مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13135|ئىنكاس: 97

يىزىدىكى ۋەھىمە (مەلىكە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3428
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27281
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8341 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 10:57:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   يىزىدىكى ۋەھىمە



ئاپتۇرى: سوفىيە (مەلىكە)

ژانىرى: قورقۇنۇچلۇق پوۋىسىت


ئەسكەرتىش: يۈرەك كىسىلى ۋە ھامىلدار كىشىلەرنىڭ ئوقۇماسلىقىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاپتۇردىن.


<1>


__قىزىم، مانا تەتىلمۇ بولۇپ قالدى، ئەمدى يىزىدىكى تۇققانلارنىڭكىگە بىرىپ كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كىلەمسىز؟

تەتىلدىن بۇيان دىيىلىۋاتقان ئاپامنىڭ بۇ گەپلىرىگە كۆنۈپ قالغان ئىدىم،كۆزۈمنى كومپىيۇتىردىن تەستە دىگۈدەك يۇلۇپ ئالدىم-دە،ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەركىلىگىنىمچە ئاپامنى قۇچاغلىدىم:

__ۋاي-ۋۇي ئاپا، كۈندىلا مۇشۇنداق دەيسىز، مىنىڭ پەقەت بارغۇم يوق، ئاپئاق ئاپا،زورلىمىڭە، ماقۇلمۇ؟

__بولدى بولدى، چوپچوڭلا بولۇپ قالغاندا ئەركىلىمىڭە؟! بارامسىز -يوق؟__ئاپام يالغاندىن نارازى بولغاندىن مىنى يىنىك ئىتتىرىپ قاپاقلىرىنى تۈردى.

قەستەن ئىغىزىمنى ئۈمچەيتىپ ھىلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك  ئاپامنىڭ چىشىغا تەگدىم.
ئاپام قاپاقلىرىنى تۈرۈپ بولالماي قايتا كۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن مىنى يىنىك قۇچاغلىدى:

__سىزنىڭ نىمىشقا بارغۇڭىز يوقلىقىنى بىلىمەن، لىكىن يىزىغا ئامراقلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن، مەن بارالمىغاندىن
كىيىن مىنىڭ ئورنۇمدا ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن كۆرۈشۈپ سالاملىشىپ كەلمەمسىز دەيمەن؟ كاتەكتەك ئۆيدە <<ئولتۇرۇش>> نىڭ  ئۆزىمۇ بىر ئىش ئەمەس جۇمۇ؟

ئاپام پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى...شۇئان غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. ئاپامنىڭ ئۇ گىپى :<<ئولتۇرۇپ قالدىڭ، تىزراق تۇرۇپ كەت>> دىمەكچى ئىدى...خەپ ئاپامنى-زە...

__ماقۇل،ماقۇل، مەن باراي...بىرىپ ئاشۇ ئاۋاق بىلەن كۆرۈشۈپ توي قىلىپ، شۇ يەردىلا قالاي، بولدىما؟ مەقسىتىڭلارمۇ شۇغۇ؟

__ھاي! قىز بالا دىگەن  ئىغىزغا بىقىپ سۆزلىگۈلۈك جۇمۇ؟ قانداق تەربىيلەپ قويغاندىمەن-ھە سىزنى؟خەقنى قالايمىقان زاڭلىق قىلماڭ-ھە؟

__ ھا...ھا...ھا...__ كىلىشتۇرۇپ تۇرۇپ ئاپامنىڭ بۇرنىنى بىر چىمدىۋىدىم،ئايھاي...ئاپامنىڭ ئۇ ئاچچىققىدا گىپىنى قىلماڭ... غىپپىدە قىچىپ چىقىۋالدىم.

ئاپامنىڭ تىزلا رەنجىپ تىزلا خۇش بولىدىغان بۇ مىجەزىگە تولىمۇ ئامراق ئىدىم، يىراق نەۋرە تۇققىنىمىزنىڭ ئوغلىنى ھە دىسىلا ماڭا سايە قىلىپ ھىرىپمۇ قالمىدى.

<<ئاۋاق>> دىسەم كۆز ئالدىڭلارغا ئورۇق،قورايدەك ۋىجىك بىرى كەلگەندۇ بەلكىم. <<ئاۋاق>> نى  سىلەرگە بىر قۇر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

<<ئاۋاق>> نىڭ ئەسلى ئىسمى جەسۇر، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىگىز بوي،خىلى قاملاشقان،سەل ئورۇقراق كەلگەن بولۇپ، ساقچى-ئوفىستىرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ تەكلىپىگىمۇ قارىماي ئۇدۇل <<سەھرا>> سىغا كىتىۋالدى، بۇمۇ يامان بولمىدى،  كىلىپلا شىتاتلىق ساقچى بولدى، بۇمۇ ئەلۋەتتە مەكتىپىنىڭ ئالاھىدە <<كۆڭۈل>> بۆلۈشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئۆزۈم سەل سىمىز بولغاچقا ئۇنى <<ئاۋاق>> دەپ چاقىرىشنى ياخشى كۆرىمەن.
مانا ھازىر ئوبدانلا كۆزگە كۆرۈنگەن<<سوجاڭ>> بولۇپ قالدى. كىملا كۆرسە ماختاپ ھالى قالمايمىش، بەك ياخشى، بەك ئادىل، بەك لىللا...بەك...يانا نىمە ئىدى...ئىشقىلىپ <بەك> لەر خىلى بار ئىدى.

بۇ جەھەتتە مەن ئۇنىڭغا قول قوياتتىم. چۈنكى ئىككىلىمىز ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا چۈشكەن، مەن ئىشلىگىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ تىخىچە توختاملىق ئوقۇتقۇچى...لىكىن ئۇ<<ئاۋاق>> ئۆسۈپ كەتتى...

ھەر قىتىم ئاپاملار مىنى ئۇنىڭغا سىلىشتۇرغاندا ئۇنىڭغا ئاچچىقىم بەك كىلىدۇ. پەقەت گەپ تاپالمىغاندا ئۆيدىكىلەرگە:

__مىنى ئوغۇل بالا بىلەن سىلىشتۇرۇپ خىجىلمۇ بولمايدىكەنسىلەر،__دەپ گەپنى تۈگىتىمەن، ئەلۋەتتە بۇ گەپنى قىلىۋاتقىنىمدا ئۆزۈمنىڭ گىپىدىن ئۆزۈممۇ خىجىل بولۇپ كىتىمەن. قىز-ئوغۇللارنىڭ باراۋارلىقىنى تەكىتلەپ تۇرىدىغان مەن ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى قىلىش خىلىلا ئىغىر كىلەتتى...

قاچان جەسۇرنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىزنىڭ ئۆيگە كىلىشى كۆپەيدى، مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئىشلار ئوخشىغىلى تۇردى.
مۇشۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانمۇ، تۇرۇپ-تۇرۇپلا جەسۇر ئىككىمىز ئۈستىدە قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتەتتى...تىخى ئاپامنى تىرىكتۇرۇپ قويسام ئۆزىچىلا:
__ھە، بىزنىڭ خېنىمنى جەسۇر تىزرەك ئىلىپ كەتسە بوپتىكەن، بىراقلا قۇتۇلاتتىم،_دەپ قويۇشلىرى بار ئۆزىچە.

بۇنداق ۋاقىتلاردا تۇرۇپ <<ئاۋاق>> نى ئويلاپ قالاتتىم. ئاغزىمدا  ئاۋاق،ئاۋاق، دەپ قويغۇنۇم بىلەن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىشنى يوق دىگىلىمۇ بولمايتتى.
خۇددى ساقنى ساراڭ ساراڭ دەۋەرسە راسلا ساراڭ بولۇپ قالغاندەك،مىنى جەسۇرغا چاپلاپ دەۋەرگەچكىمۇ ئۇنىڭدىكى بۇ خىل قىزىقىشىمنى توغرا چۈشۈنىشكە بولاتتى.


لىكىن بۇ قىتىملىق تەتىلدە يىزىغا بارماسلىقىمنىڭ سەۋەبى<<خۇدىكى بار سەكرەيدۇ>> دىگەندەك ئۆزۈمچىلا خىجىل بولۇپ قىلىۋاتاتتىم، بارسام خۇددى باشقىلار :<< قاراڭلار،قاراڭلار، ماۋۇ مۇئەللىمە قىز جەسۇرغا ئىش-پەش تارتىپ ئاتايىن خىجىل بولماي ئۆيىگە كەپتۇ>> دەيدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى.

مانا تەتىلنىڭ يىرىمىمۇ تۈگىدى، ئۆزۈمنىڭ يىزىغا ئوتتەك بارغۇم بولسىمۇ ،بۇ قىتىم چوڭ بولۇپ قالدىممۇ، يا راست باشقىلار دىگەندەك ئويلىدىممۇ ،ئىشقىلىپ بىرخىل ئىنىق بولمىغان نۇمۇس تۇيغۇسى مىنى بىرىشتىن تۇسۇپ قويۇۋاتاتتى.

<2>


شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيدە مەنمۇ بىكار،قىلىدىغان ئىش يوق مەن ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان كومپىيۇتۇرىمغا كۆزۈم تىشىلىپ كەتكۈچە قاراپ ئولتۇراتتىم.
ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى خىلى بىر ۋاققىچە سايرىدى،  ئاپام ئاشخانا ئۆيدە بىرنىمىلەرنى قىلىۋاتقان بولسا كىرەك ،ئاشخانە ئۆي تەرەپتىن ئاۋامنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:

__رۇخسانە! ھەي رۇخسانە، تىز ئىشىكنى ئىچىڭ، مىنىڭ قۇلۇم بوش ئەمەس!

كۆزۈمنى كومپىيۇتىردىن ئۈزەلمەيلا قالدىم، شۇنىمۇ تىنىمسىز ئىچىنىشلىق سايراۋاتقان ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىنى <بەزلەش> ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

__ھە مانا ھازىر...مانا!!

ئىشىكنى ئىچىشىمغا ، قوللىرىغا لىققىدە چوڭ-كچىىك سوۋغاتلىق سومكىلارنى تۇتقان ھالەتتە جەسۇرنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.

ئاپلا ! ما سەتچىلىكنى كۆرمەمدىغان، بايام ئالدىراپلا بىر پۇتۇمغا ساپما كەشنى كىيىپ يەنە بىرىگە كىيمەيلا تۇرغان ئىدىم، بۇ ھالىتىمدىن بەكمۇ نۇمۇس قىلىپ كەتتىم. بۇرۇن بۇلارنىڭ ئالدىدا بۇنداق خىجىل بولغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. يالاڭ ئاياغ پۇتۇمنى ساپما كەش كىيگەن پۇتۇمنىڭ ئارقىسىغا ئاستا يۇشۇردۇم، كەينىدىن ئۇلارنى ئالمان-تالمان ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم:

__ۋۇي ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ياخشى تۇردۇڭلامۇ؟ ئىشىك تۈۋىدە كۆپ ساقلىتىپ قۇيۇپتىمەن، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر...سەت بولدى...قىنى...ئۆيگە كىرىڭلار...ئاپا!!! خالىدەم ئاپام بىلەن جەۋلان داداملار كەپتۇ!!

ئاشخانە ئۆي تەرەپكە قاراپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدىم، كەينىدىن  ساڭگۇل-سۇڭگۇللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن
ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىلىۋالدىم.

__ۋاي-ۋۇي، رۇخسانە، دەم ئىلىۋاتقانمىدىڭىز؟ __ئۇلار ئۈستى-بىشىمغا بىر قۇر قاراپ قويغاندىن كىيىن پىخىلداپ كۈلۈپ كىتىشتى...

ئىتتىك ئەپتىمگە قارىۋىدىم ،ئۈستۈمدە ئۇخلاش كىيىمى، پۇتۇمدا بىر پاي ساپما كەش، چاچلىرىم چۇۋۇق... ئىشقىلىپ خىلى خىجىل بولدۇم، خەپ بۇنىڭدىن كىيىن ئۆيدىمۇ ئاتتەك قىتىپ ئولتۇرمىسام...خەپ!!

__بولدىلا خالىدەم ئاپا، زاڭلىق قىلماڭلارچۇ؟ شۇ، تەتىل ۋاقتى بولغاندىن كىيىن ئۆيدىن سىرتقىمۇ چىقمىدىم...

ئۇنىڭغىچە ئاپاممۇ كىلىپ ئۈلگۈردى...ئۇلار قىزغىن كۆرۈشكەندىن كىيىن مەن غىپلا قىلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم-دە، كىيىملىرىمنى جايلاشتۇرۇپ چىقتىم.

بىر چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى يەنە سايراشقا باشلىدى...ئاپام ئۇلارنى كۈتۈپ ئاۋارە ئىدى، چوقۇم دادام ئىشتىن قايتتى...شۇنداق ئويلىدىم-دە ئىشىكنى يۈگۈرۈپ بىرىپ ئاچتىم...

__ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ياخشى تۇرۇپسىز <<بودەك>>!

ئىشىك ئالدىدا سۇس كۈلۈمسىرەپ جەسۇر تۇراتتى، << بودەك>> دەپ ئاتىشىنى ئانچە ياقتۇرمىغان بولساممۇ نەچچە قىتىم <<ئاۋاق>> دەۋالغاندىن كىيىن تەڭشىلىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم.

__ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام<<ئاۋاق>>...

قەستەن ئاۋازىمنى قاتتىقراق چىقاردىم...جەسۇر سەل تىرىككەندەك قىلۋىدى،ئاپام دەرھال ئالدىغا كىلىپ كۆرۈشتى، جەسۇرمۇ ئامالسىز قالدى بولغاي يۇشۇرۇن ھالدا شۇنداق قاتتىق گۆلىيىۋىلىپ ئاپاملار بىلەن بىر قۇر كۆرۈشكەندىن كىيىن جەۋلان دادامنىڭ يىنىغا بىرىپ ئولتۇردى.

ئۇف.... سەت ئاۋاقنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ كىتىشىنى كۆرمەمدىغان.
خۇداغا شۈكرى،ھەرنىمە بولسا بايامقى ھالىتىمنى جەسۇر كۆرمىدى، بولمىغان بولسا نىمە سەتچىلىك-ھە؟

چاي ئەكەلگەچ جەسۇرغا يۇشۇرۇن قارىدىم، جەسۇر بۇرۇنقىدىن گەۋدىلىك بولۇپ قالغاندەك كۆرۈندى، ئەمەل ياراشتىمۇ بۇرۇنقى سەمىمىي چىرايىنىڭ ئورنىغا يىگىتلەرگە خاس سالماقلىق ئىگەللىگەن ئىدى. لىكىن نىمىشقىدۇر كۆز ئەتراپى ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى ئۇخلىيالمىغان كىشىنىڭكىدەك قارىداپ قالغان ئىدى، قارىغاندا كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك.

__ھەر يىلى تەتىلدە بىز تەرەپكە باراتتىڭىز رۇخسانە ، بۇ يىل نىمە بولدى؟ تەتىل تۈگەيمۇ دەپ قالدى،يۇلىڭىزغا شۇنچە قارىساقمۇ كەلمەي قويدىڭىز، رەنجىپ قالغان يىرىڭىز بارمۇ نىمە؟

خالىدە ئاپامنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلەتتىم، گەپلىرى ھەرقاچان ئىككى بىسىلىق بولاتتى، قايسى خىل مەنىدە چۈشىنىشنى بىلەلمەي تۇراتتىم، ئاپام تىزلا گەپ قاتتى:

__كىم بىلسۇن بۇ قىزغا نىمە بولدىكىن، بۇرۇن بارماڭ، ماڭا ھەمراھ بولۇڭ،دىسەممۇ ھە،دەپ قۇيۇپ باغلىمىغان ئاتتەك سىلەر تەرەپكە چاپاتتى، بۇ قىتىم شۇنچە دىسەممۇ بارغۇسى يوققۇ تاڭ!

ئاپامنىڭ گىپىدىن ئۇجۇقۇپ كەتتىم، خۇددى بۇلار بارماسلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالغاندەكلا...

__ئۇنداق ئەمەس، مەنمۇ بۈگۈن-ئەتىلەردىن باراي دەپ تۇرغان،مانا ئۈلگۈرۈپ سىلەرمۇ كەپسىلەر...__ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەچ ئاپامنىڭ پۇتىنى ئۈستەل ئاستىدىن قاتتىق چىمدىۋىدىم، ئاپام گەپ قىلمىغىنى بىلەن كۆزلىرى خىلىلا يوغىناپ كەتتى...

مەن ھىجىيىپ كۈلۈپ قويدۇم.
جەسۇر ماڭا پات-پات ماڭا قاراپ قۇياتتى. لىكىن بۇ قاراشلىرى شۇنچە ئادەتتىكىچە ئىدى،خۇددى سىرتىمدىن باھالاۋاتقاندەكلا... مەن قەستەن پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋالدىم، لىكىن نىمىشقىدۇر پۇت-قۇلۇم ئۆزۈمگە پەقەت ماسلاشمايۋاتاتتى. گەپلىرىمنىڭ بىر يىرى قولاشمايۋاتقاندەك...

پاھ...قارىغاندا ئاپاملارنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ماڭا <<ئۇرغان>> ناركوز ئوكۇللىرى خىلى تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ...خەپ ئاپا...خەپ ئاپا...قىزىڭنى تۈگەشتۈرىدىغان بولدۇڭ...بۇرۇن بىر ئوبدان ئىدىم، قاچان ئاپام
<<ئاۋاق>> نىڭ گىپىنى قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن <<ئاۋاق>> قا نىسبەتەن كاللاممۇ خىلى قىززىپ قالغان ئىدى..


__ئەمىسىچۇ ئەتە بىز سىزنى ئىلىپ كىتەيلى، تەتىل توشقۇچە بىزنىڭكىدە تۇرۇڭ،كۆنمىگەن يەر ئەمەسقۇ-ھە ؟

جاۋابەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.

ئۇنىڭغىچە داداممۇ كەلدى...ئاپام بىلەن خالىدە ئاپام ئىككىسى ئاشخانە ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئاشخانە ئۆيدىن پات-پات كۈلۈشكەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

دادام بىلەن جەۋلان دادام ئىككىسى قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
جەسۇرغا يۇشۇرۇن قارىۋىدىم، جەسۇر پەرۋاسىز ھالدا تىلفۇنىنى ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ...نىمىشقىدۇر چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ قوياتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ ئەتراپىغا قاراپ قۇياتتى...

بۇ قىلىقلىرىدىن غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلدى...خەپ ئاۋاق،ئۆزۈڭچە ئىشىۋالغىنىڭكەندە-بۇ؟ مۇنداق قىزىرىپ قويسام ماڭا كۆيۈپ قاپتۇ،دەپ ئويلاپ قاپسەندە؟  ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ ئەھۋاللىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قاراپمۇ قويمىغىنىنى سەتنىڭ...ئۆزۈمچە سەل ئىغىر كەلدى...

مەنمۇ قەستەن كۆزۈمنىڭ قىرىدا ھومۇيۇپ قاراپ قۇيۇپ سۆيۈملۈك كومپىيۇتىرىمنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئولتۇردۇم...

خالىدەم ئاپاملار بىلەن جەۋلان داداملار، يەنە <<ئاۋاق>> مۇ قونۇپ قالدى...ھى...ھى...سافادا جەسۇر يىتىۋىدى،
كىچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغىنى كۆزىدىنلا بىلىنىپ قالغان ئىدى...دىمىسىمۇ يىرىم كىچىدە نەچچە قىتىم جۆيلۈپ چىقتى.
خوپ بولدى،كىم ماڭا پەرۋاسىز قارىسۇن، دەپتىكەن.  راستىمنى دىسەم يرىم كىچىدە تاراق-تۇرۇق ئاۋازلارنى خىلى چىقىرىپ ئۆزۈممۇ نەچچە قتىىم ئويغۇتۇپ بولدۇمغۇ دەيمەن....ھى...ھى... مۇنداق ئىشىۋالماي ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ قويغان بولسا ھىچ بولمىغاندا يۇمشاقراق ياستۇقۇمنى بولسىمۇ بىرەتتىم...


                                                                           <3>

ئىككى كۈندىن كىيىن مەنمۇ خالىدە ئاپاملارنىڭكىگە كەلدىم، ئاپامنىڭ مىڭىشتىن بۇرۇن جەسۇرغا مىنى تاپىلاپ كىتىشلىرى ئوغامنى سەل قاينىتىپ قويدى. مەن يا كىچىك بالا بولمىسام...جەسۇرمۇ جاۋابەن...ھە ، بولىدۇ، دىگەندىن باشقا ئارتۇق گەپ قىلمىدى. خەپ جۇسۇر، ئۆيۈڭگە بارغاندا ئەدىبىڭنى ئۆزۈم بەرمەيدىغان بولسام.

خالىدە ئاپاملارنىڭ ئۆيى گەرچە يىزىدا بولسىمۇ ، ناھايتتى زامانىۋى بىزەلگەن ئىدى، قاتارىغا سىلىۋىتىلگەن ئۆيلەر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە ئىدى. كەڭرى ھويلىسىدا ئۈرۈك دەمسىز،شاپتۇل دەمسىز،ئالما،نەشپۈت دەمسىز ...ئىشقىلىپ مىۋىلەرنىڭ ھەرقاندىقى تىپىلىدۇ،دىسە ھەرگىزمۇ ئوشۇق كەتمەيتتى.

باغنى چۆرىدەپ ئۆسكەن ئەتىرگۈل،قىزىلگۈل،مودەن گۈللەر بۇ ھويلىغا ئاجايىپ ھۆسىن قوشۇپ تىخىمۇ كۆركەم قىلىۋەتكەن ئىدى...
ھىساپتا مىنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ھەم گۈزەل ھەم تازا ئىدى، ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا بىر دىمەڭ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئۇزۇن-ئۇزۇن نەپەس ئالدىغان بولسىڭىز ئايھاي!!...بۇ ھۇزۇر...

مىنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يوغان ئۈرۈك دەرىخىنىڭ ئاستىغا قويۇلغان يوغانلا كات (كارىۋات) بولدى...

كاتنىڭ ئەتراپى تۆمۈر نەقىش بىلەن بىزەلگەن بولۇپ، كاتنىڭ ئۈستىگە لىقلاپ قىپقىزىل گىلەم سىلىنغان ئىدى...
چۈشلىرى مۇشۇ كاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مەيىن شامالدا،سايىدەپ تاماق يىگەچ پاراڭلاشساق ئاجايىپلا ھۇزۇر بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟

مەن بۇ كاتقا بەك ئامراق بولۇپ قالدىم، ئەتىگىنىمۇ مۇشۇ كاتتا ئولتۇرۇپ ئەتراپىمنى تاماشا قىلىمەن، چۈشلىكى مۇشۇ كاتتا ئۇخلايمەن، ياكى كىتاب كۆرىمەن...ئىشقىلىپ جانغا بەكلا ھۇزۇر بىغىشلايتتى...

جەسۇر ماڭا ئادەتتىكى چاغدا ئانچە-مۇنچە گەپ قىلغاندىن باشقا ئوشۇق گەپمۇ قىلمايتتى... ئىچىمدە تازا تىللايمەن... تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمىغاندەك ،مەندىكى قىزىقىشمۇ يوقاپ يەنە بۇرۇنقىدەك ئەسلىمگە قايتىپ قالغان ئىدىم... لىكىن خالىدە ئاپام بىلەن جەۋلان داداملار بۇ توغرىسىدىكى گەپلەرنى پات-پات پۇرىتىپ قوياتتى...

بۇنداق چاغدا مەن كۈلۈپلا قويىمەن ،ئوشۇق ھىچنىمە دىمەيمەن، <<سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم ئاپتۇ>>، دەپ جەسۇرنىڭ ماڭا پەرۋاسىزلىقى، بۇلارنىڭ كۈچەپ كىتىشلىرى...قوۋرىغام...سەت ئاۋاق، مەنغۇ سىنى ياخشى كۆرۈپ قالمىدىم، ياخشى كۆرۈپ قالساممۇ  سىنىڭ بۇ ئەپتىڭگە قاراپ بولسىمۇ سەن بىلەن ھەرگىز توي قىلماسمىنا...
ئۆزۈمنى ئۆزۈم بەزلەپ يۈرىۋەردىم...

مانا كەلگىنىمگە بىر ھەپتە بولۇپ قالدى، بۇ جەرياندا بۇ ئۆيگە سىڭىپلا كەتتىم، ھىلى خالىدە ئاپامغا ياردەملىشىپ ئۇنى-بۇنى قىلىشىپ بەرسەم، ھىلى جەۋلان دادام بىلەن كىتاب توغرىسىدا مۇنازىرىگە چۈشۈپ كىتەتتىم...ئىشقىلىپ جەسۇرنى ھىسابقا ئالمىغاندا بەكلا كۆڭۈللۈك ئىدى...جەسۇر ئىشتىن قايتىدۇ، تاماقنى يەيدۇ، ئۇدۇل ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كىتىدۇ،ھىسىياتسىز ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆزى، پاراڭلىشىدىغان ۋاقىتمۇ يوق...مەنمۇ پەرۋايىمغان ئالمايمەن.

                                                                                <4>



بىر كۈنى يىرىم كىچىدە قوسقۇم بەكلا ئاغرىپ كەتتى، خەپ خالىدە ئاپا، خەپ خالىدە ئاپا......ئاشۇ تاۋۇزنى زورلاپ يىگۈزمىگەن بولسىڭىز يىرىم كىچىدە بۇ ئىشمۇ يوق ئىدى ماڭا...ئۆزۈمچە غۇتۇلداپ قورسقۇمنى تۇتۇپ ياتتىم...
يىتىۋىرەي دەپ ئويلىدىم-يۇ، راسلا چىدالمىدىم،سەھرانىڭ كۈندىزى چىرايلىق بولغىنى بىلەن كىچىسى دىمىسەممۇ ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر...

ئورنۇمدىن تەستە تۇردۇمدە، كىيىملىرىمنى كيىپ ئوبۇرنىغا قاراپ ماڭدىم، مۇشۇ يىزىلىقلارنىڭ بىر ئادىتى ئوبۇرنىنى چوقۇم ھويلىنىڭ ئەڭ يىراقتىكى بۇلۇڭىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى...
كەچ بولسىمۇ ئاي يورۇقى ھويلىنى سۇس يورىتىپ تۇرغاچقا ئانچە بەك قورقۇپ كەتمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھويلىنىڭ يىرىمىغا بارساملا چىراغنىڭ يىپى شۇ يەردە ئىدى...

ۋاي-ۋايلاپ قوسقۇمنى تۇتۇپ چىراغ يىپى ئورناتقان يەرگە قاراپ ماڭدىم، مىڭىپ يىرىمىغا كەلگەندە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىلدىر-شىلدىر قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم،  يىرىم كىچىدە نىمە بولغۇيتتى؟ چىراغنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ماڭغان پۇتلرىم ئىختىيارسىز مىنى باغ تەرەپكە قاراپ سۆرەپ ماڭدى...<<يىڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ>> دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك.

چوقۇم ئوغرى،دەيتتىم ئىچىمدە، ئەگەر راسلا ئوغرى بولۇپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ مەن بىر قىزبالا ھەرگىزمۇ كۈچ ئىلىشالمايمەن، لىكىن قاراپ تۇرۇپ ئۈندىمىسەممۇ بولمايدۇ-دە؟ شۇندىمۇ مارلاپ باقاي،زادى كىمكىن...

قوسقۇمنىڭ ئاغرىقىنىمۇ ئۇنۇتتۇم، پەم بىلەن ئاۋاز چىقارماي قۇيۇق ئۆسكەن شاپتۇل دەرىخىنىڭ كەينىگە مۆكتۈم-دە ئاۋاز چىققان يەرنى كۆزۈتۈشكە باشلىدىم.

پەرىزىم خاتا ئەمەس ئىدى، دەل كاتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى قارا سايە ئولتۇراتتى... بۇلار ئەرمۇ-ئايالمۇ ھىچنىمىنى بىلمىدىم. كۇس-كۇسلا قىلىپ بىرنىمىلەرنى دىيىشەتتى-يۇ شۇنچە زەن سىلىپ ئاڭلىسممۇ نىمە دىيىشكىنىنى ئىنىق پەرق قىلالمىدىم، لىكىن باش قىسىمى ئالاھىدە يوغان ئىدى، سەل مىدىرلاپ قويغاندەكمۇ قىلىشاتتى، پاھ ما ئوغۇرلارنىڭ يامانلىقىنى، ھويلىغا ئوغۇرلۇققا چۈشۈڭ بىر، تىخى خەقنىڭ كاتىغا كىلىپ مۇڭدىشىڭ ئىككى...بۇلار قارىغاندا ئاۋال قەيەردىن قول سىلىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتقان بولسا كىرەك...تىخى نۇمۇس قىلماي  ئوغۇرلىغان نەرسىلەرنى سالىدىغان بىرەر جاۋۇردەك نەرسىلىرىنى بىشىغا كىيىۋالغىنىنى بۇ خەقنىڭ...

خىڭ!!...مەنلا بولىدىكەنمەن، سىلەرگە بۇ پۇرسەتنى ھەرگىز بەرمەيمەن...شەھەردە چوڭ بولغان قىز بولساممۇ جۈرەتكە كەلگەندە، خىلى-خىلى ئەركەكتىن يامان مەن...ئۆز-ئۆزۈمنى بىر قۇر ماختىدىم...

تۇيۇقسىز كەينىمدىن شىپىرلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى....ئاھ،،،قارىغاندا 3-كىشىمۇ بار ئوخشىمامدۇ؟

تۇيۇقسىز ھويلىنىڭ چىرىغى لىپلا قىلىپ ياندى، شۇنداق قارىۋىدىم،خالىدە ئاپام ئىكەن....ئاپلا ،ما خوتۇن ئىشنى بۇزىدىغان بولدى-دە، ئىككى ئوغرى قىچىپ كىتىدىغان بولدى مانا...

دىڭ-دىڭ يۈگۈرەپ چىقىپ خالىدە ئاپامنىڭ يىنىغا باردىم، خالىدە ئاپام مىنىڭ باغدىن يۈگۈرەپ چىقىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدى:

__ھوي؟! رۇخسانەمۇ سىز؟

شىپىشلداپ كىلىپ بىر قولۇمنى لىۋىمگە تەككۈزۈپ:
__ئۈش!!!،__دىدىم.

خالىدە ئاپام ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك ماڭا ئەجەپلىنىپ قارىدى:

__نىمە بولدى؟ بۇنچە كەچتە ئۇ يەردە تىمسىقلاپ نىمە ئىش قىلىۋاتسىىز؟

ئاپلا...ئاپلا...مۇشۇ خوتۇننىڭ ئاۋازىنى-زە، گۈلدۈرمامىدەكلا يوغان!

__بوشراق گەپ قىلىڭ،ئوغرى! باغنىڭ ئىچىدە ئوغرى بار ھازىر...__شۇنداق دىگەچ باغنىڭ ئىچىنى ئىما قىلدىم.

خالىدە ئاپامنىڭ چىرايى ئۆزگەردى:
__مىڭىڭ، كىرىپ ئۇخلاڭ، نەدىكى ئوغرى ئىكەن ئۇ؟

__راست دەۋاتىمەن، ئىككى ئوغرى كاتتا ئولتۇرىدۇ،ئىشەنمىسىڭىز ئاستا بىرىپ قاراپ بىقىڭە...كىم بىلىدۇ قىچىپمۇ ئۈلگۈردىمۇ تىخى...

__نىمە؟ كاتتا ئولتۇرىدۇ،دىدىڭىزما؟

كۈچەپ بىشىمنى لىڭشىتتىم:

__ھەئە،دەل كاتتا ئولتۇرىدۇ، بىشىغا تىخى يوغانلا جاۋۇر كىيىۋاپتۇ نۇمۇسسىزلا...

خالىدەم ئاپامنىڭ چىرايى تاتارغاندەك بولدى-يۇ، شۇندىمۇ دەرھال كۈلۈمسىرەپ ماڭا قارىدى:
__يۈرۈڭ ئەمىسە قاراپ باقايلى...

مەن يىنىك دەسسىگىنىمچە خالىدە ئاپامىنىڭ قولىدىن يىتىلەپ بايا مەن تۇرغان شاپتۇل دەرىخىنىڭ كەينىگە ئەكەلدىم...خالىدە ئاپامنىڭ كاتنىڭ يىنىغا كەلگۈچە توختىماستىن ئايەت ئوقۇپ ماڭغانلىقىنى ئاڭلىدىم، قورقۇنچەق خوتۇن...ھى...ھى...ئۆزۈمچە ئىچىمدە زاڭلىق قىلىپ قويدۇم.

قىزىق ئىش، ئىككى جاۋۇر باش ئاقتىمۇ، كۆكتىمۇ يوق ئىدى....قىچىپتۇ-دە كىسپۇرۇشلار...

__قىنى ئوغرىلار؟__خالىدە ئاپام ماڭا سۇئال نەزىرىدە قارىدى.

__مانا خوپ بولدىمۇ؟ چىراقنى ياندۇرۇپ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازىڭىزدىن قىچىپ كەتمىسە ئۇلارنى ئوغرى دىگۈلى بولاتتىمۇ؟  قىچىپتۇ...!!

خالىدە ئاپام ماڭا رەنجىگەندەك بولدى، كەيندىن مىنى يىتىلەپ ئۆينىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدى، كەينىدىن قولىنى پىشانەمگە تۇتۇپ بىقىپ:

__قىززىپمۇ قالماپسىز بولمىسا بۇ كىچىدە.

ئاچچىقىم قىرققا چىقتى، خالىدە ئاپامنىڭ قولىنى پىشانەمدىن كۈچەپ چۈشۈردۈم:

__مەن راست ئىككى جاۋۇر باشنى ئادەمنى كۆردۈم، كۇسۇلداشتى،نىمە دىيىشىنى ئاڭلىمىدىم....

__بولدى،بولدى، ئىشەنگەن بولاي...مىڭىڭ ئەمدى كىرىپ ئۇخلاڭ بالام، بۇنداق كىچىدە ئەمدى ھويلىغا يالغۇز چىقماڭ، پەقەت بولمىسا ياتقان ئۆيىڭىزگە داستىن بىرنى...

گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمىدىم، قوسقۇممۇ ئاغرىمىدى، خالىدە ئاپامنىڭ ئىشەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ رەنجىدىم-دە، ئۆيگە كىرىپ ياتتىم...



<5>



ئەتىسى تاماقلارنى يەپ بولۇپ خالىدە ئاپام ئۆيگە ئارام ئالغىلى كىرىپ كەتتى، مەن ئادىتىم بويىچە كاتتا يىتىپ
كىتاب كۆرۈشكە باشلىدىم، قىززىق، كىتاب كۆرگەچ تۈنۈگۈن يىرىم كىچىدىكى ئىككى قارا سايىنى ئويلاپ قالدىم...

بۇلار زادى نىمە ئادەمدۇ؟ ئوغرى؟ ئوغرى بولسا كاتتا ئولتۇرۇپ كۇسۇرلىشامدۇ؟ بىشىدىكى زادى نىمە بولغۇيتتى؟ ھەرقانچە دۆت ئوغرى بولسىمۇ جاۋۇر كۆتۈرۈپ كىرمەس؟ ئەجىبا ئۇ...

__رۇخسانە؟

خىيالىم ئاياغلاشماي تۇرۇپلا ئەندىكىپ يىنىمغا قارىدىم، جەسۇر ئولتۇرۇپتۇ.بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتىكى بۇ ئاۋاقنىڭمۇ يىنىمغا كىلىدىغان ۋاقتى بولىدىكەن-ھە؟

پەرۋارسىز نىمە ئىش،دىگەندەك قارىدىم.

جەسۇر ئەتراپىغا ئادەم بارمۇ يوق دىگەندەك مۇنداقلا قارىۋەتتى، كىيىن قۇلاق تۈۋىمگە ئىغىزىنى يىقىن ئەكەلدى.
ۋۇ خۇمپەر، ئەسلى مىنى سۈيۈۋالماقچى ئىكەنسەن-دە؟ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق!!!

چاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جەسۈرنى بىر تەستەك قويدۇم، كەينىدىن ئىككى قولۇمنى توپا قاققاندەك ئاستا قىقىپ قويدۇم!

__ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ نىمە قىلىپ يۇرىيسىز؟__جەسۇر يۈزىنى تۇتقىنىچە ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى...

مەنسىتمىگەندەك كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدۇم، پاھ...ھاردۇقتىن چىققاندەكلا...نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆزۈڭچە ماڭا ئاشىق،نەمە دىسەم ياق دىمەيدۇ،دەپ ئويلاپ قاپسەندە؟ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسەن، جەڭدە يەڭگەن سەركەردىدەك چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي گىدىيىپ تۇردۇم:

__ئۆزىڭىز نىمە ئىش قىلماقچى؟

__سىز...بولدى،بولدى، __يۈزىنى تۇتۇپ يەۋىتىدىغان بىرنى گۆلەيدى،__مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟ ۋۇ دۆت قىز، مەن سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا گەپ قىلماقچى ئىدىم...

__پاھ، ما گەپنى كۆرۈڭ، ئەتراپىمىزدا ھىچكىم بولمىسا نىمە دەپ قۇلۇقۇمغا گەپ قىلماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟ مىنى ساراڭ چاغلاپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟

جەسۇر ئازار يىگەندەك جايىدا تۇرالماي قالدى، راس مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ نىمە؟ بولدى بولدى، ئوشۇقچە كۆڭۈل بولۈپ يۈرمەي، بولغۇلۇق بوپ بولدى...

قاپىقىنى تۈرۈپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە بىر ھازا مىختەك قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئوخشاشلا ئەتراپىغا قاراپ قويدى-دە، يەنە يىقىن كەلدىيۇ،ئىتتىك بىشىنى تارتىۋالدى، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ:

__قولىڭىزنى ئىتتىك قىلماڭ-ھە؟ مىنىڭ راسلا گىپىم بار، ھەم قۇلۇقىڭىزغا دىمىسەم بولمايدۇ...

ئىشقىلىپ بىرنى ئۇرۇۋالدىم، ئەمدى مەيلى...ھى...ھى..شۇنداق ئويلىغاچ قۇلۇقۇمنى تۇتتۇم:

__تۈنۈگۈن ئاڭلىسام مۇشۇ كاتتا بىرنىمە كۆرۈپ قاپسىز...
__بىرنىمە ئەمەس،ئىككى ئادەم...
__بوشراق گەپ قىلىڭ...ئەستا ما قىزنى، يۈرۈڭ، سىز ياتىدىغان ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى...جەسۇر ئىككى تەرەپكە ئەندىكىپ قاراپ قويدى-دە، مىنى ئىتتىرىپ مەن ياتىدىغان ئۆيگە ئەكىردى...بۇ قىلىقلىرىدىن بەكمۇ ھەيران قالدىم، پۈتۈن سۈرۈك بىر ئوغۇلبالا نىمە بولغاندۇ بۈگۈن؟ ئەجىبا مىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ نىمە؟ ئادەم يوق يەردە دىمەكچى بولسا...
راسلا شۇنداق بولسا مەن ھەرگىز ئۇنىمايمەن، ئۆزۈمگە ئۆزۈم ۋەدە بەرگەن قىزمەن!

جەسۇر مىنى ئىتتىرىپ ئۆيگە كىرگۈزگەندىن كىيىن ئىشكنى ئىچىدىن يىپىۋەتتى. بۇ قىلغانلىرى دىتىمغا تازا ياقمىسىمۇ چاندۇرماي ئولتۇردۇم.

جەسۇر قەتئىيلىك بىلەن كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى، پاھ نىمىلا دىمىگەن بىلەن جەسۇر خىلى كىلىشكەن يىگىت ئىكەنتۇق...ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچراشتى، قاراپ تۇرىۋىرىشتىن بىئەپ ھىس قىلدىم:

__تۆشۈكتەك قاراپ ئولتۇرىۋەرمەي دەڭە، نىمە گەپ بار ئىدى؟
__سىز تۈنۈگۈن نىمە كۆردىڭىز؟ ئىنىق دەڭە؟

گەپنى يىراقتىن ئەگىتمەكچى بوپسەندە؟ بوپتۇ، دەپ بىرەي، ئىچىمدە شۇنداق ئويلىدىمدە، گىلىمنى قىرىپ قويدۇم:

__تۈنۈگۈن يىرىم كىچىدە قوسقۇم ئاغرىپ ھاجەتكە چىقماقچى ئىدىم، توكنى ياندۇراي، دەپ مىڭىپ يىرىمىغا كىلىشىمگە باغ ئىچىدىن بىرنىمە شىلدىر قىلىپ قالدى، ئاستا بىرىپ قارىسام بايامقى كاتتا ئىككى ئادەم ئولتۇرىدۇ...

__تۇرقىچۇ؟__جەسۇر تاقەتسىزلەنگىنىچە مەندىن سورىدى.
مۇشۇ گەپنى بۆلىدىغان ئادەمنى كۆرسەم-زە...ھومۇيۇپ قاراپ قويدۇم:

__دەۋاتىمەنغۇ مانا؟! تۇرقى قانداق دىسەم بولا... ئىشقىلىپ كەچتە ئىككى قارا كۆلەڭگىنى كۆردۈم، بىر-بىرىگە يىقىن ئولتۇرۇپتۇ، بىشىغا جاۋۇر كىيىۋالغان چىغى...

__ھە؟؟؟ جاۋۇر؟
قارىسام جەسۇر پۈتۈن دىققىتى بىلەن گىپىمنى ئاڭلىغىلى تۇرۇپتۇ، تازا بىر كۆپتۈرۈپ سۆزلەي...

__ھە جاۋۇر، قارىغاندا ئوغۇرلىغان نەرسىلەرنى شۇنىڭغا قاچىلايدىغان بولسا كىرەك...كەينىدىن ئەمدى بىر ھەركەتكە كىلەي دىسەم، خالىدە ئاپام چىقىپلا چىراغنى ياندۇردى، شۇنىڭ بىلەن خالىدە ئاپامنى يىتىلەپ ئاپارسام ئۇلار ئاللىبۇرۇن قىچىپ كىتىپتۇ. ئەگەر قاچمىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى ئۆزۈم بىرەتتىم...

جەسۇر مەنسىتمىگەندەك ماڭا قاراپ قويىۋىدى، شۇئان قاپىقىم تۈرۈلدى...

جەسۇر غەمكىن ئولتۇرۇپ كەتتى، بىرنەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى، مەنمۇ خىيالىنى بۆلمەي،دەپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردۇم.

تۇيۇقسىز ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتى، ۋە ماڭا قاراپ قەتتئىيلىك بىلەن:
__بۈگۈن كەچتە يالغۇز يىتىشىڭىزغا رۇخسەت يوق، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ئاپام بىلەن بىرگە يىتىڭ...

پاھ ما گەپنى، خالىدە ئاپام بىلەن جەۋلان دادامنىڭ ئوتتۇرىسىدا لايدەك ئىزىلىپ يىتىپ كەتسەم-ھە؟

__نىمە دىمەكچى سىز؟  بۇ ئۆيدە ياتسام نىمە بوپتۇ؟ ئۆزىڭىزچە قوغلىغىنىڭىزما بۇ؟ يا ئۆزىڭىزگە ئوخشاش توخۇ يۈرەك چاغلاپ قالدىڭىزمۇ؟  

راسلا ئاچچىغىم كەلگەن ئىدى،
جەسۇر بولسا كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە:
__ئۇنداق دىگىنىم ئەمەس، سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
__مىنى ئوغرىلار كۆتۈرۈپ كىتەرمىكىن دەپما؟
جەسۇر تەرسالىقمغا قارىتا ئوشۇق گەپ قىلمىدى، سەل ئولتۇرغاندىن كىيىن :
__ئۆيىڭىزگە قايتامسىز-يە؟
__ئۇنداق يىرى بولسا ئەتىلا، ياق بۈگۈنلا كىتەي!!!

  ۋۇ ئەبلەخ، قارا تەربىيەسىزلىكىنى، مىھمانغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلغان بارمۇ؟ ئاچچىغىمدىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇردۇم،-دە، گەپ قىلماي چىقىپ كەتمەكچى بولىۋىدىم،جەسۇر بىلىكىمنى تۇتىۋالدى، بىرخىل ئىللىق سىزىمنى ھىس قىلغاندەك بولدۇميۇ، شۇندىمۇ دەرھال ئەسلىمگە قايتتىم-دە قىيداپ قارىمىدىم.

__بىلىمەن، سىز كەلگەندىن بۇيان سىز بىلەن تۈزۈك ئەسرالاشمىدىم، مىنىڭ خىزمىتىمنىمۇ بىلىسىز، بەكلا ئالدىراش ئادەممەن، يىرىم كىچىدە بىر تىلفۇن بىلەنلا چىقىپ كىتىمەن، بىلىپ تۇرىمەن، مەندىن رەنجىدىڭىز، سىزگە ئوشۇق گەپمۇ قىلمىدىم، ئەسلى بۇنداق قىلماسلىقىم كىرەك ئىدى، بىراق...

كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولدى، مىنىڭمۇ كۆڭلۈم خىلى يۇمشاق ئىكەن-ھە؟ گەپلىرى تەسىر قىلىۋاتاتتى، بىردىنلا ئۆزۈمنى مۇلايىملىشىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.

جەسۇر قۇلۇمنى قۇيۇپ بەردى، ئۆزى بولسا كارۋىتىمدا ئولتۇردى:

__يىنىمدا ئولتۇرۇڭ، مەن بۈگۈن ھەممە گەپنى دەي...
يەنە تۈگىمىگەن نىمە گەپ باردۇ؟ دىسەم دىمىسەم، مىنىڭ قىز دوستۇم بارەي، سىز بىلەن توي قىلالمايمەنەي...دەيدۇ ھەقىچان...مەنمۇ بۇنداق تاما قىلمىغان...ئۆزۈمچە پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردۈم. رايىشلىق بىلەن يىنىدا ئولتۇردۇم.

__تاماكاچەكسەم بولامدۇ؟__ئانچە ياقتۇرمىساممۇ مەيلى،دىدىم.




<6>



بىرتال تاماكىنى تۇتاشتۇردى، كۈچەپ بىرنى شورىغاندىن كىيىن قوللىرى يىنىك تىترەشكە باشلىدى.

__سىز كۆرگەن ئۇ نەرسە ئادەم ئەمەس!

ھا..ھا...سەت ئاۋاق،ئەسلى ئۆزىچە مىنى قورقۇتۇپ كەتكۈزۋەتمەكچى ئىكەن-دە؟ بۇنچىلىق قىلىپ كىتىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ توۋا ، مەن بۇنىڭغا چاپلىشىۋالىدىغاندەك...

__ھە،ئالۋاستىما ئادەم بولماي؟؟

جەسۇرنىڭ قولىدىكى تاماكا چۈشۈپ كەتتى، ۋە ئالاقزەدىلىك بىلەن ئاغزىمنى ئالقىنىدا ئىتىۋالدى...

جەسۇرنىڭ ھازىرقى بۇ تۇرقىدىن نە ساقچىلارغا خاس ھالەتنى ھىس قىلالمىدىم...
كۈچەپ قولىنى ئىغىزىمدىن ئاجراتتىم...
__ساراڭ!!!

__ئەمدى بۇنداق گەپ قىلغۇچى بولماڭ، سىز پەقەت غەيىپ دىسىڭىزلا بولىدۇ،بولمىسا...

__نىمىنى؟؟؟؟__ئىچىم دەششەت سىقىلدى.

__سىز كۆرگەن نەرسىنى...بۇنداق دىسەم ھەيران قىلىشىڭىز ئىنىقلا، گىپىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاڭ، ئۇ نەرسە راسلا ئادەم ئەمەس، ئۇنى ئادەتتىكى ئادەملەر كۆرەلمەيدۇ.

گىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم.

__بىلىمەن، ئىشەنگۈڭىز كەلمەيۋاتىدۇ، پەقەت ئۇلار خالىغان ئادەمگە كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن مەن، مىنىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنىدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى بار،لىكىن سىزنىڭ قانداق بولۇپ كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى مەنمۇ بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇلار سىزگە قىزىقىپ قالغان بولىشى مۈمكىن، ياكى ئۆچ بولۇپ قالغان بولىشى مۈمكىن، بۇنداق دىسەم قورقۇپ كەتمەڭ، مەن سىزنى ئالدىمىدىم، باشقىچە نىيىتىممۇ يوق، پەقەت سىزگە زىيان يتىىپ قىلىشىدن قورقىمەن...

لەۋلىرىم كۆكىرىپ،چىشلىرىم كاسىلداپ كىتىۋاتاتتى....
جەسۇر گىپىدىن دەرھال توختىدى.
__رۇخسانە؟؟  ھەي قىز؟ سىزگە ھىچ ئىش بولمىغاندۇ؟

دىرىزىگە قاراڭ ،دىگەندەك بارمىقىم بىلەن دىرىزە تەرەپنى كۆرسەتتىم-دە، بىشىمنى تىزلىك بىلەن جەسۇرنىڭ قوينىغا تىقتىم، بۇ ھالىتىم دەل <قۇيرۇقۇمنى بۆرە يىسە يىسۇن، كۆزۈم كۆرمىسۇن> دىگەندەكلا ئىش ئىدى...

بايا جەسۇر يەرگە قاراپ گەپ قىلىۋاقىنىدا ئىختىيارسىز دىرىزە تەرەپكە قارىۋىدىم،ئاجايىپ كىلەڭسىز، بىشى دەل مەن كىچە كۆرگەن جاۋۇردەك، ئاستى تەرىپى قارلىغان قانىتىدەك ئۇچبۇلۇڭ قاپقارا بىر نەرسە يىپىشىپ تۇراتتى...كۆزنىڭ ئورنىغا ئىككى تال كۆكۈش سۇس نۇر چاقنايتتى...

جەسۇرنىڭ چىرايى بىردىنلا تاتىرىپ كەتتى...مىنى چىڭڭىدە قۇچاغلىغىنىچە مۆرەمنى بوش پەپىلەپ قويدى، ئۆزىنىڭمۇ قورقىۋاتقانلىقىنى سۇس تىترەشلىرىدىن ھىس قىلغان ئىدىم. بىردىنلا پۈتۈن بەدىنىم چىپ-چىپ قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى... قانداق قىلىشىمنى بىلمەيتتىم، پۇتلىرىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەس ئىدى...

__كۆزىڭىزنى ھەرگىز ئاچماڭ،__ توۋا،ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ، بايام كاتتا ئولتۇرغىنىم راس، جەسۇرنى بىر تەستەك ئۇرغىنىممۇ راس، كاللام نورمال پىكىر يۈرگۈزىۋاتىدۇ، لىكىن...تۇيۇقسىز يىنىمدىن شامالدەك بىر نەرسە شىپ قىلىپ
ئۆتتى...مەن جەسۇرنى چىڭڭىدە قۇچاغلاپ تۇراتتىم، ئىختىيارىم ئەمەس ئىدى...مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق، لىكىن بۇ زادى قانداق نەرسىدۇ؟ ئالۋاستى؟ مەن بىر قاراپ باقاي...

بىشىمنى لىككىدە كۆتۈرۈپ قارىۋىدىم، جەسۇر مىنى قۇچاغلىغىنىچە تۇرغان بولۇپ كۆزلىرى ئاپئاق بولۇپ، ئىغىز يوغانلا ئىچىلىپ قىتىپ ،ھازىرلا جىنى چىقىپ كىتىدىغاندەك خارقىراپ قالغان ئىدى.

__ئااااااااااااااااااااا!!!!





   <7>



جەسۇرنى ئىتتىرۋەتكىنىم سۇس ئىسىمدە، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، نىمە ئىشلار بولدى ، بىلمەيمەن...
بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام،يەنە شۇ ئۆيدە، يىنىمغا قارىسام جەسۇر چوڭقۇر-چوڭقۇر تىنىغىنىچە يىتىپتۇ...سىرتتىن خالىدەم ئاپام بىلەن جەۋلان دادام ئىشىكنى مۇشلاۋاتاتتى:

__رۇخسانە، ئىشىكنى ئىچىڭ قىزىم، خالىدە...!!! جەسۇر،ھايۋان!!ئىشىكنى ئاچ...!!

بىشىم قىيىپلا تۇراتتى، بايامقى ئىشلار كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ يەنە بىئارامسىزلىنىشقا باشلىدىم، جەسۇر ماڭا ئىپادىسىز قاراپ قويدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئىچىشقا تەمشەلدى، مەنمۇ دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم،چىرايىم تاتىرپ كەتكەنلىكىنى ئەينەككە قاراپ ھىس قىلدىم...

__ھايۋان!!!__جەسۇر  ئىشىكنى ئىچىپ تۇرۇشىغا  خالىدەم ئاپام بىر تەستەك قويدى، كەيندىن جەۋلان داداممۇ كىردى-دە، جەسۇرنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى:
__ۋۇ ئادەم بولمايدىغان مەلئۇن!!!

جەسۇرنىڭ يۈزى ئاھانەتتىن ئوتتەك قىزىرىپ كەتتى،  مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ ئۈلگۈرگىچە خالىدە ئاپام يۈگۈرۈپ كەلدى:
__ۋاي جىنىم قىزىم، بىزنى كەچۇرۇڭ، سىزگە ياخىشى قارىيالمىدۇق، ماۋۇ ھايۋاننىڭ بۇنداق قىلارىنى بىلمەپتىمەن...

نىمە دەيدۇ بۇلار...قارىغاندا ئۇقۇشماسلىق بولغاندەك قىلاتتى.
__رۇخسانە قىزىمنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن بولسا بىز ناماقۇل، قالغان گەپنى ئاپىسى ئۆزۈڭ قىل__جەۋلان دادام تىترەپ تۇرۇپ ئاران شۇ گەپنى قىلدى، كەينىدىن جەسۇرغا قاراپ ۋارقىرىدى__مەن بىلەن ماڭ ھايۋان!!!

جەسۇرنىڭ كۆزلىرى غەزەپتىن چاقنىدىيۇ، ئوشۇق گەپ قىلماي جەۋلان دادامغا ئەگىشىپ ماڭدى، كەينىدىن ماڭا خاتىرجەمسىزلەنگىنىچە قاراپ قويدى-دە، ھىچنىمە دىمەڭ،دىگەندەك قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ،بىشىنى يىنىك چايقاپ قويدى.ئۇلار ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

نىمە ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى...ھىچنىمىنى چۈشەنمىدىم.

__جىنىم قىزىم، خان قىزىم، بىزدىن رەنجىمەڭ، ما ھايۋاننى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىمەن...__خالىدە ئاپام توختىماي ئۆزرە سورايتتى...

__ئۇقۇشماسلىق بولدىمۇ قانداق؟__مەن خالىدە ئاپامغا قارىدىم.

__بىلىمەن، سىلەرنىڭ نىكاھ ئىشىڭلارنى بالدۇرراق قىلىپ قويغان بولساق بۇ ئىشمۇ يوق...لىكىن قىزىم خاتىرجەم بولۇڭ، تىزلا توي تەييارلىقىڭلارنى پۈتتۈرىمىز...

__خالىدە ئاپا!!!__قاتتىقراق توۋلىدىم، ئەمدى گەپ قىلمىسام بولمايدىغان يىرىگە يەتكەن ئىدى__نىمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ نىمە ئىش بولدى؟ نىمىگە كەچۇرۇم سورايسىلەر؟ جەسۇرنى نىمىشقا ئۇرىسىلەر؟؟؟

خالىدە ئاپام بىردەم ئىككىلىنىپ قالدى...كەيندىن ماڭا گۇمان بىلەن قاراپ قويدى:

__ئەجىبا ئۇ سىزنى...؟؟؟

ئۇف...مەنمۇ بايىلا مۇشۇنداق ئويلىدى دەپ ئويلىغان...

__بىزنىڭ ئارىمىزدا ھىچ  ئىش بولمىدى بايا قورقۇپ كىتىپ...__ياق-ياق، بۇ ئىشلارنى دىمەسلىكىم كىرەك__بايا قورقۇپ كىتىپ توۋلىغان.

__نىمىدىن؟

ئىم، ئەمدى نىمە دىسەم بولا...

__بالام ،قانداق گەپ بولسا راستىنى دەڭ، ئايال كىشى ئاجىز كىلىدۇ،  يالغان سۆزلىسىڭىز ئۆزىڭىز زىيان تارتىسىز قىزىم، سىزمۇ ئۆزۈمنىڭ قىزى بولغاچقا مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتىمەن...

__خالىدە ئاپا، جەسۇر ئىككىمىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىلەر، بىزنىڭ ئارىمىزدا راس ھىچ ئىش يۈز بەرمىدى، مەن پەقەت...ھەي...بولدىلا خالىدە ئاپا، جەسۇرغا ئىشىنىڭ،ماڭا ئىشىنىڭ...

__ئەمىسە بايا نىمىگە چىرقىرىدىڭىز بالام؟؟؟

__بايا مۇشۇ ئۆيدە ئۇخلاپ قاپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن__توغرا ،مۇشۇنداق دەي،كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى چۈشكە ئايلاندۇراي__چۈشۈمدە بەدبەشىرە بىر نەرسە ماڭا قاراپ كىلىۋاتقۇدەك ،قورقۇپ كىتىپ قاتتىق چىرقىراپتىمەن...كەيندىن جەسۇر ئاكام ئاۋازىمنى ئاڭلىغان بولسا كىرەك، يۈگۈرۈپ كىرىپ مىنى ئويغاتتى...
ئۆزۈممۇ قورقۇپ كەتكەچكىمۇ ئويغۇنۇپمۇ خىلىغىچە ئەسلىمگە كىلەلمىدىم، سىلەر ئىشىك ئۇرغان ۋاقتىڭلاردا جەسۇر ئاكام بىرمۇنچە گەپ قىلىپ تەسەللىي بىرىۋاتقان ئىدى...شۇڭا ۋاقتىدا ئاچلمىدى، بولغان ئىشلار مانا مۇشۇ...جەسۇر ئاكامنى ناھەق ئەيىبلىدىڭلار...

پاھ يالغان گەپنى دەششەت قاملاشتۇرۇپ قويدۇم، ئۆزۈممۇ ھەيران ،ئازراق دۇدۇقلىغان بولسام كاشكى...

خالىدە ئاپام يەنە ئىشەنمىگەندەك ماڭا قاراپ قويدى:
__ئەگەر ئۇنداق بولسا مەيلى بالام،بىزمۇ خاتىرجەم بولدۇق...

باشقا گەپ قىلماي شىپ-شىپ قىلىپ چىقىپ كەتتى...ئۇف...شۈكرى،ھەرنىمە بولسا...تۇيۇقسىز بايامقى قورقۇنۇچلۇق ئىشلار كۆز ئالدىمغا كىلىۋالدى-دە، قورققىنىمدىن سوغۇق تەرلەپ كەتتىم. ئۇ ئىشلارنىڭ چۈشۈم ئەمەسلىكى ئىنىق...



    <8>


توختا، مەن ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىلەرگە ئىشەنمەيتتىم، بۇ يەردە چۇقۇم بىرگەپ بار، نىمىلا بولمىسۇن مۇشۇ ئىشنى ئىنىقلىماي بۇ ئۆيدىن ھەرگىز كەتمەيمەن...جەسۇرنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار بولغۇيتتى؟ قارىغاندا بۇ چوقۇم ئاۋال جەسۇرغا، كىيىن ماڭا مۇناسىۋەتلىك ئىش...

لىكىن بۈگۈن كەچتە يالغۇز ياتسام تىخى، ئەڭ ياخشىسى خالىدە ئاپام بىلەن ياتاي...توغرا شۇنداق قىلاي!!!

ھويىغا چىقسام گۇگۇم ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، ئاسماننىڭ كۈن پىتىش تەرىپى قارىيىپ كىلىۋاتاتتى،دىمەك يامغۇر يىغىشى مۈمكىن ئىدى. خالىدە ئاپام بىلەن جەۋلان دادام كاتتا ئولتۇراتتى...جەسۇر بولسا ئوتتۇرسىدا بىرنىمىلەرنى دەپ چۈشەندۈرىۋاتاتتى.

نىمە گەپ ئىكەنلىكىنى بىلمەك بولۇپ كاتقا يىقىن شاپتۇل دەرىخىنىڭ يىنىغا بىرىپ زوڭزىيىپ ئولتۇردۇم، گەرچە بۇنداق قىلىش ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ ھازىر مىنىڭ ئەدەپ بىلەن ھىسابلىشىدىغان ۋاقتىم يوق ئىدى.
تىۋىش چىقارماي ئۇلارنىڭ پاراڭىنى دىققەت بىلەن تىڭشىدىم.

__بايامقى ئىش زادى قانداق ئىش؟ ئىنىق-دە! __خالىدە ئاپام خاپا بولغاندەك قىلاتتى__مۇشۇ يىلدىلا تۇيۇڭلارنى قىلىۋەتمىسەك بولمىغۇدەك، بىلەمسەن؟ ماڭا يۈز كىرەك!

__ئاپا، سىلەر خاتا چۈشەندىڭلار، خاتا ئەيىبلەۋاتىسىلەر،مىنىڭ راستىنلا ...ھەي...__جەسۇر تىپىرلاپ قالغان ئىدى، لەۋلىرىنى ئەلەم بىلەن چىشلىشىدىن بۇرۇختۇرما بولىۋاتقانىقىنى بىلىش تەس ئەمەس ئىدى.

بىچچارە جەسۇر...ئۆزۈمچە ئىچىم ئاغرىپ قالدى، مەن سەۋەبلىك بۇ تۆھمەتلەرگە قالىدىغىنىڭنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسامچۇ كاشكى...مەنمۇ لىۋىمنى چىشلىدىم...

__مەن ئۇنى ھىچنىمە قىلمىدىم، ئۆزۈم بىر ساقچى، ئۇنداق ئىشنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، چوپچوڭ بولۇپ قالغان ئوغلۇڭلارغىمۇ ئىشەنمەمسىلەر؟ بەك گۇمانخور ئىكەنسىلەر...بولدى،ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىكىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى.. .مىنى لۈكچەك كۆرگىنىڭلارمۇ بۇ...دۇنيادا ئۆز بالىسىغىمۇ ئىشەنمەيدىغان ئاتا-ئانا بولدىكەن-دىسە...

جەسۇر گۈس-گۈس دەسسىگىنىچە ھويلىدىن چىقىپ كەتتى...

ئۆزۈمنى بۇ ئۆيدە ئارتۇقچەبولۇپ ئىش-تىپىپ يۈرەىنىمدىن خىجىل بولدۇم، گەرچە خالىدە ئاپاملار شۇنچە كۆيۈنىۋاتسىمۇ جەسۇرنى مەن سەۋەبلىك خاتا چۈشىنىۋاتاتتى. كىتىشىم كىرەك...تىنچ ئائىلىنىڭ مەن سەۋەبلىك يامغۇر ياققان  كۆل سۈيىدەك داۋالغۇتىۋىتىشنى خالىمىدىم...

__بىز راسلا خاتا چۈشۈنۈپ قالدۇقمۇ نىمە دادىسى__ خالىدە ئاپام قوشۇملىرىنى تۈرۈپ ئولتۇرغان جەۋلان دادامغا قاراپ سورىدى.

__مىنىڭچىمۇ شۇنداقتەك قىلىدۇ، بايا سەل ئىتتىكلىك قىلىپ قويۇپتۇق...

__ئەمدى قانداق قىلارمىز؟ __خاتىرجەمسىزلىك بىلەن سورىدى خالىدە ئاپام__رۇخسانە قىزىمغۇ ئوشۇق ئويلىمايدۇ، يامان يىرى جەسۇر ....

__بولدى،بولدى، __جەۋلان دادام خالىدە ئاپامنىڭ گىپىنى بۆلدى__ئوغلۇڭنى چۈشەنمەيدىغاندەك گەپ قىلىدىكەنسەن، ئۇمۇ بىزنىڭ نىيىتىمىزنى چۈشىنىدۇ، يامان بولمىسۇن،دەپ ئارتۇقچە بولسىمۇ تەربىيە بەردۇق، ھەرھالدا بىز ئويلىغاندەك ئىش ئەمەس ئىكەن،ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا قانداقمۇ قىلاتتۇق دىگىنە...ھەي..__جەۋلان دادام ينىڭ تىندى، كەيندىن جوزىغا بىلىكىنى تىرەپ ئىڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرغان خالىدە ئاپامغا قارىدى:
__ماڭ،بولدى،يامغۇر ياغىدىغاندەك قىلىدۇ، ئۆيگە كىرىپ كىتەيلى...

جەۋلان دادامنىڭ كەينىدىن خالىدە ئاپام پايپاسلىغىنىچە مىڭىڭپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى دىگۈدەك ئارقىمۇ-ئارقا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ھويلىدا ھىچنىمە كۆرۈنمەيتتى، ئۇلار ئۆيگە كىرىپ كەتتى، جەسۇر بولسا چىقىپ كەتتى، ھويلىنى گۇگۇم پەردىسى قاپلىغان ئىدى. بىرتامچە-ئىككى تامچىدىن يامغۇر سۈيى مەڭزىمگە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.




<9>



ئۇھ...يىنىك تىندىم،ھەرنىمە بولسا بۇ تۈگۈنمۇ يىشىلدى، شۇنداق ئويلاپ تۇرۇشۇمغا شاراق_شۇرۇق قىلغان ئاۋازدىن ئەندىكىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. مەن تۇرغان شاپتۇللۇق دەرىخىنىڭ سەل نىرىسىدا قاپقارا بىرنىمە مىدىرلىغاندەك قىلدى. گۇگۇم بولغاچقا كۆزۈمگە شۇنداق كۆرىنىۋاتقان بولسا كىرەك،دەپ ئويلىدىم-يۇ ،چۈشتىكى ئىش تۇيۇقسز ئىسىمگە كىلىپ قالدى-دە،بۇنىڭ مۇنداقلا كۆرۈنگەن نەرسە ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈردۇم.

بىرىنجى ئامال قىچىش، توغرا...شۇئان كەينىمگە قاراپ يۈگۈردۈم، سۈرئىتىمنىڭ تىزلىكىدىن ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندىمۇ ئۆزۈمنى تۇرمۇزلىيالمىدىم-دە ئىشككە جاققىدە ئۈسۈدۈم.

__نىمە بولدى قىزىم؟!

خالىدە ئاپام ئىشىككە ئۈسسىگەندىكى چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغان بولسا كىرەك، ئۆيدىن تىزلا چىققان ئىدى.
ئۇف، خۇداغا شۈكرى..ھەرنىمە بولسا،ئاللاھ ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!! ھاسىراپلا قالغان ئىدىم. ئارقامغا قارىۋىدىم،ھىچنىمە كۆرۈنمىدى. خالىدە ئاپام تىزلا يىنىمغا كەلدى:
__سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟

مەن ھىچنىمە دىمىدىم، پەقەت زورىغا كۈلۈمسىرىدىم:
__شۇ ئۆزۈمچە يۈگۈرۈپ باقاي دەپ بىر يۈگۈرگەن ئىدىم، ئۆزۈمنى توختىتالماي ئىشىككە ئۈسۈۋالدىم.

خالىدە ئاپام غەيرىيلا بىر نەزەر بىلەن ماڭا قارىدى:
__كەچ بولاي دىگەندە يۈگۈرۈپ نىمە ئىش قىلاتتىڭىز قىزىم، ئادەمنى تولا قورقۇتماڭ-ھە؟ كىرىڭ ياخشى ئارام ئىلىڭ قىزىم. بۈگۈن چارچاپمۇ قالدىڭىز.

خالىدە ئاپام كۆيۈنگىنىچە بىشىمنى سىلىدى، مەنمۇ چاندۇرماي ھىجىيىپ قويدۇم-دە، ئۆيۈمگە شىپپىدە كىرىۋالدىم...

چىراغنى ياندۇرۇپ كارۋىتىمغا چىقتىم، كۆزۈم دىرىزىدىن ئۈزۈلمەيتتى...ئالدىنقى كۈندىكى ئىككى سايە، چۈشتىكى بەدبەشىرە مەخلۇق، بايامقى كۆلەڭگە...ئويلىساملا ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باساتتى...

بولدى، بولدى، ئەمدى نىمە ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنىقلىمايمەن، ئۆلگۈر، نەس باسقۇر يەر...تۇنجى قىتىم ئەڭ ئامراق بۇ ئۆينى يۈزسىزلەرچە تىللاۋاتاتتىم، يەنە ئىككى كۈن تۇرسام ساراڭلا قىلىپ قويغۇدەك مىنى!! ئەتە كىتەي...ئەتىلا كىتەي...ھازىر ھىچنىمىنى ئويلىماي ئۇخلاي!! دەرھال ئۇخلاي !!ئۇخلىساملا ياخشى بولۇپ كىتىمەن... ھازىر قىلىدىغان مۇھىم ئىش ئۇخلاش!! ئۆزئۆزۈمگە بۇيرۇق بەرگىنىمچە يوتقاننى بىشىمغا پۈركىدىم-دە،كۆزۈمنى چىڭ يۇمغىنىمچە ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا زورلىدىم...

قانچىىك ئۇخلىدىمكى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئىشىكنىڭ غىچ قىلغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندىم، ئىم... ئۇيقۇدىن توليق ئويغانمىغان بولساممۇ ئىشىمنىڭ چاتاقلىقىنى ئالتىنجى سەزگۈرۈم نىرىپلىرىمغا نۇر تىزلىكىدە يەتكۈزۈپ بولغان ئىدى.

يويقاننى تىخىمۇ چىڭ يۆگىدىم-دە ،چوڭقۇرراق نەپەس ئىلىشقىمۇ پىتىنالمىدىم...ئىشىكتىن يەنە ئىشىك ياپقاندىكى غىچ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. دىمەك بىر نەرسە ئۆيگە كىرگەن ئىدى!

ئاھ خۇدا،ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن!! غال-غال تىترەپ كەتتىم...ئاھ جەسۇر، سەن يىنىمدا بولغان بولساڭمۇ ھە؟ تۇيۇقسىز
ئادەم سىغىنىپ كەتتىم، مەيلى كىملا بولسا بولىۋىرەتتى، بۇنداق ۋەھىمىنى پەقەت بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان كىشىلا ھىس قىلالايدۇ خالاس...ئىسىت نىمە دەپمۇ خالىدە ئاپاملار بىلەن بىرگە ياتمىغاندىمەن؟ نىمىشقىمۇ جەسۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ خوپ بولدى، ئۆزۈڭگە ئاز !!!

__رۇخسانە؟ ئۇخلاپ بولدىڭىزمۇ؟
ئىنىقكى بۇ خالىدە ئاپامنىڭ ئاۋازى ئىدى، بىشىمنى لىككىدە كۆتۈرۈپ قارىۋىدىم، خالىدە ئاپام كارۋىتىمنىڭ بىشىدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ،  يىنىك تىندىم.
__بۇ سىزمىدىڭىز؟ مىنى بەكمۇ قورقۇتتىڭىز...__شۇنداق دىگىنىمچە كارۋىتىمنىڭ بىشىدىكى چىراغنى ياقتىم.

خالىدە ئاپام قاچانلاردىندۇر بىر ئورۇندۇقنى ئىلىپ كىلىپ،قولىدا بىر قاچا نەرسىنى كۆتۈرگىنىچە ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى.

__قارىسام سىرتتا يامغۇر يىغىۋاتىپتۇ، سىزنى توڭلاپ كەتمىگەي دەپ، ماۋۇ يوتقاننى ئەكىرگەن ئىدىم__خالىدە ئاپام  كارۋىتىمنىڭ پۇت تەرىپىگە قۇيۇلغان قىلىن يوتقاننى ئىما قىلدى. نىمىشقىدۇر چىرايى بىرخىل تاتىراڭغۇ ئىدى. بەلكىم چۈشتىكى ئىش سەۋەبلىك ئۆزىمۇ خىجىل بولغاندۇ...

__رەھمەت سىزگە خالىدە ئاپا__كۈلۈمسىرىدىم. خالىدە ئاپام ماڭا بىردەم تىكىلىپ قارىدى، كۆزلىرىنى چىمىقلىتىپمۇ قويمايتتى. بۇ ھالىتىدىن سەل شۈركەندىم،بەلكىم ئۇيقىسىراپ كەتكەچكە شۇنداق بولسا كىرەك.
ھىلىمۇ قورقۇپ تۇرغۇنۇمدا خالىدە ئاپامنىڭ كىرىپ كىلىشى مىنى خىلىلا خاتىرجەم قىلغان ئىدى.

__رۇخسانە؟__ئاۋازى سەل تىترەپ چىقتى.

مەن نىمە ئىش ؟دىگەندەك سۇئال نەزىرىدە قارىدىم.

__ھە ،دەپمۇ قويمايسىزغۇ؟
كۈلۈپ كەتتىم، كىچىك بالىدەك سوراپ يۈرگەن سۇئالىنى.
__ئاڭلاۋاتىمەنغۇ مانا؟
__ھە، دەڭە؟

گەپ قىلمىدىم، نىمە بولغاندۇ؟ غەيرىيلىغۇ بۈگۈن...يا جەۋلان دادام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانمىدۇ؟

جىمجىت تۇرغىنىمنى كۆرگەندىن كىيىن قولىدىكى قاچىنى ماڭا سۇندى:
__ئىچىۋىلىڭ، ياخشى ئۇخلىشىڭىزغا پايدىلىق،دەپ بىر قاچا سۈت ئەكىردىم.

ھەيران بولۇپ بىر خالىدە ئاپامغا، بىر قولىدىكى سۈتكە قارىدىم، مەن ئەزەلدىن سۈت ئىچمەيتتىم، ھەم بۇ قورادا سۈت چىققۇدەك بىرەر كالىمۇ يوق ئىدى.

__مەن ئەزەلدىن سۈت ئىچمەيمەن،بۇنى سىزمۇ بىلىسىزغۇ خالىدە ئاپا.
__مەنمۇ سىزنى ياخشى ئۇخلىۋالسۇن،دەپ خۇشنىمىزنىڭكىدىن ئاتايىن ئىلىپ چىقتىم.__خالىدە ئاپام مۇلايىمغىنە قارىدى.
شۇندىمۇ ياخشى كۆڭلىنى يەردە قويماي،دەپ قاچىنى قولۇمغا ئالدىم.
ئەمدى لىۋىمنى قاچىغا تەككۈزۈشۈمگە چىراغ لىپپىدە قىلىپ ئۆچۈپ قالدى.
__ۋوي،توك كەتتىغۇ؟ خالىدە ئاپا؟
جىمجىت.
خالىدە ئاپا؟؟__يەنە چاقىردىم.

ئەتراپ پەقەتلا گۆرىستان كەبى جىمجىت، بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى، كاللام ئۆزۈمنىڭ ئەمەس ئىدى،
بايامقى خالىدە ئاپام قىنى ؟ئۇ ئادەممۇ ياكى ئالۋاستىمۇ؟ ئالۋاستى ئۇقۇمى كاللامغا كىلىشى بىلەن تەڭلا بىشىمدىن كىرگەن ئاغرىپ پۇتۇمدىن چىقىپ كەتتى....لاغ-لاغ تىترەيتتىم...لەۋلىرىم بىلىنەر بىلىنمەس بىر-بىرىگە ئۇرۇلاتتى.

قولۇمدىكى سۈتنى كارۋاتنىڭ باش تەرىپىدىكى توپچىغا قويدۇم، سىرتتا تاراسلاپ يامغۇر دىگەن يىغىپ قويۇۋاتاتتى.

ھىچ قاچان بۈگۈنكىدەك قوقۇپ باققىنىمنى ئىسىمگە ئالالمايمەن، كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلمەكتە ئىدى...شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىممۇ ئۆزۈمگە غەيرىي بىلىنمەكتە ئىدى.

نىمە قىلارىمنى بىلمەي روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك كارۋىتىمدىن قىمىر قىلالماي كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئادىشىپ قالغاندەك ئىپادىسىزلا ئولتۇراتتىم، ھىساپتا روھىم ئاللىقاچان تىنىمدىن ئايرىلدى،دىسەممۇ بولاتتى.





<10>



تۇيۇقسىز ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى:
__رۇخسانە، بۇ مەن، جەسۇر،ئىشىكنى ئىچىڭ...

گوم-گوم-گوم قىلغان ئاۋازدىن سەل ئەسلىمگە كەلگەندەك بولدۇم...مەن نىمە بولدۇم؟ خالىدە ئاپام قىنى؟ بۇ زادى نىمە ئىش؟؟؟ سۇئاللىرىم چىگىشلىشىپ كەتتى...

__ئشىكنى تىز ئىچىڭ!!مەن جەسۇر...
گوم-گوم-گوم...
ئىشىك ئۇرۇلاتتى...مەن ئىشىك تەرەپكە قاراپ مىڭىۋىدىم، يىنىمدىن لىپلا قىلىپ بىر نەرسە ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلدى...

ئىشىكنى ئىچىشىمغا ئالدىمدا جەسۇر چىلىققىدە يامغۇرغا چىلاشقىنىچە ھاسىراپ-ھۆمىدەپ تۇراتتى...ئۈن-تىنسىز گەپمۇ قىلماي ئارقامغا ئۆرۈلۈپ كىرىپ كەتتىم.

جەسۇر تىزلا كەينىمدىن كىردى...ئارقىدىن ھاياللاشمايلا خالىدە ئاپام بىلەن جەۋلان داداممۇ كىردى...

__نىمە ئىش بولدى بۇنچە كىچىدە؟ __جەۋلان دادام كەينىدىن جەسۇرغا قارىدى__بۇنچە كەچتە بۇ يەردە ساڭا نىمە ئىش بار؟

جەسۇر مۇنداقلا قاراپ قويۇپ دىققىتىنى يەنە ماڭا تىكىتى.
خالىدە ئاپام ئەنسىرەپ سورىدى:
__نىمە بولدۇڭلار بۇنچە كىچىدە؟ نىمە ئىش يۈز بەردى؟

خالىدە ئاپامغا باشتىن-ئاياغ سىنجىلاپ قارىدىم. خالىدە ئاپام  ئالاقزادىلىك بىلەن ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى،
كىيىۋالغىنى كۆك رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمى بولۇپ، بايامقى مەن كۆرگەن ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى...

__قىزىم،مىنى قورقۇتماڭ،بولامدۇ؟ زادى نىمە بولدى؟
كۆزۈمنى خالىدە ئاپامنىڭ ئۈستىدىن يۆتكىكىنىمچە پەسكە قارىدىم.  شۇنچە گەپ قىلغۇم كىلەتتى-يۇ ، نىمىشقىدۇر بىر كىم گىلىمنى سىقىۋالغاندەك ئاۋازىمنى سىرتقا چىقىرالمىدىم.

ئۆپكىدەپ كەتتىم، تۇيۇقسىز پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم...

جەۋلان دادام بىلەن خالىدە ئاپام بىرنىمىلەرنى دەيتى-يۇ، گەپلىرى كاللامغا كىرمەيتتى... ھەممە گەپنى دەۋىتىشنى ئويلىدىم، دىمەي نە چارە...؟؟ گەرچە ئەتىلا كەتسەممۇ بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم بىلەن ئىلىپ كىتىشكە قاتئىي بولمايدۇ...

جەسۇرمۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى...يىغلاپ-يىغلاپ سەل ئىچىم بوشىغاندەك بولدى...ۋەھىمىدىن تۇرمۇزلانغان نىرۋىلىرىم سەل ئىچىلدى، يىغىدىن توختاپ ئۇزۇن-ئۇزۇن ئىسەدەشكە باشلىدىم، جەسۇر ماڭا قارىدى، كەيندىن تىت-تىت بولۇپ تۇرغان جەۋلان دادام بىلەن خالىدە ئاپامغا قارىدى:

__ سىلەر چىقىپ تۇرغان بولساڭلار، رۇخسانە بىلەن ئايرىم پاراڭلاشسام...

__قۇرۇق گەپنى ئاز قىل__جەۋلان دادام قاتتىق ھۆركىرىدى__دىسەم دىمىسەم يەنە سىنىڭ ئويۇنىڭغۇ بۇ-ھە؟

جەسۇر ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈشنى خالىمىدى بولغاي سەل قاتتىقراق ئاۋازدا ۋارقىرىدى:
__سىلەر چىقىپ كىتىڭلار، ئىش ئايدىڭلاشماي تۇرۇپ قالايمىقان ئويلاپ يۈرمەڭلار، كىيىن ھەممىنى دەيمەن.

خالىدە ئاپام ئامالسىز ماڭا قارىدى، كەيندىن جەۋلان دادامنى يىنىك ئىتتىردى:

__يۈرۈڭ دادىسى، بۇلار ياخشىراق پاراڭلاشسۇن، قارىغاندا ئىش باشقىچىرەك ئوخشايدۇ، ئالدىرمىساق بىزمۇ بىلىپ قالارمىز__كەينىدىن چىقىپ كىتىۋاتقاچ ماڭا قارىدى:
__قورقماڭ-ھە قىزىم؟ نىمە ئىش بولسا بىز بار، قالغان گەپنى ئەتە دىيىشىلى، جەسۇر، رۇخسانەنى يالغۇز قويما!

جەسۇر بىلدىم،دىگەندەك بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى.

ئۇلار چىقىپ كەتتى، ئۆيدە جەسۇر ئىككىمىزلا قالدۇق، ئىپادىسىز كۆزلىرىم نىمىنىدۇر ئىزددەيتتى.

__مىنى كەچۇرۇڭ، ئەسلى بۈگۈن سىزگە ھەمرا بولۇپ ھەممە گەپنى دىيىشنى لايىق تاپقان ئىدىم، لىكىن ئاچچىغىمدا ئۆيدىن چىقىپ ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ ھاياللىشىپ قاپتىمەن،سائەتكە قارىسام، بىردىن ئىشىپتۇ، شۇڭا تىزلا قايتىپ كىلىپ ئىشىكىڭىزنى ئۇرۇشۇم ئىدى، كىچىكىپ قاپتىمەن...

__بولدى بەس!! سۆزلىمەڭ!! مەن ئەتىلا كىتىمەن، بۇ قاغىش تەككۈر يەردىن كىتىمەن، كۆڭلۈم تۇيۇپ ئەسلى كەلگۈم كەلمەپتىكەن مىنىڭ...بۇ زادى نىمە ئىش جەسۇر؟؟ بۇ نەرسىلەر زادى نىمە؟؟؟

ھازىر كىمگە ئاچچىغلىنىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم، بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۆزگىرىپ باشقىچىلا بولۇپ قالغان ئىدىم،  نەچچە كۈندىن بۇيانقى خۇشچاقچاق، قىزغىن،يۇمۇرىستىك قىزنىڭ سىماسىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايتتى.

كاللام قوپقۇرۇق!

__بوراق توۋلاڭ، بايا سىزگە زادى نىمە ئىش بولدى؟

ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدىم، نىمىشقىدۇر بۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى جەسۇردىن كۆرەتتىم. غەزىپىم كىلەتتى. جەسۇرنىڭ تاقەتسىزلىك بىلەن كۆيۈنۈش ئارلاش ماڭا قارىشى ئۇنىڭغا بولغان ئۆچلۈكۈمنى سەل پەسەيتكەندەكمۇ قىلدى.

__ھەممىنى دەۋىتىڭ،ئاندىن سىزگە چۈشەندۈرەي،بولامدۇ؟

بۇ ئىشنى ئويلاشنى قەتئىي خالىمايتتىم، خالىمايتتىم،دىگەندىن كۆرە قورقاتتىم،دىسەم توغرا بولاتتى.
جەسۇر ئىككى مۆرەمنى تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى،__قورقماڭ،مەن بار،__دىگىنىچە يىنىك قۇچاغلىدى.
ئىسەدىشىم تىخى بىسىلمىغان ئىدى، ھازىرى قۇچاغلىشى ماڭا ئاجايىپ بىر بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. بىشىمنى جەسۇرنىڭ كۆكرىكىگە قويدۇم، بۇ قانداقتۇ قىز-ئوغۇللاردىكى ھىسىيات مەسىلىسى ئەمەس ئىدى، پەقەت ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە جەسۇرنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ تەسەللىسى،دەپ چۈشىنىشكە بولاتتى.

__قىنى سۆزلەڭ.

__شاپتۇل دەرىخىنىڭ يىنىدىن تۇرۇپ كىتىۋىتىپ قارا بىر كۆلەڭىنى كۆرۈپ قالدىم، قورقۇپ كىتىپ ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم...

__شاپتۇل دەرىخى؟ ئۇ يەردە نىمە ئىش قىلىۋاتقان ئىدىڭىز؟؟؟
جەسۇر ھەيران بولۇپ سورىدى، ۋىللىدە قىزاردىم، يۈزۈمنى پولۇدەك قىلىپ :
__ گىپىڭلارنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاۋاتاتتىم،__دىدىم.
__كىيىنچۇ؟ سۆزلەۋىرىڭ.

__كىيىن قورقۇپ خىلىغىچە ياتالمىدىم، بۈگۈن بىركۈننىڭ ئىچىدە بەك كۆپ ئىشلار يۈز بىرىپ كەتتى جەسۇر، مەن ساراڭ بولۇپ قالايلا دىدىم...__كۆزلىرىمدىن ئاققان ياش جەسۇرنىڭ كۆڭلىكىنى نەمدىدى،__كىيىن قورقۇپ خىلىغىچە ئۇخلىيالماي تەستە ئۇخلىدىم، بىر چاغدا خالىدە ئاپام كىرىپ كەلدى، قانداق كىرگەنلىكىنىمۇ ئۇخمايمەن، كۆزمنى ئاچسام،ئىسمىمنى ئىككى قىتىم توۋلىدى، مەنمۇ ئوشۇق ئويلىماپتىمەن،...

__ھە دەپ سالمىغانسىز؟؟؟__جەسۇر تاقەتسىزلىنىپ سورىدى.
__ياق، ئادەتتە بىرى چاقىرسا ئاسانلىقچە ھە،دىمەي گەپ قىلىڭ،دەپ جاۋاب قايتۇرىمەنغۇ؟
__خۇداغا شۈكىرى، كىينچۇ؟
__كىيىن نىمىشقا ھە،دىمەيسىز،دەپ خىرقىراقراق ئاۋازدا گەپ قىلدى، سەل نورمالسىزلىقنى ھىس قىلغان بولساممۇ خالىسە ئاپامنىڭ يامغۇر ياققانلىقى تۈپەيلى مىنى توڭلاپ كەتمىسۇن،دەپ قىلىن يوتقاننى ئەكىرىپ بىرىشى كۆڭلۈمدىكى گۇماننى ساقىت قىلدى، كەينىدىن بىر قاچا سۈتنى ئىچىڭ، ياخشى ئۇخلايسىز،دەپ ماڭا سۇندى...

__سۈت؟؟ ئىچتىڭىزمۇ؟؟؟
__ياق، مەن ئەزەلدىن سۈت ئىچىشنى ياقتۇرمايتتىم، لىكىن خالىدە ئاپمنىڭ ئاتايىن خۇشنىلارنىڭكىدىن ئىلىپ چىقتىم،دىگىنىنى ئاڭلاپ ياىشى كۆڭلىنى رەت قىلىشنى خالىمىدىم...

جەسۇر مىنى يەنە ئۆزىگە قاراتتى، كۆزلىرىنى ماڭا سىنجىلاپ تىكتى:
__ئىچتىڭىزمۇ؟؟
__ياق دىدىمغۇ؟ ئىچەي دىيىشىمگە چىراغ لاپپىدە ئۆچۈپ قالدى، خالىدە ئاپامنى شۇنچە چاقىرساممۇ ھە،دىمىدى،

كەينىدىن سىز كەلدىڭىز، بولغان ئىشلار مۇشۇ شۇ...مەن ھىچنىمىنى چۈشەندىم، ئەجىبا ئۇ خالىدە ئاپام ئەمەسمىدۇ؟

جەسۇر ئورنىدىن تۇرۇپ تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇياققا-بۇياققا ماڭاتتى...تۇيۇقسىز كۆزلىرى كارۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىگە بىرىپ قادالدى...چىرايى ئاقىرىپ كەتتى...

مەنمۇ كۆزلىرىمنى تەستە جەسۇردىن ئىلىپ ئۇنىڭ كۆزى تىكىلگەن يەرگە يۆتكىدىم، ئۇ يەردە نە يوتقان بولسۇن،

تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن ،بىر قاراشتىنلا ئۆڭۈپ،يىرتىلىپ،مازلىرى چىقىپ قالغان كونا پاختىلىق چاپاندىن بىرى تۇراتتى...

__بۇ نەرسە قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدى؟؟؟
جەسۇرنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم...
__بۇ... بۇ... بايا خالىدەم ئاپام ماڭا ئەكىرىپ بەرگەن قىلىن يوتقان ئىدى، قانداقسىگە...

ئۆزۈممۇ ھەيران ئىدىم، تۇيۇقسىز ئۇ كونا چاپننىڭ ئىچىدىن سىسىق قاننىڭ ھىدى كەلدى، دەرھال جەسۇرنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدىم...

__سۈتنى نەگە قويغان؟
__ئەنە-ئاۋۇ يەردە....كارۋىتىمنىڭ بىشىغا قۇيۇلغا توپچىنى كۆرسىتىپ قويدۇم، ئەپسۇس ،ئۇ يەردە سۈت ئەمەس، ئاپئاق ئادەمنىڭ يىرىم باش ئىسكىلىتى قۇيۇقلۇق ئىدى...كۆزلىرىم چانىقىدىن چىقىپ كىتەيلا دىدى...

جەسۇر تىزلا ئاغزىمنى ئىتىۋالدى:
__ۋارقىرىماڭ، ھەرگىز ۋارقىرىماڭ، __نەپەسلىرىم يىتىشمەيتتى، تىز-تىز نەپەس ئالدىم...بايامقى قورقۇشلىرىم بۇ قورقۇشنىڭ ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس ئىدى...

جەسۇر قولىنى ئاستا-ئاستا قويىۋەتتى...مەن ئاغزىم بىلەن چوڭقۇر-چوڭقۇر تىنىشقا باشلىدىم...

جەسۇر مىنى ئالدىغا تۇرغۇزدى-دە، كەينىمدىن ئىتتىرىپ خالىدە ئاپاملارنىڭ ياتاق ئۆيىگە ئەكىردى...
خالىدە ئاپام بىلەن جەۋلان داداملارنى كۆرۈپ شۇندىلا كۆڭلۈم تىنىچلانغاندەك بولدى، ئەمما  روھىي جەھەتتىن ئاللىبۇرۇن ئۆلدۈم،دىسەممۇ بولاتتى...

__رۇخسانەگە ياخشى قاراڭلار،ئۇ بىردەم ئۇخلىۋالسۇن، يىنىدىن ئايرىلماڭلار، مەن تىزلا كىرىمەن.
__نىمە ئىش بولدى؟ بۇنچە كەچتە نەگە بارىسەن؟
جەۋلان دادامنىڭ سۇئالى جاۋابسىز قالدى، جەسۇر ئۆيدىن چىقىپ بولغان ئىدى...

خالىدە ئاپام مىنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى توختىتالمىدى...مىنىڭ كاللام ئاللىبۇرۇن پىكىر قىلىشتىن توختاپ قالغان ئىدى...

__جىنىم بالام،مىنى كەچۇرۇڭ، جىنىم بالام...
__قىزىم، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلىپ قويدۇق...بىزنى كەچۇرۇڭ قىزىم...

بۇلارنىڭ گىپى قۇلۇقۇمغا كىرمەيتتى...ئىككى سايە...جاۋۇر باش...كۆكۈش نۇر چاقنىتىپ تۇرغان ئۈچبۇرجەكلىك غەلىتە نەرسە...غەيىپ...جەسۇرنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن كۆزلىرى...شاپتۇل دەرىخىنىڭ يىنىدىكى قارا كۆلەڭگە...
خالىدە ئاپام سىياقىدىكى مەۋھۇم نەرسە...قانلىق چىرىغان پاختىلىق چاپان، ئادەمنىڭ بىشى ئىسكىلىتى....

كۆزلىرىمدىن بۇ نەرسىلەر سۈرەتتەك بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى...كەينىدىن ھىچنىمىنى سەزمىدىم.


<11>




كۆزۈمنى ئاچتىم، ئۆزۈمنى دوختۇرخانىدا كۆردۈم، خىرە-شىرە ئاپامنى كۆردۈم، كەينىدىن دادامنى...خالىدە ئاپام،جەۋلان دادام...يەنە جەسۇر...كۆزلىرىمنى يەنە يۇمۇۋالدىم، كاللامدا دوختۇرخانىنىڭ ئاپئاق ياتاق ئۆيىدىن باشقا ھىچنىمە يوق ئىدى.

__خۇداغا شۈكىرى! ئاخىرى ھوشۇغا كەلدى...

يەنە شۇنداق ئالاھەزەل ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىغان بولسام كىرەك،بىر كەمدىن كىيىن كۆزلىرىمنى ئاچتىم، ئاپام بىلەن جەسۇر ئىككىسى بىشىمدا قاراپ تۇراتتى. باشقىلار كۆرۈنمەيتتى.

__ئويغاندىڭىزمۇ؟__جەسۇر كۈلۈمسىرىدى. ئاپاممۇ مىھىر بىلەن يۈزلىرىمنى سىلىدى، كۆز ياشلىرى يوتقىنىمنى نەمدىگەن ئىدى:
__جىنىم قىزىم، سىزنى ئەۋەتمىسەممۇ بوپتىكەن، مىنى بەك قورقۇتتىڭىز...بەكلا...
ئاپامنىڭ مىچىلداپ يىغلىشىغا قاراپ كۆڭلۈممۇ يىرىم بولدى، پەس ئاۋازدا ئاران-ئاران گەپ قىلدىم:
__يىغلىمىڭە ئاپا، مانا ياخشى بوپ قالدىمغۇ؟...

ئاپامنى بەزلىدىم، بىر چاغدا قوسقۇمنىڭ دەششەت ئاچقانلىقىنى ھىس قىلدىم:
__ئاپا، قوسقۇم بەك ئىچىپ كەتتى، يىگۈدەك نەرسە بارمىدۇ؟
__بار بالام بار، بولمامدىغان، بىر ھەپتىنىڭ ياقى ئوكۇلدىن باشقا نەرسە يىمىدىڭىز، ئەمدى بولسىمۇ يەڭ بالام...
نىمە يىگۈڭىز بار بالام؟

بىر ھەپتە؟ ياتقىنىمغا بىر ھەپتە بولغانمىدۇ؟؟؟ جەسۇرغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم، جەسۇرمۇ چۈشەندى بولغاي ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى:
__شۇنداق ياتقىنىڭىزغا بۈگۈن توپتۇغرا بىر ھەپتە بولدى، ئۇششۇقلۇق قىلىپ نەق يەتتە كۈن يىتىۋالدىڭىز دەيمەن،
مەن پەقەت يىرىم پۇلىڭىزنى ئاتچوت قىلىپ بىرىمەن جۇمۇ؟

كۈلۈپ كەتتىم، تىنىم شۇنداقمۇ ئاجىزلىدىكى كۈلۈشمۇ تەس كىلىۋاتاتتى. ئاپام ئىككىمىزگە بىردەم قاراپ تۇردى،كىيىن سومكىسىنى ئالدى-دە، چىقىپ كىتىۋىتىپ جەسۇرغا:
__رۇخسانەنى سىزگە تاپشۇردۇم-ھە بالام؟__دىۋىدى، جەسۇر دەرھال ئورنىدىن تۇردى:
__خاتىرجەم بولۇڭ، مەن بار.

ئاپام چىقىپ كەتتى، ئاپامنىڭ قارىسى يىتكەندىن كىيىن جەسۇر كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.

__مۇشۇ ئاپامچۇ قاراڭ، پەقەت بۇرنىغا يىمەيدۇ.
__قانداق دەيسىز؟
__ئۆتكەندە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا مىڭىشتىن بۇرۇن مىنى كىمگە تاپشۇرغان ئىدى؟

جەسۇرنىڭ يزى قىزارغاندەك بولدى ۋە دەرھاللا :
__ئەمدى مەڭگۈ ئۇنداق بولمايدۇ، ئاپىڭىزنىڭ بۇقىتىم ماڭا تاپشۇرىشى ئىشەنچلىك!
__مەن قاچان ياتاقتىن چىقىدىكەنمەن؟
__ئىككى كۈندىن كىيىن <بودەك>!

كىچىك بالىلاردەك قىلغان سۆزىدىن بەكمۇ كۈلگۈم كەلدى...


    <12>

  خاتىمە



مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى، جەسۇرغىغۇ بولۇپلا بەردى، ئاپامنىڭ دىيىشىچە ئىدارىسىدىن بىر ئايلىق رۇخسەت سوراپتۇ. قىززىق ،<قاچقاننى قوغلا، قوغلىغاندىن قاچ>،دەپ جەسۇرنىڭ باشتىكى ئىپادىسى ئاچچىغىمنى كەلتۈرگەن بولسا، ئەمدى ۋاي دىيىشلىرى بىر تەرەپتىن مەمنۇن قىلاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئازراق ھەيران قىلىشنىمۇ يوق دىگىلى بولمايتتى.

خالىدە ئاپام بىلەن جەۋلان دادام ئىككىسى يىزىنىڭ يىراقلىقىغا باقماي ھەپتىدە ئىككى قىتىم دىگۈدەك مىنى يوقلاپ تۇردى. مەندىغۇ ئىغىر كىسەل يوق ئىدى، لىكىن نىرۋامغا بىر كۈن ئىچىدىكى ئويلىساملا تىترەك باسىدىغان ئىشلار ئوبدانلا تەسىر قىلغان ئىدى. دوختۇرخاندىن چىقىپ ھە دىگەندە چۆچۈپ،قورقۇپ،ئەندىكىپ  دىگەندەك باشتىكى كۈنلەرنى شۇنداق تەستە ئۆتكۈزدۈم، بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن،دىۋىدىم، نەدىكىنى، ئىنساننىڭ مىڭىسى ناھايتتى ئاپتۇماتىك بولىدىكەن، بەدەنگە زىيانلىق تەرىپىنى ھامىنى تىزگىنلەپ،
يۇيۇشقا تىگىشلىك يەرلەرنى يۇيۇپ، ئۆچۈرۈشكە تىگىشلىك يەرلەرنى ئۆچۈرۈپ ماڭىدىكەن.

لىكىن ئۇ ئىشلارنى تامامەن دىگۈدەك ئۇنتۇپمۇ كەتمىگەن ئىدىم،  ئىككى سايە...جاۋۇر باش...كۆكۈش نۇر چاقنىتىپ تۇرغان ئۈچبۇرجەكلىك غەلىتە نەرسە...غەيىپ...جەسۇرنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن كۆزلىرى...شاپتۇل دەرىخىنىڭ يىنىدىكى قارا كۆلەڭگە...خالىدە ئاپام سىياقىدىكى مەۋھۇم نەرسە...قانلىق چىرىغان پاختىلىق چاپان، ئادەمنىڭ بىشى ئىسكىلىتى....گە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قايتا ئويلاشنى زىنھار خالىمىساممۇ ئەممە كاللامدا يىشىلمىگەن سىرلاردەك پىرقىراپ يۈرىۋەردى.

ھامىنى جاۋابىنى تاپىمەن، توغرا، جەسۇر ھەممىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن سوراي...

قىرىشقاندەك ھازىرغىچە بۇلارنىڭ بىرىمۇ ئۇ ئىشلارنى تەگىمىدى، خۇددى شۇ بر كۈن بۇلارنىڭ كاللىسىدىن فورماتلىشىپ كەتكەندەك...پەقەت مانلا شۇ ھۆججەتنى ساقلاپ قالغاندەك ...

بىر كۈنى جەسۇر ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ئادەتتىكىدەك قولىدا بىرمۇنچە نەرسە كۆتۈرۋالغان ئىدى...ئاپام ئارتۇقچە بىر نەرسە سىتىۋالغىنىغا بىرمۇنچە كايىپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئالدى.

جەسۇر يىنىمغا كەلدى، ۋە كۈلۈمسىرىگىنىچە:
__بۈگۈن سىزنى سەيلى قىلدۇرۇپ كەلسەم ياق دىمەسسىز؟__دىدى.
ئىچىمدە ئوتتەك بارغۇم بولسىمۇ تىشىمدا چاندۇرمىدىم.
__بۈگۈن ھىچ بىر سىرتنى كۆڭلۈم تارتمايدىغۇ تاڭ؟!
__ئەمىسە بوپتۇ، مەن ماڭا...__جەسۇر مىڭىشقا تەمشەلدى، ۋۇ سەت<ئاۋاق>، ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگۈدىن چۈشمەيدىكىنا؟؟؟ قاپىقىمنى تۈردۈم:
__كەتكەنلەر كىتىۋەرسۇن، قالغانلارنىڭ كۆڭلى يىرىم بولۇپ قالمايدۇ...

__ھا..ھا...بىلەتتىم ئۇششۇقلىقىڭىزنى، يۈرۈڭ ئەمىسە...

تىزلا جابدۇندۇم...سىرتقا چىقىپ تاكسىدىن بىر نى توسىدى، ۋە تاكسى شوپۇرىغا شەھەر سىرتىدىكى خىلىلا يىراق بىر باغچىنىڭ ئادىرىسىنى ئىيتتى...

ماشىنا تىزلا يۈرۈپ كەتتى...ئارقا رەتتىكى دىرىزىنى تولۇق چۈشۈۋەتتۇق...دىرىزىدىنگۈرۈلدەپ جانغا راھەت شامال يۈزلىرىمىزنى سۆيۈپ ئۆتەتتى، بۈگۈن ھاۋا ئادەتتىكىگە قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل ئىدى...

قوللىرىمنىڭ جەدۇر تەرىپىدىن چىڭ تۇتۇلغىنىنى ھىس قىلغىنىمدا تاكسىمۇ باغچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ بولغان ئىدى...


باغچىنىڭ شەھەردىن خىلىلا يىراقلىقىغا قارىماي بۇ يەر قىززىپ كەتكەن ئىدى، ئاساسەن دىگۈدەك جۈپ-جۈپ بولۇپ مىڭىڭپ كەتكەن قىز-يىگىتلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيتتى...بىزمۇ تىگىشلىك جايىمىزنى تىپىپ ئىلىۋالغان ئەدىيالىمىزنى سالدۇقتە ئۈستىدىلا ئولتۇردۇق...پاھ...نىمىدىگەن راھەت! مەيىن شامال چىقىپ دەرەخ يۇپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇراتتى...يىراقتىكى كۆل بويىغا قۇيۇلغان ئورۇندۇقلاردا جۈپ-جۈپ قىز -يىگىتلەر بىر-بىرىگە يۆلەنگىنىچە مۇڭداشماقتا ئىدى...كىپىنەك ھىلى بۇ يەرگە ،ھىلى ئۇ يەرگە قونۇپ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىگە ھۆسۈن قىتىپ تۇراتتى...قەيەردىندۇر بۇلبۇلنىڭ قاتتىق ئاۋازدا سايرىشى ئاڭلاندى...

__بۇ يەرنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟؟__جەسۇر كۆزلىرىنى يىراققا تىكتى.
__ئەلۋەتتە،__كۆزلىرىمنى يىشىللىقتىن ئۈزمەيتتىم__ھەقىقەتەن راھەت ئىكەن...
__رۇخسانە؟
نىمە دىگەندەك جەسۇرغا قارىدىم، جەسۇرنىڭ چىرايىدا ئەستايىدىللىق چىقىپ تۇراتتى:
__ئۆتكەن ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟

تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن مەڭدەپ قالدىم...ياق-ياق...ئۆتكەن ئىشلارنى زىنھار ئويلىغۇم يوق...راستىنلا...پەقەت...پەقەت....

چىرايىم تاتارغان ئىدى، بەدىنىم سۇس تىترىدى...

__ماڭا قاراڭ رۇخسانە، بىلىمەن، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغۇڭىز يوق، لىكىن ئاڭلىمىسىڭىز بىر ئۆمۈر سۇئالىڭىزغا جاۋاب تاپالمايسىز...ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز بىر ئۆمۈ قىينىغۇڭىز بارمۇ؟

قەتتئىيلىك بىلەن ئىيتىلغان سۆزدىن مەڭدەپ قالدىم، گەرچە جەسۇرنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى بىلسەممۇ،لىكىن بۇ گەپلەرنىڭ بولۇنىشى بىلەن قاباھەتلىك شۇ كۈننىڭ يەنە تەكرارلىنشىىدىن ئەنسىرەيتتىم.

__ئاڭلىسىڭىزلا ھەممىنى بىلىسىز...ماڭا ئىشىنىڭ...

ماقۇل دىگەندەك بىشىمنى يىنىك لىڭشىتتىم.

شۇندىمۇ ئىدىيە-جەھەتتىن تەييارلىق قىلىۋالمىسام بولمايتتى. ئاۋال مىنرال سۇنى گۈپۈلدەپ ئىچىۋەتتىم، كەينىدىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم:
__قىنى باشلاڭ!

بۇ قىلىقلىرىمنى كۆرۈپ جەسۇر كۈلۈپ كەتتى:
__ئوماقلىقىنى...ئەمىسە باشلىدىم-ھە؟
__ھە، باشلاڭ...

جەسۇر كۆزلىرىنى يىراققا تىكتى، قىياپىتىدىن نىمىنىدۇر ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى:
__بۇ گەپلەرنى خىلى بۇرۇنقى يىللاردىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ،ئەينى ۋاقىت دادام-ئاپام ئىككىسى يىڭى توي قىلغان ۋاقىت ئىكەن، نامراتچىلىق دەردىدە ئۇلار ئۆي سىتىۋالغۇدەكمۇ پۇلى يوق ئىكەن، موماملارنىڭ ئۆيىدە ئادەم سانى خىلىلا كۆپ بولۇپ ئاپام توي قىلىپ كىرگەندىن بۇيان تىخىمۇ تەسلىشىپتۇ...

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام پومشىكنىڭ ئەۋلادى بولغان نۇر پومشىك،دىگەن ئادەمدىن ھازىر تۇرۇۋاتقان ئۆيىمىزنى ئەرزانلا سىتىۋاپتۇ...دادام بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇش بوپتۇ، ۋە سىتىۋالغان كۈنىلا ئاپامنى ئىلىپ ئۆينى چۇۋۇشقا باشلاپتۇ، چۈنكى ئۆي ناھايتتى كونىراپ كەتكەن بولۇپ،ئۆرۈلۈپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىكەن.

دادام بىلەن ئاپام ئىككىسى ناھايتتى جاپالىق ئىشلەپ نەق 5-كۈنىگە كەلگەندە ئاران چۇۋۇپ بوپتۇ...نىمىلا قىلمىغان بىلەن ئۆزلىرىگە تەۋە بىر ئۆيىنىڭ بولغىنىدىن خۇشال بولغان دادام-ئاپاملارنىڭ كۆزىگە تاتقان جاپاسى پەقەتلا كۆرۈنمەپتۇ...ئۆي پۈتۈنلەي چۇۋۇلۇپ ئەمدى، يىڭى ئۆيگە ئۇل سىلىنىشقا باشلاپتۇ...دادام ئۆينىڭ ئۇلىنى كولاۋىتىپ ئىككى ئىسكىلىتنى كولاپ چىقىپتۇ...ئىسكىلىتلارنىڭ تۇرقى ناھايتتى ئىچىنىشلىق بولۇپ، بىنىڭ يىرىم باش ئىسكىلىتى ئۈزۈلۈپ قالايلا دەپ، قالغان،يەنە بىرىنىڭ پاختىلىق چاپانلىرىدىن قانلار ئۇيۇپ قالغان ھالدا كۆرۈپتۇ...
دادام بىلەن ئاپام ئىككىسى ناھايتتى قورقۇپ كىتىپتۇ، قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئىشنى بىرىپ كىمگە ئىيتقۇلۇق؟ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت ناھايتتى قاتمال بىر جەمىئەت ۋاقىت ئىكەنتۇق، ھىلىغۇ بۇ ئىككى جەسەت ئىكەن، ئۆينى ئاشۇ پومشىك ئەۋلادىدىن سىتىۋالغانلىقىنى بىلىپ قالسىمۇ دادام-ئاپاملارغا ياخشى كۈن يوق ئىكەنتۇق...ئۆينى تارتىۋىلىپلا قالماي،مۇسادىرە قىلىپ ئۇرۇق-ئەۋلادىغىچە گۇناھىنى سۈرۈشتە قىلاتتىكەن.
ئەگەر ئىسكىلىتكە ئايلانغا جەسەتنىڭ ئىشىنى بىلىپلا قالسا دادام بىر ئۆمۈر تۈرمىدە يىتىشقا لايىق ئىكەنتۇق...مانا بۇ ئەينى چاغدىكى جازا ئىكەن...

دادام بىلەن ئاپام ئامالسىز قاپتۇ، بۇنى ىرىپ دەي دىسە تىخى، دىمەي دىسە تىخى...ئامالسىز ئىككى ئىسكىلىتنى شۇ پىتى يۆتكەپ باغقا ئەكىرىپ كۆمۈپتۇ. ئىككى ئىسكىلىتتىن كەچۇرۇممۇ سوراپتۇ...

ئارىدىن يىڭى ئۆيمۇ پۇتۇپتۇ، لىكىن ئاپام بولسا بىركۈنمۇ خاتىرجەم بولماپتۇ، دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئاپامنىڭ بۇيىدا قالغان ئىكەنمەن، دادام بىلەن ئاپام ئىككىسى شۇ يەردىكى خىلىلا يۈز ئابرۇيلۇق داۋۇت موللا،دىگەن كىشىنىڭ يىنىغا بىرىپتۇ، بار ئىشلارنى بىرىپ ئىيتىپتۇ...ۋە قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت ئاپتۇ.

__ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپتۇ، ئىككى مەرھۇمنىمۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن تۇنۇيدىغاندەك قىلىمەن، ئەينى يىللىرى
ھاشىم باي دىگەن پومشىك بولىدىغان، كىيىن ئۆينى ئوغلى نۇر پومشىككە تاشلاپ ئۆزى ئاللىقاياقلارغىدۇر كىتىپ قالدى. نۇر پومشىكنىڭ بىلىشىمچە ئەينى يىللىرى ئىككى ياش ئەر-ئايال خىزمەتكارى بولىدىغان، بىرەر يىل ئىشلەپ تۇيۇقسىزلا غايىپ بولۇشتى...ھەممىمىز ھەرخىل ئويلىدۇق...
كىيىن ئۆينى سىلەرگە ساتتى...دىمەك، ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ، سىلەرنىڭ بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار يوق، شۇندىمۇ روھقا بىرنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ، دىلەر ئەڭ ياخشىسى ھەركۈنى روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار، پەقەت ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنىڭ قايسى كۈنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ،شۇڭا ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇشۇڭلار كىرەك...بولۇپمۇ سىزگە بىر تۇمار پۈتتۈرۈپ بىرەي، بالا تۇغۇلغان ھامان بوينىغا ئىسىڭ، سىلەرگە ھىچقىسى يوق... لىكىن كىچىك بالا بەك ئاجىز بولىدۇ...

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دادام بىلەن ئاپام خىلىلا قورقۇپ كىتىپتۇ، ۋە شۇ كۈنى پۈتتۈرۈپ بەرگەن تۇمارنى ئاپام بوينىغا ئاسقىنىچە ئۆيىدىن ئايرىلىپتۇ...

كىيىن مەن ئىشىمنى بىلسەم بۇ تۇمار بوينۇمدا بار ئىكەن، ئاپامنىڭ داۋاملىق<بوينۇڭدىن ھەرگىز ئالغۇچى بولما!> دىگەن جىكىلەشلىرىنى ئاڭلىساملا زادى نىمە ئىش بولغۇيتتى؟ دەپ قىزىقىدىغان بولدۇم، تۇمارنى ئىلىۋەتسەمچۇ؟ ئۇ چاغدا نىمە ئىش يۈز بىرەر...

تەخمىنەن 10 ياشلار ئەتراپىدىكى ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك...بىر كۈنى يۇيۇنماقچى بولۇپ ئەزەلدىن ئىلىپ باقمىغان تۇمارىمنى ئىلىۋەتمەكچى بولدۇم، تۇمارنى ئالدىم-دە، يانغا قويدۇم، ھە دەپ يۇيۇنىۋاتسام ئىككى كۆڭلەڭگە باشتا سۇس كۆرۈندى، كىيىن قىنىقلاشتى، ئۇلارنىڭ باشلىرىغا نىمىشقىدۇر يوغان قىلىپ سەللىگە ئوخشاش رەختلەر ئورلغان ئىدى، بۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتىم، پەقەت تۇمار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشلەر ئىكەنلىكىنى پەملىدىم.

ئۇلار كۆپلا گەپنى قىلدى، بەزى گەپلىرىنى چۈشەندىم، بەزى گەپلىرىنى چۈشەنمىدىم...ئارىسىدىكى< ناھەق، قاتىل، زالىم، جازا...> دىگەندەك گەپلىرىنى ئىلغا قىلدىم، دەرھال تۇمارنى قولۇمغا ئالدىم، مىنى سۇس تىترەك بىسىشقا باشلىغان ئىدى.

بوينۇمغا تۇمارنى سىلىۋىدىم، ئۇلارمۇ ئاستا-ئاستا غايىپ بولۇشتى، ئۇلارنىڭ بىر ئەر بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، كىيىن ئۆزۈمچە ئۇلارنى ھويلىدا غىل-پال كۆرۈپ قالىدىغان بولدۇم، باشتا بۇ ئىشنى دادام،ئاپامغا ئىيتتىم،ئۇلار بەكمۇ قورقۇپ كەتتى، ۋە بۇنىڭدىن كىيىن تۇمارنى يىنىمدىن قەتئىي ئايرىماسلىقىمنى قاتتىق جىكىلىدى.

كىيىنچە كۆرگەنلىرىمنىمۇ ئىيتمايدىغان بولدۇم، تىخى ئۆزۈمچە زىرىكسەم تۇمارنى بوينۇمدىن ئىلىپ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ ،كۆرۈشۈپ قوياتتىم، ئۇلار مىنى قورقۇتمايتتى...پەقەت <گۇناھ...روھ...ئۆلۈم...جازا...قاتىل...> دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشىپ قوياتتى. ئۇلارنى پات-پات ھويلىدا لەيلەپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم...مەندە قىلچە قورقۇش ئالامەتلىرى بولمايتتى...

ئەمما ئاپام بىلەن دادامغا بىر قىتىممۇ كۆرۈنۈپ باقماپتۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇ ئىككى ئىسكىلىت توغرىسىدىكى ئىشلارمۇ ئۇلانرىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، شۇڭا سىز قورقۇپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۇلار بۇ ئىشنى ئۇ نەرسىلەردىن كۆرمىدى. پەقەت مەندىنلا كۆردى.

جەسۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مىنى قايتا تىترەك بىسىشقا باشلىدى، نىمىدىگەن بەدبەشىرە نەرسە ھە ئۇ؟ تىخى كۆرۈشەرمىش....

جەسۇرغا ۋەھىمە ئارىلاش قاراپ قويدۇم:
__ئەمىسە ماڭا كۆرۈنىشىدىكى سەۋەب نىمە ئىكەن؟
__سىز ئۇلارنى تولا مارلايدىكەنسىز، شۇڭا...

__كىم ئۇلارنى مارلاپتۇ؟ ئۇلارنى مەن يە تۇنىمىسام؟؟!!
__ھا..ھا..ئەخمەق قىز، چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئەسلى سىزنىڭ كۆزىڭىزگە كۆرۈنگەن كۈنى ئۇلارنىڭ دەل ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى ئىكەنتۇق...
__ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟
__موللام دادان -ئاپاملارنى دەل مۇشۇ كۈندىن ئاگاھلاندۇرغان، ئىيتىلىشىچە ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى غايىپلەر ناھايتتى ئەسەبىلىشىپ كىتەرمىش، ئالدىغا كىم ئۇچرىسا شۇنى قاتىل دەپ تۇنۇيدىكەن، دەل سىز ئىككى سايىنى كاتتا كۆرگەن كۈنىڭىز ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى ئىكەن...شۇڭا مەقسەتلىك ھالدا سىزگە كۆرۈنۈپتۇ...كىيىنكى ئىشلارنى ئىشلارنى ئۆزىڭىز بىلىسىز...

كاللام قىزىشقا باشلىدى....قانداق ئىش بولۇپ كەتتى بۇ...
__ئەمىسە خالىدە ئاپام سىياقىدا بولۇپ يىنىمغا كىرگىنىچۇ؟
__شۇ كۈنى سىز شۈكرى دىسىڭىز بولىدۇ، ھەرنىمە بولسا بىۋاستە سىزدىن ئۆچ ئالماي ۋاستىلىق ھالدا ئۆچ ئالماقچى بوپتۇ...سىزنى رۇخسانە،دەپ ئىككى قىتىم توۋلىغان چاغدا سىز ھە، دىمىدىڭىز.

__ھە دىگەن بولسام قانداق بولاتتى؟
__سىزنى مەڭگۈ تاپالمايتتۇق...__جەسۇر قولىدىكى مىنرال سۇدىن بىر نەچچە يۇتۇم ئىچتى كەيندىن مەن سوراپ بولغۇچە ئۆزى جاۋاب بەردى:
__ئەكىرگەن يوتقىنىنى يەنى ھىلىقى قانلىق جۇۋىسىنى ياپقان بولسىڭىز شۇ كۈنى ئۆزىڭىزنى باشقا بىر يەردە يالغۇز كۆرەتتىڭىز...

__ئەگەر سۈتنى ئىچكەن بولسامچۇ؟
__ساراڭ بولۇپ قالاتتىڭىز....

يۈرىكىم توختىماي سالاتتى...نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق؟ خۇداغا شۈكرى، ھەرنىمە بولسا ساق قاپتىمەن...

__جەسۇر،مەن قورقىۋاتىمەن، ئۇلار يەنە بىزنى ئاۋارە قىلارمۇ؟
__ياق، ئەمدى ئۇلارنى كۆرىمەن دەپمۇ كۆرەلمەيسىز، مەنمۇ ھەم شۇ...
__نىمىشقا؟
__ئۇلارنىڭ روھى تىنجىپ بولدى...

چۈشەنمىگەندەك جەسۇرغا قارىدىم.
جەسۇر كۆزلىرىنى مەندىن ئىلىپ يىراقتىكى مەنزىرىگە كۆزلىرىنى تىكتى:
__ئىسىڭىزدىمۇ؟ شۇ كۈنى سىزنى ئاپاملارنىڭ يىنىغا ئەكىرىپ قويۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتتىم، مەن باشقا يەرگە بارمىدىم، دەل باغقا كىرگەن ئىدىم، بوينۇمدىكى تۇمارىمنى ئىلىۋىدىم، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار پەيدا بولدى، غەزەپلىنىپ سورىدىم:
__سىلەر نىمىشقا ئۇنڭغا زىيان يەتكۈزىسىلەر؟ ئۇ قىز گۇناھسىز! ئۇ سىلەرنىڭ قاتىلىڭلار ئەمەس...بىلەمسىلەر؟ ئۇ قىز بەك قورقۇپ كەتتى، سىلەر قاتىلنى خاتا تۇنۇپ قالدىڭلار...

__شۇنداق بىز ھەقىقەتەنمۇ خاتا تۇنۇپ قاپتۇق، لىكىن دىمىسەممۇ ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر، بىز بۇ كۈنىمىزدە ھىچنىمىنى ئىنىق ئايرىيالمايمىز...شۇندىمۇ بىزنى كەچۈرگىن، ئۇزۇندىن بۇيان بىزنى يەكلىمەي كەلگىنىڭگە رەھمەت، بىز ئالىدىغان قىساسىمىزنى ئىلىپ بولدۇق، ئەمدى كۆڭلىمىز ئەمىن تاپتى، بۇنىڭدىن كيىن  بىزنى كۆرەلمەيسەن، ئەمدى تۇرمۇشىڭلارنى ھەرگىزمۇ مالال قىلمايمىز...

ئۇلار غۇنداق دىگىنىچە غايىپ بولدى...قىساسىمىزنى ئىلىپ بولدۇق،دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بىرىنجى بولۇپ سىزدىن ئەنسىرىدىم، ئۇلارنىڭ قىساس ئالغىنى سىز بولۇپ قالماسلىقىنىلا تىلەيتتىم....

كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، جەسۇر سۆزلەۋاتاتتى، ئازراق بولسىمۇ ماڭا كۆيۈنۈش ھىسىياتىدىن خۇرسەن بولدۇم...

__ئۆيگە كىرسەم، سىز ھوشىڭىزدىن كىتىپسىز،ھەممىمىز يۈگۈرۈپ دىگۈدەك سىزنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەلدۇق، ئەتىسى ئاپىڭىز كىيىملىرىڭىزنى ئىلىپ كىلىشنى ماڭا تاپىلىدى، ئۆيگە كىرىپ كىيىملىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇپ ئىشىكتىن چىقىشىمغا ئىسىمگە كىچىدىكى جانلىق جۇۋا بىلەن ئىسكىلىت بىشى يادىمدىن كەچتى-دە كەينىمگە قايتا ياندىم، ئۇ نەرسىلەر ئاقتىمۇ،كۆكتىمۇ يوق ئىدى...

ئىككى غەيىپنىڭ <بىزنى ئەمدى كۆرەلمەيسىلەر، سىلەرگە مالاللىق يەتكۈزمەيمىز> دىگەن گىپىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم...
مەھەللىگە چىقسام ئادەملەر توپلىشىپ كىتىپتۇ. نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈردۈم.

__نىمە ئىش ئىكەن؟؟؟

__دادامغا ئۆينى سىتىپ بەرگەن نۇر پومشىك بىلەن ئايالى ئىككىسى ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلىمى بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق بولۇپ نۇر پومشىكنىڭ بىشى دەل يىرىمىدىن چانالغان ئىكەن، ئايالنىڭ ئۇچىسىدا بىر جۇۋا بولۇپ قانلىرى جۇۋىغا سىڭىپ كەتكەن ئىكەن....

كۆزلىرىم نەمدەلدى، نمىشقا يىغلىغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايتتىم، غەيىپلەرگە ئىچ ئاغرىتتىممۇ ياكى كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولدىمۇ ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلۈپ كىتىۋاتاتتى...

يىراقتىن بىر جۈن ياش ۋىلسىپىتنى ھەيدىگىنىچە ئالدىمىزدىن ناخشا توۋلىغاچ ئۆتۈپ كەتتى.

جەسۇر ئورنىدىن تۇردى، ۋە قولىنى ماڭا سۇندى:
__تۇرۇڭ رۇخسانە، بۈگۈندىن باشلاپ بۇ دۇنيا بىز ئۈچۈن يىڭى بىر دۇنيا! كىلىڭ ،قولىڭىزدىن تارتاي...!!

جەسۇرغا قاردىم، قوياش دەل جەسۇرنىڭ باش تەرىپىدە پارقىرايتتى، جەسۇر قوياش، قوياش جەسۇر ئىدى... قولۇمنى جەسۇرغا سۇندۇم:

__ماقۇل <ئاۋاق>!



تۈگىدى.

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 22:56دە يىزىپ تاماملاندى.
ئاپتورى: سوفىيە( مەلىكە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 11:01 PM  


ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzbik + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
diyarm + 10 قۇرقۇنۇچلۇق ھىكاينى ك.
شاكىچىك + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
ئەلشاھ + 300 ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ
بەرگى + 100 ھەقىقەتەن ياخشىكەن .
loveuighur + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
katran + 101 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
Dakyanos + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1021   باھا خاتىرىسى

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ياخشىسى ئەتە يورۇختىراق ئوقۇي جۇما

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەھىمىلىك ھىكايە يېزىشنىڭ  ئۇستىسى بولوپ قېلىۋاتىدىغۇ بۇ مەلىكىخان... ، مەنمۇ ئاخىرىنى تولوق ئوقوشقا جۇرئەت قىلالمىدىم راستىمنى دىسەم ...

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82832
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3262
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جۇمۇ

تۇگىمەيدىغان ئىش يوق قونمايدىغان قۇش يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1639
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15401
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:45:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەتە ئوقاي، ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورۇقماي قانداق يازدىڭىز،ئوقۇشتىنمۇ قوقتۇم مەن

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:51:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bak yahxi yeziliptu jumu kayil boldum

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15158
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8112
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:55:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋووۋۋۋ    !!!   مەنمۇ  ئەتە ئوقۇي....  كەشتە بىزنىڭ مەھەللە بەك سۈرلۈك ...

دۇنيا بىر كۈندۇر ، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈندۇر !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 11:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى ھازىر ساقلىۋىپ ئەتە ئوقايچۇبولمىسا ما كەچتە ئۇخلىيالماي قالماي يەنە . . . . . . . . . . .

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8897
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 12:18:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  سەللللللللللللللللللللللللللللللللللللل...........................................

يالغۇز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش