ئايچىن بالىسىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا بىرىپتۇ ،بىر قىتىملىق ئاتا- ئانىلار يىغىنىدا بالىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى :
- بالىڭىزنى يۇيۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟ ئۇنىڭدىن پۇرىغان سىسىق پۇراقنىڭ دەستىدىن سىنىپتا ھىچ ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى خالىمايدۇ
ئايچىن:- ۋىيەي مالىم مەنچۇ بالامنى مەكتەپكە ئوقۇسۇن دەپ ئەۋەتكەن ئۇنى پۇرىسۇن دەپ ئەمەس.
بىر كۈنى مارشالنىڭ بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىرىپلا يىغلاپ كىتىپتۇ ، مارشال بۇنى كۆرۈپ نىمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ ، بالا :
-دادا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى مىنى بىشىڭ يوغان دەپ زاڭلىق قىلىپ ‹يوغان باش›دەپ لەقەم قويۇپ قويدى
مارشال ئۇنى بىر قۇر بەزلەپ ياشلىرىنى سۈرۈتۈپ بولغاندىن كىيىن :
-بالام ، ئاپاڭ بۈگۈن ئوخشىتىپ پولۇ ئىتىپ بىرىدىكەن ماڭە دۇككانغا چىقىپ 5 كىلو گۈرۈچ ئىلىپ كىرگىنە . بالا:
- خالتا بەرمىسەڭ نىمىگە ئەكىرىمەن ؟ مارشال:
_دوپپاڭ تۇسا ئۇنچىلىك گۈرۈشكە خالتىنى نىمە قىلاتتىڭ
بىر كۈنى ئۆل ، زاغرا ،چوڭ ۋە قادىخان ئۈچى ساياھەتكە چىقىپتۇ كەچ كىرگەندە ياتاق قالماي ئۈچ كىشلىك ياتاققا تۆتى كىرىپ قاپتۇ شۇنىڭ بىلەن زاغرا :
-مەن سىلەردىن بىر سوئال سوراي ، بىر كارۋەتتە مەن ياتاي ئۈچۈڭلاردىن جاۋاپ بىرەلىگەنلەر كارۋەتتە بىرەلمىگەن بىرسىڭلار ئورۇندۇقتا ئۇخلاڭلار دەپتۇ بۇ پىكىرگە باشقا ئىككەيلانمۇ قوشۇلۇپتۇ . زاغرا چوڭ دىن :
-‹4-ماي ياشلار ھەركىتى› قاچان قوزغالغان ؟چوڭ:
-1915 يىلى
- ياخشى سەن بىرىپ كارۋەتتە ئۇخلا . زاغرا ئۆلنىڭ ئالدىغا كىلىپ:
- ئۇ ھەركەتتە قانچە ئادەم قازا قىلغان ؟ ئۆلمۇ توغرا جاۋاپ بىرىپتۇ .
زاغرا قادىخاندىن ئۇ ھەركەتتە قازا قىلغانلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەر ؟
قادىخان :- بۇ ..... ...... ....
زاغرا : -سەن ئورۇندۇقتا ئۇخلا .
ئىككىنچى كۈنى ئەھۋال يەنە شۇنداق بولۇپ قاپتۇ . زاغرا يەنە سوئالنى باشلىماقچى بولۇپتۇ بىراق قادىخان ئۇنىماي : تۈنۈگۈن ئادىل بولمىغان شۇڭا بۈگۈن مەن كارۋەتتە يىتىشىم كىرەك
زاغرا : ئەمسە بۈگۈن ئادىل ئۇسۇل قوللىنىپ تەڭگە تاشلايلى تەڭەگىنىڭ گۈلى بار تىرىپى چۈشسە چوڭ كارۋاتتا ياتسۇن ، سان بار تەرىپى چۈشسە ئۆل ياتسۇن ، تىك چۈشسە سەن ياتقىن...
يۇمۇرغا قىتىپ قويانلار ئاچچىقىڭلار كەلمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن