ئېيتقان . سەن ئۇنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىغۇچە ، ئۇ قىلىدىغان ئەسكىلىكلىرىنى قىلىپ بولىدۇ ، شۇڭا خەلق ئاممىسىغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ياخشى ئادەمنى سايلاش كېرەك .

      بىز قەشقەر ، يەكەنلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق . پوسكام ناھىيىسىنىڭ كاتتىۋاشلىرى «مۇئاۋىن رەئىس كېلىدىكەن» دىگەن نام بىلەن خەلقتىن نۇرغۇن توخۇ ۋە تۇخۇم يىغىۋاپتۇ ، بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خاپا بولدۇم . چۈنكى بىز بۇ يەرگە خەلقنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى خەلقنىڭ ئۈستىدىكى سېلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن كەلدۇق . مەن پوسكام ناھىيىسىدە ئېچىلغان ئاممىۋى يىغىندا سۆزلىگەن سۆزۈمدە : سىلەر توخۇ ۋە تۇخۇملىرىڭلارنى ئېلپ كىتىڭلار ! دەپ جاكارلىدىم . ئۇنىڭدىن قالسا ، تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ، بەزىلەر جايلاردا تۇرۇشلۇق ھەربىيلەرگە كېرەكلىك قۇرۇق ئوت – چۆپ ، يەم -خەشەكلەرنى ئارتۇق ئالىدىكەن . 100 باغ بىدە تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك بولسا ، 150 باغ بىدە ئېلىنىكەن . بىر دادەن كۆممە قوناق ئېلىشقا تىگىشلىك بولسا بىر يېرىم دادەن كۆممە قوناق ئېلىنىپ ، ئارتۇق ئېلىنغان كۆممە قوناق ، يەم – خەشەكلەرنى ئۆز چۆنتىكىگە سالىدىكەن . ھۆكۈمەت بەرگەن پۇل مال ئىگىسىنىڭ قولىغا تەگمەيلا باشقىلار خىيانەت قىلىپ كىتىدىكەن .

يەنە بەزى جايلاردىكى كاتتىۋاشلار ھۆكۈمەتكە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئالمايدىكەن . بۇلار قانۇنغا خىلاپ ، شۇنداقلا دىنىي ئەقىدىلەرگىمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدۇ . ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىدە ئاممىغا زۇلۇم سېلىشقا ، ئاممىنى ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ . مەسىلەن : مىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىم مەن مۇئاۋىن رەئىس بولغانلىقىم ئۈچۈن تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ئالۋان ياساقنى تاپشۇرمىسا ، بۇ توغرا بولامدۇ ؟ ئەلۋەتتە ، توغرا بولمايدۇ . مىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىم مۇئاۋىن رەئىسكە تۇغقان ئەمەس ، بەلكى بۇرھانغا تۇغقان . مۇئاۋىن رەئىس بىرنەچچە ئادەمنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەمەس ، بەلكى خەلقنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى . شۇنىڭغا ئوخشاشلا ، ھاكىم ، شاڭجاڭ ، باۋجاڭلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆلەشكە تىگىشلىك ئالۋان – ياساقلارنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسا ، ئۇنداق ئادەم ھۆكۈمەت ئالدىدا ، ئامما ئالدىدا ۋە خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ . ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ . ئەگەر تەكشۈرۈپ تېپىلىپ قالىدىغان بولسا ، ئۇنداقلار قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ .

     بۇرۇن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر رەئىس بىلەن قوشۇلۇپ 13 ھەيئەت ئەزاسى بار ئىدى . ھازىر «11 ماددلىق تىنچلىق بىتىم» نىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ، ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىرى 25 بولىدۇ . بۇنىڭ ئونىنى مەركەز تەيىنلەيدۇ ، ئون بەشى يەرلىك زاتلاردىن تەيىنلىدۇ . ھازىر بىر رەئىس ، ئىككى مۇئاۋىن رەئىس بار . جاڭ جىجۇڭ رەئىس ، ئەخمەت ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز مۇئاۋىن رەئىس . ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ئۆلكىمىزدىكى 4 مىلىيۇن 500 مىڭ خەلققە ۋەكىللىك قىلالايدۇ ، شۇنداقلا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ . بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 1- كۈنى ، بىز خىزمەتكە ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا ، خەلق ئۈچۈن ئادىل خىزمەت قىلىمىز ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن ساداقەتلىك بىلەن ئىشلەيمىز ، پۈتۈن ئۆلكىمىزدىكى 4 مىلىيۇن 500 مىڭ خەلقنىڭ تاپشۇرىقىنى يەردە قويمايمىز ، دەپ قەسەم بەردۇق .

      ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تىنچلىق بىتىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن «سىياسى پروگرامما» نى تۈزۈپ چىقتى . بىز مۇشۇ پىروگرامما بويىچە ئىشلەيمىز . ھازىر خەلققە سۆز ، مەتبۇئات ، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكى بىرىلدى ، بۇنىڭدىن كىيىن ، بىز ئۆز پىكىرلىرىمىزنى ئاشكارا بېرىپ ، كۆپچىلىكنىڭ تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى گېزىتلەردە ئېلان قىلالايمىز . مەسىلەن : جايلاردىكى مەسئۇل كىشىلەر ئەگەر خىيانەتچىلىك قىلسا ياكى قىمار ئوينىسا ، ئەپيۈن ، نەشە چەكسە ، سىلەر ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ھەركەتلىرىنى پاش قىلىش ھەمدە گېزىتلەردە ئېلان قىلىشقا ھوقۇقلۇق ، بۇنى ھەرقاندا كىشىنىڭ توسۇش ھەققى يوق . ئەمدى كىشىلەرنى يولسىز ، قانۇنسىز سولاپ قويۇشقا ، قانۇنسىز جەرىمانە قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ . ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نەقەدەر چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار كېرەك . ئالايلۇق ، سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يوغان لىگەندە پولو كەلتۈرۈلسە ، ئەگەر سىلەر شۇ پولونى يىسەڭلار قورسىقىڭلار تويىدۇ ، يىمىسەڭلار ئاچ قالىسىلەر . ھازىر سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا پولو كەلتۈرۈلدى ، ئەمدى سىلەر ئۇنى يەپ قورسىقىڭلارنى تويغۇزالايسىلەر .

      بىز مەكىتتە ئون كۈندەك تۇرۇپ ، سايلام خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قايتىپ كىتىمىز . مۇشۇ ئون كۈن ئىچىدە تەشۋىق خىزمىتىنى تولۇق ئىشلەپ ، خەلقنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا ۋە ناھىيىنىڭ ھاكىملىقىغا ياخشى ئادەملەرنى سايلىشىغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن ، بەش كىشىلىك سايلام ھەيئىتى سايلاپ چىقتۇق ، ھەر بىر يېزىدا ئۈچ كىشىلىك شۆبە ھەيئەت تەشكىل قىلىنىدۇ .شۇڭا سىلەرنىڭ سايلام ھوقۇقۇڭلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغان ئادەملەرنى سايلاپ چىقىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن» ①.

① بۇرھان شەھىدى ، «شىنجاڭدىكى 50 يىلىم» ، مىللەتلەر نەشىرىياتى ، 1986 – يىل 5 – ئاي نەشىرى . 646 ~ 650 – بەتلەر .


    1946 – يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مەكىت ناھىيىسىدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ ، مۇھەممەت ھاجى ، قادىر خەلىپە قاتارلىقلار كېڭەش ئەزاسى ، مويدىن نىياز ھاكىم بولۇپ سايلانغان . بىراق ئۆلكىدىن كەلگەن سايلام گورۇپپىسىدىكىلەر قايتىپ كىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، يەكەننىڭ ۋالىيسى جۇ فاڭگاڭ زورلۇق بىلەن مويدىن نىيازنى ھاكىملىقتىن ئېلىپ تاشلاپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىسىنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەن ① .

