توۋا، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئادەم بولىدىكىنا
سەھەردىلا ئۆيدىن چىقتىم، بۈگۈن مەن ئىشلەيدىغان يېزىدا بازار بولىدىغان كۈن، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مەكتەپكە بالدۇرراق مېڭىۋالمىساق، كۈن ئۆرلىگەندىن باشلاپلا ئاپتۇۋۇز بازارچىلار بىلەن تىقما-تىقماق بولۇپ كىتىدۇ، ئۇ چاغدا ئولتۇردىغانغا ئەمەس، ئۆرە تۇرىدىغانغىمۇ ئورۇن تاپقىلى بولمايدۇ. كىچىك ماشىنىدا ماڭاي دېسە، كىراسى قىممەت. كېيىنكى ئاپتۇۋۇزغا قالسا، يەنە شۇنداق قىستا-قىستاڭچىلىقتا بارماي ئىلاج يوق. ئۈنىڭ ئۈستىگە، ئىشقا كېچىكىدىغان گەپ.
بېكەتكە كەلسەم، تەلىيىمگە يارىشا، ماشىنىدا بىر قانچە بوش ئورۇن باركەن، مەن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئورۇنلارمۇ لىققىدە تولۇپ، ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرىدىغانغىمۇ بىر رەت ئادەم تىزىلدى. نۆۋەت ۋاقتىمۇ توشقان بولسا كېرەك، شوپۇر كۆزى قىيمىغان ھالدا ماشىنىنى قوزغىتىپ بېكەتتىن ئايرىلدى.
ماشىنىدا ئۆرە تۇرغانلارغا كۆز يۈگۈرتتىم، ياشانغانلار ياكى بالا كۆتىرىۋالغان ئاياللار، مېيىپ-ئاجىز كىشىلەر ئورۇن ئالالماي ئۆرە تۇرۇپ قالغان بولسا، ئورۇن بوشاتماي، بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ ئولتۇرىۋەرسەك بولمايدۇ-دە! قارىسام، ئۇنداق ئادەملەردىن بىرسىمۇ يوقكەن، پەقەت مېنىڭ يېنىمدا يېرىم بەدىنىنى ماڭا تاشلاپ، تۇتقۇچنى تۈزۈكمۇ تۇتالماي ئىلاڭگۈچ ئۇچقاندەك ھەر يان لەپەڭشىپ تۇرغان شوينا بەل بىر بۇرادەرلا تازا مەزمۇت تۇرۇپ بولالمايۋاتاتتى، ئاخشام كۆپ ئىچىۋالغان بولسا كېرەك، چىرايى ئۆلۈكنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتكەن ،قا پاقلىرى ھەرە چېقىۋالغاندەك ئىششىق ئىدى. تىنىقىمغا ھاراقنىڭ بەتبۇي ھىدى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلاتتى، چاپىنىنىڭ يۈزۈمگە تىگىشىپ تۇرغان يەرلىرىدە قۇسۇقنىڭ داغلىرىمۇ باركەن تېخى!
ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى-ئۈچ قېتىم قاتتىق ھۆ قىلدى، ھەر قېتىم ھۆ قىلغاندا تۇتقۇچتىكى قولىنى ئاجرىتىپ قورسىقىنى مەھكەم چاڭگاللايتتى، قاتلانغان قەلەمتۇراچتەك پۈكلىنىپلا قالاتتى.
توۋا خۇدايىم، ئۆزىنى ئۆزى قىينايدىغان مۇشۇنداقمۇ ئادەم بولىدىكەن-ھە !
ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولدۇم، ئۇنداق قىلسام، ئۇنىڭغا موككىدە خۇش ياقاتتى، «ساپساق، بېجىرىم ئەر كىشى تۇرسا، ئورۇننى نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگۈدەكمەن؟! ھاراقنى يا مەن ئىچۈرۈپ قويمىسام، ئۇ ياكى مېيىپ-توكۇر بولمىسا، ياكى پۇت-قولىدا ماغدۇر يوق قېرىغان ئادەم بولمىسا، ئورۇن بوشىتىشىمنىڭ ھاجىتى يوققۇ! ئۆرە تۇرسا، تۇرىۋەرسۇن! قىينالساممۇ چىداي، بىردەمدىلا بارارمىىز ». شۇ خىيال بىلەن ئېغىز-بۇرنۇمنى ئالقىنىم بىلەن ئىتىپ،كۆزۈمنى يېرىم يۇمۇپ، مۈگدەۋاتقاندەك سىياقتا يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم. ئاپتۇۋۇز بىر خىل رېتىمدا يۈرىۋاتاتتى، بىر قانچە ئورۇندۇقتىكى يولۇچىلار پاراڭغا چۈشۈشكەن ئىدى، پاراڭ تېمىسى يەنىلا ئادەتتىكى گەپلەر، قوي-كالا باھاسىنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىگە نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ، گۆش باھاسىنىڭ چۈشۈشتە يوق ھەپتىمۇ-ھەپتە ئۆرلەۋاتقانلىقى، ئاشلىق باھاسىنىڭ بىر ئىزىدا تۇرىۋاتقانلىقى، بۇلتۇر چاي تېرىغانلارنىڭ پايدىنى تازا ئالغانلىقى كۆرۈپ، بۇ يىل ھەممە ئادەم چاي تېرىسا، ئالىدىغان ئادەمنىڭ چىقمايۋاتقانلىقى، كۆكتات تىجارىتى قىلىدىغانلارنىڭ ئىشىنىڭ ئوڭ ئىكەنلىكى... دېگەندەك. بىر چاغدا ئاپتۇۋۇز توختاپ، بازارغا جابدۇنغان ئون نەچچە ئادەمنىڭ بىراقلا چىقىشى بىلەن ئاپتۇۋۇز ئىچى بىردىنلا لىققىدە تولۇپ قالدى، مەنمۇ خىيال بىلەن بولۇپ كىتىپ، باشتا ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن، كېيىن قارىسام، ھېلىقى بۇرادەرمۇ مېنىڭ كەينىمگىرەك سۈرۈلۈپ كىتىپتۇ، يېنىمدا ياشانغان ئىككى ئەر-ئايال ئۆرە تۇرۇپ قاپتۇ، دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ بوۋايغا:
-تاغا، ماۋۇ ئورۇندا ئولتۇرۋالسىلا،-دېدىم.
بوۋاي:« رەھمەت، بالام، ئاللاھ ئىنسابىڭنى بەرسۇن » دەپ ماڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ بولۇپ، يېنىدىكى مومىيىغا :
- كىلە، سەن ئولتۇرغىن،-دېدى. موماي بولسا ھەدەپ : « سىلى ئولتۇرسىلا، مەن خېلى ساق، سىلىنىڭ مىجەزلىرى يوق تۇرسا »دەپ بوۋاينى ئولتۇرۇشقا زورلايتتى. شۇ ئارىدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى، كەينىمدە تۇرغان ھېلىقى بۇرادەر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلدى بولغاي، شاققىدە كىلىپ مەن بوشاتقان ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرىۋالدى ھەم :
-مىجەزى يوق دېسە، مېنى دېسە بولىدۇ، باياتىندىن بېرى قارىسام، تالاش-تارتىش قىلىشىپ ھېچقايسىڭلار ئولتۇرمىدىڭلار، ئورۇندۇقنى خېجىل قىلىۋەرگەندىن كۆرە مېنىڭ ئولتۇرغىنىم ياخشى ئوخشايدۇ، زاڭلىق قىلىشمايلا، بولمىسىمۇ بۇنداق قىلمايتتىم، ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىم پەقەتلا قالمىدى،-دەپ ئىككى قولىنى ئالدىدىكى ئورۇندۇققا تېرىدى-دە، بىلىكىگە بېشىنى قويۇپ يېتىلۋالدى.
توۋا، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ نۇمۇسسىز ئادەم بولىدىكىنا !
بوۋاي بىلەن موماي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قېلىشتى،ئۇ بولسا ھېچنېمە بولمىغاندەك، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك قىياپەتتە بايىقى ھالىتىدە ئولتۇرماقتا ئىدى، مەن ئەزەلدىن بۇنداق نۇمۇسسىز ئادەمنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم.
-ئۇكام، ماۋۇ قىلىقىڭىز بولمىدى،-دېدىم ئىمكان بار ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ سىلىق ئاھاڭدا،-ياشانغانلارنى ئولتۇرىۋالسۇن دەپ ئورۇن بوشاتسام، سىز ئولتۇرىۋالسىڭىز بولامدۇ ؟ تۇرۇپ كىتىڭە !
ئۇ بېشىنى كۆتىرىپ مەنسىتمىگەندەك بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
-بېشىم ئاغرىۋاتقاندا ماڭا تولا چوڭ ئاكىلىق قىلماي ئىشىڭنى قىلە، سەن يا ئاپتۇۋۇزنىڭ ساقچىسىمىدىڭ ماڭا بۇيرۇق قىلىدىغانغا،-دەپ چىرايىنى غەلىتە بىر پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ يەنە بېشىنى قويۇپ يېتىۋالدى.
«غۇژژىدە » كەلگەن ئاچچىقتىن پۈتۈن بەدىنىمگە سوغۇق تەر ياماشتى، ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ يۈرسەم بولمايتتى، لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋالالمىدىم.
- قوپەۋا ئاداش،-دېدىم ئۇنىڭ مۈرىسىدىن زەردە بىلەن تارتىپ،-ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىڭ بولمىسا، يەردە يېتىۋالساڭ بولمامدۇ، شۇنچە ياشقا كىرگەن قېرىغان ئادەمگە بوشاتقان ئورۇندا نۇمۇس قىلماي ئولتۇۋېلىپ، خېجىل بولاي دېمەيسىنا ! ئىنساب، نۇمۇس دېگەننى بىلەمسەن-يا !؟ قوپە !
ئۇ شاققىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋۋال كۆزۈمنىڭ ئىچكىرىسىگە يەۋەتكۈدەك ئەلپازدا ئالىيىپ قارىدى، ئاندىن مەيدەمدىن كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ:
- مېنى قوپ دەيدىغانغا سەن كىمتىڭ؟ تولا شىللەمدىن تارتما جۇمۇ ! خەقنىڭ ئالدىدا ھېلى نوچىلىق قىلغانغا تويغۇزىمەن!-دەپلا ياقامغا ئېسىلدى.
جاھاندا مۇشۇنداقمۇ مۇتىھەم ئادەم بولىدىكىنا !
-خوتۇن كىشىدەك ياقامغا ئېسىلما،-دېدىم ئۇنىڭغا،- نوچىلىقىڭ بولسا، قولۇڭنى قويۇۋېتىپ مۇشت ئېتىۋەر ! سېنىڭدەك نۇمۇسسىزدىن تاياق يەپ كەتسەم، داۋايىم يوق !
ھاراقنى ئىچىۋىرىپ زەئىپلىشىپ كەتكەن چېغى بىرلا سىلكىشىم بىلەن قولىمۇ ئاجرالدى، باش-كۆزىگە تازا بىر سالاي دەپ قولۇمنى كۆتەردىم، ئويلىمىغان يەردىن تېخى ئۇرا-ئۇرمايلا ئۇ تۈلكىدەك ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ، ئىككى قولىنى «مەن تەسلىم» دېگەن مەنىدە ئېگىز كۆتىرىپ:
- بولدى ئاكا، ئەجەپمۇ قىپ كەتتىڭ، بوشىتىپ بەرسەمغۇ بولار ،-دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
توۋا خۇدايىم، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ مازپاينەك ئادەملەر بولىدىكىنا ! ...
مەنبە : ئىجادىيەت