① «مەكىت ناھىيىسى تەزكىرىسى» ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى ، 1994 – يىل 5 – ئاي ، خەنزۇچە نەشرى ، 10 – بەت .


مەنبە : «مەكىت تارىخ - مەدەنىيىتى» ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى ، 2006 - يىلى4 - ئاي نەشىرى ، 161~167 – بەتلەر .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taltograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 02:01 AM  


ۋەتەنسىزنىڭ نىمىسى بار؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30001
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4521
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 03:28:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق سايلاملارنى چۈشىمىزدىمۇ كۆرەلمەيمىز ھازىر........

ۋەتىنىڭنى سۆي،مىللىتىڭىنى سۆي،بىرلىك غەلبە،بىز ئىتتىپاقلاشساقلا ئاخىرقى غەلبە بىزگە مەنسۇپ،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھۇررا!!!

توۋا دەيمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 03:49:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى سۆزلەپتۇ لىكىن شۇ بورھان ئەپەندى كىتىپ بولغۇچە يەنە ئۈزنىڭ بىلگننى قىلامكى بۇخەخ.

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5762
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1326 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 04:06:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
natik يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 03:49 AM
ياخشى سۆزلەپتۇ لىكىن شۇ بورھان ئەپەندى كىتىپ بولغۇچە ي ...

سىزدىگەندەك قىپتۇ شۇ،جۇفاڭگاڭ دىگەن كىشى ئۆزىنىڭ يېقىنىنى سايلاپتۇ دىگەن يېرى باركەن كەينىدە.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 06:32:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىدىمغۇ  كەپتەرمۇ تۈگۈل ئۇچالمايدۇ  ئەركىن .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 06:45:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىقىپ قالار، ياخشى كىشىلىرىمىز كۆپ ئارىمىزدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 07:02:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەننىڭ شۇ چاغدىكى ۋالىىسى جۇفاڭگاڭمۇ بىكار ئۆزنىڭ يېقىن ئادىمىنى قويمىغاندۇ.جاڭجىجوڭ ئىچكى جەھەتتىن كۆرسەتمە بەرمىسە بۇنداق ۋالىنىڭمۇ بېشى ئون ئەمەس.سايلام قىلشتىكى مەخسەت شۇ چاغدا قولىدا قورال بار ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش.بۇ گومىنداڭچىلار بەك ھېلگەر.بۇنچىلىك كۆز بويامچىلىق ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەس.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 08:36:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان كىشى ھامىنى ھالەك بولدۇ شۇڭا  ئۇلار  شۇنچىلا قۇدرەتلىك قوشونلىرى بىلىەن ئاسانلا يىمىرلىپ كەتتى.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8227
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1614 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 10:20:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awyamatka يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 07:02 AM
يەكەننىڭ شۇ چاغدىكى ۋالىىسى جۇفاڭگاڭمۇ بىكار ئۆزنىڭ ي ...

يەكەننىڭ شۇ چاغدىكى ۋالىىسى جۇفاڭگاڭمۇ بىكار ئۆزنىڭ يېقىن ئادىمىنى قويمىغاندۇ.جاڭجىجوڭ ئىچكى جەھەتتىن كۆرسەتمە بەرمىسە بۇنداق ۋالىنىڭمۇ بېشى ئون ئەمەس
------------------------------------------------------------------------
تامامەن ھەق گەپ. خۇددى ھازىرقى قىزىق تېما بولغان ساقال چازىسىدىكى زۇمىگەرلەرگەئوخشاش دەڭە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 749
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 11:05:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇتۇقنى ھەجەپ پەيزى سۆزلەپتىكەن ، رەھمەتلىك ناتىقتىكەندە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش